ئىزدىنىش مۇنبىرى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تۈزۈپ باقساق بۇلارمۇ ؟
مۇنبەردىكى تورداشلارنى ئېلىپبە تەرتىۋى بۇيىچە تىزىپ باقتىم ، ھەر بىر ھەرپكە پەقەت بىرلا تورداش تاللاندى ،(ئىسىمگە كىم تىز كەلسە شۇنى تاللىدىم )، شۇ ئارقىلىق مۇنبىرىمىزدىكى 32 ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 32 تورداشنى تاللاپ چىقماقچىئا – ئالىپ ( يانفۇن پىشۋاسى ، ئىزدىنىشتىكى ئالىپنى بىلمەيدىغان ، ئەمما ئالىپ تورىنى بىلىدىغانلار بەك جىقكەن )
ئە – ئەرتۈرك ( مەشھۇر تور يازغۇچىسى ، نۇرغۇن دوستلار ئۆزىگە ئەرتۈرك دىگەن نامنى تەخەللۇس قىلىۋاپتۇ ،ھەتتا بىرە بەت خەت يېزىشتىن ئىرىنىدىغان دوستلارمۇ ،ئەرتۈرك دىسە دەرھال شۇ تور يازمىلىرى ئاۋازلىق ئەسەرلەر يادىمغا كىلىدۇ ، ئەفىفىيمۇ ئەرتۈرككە يانداش كىلىدۇ ، ئەزھەرىينىڭ يازغانلىرىىنىمۇ نۇرغۇن تورداشلار سۈيۈپ ئۇقۇيدۇ ، ئە ھەرپى بىلەن باشلانغان مۇنەۋۋەر تورداشلار كۆپكەن )
ب – باچكا ( ئەسلى بىكارچىنى يازاي دىگەن ، باچكا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئىسىمگە كەلدى ، بىلىمخۇمار ئەپەندىىنىڭ مول ھەم تىرەن مەزمۇنلۇق ئەسىرىنىمۇ دائىم ئۇقۇيمەن بولمىسا، بىلگەجانننىڭ ئۇتۇقلىرى نۆۋەتتە بىزنىڭ ھەم پەخرىمىز ، نۇرغۇن تورداشلار ئاتايىن قەشقەرگە بېرىپ بىرزات ھەكىمنىڭ دورىسىدىن يەپ باقتى ، بوزقىرنىڭ تاڭسۇق تەرجىمىلىرى ئىزدىنىشنى جەلپكار قىلىدۇ )
پ – پىنھان ( توردىكى دادىل ئىنكاسلىرى بىلەن ئادەمنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ ، ئۇندىن باشقا پاراكەندىمۇ دادىللىقتا پىنھاندىن قېلىشمايدۇ )
ت – تادۇبەگ ( تىرىشچان تىۋىپ ، مۇنەۋۋەر تور باشقۇرغۇچى ، تاشپۇلات رۇزى ئەپەندىمنىمۇ ئۇنۇتمىدۇق ئەمىسە ، تارىمى ئادۋۇكات خانىمنىڭ ياردەملىرىمۇ شۇنچىلىك ئىسىمىزدە ، توخۇتورنىڭ نىنچى قۇيۇپ يازغان ئاچچىق كىنايىلىرىنى ئاپتۇرىغا قارىمايلا ئاشۇ نىنچىسىگە قاراپ بىلىۋالالايمەن .ئىزدىنىش شىركىتىنىڭ خوجايىنى تۈمەننىڭ ئاشۇ كونا ، لىكىن ئۆزگىچە مۇنبەرنى تۈزگەندىكى جاسارىتى تېخىچە ھەم ئىسىمىزدە )
ج – جەۋلان ( ئىزدىنىشنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكلىرىدىن بىرى )
چ –
خ –خىيالچى ( كەمىنە خىيالچى ئىزدىنىش تورىدا بولغىنىدىن ئۆزىنى پەخىرلىك ھىس قىلىدۇ )
د – دىلنازۇك ( دىلنازۇكنىڭ تېمىلىرىدىن ئىنكاسلىرى كۈرۈنەرلىك )
ر ـ رۇسلان ( رۇسلان يازغان ھەرقانداق بىر ئىنكاستا ھەم چاخچاق ھەم بىر ھەقىقەت يۇشۇرۇنغان )
ز – زىيالى ( زىيالى تەيلاڭنىڭ ئۇقۇشى قاچان پۈتۈشىنى ھىچ بىلگىلى بولمايدۇ ، باش ۋەزىرنى ئالماشتۇرۇپ يۈرگىنى يۈرگەن ،پىنھاننىڭ قوشمىقى زىلتارمۇ ئىسىمىزدە ھەم بار )
ژ –
س – سۈزۈك ( يېقىشلىق يازمىلىرى بىلەن مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ) ، سەكسەن ئالتە نى س بىلەن باشلانغان دىسەك بۇلار ....
ش ـ شەھلا ( تور بىتىمىزدىكى نۇپۇزلۇق يازغۇچى ، شەھلانىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇقۇپ باقمىغانلار ما تور بەتكە كىرمىدىم دىسە بۇلىدۇ )
غ ـ غاپپارجان ، بەزىلەر ئۇنى گەپبارجان دەپمۇ ئاتاپتۇ ،مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇ يازغان قوشنىمىز قازاقسىتان دىگەن تېما تورداشلارنى ئاز پاراكەندە قىلمىدى .
ق – قاسساپ ( ئىزدىنىش تورىدىكى ئۆزىنىڭ ھۆنىرىنى كۆپچىلىكتىن ئايىمايدىغانلار ئىچىدە بىر قەدەر نۇپۇزلۇقى مۇشۇ قاسساپمىكى دەيمەن )
ك –كولتىكىن ( ئۇيغۇر ماشىنا تورىنىڭ ئاتامانى بولماستا كولىتىكىنمۇ ئىزدىنىشتىن بوران چىقىرىپ تۇراتتى ، كۆۋرۈك دەپ بىر يازغۇچى بۇلىدىغان ، قىزىق ئىشلار ئۇچرىمىدىمۇ بىر نەرسە يازماس بۇلىۋالدى ، ھازىر ئىزدىنىشتا قۇتيار –كۈلكە ، كۆۋرۈك كىنوخانىسى مەشھۇر بۇپ كىتىپتۇ )
گ –گۇدلاك ( ئەسلى چەتئەلچە ئىسىم قۇيۇۋالغانلارنى قاتماي دىگەن ، ئەمما گۇدلاكنىڭ سەۋەبىدىن بۇ قائىدە بۇزۇلۇپ كىتەر بولدى ، تېمىلىرىڭىزنى ياخشى ساقلاپ قويساق نەۋرىلىرىمىز چۈشىنەر بەلكىم ، يازغان پىروگراممىلىرىڭىز بىخەتەر ، قۇلۇپلىرىڭىز چىڭ بولسۇن ، يەنە گەپپارجانمۇ بارتى ، ئۇ قوشنىمىز قازاقسىتان دىگەن تېمىسى بىلەن تورداشلارنى پاراكەندىچىلىككە سالغان بولغاچقا قاتمىدىم )
ڭ –
ل –لاچىن 1 ( كونا مۇنبەردىكى مول تېمىلىرى بىلەن ئىزدىنىشنى تەمىنلەپ تۇرغان لاچىننىڭ قەيەرلەردە كەپتەر ئوۋلاپ يۈرگىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ )
م – مەۋلانە ( ئۇستازنىڭ يازمىلىرى تىرەنلىك بىلەن تولغان، مەتونىمۇ كۆپچىلىك تونۇيدۇ )
ن –
ھ –
ئو –
ئۇ – ئۇيغۇر ( ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ پىشقەدەم ئەزالىرىدىن ،شائىر، مۇنبەرگە ئەڭ دەسلەپ كىرگەندىن باشلاپ تۇنۇغىنىم مۇشۇ ئۇيغۇر ئىكەن ، )
ئۆ – ئۆزھال ( مۇزىكانت ، شائىر ۋە تور باشقۇرغۇچى )
ئۈ –
ۋ - ۋاپادارىم ( بىر سوم پىلانى بىلەن ئۈچەي دەپ قالغان شام چىراقلارغا قايتىدىن ئوت ياققۇچى ،تىنىم تاپماس پائالىيەتچى ، سىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن )
ئې – ئېلى قارام دەپ بىرسى بۇلىدىغان ، ناھايىتى قەتئى ....
ئى - ئىزدىنىش ( خوجايىننىڭ ئىسىمىنى چىقارمىساق بۇ تېما يۇقاپ كىتەر ، بۇ مۇنبەر بىز ئۈچۈن شۇنچىلىك خىزمەت قىلدىكى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىش چىقارغان كۈچكە نۇرغۇن تەشەككۈر بىلدۈرىمىز )
ي – يۇسران ( ياش يازغۇچىمىز يۇسراننىڭ ئادەمگە راھەت بېغىشلايدىغان يازمىلىرى ئۈزۈلۈپ قالغىلى بەك ئۇزۇن بولدى )
بۇ ئۇيۇنغا ئاران 26 تورداشنى تاللىغىلى بولدى ....
يۇقىرىدىكى چ ، ژ ، ڭ ، ن ،ھ ، ئو ھەرپلىرىدىن جىق تورداشلارنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ...كىم بالدۇر ئىنكاس يازسا شۇ ھەرپنىڭ ئىگىسى بولسۇن ...
ئۇندىن باشقا ھەرپلەردىكى ھەرپ ئىگىلىرى دەرھال بۇ تېمىدا يوقلىمدىن ئۆتۈشى كېرەك ، بولمىسا ئانا تىل ئېلىپبەسىگە ئىسمى كىرگۈزۈلمەيدۇ ۋە بۇ تېمىدا ئاكتىپ ئىنكاس يېزىشقا قاتناشلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئالماشتۇرۇۋېتىلىدۇ .....
بۇ تېمىنى يېزىپ بۇلۇپ بۇنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلەلمىدىم ، ئەمما شۇ ئارقىلىق بىر –بىرىمىز بىلەن قايتىدىن تونۇشۇپ چىقساق يامان بولماس .......
قېنى ئەمىسە يوقلىما باشلاندى ....
ما تېمىغا ئوت كېتىدىغان بولدى{:92:} لېكىن ھېلىقى كۆۋرۈكنى بەك سېغىندىم د ـ پىقىر داداشمۇ بار جۇما:lol ن-ھەرپىدە خوجا پىقىر نۇرچى بار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 21:25
سوقۇشقاق خوراز سوقۇشىدىغانغا نىشان كوزلەۋاتىدۇ:lol:lol ھېيتىىن كىيىن ،خوراز ئىدىيىسىگە توقۇنۇش بولغان خالىغان ئىنكاس بىلەن قاتىىق بىر مەيدان تۇتۇتۇشۇپ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرماقچى... horazjan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 20:59 static/image/common/back.gif
سوقۇشقاق خوراز سوقۇشىدىغانغا نىشان كوزلەۋاتىدۇ ھ ...
تۇنۇش دۈشمەنگە سەل قاراپتىمەن :lol :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 21:23
يوقلىمىدىن ئۈتۈۋېتەي {:90:}
P ھەرپىدىكى پىنھانغا يانداشقان مەن شۇمۇ :lol parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 21:19 static/image/common/back.gif
يوقلىمىدىن ئۈتۈۋېتەي
P ھەرپىدىكى پىنھانغا يانداشق ...
ئەلۋەتتە شۇ ، ئەسلى سىزنى تاللاي دىگەنتىم ، يەنىلا پىنھانغا خوشامەت يانداپ كەتتى ، ئەپۇ قىلارسىز :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 21:49
hiyalqi يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 21:41 static/image/common/back.gif
ئەلۋەتتە شۇ ، ئەسلى سىزنى تاللاي دىگەنتىم ، يەنىلا پى ...
ھېلىمۇ ئۇنتۇپ قېلىپ ‹ پ › ھەرپى بىلەن باشلانغان پىلەش بوي ، پىتباش ، پوۋېرمەن قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈۋەتمەپسىز . ئۇنداقتا ئىزدىنىش ئىلىپبەسىدىن ئۇرۇن ئالالماي پەخىرلىنەلمەي قالاتتىمدە . نىمىشقا ئىككىنچى بۇلۇپ يادىغا كەلدىمكىن دىسەم ...ھەي جۇڭگۇچىلىق ...
ئەكىلىڭە قۇلىڭىزنى :handshake
ئەمما ما تىما بىر قىزىيدىغان چىراي پ ھەرىپىدىكى پاترول سوجاڭ چۇپ قاپتۇ. horazjan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-5 21:48 static/image/common/back.gif
پ ھەرىپىدىكى پاترول سوجاڭ چۇپ قاپتۇ.
مۇشاۋىرنى ئارىپ قۇيۇپتىمەن ، تېمىدىن بىرنى يوللىسا قالغانلارنى كەينىگە تىزىپ قۇيايلى .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parakende تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 21:56
مۇشۇ باھانىدە كونىلارنى ئەسلەپ چىقىلى ...
ئۆردەك بوۋاي
دەقيانۇس
فائىزە
ئېسپىرەسس ‹ قەھۋە خانقىز ›
نۇسرەت
ئايتۇغ
ماھى تابان (..........)
جىدەلخۇر
ئۈمىد2011
پاترول سوجاڭ شۇ جىدەلخورمىكىن دەيمەن
ئېلى ئوغرى (ئابونت مۇشتاغراقمىكى ئىسمى يادىمدا قالماپتۇ . ئەمما مەن ئىچكىردە ئوغرىلىق قىلىمەن دەپ مۇنبەردىكىلەرنى جىلە قىلىدىغان بىرەيلەننىڭ بارلىقى غۇۋا يادىمدا ) يوقلىمىدىن ئۆتەپ قويىلى:lol ھ ھەرىپىدىن مەنلا بارمۇ نېمە؟ n نىياز دىخان H سالام دۇنيا ئەپسۇس يوقاپ كەتتى پاترول.تارىم .....قاتارلىق باللا يۇقاپ كەتتىيا؟ موزىكفەن، قىزىلگۈل .......... لارنىمۇ ئۇنتىمايمىز. خىيالچىنىڭ بۈگۈنكى تېمىسىغا ئۇزۇن ئىنكاستىن بىرنى يازساممۇ ئېسىگە كەلمەپتىمەنغۇ ؟
ئېلى قارامدىن باشقا ئېلبىلگەمۇ بارتى
ئىلتەرش