Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 18:19:29

دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-22 18:42  

دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى توغرىلىق سۇئال سورىلىپ قالدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆز چۈشەنچىلىرىمنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم:  

يەر شارى يۈزىنىڭ %71 تى سۇ بىلەن قاپلانغان بولۇپ بۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېڭىز-ئوكيان سۇلىرى. شۇنچە كۆپ سۇ بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ تۇرۇمۇشى ۋە تىرىكچىلىكى ئۈچۈن سۇ يىتىشمەسلىك ئەھۋالى دۇنيا خاراكتىرلىق بىر مەسىلە. چۈنكى مۇتلەق كۆپ مىقتاردىكى دېڭىز-ئوكيان سۈيى تۇزلۇق.

1. سۇنىڭ تەركىبى

ساپ سۇ نورمال شارائىتتا رەڭسىز، پۇراقسىز، سۈيۈقلۇق ھالەتتىكى بىرىكمە. سۇ مولىكولىسىنىڭ خىمىيەلىك تەركىبى ئوكسىگىن ۋە ھىدروگىن بولۇپ، بىر تال سۇ مولىكولىسى بىر ئوكسىگىن ئاتومى بىلەن ئىككى ھىدروگىن ئاتومىنىڭ 114.5 گرادۇسلۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ باغلىنىپ تۇرىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئاتوملار ئارىسىدىكى باغ ئېنىرگىيەسى كۈچلۈك بولغانلىقتىن نورمال ئېنىرگىيە شارائىتىدا بۇ ئاتوملار پارچىلىنىپ كەتمەي مۇقىم ھالىتىدە تۇرىدۇ. نورمال ئاتموسڧىرا بېسىمىدا سۇيۇقلۇق ھالەتتىكى سۇ 0 گرادۇستىن 100 گرادۇسقىچە ئارلىقتا مەۋجۇت بولىدۇ، 0 گرادۇستىن تۆۋەن ھالەتتە كىرىستاللىنىپ قاتتىق ھالەتتىكى مۇزنى شەكىللەندۈرسە، 100 گرادۇستا قايتاپ زور مىقتاردا گازغا ئايلىنىدۇ. قاتتىق، سۈيۈق ۋە گاز ھالەتتە بولىشى ئۇنىڭ مولىكوللىرىنىڭ ئارلىقى ۋە ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، سۇنىڭ خىمىيلىك تەركىبى ئۆزگۈرۈپ كەتمەيدۇ.

بايان قىلىنغان بۇ مەلۇماتلار پەقەت ساپ سۇ ھەققىدىكى مەلۇماتلار. لېكىن، يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ساپ ھالەتتىكى سۇ بولماستىن تەركىبىدە ھەرخىل مىنىراللار، تۇزلار ۋە باشقا ئارلاشما ماددىلار مەۋجۇت بولىدۇ. بۇنداق بولىشى دېڭىز-ئوكيان بىلەن يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

2. سۇنىڭ ئايلىنىشى

دېڭىزدىكى سۇلار كۈن نۇرىدا پارلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بۇلۇت ۋە شامال ھاسىل قىلىدۇ. شاماللارنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن بۇلۇتلار يەز يۈزىدىكى قۇرۇقلۇقلارنىڭ ئۈستىگە سۈرۈلۈپ بارىدۇ، پارچە-پارچە بۇلۇتلار بىرلىشىپ، سىقىشىپ سۇيۇق ھالەتتىكى سۇغا ئايلىنىدۇ ۋە ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە يەرگە يامغۇر بولۇپ چۈشىدۇ. ئەگەر يۇقىرى بوشلۇقتا ھاۋا تېمپىراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولسا بۇ گازلار مۇزغا (مۆلدۈرگە) ئايلىنىپ يەرگە چۈشىدۇ. ئېگىز تاغ چوقىلىرىدا ھەمدە قىش كۈنلىرىدە ھاۋا سوغۇق بولغاچقا ناھايىتى كىچىك ئۇششاق مۇز كىرىستاللىرىغا يەنى قارغا ئايلىنىپ چۈشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار تۇرۇمۇشىدا ئېھتىياجلىق بولغان تاتلىق سۇنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى.
تاغلاردىكى قارلارنىڭ ئېرىشى بىلەن چوڭ دەريالارنى ھاسىل قىلغان سۇلار ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كىيىن يەنە دېڭىزغا قايتىدۇ ، يەرقاتلىمىغا سىڭىپ كىرىپ كەتكەن سۇلار يەر يۈزىنىڭ بەزى يەرلىرىدىن بۇلاق بولۇپ چىقىدۇ ۋە يەنە ئېقىم ھاسىل قىلىدۇ.   ئادەتتە قۇرۇقلۇق دېڭىز يۈزىدىن ھامان ئۈستۈن بولغانلىقى ئۈچۈن قۇرۇقلۇقتىقى چوڭ چوڭ ئېقىن سۇلار ئاخىرقى ھىساپتا يەنىلا دېڭىزغا قايتىدۇ...

3. دېڭىز سۈيى نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق بولىدۇ؟

«تۇزلۇق» دېگەندە سۇدىكى تۇزنىڭ مىقتارى ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەيلى ئاقار دەريا سۇلىرى بولسۇن، تاتلىق كۆل سۇلىرى بولسۇن سۇدا مەلۇم مىقتاردا تۇز بولىدۇ، بۇ تۇزنىڭ مىقتارى بىزنىڭ تېتىش سېزىمىزگە نىسبەتەن ناھايىتى ئاز بولغاچقا «تۇزسىز» ھېساپلايمىز. دېمەك تاتلىق سۇلاردىمۇ بەلگىلىك مىقتاردا تۇز بولىدۇ. يۇقىرىقى بايانلاردا دېڭىز سۇلىرىنىڭ كۈن نۇرىدا پارلىنىپ بۇلۇتقا ئايلىنىپ قۇرۇقلۇققا يامغۇر، قار بولۇپ ياغىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا يەنە دېڭىزغا قايتىدىغانلىقىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق. بۇ جەرىياندا تاغلاردىكى قۇرام تاشلارنى، قۇرۇقلۇقتىكى، يەر ئاستىدىكى ماددىلارنى ئېرىتىپ ماڭىدۇ، مانا بۇ بىز ئىشلىتىدىغان سۇدىمۇ بەلگىلىك مىقتاردا تۇزنىڭ بولىشىنىڭ سەۋەبى. ئەمدى دېڭىز سۇلىرىنىڭ نېمىشقا تۇزلۇق بولىدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن مۇماسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. يەنى، مۇنداق پەرەز قىلساق: مىليون يىللار ئىلگىرى دېڭىز سۇلىرى «تاتلىق» بولۇپ، مىليون يىللاردىن بېرى قوياش نۇرىنىڭ قىزدۇرىشى بىلەن بۇ سۇلار پارغا ئايلىنىپ قۇرۇقلۇققا چۈشۈپ يەنە دېڭىزغا قايتىپ كەلگەن. ئەلبەتتە قۇرۇقلۇقتا يانار تاغلار يەر ئاستىدىكى مەدەنلەرنى، تۇزلارنى يەر يۈزىگە چىقىرىپ تۇرىدۇ، دېڭىز سۇلىرى يامغۇر بولۇپ قۇرۇقلۇقتىكى بۇ تۇزلارنى ئېرىتىپ دېڭىزغا قۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. دېڭىزدىكى سۇلار بولسا يەنە پارلىنىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنە يەر يۈزىگە تاتلىق سۇ ھالىتىدە چۈشىدۇ... يەر يۈزىدە بۇنداق ئايلانما شۇنچە كۆپ يىللاردىن بېرى تەكرارلىنىپ تۇرىشى بىلەن دېڭىز سۈيىدىكى تۇز مىقتارى بارا-بارا ئارتىپ ھازىرقىدەك تۇزلۇق ھالەتكە كەلگەن. شۇڭا پەرىزىمچە، دېڭىزنىڭ تۇزلۇق دەرجىسىى بارا-بارا ئېشىپ بېرىۋاتقان بولىشى مۇمكىن (بۇ يەنى دېڭىز سۈيىنىڭ بارا-بارا تۇزلۇق بولۇپ كىتىشى يۇقارقى بايانلاردىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان پەرەز بولۇپ، ئىلمىي ئاساسى بارمۇ يوق بىلمەيمەن، بۇنى شۇ ساھەدىكى مەلۇماتلىقلارنىڭ تولۇقلاپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن) .

4. دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىدىكى ھېكمەت نىمە؟

مېنىڭچە، دېڭىز سۇيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنى چوڭ بىر ھىكمەت دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئالدى بىلەن دېڭىز يەر يۈزىدىكى ھاۋا كېلىمات تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئاساسى ھېساپلىنىدۇ. بىلگىنىمىزدەك، دېڭىزدىكى سۇلارنىڭ پارلىنىشى بولغاچقا شامال ۋە يامغۇر مەۋجۇت بولىدۇ. بۇ ئەلبەتتە پارلىنىش مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پارلىنىش مىقتارى ۋە شامال بولسا دېڭىز سۇيىنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش مىقتارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. تۇزلۇق سۇلارنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى، ساقلىشى ھەمدە پارلىنىشى تاتلىق سۇلار بىلەن ئوخشىمايدۇ، يەنى سۇنىڭ ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى تۇز مىقتارى بىلەب مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئەمدى ئەگەر دېڭىز سۇلىرى تۇزلۇق بولمىغان بولسا دەپ پەرەز قىلساق قانداق بولاتتى ؟ شۇنداق بولغان بولسا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقتاردىكى سۇ پارغا ئايلىنىپ كۆپ مىقتاردا يېغىن ۋە كۈچلۈك شاماللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولىشى مۇمكىن ئېدى. بۇنداق غەيرى تەڭپۇڭسىز ھاۋا كىلىماتى بەلكىم ئىنسانلارنىڭ نورمال ياشىشىغا ماس كەلمىگەن بولىشى مۇمكىن ئېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن دېڭىز سۇلىرى قىش كۈنلىرى مۇز بولۇپ قاتمايدۇ. ئەگەر دېڭىز يۈزى مۇز بولۇپ قېتىپ كەتكەن بولسا دېڭىزدىكى ۋە دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى سۇنىڭ ئايلىنىشى توختاپ قالغان بولاتتى، دېڭىز ئاستىدىكى جانلىقلار ۋە ئۆسۈملۈكلەر ياشىيالمىغان بولاتتى، يەر يۈزىدىكى ئوكسىگىن مىقتارى زور دەرجىدە ئازلىغان بولاتتى. ئىلمي تەتقىقات پاكىتلىرىغا ئاساسلانغاندا يەر يۈزىدىكى ئوكسىگىننىڭ تەخمىنەن %50 تىن كۆپىرەكىنى دېڭىز-ئوكيانلاردىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر تەمىنەيدىكەن. بۇ لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر قوياشتىن كەلگەن نۇرنىڭ دېڭىزنىڭ يۇقىرى قەۋىتىگە يېتىپ كىشى بىلەن ڧوتوسىنتىز ئارقىلىق ئوكسىگىن ئاجىرىتىپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا ئەگەر مۇز تۇتۇپ كەتكەن بولسا دېڭىز يۈزىدىكى دولقۇنلار بىلەن ۋە سۇنىڭ سۈمۈرىشى بىلەن ئەسلىدىنلا ئاجىزلىشىپ كەتكەن نۇر تېخىدىنمۇ ئاجىزلىشىپ كىتەتتى ھەمدە بۇ ئۆسۈملۈكلەر ئوكسىگىن ئىشلەپ چىقاردى دېگەن تەختىردىمۇ بۇ ئوكسىگىنلار دېڭىز يۈزىدىكى ھاۋا بوشلۇقىغا چىقالمايتتى...

ئەگەر دېڭىز سۇيى تۇزلۇق بولمىغان بولسا دېڭىزنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ خىل تۇزلۇق سۇ مۇھىتىغا ئادەتلەنگەن بېلىقلار ياشىيالماسلىقى مۇمكىن ئېدى، شۇنداق بولسا دېڭىز-ئوكيان ئېكىلوگىيەلىك تەڭلۇڭلۇقى بولمايتتى ۋە بۇ قۇرۇقلۇق ئىكىلوگىيەسىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بولاتتى ۋە ھاكازالار...

يىغىپ ئېيتقاندا، دېڭىز سۇيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىمۇ بىر ھېكمەت ۋە غەنىمەت بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا نە دېڭىزدىكى جانلىقلار نە قۇرۇقلۇقتىكى جانلىقلار غەيرى نورمال ئىكولوگىيە تەسىرىدىن ياشىيالمىغان بولاتتى. ئەگەر يۇقىرىدىكى دېڭىز سۇيىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇزلۇق بولىدىغانلىقىغا بېرىلگەن تەبىر ۋە پەرەز توغرا بولسا يەر شارىدا ئاستا - ئاستا ھۆل يىغىن ئازلاپ ماڭغان، ھاۋا قۇرغاقلىشىپ، تاتلىق سۇ ئازلاپ ماڭغان بولىدۇ. دېڭىز ساھىللىرىدا كۈندۈزلىرىگە قارىغاندا كېچىللىرى كۆپ شامال چىققان بولىدۇ...

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-22 23:42:22

بۇ ھەقتە مەندە بىر ماتىرىيال بار. ئۆيگە قايتىپ بېرىپ يوللاپ قوياي

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 02:16:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardar8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-23 02:20  

دېڭىزدىكى سۇلار كۈن نۇرىدا پارلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ بۇلۇت ۋە شامال ھاسىل قىلىدۇ……شامال قانداق ھاسىل بۇلىدۇ؟سۇقانداقسىگە شامالنى پەيدا قىلىدۇ ؟تەرتىپى قانداق ؟تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 03:30:23

شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك, يەنى ھاۋا يۇقىرى بېسىملىق يەردىن تۆۋەن بېسىملىق يەرگە يۆتكىلىشىدىن شامال شەكىللىنىدۇ.
ھاۋا بېسىمى ھاۋا زىچلىقى ۋە تېمپىراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك, يەنى زىچلىق ۋە تېمپىراتۇرا يۇقىرى بولسا ھاۋا بېسىمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

دېڭىز سۈيى پارلانغاندا ئىسسىقلىق سۈمۈرۈپ ھاۋا تېمپىراتۇرىسى چۈشىدۇ ۋە زىچلىقى ئارتىپ ئېغىرلىشىپ پەسكە قاراپ چۆكىدۇ. نەتىجىدە دېڭىزنىڭ يۈزىگە يېقىن ھاۋا بېسىمى ئارتىدۇ, ئۈستىرەكىدىكى ھاۋا بېسىمى كېمىيىدۇ.
قۇرۇقلۇقتىكى ھاۋا كۈندۈزلىرى دېڭىزغا قارىغاندا ئىسسىقراق بولغانلىقى ئۈچۈن يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋا ئىسسىق, ئۈستىرەكى سوغۇقراق بولىدۇ. شۇڭا قۇرۇقلۇقتا ھاۋا يۇقىرىغا كۆتۈرىلىدۇ, يەر يۈزىدە بېسىم تۆۋەنلەيدۇ. دېېڭىز يۈزىدە بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ ھەمدە پۈتۈن بۇ جەريانلار كېچىىسى ئەكسىچە بولىدۇ.

شۇڭا كۈندۈزلىرى يەريۈزىگە يېقىن ھاۋادا دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا, كېچىلىرى قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزغا قاراپ شامال شەكىللىنىدۇ. يەر يۈزىدىن 140مېتىردىن يۇقىرى بولغان ھاۋادا بولسا پۈتۈن بۇ جەريانلارنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ ۋە دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇق ئارىسىدا مۇشۇنداق ھاۋا ئايلانمىسى شەكىللىنىدۇ.

دېمەك شامال مۇشۇنداق شەكىللىنىدۇ.  

aLKaMaL1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:48:08

سەئۇدىدا ئالاقىدارلار دىڭىز سۈيىدىن تاتلىقسۇنى ئايرىپ ئىشلىتىمىشقۇ

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:55:47

ئەگەر دېڭىز سۈيى تۇزلۇق بۈلمىغان بولسا تۇزلۇق سۇغا كۆنگەن جانلىقلار ياشىيالماسلىقى مۇمكىن ... دىگەننى نەزەردىن ساقىت قىلىپ باشقا ئېھتىماللىقنى داۋاملىق ئويلاشساق تېخىمۇ توغرا بولارمىكىن دىدىم كۆڭلۈمدە .
چۈنكى سىزنىڭ نەزەرىيىڭىز دېڭىز سۈيىنى ھازىر تۇيۇقسىزلا تۇزىسىز قىلىۋېتىش ئەمەس بەلكى بۇرۇندىنلا تۇزسىز بولۇش .

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 10:56:32

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 03:30 static/image/common/back.gif
شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋە ...

قازانغا سۇ قۇيۇپ قايناتساق قازاندىن‹‹ھور›› ‹‹شامال ››،‹‹ يامغۇر›› ھەتتا ‹‹يۆتكىلىش››مۇ ھاسىل بولغاندەك دەڭە ..
قازانغا سۇقۇيۇپ قاينىتىش پىرنسىپىغا چۈشۈدىگەن..

nasirdin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 13:21:32

نىمە ئۈچۈن دولقۇنلۇق بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىلىملىكلەر بارمىدۇ ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:33:26

بىر يۇمۇر بۇلىدىغان :
-دېڭىز سۋيى نىمىشقا تۇزلۇق بۇلىدۇ ؟
دېڭىز دىگەن چوڭ كۆل ، تۇزلاپ تۇرمىسا سېسىپ كەتمەمدۇ !!!!!:lol:lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:34:02

قالتىس تېمىكەن ماۋۇ ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالدۇق

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 20:40:20

nasirdin يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 13:21 static/image/common/back.gif
نىمە ئۈچۈن دولقۇنلۇق بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىلىملىك ...

تەخسىگە سۇ قويۇپ پۈۋلەپ بېقىڭە:lol

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 21:43:32

ئالدى بىلەن بىزنى يېڭى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت! تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ مۇشۇئىنكاسىمدا سورىۋالاي؛ خېلى بوپقالدى، ئىلىم-پەن تورى ئېچىلمايۋاتقىلى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-23 23:10:13

aLKaMaL1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 10:48 static/image/common/back.gif
سەئۇدىدا ئالاقىدارلار دىڭىز سۈيىدىن تاتلىقسۇنى ئايرى ...

سۇ مالىكولىسى بىلەن تۇز ئيئونلىرىنى ئايرىپ ئۆتكۈزىدىغان  بىر خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردە كەشىپ قىلىنىپتىكەن، ئېھتىمال سەئۇدىيدا شۇ خىل سۈزگۈچ پەردىدىن پايدىلانغان بولسا كېرەك.بۇ ئۇسۇلنىڭ تەننەرقى خېلى يۇقرىغۇ-دەيمەن.
     مۇشۇ ھەقتە مۇنداق بىر قۇرۇلمىنى ئويلاپ يۈرەتتىم(يەنى ئۆپكە-ھېسىپ قۇيغانلارنىڭ ھىس قىلغان بىر ئىشىدىن كەلگەن ئىلھام):
  ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئۆپكىنىڭ قۇيۇش ئېغىزىدىن(كانىيىدىن) تۇز تەمى تەڭشەلگەن كىراخمال ئومىچىنى قۇيسا،  يۈرەك قان تومۇرىنىڭ كېسىلگەن يېرىدىن سۈزۈك ھەم تۇزسىز سۇ سىرغىپ چىقىدىكەن. مەن بۇنى سىناپ باقماپتىمەن، ئەگەر شۇنداق ئىش راس بولسا، ئۇ ھالدا ھايۋان ئۆپكىسىدىن پايدىلىنىپ يەرلىك ئۇسۇلدا تۇزلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرغىلى بولغىدەك. ئەگەر بۇنى شورلۇق زىمىنلاردىكى زەيكەش سۇلىرىنى تۇزسىزلاشقا ئىشلەتسە، ئىختىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولارمۇ دەيمەن.(ئەلۋەتتە بۇنىڭغا تەننەرقى ئىنتايىن ئەرزان توختىشى ئۈچۈن كالا ئۆپكىسىنى ئىشلىتىش كېرەك)
    مەن يۇقۇرقى ئىشنىڭ مۈمكىنلىكىنى نەزەرىيە جەھەتتىن مۇنداق ئويلۇدۇم: ئۆپكىنىڭ ئىچكىي تۈزۈلۈشىنى كۆرسىتىدىغان رەسىمدىن كۆرۈشكە بولىدىكەنكى، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرىدىغان قىلدام قان تومۇرلار بولىدىكەن.ئۇ قىل قان تومۇرلىرى بىلەن پۈۋەكچە بوشلۇقىنى ئايرىپ تۇرىدىغان نېپىز پەردە بار ئىكەن. ناۋادا مۇشۇ نېپىز پەردە يېرىم ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولسا، پۈتكۈل پۈۋەكچىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆپكە كانىيىغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا، ئۆپكە كانىيى بىلەن يۈرەك قىزىل تومۇرى(ياكى كۆك تومۇرى) ئوتتۇرىسىدا تەبىي بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ توسما بار بولغان بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردىنىڭ ئۇچرىشىش يۈزى ناھايتى چوڭ بولغاچقا، سۈزۈش ئېقىم مىقدارىمۇ كۆپ بولىدۇ. تۇزسىزلاشقا ئىشلىتىلسە تۇزلۇق مۇھىتتا ئاسانلىقچە چىرىمەسلىكى مۈمكىن. قالغىنىنى تەجرىبە ئۆزى ئسپاتلىسۇن.سىناپ باقىدىغانلار بارمۇ؟

Uyghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 08:24:11

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 03:30 static/image/common/back.gif
شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋە ...

شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك, يەنى ھاۋا يۇقىرى بېسىملىق يەردىن تۆۋەن بېسىملىق يەرگە يۆتكىلىشىدىن شامال شەكىللىنىدۇ.
ھاۋا بېسىمى ھاۋا زىچلىقى ۋە تېمپىراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك, يەنى زىچلىق ۋە تېمپىراتۇرا يۇقىرى بولسا ھاۋا بېسىمىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
  شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك, يەنى ھاۋا يۇقىرى بېسىملىق يەردىن تۆۋەن بېسىملىق يەرگە يۆتكىلىشىدىن شامال شەكىللىنىدۇ. بۇ توغرا لىكىن تېمپۇراتۇرىنىڭ يۇقۇرى بولىشى ھاۋانىڭ زىچلىقىنى ئەمەس شالاڭلىقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. توۋەن تېمپۇراتۇرا ھاۋانىڭ زىچلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ ھاۋانى نىسبى ئېغىر ھالاتكە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سوغوق، نىسبى ئېغىر بولغان ھاۋا نىسبى تۆۋەن بوشلۇقتا كېڭىيىپ، ئىسسىق زىچلىقى بىرقەدەر شالاڭ ھەم نىسبى يىنىك بولغان ھاۋانى يۇقۇرىغا ئۆرلىتىپ ھاۋا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ شامال ھاسىل قىلىدۇ.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 11:00:13

يۇقۇردا يازغانلىرىمغا يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلىشنى لايىق تاپتىم: بىزگە ئايانكى ئادەم بەدىنىدىن سۇنىڭ پارلىنىپ چىقىش يولى پەقەت ئىككىلا، بىرى-بەدەن سىرتى(تەر تۆشۈكچىلىرى)، يەنە بىرى-ئۆپكىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى بوشلۇق(كاناي،كاناي شاخچىلىرى،پۈۋەكچىلەر). ئەمدى تەر تۆشۈكچىلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭدىن سۇ ئاجرىلىپ چىقىش بىلەن بىرگە يەنە تۇزلار،ئورىئا ۋە باشقا كېرەكسىز ئاجرالمىلار ئاجرىلىپ چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت تەرلەپ ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ كۆينىكىدە شورداپ كەتكەن داغلارنىڭ پەيدا بولۇشى تەر بەزلىرىنىڭ پەردىسىدىن تۇز ماددىسىنىڭ ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما ئۆپكە داۋاملىق تۈردە توختىماستىن سۇنى پارلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچكىي يۈزىدە تۇز ماددىسىنىڭ يىغىلىپ «شورداپ» قالغىنى يوق. دىمەك، ئۆپكە پۈۋەكچە پەردىسى قان تەركىۋىدىكى سۇنىلا ئۆتكۈزۈپ، تۇز ماددىسىنى ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى جەزىم قىلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ئۆپكە چوڭ قىزىل تومۇرىغا تۇرۇبا ئۇلاپ، تۇرۇبىدىن تۇزلۇق سۇنى بېسىم بىلەن ماڭدۇرۇلسا، ئۆپكە كانىيىدىن تۇزسىز سۇ چىقىشى مۈمكىن.(ياكى كانايدىن بېسىم بىلەن ماڭدۇرۇلسا، چوڭ تومۇردىن تۇزسىز سۇ چىقىشى مۈمكىن ) ،قېنى بۇنى سىناپ باقايلى.

13565528655 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 22:11:45

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 23:10 static/image/common/back.gif
سۇ مالىكولىسى بىلەن تۇز ئيئونلىرىنى ئايرىپ ئۆتكۈزىدى ...

ئۆپكە سۇدىكى تۇزنى سۈزدىمۇ دەيلى، لىكىن بۇ سۈزۈش ئۆپكە ئارقىلىق ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلسە ئۆپكە ئىچىدە سۈزۈلۈپ قالغان تۇز مىقدارى بارغانچە ئېشىپ بارماسمۇ، بېرىپ بېرىپ بۇ سۈزۈش ئۈچۈن ئىشلەتكەن ئۆپكىنىڭ ئىچى لىق تىۇز بىلەن تۇشۇشى مۇمكىن، بۇ تۇزنى بىراقلا ئۆپكە ئىچىدىن چىقىرۋېتىش مىنىڭچە ئاسان ئەمەس، دىمەك بىرسى تۇز بىلەن تۇشۇپ قالسا يەنە باشقا ئۆپكىگە ئالماشتۇرۇش كىرەك ئەلۋەتتە، بۇنداق بولغاندا چىقىمنىڭ ئىشىپ كىتىغىنى ئىنىق.

13565528655 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 22:19:58

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 11:00 static/image/common/back.gif
يۇقۇردا يازغانلىرىمغا يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلىشنى لايىق ...

ئۆپكىدە قان ئايلىنىۋاتقان ھالەتتە ئۇنىڭغا سۈزۈلگەن تۇز دانچىلىرى يىغىلىپ قالمىغان بىلەن ئۆپكە قان ئايلىنىشتىن توختىغان ھالاتتە تۇز دانچىلىرى چۇقۇم ئۇنىڭ ئىچكى دىۋارىدىكى سۈزگۈچ كە يىغىلىپ قېلىشى ئىنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە ئۆپكە ئادەم تىنىدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىچىگە سۇ ئەمەس پەقەت ھاۋالا سۈمۈرلىدۇ، شۇڭا ئۆپكىدە شور ئۆرلەپ چىقىش ئىمكانىيتىمۇ يوق

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-24 23:25:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilig تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-25 00:47  

نىمە ئۈچۈن دولقۇنلۇق بولىدىغانلىقى توغۇرلۇق ئىلىملىكلەر بارمىدۇ ؟
......................
دولقۇنلۇق بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۈچ خىل:

1. ئاينىڭ تارتىش كۈچى
2. دېڭىز يۈزىدىكى شامال
3. دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغ ۋە يەر تەۋرەش
بۇلاردىن ئۈچۈنچىسى داۋاملىق يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن.  يۈز بەرسە، دېڭىز ئاستىدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەر بىلەن يوقۇتۇش خاراكتېرلىق ئاپەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن، ياپۇنىيەدىكى دېڭىز تاشقىنىدەك...  

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 00:15:50

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-23 21:43 static/image/common/back.gif
ئالدى بىلەن بىزنى يېڭى بىلىمدىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا ...

رەھمەت سىزگە!
تور بوشلۇقىنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى تولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتىنچە توختاپ قالدى،  ئەپۇ سورايمەن! خۇدا بۇيرىسا، پات ئارىدا ئېچىشقا تىرىشىمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 00:34:42

Uyghun1 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-24 08:24 static/image/common/back.gif
شامالنىڭ شەكىللىنىشى ھاۋابېسىمى پەرقى بىلەن مۇناسىۋ ...

دېگىنىڭىز توغرا، ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ھاۋا ئىسسىقلىقتىن كېڭىيىپ كۆتۈرىلىدۇ، سوغۇقتىن زىچلىشىپ (ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىدە) پەسكە چۈشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاۋا مولىكولىللىرى توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ھاۋا بېسىمى دېگەن گەپ،  بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ھاۋا مولىكوللىرىنىڭ بىرلىك يۈزگە چۈشۈرگەن ئۇرۇلۇش كۈچى دېگەن گەپ. بېسىمنىڭ يۇقىرى بولىشى ئۈچۈن ئىككى خىل ئامىل مۇھىم:  1) ئوخشاش يۈزگە ئۇرۇلۇپ تۇرغان ھاۋا مولىكوللىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولىشى 2) سوقۇلۇش تېزلىكىنىڭ يۇقىرى بولىشى. سوقۇلۇش تېزلىكى ھاۋانىڭ تېمپراتۇرىسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، شۇڭا تېمپراتۇرا يۇقىرى بولسا بېسىممۇ ئارتىدۇ. مەسىلەن، مىجىلىپ كەتكەن شاكال توپنى ئىسسىق سۇغا بىر ئاز سېلىپ قويساق، توپ ئەسلىگە كېلىپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى توپنىڭ ئىچىدىكى ھاۋا ئىسسىپ ھاۋا بېسىمى ماس ھالدا ئارتقان. دېمەك، بۇ يەردە دەۋاتقانلىرىمىز يېپىق ھەجىمگە نىسبەتەن دېگەن سۆزلەر.  ئوچۇق بوشلۇقتا سىز دېگەندەك، ئىسسىق ھاۋا كۆتۈرۈلىدۇ، شالاڭلىشىدۇ ۋە بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ. سوغۇق ھاۋا پەسكە چۆكىدۇ، زىچلىشىدۇ ۋە بېسىمى ئارتىدۇ.  قوشۇمچە:  ئىسسىق ھاۋا  سوغۇق ھاۋادىن يەڭگىل بولىدۇ،  ئىسسىق گاز شارىنىڭ پىرىنسىپىمۇ مۇشۇ يەردە.
بەت: [1] 2
: دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى