Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 10:44:58

ئاشنا ئويناش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئىككىنچىدىن قانۇنسىز ئەمەس،
ئىشەنمىسەڭلارمۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن سوراپ بېقىڭلار،
قانۇن يولغا قويغان ئەركىنلىكتىن ھوزۇرلانغىلى قۇيۇڭلار

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 11:46:39

Bayawan يوللىغان ۋاقتى2014-9-8 12:44 static/image/common/back.gif
ئاشنا ئويناش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، ئىككىنچىدىن قانۇنسى ...

ئاشنا ئوينىغان كىشىنىڭمۇ خوتونى چوقوم باشقا ئەر بىلەنئاشنا ئويناپ قويسا، كىمنىڭ كىمگە ئاچچىقى كىلىدىغاندۇ؟

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-9-9 15:09:41

ئەل ئىچىدە« ئەتىگەندە ناشتىسىز قالماڭ،قېرىغاندا ئاشنىسىز( قالماڭ) »دېگەن گەپ بار.ماۋۇ تىمىنىڭ رۇھى بويىچە يۇقارقى گەپنى %1000 خاتا دېسەك بولدىكەندە!

misran807 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 01:14:31

ئويلاپ باقايلى، "ئاشنا" بىزگە زادى نېمە قىلىپ بېرىدۇ؟ نېمە قىلىپ بەردى؟
ئۇ بىزگە كۆيۈمچان ئەر، ۋاپادار ئايال بولالامدۇ؟ ئوتىمىزدا كۆيۈپ، سۈيىمىزدە ئېقىپ، يوقنى بار قىلىپ بېرەلەمدۇ؟ ھالىمىزغا يىتىپ كۆيۈمچان يولداش، ياخشى مۇڭداش بولالامدۇ؟ كىيىمىمىز كىر بولسا يۇيۇپ بېرىپ، بىز ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى ئۆز ھالال مېھنىتى بىلەن ئېتىپ ئالدىمىزغا قويالامدۇ؟ ئوماق پەرزەنتىمىزنى بېقىپ، تەربىيىلەپ، بىز پەخىرلەنگۈدەك ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالامدۇ؟ كۆيۈمچان ئاتا- ئانىمىز ئۈچۈن مېھرىبان ئوغۇل- كېلىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى تەڭ كۈلۈپ، غېمىنى يەپ، ھەقىقىي پەرزەنتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۈستىگە ئالالامدۇ؟

{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}{:136:}
ئاشنىڭىز سىزگە نىمە بەردى؟؟؟ تىمىدىكى مۇشۇ مەزمۇننى تولۇق ئوقۇمىغانلارنىڭ بۇ يەردە ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزگىدەك باھانىسى بارمىدۇ؟ ياكى ئاشنىسى ھىچنىمە بەرمەي كوچىدا قالغان بىرىمىدۇ؟

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 07:48:27

OCUZ يوللىغان ۋاقتى2014-9-9 15:09 static/image/common/back.gif
ئەل ئىچىدە« ئەتىگەندە ناشتىسىز قالماڭ،قېرىغاندا ئاشن ...

تەيپىنەم زامانىدىكى ئۇيغۇرچىدا ئاشىنا دىگەن دوست-يارەن، بۇرادەر دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى، كىلاسسىك شېئىرلارغا قاراپ باققايسىز.

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:04:37

ئۆز يارىڭ
مۇھەممەدجان راشىدىن


ئۆزگە باغقا كۆز سالما،ئۆز بېغىڭدا گۈلزارىڭ،
نېمە تەشۋىش ئالەمدىن،تۇرسا ياندا ئۆز يارىڭ.
ئاشناڭ ساڭا ئاش بەرمەس قازىنىدا ۋاپانىڭ،
ئاغرىپ قالساڭ ئاشلايدۇ ئاپئاق ناندا ئۆز يارىڭ.

يار ئۈستىگە تۇتقان يار بەڭگە ئوخشار بىر چىلىم،
لەززەت يوقتۇر تەكتىدە تاۋۇز كەبى بىر تېلىم.
مۇڭداشقانسەن مۇڭداشساڭ تۈگىگىچە بىر فېلىم،
مىڭ سۆيگۈ بار ئۇ يەڭلىغ،ئاچقان پالدا ئۆز يارىڭ.

پىچاق كەسسە قولۇڭنى ھېچكىم ئۇنداق تاڭالماس،
تىكەن كىرسە پۇتۇڭغا،ھېچكىم ئۇنداق ئالالماس.
يۆلەپ يۈرەر ئۆمۈرلۈك بولۇپ قالساڭ ماڭالماس،
نىجاتلىق بار سەن ئۈچۈن ياققان شامدا ئۆز يارىڭ.

يۈگۈرۈپ چىقار ئالدىڭغا قايتىپ كەلسەڭ سەپەردىن،
ئېسىلىدۇ بوينۇڭغا يارىڭ،ئامان چىقساڭ خەتەردىن.
يامان كۈن يوق ئالەمدە يارسىز يالغۇز ئۆتەردىن،
تۈنەپ چىقار سەن بىلەن ئەسكى تامدا ئۆز يارىڭ.

جۇدالىققا دۇچ كەلسە،ئاۋۋال سېنى ئەسلەيدۇ،
سەن بولمىساڭ،سۇ تۇتۇپ،ئۆزى خامان چەشلەيدۇ.
بىلىندۈرمەي يوقۇڭنى،ئۆزى ئوتۇن كەسلەيدۇ،
راھەت دېگەن ئەسلىدە ئەتكەن خامدا ئۆز يارىڭ.

چىنىسىدىن ئىلغايدۇ قىيمىسىنى چىنەڭگە،
ئاش ئۇسقاندا،بىچارە بىللە چىقىپ بىنەمگە.
باي بولغاندا ياتقۇزار ئاۋۋال سېنى گىلەمگە،
تولغىنىسەن راھەتتە،ئويغاتقاندا ئۆز يارىڭ.

كۆكلىتىدۇ تەر تۆكۈپ،تۇرمۇش ئاتلىق باراڭنى،
سەن تالانى ئويلىساڭ،ئۆيدىن باشلار پاراڭنى.
دۈشمىنىڭگە كۆرسەتمەس يىرتىقىڭنى،ياراڭنى،
سۆيگۈڭ كېلەر سەن ئۈچۈن ئۇھ تارتقاندا ئۆز يارىڭ.

جاھان قىلغان جاھاننى شۇلاردىكى ساداقەت،
چېچىلغاندۇر شۇلاردىن يەر - زېمىنغا سائادەت.
باھار قەلب،ياز چىراي،ئۆز يار دېگەن گۈل قامەت،
كەلمەكتىدۇر ئات چېپىپ،شەرەپشاندا ئۆز يارىڭ.

http://music.izda.com/?a=player&tid=folk_OWeF

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-10 09:25:31

(بىلىم ئىشقىدا)دىمۇ بىلىمنى ئاشنا تۇتۇش مەقسەد قىلىنىدۇ .
ھازىر ئاشنا دىسىلا ئەرلەرنىڭ ئېڭىدا خوتون خەق   خوتونلارنىڭ ئېڭىدا ئەر خەق پەيدا بولىدۇ .

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 00:18:34

بىلىمدا تۇتۇدىغىنى « ئاشىنا»،
تالادا تۇتۇدىغىنى « ئاشنا» .{:92:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-11 12:26:06

تۈركلەرنىڭ ئاشىنا قەبىلىسىنى دەۋاتامسىلەر
بەت: 1 [2]
: ئاشنىڭىز سىزگە نىمە بەردى؟