misran807 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 11:25:29

ئاشنىڭىز سىزگە نىمە بەردى؟

جەمئىيەت تەرەققىي قىلمىغان، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر تۆۋەن چاغلاردا مۇھەببەتنىڭ قەدىر- قىممىتى ئادەمنىڭ ھاياتىدىنمۇ ئۈستۈن تۇراتتى. مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز- يىگىتلەر تۈرلۈك قىيىنچىلىك ۋە روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلسىمۇ، مۇھەببەتنىڭ كۈچ- قۇدرىتىدىن، ئەخلاق، نومۇسنىڭ تۈرتكىسىدىن ئاشۇ چىن، ھەقىقىي مۇھەببىتى ئۈچۈن ھاياتىدىنمۇ كېچەتتى.
ئۇ يىللاردا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ قاتماللىقىدىنمۇ ياكى فېئوداللىق ئىدىيىنىڭ ئاسارىتىدىنمۇ نۇرغۇن قىز- يىگىتلەر ئارزۇ- ئارمانلىرىغا يېتەلمەي ئاتا- ئانىلىرىنىڭ رايى بويىچە باشقا بىرلىرى بىلەن توي قىلىپ كېتەتتى- يۇ، يەنىلا بۇرۇنقى مۇھەببىتى، ئەقىدىسى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ساقلىنىپ قالاتتى. بەزىلىرى ھەتتا يوشۇرۇنچە باردى- كەلدى قىلىپ ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنىڭ غەزەپ- نەپرىتىگە قالاتتى.
توۋا دەيمەن، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، نىكاھ، مۇھەببەت ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە "ئاشنا" ۋە ئاشنىدارچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نېمە سەۋەپتىندۇر....
جەمئىيەتتە نۇرغۇن جاپاكەش، مەسئۇلىيەتچان، ئەخلاقلىق ئەر- ئاياللىرىمىز، ياش قىز- يىگىتلىرىمىز ئۆز ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەمىلىكى، ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ بەختى ئۈچۈن تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ. ئەمما شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىگە، مۇھەببەت جەۋھىرى بولغان پەرزەنتلىرىگە يۈز  كېلەلمەيدىغان ناشايان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەننى ئاز دەپ، بۇنىڭدىن نومۇس قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاشۇ "ئاشنا" دارچىلىقى ئۈچۈن باشقىلار ئالدىدا گىدەيمەكتە.
ئىلگىرىكى جەمئىيەتتە بەگ - غوجاملار قانچە كۆپ خوتۇن- توقاللارنى ئالسا بۇ ئۇلارنىڭ ئىمتىياز مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىپادىلەيتتى. ئەمدى ھازىر جەمئىيەتتىكى بەزى ئەر- ئاياللارنىڭ "ئاشنا- ئاداش" ئوينىشى نېمە زۆرۈرىيەتتىن بولىۋاتىدۇ؟ بىزنىڭ شۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلغۇدەك شۇنچە كۆپ ۋاقتىمىز بارمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا قىلغۇدەك ئىشلىرىمىز يوقمۇ ياكى ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ جەمئىيىتىمىزدە نەرخى قالمىدىمۇ؟ بىر دۆلەت، قايسى بىر مىللەت بۇزۇقچىلىق ئارقىلىق ئۆز- ئۆزىنى كۆز- كۆز قىلغان، دۇنياغا تونۇتقان؟.....
ئويلاپ باقايلى، "ئاشنا" بىزگە زادى نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟ نېمە قىلىپ بەردى؟
ئۇ بىزگە كۆيۈمچان ئەر، ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ھالىمىزغا يىتىپ كۆيۈمچان يولداش، ياخشى مۇڭداش بولالامدۇ؟ كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ، بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئالدىمىزغا قويالامدۇ؟ ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، بىز پەخىرلەنگۈدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل- كېلىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ، غېمىنى يەپ، ھەقىقىي پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟
ئادەمنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈنلەر چۈشىدۇ، ناۋادا تاساددىپىي خىزمەت، تىجارەت ۋە باشقا ئىشلار تۈپەيلى بىرەر پالاكەتكە يولۇقساق ۋە ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن تۇيۇقسىز ئاغرىپ قالساق، ئاشۇ "ئاشنا" بىز ئۈچۈن ئەينى چاغدا تۇتاملاپ خەجلىگەن پۇلىمىزنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى بولسىمۇ سەرپ قىلالامدۇ؟ ھالال جۈپتىمىزگە ئوخشاش چىن كۆڭلىدىن ھالىمىزدىن خەۋەر ئالالامدۇ؟ بىز سوۋغا قىلغان زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ مېھرىدىن كېچىپ ياكى ئۆتنە يېرىم قىلىپ، ئاشۇ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇشىمىزغا ياردەم قىلالامدۇ؟....
ياق! ياق! بۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ قەلبىدە يۇقىرقىدەك ئىنسانىي پەزىلەتلەر مەۋجۇت بولىدىغان بولسا، ئۇلارمۇ بىر كۆڭۈللۈك ئائىلىنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىنىڭ خوجىسى بولۇپ قالغان بولاتتى. ئۇلاردا ئىنسانىي پەزىلىتى بىلەن ئۆز ئىپپىنى، قەدىر- قىممىتىنى ساقلاپ ھالال ياشاپ، ھەقىقىي بىر ئائىلىنى روناق تاپقۇزۇش مەقسىتى بولسا ھەرگىزمۇ ئۆز ئائىلىسىگە ياكى باشقىلارنىڭ ئىناق، بەخىتلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلمىغان بولاتتى. ئەخلاق قەسىرىنىڭ دەرۋازىسىنى ۋىجدان قۇلۇپى بىلەن ساقلاپ، جەمئىيەتتە بويۇن قىسىپ تەمتىرەپ يۈرگەن سەبىي، بىگۇناھ پەرزەنتلەرنىڭ بەختىگە زامىن بولمىغان بولاتتى. زادى سىزگە "ئاشنا" نېمە بەردى؟....
ئەر ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، بالىنىڭ ئىشەنچى، پەخرى، ئەر يىقىلسا ئائىلە گۆمۈرىلىدۇ، بەخىتلىك تۇرمۇش توزۇيدۇ. شۇڭا ئەر بولغاندىكىن ئەرلىك سالاپىتىمىز  بىلەن ياشىشىمىز، ئاياللىرىمىزغا، بالىلىرىمىزغا شۇنداقلا جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشىمىز، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىشىمىز كېرەك.
بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بار، ئايالى كىيىمىنى پاكىز يۇيۇپ، دەزماللاپ، ماسلاشتۇرۇپ كىيدۈرۈپ قويسا ئۆيدىن قېتىپ، پوچىلىق بىلەن ھەيۋە قىلىپ چىقىپ سىرتتا ئۆز قىياپىتىدىن پەخىرلىنىپ، قىزلارنى كەينىگە سېلىپ باشقىلارغا كۆز- كۆز قىلىپ يۈرىيدىغان؛ ئۆيدە ئايالىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ ھاقارەتلەپ، ئۇرۇپ- سوقۇپ يوغانچىلىق قىلىپ، سىرتلاردا ئاشنىلىرىغا ئۆگىتىلگەن ئىتتەك كۈچۈكلىنىپ كېتىدىغان؛ ئايالى تەر تۆكۈپ ئېتىپ بەرگەن مەززىلىك تائاملارنى ھوزۇرلىنىپ يەپ، قورساقنى توقلاپ ئايالىغا بىر مۇنچە دوق قىلغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئايالىنىڭ ھالال ئەجرىدىن پۈتكەن قۇۋۋەتلىك تائاملارنىڭ كۈچىنى خەققە كۆرسىتىپ، ئايالىنىڭ نەپسى رىزقىسىنى نېسى قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرىيدىغان..... يەنە تېخى ئايالى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان پەرزەنتى ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقسا "مېنىڭ بالام" دەپ پەخىرلىنىپ كېرىلىدىغان، ناۋادا يارامسىز، ئەدەپسىز بولۇپ قالسا "سېنىڭ بالاڭ" دەپ دوق قىلىپ، جاپا چىكىپ تۇغۇپ چوڭ قىلغان شۇ بىچچارە ئانىسىنى قوشۇپ تىللايدىغان.....
يەنە بىر قىسىم ئەرلىرىمىز بار، ئازغىنە كۆڭۈل خۇشلۇقىنى دەپ ئوغلى، ئىنىسى دېمەتلىك يىگىتلەرنىڭ نېسىۋىسىگە چاڭ سېلىپ، سىڭلىسىدەك، قىزىدەك كېلىدىغان قىزلارنى ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان، ئايالى گەپ قىلسا "مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك" دېگەندەك ئۇلارغا يېنىپ، كۆزىدىن قان- ياش ئالىدىغان، "خېتىڭنى ئال! يوقال!" دېيىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدىغان........
بىر قىسىم قىز - ئاياللار بار، ئۆزىنىڭ ھالال جۈپتىنىڭ ئازغىنە سەۋەنلىكىنى كەچۈرمەستىن يوق باھانىلارنى تېپىپ كۈن بويى ئېرى بىلەن دەتالاش قىلىپ ئۆينى تىنجىتمايدىغان ۋە ياكى پۇل- مالنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن ئائىلىسىنى، بالىلىرىنى، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىماستىن ئاجرىشىپ، "قەپەزدىن ئازاد بولغان قۇش" تەڭ سىرتتا باشقىلار بىلەن "ئاشنا- ئاداش" بولۇپ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىيدىغان؛ يەنە بىر قىسىم سەبىي قىز سىڭىللىرىمىز بار، مۇھەببەتنىڭ ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي، قىزلىق قەدىر- قىممەتنىڭ باھاسىز ئىكەنلىكىنى تونۇماي "دەۋرگە ماسلاشتۇق، مەدەنىيلەشتۇق" دەپ ھەر خىل "ۋىۋىسكا" ئاستىدىكى بەزمىخانىلاردا ئەركىن، خۇشال ھالدا "ئاشنا" دارچىلىقتىن ھۇزۇرلىنىدىغان.... بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ پۇل- مال ئۈچۈنمۇ؟ سىزگە پۇل- مال ۋىجدان، غورۇردىنمۇ مۇھىممۇ؟
ئويلاپ باقتىڭىزمىكىن، سىز دېگەن كەلگۈسىدە ئانا بولغۇچى، بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا ئالەمنى تەۋرەتكۈچى. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىزدىكى ئەقىل، ۋىجدان، ئەخلاق- پەزىلەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى نەگە كەتتى؟ سىز مەپتۇن بولغان ئاشۇ "ئاشنا" ئاشىقىڭىزنىڭمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئايال زاتىدىن بولغان، "ھالال جۈپتۈپ!"، "تاغدەك يۆلەنچۈگۈم!" دەپ ئاغزىنى تولدۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان مەشۇقى بارغۇ؟ ئۇمۇ سىزگە ئوخشاش جىنىستىكى، ئوخشاش تۇيغۇدىكى، مېھرىبان، كۆيۈمچان، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر ئىنسانغۇ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ سىزدەك ئاچچىقنىڭ، پۇل- مالنىڭ كەينىگە كىرىپ ئائىلىسىنى، ئوماق پەرزەنتىنى، شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرۈپ، چىن مېھرى بىلەن سۆيۈپ، بارلىقىنى بېغىشلىغان جۈپتىنى، كەلگۈسىنى بىردەملىك ئاچچىققا، پۇل- مالغا دوغا تىكمەيدۇ. ئەكسىچە، بارلىقى بىلەن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوغدايدۇ، پەرۋىش قىلىدۇ. نۆۋىتى كەلسە ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئىلگىرىكى مۇلايىم، رايىش، نازاكەتلىك، سىلىق- سىپايە...... تەبىئىتىنىڭ ئەكسىچە شۇنداق قەيسەرلىشىپ كېتىدۇكى، ھەتتا جېنىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.  
ئەي "ئاشنا" ئويناۋاتقان ۋە ئويناش خىيالىنى قىلىۋاتقان ئازغۇن قەلب ئىگىلىرى، قايتا بىر ئويلىنىپ بېقىڭلار، سىلەر ئۈچۈن كۆڭۈل بېرىپ پۈتۈن مېھرى- مۇھەببىتى بىلەن سىلەرگە ئەقىدە باغلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا تۇتقان ئورنۇڭلار زادى قانچىلىك؟ سىلەر ئۆز ۋىجدانىڭلارغا يۈز كېلەلەمسىلەر؟ پەرزەنتىڭلارنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسىلەر؟ "ئاشنا" ئويناش جەريانىدا يوقاتقىنىڭلار كۆپمۇ ياكى ئېرىشكىنىڭلارمۇ؟

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 13:58:56

جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان، نىكاھ، مۇھەببەت ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولغان مۇشۇنداق شارائىتتا يەنە "ئاشنا" ۋە ئاشنىدارچىلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نېمە سەۋەپتىندۇر....

ئاتالمىش مۇھاببەت ئەركىنلىكىدىن  ئاشنىدارچىلىق كېلىپ چىقىدۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 14:00:53

مەن بىر نەرسە يېزىپ چىقتىم . زەھەر توغۇرلۇق ... ئاندىن ئەللىك مىليارتتىن ئارتۇق خەتنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىدىم . ئىشىنىمەنكى بۇنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىسە زەھەرنى تاشلىيالماسلىقى مۇمكىن . لېكىن كاللىسىدىن ئۆتسە بۇنى ئوقۇمىسىمۇ چوقۇم تاشلىيالىشى مۇمكىن . ئۇ بولسىمۇ تۆۋەندىكى جۈملە؛

زەھەر چەكمەڭلار...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 14:06:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Comeon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 14:11  

ما ماۋزۇ تولىمۇ ناچار قويۇلۇپتۇ ... ئاشنا دېگەن نېمە بېرىتى شۇ ...يانا نېمە بەرسە بولىتى ... يازغۇچىسى تېما يوللىغۇچى شۇمۇ يا؟ ئاشنىسىدىن پەيشەنبىلىك ئېلىپ خەجلەيدىغان بىرسىمۇ ... ...


ئىنسانىيەت جۈپلىشىپ ئەۋلات قالدۇرۇشنى ئۈگەنگەندىن بېرى ئاگاھلاندۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان بۇخىل تېمىدىكى نەسىھەتلەرنى ، چىغىناق تاغاق يېزىق دەۋرىدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرىراق يازمىسا ئەجەپ سەت تۇرىدىكەن ......

gldingwash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 14:35:43

مېنىڭ ئاشنام يوق، نېمە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقمايدىكەنمەن...:o

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 15:43:45

ئاشنا ئاداش....

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 15:44:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-7 17:06  

2006-، 2007-، 2008-يىللىرى مەن بىرسىنى قوغلاشقان، 2008-يىل ئاخىرىدا يۈزەكى تونۇشۇشقا مۇيەسسەر بولدۇم، 2009-يىل بېشىدا رەسمىي تۇنۇشتۇق، ئەسلى ئۇنىڭ ئېرى باركەن، لېكىن ئېرى شىمالغا چېنىقىشقا كەتكەن ئىكەن، مەن ئۇنى بىلمەيدىكەنمەن، مەن ئۇنىڭغا تەلەپ قويۇپ بولغۇچە ئۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم...
كېيىن ئۇنىڭ ئېرى بارلىقىنى بىلىپ...
2012-يىلىغا كەلگەندە...
بولدىلا...

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 15:56:52

نىكاھ مۇھەببەت تۇرمۇش ئائىلە خوتۇن ۋە ئاشنا ناھايىتى زىل مەسىلە ئىكەن،
بەزىلەر ۋاستىلىك يولدىن چىقسا بەزىلىرى بىۋاستە چىقىپ كىتىدىكەن .
لىكىن قانداق ئىش بولسۇن مۇھەببەت ئەركىنلىكى ۋە مۇھەببەت يەنە بىرنىمە دىمەڭلەر ،مۇھەببەتنىڭ چىتلىدىغان دائىرسى كەڭرى ئاشنىنى ھەۋەسنى مۇھەببەتكە ئەكىرمەيلى.
مۇھەببەتنى ئاللاھ بىرىدۇ شەيتان ئازدۇرىدۇ ،شۇ ئىنسان بولغىچىمۇ ئاق قارىنى پەرىق ئەتمەيلا شەيتان كەينىگە كىرىپ كىتىپ قالىدۇ.
شۇنىڭمۇ سەۋەبى بولىدۇ بەزىلىرى ھەۋەس قىزىقىش ۋە بەزىلىرى مەجبۇر ئىشقىلىپ بۇ تۇرمۇشتا ئەگرى توقايلىقلار كۆپ ھەممە ئادەمنىڭ يولۇققان مەسلىسىمۇ ھەر خىل .
يىغىنچاقلىساق ئائىلە قۇرغان ھەرقايسى ئەر ئاياللار ئۆزىدە ئىگە بولۇش مەجبۇرىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يىتىلدۇرۇش زۆرۇل.

bayram يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:46:11

كىچىك خوتۇن ئالغاندن ئاشنا تۇتقان ياخشى {:101:}

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 16:56:21

bayram يوللىغان ۋاقتى  2014-9-7 16:46 static/image/common/back.gif
كىچىك خوتۇن ئالغاندن ئاشنا تۇتقان ياخشى

راس! بولمىسا موما يەيسىز

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 17:06:08

بۇ ۋەز- نەسىھەت بىلەن ئالدىنى ئالغىلى بولۇدىغان ياكى ئارقىغا ياندۇرىدىغان ئىش ئەمەس ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 17:48:51

دىمەكچى ئاشنىڭىز خۇتۇنىڭىز بەرگەندىن ئارتۇقىنى بىرەلمەيدۇ ،
ھەتتاكى خۇتۇنىڭىز بىرىۋاتقان كۆپ نەرسىلەرنى سىزگە مەڭگۈ بىرەلمەيدۇ ،،،،،

ماۋزۇنى شۇنداق قويماي قانداق قويسا بۇلاتتى ،،،،راۋرۇس ئۇقۇپ بىزدە شۇنداق كەمچىلىك بولسا تۈزەتسەك ، بولمىسا شۈكۈر قانائەت قىلىپ ئىبرەت ئالساق بولمىدىمۇ ؟

  ئادەتتە ئاياللىرىمىزغا ، بالىلىرىمىزغا خەجلىگەن پۇللار ( بىزنىڭ ئۇلارنى بېقىش مەجبۇرىيىتىمىز بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر ) سەدىقە ھىساپلىنىدىكەن ، ئەمما ئاشنىغا خەجلىگەن پۇل ئۈچۈن ھىساپ بىرىمىز ......

بىرە كىم قاملاشمىغان ئىنكاس بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتسە ھەممىڭلار تەڭ ھاياجانلىنىپ كەتمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ .....

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 22:26:06

ئاشنا دىگەن شۇ بىرىدىغاننى بىرىدۇ ، يەنە نېمە بىرەلەيتى

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-9-7 23:52:23

ئاشنا ئاشنا ، ھەجەپ مۇشۇ ياشقا كەلگۇچە ئاشنا يوق ، نىمە دەپ كەلگەندىمەن بۇ دۇنياغا :'(

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:00:19

مىنىڭ ئاشنام يوق.  يولدا كىتىپ بارغان چىرايلىق قىزلارنى ئاۋۇ مىنىڭ ئاشنام دىسەم سەت تۇرا.:lol

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 09:06:42

ئەركەكنىڭ ئەڭ لاتىسى ئاشنا تۇتامدىكى دەيمەن مەن ....

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:44:58

ئاشنا ئويناش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئىككىنچىدىن قانۇنسىز ئەمەس،
ئىشەنمىسەڭلار  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سوراپ بېقىڭلار،
قانۇن يولغا قويغان ئەركىنلىكتىن ھوزۇرلانغىلى قۇيۇڭلار

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 11:46:39

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-8 12:44 static/image/common/back.gif
ئاشنا ئويناش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئىككىنچىدىن قانۇنسى ...

ئاشنا ئوينىغان كىشىنىڭمۇ خوتونى چوقوم باشقا ئەر بىلەن  ئاشنا ئويناپ قويسا، كىمنىڭ كىمگە ئاچچىقى كىلىدىغاندۇ؟

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 15:09:41

ئەل ئىچىدە« ئەتىگەندە ناشتىسىز قالماڭ،قېرىغاندا ئاشنىسىز( قالماڭ) »دېگەن گەپ بار.ماۋۇ تىمىنىڭ رۇھى بويىچە يۇقارقى گەپنى %1000 خاتا دېسەك بولدىكەندە!

misran807 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 01:14:31

ئويلاپ باقايلى، "ئاشنا" بىزگە زادى نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟ نېمە قىلىپ بەردى؟
ئۇ بىزگە كۆيۈمچان ئەر، ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ھالىمىزغا يىتىپ كۆيۈمچان يولداش، ياخشى مۇڭداش بولالامدۇ؟ كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ، بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئالدىمىزغا قويالامدۇ؟ ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، بىز پەخىرلەنگۈدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل- كېلىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ، غېمىنى يەپ، ھەقىقىي پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟

{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}
ئاشنىڭىز سىزگە نىمە بەردى؟؟؟ تىمىدىكى مۇشۇ مەزمۇننى تولۇق ئوقۇمىغانلارنىڭ بۇ يەردە ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگىدەك باھانىسى بارمىدۇ؟ ياكى ئاشنىسى ھىچنىمە بەرمەي كوچىدا قالغان بىرىمىدۇ؟
بەت: [1] 2
: ئاشنىڭىز سىزگە نىمە بەردى؟