putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 22:21:28

خۇداغا شۈكرى مۇشۇ نېمىگە ئۆگەنمەپتىكەنمەن.

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-13 23:22:03

26 يىللىق تاماكا چېكىش تارىخىغا ئىگە ئىدىم ، چەككەندىمۇ قاتتىق بېسىق چېكەتتىم ، يەنى كۈنىگە ئىككى يېرىم قاپ تۈگەيتتى . بۇلتۇر يىل بېشىدا ئىرادە قىلىپ تاشلىۋەتتىم . مانا بىر يېرىم يىل بولۇپ قاپتۇ . ھازىر چەككىممۇ كەلمەيدۇ .
تاماكا تاشلىماقچى بولغانلارغا دەيدىغىنىم ، ئىرادە بولسىلا كۇپايە . تاشلىماق بەكمۇ تەس ئەمەسكەن .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 02:04:04

تىببىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككەنلەر بىراقلا تاشلىۋەتسە، ئويلىمىغان كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرامىش، بارا—بارا ئازلىتىش شۇ تەرىقىدە تاشلاش ئەۋزەل دەيدىغۇ...  مۇشۇ پاراڭنىڭ ئىلمىي ئاساسى بارمىدۇ؟ ياكى تاشلاشقا كۆزى قىيمىغان كوبەڭگىنىڭ كۆتىگە شاپاللاپلا تاپقان گېپىمىدۇ؟ مەنغۇ چەكمەيمە ھەم ئىچمەيمە:lol

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 06:34:22

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 02:04 static/image/common/back.gif
تىببىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چ ...

ئاساسى بار مېنىڭچە، چۈنكى ئۇزۇن مەزگىل چەككەندىن كېيىن خۇمار بولىدىغان تۇرسا، خۇمار بولۇش دېگەن،  شۇ تەننىڭ شۇ نەرسىگە تەلىپى پەيدا بولدى دېگەنلىققۇ مۇنداقچە ئېيتقاندا. شۇڭا بىراقلا تاشلىۋەتسە بەزى ئەكىس تەسىرلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:28:47

مەنغۇ ھاراق ئىچمىسەم چەكمەيمەن. چەكسەم  ئىچكۈم كېلىدۇ. باشقا چاغلاردا مانى چەكسەڭ ساڭا ماشىنا سوۋغا قىلاي دېسىمۇ چەككۈم كەلمەيدۇ. نېمە ئىشكىن تاڭ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:30:51

gldingwash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 09:28 static/image/common/back.gif
مەنغۇ ھاراق ئىچمىسەم چەكمەيمەن. چەكسەم  ئىچكۈم كېلىدۇ.  ...

ئىچسە چەككۈسى كىلىدىغاندۇ:lol

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 09:53:03

مەن ئەقلىمنى بىلسەم مەھەللىمىزدىكى چوڭلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك موخۇرەك چېكىدىكەنتۇق،تاماكا چېكىش ئومومىيۈزلۈك ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىكەن،لېكىن بەڭگىلەرنىڭ ھەمممىسى  يۇرت چوڭلىرى،موللا-ئۆلىمالاردىن قالتىس ھېيىقاتتى،موللا-ئۆلىمالارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن،خاپا بولىشىدىن ئەنسىرەيتتى.شۇنداقتىمۇ بىزلەرگە تاماكا چەكمەسلىك ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى،بىزنىڭ بەڭگە بولۇپ قېلىشىمىزنى خالىمايتتى.بۇ ئەھۋال گۈدەك قەلبمىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى پەيدا قىلغان ئىدى.كۈنلەر بىربىرىنى قوغلاپ مەنمۇ چوڭ بولدۇم،ئەتراپىمدىكى مۇھىتنىڭ تەسىرى بىلەن تاماكىغا ئۆگەندىم،،8يىل تاماكا چەكتىم،تاماكا رۇھىمىنى،تىنمىنى بۇلغىدى2010-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە بىلەن چېنقىش جەرىيانىدا ئۆزۈمنى تونۇشتىن ئىبارەت مۇشەققەتلىك سەپەرگە ئاتلىنىش نىسىپ بولدى،ئىشنى ئالدى بىلەن تاماكىنى تاشلاشتىن باشلىدىم،تاماكىنى بىراقلا تاشلاپ،7كىلوگىرام سەمرىپ كەتتىم،دوختۇر تاغام تاماكىنى ئاستا-ئاستا تاشلاشنى،بىراقلا تاشلاشنىڭ تەن سالامەتلىككە پايدىسز ئىكەنلىكىنى دېدى،بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى كۈنىگە  20-30تالغىچە چېكىدىغان تاماكىنى كۈنىگە 10-5غىچە چېكىشكە ئۆزگەرتتىم،بىر مەزگىلدىن كېيىن كۈنىگەبىرتالدىن،ھەپتىسىگە بىر تالدىن،15كۈندە بىر تالدىن،ئايدا بىر تالدىن...چېكىشكە ئۆزگەرتتىم.مۇشۇ  ئۇسۇلدا بىر يېرىم  يىلدا تاماكىدىن ئۈزۈل كېسىل قول ئۈزدۈم.بۇنىڭ بىلەن سەمرىپ كىتىدىغان،پىسخىكا جەھەتتىن پاراكەندە بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىدى،مانا ھازىر تاماكىنى ئاغزىمغا ئالمىغىلى ئىككى يېرىم يىلدىن ئاشتى.تاماكا تاشلاش ئۈچۈن قەتئى ئىرادە،توغرا ئۇسۇل بولسىلا كۇپايە.تاماكىنى تاشلاپ بولغاندىن كېيىن تاماكىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم،گۈدەك قەلبىمدە تاماكا ھەققىدە پەيدا بولغان سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تاپتىم.ئەسلىدە كوممۇنا مەزگىلىدە چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن نۇرمىغا ئىشلەش جەرىيانىدا بەڭگىلەر ئاچچىق موخۇرەكتىن بىر ئورام يۆگەپ چېكىش باھانىسىدا بىردەم ئارام ئالسىمۇ باشقۇرغۇچىلار گەپ قىلمايتىكەنتۇق،تاماكا چەكمەيدىغانلار بىردەم ئارام ئالسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىل دەشنىمى،قامچىسى شۇئان پەيدا بولاركەنتۇق،تاماكا شۇ زامانلاردا جاپالىق ئىشلەپ چارچىغان ئاشۇ كىشىلەرگە تەسەللىي،ھاردۇق بېغىشلىغان ئىكەنتۇق،شۇنىڭ بىلەن دېھقانلىرىمىز ئارسىدا ئاچچىق موخۇرەك چېكىش ئومومىيۈزلۈك ئىشقا ئايلانغان ئىكەن.ئاق تاماكا   90-يىللاردىن كېيىن پۇلدارلار ۋە بايۋەتچىلەرگە ھوجۇم قىلىپ جەمىيتىمىزدە بالايى ئاپەت پەيدا قىلدى،نىشە بۇرۇندىن ھازىرغىچە يەنىلا نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ نىرۋىسنى غىدىقلاۋاتىدۇ...بىز نېمە ئۈچۈن تاماكىغا خۇمار بولىمىز؟بۇنىڭغا ھەركىم ھەرخىل جاۋاپ بېرىشى مومكىن،مەن شۇنداق جاۋاپ بېرىمەن:رۇھى جەھەتتىكى ئاجىزلىق تاماكىغا خۇمار بولشىمىزدىكى بىردىبىر سەۋەپ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:14:36

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 09:30 static/image/common/back.gif
ئىچسە چەككۈسى كىلىدىغاندۇ

ئاۋۇ بالىنىڭ ئوزۇقلۇق زەنجىرىدەك مۇكەممەل بىر ئايلىنىدىكەن.:lol

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 10:53:16

بىرسى دەپتىكەن: دۇنيادا ھەممىدىن تاماكا تاشلىماق ئەڭ ئاسان،  مەن كۇندە ئون نەچچە قىتىم تاماكا تاشلايمەن.

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 11:26:43

ھەرقانداق ئىش مەلۇم شارائىت ۋە كونكرىت سەۋەبلەرسىز يۈرۈشمەيدۇ. گەپنى ماھىيەتكە بۇراتساق تېخىمۇ ياخشى.
مەسىلەن: نېمە ئۈچۈن تاماكا (شۇ قاتاردىكى مەست قىلغۇچى، كەيپىياتنى تەڭشىگۈچى، ۋاقىت ئۆتكۈزگۈچى، روھلاندۇغۇچى نەرسىلەر) پەيدا بولغان؟ ئادەم نېمىشقا ھۇزۇر ئىستەيدۇ؟
يەنە بىر ئىش، تاماكا چەكمەيدىغانلار يۇقارقىدەك «تاماكىنى قانداق تاشلايمىز» دەيدىغان بىمەنە سوئاللارغا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيدۇ. تاماكا چېكىدىغانلارمۇ ئەلۋەتتە تاماكا تاشلاپ ئولتۇرمايدۇ. مۇشۇ بىر ئىشنى باشلاش ئارقىدىن ئۇنى تاشلاش دەيدىغان لامزەللىلىكلەر ھەرقانداق ئىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالىدىغان، كەسكىن قارار چىقىرىپ بىر مەيدانغا كېلەلمەيدىغان ، توخو يۈرەكلەرنىڭ ئىشى!
مېنىڭچە تاماكا ۋە باشقا زىيانلىق دەپ قارالغان نەرسە ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇ نى  قىلىپ تۇرۇپ پۇشايمان قىلىدىغان، يەنە قىلغۇسى كېلىدىغان، يەنە قورقىدىغان قورقۇنچاقلارغا ئەڭ زىيانلىقمىكىن دەيمەن. يا نوچى بولغاندىن توختىماي چەككۈلۈك. يا چەكمىگۈلۈك. نېمە ئۇ چېكەي دېگەن، تاشلاي دېگەن ....
سەل چېچىلىپ قالدىممۇ نېمە؟:lol

abudu210 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 13:00:59

تاماكا تاشلاشنىڭ ئاسانلىقىغا گەپ توغرا كەممەيدا جۇما!
شۇ چەكمىسىلا بولىدىغان ئشكەن ئەمەسمۇ! (ئاۋۇ تاماكىىنى جىق چىكىپ ئۆپكىسى پاڭ بوپكەتكەنلەر چىدىيالىسىلا){:92:}{:92:}

niyat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-14 14:41:38

بەش ۋاق تاھارەتنى كامىل ئېلىپ يۈرسەڭلار ، ئاللا خالىسا تاشلايسىلەر. .. مەن شۇنداق تاشلىدىم .. بىراقلا تاشلىۋەتتىم تېخى ...

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 00:07:15

3  年了

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 11:46:10

   كىتاپخانىدا  « بۇ كىتاپ سىزنى تاماكا تاشلىتالايدۇ » دەپ بىر كىتاپنى كۆرگەندەك قىلغانتىم .....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:00:32

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 11:46 static/image/common/back.gif
كىتاپخانىدا  « بۇ كىتاپ سىزنى تاماكا تاشلىتالايدۇ » د ...

تاماكا چەككەچ شۇ كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇرغان بىرەيلەننى كۆرگەنمەن :lol

asman يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:07:16

مەن تاماكىنى 15 يىل چېكىپ بىر تاشلىغانچە تاشلىۋەتكەن، لېكىن 3 يىلغىچە بەك جاپا تارتقان!

salapat يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 12:31:03

مەنمۇ  دەسلەپ  تاشلىغان  بىر  يىل  ئىچىدە  بىر قېتىم  ئېغىر  زۇكام  بولۇپ  ئاغرىپ  سەككىز  كۈن  ئاسما  سالغۇزۇپ  ساقايغان .
مىجەزىم  تەرسالىشىپ ، ئاسانلا  ئاچچىقلاپ  چېچىلىدىغانمۇ  بۇپ  قالغان، ئايالىم  ئاچچىقلاپ ‹‹ ئۆلسەڭمۇ  ئۆلەسە ، تاماكاڭنى  چەككىنە  چېچىلمايدىغانلا  ئىش  بولسا...››دەپ  سۆزلەپ  كەتكەن  چاغلامۇ  بولغان .:lol
نىيەتلا  بولسا ، ئىرادە  دىەەن  شۇ . تاشلاشنى  نىيەتلا  قىساق  ئاللاھ  ئۆزى  ئاسانلىق  ۋە  ئىرادە  بېرىدۇ .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 14:16:43

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 12:00 static/image/common/back.gif
تاماكا چەككەچ شۇ كىتابنى ئوقۇپ ئولتۇرغان بىرەيلەننى  ...

   كۈلۈپ كېتىپتىمەن ما ئىنكاسنى كۆرۈپ :lol :lol :lol

isyankar731 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 14:18:55

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-10-14 09:30 static/image/common/back.gif
ئىچسە چەككۈسى كىلىدىغاندۇ

دەل توغرا!!:lol
ئىلگىرى ھاراق ئىچىدىغان ۋاقىتلاردا تاماكا بولمىسا قەتئىي ھاراق ئىچمەيتتىم.. بىر ئاغىنەم بىلەن تاماكىنى تەڭ تاشلىدۇق ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە تەڭ باشلىدۇق..8ئايدىن كېيىن توينىڭ باھانىسى بىلەن ئۇ يەنە تاشلىۋالدى .. مەن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك چېكىدىغان بوپ كەتتىم ، بولۇپمۇ كەچلىكى..  .مەن قايتىدىن تاماكا تاشلاشىنى خىيال قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئىشخانىدىكى خىت  تۇيۇقسىزلا تاماكا تاشلاپ قالدى ..ئارلىقتىن 15~20كۈن ئۆتتى قەتئىيلا چەكمىدى. بۇ گۇيغا قاراپ مەنمۇ خېلى ئىرادىگە كېلىپ ئەمدى بىر تاشلاي دەپ يۈرگەن كۈنلەردەبۇ خىتنى  ئىشخانىدا  ئىس پۇرقىرتىپ ئولتاغان ھالىتىدە كۆرۈپ قالدىم ،  شۇنىڭ بىلەن  ئىرادەممۇ چاقماقنىڭ تارس قىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ يوقىدى..بىر خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا چەكسە تاشلىماق تەس كېلىدىكەن...
تۇرۇپلا خىيال قىلىپ قالىمەن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆپكە راكى دېگەن خەتلەر يېزىلغان دىئاگنوز قەغىزى قولۇمغا تېگىپ قالارمۇ دەپ ..ئامما شۇ خىياللارنىمۇ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ ئولتۇرۇپ قىلىدىغان گەپ ....ھەي!! !

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-15 14:21:39

isyankar731 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-15 14:18 static/image/common/back.gif
دەل توغرا!!
ئىلگىرى ھاراق ئىچىدىغان ۋاقىتلاردا تام ...

{:203:}
تاماكا چىكىش بەدەنگە زىيانلىق
بەت: 1 [2] 3
: نېمىشقا تاماكا تاشلاش شۇنچە تەس؟