jeSat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-30 21:16:24

يامادا نوبۇئو: بۆرە ئەپسانىسى

بۆرە ئەپسانىسى
يامادا نوبۇئو (ياپونىيە)

ئىلىلم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان . بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تىرىشىمەن.نۇرغۇن قەبىلىئە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى "تۈرك "سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ "突厥" ئىكەنلىكى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قوۋمغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .مانا مۇشۇ بايانلارنىڭ ئىككىسى "سۈينامە"(84-جلىد)ۋە "جۇنامە"(50-جىلد)لەرگە جۇغلانغان بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان(1)"سۈينامە"دە ئىككى مۇھىم بايان بار.ئۇنىڭ بىرى تۆۋەندىكىچە:

تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پىڭلىياڭ (گەنسۇ ئۆلكىسىدە)ياشايدىغان ئاشنا قەبلىسىگە مەنسۇپ ئارىلاشما ياۋايىلار ئىدى. 439-يىلى ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى يات تائىپە –قۇتقۇلار(2)نى يوقاتقاندىن كىيىن ،ئاشنا قەبىلىسى 500 چىدىرلىق ئادەمنى باشلاپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە كۆپىيىپ ، تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇ تاغ خۇددى تۆمۈت قالپاق (ساۋۇت)قا ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى “تۇجۆ”دەپ ئاتىشاتتى.

بۇنىڭدىن باشقا ، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىز بويىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:يامان بىر تەلەيسىزلىك تۈپەيلىدىن قوشنا بىر قەبىلە تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دۈشمەن پەقەت بىر ئوغۇل بالىنىلا ھايات قالدۇرۇپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ ،سازلىققا تاشلىۋêتىدۇ. بۇ يەرگە بىر چىشى بۆرە كېلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بالا چىشى بۆرە ئېلىپ كەلگەن گۆشلەرنى يەپ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كىيىن بالا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ ، بۆرە بوغاز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى قوشنا دۆلەت بالىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئېۋەتىدۇ. لېكىن بۆرە جان-جەھلى بىلەن بالىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۆرە كاسپىي دêڭىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، قۇچۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغ ئېتىكىگە كەپتۇ، ھەمدە 200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئوتلىقى بار بىر غار ئىچىگە ئورۇنلىشىپتۇ.بۆرە بۇ غاردا 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى بولغان ئاشنا ئۇلارغا باش بولۇپتۇ. ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ دەرۋازىسىغا ھەر دائىم بۆرە بېشى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ تىكىشىدىغان بولۇپتۇ. كېيىنكى مەزگىللەردە ئاشنا ئۆز قوۋمىنى باشلاپ ، غاردىن چىقىپ رورانلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ.

“جۇنامە”دە تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئائىت ئىككى ئەپسانە بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بۆرە ئەپسانىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاشنا قەبىلىسىنىڭ رورانلارنىڭ كەينىدىن ئالتاي تېغىغا كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. “جۇنامە”دىكى ئىككىنچى ئەپسانە يوقۇرقىلاردىن پۈتەنلەي پەرقلىق بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ شۇ دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى يېزىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى ھونلارنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلار ئىدى. باشلىقى ئاپام بىرۇك ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ 17 قېرىندىشى بار ئىدى . بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىن نىشىدۇ بولۇپ ، بۆرىدىن تۇغۇلغان ئىدى. ئاپام بىرۇك ۋە ئۇنىڭ قوۋمى تۇغۇلۇشىدىنلا پاراسەتسىز بولغاچقا ، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپتۇ.ئېركىن نىشىدۇنىڭ مىجەز –خاراكتېرى تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزگىچە ئىكەن .ھەتتا بوران، يامغۇرنىمۇ چاقىرىپ كىلەلەيدىكەن . ئۇ ئىككى خوتۇن ئاپتۇ. بىرى ياز تەڭرىسىنىڭ ، يەنە قىش تەڭرىسىنىڭ قىزى ئىكەن . ئۇلارنىڭ بىرى ھامىلىدار بولۇپ ، تۆت ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇللارنىڭ بىرى چىرايلىق ئاققۇغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ،بىرى ئاپار دەرياسى بىلەن كەم دەرياسى ئارىلىقىدا دۆلەت قۇرۇپ ، نامىنى قىرغىز دەپ ئاتاپتۇ. يەنە بىرى كۆك يىش تېغىغا(3) ماكانلىشىپتۇ.بۇ تاغنى ماكان قىلغانلار نىشىدۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغلۇق شاد ئىكەن . بۇ تاغدا يەنىلا ئاپام بىرۇكنىڭ قوۋمى ياشايدىكەن . بۇ جايدا يەنە دائىم قىرو ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ تۈرىدىكەن .چوڭ ئوغۇل ئۇلارغا ئوت كەشىپ قىلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئامان –ئىسەن ئۆتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپتۇ.مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ئۇنى “ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىپتۇ. تۇغلۇق ئۆلگەندە ئۇنىڭ 10 خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇلالر ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق سايلىماقچى بولۇپ ، ھەممىسى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپتۇ.ئاندىن ئۇلار:كىمدا-كىم مۇشۇ دەرەخنىڭ بويىنى بويلاپ ئەڭ ئېگىز سەكرىيەلىسە شۇ باش بولسۇن ، دەپ كېلىشىپتۇ. ئاشنانىڭ ئوغلى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ، لېكىن ھەممىدىن ئېگىزگە سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئوغۇلالر ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۇنى ئاشەن شاد دەپ ئاتىشىپتۇ.

بۇ ئەپسانىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەپسانىلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ،لېكىن بۆرە ئورتاق مەنبەدۇر. بۇ ئەپسانىلەر تۈركلەرنىڭ سىياسىي مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ئاشنا ئۇرۇقۇ ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن . لېكىن يەنە ئاشنا ئۇرىقى بىلەن ئوخشاش ئابرۇيغا ئىگە ئاشىد ئۇرىقى ئارىسىدا تارقالغان يوقۇرقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەپسانىلەر بار. بۇ دۇئەن چېڭشىنىڭ “يۈياڭ خاتىرىلىرى”(4)دە بايان قىلىنغان ئەپسانە بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇندا دېيىلگەن:

تۈركلەرنىڭ ئەجدادى شېمۇشېلى بولۇپ ،ئاشىدلار تۇرىدىغان غارنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا بىر تەڭرى ياشايدىكەن . دېڭىز تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاق بۇغىنى شېمۇنى دېڭىزغا باشلاپ كىرىشكە ئەۋەتىدىكەن، تاڭ يورىغاندا شېمۇنى ئۇزىتىپ قويىدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، شېمۇنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ بىر ئوۋغا تەييارلىنىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى شېمۇغا :ئەتە سىز ئوۋ ئوۋلاۋاتقان چاغدا ، ئاتا-بوۋىلىرىڭىز ياشىغان غاردىن بىر ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ، ناۋادا بۇ بۇغىنى ئاتالىسىڭىز مەن بىلەن داۋاملىق كۆرىشەلەيسىز ، ئاتالمىسىڭىز ئالاقىمىز ئۈزۈلىدۇ، دەپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە ، دەرۋەقە ئالتۇن مۈڭۈزلۈك بىر ئاق بۇغا غاردىن سىرتقا چىقىپتۇ. شېمۇ ئادەملىرىنى بۇغىنى قورشاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۈركۈپ كەتكەن بۇغا ئادەملىرىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەڭەن شېمۇ ئاجى ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ، ھەمدە ئادەملىرىگە قاراپ "بۇغۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ، بۇنىڭدىن كىيىن تەڭرىگە ئاتاپ ئادەم قۇربانلىق قىلىمەن" دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىش تۈركلەر ئارىسىدا بىر ئەنەنىگە ئايلىنىپتۇ. تۈركلەر ئادەم قۇربانلىق قىلىشتا دائىم ئاجىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەردىن بىر ئادەم تاللايدىغان بوپتۇ.

شېمۇ ئاجىنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ، كەچتە دېڭىزغا قايتىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى ئۇنىڭغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ، ئۇزايىڭدىن قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ،شۇڭا سەندىن مۇناسىۋىتىمنى ئۈزدۈم،دەپتۇ.

يۇقىرىقى تۆت مەنبە ئەپسانە بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ئۈچىدە ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى ئەپسانىدە تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر غارغا مەركەزلەشكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دېگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدە دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاقلىق بار .ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىقى قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەردىكى ئورتاقلىقلار مۇنداق:

1. قەبىلىلەر بۆرە نەسلىدىن تۆرىلىدۇ.

2. ئەسلىدىكى قەبىلە يوقۇتۇلۇپ، ساق قالغانلارنىڭ ئىچىدىن ئاشنا باشچىلىقىدىكى 10 ئۇرۇق شەكىللىنىدۇ.

3. ئاشنا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.باشقا جەھەتتە بۇ ئىككى ئەپسانە ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرىقلەرمۇ بار.

تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى ئىككىنچى ئەپسانىدە غەرىپتە، ئۈچىنچى ئەپسانىدە شىمالدا (ياكى شەرقتە) دەپ كۆرسىتىلىدۇ.

ئىككىنچى ئەپسانىدە ، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا ، بۇ ئىتتىپاقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىدە بۇ كۆرسىتىلمەيدۇ. ئىككىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى ئاددىي ھەم ئوچۇق ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى تۇتۇق ۋە مۇرەككەپ .كېيىنكى ئۈچ ئەپسانە ئالتاي سêلىشتۇرما ئەپسانىشۇناسلىقى ئۈچۈن باھاسىز ماتېرىيال بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھەقتىكى ئانالىز تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. بۇ ئەپسانىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار تۈركلارنىڭ مەنبەسىنىڭ قۇچۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغلىرىدا بۆلىشىدۇر. بۇ ئەپسانىلەر ئىچىدە “سۈينامە”دە خاتىرلەڭەن بىرىنچى مەنبەلا رېئال تارىختىن دالالەت بېرىدۇ.

“سۈينامە” 629-ۋە 636-يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان . تۈركلەر ئۇزاقتىن بېرى خەنزۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەچكە ، بۇ خاتىرىلەرنى يازغان تارىخچىنىڭ تۈركلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. 542-يىلدىن ئىلگىرى تۈركلەر جۇڭگو مەنبەلىرىدە شىمالدىن كەلگەن بىر تاجاۋۇزچى دەپ قارىلاتتى.(5)بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم قەبىلىلەر يەرلىك ئولتۇراق خەلق بىلەن سودا قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 545-يىلى غەربىي ۋېي سۇلالىسى تۈركلەرگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. تۈركلەر ئىككىنچى يىلى بۇنىڭغا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ بېرىش –كېلىشلەر ئاساسەن سودا - سېتىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىدى. “سۈينامە”دە بايان قىلىنغانلار تۈركلەرنىڭ رورانلارنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن بېشارەت ئىدى. بۇ تەرەققىيات تەيۋۇدى قۇتقۇ قەبىلىسى نى بوي سۇندۇرۇپ ، شىمالدىكى سۇلالىلارگە خاتىمە بېرىشتىن 100 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىدى.يۇقىرىقى ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار تۈركلەرنىڭ يازما خاتىرىلەردە تىلغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيەتلارگە ئالاقىدار بولسا كېرەك. مانا مۇشۇلاردىن تۈركلەرنىڭ 5-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاشنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز .ئەمدىكى مەسىلە ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى مەسىلىسى . “سۈينامە” دە تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.

پەقەت “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”نىڭ 99-جىلدىدىدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوندا ياشىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بۇ مەلۇمات باشقا خاتىرىلەر تەرىپىدىنمۇ توغرا توغرا تېپىلماقتا. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ياكى غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بۇ جاينىڭ كونكرېرت ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داڭلىق ئالىم پروفېسسور ماتسۇدا خىسائو بولۇپ ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي ئېتىغىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدا، يەنى قارا ئېرتىش بىلەن ئورۇنغۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ھاۋزىدا دەپ مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار شىمالىي جۇڭغارىيىدىن شەرققە ۋە غەربكە قاراپ يېيىلغان دەپ كۆرسەتكەنىدى.(6). بىراق مەن 5-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا قەدەر بۇ رايوندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ، بۇ زېمىننىڭ ئۇنچىۋالا يىراقتا (شىمالدا) بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايمەن.

ئاشنا قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان رورانلار جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىن كەلگەن . تەخمىنەن 450يىلدىن 500-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رورانلار غەرىبكە سۈرۈ”لوپ ، شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا قاڭقىل قەبىلىلىرى بولسا غەربىي جەنۇبىي ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغقا تۇتاشقان مەزكۇر رايون ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتاتتى . لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.540-يىلى رورانلار قاڭقىللارنى باستۇردى . نەتىجىدە ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن روران قاغانى بىلەن بىرلىشىپ جەڭدە زور غەلىبىگە ئېرىشتى. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۇپ تۈركلەر شىمالىي جۇڭغارىيىدە ئەمەس ، بەلكى جۇڭغارىيىنىڭ جەنۇبىدا ياشايتتى.

بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق كۆز قاراش س.گ. كلياشتورنىي غا تەئەللۇقتۇر. ئۇ جىنشەندىكى بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا قەدەر يېيىلغان(7)، دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ رورانلار بىلەن قاڭقىللار ئۇرۇشقان ئەسلى جەڭگاھنىڭ قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى باركۆل ئەتراپى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكە سالىدۇ.شۇنداق بولغاندا ، رورانلار بىلەن ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇرتلىرى بۇ جەڭگاھنىڭ شەرقىدە بولغان بولىدۇ. ئەگەر جىنشەن ئالتاي تېغىنى كۆرسەتسە ، ئۇ ھالدا تۈركلەرنىڭ يۇرتى گوبى ئالتاي بىلەن موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى گاشۇن نورنىڭ شىمالىدىكى بايان خوڭور ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان “ئالتاي تېغى” ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇ ھالدا بۇ ، ئىككىنچى تۈرك ئەپسانىسىنىڭ مەزمۇنىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

مۇنداق چۈشەندۈرۈش تۈركلەرنىڭ شىمالىي ۋېي خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بولغاندىلا تۈركلەر بىلەن رورانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.

551-يىلى 6-ئايدا تۈركلەرنىڭ قاغانى تۈمەن غەربىي ۋېي پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى چاڭ لې بىلەن توي قىلدى. 552-يىلى يانۋاردا ئەسكەرلىرىنى توپلاپ روران قاغانىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي ئىچىدە تۈمەننىڭ غالىپ ئارمىيىسى دۈشمەننى موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبى ۋە سەددىچىنغا يېقىن جايلاردا تارمار قىلدى. 555-يىلى مۇقان قاغان رورانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىش ئىشىنى غەلىبىلىك تاماملىدى. خەنزۇچە مەنبەلەر تۈركلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ لىنىيىلىرىنى ئېنىقلاپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە قارارگاھلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلى يۇرتلىرىدا ئىكەنلىكى ئەسلەتمەكتە. يەنە مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى قاڭقىللارغا تەۋە ھەر قايسى قەبىلىلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە كەتكەن.

خەنزۇ تارۇخچىلىرى تۈركلەرنىڭ مۇقان قاغاننىڭ باشچىلىقىدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى . بۇ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا مۇقان قاغان بىۋاسىتە ئارىلاشمىغانىدى. مەسىلەن غەربتىكى ئېفتالىتلارغا قىلىنغان يۈرۈشكە مۇقاننىڭ تاغىسى ئىستەمىي قوماندانلىق قىلغانىدى . شەرقىي موڭغۇلىيىدىكى ك”چلەرنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا مۇقان قاغاننىڭ ئىنىسى قوماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇقان قاغان خېشى كارىدورىدىكى تۇيغۇنلارنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدى.( 557-يىلى شىمالىي جۇ خانلىقى غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالغاندا ، تۈركلەر شىمالىي جۇ خانلىقى بىلەن شەرقتىكى شىمالىي چى خانلىقى ئارىسىدىكى رىقابەتكە ئارىلاشتى. قىسقىسى ، تۈركلەر ۋاقتنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار بىلەن بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش بىلەن ئۆتكۈزدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى قەبىلە بازىسى يەنىلا ئىلگىرىكى يۇرتلىرىدا قالدى. مۇقان قاغان 572-يىلى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوردىسى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەڭە كۆچۈردى. تۈركلەرنىڭ تۇنجى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بارلىققا كەلدى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىنمۇ ، نۇرغۇن تۈركلەر يەنىلا ئالتاي تېغىنىڭ غەرنىي جەنۇبىي بىلەن تەڭتىتاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلىرىدا قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولدى. يۇقىرىدا توختالغان ئىككىنچى ئەپسانە ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىدىكى مۈجىمەللىكلەرنىڭ بەلكىم ئۆزىگە چۇشلۇق تارىخى باردۇر. تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە باغلىقتۇر.

ئىزاھلار:

(1) “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”دىكى تۈركلەرگە دائىر مەلۇماتلار “سۈينامە”بىلەن “جۇنامە”دىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، بەزى خەتلەرلا پەرقلىنىدۇ. ليۇ ماۋسەي: “ شەرقىي تۈرك تارىخىغا دائىر خەنزۇچە مەلۇماتلار”،1958-يىلى ۋېسابادىن نېمىسچە نەشرى.

(2) قۇتقۇلار 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي لياڭ دۆلىتىنى قۇرغان ھونلارنىڭ بىر تارمىقى.

(3) بۇ جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش تەس.

(4) دۇئەن چېڭشى: “يۈياڭ خاتىرىلىرى” 4-جىلد.

(5) سىن جۇڭميەن : “تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى”

(6) ماتسۇدا خىسائو (ياپونىيە): “ قەدىمكى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات”،1970-يىلى توكيو 2-قېتىملىق بېسىلىشى، ياپونچە250-بەت.

(7) س.گ.كلياشتورنىي : “ قەدىمكى تۈرك- رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر”،1964-يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى ، 110-،111-بەتلەر.

( “جۇنامە”28-جىلد “شى نىڭنىڭ تەرجىمىھالى”.



“تۈركىي خەلقلەر تەتقىقاتى”(تۈركچە)نىڭ 1996-يىل 105-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001-يىللىق 4-سانىدىن.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرېشىت جېلىل

Illiterate يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 01:17:31

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 16:01:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   454603066 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-1 16:03  

مەن بۆرە ئەپسانىسىنى ئوغۇزخاندىن باشلانغان دەپ تونۇيمەن ،  قانداقتۇر  بۆرىدىن تۇغۇلغان دىگەندەك سوزلەر

كاللامدىن ئوتمەيدۇ ............. ئوغۇزخانغا يول باشلاپ بەرگەن بۆرە  چۇ ؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:12:22

دىن ۋە مىللەت توغرىسىدا قورىقماي گەپ قىلىدىغانلارغا ھەيران قالىتتىم، ئەمدى تارىخ بىلەن ئەپسانىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىگەننى كۆرۈپ ئەقلىم ھەيران پەمىم سىڭايان بوپ كەتتى دېسە.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:47:33

بىر مىللەت ئەگەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسا،  يېقىنقى زاماندىلا توساتتىن ئۇيەر-بۇيەردىن توپلىشىپ قالغان ئادەملەر بولمىسىلا، قەدىمقى ئىپتىدائىي زامانلاردا ياراتقان ئەپسانىلىرى، تارىخ بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن سىرلىق ھىكايىلىرى بۇلىدۇ. بۇنىڭ ھىچقانداق ھەيران قالغىچىلىقى، بىزنى بۆرىدىن تۇغۇلغان دەپ مازاق قىلىپ ئاھ ئۇرۇپ كەتكىدەك ئىش يوق.
يۇقارقى ماقالىدە بىر كۆكىرىپ-تاتىرىپ كەتكىدەك مەزمۇنمۇ يوقكەن. ئاشۇ ئەپسانىلەردىن تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان ئورنىنى مۇقىملاشقا ئۇرۇنۇپتۇ خالاس، باشقىلار يىزىپ  قالدۇرغان تارىخىي خاتىرىلەردىنمۇ پايدىلىنىشقا تىرىشىپتۇ.بۇنىڭدا ھىچقانداق يامان نىيەت ياكى پەس كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش يوقكەن.
بۆرە توپ بۇلۇپ ياشايدىغان، كۆللىكتىپلىقى كۈچلۇك يىرتقۇچ، يايلاقلاردا بۆرە ئەڭ كۈچلۇك ھۆكۈمران ھايۋان دىيىشكە بۇلىدۇ. شۇ تۈپەيلى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە بۆرىگە زوقلانغانلىقى، ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە چۇقۇنغانلىقى مۇقەررەر. بۆرىدىكى كۆللىكتىپلىق روھ، جاھىللىق، جەڭ تاكتىكىلىرى ئەينى زاماندا ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، موڭغۇللارنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسىغا ئوزۇق بەرگەن.  ئەگەر شۇنداق بولمىسا ئىدى، يايلاقتىكى سانى ئاز ئىككى توك-توك قەۋملەر ئۆزىنىمۇ قوغداپ قالالمايتى. تۈركلەرنىڭ ئەپسانىسىگە بۆرىنىڭ كىرىپ كىلىشى ئىنتايىن تەبىئىي ئەھۋال.
يۇقارقى ماقالىدە مەن ھىچقانداق ناچار خاھىشنى كۆرمىدىم. ئەگەر دىن نۇقتىسىدىن بۇنى ياقتۇرمىغان بولسڭلار بەكلا كۈلكىلىك. مۇسۇلمان بۇلۇپلا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەممىنى رەت قىلىش كېرەك ئەمەس. يەنە  كىلىپ بۇ تەتقىقات ماقالىسى ئىكەن، ئىلىم دىگەن ھەرخىل بۇلىدۇ، ئىلىم ۋە ئۆگىنىش مۇسۇلمانغا رىغبەتلەندۇرۇلگەن ئىشلارنىڭ بىرى.
يۇقارقى ئىنكاس يازغانلارنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم، ئاز-تولا كىتاب ئۇقۇڭلار، ھەرخىل پىكىرلەرنى بىلىسىلەر، ئەقلىڭلار ئېچىلىدۇ.

pigan0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-1 21:59:47

ئوبدان شۇندا قىلىلى بىر زامان مايمۇندىن تۇغۇلدۇق دەپ كىتاپ ئوقىغان يەنە ئوقۇيلى كاللىنى سىلى ئىيتقاندەك ئاچمىساق بولمىغۇدەك مۈھتىرەم ھەممىسكە كاللىسى ئىچىلىپ كەتكەن مۈھتىرەم پىركالان

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 09:57:48

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yanhin918 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 10:05  

ئەجدادىڭىزنى   بۆرىگە   باغلىۋېلىش   سىز   ئۈچۈن   بىرەر   پايدا -مەنپەئەت يەتكۈزەرمۇ؟   سىزنى   شۇنداق   كوللىكتىپچان،  ئۆم -ئىناق قىلىۋىتەرمۇ؟  ......................ئەجدادىنى   ئۇ  بۇ ھايۋانغا، ھاشارەتكە ـتاش   -توقماققا  يەنە بىرنىمە يەنە بىر نىمىلەرگە  نىسبەت بىرىدىغانلا   بىرىۋەرسۇن! لىكىن  رەبنى تونۇغۇچى، ئىماننى  دەۋا قىلغۇچى بۇنداق ئەپسانە، سەپسەتىلەردىن يىراق تۇرۇشى ئەلۋەتتە ئۇ ئىنسان ئۈچۈن ئىككى دۇنيالىق  ياخشىدۇر ........

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 10:24:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 10:25  

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-10-1 21:47 static/image/common/back.gif
بىر مىللەت ئەگەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسا،  يېقىنقى زا ...

يالغۇز موڭغۇل يايالاقلىرىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرلا بۆرە تۇتۇمىنى ئەنئەنە قىلغان بولماسىتن ، ئىندىيان ۋە رۇملۇقلاردىمۇ باركەن
ماۋۇ رۇمغا ئائىت بۆرا ئانا ھەيكىلى


454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 10:31:21

جەننەتنىڭ قەھرى دەپ بىر كىنو  باتى  شۇنۇڭدا  بىر بالنى بۆرو ئېمىتىپ چوڭ قىلدىغان .   ئۇستىدىكى رەسىمنى كورۇپ ئېسىمگەكىپ قالدى.:lol

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 10:49:57

بەزىلەرنىڭ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى كىشىلەردىن ھازىرقىغا ئوخشاش پىكىر قىلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋىلىشلىرى بەك غەلىتە

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 11:15:57

ئوھخو {:136:}   ئۆھۆ --ئۆھۇ  

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 11:30:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-2 11:37  

ئەپسانىدە ئەقىلگە سىغقۇسىز مەزمۇنلارنىڭ بولىشى نورمالغۇ !ئەپسانىنىڭ رېئاللىق -تارىخ بىلەن تەڭداش ئەمەسلىكىنى ئەدەبىيات ئوقىغان ئادەم بىلىشى كېرەك ساۋاتقۇ !بۇنىڭلىق بىلەن پۈتۈن ئەپسانىلەرنى توقۇلما ھېسابلاپ قىممەتىسز قىلىپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ ، قىسمەن ئەپسانىلەر رېئال ۋەقەلەرگە ئاجايىپ -غارايىپ توقۇلمىلارنى قوشۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بولىدۇ ، يۇنان ئەپسانىلىردىكى «ياغاچ ئات ھىيلىشى » بىلەن ۋەيران قىلىنغان «تېروياشەھىرى »نىڭ  خارابىلىقىنىمۇ   شۇ ئەپسانىلەردىكى بايانلارغا ئاساسەن ئېنىقلاپ چىقىلغان  ، ئىلگىرى بۇ شەھەر ئەپسانىدىكى شەھەر دەپ قارىلىپ ھەقىقىي ئۆتۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات يوق دەپ كۆرگەندەك ئېسىمدە، رىم ئىمپىراتۇرلىرى ھەققىدىمۇ بۆرىگە مۇناسىۋەتلىك ئەپسانىلەر بار، بۇ ماقالىدىمۇ ئاساسلىق مۇھىم نۇقتىنى ئەپسانىدىكى تۈركلەرنىڭ كېلىش ئورنى ھەققىدىكى بايانلارغا مەركەزلەشتۈرۈپتۇ ، بۈگۈنكى دۇنيادا مېنىڭچە تىببىي ئىلمدىن ئازراق ساۋاتى ئادەم بولسىلا ئەپسانىدىكى  بۆرە بىلەن ئادەمنىڭ  بالىسى دېگەن مەزمۇن قىسىمىغا دىققىتىنى بۆلۈپ ئولتۇرمايدۇ !

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 11:48:07

ئىسلامدىن بۇرۇنقى تارىخنى ئىسلام بويىچە باھالاش- ماركىسزمدىن بۇرۇنقى تارىخنى  ماركىسزم بويىچە تەھلىل قىلىش، ئەجەپ ئوخشايدىكەن- ھە؟

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 12:01:18


ئىزاھلار:

(1) “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”دىكى تۈركلەرگە دائىر مەلۇماتلار “سۈينامە”بىلەن “جۇنامە”دىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، بەزى خەتلەرلا پەرقلىنىدۇ. ليۇ ماۋسەي: “ شەرقىي تۈرك تارىخىغا دائىر خەنزۇچە مەلۇماتلار”،1958-يىلى ۋېسابادىن نېمىسچە نەشرى.

(2) قۇتقۇلار 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي لياڭ دۆلىتىنى قۇرغان ھونلارنىڭ بىر تارمىقى.

(3) بۇ جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئېنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش تەس.

(4) دۇئەن چېڭشى: “يۈياڭ خاتىرىلىرى” 4-جىلد.

(5) سىن جۇڭميەن : “تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى”

(6) ماتسۇدا خىسائو (ياپونىيە): “ قەدىمكى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات”،1970-يىلى توكيو 2-قېتىملىق بېسىلىشى، ياپونچە250-بەت.

(7) س.گ.كلياشتورنىي : “ قەدىمكى تۈرك- رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر”،1964-يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى ، 110-،111-بەتلەر.

( “جۇنامە”28-جىلد “شى نىڭنىڭ تەرجىمىھالى”.



“تۈركىي خەلقلەر تەتقىقاتى”(تۈركچە)نىڭ 1996-يىل 105-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2001-يىللىق 4-سانىدىن.

تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرېشىت جېلىل

بۇنىمە ؟   سىز چە توغرا -خاتانى  ھەممە ئادەم بىلدۇ ،شۇنداققۇ!  

مەن شۇنداق دىققىتىمنى  ئوزام چۇشىنەلىگەن نەرسىلەرگە ئاغدۇرمەن .  ئوزام چۇشەنگەننى يازمەن :lol:lol:lol:lol


arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 20:49:16

قىپقىزىل ئادەملەر باركەن،
مىنى ئەسكىگە ئۇچراتساڭمۇ، نادانغا ئۇچراتمىغايسەن خۇدايىم.{:92:}

454603066 يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:07:41

مېنى نادانغا ئۇچراشتۇرساڭ مەيلى ھەرگىز ئەسكىگە ئۇچراشتۇرمىغايسەن خۇدايىم.{:92:}

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-10-2 21:15:03

ئاگاھلاندۇرۇش
قارىم،ھاجىم،موللام،خەلپىتىم،ئاخۇنۇملارغا ما تېمىدا ئىش يوق ، بېرىپ چەلپەككە دۇئا قىلىشقايلا

y.n.elqut يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 11:15:23

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-10-2 21:15 static/image/common/back.gif
ئاگاھلاندۇرۇش
قارىم،ھاجىم،موللام،خەلپىتىم،ئاخۇنۇمل ...

گېپىڭلا بولسا قارىم، ھاجىم، موللام، خەلپىتىم، ئاخۇنۇملارنى چىشلەپ تارتماي، سىلىگە ياقمىغان ئىنكاسلارنى يازغانلارغا دەڭلا. ئاتاڭلا، ئاناڭلا يەنە بىر نىمەڭلا ئۆلەپ قالسا ئاشۇ قارىم، ھاجىم، موللام، خەلپىتىم، ئاخۇنۇملار بولمىسا گۈنسەيگە سېلىپ كۆمەلمەيسىلە ھەقىچان؟! ... قارىم، ھاجىم، موللامغا ھەر قانچە ئۆچ بولاپ كەتسەڭلىمۇ، بۇ سۈپەتلەرنى باشقىلارغا تەنە-تەئەددى قىلىدىغان سېسىق گېپىڭلىغا ئايلاندۇرىۋالماڭلا...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-10-3 19:13:44

تېما ئېسىل، ئىنكاسلار ناچار چىقىپتۇ.
ئىنكاسنى ياخشى يازدىم دەپ ئويلىغانلار ئۆزەڭلارغا ئېلىۋالماڭلار:lol

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-10-5 03:36:17

بۆرىنىڭ ئادەم بالىسىنى ئىمىتىپ چوڭ قىلىشى مومكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. بۇنداق ئىشلار يىقىنقى دەۋىرلەردىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن، مەسلەن 1920-يىللاردا ھىندىستاندا 8 ياشلىق ھەم 18 ئايلىق ئىككى قىز بۆرە ئۇۋىسىدىن بايقالغان بولۇپ تەتقىقاتچىلار دەسلەپتە ئۇلارنى ئاچا سىڭىل دەپ ئويلىمغان. كىيىن تەكشۈرۈشلەرئارقىلىپ ئۇلارنىڭ ئاچا سىڭىل ئىكەنلىكى، بۆرىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىلىپ كەتكەنلىكى ھەم باققانلىقى مەلۇم بولغان. بۇلار بۆرىلەردەك ھۇۋلاپ ھەم بۆرىلەردەك ھەرىكەت قىلغان بولۇپ ئىنسانلار تۇرمۇشىغا كۆنۈشكە ناھايىتى قىينالغان.
شۇڭا بۆرە بىلەن جۇپلىشىپ پەرزەنىتلىك بولغان يىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا تۈركلەرنىڭ بۆرە تۇتىمىنىڭ نوقۇل ئەپسانە بولۇشى ناتايىن.
ئىككى بالىنىڭ بۆرىنى ئىمىپ تۇرغان ھەيكىلى رىملىقلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى رىملىقلار بىلەن ئوخشىمايدىغان «ئەترۇسكان» دەپ ئاتالغان، ئىتالىيەنىڭ ئوتۇرا شىمالى قىسمىدا ياشىغان، ياۋروپا مەدىنيىتنىڭ ئەڭ ئاساسىنى تىكلىگەن، ھىندو ياۋروپا تىل سىستىمىسىغا تەۋە بولمىغان بىر خەلىققە تەۋە. بۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ئىىنىق ئەمەس، تىلى ساقلىنىپ قالمىغان بولغاچ بۇلار توغۇرسىدا خىلمۇ خىل قىياسلار مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولسا ئەترۇسكانلار قەدىمكى ئوتۇرا ئاسىيادىن كۆچكەن تۈرك ياكى ئىپتىدائى تۈرك تىللىق خەلىقلەر بىلەن يىقىن خەلىق. :lol .  بۇ قاراشنى ياقىلغۇچىلار ئاساسەن تۈركىيەدىكى پان تۈركچى تەتقىقاتچىلار، ھەم ئاساسەن ئىتبارغا ئىلىنمايدۇ.  لىكىن بۇلارنىڭ پاكىتلىرىنى ئاڭلىساڭلار قىزىقىپ قالىسىلەر.  
بەت: [1] 2
: يامادا نوبۇئو: بۆرە ئەپسانىسى