مىنى ئەسكىگە ئۇچراتساڭمۇ، نادانغا ئۇچراتمىغايسەن خۇدايىم.{:92:} مېنى نادانغا ئۇچراشتۇرساڭ مەيلى ھەرگىز ئەسكىگە ئۇچراشتۇرمىغايسەن خۇدايىم.{:92:} ئاگاھلاندۇرۇش
قارىم،ھاجىم،موللام،خەلپىتىم،ئاخۇنۇملارغا ما تېمىدا ئىش يوق ، بېرىپ چەلپەككە دۇئا قىلىشقايلا iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 21:15 static/image/common/back.gif
ئاگاھلاندۇرۇش
قارىم،ھاجىم،موللام،خەلپىتىم،ئاخۇنۇمل ...
گېپىڭلا بولسا قارىم، ھاجىم، موللام، خەلپىتىم، ئاخۇنۇملارنى چىشلەپ تارتماي، سىلىگە ياقمىغان ئىنكاسلارنى يازغانلارغا دەڭلا. ئاتاڭلا، ئاناڭلا يەنە بىر نىمەڭلا ئۆلەپ قالسا ئاشۇ قارىم، ھاجىم، موللام، خەلپىتىم، ئاخۇنۇملار بولمىسا گۈنسەيگە سېلىپ كۆمەلمەيسىلە ھەقىچان؟! ... قارىم، ھاجىم، موللامغا ھەر قانچە ئۆچ بولاپ كەتسەڭلىمۇ، بۇ سۈپەتلەرنى باشقىلارغا تەنە-تەئەددى قىلىدىغان سېسىق گېپىڭلىغا ئايلاندۇرىۋالماڭلا... تېما ئېسىل، ئىنكاسلار ناچار چىقىپتۇ.
ئىنكاسنى ياخشى يازدىم دەپ ئويلىغانلار ئۆزەڭلارغا ئېلىۋالماڭلار:lol بۆرىنىڭ ئادەم بالىسىنى ئىمىتىپ چوڭ قىلىشى مومكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. بۇنداق ئىشلار يىقىنقى دەۋىرلەردىمۇ يۈز بەرگەن ئىكەن، مەسلەن 1920-يىللاردا ھىندىستاندا 8 ياشلىق ھەم 18 ئايلىق ئىككى قىز بۆرە ئۇۋىسىدىن بايقالغان بولۇپ تەتقىقاتچىلار دەسلەپتە ئۇلارنى ئاچا سىڭىل دەپ ئويلىمغان. كىيىن تەكشۈرۈشلەرئارقىلىپ ئۇلارنىڭ ئاچا سىڭىل ئىكەنلىكى، بۆرىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىلىپ كەتكەنلىكى ھەم باققانلىقى مەلۇم بولغان. بۇلار بۆرىلەردەك ھۇۋلاپ ھەم بۆرىلەردەك ھەرىكەت قىلغان بولۇپ ئىنسانلار تۇرمۇشىغا كۆنۈشكە ناھايىتى قىينالغان.
شۇڭا بۆرە بىلەن جۇپلىشىپ پەرزەنىتلىك بولغان يىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا تۈركلەرنىڭ بۆرە تۇتىمىنىڭ نوقۇل ئەپسانە بولۇشى ناتايىن.
ئىككى بالىنىڭ بۆرىنى ئىمىپ تۇرغان ھەيكىلى رىملىقلارغا تەۋە ئەمەس، بەلكى رىملىقلار بىلەن ئوخشىمايدىغان «ئەترۇسكان» دەپ ئاتالغان، ئىتالىيەنىڭ ئوتۇرا شىمالى قىسمىدا ياشىغان، ياۋروپا مەدىنيىتنىڭ ئەڭ ئاساسىنى تىكلىگەن، ھىندو ياۋروپا تىل سىستىمىسىغا تەۋە بولمىغان بىر خەلىققە تەۋە. بۇلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ئىىنىق ئەمەس، تىلى ساقلىنىپ قالمىغان بولغاچ بۇلار توغۇرسىدا خىلمۇ خىل قىياسلار مەۋجۇت. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى بولسا ئەترۇسكانلار قەدىمكى ئوتۇرا ئاسىيادىن كۆچكەن تۈرك ياكى ئىپتىدائى تۈرك تىللىق خەلىقلەر بىلەن يىقىن خەلىق. :lol . بۇ قاراشنى ياقىلغۇچىلار ئاساسەن تۈركىيەدىكى پان تۈركچى تەتقىقاتچىلار، ھەم ئاساسەن ئىتبارغا ئىلىنمايدۇ. لىكىن بۇلارنىڭ پاكىتلىرىنى ئاڭلىساڭلار قىزىقىپ قالىسىلەر. بۆرە رۆھى بۇتىمىدا نادانلار بەك كۆپ ئىكەن ئارىسلان ئىسىملىك دوستىمىز ياخشى پىكىر يېزىپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 00000 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-5 11:22
ئۇلار پەقەت ئەپسانە، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار،بۇ تىمىنى ئۇنچىۋالا تەنقىدلەپ كىتىشىڭلارنىڭمۇ ئورنى يوقتى ئەسلى.
ئەمما ھازىرمۇ ئاشۇ ئەپسانىلەرگە ئىشىنىپ، ئۆزىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى بۆرىگە باغلىۋالدىغانلار بولسا بۇنى ھەقىقەتەن تەنقىدلەشكە بولىدۇ. چۈنكى ھايۋانلار بىقىۋالغان بالىلارنىڭ تىپىلغانلىقى راس بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىكى ئادەمگە خاس بولغان ئاڭ، تەپەككۇر دىگەنلەدىن سۆز ئىچىش بەكلام قىيىنكەن. ئۇلار قىسقىسى ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھايۋانلاردىن پەرىقلىنىدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلالمايدىغان ئوخشايدۇ. بەكلام ئىچىنىشلىق. شۇ توغۇرلۇق ماقالىلەرنى ئوقىغاندا ئادەم ئۈچۈن تەربىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغانتىم.
ئەگەر شۇ توغۇرلۇق ماقالىلەر يەنە ئۇچراپ قالسا، ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي...
بەت:
1
[2]