Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 00:59:47

asalam يوللىغان ۋاقتى2014-9-23 10:55 static/image/common/back.gif
ئەگەر دېڭىز سۈيى تۇزلۇق بۈلمىغان بولسا تۇزلۇق سۇغا كۆن ...

ئادەم ئەلەيھېسسالام زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن، زېمىندا ئىنسانلار ھاياتى باشلانغاندىن باشلاپلا بۇ سۇ تۇزلۇق ياكى تۇزلۇقراق بولىشى مۇمكىن؛ ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يەر شارى يەنىلا مەۋجۇت بولغان بولىشى، دېڭىز سۈيى تۇزسىز ياكى تۇزسىزراق بولىشى مۇمكىن... مۇشۇنداق پەرەز قىلساقچۇ؟

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-9-25 18:48:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-9-25 18:52

13565528655 يوللىغان ۋاقتى2014-9-24 22:11 static/image/common/back.gif
ئۆپكە سۇدىكى تۇزنى سۈزدىمۇ دەيلى، لىكىن بۇ سۈزۈش ئۆپك ...

دىگىنىڭىز توغرا، تۇزلۇق سۇ ئۆپكە كانىيى بىلەن كىرگۈزۈلسە دەل سىز دىگەندەك بوپ قالغىدەك، ئەگەردە چوڭ قىزىل تومۇردىن بېسىم بىلەن تۇزلۇق سۇ كىرگۈزۈپ، چوڭ كۆك تومۇر ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلسە، چىقىش ئۇچى كىلاپىنى تاقىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا، بېسىم تەسىرىدە ساپ سۇ پۈۋەكچە پەردىسىدىن ئۆتۈپ كاناي بىلەن چىقىپ كەتمەسمۇ، مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن چوڭ كۆك تومۇردىكى چىقىش كىلاپىنى ئېچىۋېتىلسە شاكراپ ھالەتتىكى تۇز سۈيى چىقماسمۇ(چۈنكى ئادەتتىمۇ ئارتىرىيەدىن بېسىم بىلەن كىرگەن قان ۋىنادىن چىقاتتى، قان تەركىۋىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدى بىلەن بىر قىسىم سۇ ئۆپكە پۈۋەكچىسى پەردىسى ئارقىلىق سىرىتقا چىقىپ كېتەتتىغۇ ).

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-26 09:08:09

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-9-25 00:59 static/image/common/back.gif
ئادەم ئەلەيھېسسالام زېمىنغا چۈشۈرۈلگەن، زېمىندا ئىن ...

مېنىڭمۇ ئويلىغىنىمدا دېڭىز سۈيى ئەگەر دەسلىپىدىنلا تۇزسىز بولغان بولسا ئۇنىڭدىكى جانلىقلارمۇ شۇ شارائىتقا ماسلاشقان بولىشى كېرەك ئىدى . شۇڭا دېڭىز سۈيى تۇزسىز بولسا ئۇنىڭدىكى جانلىقلار كۆنەلمەي ئۆلۈپ قېلىش ئېتىمالى تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىگەن زىت بوپقالىدىكەن دىمەكچى .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 23:29:46

بۇ دېگەنلىرىمنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات بىلەن بىر مۇناسىۋېتى يوق. مېنىڭ دېگىنىم، دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى سۇنىڭ ئايلانمىسىدا قۇرۇقلۇقتا تۇپراقتىكى مىنراللار، ئۆلگەن جانلىقلار، يەر ئاستىدىكى ۋە ئۈستىدىكى ھەرخىل ئارلاش ماددىلار تەركىبىدىكى تۇزلار سۇدا ئېرىپ ئۆزلۈكسىز دېڭىزغا قۇيۇلۇپ مېڭىشى ۋە دېڭىزدىكى سۇنىڭ كۈن نۇرىدا پارلىنىپ ئۈززلۈكسىز قۇرۇقلۇققا يېغىپ تۇرىشى ۋە بۇ جەرىياندا تەدرىجىي ھالدا دېڭىزدىكى تۇزنىڭ مىقتارى ئارتىپ بېرىشى...

ئىنسانلار بۇ زېمىنغا تۇنجى ئاياق باسقاندىلا ئىنسان ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ياشاش شارائىتىغا ماس كەلگەن يېپيېڭى بىر ماكان بولىشى تەبىئىي. ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇزسىزمۇ تۇزلۇقمۇ مەن بىلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ۋە پەرەز قىلىنغان بايانغا كۆرە، دېڭىز سۈيى بارا-بارا تۇزلۇقلىشىپ بارىدۇ ۋە بۇ ھاۋا شارائىتلىرىنىڭ ئاز-ئاز بولسىمۇ ئۆزگىرىپ مېڭىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.

«تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيسى» ئۆز-ئۆزىگە زىت بىر نەزەرىيە. ئۇ جانلىقلار تۈرلىرىنىڭ دېڭىزدىكى بىر ھۈجەيرىلىك ئاددى جانلىقلارنىڭ دېڭىز ئاستىدا «تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ»كۆپ ھۈجەيرىلىك جانلىقلارغا، ئاندىن بېلىقلارغا، ئاندىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ ئۆمىلىگۈچى ۋە قۇشلارغا ئاندىن سۈت ئەمگۈچىلەرگە ۋە ئاخىرىدا (تولىمۇ كۈلكىلىك ھالدا)ئوراڭگىتاندىن ئىنسانغا ئۆزگەرگەن دېگەن پۈتۈنلەي پەرەز ۋە توقۇلما ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر سەپسەتە. بۇنىڭ سەپسەتە ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئاددىي دەلىلى، تەدرىجىي تەرەققىيات جەرىيانىدىكى ئارا تۈرلەرنىڭ مەۋجۇت بولماسلىقى ۋە ھەر تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ ھازىرمۇ مەۋجۇت بولىشى...

ئاخىرقى ئابزاسلار بىر ئاز ئارتۇقچە، لېكىن چۈشەنچىنى ئايدىڭىلاشتۇرۇش ئۈچۈن قېتىپ قويدۇم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-9-27 23:35:35

دېڭىز سۇيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بەلكىم دېڭىزدىكى جانلىقلارنىڭ يەنى بېلىقلارنىڭ، كىتلارنىڭ ئۆلگەندىن كىيىنكى قاندۇقلىرى ياكى چىقىرىندىلىرى... قاتارلىقلارمۇ بولىشى مۇمكىن.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-28 09:58:04

ئەگەر دېڭىز سۇيى تۇزلۇق بولمىغان بولسا دېڭىزنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا بۇ خىل تۇزلۇق سۇ مۇھىتىغا ئادەتلەنگەن بېلىقلار ياشىيالماسلىقى مۇمكىن ئېدى،

Roma1im يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 18:53:22

ھە

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:20:02

بىلىگ
تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولسا ھاۋا زىچلىقى ئاشىدۇ،ماس ھالدا ھاۋا بېسىمىمۇ كۈچىيىدۇ
يەنە بىر تۈزىتىشكە تېگىشلىك گەپ
يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا سۇ ھورى ئۇيۇشۇپ سۇ تامچىلىرىغاياكى ئۇششاق مۇز كىرىستاللىرىغا ئايلىنىپ پەسكە چۈشىدۇ،پەسكە چۈشۈش داۋامىدا تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىنىڭ تېمپىراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن بولسا قار، نۆلدىن يۇقىرى بولسا يامغۇر بولۇپ چۈشىدۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:31:09

تېما مەزمۇنى ۋە ئىنكاسلاردا بەزىبىر خاتالىقلار بار،يانفوندا يېزىپ بولغىلى بولمايدىكەن،ئەتە ئىشخانىدا ۋاقىت چىقىرىپ يوللاپ قوياي
دولقۇن شەكىللىنىشى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىشىنىڭ نەتىجىسى، مەن يەنە بىرنى تولۇقلاپ قوياي
كونۋېكسىيە رولىمۇ بار

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-12-14 22:49:28

بۇ تېما ئۈچ يەردە تۇرىدىغۇ
ئۈچ قېتىم تەستىقلىۋەتتىڭلارمۇ يا
بەت: 1 [2]
: دېڭىز سۈيىنىڭ تۇزلۇق بولىشىنىڭ سەۋەبى ۋە ھېكمىتى