ئىمپورت دۇكانلىرى زەيتۇن مېۋىسى ساتمايۋاتامدۇ؟
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201405/06/161830tws9y0psfh0csfhz.jpg.thumb.jpgبىر-ئىككى يىللار بۇرۇن رايۇنىمىزدىكى ئىمپورت ماللىرى دۇكانلىرى ھەم ئىخلاس تاللا دۇكانلىرىدا تۈركىيەنىڭ زەيتۇن كونسىرۋالىرى خىلى كەڭرى ئىدى. شىپالىق خۇسۇسىيەتلىرىنى تېببى ئوقۇشلۇقلىرىمىزدا تولا كۆرەپ غايىبانە ھەۋەس باغلىغان بۇ مېۋىنى دەسلىۋىدە يەپ بېقىپ تەمىگە زادىلا كۆنەلمىدىم، زورلاپ بېقىپمۇ زادىلا بولماي تاشلاپ قويغان ئىدىم. باشقىلاردىن سورىسام ھەممىسى دېگۈدەك زەيتۇن مېۋىسىنى ياقتۇرمىغانلىقىنى، تەمىگە كۆنەلمىگەنلىكىنى ئېيتىشتى.
تۈركيەنىڭ كۆپ قىسىملىق فىلىملىرىدا ناشتىدا كەم بولمايدىغان بۇ مېۋىنى نان - ئەكمەك، ھەر خىل كۆكتاتلار بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قايتىدىن يەنە بىر غەيرەت قىلىپ بىر قۇتا سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۆيدە تەرخەمەك، شوخلا، پىياز دېگەندەكلەر بىلەن سالات تەييارلاپ يەپ باقسام بۇ نۆۋەت سەل تېتىپ قالدى، ناشتىلىقدا ھەسەل، گۈلقەنتلەر قاتارىغا ساناپ تۇرۇپ يەتتە تال زەيتۇن مېۋىسى قوشۇلغان بولدى. شۇنداق قىلىپ بۇ مېۋىگە باشقىچە كۆنۈپ قالدىم. مېجەزىمگىمۇ يېقىپ قالغان ئىدى. ئارىدا بازاردىن (قەشقەر) خىلى ئىزدەپمۇ زەيتۇن مېۋىسى كونسىرۋاسىنى تاپالمىدىم. پەمىمچە بۇ مەھسۇلات خەلقىمىزنىڭ ئىستىمال-تەم ئادىتىگە ياقمىغانلىقى سەۋەبلىك بازار تاپالماي، تۈركيەدىن ئەكىرگەنلەر ساتالماي دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بازاردىن چىكىنگەندەك ئىدى. ئۆزۈم ئامراق بولۇپ قالغان سەۋەبلىك ئاتايىن بىر تېما ئىچىپ زەيتۇن مېۋىسى ئىزدەپ يۈرۈيمەن. ئۈرۈمچى ياكى باشقا شەھەرلەردە زەيتۇن كونسىرۋاسى سېتىۋاتقان ئىمپورت دۇكانلار بولسا ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلار. رەھمەت.
مۇناسىۋەتلىك تېما:
زەيتۇن ۋە سالات (ئارلاشما كۆكتات) ھەققىدە ئۈرۈمچى كونسۇل كوچسىدىكى ئارمان تاللا بازىردا ئالدىنقى ھەپتە كۆرگەن ئېدىم. مەنمۇ شۇ زەيتۇن دەۋاسىدا ۇزۇن بولدى ، يوقاپ كەتتى زادى . تۇنجى تېتىشتىلا امراق بولۇپ قالغانتىم ھەي .... تاۋباۋ تورىدا باركەن ، شۇيەردىن سېتىۋالسا ئىشەنچلىك چىقامۇ؟ بەزى باغۋەنلەر پىندىق ياڭىقى (文冠果) نى زەيتۇن دەپ تۇرۇۋالىدىكەن ، مەن « بۇ زەيتۇن ئەمەسمىكى دىسەم » ئۇ ئادەم : مەن ھەرەمگە بارغاندا كۆرگەن تۇرسام ، مۇشۇ شۇ دىگەنتى ، مەن باشقا گەپ قىلمىدىم ....
ئەمما تور بەتلەردىن تەكشۈرگەندە چىققان زەيتۇنغا ھەرگىز ئوخشىمايدىكەن ،
ما بىرزات ئەپەندىم يوللىغان خامسەينىڭ ئۈستىدىكى «قارا زەيتۇن » بىز كۆرگەن پىندىق ياڭىقىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئۇرۇققا ئەينەن ئوخشايدىكەن ، ئۇنى شۇ بەزىلەر زەيتۇن دەپ تۇرۇۋالىدىكەن .....
ئىچىدىكى ئۇرۇقىنىڭ رەڭگى ئوخشىمىدى دىگەندىمۇ مىۋىلەش ئالاھىدىلىگى ، دەرەخ شەكلى ئوخشاش بۇلۇشى كىرەك ئەلۋەتتە ....
زەيتۇن دەپ ياڭاق يەپ يۈرگەن بولمىسۇن يەنە بىرزات ھەكىم. شۇنداق بولسىزە بىرزات ھەكىم ياڭاق يىگەن يىلى دەپ كالىندار قىلىپ ئىشلىتىمىزدە خېلى مەزگىلگىچە. بىرزات تەرخەمەكنىڭ ئۈسىتىگە كۇمۇلاچ دورا بىسىپ يەمدۇ نېمە؟ :lol ياق،گۆش كۇمۇلىچى ۋەنزىدەك قىلىدۇ رەسىمگە قارىسام مەن تۈركىيەدە كۆرگەن زەيتۇنلارغا تازا ئوخشىمايدۇ، بىر قارىسام ئوخشايدۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ ھەكىم زەيتۇننى تونۇيالماي يۈرمەس...
زەيتۇننىڭ مىۋىسنى يىگىلى بولمايدىغانغۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-12 17:33
خىيالچى بورادەرنىڭ گېپى ئورۇنلۇق.
بىز خىزمەت ئەترىدى بولۇپ چۈشكەن كەنىتتە بىرەيلەن زەيتۇن ئۆستەردۇق، مىۋىسىدە ياغ تارتىپ يىدۇق دەيدۇ. مەن قىزىقىپ قېلىپ كۆرۈپ باقسام ياڭاقتىن يوغانراق مىۋىلەيدىكەن. ئىچىدىن ئاۋۇ ھەكىمنىڭ سەي تەخسىىسىدىكى قارا رەڭلىك ئۇرۇقتىن ئون نەچچە تال چىقىدىكەن.
توردىن زەيتۇن توغرۇلۇق ئىزلەپ باقسام، توردىكى رەسىمدە جىگدىگە ئوخشايدىكەن. پىشقان شەكلى قانداق بولۇدۇ بىلمىدىم، ئەمما توردىكىسى يېشىل رەڭلىك ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆز ئالدىمدا زەيتۇننىڭ 2 خىل شەكلى پەيدا بولۇپ قالدى. قايسىسىنىڭ ھەقىقى زەيتۇن ئىكەنلىگىنى ئايرىيالمىدىم. زەيتۇنگۇل ئىسىملىك بىرەرسىنى ئەمىرلىرىگە ئالسىلا ئىش پۈتىدىكەنغۇ ھەكىم ئىخلاستىكىلەر تۈركىيدىن ئىمپورت قىلغاندا جەمئىي يەتتە خىل ئىدىغۇ دەيمەن تۈرى، لېكىن زەيتۇنمۇ قارا زەيتۇن ۋە يىشىل زەيتۇن دەپ ئايرىلدۇ، ھەكمنىڭ يىگىنى راس زەيتۇن.... ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 17:33 static/image/common/back.gif
زەيتۇنگۇل ئىسىملىك بىرەرسىنى ئەمىرلىرىگە ئالسىلا ئىش ...
ھەكىم تۆت تال پۇل تېپىپ بولغىچە ئازدۇرۇپ تۇتۇپ بېرەي دەمسىلە نېمە:lol GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 20:15 static/image/common/back.gif
ھەكىم تۆت تال پۇل تېپىپ بولغىچە ئازدۇرۇپ تۇتۇپ بېرەي ...
تۇتۇپ بىرەي دىگەن قانداق گەپ ئۆزى قوش نىكاھلىنىش جۇڭگۇنىڭ قانۇنىغا خىلاپ كېلىدۇ، خىيالچى بۇرادەر تۆت خوتۇن ئېلىۋالمىغانسىلەر ھە.
گۇدلاكنىڭ دىگىنى شۇ گەپ.
ئارسلان مەمىتاخۇن چۈشەندۈرۈپتۇ يەنە تەپسىر قىممىساممۇ بولا ھە{:92:} GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-9-12 21:24 static/image/common/back.gif
ئارسلان مەمىتاخۇن چۈشەندۈرۈپتۇ يەنە تەپسىر قىممىسامم ...
مەن تېخى تۇتۇپ بىرىش دىگەننى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن ، زاڭلىق قىلغان ئوخشايدۇ دەپ ..... ۋاي، زەيتۇن دېگەن تەمى بەتتام مېۋىكەن، خۇددى تۈركىيەنىڭ قىسىملىق فىلىملىرىدەكلا {:92:} زەيتۇن كونسىىرىۋاسىنىڭ تەمى ئۇنچە بەك تاتلىقمۇ ئەمەس ، لېكىن پايدىلىق دەپ يېسىڭىز يەنىلا يەپ كۆنگىلى بولىدۇ... سالات ، پىسا دېگەنلەرگە سالسا خېلى ئۆزگىچە بولىدۇ..
بەت:
[1]
2