1001kiqe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 18:25:37

مەن تۈزگەن ئېلىپبە نى كۈرۈپ بېقىڭلار:
كۈرۈش ئادىرىسى:
http://up.51xxs.com/users/public/1397711378_905818.swf
چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://www.1001kiqe.com/forum.php?mod=viewthread&tid=50&page=1&extra=#pid352

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 20:48:20

رەھمەت خىيالچى، ئەسلەپ تۇرغۇدەك دوستلىرىمىز باردە مانا.. بايرامدا بالام- كالام دەپ يۇرتقا بېرىپ، مۇنبەرنى ھەپتە بوپتۇ يوقلىيالمىغىلى. يوقلىمىدىن ئۆتۈۋالدىم..:lol

مۇشۇ كونسۇل كوچىسىدا، باچكا شورپىسى دەپ بىر تاختا بولىدىغان بۇرۇن، ھەر ئۆتسەم بىر خىل ئۆزەمگە ئېلىۋالغىنىمدىن كۈلگۈم كېلىدۇ تۇغقانلىرىمنى شورپا قاينىتىۋاتقاندەك..

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 21:11:51

ئەمسە قەشقەرگە كەپ قالسىڭىز ياۋاغ چۆگلىمەچكە ھەرگىز كەلمەڭ ، بۇ يەردە باچكا شورپىخانىسىدىن قاتارىسىغا ئون بەش يىگىرمە دۇككان با    ھى ھى ھى ھى

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 21:30:15

:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-7 21:38:18

     ئاۋۇ مىڭ بىر كېچە تورىدىكى ئېلىپبە ھەقىقى ياخشى چىقىپتۇ ، بۇ تېمىنى يازمىغان بولسام ئۇنى راستىنلا كۆرمەسكەنمەن ، مىنىڭ ساۋاتسىز ئوغلۇم تورغا چىقالايدۇ ، ھازىر شۇيەرنى ئېچىشنى ئۈگىتىپ قويدۇم ، ھەرپلەرنى مەشىق قىلماقچى ( بۇرۇن يېزىشنى مەشىق قىلىپ بولغان ، ئاز ئاز تۇنۇيدۇ ) ، قەيەردىدىدۇ بىر يەردە گىرمانىيەلىكلەرنىڭ بالىغا يەتتە ياشتىن بۇرۇن ھىچنىمە ئۆگەتمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى يازمىنى كۈرۈپ ئۆگىتىشنى بوشاتقان ، بەك چىڭ تۇتۇۋالسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامىنىڭ بالىنى يەتتە ياشقا كىرگۈچە ئەكىلتىڭلار ،دىگەن كۆرسەتمىسىگە ھەم خىلاپ بۇلۇپ قالغۇدەك ........
  

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 06:15:22

گۇدلاكتىن باشقا مەندەك گېپنوزمۇ باتتى -gepnoz ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 07:25:11

ئوغلۇم مەندىن بۇرۇن كومپىيۇتېرنى ئېچىپ ئاۋۇ مىڭ بىر كېچە تورىغا كىرىپ ھەرپ باسقىلى تۇرۇپتۇ ....

بىرلا يىرى ھەممە ھەرپنىڭ ئاخرىغا ئېى قۇشۇپ تەلەپپۈز قىلىشى بىزنىڭ تەلەپپۇز ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن كەلمىگەچكە سەل تىنەپ قالىدىكەن .....

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:20:47

ئەسلى «بىرزات» دەپ تىزىملىتىش نىيىتىم بار ئىدى ، لېكىن بىرزات ھەكىم تۇرغان يەردە ئۆزۈمنى پالانى زات دىيىشتىن ئۇيۇلۇپ ، «بىرەيلەن» دەپ تىزىملاتقان ئىدىم :lol

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:37:21

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-6 20:10 static/image/common/back.gif
تېمىنى يوللاشتىن بۇرۇن ئىسىمدا بارتىڭىز ، يېزىۋات ...

مەندەك يىڭى كەلداخۇنلار ئىسىڭلارغا كەلمەپتۇقتە . مەن قەشقەرىمۇ يوقلىمىدىن ئوتۇۋىتەي .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:37:52

مەن ھېيىت ئويناپ كېتىپ ما تېمىنى ئەمدى ئېچىپتىمەن.
ك ھەرپىدىكلەر خېلى جىقمۇ نېمە:lol

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 10:44:15

1001kiqe يوللىغان ۋاقتى  2014-10-7 18:25 static/image/common/back.gif
مەن تۈزگەن ئېلىپبە نى كۈرۈپ بېقىڭلار:
كۈرۈش ئادىرىسى:
ht ...

ياخشى لايىھىلەپسىز بولسا ھەرىپلەرنىڭ سوزۇق ۋە ئۇزۇك تاۋۇش بىنالىرىغا كىرىشىنى ئاسماندىن ئۇچقان پىتى كىرىدىغان قىلسىڭىز بالىلار تىخىمۇ ئاسان ئىسىدە تۇتۇۋىلىشى مومكىن ، ئاسمانغا ئىتىلغاندىن كىيىن بىر قىتىم غايىب بولۇپ ئاندىن ئوزى تەۋە بىنادا پەيدا بولىدىكەن قىنى ئويلىنىپ باقارسىز .  

1001kiqe يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 17:12:22

Qashqari يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 10:44 static/image/common/back.gif
ياخشى لايىھىلەپسىز بولسا ھەرىپلەرنىڭ سوزۇق ۋە ئۇزۇك  ...

مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان لىكن ئۇنداق قىلسام ھەركەت ئۈنۈمى بەك قوپال چىقىپ قالىدىكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-8 21:01:29

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 21:56 static/image/common/back.gif
ھ ھەرىپىدىن مەنلا  بارمۇ نېمە؟

ئاۋۇ بالقاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىكىدىن كىرىش دىگەن تېمىنى تەرجىمە قىلغان ھىچكىمنى ئۇنتۇپتىمىز ....

ئۇ تېما ۋە ئۇنىڭ تەرجىمىسى ئىزدىنىشتىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ نادىرى ....

heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 07:47:06

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-5 21:56 static/image/common/back.gif
ھ ھەرىپىدىن مەنلا  بارمۇ نېمە؟

ھ ھەرپتىن مەنمۇ بار، :)

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 09:13:20

گەرچە  ئۇيغۇردىن  بىر ھەرىپىم  ئارتۇق بولسىمۇ ، يەنىلا  ئۆزۈمنى  ئارتۇق ھەرىپنىڭ ئالاھىدلىكى بىلەن ، يالغۇز  قالغان  شۇ  ئۇيغۇرغا تەۋە قىلىۋەتتىم

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-9 10:28:28

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-7 23:38 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ مىڭ بىر كېچە تورىدىكى ئېلىپبە ھەقىقى ياخشى چىق ...

udun007
مەنمۇ بار مۇنبەردە..................................................ھەر كۈنى كىرىپ تۇرىمەن.

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:29:57

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-10-8 21:01 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ بالقاننىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشىكىدىن كىرىش دىگەن تېمىن ...

دېگەنبىلەن باركەنمەن مەنمۇ،
ئاخىرىدىراق بولساممۇ.
بەك كىلاسسىكلاردىن سانالمىساقمۇ ھەر ھالدا كونىراپ قالدۇق.

«ئەڭ ھىم ئىشىك» دەڭلار، «مۇھىم» دەۋاپسىلەر.

90 كۈنگىچە ئىنكاس چۈشمىگەن تېما تاقىلىپ قالىدىغان يېڭى سىياسەت چىقتىما ئىزدىنىشتا؟
بالقاننىڭ داۋامىنى چىقىراي دېسەم شۇنداق دەيدا.
سىياسەتلەر ئاينىپ كېتىۋاتىدۇغۇ-زە...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 15:35:55

باشقىدىن يېزىڭلا ئەمدى...

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 16:06:22

گ ھەرىپىدىن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ قوياي. كېيىنچە ھاينىغا ئۆتكۈزۈپ بېرەمەن.

پىقىر كەلدى باشىنى گىلدىڭلىتىپ،
كونا ئەزالار نوۋ دېدى قولىنى شىلتىڭلىتىپ.
ئاندا قىلماڭلار، بىزمۇ كونا بولۇپ قالارمىز دەپ تونۇشلۇق بېرىپ،
ئېلىپبەنىڭ ئاخىرىغا بولسىمۇ بىر تىزىلىۋالدىم، ھى...ھى...ھى... مەنمۇ خېلى ياخشى تېمىلارنى يوللاپ قالارمەن ئىنشائاللاھ.:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-16 19:22:36

Hechkim يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 15:29 static/image/common/back.gif
دېگەنبىلەن باركەنمەن مەنمۇ،
ئاخىرىدىراق بولساممۇ.
ب ...

مەن شۇنداق ئوقۇۋالغان ئوخشىمامدىم ، بولمىسا خېلى تەپسلى ئۇقۇغانىدىم ...
بەت: 1 2 3 4 [5] 6
: ئىزدىنىش مۇنبىرى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى تۈزۈپ باقساق بۇلارمۇ ؟