ABC يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 13:43:30

نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟

تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىگىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، كۆپ قىسىم تاماكا چەككۈچىلەرمۇ ئىلگىرى تاماكا تاشلاشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ناھايىتى ئاز سانلىق كىشىلەرلا ئوڭۇشلۇق تاشلىيالايدۇ. ئامېرىكىدا بىر خىل ستاتسىكا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 80% تاماكا چەككۈچى تاماكا تاشلاشنى ئويلىغان، ئەمما ئەمما نىكوتىننىڭ ئورنىغا باشقا نەرسىنى ئالماشتۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى قوللانمىغاندا، پەقەت 3 ~ 5% كىشى مۇۋاپىقىيەت قازانغان. ئۇنداقتا تاماكا تاشلاش نېمىشقا شۇنچە تەس؟ بۇ ئەلۋەتتە پىسخىكا، جەمئىيەت ئامىللىرىدىن باشقا ئاساسلىقى نىكوتىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى نىكوتىن زەھەرگە ئوخشاش، ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان نەرسە. ئۇنداقتا نېمىشقا نىكوتىن كىشىنى خۇمار قىلىدۇ؟

ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ بىر قىسمىدا تارتۇقلاش مەركىزى دەيدىغان بىر جاي بولىدۇ. ھايات قېلىش، كۆپىيىش دېگەندەك بىر قىسىم مۇھىم تۇرمۇش ھادىسىلىرى، مەسىلەن، سۇ ئېچىش، تاماق يېيىش، جۈپلىشىش دېگەندەك پائالىيەتلەر يۈز بەرگەندە، تارتۇقلاش مەركىزى بىر خىل دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىنى بىر خىل راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى بۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەمما، تاماكا چەككەندە، زەھەر چەككەندە، گەرچە بۇلار ئادەم بەدىنىگە پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما تارتۇقلاش مەركىزى يەنىلا كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددا قويۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن تاماكا چەككەندە، بىرىنچى قېتىم تاماكىنى شوراپ بىر قانچە سكونتتىن كېيىن نىكوتىن قان ئارقىلىق چوڭ مېڭىگە يېتىپ بېرىپ، تارتۇقلاش مەركىزىگە كىرىدۇ ھەمدە ئۇنى غىدىقلاپ كۆپ مىقداردا دوپامىنلىق ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ، بۇ جەريانلار ئىنتايىن تېز يۈز بېرىدۇ شۇنداقلا ئاسانلا كىشىنى خۇمار قىلىدۇ. ناۋادا بىر ئۆسمۈر بالا پەقەت تۆت تال تاماكا چەكسىلا، ئۆمۈرلۈك تاماكا خۇمارىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى. يەنى، نىكوتىن چوڭ مېڭىدىكى تارتۇقلاش مەركىزىنى تۇتقۇن قىلىپ كىشىگە تاماكا چەكسە پايدىلىقتەك خاتا تۇيغۇنى بېرىدۇ.

تاماكىنىڭ باش قىسمىدا كۆپ قىسىم راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقىنى دېمەي تۇرايلى، نىكوتىننىڭ ئۆزى ئەسلىدىنلا بىر خىل زەھەرلىك ماددا. تۆت تال تاماكا ئۆز ئىچىگە بارلىق نىكوتىن ناۋادا تولۇق سۈمۈرۈلسە، بىر ئادەمنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ(ياخشى يېرى، تاماك چەككەندە بۇ نىكوتىنلار تولۇق سۈمۈرۈلمەيدۇ). شۇڭا تاماكا چېكىش ناۋادا خۇمارغا ئايلانغان چاغدا، تاماكا چېكىشتىكى مەقسەت كۆڭۈلنى خۇش قىلىش ئەمەس، بەلكى بىئارام بولۇشنى بېسىقتۇرۇشقا ئايلىنىدۇ.
ئەمما، تاماكا تاشلىغىلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس. ئەگەر تاماكا تاشلاشتا چىڭ تۇرغاندا، بەدەندىكى ئاتسېتېلخولېن ئاستا-ئاستا تازىلىنىپ يوقايدۇ، بۇ ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان. تاماكا تاشلاپ 6 ~ 12 ھەپتىدىن كېيىن، بەدەندىكى نىكوتىن پۈتۈنلەي دېگۈدەك تازىلىنىپ بولىدۇ، ھەمدە قايتا خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار بولمايدۇ. خۇمار تۇتىدىغان ئىشلار ئادەتتە تاماكا تاشلاپ 2 ئاي ئىچىدە كۆپ قېتىم يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ جەرياندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەندىلا ئاندىن تاماكىنى ئوڭۇشلۇق تاشلىغىلى بولىدۇ.
مەنبە:ساغلاملىق تورى

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 14:00:09

مەن كىمنى كۆراۋتىمەن ......
تور دۇنياسىدىكى كونا ئەزالار بىربىرلەپ مەيدانغا چىقىۋاتىدۇ  ...............

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 14:03:24

ئۈرۈمچىدە ، تارانچىلىقىم تۇتۇپ، ئەتكەن چاي خۇمارىمنى باساي دەپ ئاران بىر چايخانىنى تىپىپ بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرسام : ئىككى ئاكىمىز تاماكا ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپتۇ. بىرى :  ھەي بۇ تاماكا دېگەن جوڭيىچە دورىغا تەۋە ، ئۆسۈملۈك تۇرسا بۇ دېگەن، ئىسلاپ داۋالاشتە بۇ دەپ سۆزلەپ كېتىپتۇ...:lol

« تاماكا تاشلاش دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش، مەن ھازىرغىچە 1000 قېتىم تاشلاپ بولدۇم» - مارك تېۋىن

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 14:26:04

نەچچە كۈن بولغاندا خۇمار بەك تۇتۇپ كەتكەندە بىر قۇتا پىۋە ئىچىۋەتسە خۇمار ئۈتۈپ كىتىدۇ. ئاندىن ئۇنداق بەك تۇتۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئاق ھاراق ئىستىمال قىلىنسا خۇمار كۈچىيىدۇ...

salapat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 14:30:06

ھازىر  ھەرخىل  مەھسۇلاتلار  بار، ئىشلەتسىڭىز تاماكا  تشلىيالايسىز ...دەپ  تەشۋىق  قىلىۋاتقان . ئىمما  مەن  ھازىر  غىچە  بىرەر  بەڭگىنىڭ  ئىشلىتىپ  تاشلىيالىغىنىنى  كۆرمىدىم  ۋە  ئاڭلىمىدىم .
تاماكا  تاشلاشقا  پەقەت  قەتئني  ئىرادىلا  ھەقىقىي  دورا.  مەنمۇ  20  يىل  تاماكا  چىكىپ  بىرلا  تاشلايمەنغۇ  دەپ  چەكمىدىم، مانا  ئاللا  نىسىپ  قىلىپ  ئاسانلىق  بېرىپ  11  يىل  بولدى  پەقەتلا  ئاغزىمغا  ئالمىدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:03:28

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

تاماكا ___ سەن بىلىپ تۇرۇپ مىڭىۋاتقان بارسا - كەلمەس يول .
زەررىچە گۇناغا باشلايدىغان  ھەرقانداق نەرسە ئىنساننى نۇرغۇنلىغان گۇناھغا باشلايدۇ .

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:05:14

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 14:54 static/image/common/back.gif
شەيتاننىڭ چوچىقى ...

ئۇنداقتا تاماكا چىكىشنى شەيتاننىڭ باسقۇنچىلىق قىلىشى دەمدۇق:lol

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:06:11

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 14:26 static/image/common/back.gif
نەچچە كۈن بولغاندا خۇمار بەك تۇتۇپ كەتكەندە بىر قۇتا پ ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئوغۇرلۇقنى تاشلاپ قاراقچى بول دېگەندەك گەپ بوپتۇ ئىنكاسىڭىز ......

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:19:12

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 14:54 static/image/common/back.gif
شەيتاننىڭ چوچىقى ...

كۈتمىگەن يەردىن چىققان چۇقان :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:42:31

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 15:06 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئوغۇرلۇقنى تاشلاپ قاراقچى بول دې ...

شۇڭا بىر قۇتا دىدىم، پەقەت خۇمارنى يۇقىتىش ئۈچۈنلا، نىشە چىكىدىغانلارمۇ تاشلىماقچى بولسا بىر ھەپتە پىۋا ئىچىپلا تاشلايدۇ. تاماكا نەشىدىن ياخشى بولغاچ شۇ بىر قىتىملىق ئۈتكەلدىن ئۈتىۋىلىش ئۈچۈنلا بىر قۇتا ئىچىپ قويغانغا ھاراقكەش بۇپ كەتمەيدۇ.

salapat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:49:28

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 14:54 static/image/common/back.gif
شەيتاننىڭ چوچىقى ...

راستلا  جۇمۇ...:lol

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:55:57

10يىل چەككەن، ئىنشااللە 3 يىل بولۇپتۇ تاشلىغىلى

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 15:59:28

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-10-13 14:54 static/image/common/back.gif
شەيتاننىڭ چوچىقى ...

ئۇنداقتا ھاراقچۇ؟ :lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:02:11

شەيتاننىڭ سۆكىسىنىڭ جەۋھىرى:lol

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:07:07

توۋا، پىجۇ تۆكۈش تاماكىنىڭ خۇمارىغا چىقىشالارمۇ{:87:}

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 16:08:43

http://madia.muzika.cn//other/2011/03/2011033002330844.mp3

تاماكا بايان

qasim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:28:48

پەقەت ئىرادە بولغاندىلا تاشلىغىلى بولىدۇ.ئۆلۈۋالىمەن دەپ ئۆلۋالدىغانلا بايەدە تاماكىنى تاشلىغىلى بولماسما؟ئىرادە بولسا تاشلايسىز

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 21:57:05

قەتئىي نىيەتتىن باشقىسى بىكاكەن. «تاشلىسام بولاتتى» ئەمەس «ھازىردىن باشلاپ تاشلىدىم» دېگەن قەتئىي نىيەت! ئۆز تەجىرىبەم!

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:02:42

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   talmas1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-13 22:05  

ئەمەلىيەتتە تاماكىنى تاشلىيالمىدىم دەپ يۈرگەنلەر تاماكىنى تاشلىغۇسى يوقلار!ئىچ پۇشۇقىنى ،ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان،،جىددىلىكنى پەسەيتىدىغان ۋاستە قىلۋالغانلار.پەققەت تاماكا تاشلىغۇچىلار بۇ نۇقتى ئۇيلاپ يىتەلمەيدۇ.
تاماكا تاشلاشقا ئىرادە كەتمەيدۇ.شۇ پەقەت نىيەتلا بولسا ،ئۇنىڭنىڭ خۇمارى، ئۇنداق قاتتىق ئىرادە تەلەپ قىلغۇدەك ئادەم قىيناپ كەتمەيدۇ.
ھەقىقى نىيەت ھازىرلانمىغان ئىشقا ،نەدىكى ئىرادىكەن ئۇ؟
بەت: [1] 2 3
: نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟