ئۈزنىڭ بايقىغانلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش بۇلۇپمۇ بۇكىشىدەك دۇنيا كىشىلىرى ئاساسەن ئىمان كەلتۈرگەن نەزىريەنىڭ خاتا بوپ قالغانلىقىنى ۋاختىدا تۈزىتىش مەنچە ھەقىقى مەسئۇلىيەتلىك ئالىمنىڭ ئىشى دەپ قارايمەن .
قارائۆڭكۈرنى يوق دىگەن بولسا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بولغان يەنە بىر نەزرىيە بايقالدى دىگەن گەپ . calisiyorum يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 23:50 static/image/common/back.gif
بىچارە بايقۇشلار قاچانغىچە ئاۋارە بولۇپ يۈرە. جاۋابىن ...
ئاللاھ ئادەمگە كائىناتنىڭ بىلىملىرىنى ئۆگەنتكەندە پەرىشتىلەر باش ئۇردى، پەقەت ئىبلىسلا باش قويمىدى. ئاللاھ ئىنساننىڭ ئەقلىنى بىكارغا ياراتمىدى، بەلكى ئاللاھنىڭ زېمىنىنىڭ ۋە كائىناتلىرىنىڭ سىرىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى، ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيادىمۇ زىيان تارتماسلىقى ئۈچۈن بىزگە ئاتاقىلىنغان ئەقىل بۇ. ئىسلامنىڭ گۈللەنگەن ۋاقىتلىرىدا ئاللاھنىڭ ھەق قانۇنىيەتلىرىنى ئىنسان چۈشىنەلەيدىغان ھالدا شەرھىيلەپ، ئۇنىڭدىن توغرا پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت، ئىقتىساد، ئادەم سەرپ قىلىنغان، شۇڭا ئۇ چاغدا ئىسلام دۇنياسى گۈللىنەلىگەن. ئاللاھنىڭ كائىناتنى ياراتقاندىكى مۆجىزىلىرىنى مۇشۇ ئىلىم - پەن ئارقىلىق تونۇساق تېخىمۇ ياخشى ئىنسانلار قاتارىدىن بولالىشىمىز مۇمكىنغۇ. شۇڭا ئىزدىنىش روھى بولمىغان ئىنسان، ئۆلگەنگە باراۋەردۇر.
قۇرئاننىڭ بىرىنچى ئايىتى: ئوقۇ! دىن باشلىنىدىغۇ، شۇڭا ئاللاھنى ئىلىم-ئېرپان ۋە تەقۋالىقىمىزدا تەڭ تونۇشقا تىرىشايلى. تاشپولات ئاكا، تېمىڭىزغا رەھمەت.
تۈنۈگۈن كۆرگەن بىر خەۋەردە، قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان كىشى خاۋكېڭ ئەمەس ئامېرىكىلىق يەنە بىر ئالىم ئىكەن. ئۇ كىشىنىڭ بايانلىرى بىلگە قالدۇرغان ئىنكاسقا ئوخشاپ قالىدىكەن.
جۇڭگۇنىڭ توردىكى خەۋەرلەر بىلەن چەتئەلدىكى خەۋەرلەردە پەرق بارمۇ قانداق؟
مەن يۇقۇرقى خەۋەرنى ۋاڭيى تورىدىن ئوقۇدۇم. ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-9-27 09:07 static/image/common/back.gif
تاشپولات ئاكا، تېمىڭىزغا رەھمەت.
تۈنۈگۈن كۆرگەن بىر خە ...
سالام ئۇكام، يازمامنى يەنە بىر ئوقۇپ بېقىڭ.
بۇ يىل بىرىنچى ئايدا ئاتاقلىق فىزىكا ئالىمى Stephen Hawking قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىلىق ماقالە ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ فىزىكا دۇنياسىنى تەۋرىتىپ فىزىكا ئالىملىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا فىزىكا پروفېسسورى Laura Mersini-Houghton قارا ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ماتېماتىكىلىق ئىسپاتلىغان. يەنى مەۋجۇت ئەمەسلىكنىڭ تەخمىنى يېشىمى بىلەن ھەقىقىي يېشىمىنى بەرگەن. تەخمىنەن يېشىم ماقالىسى فىزىكا ژۇرنالدا ئېلان قىلىنىپ، ھەقىقىي يېشىم توغرىسىدىكى ماقالىسى ھازىر باشقىلار تەرىپىدىن كۆرۈلۈۋېتىپتۇ مەلۇم بىر تۇرغۇن يۈلتۈز(مەسىلەن بىزنىڭ قۇياشنىڭ چوڭلىقىدا )قارا ئۆڭكۈرنىڭ تارتىش كۈچى دائىرىسىگە كىرگەندىن باشلاپ ھىساپلىغاندا ،پۈتۈنلەي قارا ئۆڭكۈر تەرىپىدىن يۇتىلىپ كەتكۈچە كىتىدىغان ۋاقىت قانداق بۇلدىغاندۇ؟ بۇ جەريان نەچچە سائەت،ياكى نەچچە كۈن،ياكى نەچچە ئاي ياكى يىلداتاماملىنىپ بۇلدىغاندىمۇ ؟ياكى نەچچە مىڭ ياكى مىليون يىللاردا تاماملىنىپ بۇلدىغاندىمۇ؟
بۇ سۇئالنى تاشپۇلاتكامدىلا سۇرىمىدىن بىلدىغانلار ئەركىن جاۋاپ بەرسەڭلار بۇلىدۇ. «چوڭ پا_رتى_لا_ش مودىلىدېگىنى نىمە گەپ ئۆزى .مەن بىلمىدىم بۇنىڭ مەناسىنى .
قارا ئۆڭكۈر يوق بولسا ،ئالەمدىكى بەزى ھادىسىلەرنىڭ قارا ئۆڭكۈرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈلگەنلىرىنى ئەمدى باشقاچە چۈشەندۈرمەك لازىم ئۆزى .ئىلىم -پەن. Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 14:51 static/image/common/back.gif
ھازىرقى زامان فىزىكا ئىلىمى «چوڭ پا_رتى_لا_ش مودىلى» ئا ...
ئاۋۋال، ئىنكاسىڭىز بەك ياخشىكەن.
ئاندىن، (cosmic mirage) نى «كائىناتسال سەراپ» ياكى «ئالەمىي ئالۋۇن» دېگەندەك تەرجىمە قىلساق ياخشى بولماسمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر يۇمۇر فىزىكىسى بوپتۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mihin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-28 20:37
ئۇنچىلىك ھەيران قىلشنىڭ زۆرۈرىيتى يوق دوسلار، تىخى ھىچكىم قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنىمۇ ئسپاتلاپ باقمىدى.
قاراڭغۇ ئۆڭكۈر راس مەۋجۇت بولمىسا تۆۋەندىكىدەك مۇھىم يەكۈنلەردىن دىرەك بىرىدۇ:
1. تارىيشنىڭ بىر كىرتىك زىچلىقى مەۋجۇت ، جىسىم ئۆزنىڭ تارتىشش كۈچى تەسىرىدە يەنىمۇ تاريىپ غەلىتە نوقتىنى شەكىلەندۈرشى مۇمكىن ئەمەس. بىر كىرتىك زىچلىققا يەتكەندە تاريىشتىن توختايدۇ.
2. ماتىماتكىلىق تىلىنى بىۋاستە ھالدىلا فىزىكىىلىق تىلغا تەرجىمە قىلشنىڭئىنتايىن خاتائۇسسۇل ئىكەنلىكىنى ئسپاتلاپ بىردۇ.
ئەسكەرتىدىغىنىم :سىلەر قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى فىزىكىا ساھەسىگە تەۋە دەپ قارىماڭلار، ئۇبىر ماتىماتكىنىڭ يەكۈنى.
بىز ماتىماتكىدا بىر تەڭلىمە كەلتۈرۈپ چىقىرمىز ئانىدىن فىزىكىىلىق مەنا بىرمىزبۇمۇ بىزنىڭ تەبىئەتنىڭ فىزىكىلق قانۇنىيتنى تونۇشمىزدىكى بىر ئىلىمىي ئۇسسۇل بولۇپ قالدى ئەمما بۇ خىل ئۇسسۇلنىڭمۇۋەپپىقىيەتلىرىمۇ ئاز ئەمەس .ئەگەر قاراڭغۇ ئۆڭكۈر راسلا مەۋجۇت بولمىسا بىزنىڭ تەبىئەت بىلەن توغرا باغلىنىشقا ئىگە ھەم تەبىئەتنى چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغانئىلىمىي دەپ قارىغان ئۇسسۇلىمىزغا ئىغىر زەربە بىرىدۇ. دېمەك ئاقىۋات ماتىماتكىلق ئۇقۇملىرمىزىغا زەربە ئىلىپ كىلدۇ.
بەت:
1
[2]