TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 06:15:32

تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەسكەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 06:17  

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس

تاشپولات روزى




بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىلىق ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ فىزىكا دۇنياسىنى تەۋرىتىپ فىزىكا ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىزىكا پروفېسسورى Laura Mersini-Houghton قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلىغان. يەنى مەۋجۇت ئەمەسلىكنىڭ تەخمىنى يېشىمى بىلەن ھەقىقىي يېشىمىنى بەرگەن. تەخمىنەن يېشىم ماقالىسى فىزىكا ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ، ھەقىقىي يېشىم توغرىسىدىكى ماقالىسى ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈۋېتىپتۇ.

مەن 3-ئايلاردا بىر خەۋەر يېزىپ چوڭ پارتلاشتىن كېلىپ چىققان “تارتىش كۈچ دولقۇنى” تېلېسكوپ ئارقىلىق تارتىپ ئېلىنغانلىقىنى دېگەن ئىدىم.  ئۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيادا چوڭ پارتلاشنىڭ راست ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى دەپ كوپ خەۋەر بېرىلگەن ئىدى. بىراق بۇ نەتىجىمۇ ئاز ۋاقىت ئۆتمەي ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى.

يۇقىرىدىكى  قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس دېگەنلىك توغرا بولسا ئالەم بىر نۇقتىدىن كېڭىيىپ پەيدا بولغان دېگەن كۆز قاراشنىڭمۇ يەنە چوڭ پارتلاش دېگەننىڭمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى نەتىجە سان قىممەتلىك ھەم نەزەرىيە جەھەتتىكى نەتىجە بولغاچقا قارا ئۆڭكۈر ۋە چوڭ پارتلاش مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن.

قارا ئۆڭكۈر دېگەن نېمە؟ قارا ئۆڭكۈر دېگىنىمىز ناھايىتى يۇقىرى زىچلىققا ھەم زور ماسسىغا ئىگە بولۇپ، كۈچلۈك تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھەرقانداق ماددا ھەم نۇرمۇ ئۇنۇڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان جىسىمدىن ئىبارەت.

تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://phys.org/news/2014-09-black-holes.html

dartman211 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:19:58

بۇ ئالەمدىكى غارايىباتلار تۈگىمەيدىكەن

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 10:28:16

شۇندا قىلىپ بىردەم قارا ئۆڭكۈرگە،بىردەم ۋاقىت تونىلىغا قاتارلىق فانتازىيەلەرگە دۆڭگىگەن مالايسىيا ئايرۇپىلانى يوقىغىنى يوقىغان بولدى ھە!
مۇشۇنداق سىرلىق پاراڭنى ھەر ئاڭلىسام مۇھەممەتجان مۇئەللىم يادىمغا كېلىپ ئىچىم سېرىلىدۇ!…… :(:L

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 11:01:31

Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى  2014-09-25 10:28:16 static/image/common/back.gif
شۇندا قىلىپ بىردەم قارا ئۆڭكۈرگە،بىردەم ۋاقىت تونىلىغ
قارا ئۆڭكۈر بار دىسىمۇ ئىسپاتلايدىغانلار چىققان ئىكەن، ئەمدى يوق دىسىمۇ ئىسپاتلايدىغانلار يەنىلا كەم بولماپتۇ.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 12:09:24

چوڭ پارتلاش بىلەن قارا ئۆڭكۈر يوق دىيىلسە ئالەمشۇناسلىققا يېڭى ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن، ئوقۇغۇچىلىرىم ئالەم قانداق بارلىققا كەلگەن دەپ سوراپ قالسا نىمە دەپ جاۋاپ بېرەرمەن ؟

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 13:38:22

شۇنداق قىپ ئاۋۇ مالايسىيانىڭ ئايروپىلانى راستلا يوق بوپ كەتتىما؟ مەن تېخى پارتلاپ كەتتى ھەممە ئادەم ئۆلدى دەپلا بىلىپ يۈرۈپتىمەن.

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:01:39

بۇلا مۇشۇنداق بىردەم با دىسە، بىردەم يوق دەپ، كىشىلەنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىشتىن باشقا مەقسىدى يوقمىكىن دەيمە، گەرچە ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخىنى ئوقۇغان بولساممۇ.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:05:49

Stephen Hawking نىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر پەننى فىلىمنى كۆرگەن ئىدىم. چوڭ پارتلاشنى چۈشەندۈرگەن.
ئەمدى ئىنكار قىلغان بولسا، ئىلگىرىكى پەرەزلىرىدىن ۋاز كېچىپتۇ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:09:28

قارا ئۆڭكۇر رەھمەتلىك ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:36:59

مىنىڭچە خاۋكىڭ دېگەن بۇ ئادەم  قاتتق پۇرسەتپەرەس ئىكەن ،  ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۇرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىگە ئالىلقاچان كۆزى يەتكەن گەپ ھەم ۋاقتىدا تارىخنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۈچۈرىمالسلىق ئۈچۈن  بىراقلا يۇز ئۆرۈپ قاراڭغۇ ئۆڭكۇر يوق دەپلا چىققان گەپ   بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئاقىلانىلىك بىلەن چىكىنگىنى  بولشى مۇمكىن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 14:51:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 15:03  

ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلىمى «چوڭ پا_رتى_لا_ش مودىلى» ئارقىلىق بىز تۇرىۋاتقان ئالەمنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ ئۇنىدىن يەنىلا گۇمانلىق ئويلار تۇغۇلىدۇ. ئەگەر سىز «ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرۇپ» ئالەم پەيدا بولغان ئەڭ دەسلەپكى پەيىتكە ئەكەلسىڭىز  ھېچقانداق فىزىكا قانۇنلىرى كۈچكە ئېگە بولمىغان، ماددا ۋە ئېنىرگىيە شەكىللەنمىگەن چەكسىز كىچىك (ياكى يوق) بىر «غەيرىي نوقتا» غا كېلىپ توختايسىز. ئاتالمىش غەيرىي نوقتا نۇرغۇن فىزىكىچىلار ۋە ماتېماتىكىچىلارنى بىئارام قىلدۇ. چۈنكى ئۇ بىلىنمەي قالغان،  چەكسىزلىككە ئىنتىلىپ كەتكەن نوقتىدىن ئىبارەت.  بەلكىم سورىشىمىز مۇمكىن:  قانداقسىگە ھازىرقى ئەقىللىق ئىنسانلار،  جانلىقلار، ئۆسۈملۈكلەر، يۇلتۇز ۋە سەييارىلەر، بۇ قانۇنىيەتلىك ئالەم  ئۆزلىكىدىن، ھېچنىمىدىن، يوقلۇقتىن «پار-تى-لا-پ» بارلىققا كەلگەن؟ خوپ، شۇنداق بولسۇن دېگەندىمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن نىمىلەر يۈز بەرگەن؟ ئەمەلىيەتتە بۇ خىلدىكى سۇئاللار نۇرغۇن فىزىكىچىلارنىڭ كۆڭلىدىكى سۇئاللاردىن ئىبارەت...  

بەلكىم ئۇنداق « چوڭ پا_رتى_لا_ش » ھەرگىز يۈز بەرمىگەن بولىشى مۇمكىن.  پېرىمېتىر ئىنىستىتۇتى(Perimeter Institute ) دىكى ئۈچ نەپەر تەتقىقاتچى بۇ ھەقتە ئۆزگىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار ھازىرقى زامان ماكان-زاماننى تەسۋىرلەيدىغان كۈچلۈك ماتېماتىكا بىلىملىرىدىن ۋە خوللوگىرافىك تەسۋىردىن پايدىلىنىپ «چوڭ پا_رتى_لا_ش» نى كوزمىك مىراج (cosmic mirage) يەنى كائىنات مىراجى (ئەسكەرتىش:  ئىسلام دىنىدىكى «مىراج» ئۇقۇمىغا ئوخشىمايدۇ! ) غا ئۆزگەرتكەن. ئۇلارنىڭ پەرىزى ، كائىنات دەسلەپكى غەيرىي نوقتا ئىچىدىن «چوڭ پارتىلاپ» بارلىققا كەلگەن بولماستىن بەلكى ھازىرقى بۇ كائىنات، «تۆت ئۆلچەملىك ئالەم»دىكى غايەت زور يۇلتۇزنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى قالدۇقىنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدىلىكى بولىشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقان ۋاقتىدا،  تۆت ئۆلچەملىك قارا ئۆڭكۈرنىڭ «ھالاكەت ئۇپۇقى» سىرتىدا پەيدا بولغان كائىنات «غەيرى» نوقتا ئىچىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ تېشىدا پەيدا بولغان ۋە  شۇ پېتى مەۋجۇتلۇقنى داۋام قىلىپ كەلگەن بولىشى مۇمكىن(بۇنداق بولغاندا چۈشەنگىلى بولمايدىغان غەيرى نوقتىدىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ).

پەرەزگە ئاساسلانغاندا، بىزنىڭ بۇ كائىناتىمىز دەسلەپتىلا ھەرگىز «غەيري» بولمىغان بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنىڭ تەشەببۇسىچە، كائىنات تۆت-ئۆلچەملىك- قارا ئۆڭكۈرنىڭ «ھالاكەت ئۇپۇقى» نىڭ سىرتىدىكى ئۆچ-ئۆلچەملىك-ئورالما ( ئوتتۇرىدا قارا ئۆڭكۈر بولغان گالاكىسيەلەرنى تەسەۋۇر قىلساق بولىدۇ)بولۇپ، بۇ خىل تەسۋىرلەشتە بۇ كائىنات تۆت ئۆلچەملىك ئالەمدىكى بىر يۇلتۇزنىڭ پارتىلاپ (تۆت ئۆلچەملىك)قارا ئۆڭكۈرگە ئايلانغاندا پەيدا بولغان. ئۆچ ئۆلچەملىك قارا ئۆڭكۈرنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ:  ئۆچ ئۆلچەملىك كائىناتتىكى يۇلتۇزلار ئۆلگەن ۋاقىتتا ئىككى ئۆلچەملىك قارا ئۆڭكۈر ھاسىل بولغاندەك، تۆت ئۆلچەملىك ئالەمدىكى «يۇلتۇز» پارتىلاپ ئۈچ ئۆلچەملىك قارا ئۆڭكۈرنى ھاسىل قىلىدۇ.


ئاخىرقى باھا:

ئالەمنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى سۇئال فىزىكىچىلارنىڭ، پەلسەپىچىلەرنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغان نوقتىسى بولۇپ، تارىختىن بېرى بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كېلىنمەكتە.  پەقەت مۇشۇ تۈپۈيلىدىن مەخسۇس تەتقىقات تېمىللىرىغا مىلىياردلارچە دوللار  سەرىپ قىلىپ، نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار ھەتتا بىر ئۆمۈرىنى سەرىپ قىلىپ بۇ سۇئال ھەققىدە ئىزدەنمەكتە... ئەمەلىيەتتە دىنغا ئىشىنىدىغانلارغا بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى بەكلا ئاددى: يەنى يوقنى بار قىلغۇچى ، ھۇجۇتقا كەلتۈرگۈچى، ھەممىدىن ئۇلۇغ بىر ياراتقۇچى «بول» دېگەن ئەمىرى بىلەن بارلىققا كەلتۈرگەن!  دىنغا ئىشەنمىگۈچىلەر بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، جاھىللىق بىلەن مەنبە ۋە ھەقىقەتنى ئاختۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ يۇ، بارغانسىرى قايمۇقۇپ بارىدۇ. مەسىلەن، بۇ پەرەزدە غەيرى نوقتىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ يەنىلا «تۆت ئۆلچەملىك ئالەم» دەيدىغان ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان بىر نەرسىگە بېرىپ تۇتۇلغان. ئۇنى قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ «تۆت ئۆلچەملىك ئالەم» نەدىن كەلگەن؟  قارىغاندا ماتېماتىكا ۋە كۈزىتىشكە تايىنىپلا ھەقىقەتنى تېپىپ چىققىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ خىل قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش روھىنى قوللاشقا، مەدىھلەشكە ئەرزىيدۇ، چۈنكى بۇ جەرىياندا ھەقىقەتلەر يېشىلىپ ماڭىدۇ، قانۇنىيەتلەر بايقىلىپ ماڭىدۇ، يېڭى قوللىنىشچان كەشپىياتلار ھۇجۇتقا كېلىپ تۇرىدۇ...

يۇقىرىدىكى بايانلاردا ئۇچىرىغان بەزى ئۇقۇملارغا قىسقىچە ئىزاھات:

يۇلتۇزلارنىڭ ئۆلىشى:  يۇلتۇزلار كۆيۈپ تۈگىگەندە ئۇلارنىڭ زىچلىقى شۇ قەدەر يۇقىرى بولىدۇكى،  ئالەملىك تارتىش كۈچى ئاساسلىق رول ئويناپ ماسسىلار بىر بىرىگە تارتىلىپ ، مەزكۇر يۇلتۇز ئىچ تەرەپكە قاراپ پارتىلاپ يىقىلىپ چۈشۈش ھادىسى بولۇپ، بۇلارنىڭ بەزىللىرى قارا ئۆڭكۈرگە ئايلىنىدۇ.

ھالاكەت ئۇپۇقى:  قارا ئۆڭكۈرلەر نىڭ ئەتىراپىدىكى مەلۇم بىر دائىرە بولۇپ، بۇ دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ھەرقانداق نەرسە، ھەتتا نۇرمۇ قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىپ كېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ. بۇ خۇددى دەريا ياكى كۆللەردىكى قاينامغا ئوخشاش بولۇپ، بىر ئادەم سۇ ئۈزۈپ قاينامنىڭ مەلۇم دائىرىسىگە كىرىپ قالغاندىن كىيىن ھەرقانچە كۈچەپمۇ قاينامنىڭ شوراپ كېتىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ.

تۆت ئۆلچەملىك ئالەم:  بىزنىڭ كۆنگىنىمىز ۋە بىلىدىغىنىمىز ئۈچ ئۆلچەملىك ئالەم بولۇپ، تۆت ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز(ئەسكەرتىش: بۇ نىسپىيلىك نەزەرىيسىدىكى تۆت ئۆلچەملىك بوشلۇق قا ئوخشىمايدىغان ئۇقۇم)، بىراق بىز بىلمەيدىغان قوشۇمچە ئۆلچەملەر بولىشى مۇمكىن، ياكى بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك بارلىقنىڭ بىر شولىسىدا ياشاۋاتقان بولىشىمىز مۇمكىن.  مەسىلەن، بىر تال شارنىڭ شولىسى بىر چەمبەر بولۇپ، ئەگەر ئىككى ئۆلچەملىك ئالەمدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بار دېسەك، ياكى چۈمۈلىلەرنى تەخمىنەن ئىككى ئۆلچەملىك دۇنيادىكى جانلىقلار دەپ قارا پ تۇرساق، ئۇلار ئۈچ ئۆلچەملىك دۇنيانى ۋە شارنى پەرەز قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر بىز يۇقىرى ئۆلچەملىك ئالەمنىڭ شولىسدا ياشاۋاتقان بولساق ئەلبەتتە بىزمۇ ئۈچ ئۆلچەمدىن باشقا دۇنيانى پەرەز قىلالمايمىز. تۆت ئۆلچەملىك ئالەم  ئوبىكتىپ ھەقىقەت بولىشى ناتايىن بولۇپ، بىر پەزەرز(يازغۇچىدىن).

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:33:14

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 16:01 static/image/common/back.gif
بۇلا مۇشۇنداق بىردەم با دىسە، بىردەم يوق دەپ، كىشىلەنى ...

ئاشۇنداق سۆزلەپ يۈرۈپ ئامرىكا دوللىرىنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ-دە!

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:33:59

aplapsaplap يوللىغان ۋاقتى  2014-9-25 16:01 static/image/common/back.gif
بۇلا مۇشۇنداق بىردەم با دىسە، بىردەم يوق دەپ، كىشىلەنى ...

ئاشۇنداق سۆزلەپ يۈرۈپ ئامرىكا دوللىرىنىڭ ئوبدان خەجلەيدۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 15:57:22

ئېلگىرى بار دىگەندىمۇ «ھە» دەپ قويغانتىم، ئەمدى يوق دىسىمۇ «ھە» دەپ قويىمەن{:92:}

Dihkanbay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 16:34:39

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-09-25 11:01:31 static/image/common/back.gif

قارا ئۆڭكۈر بار دىسىمۇ ئىسپاتلايدىغانلار چىققان ئىكە
مەن بار يوقنى ئىسپاتلىغان يېرىم يوق قېرىندىشىم،مەندە ئىسپاتلىغۇدەك بىلىممۇ يوق،پەقەت ھەر خىل قاراشلارغا بولغان ھەيرانلىقىمنى بىلدۈرىدىغان ئادەتتىكىچە ئىنكاس يازدىم……

yanartahg يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 16:56:32

قارا ئۆڭكۈر ئەجەپ ئاتالغۇكىنا

uyghur7800 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 20:03:18

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 21:53:15

قارا ئۆڭكۈر مەۋجۈت بولمىسا، قارا ماددا، قارا ئېنىرگىيە دىگەن نەرسىلەرمۇ يوق بولامدۇ ئەمدى...
ماۋۇ @IZDANGUQIMAN دىگەن پوۋاش بۇرادىرىم  كەچكىچە شۇ يوق نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىپ بېكاغا پۇل خەجلەپ يۈرۈپتۇ دە:lol:lol:lol:lol:lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:39:46

بۇنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى كىچىك ئىش ئەمەس، ئالەمشۇناسلىقتىكى بايقاشلارنىڭ ئاساسى گەۋدىسى ئۆرۈلۈپ چۈشتى دىگەن گەپ،ئاساسەن نۆلدىن باشلايمىز دىگەن سۆز…

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 22:58:07

BigBang,darkenergy,قاراڭغۇ ماددا،ئالەم مىكرو دولقۇن ئارقا رادىئاتسىيىسى…ھەي
بەت: [1] 2
: تاشپولات: قارا ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەسكەن