rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 00:02:39

بىر زاتكامنىڭ كۆرسەتكىنى قارا رەڭلىك زەيتۇن شۇ.فىندىك باشقا  مىۋە. ئەمما  چوڭ كىچىكلىكى زەيتۇن مىۋىسى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ شۇڭا  ھاجىلار ئارلاشتۇرۇپ قويدىمىكىن .
زەيتۇننىڭ تەمى قىرتاق، بولۇپمۇ ۋەتەنگە ئىمپورت قىلىنىدىغان ،قۇتىغا قاچىلىنىپ ئۇزۇن مەزگىل ساقلىغىلى بولىدىغىنى . يەنىلا  سەھرانىڭ يېڭى زەتتۇنلىرى قىاترق بولسىمۇ يېيىشلىك ،ئىشتىھا ئاچىدۇ. فىندىك بولسا  تەمى ياڭاققا  ئوخشاپ قالىدىغان مىۋە، چوڭ كىچىكلىكى زەيتۇنچىلىك بار. ئوزۇقلۇق قىممىتى ياڭاق بىلەن تەڭداشمىش ۋە پەقەت قارا دېڭىز رايونىدىلا  بولارمىش .(ژۇرنالدىن كۆرۈۋالغان ئۇچۇر،مەنغۇ ياڭاقنىڭ ئوزۇقلىقىنى ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايمەن ) .
ئەمما  ئاۋۇ زەيتۇن سالاتلار  ئوخشاپ كېتىپتۇ ئىشقىلىپ،بىرزات خانىمنىڭ زادى بەك ئېپى بار{:112:}


زەيتۇن سالات دېگەننى كۆرۈپ قىزىق بىر ئىش يادىمغا كەچتى .
بىلىگكام بىلەن بىر تىل كۇرسىدا بىللە  ئوقۇۋاتقان چاغ،ئۇلار ئۆيدە تۇراتتى شۇڭا  تاماقنى ئۆزلىرى ئېتىشەتتى. بىرھەپتە  ئاخىرى كۈنى بۇلار ئىچى پۇشقانچە تورت پىشۇرغىسى كېلىپ بارلىق ھۈنەرلىرىنى ئىشلىتىپ تورت پىشۇرۇپتۇ، تورتنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولسۇن دەپ چۆرىسىگە قارا زەيتۇن يېپىشتۇرۇپتۇ. تورت پىشقاندىن كىيىن قارىسا رەڭگى شۇنچىلىك چىرايلىق ئېقى ئاق،قىزىلى قىزىل ،قارىسى قارا ...پاھ پاھ {:193:}
يەپ بېقىپ :'( بوپ كەتكەن گەپ، چۈنكى قارا زەيتۇن ئەسلىدىنلا  تۇزلۇق بولىدۇ، ئۇنى دوخۇپكىدا  پىشۇرغاندىن كىيىن ئۇ تۇزلار تورتنىڭ قات قېتىغا سىڭىپ تورت تېخىمۇ تەملىك بوپ كەتكەن گەپ .:lol

كىيىن بۇ گەپنى بىلىگكاملار  دەرستە  تۈركچە قىلىپ بايان قىپ بەردى مۇئەللىم قوشۇلۇپ پۈتۈن بىر سىنىپ ئادەم يادىمىزغا كەچسىلا  خېلى بىر مەزگىلگىچە كۈلۈپ يۈردۇق ،زەيتۇن پاستا  دېيىشىپ :lol:lol:lol:lol

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 08:24:58

ئەنجۈر ۋە زەيتۇن قۇرئاندا ئىسمى ئاتالغان ئىككى مېۋە.
زەيتۇننى يەپ باقاي دەپ ئىخلاس تاللا بازىرىدىن كونسېرىۋاسىنى ئېلىپ بىر چىشلەپ قاپتىكەنمەن، دات نېمانداق لاۋزا نېمە ئۇ ( كونسېرىۋاسى بولغاچقا ھەم ئۇزۇنراق ساقلىنىپ قالغاچقا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، ئەسلى مېۋىسى ئۇنچە بولمىسا كېرەك ) شۇنداق قىلىپ ھاياتىمدا يەپ باققىنىم شۇ يېرىم تال زەيتۇن.
لېكىن ئەنجۈرگە كارامەت ئامراقمەن ئەنجۈر پەسلىدە بەزىدە بىركۈندە قىرىق نەچچىنى يەۋەتكىنىم ئېسىمدە، بولۇپمۇ سەھەر ۋاقتىدا ئالتۇندەك تاۋلىنىپ پىشقان، ئوتتۇرىدىن ئازىراق شەربىتى ئېقىپ تۇرغان ئەنجۈرنى شېخىدىن ئاۋايلاپ ئۈزۈپ يەڭگىل بىر ئىككىنى شاپىلاقلاپ بىسمىللا دەپ ئاغزىڭىزغا بىراقلا سېلىپ يەيدىغان بولسىڭىز ۋاي ۋاي… ئۇنىڭ ھوزۇرىغا جاھاندا ھېچنىمە تەڭ كەلمەس…

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 09:20:33

ئەنجۈرنىڭ گىپىنى قىلماڭلا

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:35:34

خام بازىرىغا كىلەلمەپسىلەدە بۇ يىل؟!!:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-13 12:50:14

خام بازىرى ئۇياقتا تۇسۇن ، ئارغى بۇلاقنىڭ ئىينىغىمۇ  ئۆتەپ باقمىدۇق يىتىپ تۇرۇپ موتو ھەيدەيدىغان ھەكىم

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-9-14 07:16:46

بەزى ئادەملەر بىلەن ئىككى كۆرۈشۈپلا قانداقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، زەيتۇن بىلەن بىر ئۇچراشسىلام بولامدۇ نىمە…

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:21:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 16:25  

         ماۋۇ مەن كۆرگەن «زەيتۇن» مىۋىلىرى
         




















oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:11:13

@Birzat
زەيتۇن مىۋىسى سېتىىدۇ
بىر قۇتىسى 25 يۈەن پارچە
توپ ئالغۇچىلارغا باھادا ئىتىبار قىلىمىز
13579695575

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:30:33

http://image.baidu.com/i?tn=baiduimage&ct=201326592&ie=utf-8&cl=2&fm=result&fr=&sf=1&fmq=&pv=&z=0&se=1&showtab=0&fb=0&width=&face=&istype=2&word=%E6%A9%84%E6%A6%84%E6%A0%91
ماۋۇچۇ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئئ

tomoki يوللانغان ۋاقتى 2015-1-13 20:42:48





قارا تۇرغىنى قارا زەيتۇن  ،يىشىل  تۇرغىنى شۇ  يىشىلراق زەيتۇن ئوخشايدۇ:lol :lol :P :lol
بەت: 1 [2]
: ئىمپورت دۇكانلىرى زەيتۇن مېۋىسى ساتمايۋاتامدۇ؟