ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 10:29:16

گېپنوز 1-باب ( گېپنوز دىگەن نېمە؟)

  سالام تورداشلار، بۇ كىتاب مەن قىزىقىش تۈپەيلىدىن تەرجىمە قىلىپ قويغان بولۇپ، ئالدىراشلىق تۈپەيلىدىن تەرجىمە ئويلىغىنمدەك ياخشى چىقمىغانلىقىدىن ئەپۇ سورايمەن.لېكىن سىلەرنىڭ "گېپنوز'دىن ئېبارەت بۇ سىرلىق دەپ قارالغان پارا-پىسخىك ھادىسىنى چۈشنىشىڭلاردا ياخشى ماتىرىيال بولۇپ قالىدىغنىغا ئىشنىمەن. ھۆرمەت بىلەن :بەختىيار

مۇندەرىجە
1.    باب  گېپنوز دىگەن نېمە ؟
1.1  گېپنوزنىڭ ئېبارىسى ۋە چۈشەندۈرلىشى
1.2  گېپنوزنىڭ شەكللىنىش نەزەرىيىسى ۋە تارىخى
2.باب كۆپ ئۇچىرايدىغان گېپنوزغا ئائىت گۇمان-شۈبھە
2.1 ھايۋانلارمۇ گېپنوز بولامدۇ ؟
2.2 گېپنوز بولغاندىن كېيىن ئادەم ئۆز ئېرادەمسىگە مۇخالىپ ،ئەخلاقتىن چەتنىگەن ئىشلارنى قىلامدۇ ؟
2.3 گېپنوز بولۇپ قالغاندا يېشىلەلمەيدىغان ئىش بولامدۇ ؟
2.4 سەھنە گېپنوزى خەتەرلىكمۇ ؟
2.5 گېپنوز ئۇستسىنى قانداق تاللاش كېرەك؟
2.6 گېپنوزنىڭ ئەكىس تەسىرى بارمۇ ؟
2.7 مەن نېمىشقا گېپنوز بولمايمەن ؟
2.8گېپنوز خاتىرىنى يوقىتالامدۇ ؟
3.باب
سىزمۇ گېپنوز ئۇستىسى بولالايسىز
گېپنوزنىڭ ئاساسىي بىلىملىرى
3.1گېپنوزنىڭ ئۆلچەملىك پىروگىراممىسى
3.2 سىزمۇ گېپنوز قىلالايسىز
3.3گېپنوز ئارقلىق داۋالاش
4.باب كەسپى گېپنوز ئۇستىسى بولۇش قەدىمى  
  4.1 بېكىنمە ئەمما ئۈنۈمى يۇقىرى ئۇسۇللار
4.2 باشقا گېپنوز بولۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈردىغان ئۇسۇللار
4.3ھەرخىل تېز گېپنوز قىلىش ئۇسۇلى
5.باب ئۆز-ئۆزىنى گېپنوز قىلىش
6.باب كوللېكتىپ گېپنوز
7.باب  شامانلىق ۋە گېپنوز
قوشۇمچە :ئاڭلاش دېسكىسىنىڭ تېكىست ھۈججىتى
گېپنوز دىگەن نېمە؟
1.1گېپنوزنىڭ ئېبارىسى ۋە چۈشەندۈرلىشى
   گېپنوز خۇددى «توك»قا ئوخشاش ،كۆرگىلى بولمايدىغان ،ئەمما مەۋجۇت بولغان بىر ھادىسىگە ئوخشاش ،ھېچكىممۇ ئۇنىڭ ھەقىقى ماھىيتىگە تەبىر بېرەلىگەن ئەمەس .ئەلۋەتتە ،بۇ بىزنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشمىزغا توسقۇنلۇق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.شەك-شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ كۈچى ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق .
گېپنوز سۆزى ئەسلىدە لاتىن تىلىدىكى «Hypnosis» دىگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا«گېپنوز»دەپ ئۆزلەشتۈرۈلگەن.
  ئادەتتە«گېپنوز ھالىتى» ئادەمنىڭ بىر خىل روھى ھالىتى ،ئالاھىدىلىكى بولسا ئادەتتىكىدەك ئاڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرماستىن بەلكى يوشۇرۇن ئاڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ.
  1842-يىكى تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى فرىئۇد «گېپنوز »سۆزنى ئىشلەتكەن چاغدا ،گېپنوزنىڭ بىر خىل ئۇخلاشقا مايىل بولغان ئۇيقۇ ھالىتى دەپ تونۇغان.ئەمەلىيەتتە «گېپنوز» بىلەن ئۇيقۇ ھالىتى پەرقىلىندۇ .گېپنوزنى يوشۇرۇن ئاڭغا تۇتىشىدىغان سىرلىق ئىشك دەپ ئوخشىتىشقا بولىدۇ.
چۈنكى بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەب بولسا گېپنوز بىۋاستە ئاڭسىز ۋە ئاڭلىق رەۋىشتىكى مېڭنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قۇلۇپلانغان ئىشكىنى ئاچىدۇ ۋە يوشۇرۇن ئاڭ قارا قۇتىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئازاب،بېسىم،ئېنتىلىش ،مەڭگۈلۈك ئەستە ساقلاش،بېسىلىپ قالغان ھېس-تۇيغۇ ،بۇرمىلانغان ياكى ساختا ئەسلىمە ۋە ئىشلارنى تېپىپ ،بېۋاستە ھالدا ئاڭسىز ھېس قىلىش بىلەن سۆزلىشىپ ئۇنىڭغا بۇيرۇق بېرىدۇ.
  ئاڭسىز ھېسى بىلىش يوشۇرۇن ئاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يەنى ھېس قىلىشنى ئويلىغىلى بولمايدۇ،ئەگەر ھېس قىلىشنى ئويلاپ يېتەلىسە بۇ ئاڭلىق بىلىشنىڭ دائېرسىدە بولىدۇ.بۇنى ئاددى ھالدا پىسخولوگىيەدە دائىم تۇرمۇشتا ئۇچىرايدىغان «تىلنىڭ ئۇچىدا»دىگەن تەجىرىبىدىن بىلگىلى بولىدۇ.سىز قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى بىلىسىز ،بىراق قانچە ئويلىسڭىزمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيسىز .بۇ خىل ھادىسىدە ،قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى مەلۇم قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېس قىلىشنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.بىراق ،مەلۇم بىر ۋاقىتتىن كېيىن سىز توساتتىنلا ئاپلا ،قارشى تەرەپنىڭ ئىسمى ماۋۇ ئەمەسمىدى دەپ ئويلاپ يېتەلەيسىز .
  بەزى ئەسلىمىلەر بولسا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مېڭنىڭ تېخمۇ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا چۆكۈپ كەتكەن بولىدۇ،مەسلەن،ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئۆزنىڭ يەسلېدىكى مۇئەللىمنىڭ ئىسمنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ،ئۈچ ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسلىيەلەيدۇ.بۇنداق مېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا ئورناپ كەتكەن ئەسلىمىلەرنىڭ بەزىسى ئوتتۇرا ھال بولىدۇ،بەك مۇھىم قىممىتى بولمايدۇ،بەزىسى بىراقلا كۆمۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ،بۇنداق بولىمىغاندا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئەسلىتىپ كىشىنى بېئارام قىلىدۇ.
بۇنداق ئەسلىمىنى بېسىش كەلگۈسىدىكى پىسخولوگىيىلىك مەسىلىلەرنى تۈپكى سەۋەبى ،گەرچە ۋاقىتلىق يوقىغان بولسىمۇ،بىراق مەسىلىنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.خۇددى قويۇپ بېرىلشىكە تەييار بولغان راكېتادەك كەلگۈسىدىكى مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە مېڭنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئېتىلىپ چىقىدۇ.
  كىشلىك تۇرمۇشتا،بۇ خىل يولۇققان كۆڭۈلسۈزلىكلەرگە نىسبەتەن مەڭگۈ ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلەلىسە ئۇ ئادەمنىڭ پىسخېكىسى ناھايىتى ساغلام بولغان بولىدۇ،بىراق بۇنى ھېچىكىم قىلىپ بولالمىغان .نۇرغۇن كىشلەر تۇغۇلغاندىن باشلاپ كىشلىك ھايات مۇساپىسىگە قەدەم قويغان بولىدۇ .بۇ بىر ئۇزۇن ھايات يولىدا بىز چوڭلارنىڭ تەسىرى ،تەربىيسى،باشقۇرۇشنى ھەتتا تاللاش ھوقۇقى بولمىغان ئاستىدا چوڭلارنىڭ بىزگە بەرگەن مۇھەببىتى،ئاسىرىشى،قوپاللىقى،سەلبى كەيپىيات،ھاقارەتلەش،جازالاش قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە قوبول قىلىپ ماڭىمىز .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىڭىزنىڭ چوڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن چېغىڭىزدا سىزنىڭ ئاڭسىز ھېس بىلىشىڭىزنىڭ نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى توپلىغانلىقىنى بىلمەيسىز .
ئويلاپ بېقىڭ ،باشقا مىللەتتىن بولغان بىر بوۋاقنى بىر ئۇيغۇر ئاتا-ئانا بېقىۋالسا ،ئۇنىڭ چوڭ بولۇپ سۆزلەيدىغىنى پاكىز ئۇيغۇر تىلى بولغان بولىدۇ.بۇنىڭغا ئوخشاش بوۋاق ئاتا-ئانسىدىن ئۇنىڭ تىلىنى قوبول قىلىپلا قالماي بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.
يوشۇرۇن ئاڭنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمىزدا ،روھى ئانالىز تەرەپداررلىرنىڭ ئۇستازى بولغان فىرئۇدنى (Sigmund Freud)تىلغا ئالماي ئۆتمەيمىز .
  فرىئۇد پىسخولوگىيىلىك كونتىرۇللۇقنى يوقىتىشنى بايقىغان ئادەم ،ئىپادىلىنىپ چىققان ھەرخىل مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان يوشۇرۇن ئاڭ  تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان دەپ قارايدۇ.
بىر قېتىم بىر ياش ئايال ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ.ئۇنىڭ بىر قولى تەمرەتكە بولۇپ كەتكەن بولۇپ ،زىيادە ئاغىرىپ كەتكەنلىكتىن ئۆي ئىشنى قىلالمايۋاتقانلىقىنى فىرئۇدقا ئېيتىدۇ .ئۇ ئايالنىڭ قولىغا قاراپ بېقىپ ،قول مۇسكۇل ۋە نېرۋىلىرىنىڭ ساقىلىقىنى ،فىزىئولوگىيىلىك مەسىلە يوقلۇقىنى بايقايدۇ.بىراق فىزىئولوگىيىلىك مەسىلە يوق ئىكەن ،چوقۇم ئايالنىڭ ئاڭسىز ھېسى قىلىشى ئۆزىنى كېسەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن دىگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ.
  ئۇ ئەسلىدە يالغۇز قىز بولۇپ ،ئاتا-ئانىسى كېسەلمەن ھەم مېيىپ بولۇپ ،ئەينى شارئىتىدا ئۇ چوقۇم ئاتا-ئانىسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى زۆرۈر ،بىراق بىرەيلەن ئۇنىڭغا توي قىلىش تەلىپىنى قويغان.ئۇ قوبۇل قىلىشىنى ياكى ئۆزنىڭ كاللىسدىكى چېگىشنى قانداق ھەل قىلىشنى بىلمەي ئاخىرىدا مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن.مۇناسىۋەت ئۈزۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قولىغا تەمرەتكە چىقىپ قالغان .
  فىرئۇد ئۇنىڭ توي قىلىپ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇشنى ئويلىشى ۋە يەنە ئاتا-ئانىسنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىدەك ئىككى ئوتتۇرلۇقتا تەڭقىسلىقتا قېلىشى تۈپەيلى،ۋە دادىسىدىن بىزار بولۇشى سەۋەبىدىن بۇنىڭغا چىداپ سەۋر قىلىپ كەلگەن ،ئاخىردا يىگىتتىن ئايرىلشى تۈپەيلى بۇ خىل ئىزچىل ئىچكى قىسىمدا بېسىلىپ كەلگەن ھېسىيات  بىۋاستە فىزىئولگىيىلىك ھالدا ئېپادىلىنپ قول تەمرەتكسىگە ئايلانغان،شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ئىش قىلالمايدىغان بولغان ،بۇ سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن داۋاملىق خەۋەر ئېلىش مەجبۇرىيتى قالمىغان.
  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلشقا بولىدۇكى ،«سەۋر»قىلىش(بېسىش)قارىماققا بىر مەسىلىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ،نىسپى ھالدا تېخىمۇ چوڭ مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىلىگە توغرا پوزىتسىيە بىلدۈرەلمەسلىك سەۋەبىدىن مەسىلىنىڭ تېخمۇ يامانلىشىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
« بېسىش» سۆزىنى تۇنجى قېتىم فرىئۇد ئىشلەتكەن.بىر خىل كۆڭۈلسىز ئىش ياكى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان كەيپىياتنى ئاڭسىز ھېسى بىلىشكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ،«نورمال ئازاپىسىز »كەيپىيات ھالىتىگە ئەكىلىشنى كۆرسىتدۇ.
فىرئۇد مۇنداق دەپ قارايدۇ ،ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىدىن مەلۇم بىر ئىشنىڭ كەمچىل ھېس قىلغان چاغدا ،ئۇنىڭ ھەرىكىتى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ،ھەم تېخمۇ نۇرغۇن ئىككىلىنىش،ئۆز-ئارا زىتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يوشۇرۇن ئاڭ ھەرگىز ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس،ئەكىسچە ئاڭنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارالاشقۇچىسى .كۆپ قىسىم كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇنىڭ دېرەك بېرىدىغنى ئېلھام،يېڭىلىق يارىتىش،سەزگۈرلۈكتىن ئېبارەت.
  يوشۇرۇن ئاڭغا دائىر بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە روھلۇق،تېتىك ،خوشال ياشىشىمىزغا ياردىمى بولىدۇ.ئاڭسىز بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسىي بىلىملەرنى مەن ھېلى تەپسىلى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن .
  ئەمدى گېپنۇز ئۇقۇمىغا كېلەيلى ،گېپنوز دەل ئاڭلىق ھېس قىلىش ۋە يوشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈك،ئۇ ئىككى خىل ھېس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ توسالغۇسىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتنى بارلىققا كەلتۈردۇ .مەن ھەرقېتىم گېپنوز ئېلىپ بارغان ۋاقتىمدا ،قارشى تەرەپ گېپنوز قىلىنىش ھالىتىگە ئۆتكەندە مەن يوشۇرۇن ئاڭغا بىشارەت بېرىپ «ياخشى ،مەن بىردىن ئۈچكىچە سانايمەن،سىز مەسلە پەيدا بولغان ۋاقىتقا قايتىپ ،ماڭا نېمە بولغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭ» دەيمەن.نۇرغۇن تەجىرىبىلەر يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلشقا ناھايىتى پايدىسى بار ھەم مەسىلنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ،ئەگەر يوشۇرۇن ئاڭغا توغرا بولغان بىشارەت بېرىلسە ،«ئۇ»ھەرخىل ۋاستىلەر بىلەن «ئۇ»نىڭغا ياردەم قىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاۋستىرىينىڭ ۋېنا شەھىرىدە دوختۇر جوسىف.برىئۇر (Josef Breuer) سۇدىن قورقۇش كېسىلى بار بىر قىزچاقنى داۋالىغان،ئۇنىڭ كېسلى بولسا سۇدىن قورقۇپ سۇ ئىچمەسلىك،گەرچە ئىستاكاننى ئېغىزىغا ئېلىپ بارسىمۇ بىراق قانداق قىلىپ بولسىمۇ سۇنى ئىچىشنى رەت قىلغان.ئاخىرىدا ئۇدا ئالتە ھەپتىگىچە بىر تېمىممۇ سۇ ئىچمەي بەدەنگە كېرەكلىك بولغان سۇنى مېۋە-چىۋىلەردىن تولۇقلاپ ماڭغان.
  برىئۇر ئۇنى گېپنوز ھالىتىگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭغا كېسەللىكنىڭ سەۋەبىنى ئەسلەتكەن.
  ئەسلىدە ئۇ قىز ئەنگىلىيدە بىر خانىمنىڭ ئۆي مېھمان بولغان ۋاقتىدا ،بىر ئىتنىڭ ئىستاكاندىكى  سۇنى ئىچۋاتقانلىقنى كۆرۈپ ناھايىتى كۆڭلى ئېلىشقان بولسىمۇ ئەدەب يۈزسىدىن چىداپ ئولتۇرغان ۋە ھېچنىمە دىمگەن.ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن سۇ ئىچمىگەن .ئۇ ئۇنتۇپ كەتكەن بۇ ئەسلىمىنى ئويلىغاندىن كېيىن ،گېپنوز ئارقىلىق سۇ ئىچمەيدىغان پىسخولوگىيىلىك كېسەللىكى نورماللىشىپ سۇ ئىچىدىغان بولغان.
  بۇ بىر ناھايىتى ياخشى ئۈلگە مىسال ،بۇ ئارقىلىق بىز ،بىرىنچىدىن مەسىلىنىڭ پەيدا بولغان تۈگۈنىنى ئىزدەپ ،مەسىلىنى يوق قىلىش؛ئىككىنچىدىن ،ئۇنتۇلغان كۆڭۈلسىزلىكنى قايتا ئەسلەپ مەسىلىنى ھەل قىلىش .

  كۆپ قىسم چاغلاردا بىز مەسىلىنىڭ پەيدا بولغان تۈگۈنىنى ئۇنتۇپ ،ئاڭسىز ھالدا ناچار كەيپىيات ھالىتىگە كىرىپ قالىمىز .بۇنداق چاغدا گېپنوز قىلىش ئارقىلىق شۇ بۇ خىل ناچار كەيپىيات پەيدا بولغان تۇنجى ۋاقىتقا قايتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز.
ئۇزۇن مەزگىللىك كىلنكىلىق داۋالاش تەجىرىبسىگە ئاساسلانغاندا ،گېپنوزنىڭ بۇ خىل «بالىلىق چاغدىكى سەۋەب» پىسخولوگىيىلىك كېسەللىكىگە ئالاھىدە ئۈنۈمى بار .بۇ ئارقىلىق بېمارنى بالىلىق ۋاقتىدىكى كۆڭۈلسىز ئازابلىق ئەسلمسىنى ئەسلىتىپ ،بارلىق كۆڭۈلسىزلىكنى چىقىرىۋېتىپ ،چوڭ بولۇپ پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىنكى كۆزقاراش بىلەن بۇ مەسىلگە قاراپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ كىشلىك ھاياتنىڭ سېنارىيسىنى قايتا يېزىش ئارقىلىق ساغلام كەيپىيات ئىچىدىكى ھالەتكە قايتۇرۇشقا ئالاھىدە ئۈنۈم بېرىدۇ.
  ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئىشلارنى ھەرگىز ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.بىراق ئۆتمۈشكە قانداق قاراشنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.ئەگەر ئىشلارغا قانداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئۆزگەرتكەن چاغدا ،ئادەممۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ.
  كۆپ ھاللاردا مەن بۇ خىل بېمارلارغا يولۇققان چاغدا ئۇنىڭغا گېپنوز ئېلىپ بېرىپ ،ئۇنىڭغا ئۆز خىيالىدىكى گۈزەل باغچىغا ياكى چىرايلىق مەنزىرىلىك جايغا بېرىپ چوڭ بولغان ئۆزى بىلەن «بالىلىقتىكى ئازاب پەيدا بولغان ۋاقىتتكى ئۆزى»بىلەن پاراڭلاشتۇرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن چوڭ بولغاندىكى ھېسىيات بىلەن بىللە بەھرىلىنىش ئارقىلىق بالىلىق چاغدىكى ئۇنىڭغا چوڭ بولغاندىكى ئۆزنىڭ قانچىلىك كۆيۈنىدىغانلىقى ۋە سۆيۈدىغانلىنى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ئېيتىپ .بالىلىق چاغدىكى ئۆزى بىلەن چوڭ بولۇپ يېتىلگەندىكى ئۆزىنى پاراڭلاشتۇرۇش ئارقىلىق بۇخىل ئەھۋالنى داۋالاپ سىناپ باقتىم ۋە بۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئالاھىدە ياخشى بولۇدىغانلىقىنى بايقىدىم .ئەمەلىيەتتە باشقا كۆرۈنۈش ئىچىگە ئېلىپ سىناپ باقىسمۇ بولىدۇ،مەسىلە شۇ يەردىكى ،چوقۇم ئاۋۋال مەسىلە پەيدا بولغان ۋاقىتقا ئېلىپ بىرىپ ئۇ كۆڭۈلسىز ئەسلىمىنى ئەسلىتىپ ئاندىن باشقا كۆرۈنۈش ئىچىگە ئېلىپ كىرىش كېرەك .ھەربىر گېپنۇز ئۇستىسىنىڭ ئوخشىمغان ئۇسۇلى بولىدۇ،بىراق مەن شەخسەن مارتېننىڭ بۇ خىل ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشنى  ياخشى كۆرىمەن .
  ئەمەلىيەتتە گېپنوز قىلىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولسا ،گېپنوز قىلىش جەريانىدا ئادەم ناھايىتى يەڭگىل ۋە راھەت ھالەتتە بولىدۇ.ئۇنىڭ پىسخىكىلىق قوغدىنىشى تەبئىي ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن بولىدۇ.ئادەتتە خىجىل بولۇپ ئېيتمايدىغان سۆزلىرىنى ئاسانلا ئېيتپ قويىدۇ.يەنە ئادەتتە بېكىنمە كەيپىياتتىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ ،تېخمۇ ئاسان قەلىبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى ئاۋازلارنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ئادەتتىكى چاغلاردا بولسا سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ ،ئۆزنىڭ قەلىب دۇنياسىدىكى ئىچكى سىرلىرى ھەققىدە ئويلنىشقا ۋاقىت چىقمايدۇ ھەم پۇرسەت بولمايدۇ.گېپنوز قىلىنغان چاغدا بولسا ،كۆزىنى يۇمۇپ سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ ئۆزنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن ئالاقە باغلايدۇ ھەم گېپنوز ئۇستىسنىڭ يېتەكلىشى بىلەن سىرتقى دۇنيادا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشى ئۆز قەلب يۇرتىدا ئۆزىنى زىيارەت قىلىدۇ.
  يوشۇرۇن ئاڭ دىگەن زادى نېمە ؟
فرىئۇد ئاڭ بىر غايەت زور مۇز تاغقا ئوخشىسا سۇ يۈزىگە چىققان ئاز بىر قسىم بولسا ئاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.سۇ ئاستىغا چۆكۈپ تۇرغان غايەت زور بىر قىسىم بولسا يوشۇرۇن ئاڭغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .ئۇ كىشنىڭ ھەربىر ھەركىتىنىڭ ناھايىتى ئاز بىرقىسىمى ئاڭلىق بىلىشنىڭ ئىچىدە بولسا يەنە قالغان كۆپ قىسمى يوشۇرۇن ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولىدۇ ھەم ئاكتىپ ھالدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ ،بىراق بۇنى كىشلەر ئاسانلىقچە ھېس قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
  ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئادەم يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەرىكىتىنى بىلەلمەيدۇ،بۇ ۋاقىتتا چۈش بولسا يوشۇرۇن ئاڭنى مەۋجۇتلۇقىنى بىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى.
  پىسخولوگىيىلىك كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىر بېمارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولى تېخمۇ ئۆتكۈر بولغان بولىدۇ.يوشۇرۇن ئاڭ ئۇنىڭدا ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش ،قورقۇنچ،مىجەزنىڭ زىيادە ئىتتىك بولۇشىنى كونتىرول قىلالماسلىق ۋەياكى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولغان سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چاغدا ئاڭلىق ھېسى بىلىشنىڭ نەقەدەر ئاجىزلىقىنى ۋە ئامالسىزلىقىنى بىلىسز ، يوشۇرۇن ئاڭ بولسا خۇددى غايەت زور بوران-چاپقۇنغا ئوخشاش ھەممىنى سۈپۈرۈپ يوق قىلالايدۇ.
  يوشۇرۇن ئاڭ ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭ رولىنى چۈشىنىش ئۆزىمىزنىڭ كەيپىياتمىزنى تەڭشىشىمىزگە غايەت زور پايدىسى بولىدۇ.بۇ يەردە ئاپتۇرنىڭ كۆپتۈرۈپ ئېيتقىنى ئەمەس .ناھايىتى نۇرغۇن ئىلمى تەجىرىبلەر ئاساسىدا يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولنىڭ ھەقىقەتەن چوڭلۇقى ئىسپاتلانغان.
  بىر ئادەمنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ.
تۆۋەندە مەن ئاساجېئولى (Roberto Assagioli)  نىڭ تۇخۇم شەكىللىك رەسمىلىك چۈشەندۈرىشىدىن پايدىلىنىىپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ رولىنى چۈشەندۈرىمەن.
  ئاساجېئولى(1888-1974)،مول كېلىنكىلىق ئەمەلىيىتى ۋە شەرقنىڭ تەپەككۇرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ غەرب ۋە شەرق بىرلەشتۈرۈلگەن پىسخولوگىيە سېستىمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
1.تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
2.ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
3.يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ
4.ئاڭ چېگراسى
5.ئاڭ مەركىزى،ئۆزلۈك
6.يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك،ھەقىقى ئۆزلۈك
7.كوللېكتىپ ئاڭ
(ئەسكەرتىش:ئۈزۈك سىزىق ئەتراپىدا ئوخشاش بولمىغان رايونلار كېسىشىدۇ ،مەسلەن ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش  تۆۋەن قاتلامدىكى قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىشنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.تەسىرى ئۆز ئارا بولىدۇ.ھەربىر رايون يوغىناش ھەم كىچىكلەش مۇمكىنچىلىكى بار)
1)      تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ (The Lower Unconscious)
تۆۋەن قاتلامدىكى ئاڭسىز ھېسى بىلىش ماھىيەت،ئۆزىنى ئۇرۇش(بېرىلىش)،قوزغىتىش كۈچى،فىزىئولوگىيىلىك مېخانىكىلىق تەسىر قاتارلىقلانىڭ دۇنياسى .
ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى تاشقى ئاڭنىڭ باشقۇرىشىدا بولمايدۇ،بەدەن ئۆزى نەپەسلىنىدۇ،ئاشقازان-ئۈچەي ئۆزى ھەزىم قىلدۇ.يۈرەك ئۆزى سوقىدۇ.ئېممونت  سېستىمىسى سىرتقى باكتىرىيە ۋىروسلارنىڭ بەدەنگە كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ...بۇ فۇنكىسيىلەرنى تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
گەرچە تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ گەرچە «تۆۋەن»دە بولىسمۇ ئۇ نۇرغۇن ئالىي ھەم مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى قىلىدۇ.
تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بەدەن خىزمىتىنى باشقۇرۇشنى  ياخشى قىلسا بەدەن ساغلاملىقىغا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان بولىدۇ.بەدەننىڭ كېسەل بولۇشى ئاڭنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشى تۈپەيلى بولىدۇ.
  تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ يەنە پۈتمەس-تۈگمەس ئەستە ساقلاش ئامبىرى.كىشلىك تۇرمۇشتىكى چوڭ-كىچىك ئىشلار ۋە ئەسلىمىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلىنىدۇ.
ئۇ يەنە شۇنداقلا كىشلەرنىڭ ماھىيەت ۋە رەزىللىكىنىڭ دۇنياسى ،ئېنسانلارنىڭ ئەڭ ئېپتىدائىي ۋە مەدەنىيەتسىز قىسمى،جىنايى ھەرىكەت ۋە زوراۋانلىقنىڭ مەنبەسى.
  يوشۇرۇن ئاڭ ئاڭ تەرىپىدىن قوبۇل قىلنمايدىغان ھەم باشقۇرۇلمايدىغان نۇرغۇن تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاسانلا كىشىدە قورقۇنچ،مەجبۇرلاش خارەكتىرىدىكى پىكىر قىلىش،قالايمىقان خىيال قىلىش،خىيالى سېزىم ھەتتا قارابېسىش قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ.
  بۇ قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا لوگىكا ۋە ئېدىيە بولمايدۇ،ئەكسىچە كۈچلۈك،ھەركەتچان ھالدا يەرشارىنىڭ مەركىزىدىكى لاۋاغا ئوخشاش توختىماي ھەركەت قىلىپ تۇرىدۇ ھەم كېچە-كۈندۈز دەم ئالمايدۇ.
  فرىئۇدنىڭ روھىي ئانالىز نەزەرىيىسى بەزى چاغلاردا «چوڭقۇر قاتلاملىق پىسخولوگىيە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.فرىئۇد دوستىغا يازغان خېتىدە:«مەن كىشلەرنىڭ يەرئاستى ئۆيىگە قىزىقىمەن»دىگەن.ئەگەر نوقۇل ھالدا تۆۋەن قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىقلا ھەممە پىسخىك مەسىلىگە جاۋاب تېپىش يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ.بۇ كېيىنكى روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرىنىڭ نېمىشقا فرىئۇدىنىڭ نەزەرىيسىنى توختىماي تولۇقلاپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبى
2) ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Middle Unconscious)
روھىي ئانالىز تەرەپدارلىرى ئالدىنقى ئاڭ (pre-conscious)دەپ ئاتايدۇ.ئادەتتە ئاڭدا ساقلانمايدىغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتدۇ ،بىز پەقەت ئەسلەش،پىكىر قىلىش،ئېپادىلەش قاتارلىق ھېسى پائالىيەتلەرنى قىلغان ۋاقتىمىزدا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.بۇ ماتىرىياللار ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.مەسلەن،«سىزنىڭ قول تېلىفون نومۇرىڭىز قانچە؟»،«سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇردىكى مۇئەللىمىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟».«سىزنىڭ تۇنجى ئوغۇل دوستڭىز كىم؟»دىگەندەك سوئاللار سورىلىشتىن بۇرۇن ماتىرىيال-ئۇچۇرلار سىزنىڭ ئېڭىڭىزدا بولمايدۇ،ئەكسچە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان بولىدۇ.ئاڭ ۋە ئوتتۇرا قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئوتتۇرىسىدا بەك چوڭ ئارلىق بولمايدۇ،تېزلا بىر-بىرىگە ئۆتۈشەلەيدۇ،بەزىدە ھەتتا بىر قايتۇرۇپ سوراش كۇپايە.چوڭقۇر قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭدا بولسا بۇ ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقماق تەس ،بۇ پىسخولوگىيىلىك داۋالاشتىكى بىر چوڭ جەڭ ئېلان قىلىش.
3)يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ(The Higher Unconscious or Superconscious)
يازغۇچىلار ئۆيگە بېكىنىۋىلىپ يازغۇچىلىق قىلغان ۋاقتىدا ،بەزى چاغلاردا ئېلھامى كېلىپ توختىماي يازىدۇ.يېزىپ بولغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ ھەيران قالىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇ يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى  يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىپ ،ئادەتتىكى چاغلاردا كەلمەيدىغان ئېلھام كېلىدۇ..يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭنىڭ سېھىرى كۈچىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ ،بۇ چاغدىكى تەپەككۇرنىڭ ھاسىل قىلغان قۇدىرىتى ھەرقانداق بىر نەرسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ .بۇ چاغدىكى چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىدىكى  سىناپسىنىڭ تۇتىش قېتىم سانى 20مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.بىر تۇتىشىش بىرنەچچە يۈز كىتابىنىڭ ئىچىدىكى بىلىمنى ساقلايدۇ.ھەتتە بۇ بىر قېتىم تۇتىتىش ساقلىغان سىغىم بىر ئۆمۈر ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوقۇپ بولالمايدىغان كىتابنىڭ ئومومىي ئۇچۇرىنى ساقلىغان بولىدۇ.بۇنداق تۇيۇقىسز پەيدا بولغان تەپەككۇرنىڭ قۇدىرىتى نەچچە قېتىملىق دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان مۇۋاپپىقيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن .بەزى نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرى يوشۇرۇن ئاڭ كۈچىدىن كەلگەن ئېلھامنىڭ كۈچى بىلەن بەزى يېڭى بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1845-يىلى گىرمانىيە خېمىيە ئالىمى خوفمان بېنزولنى بايقىغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى كاللا قاتۇرۇپ بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى شەكلىنى تەتقىق قىلىپ بىلەلمىگەن .شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسنى بىلىشتىن ۋاز كەچكەن.

ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1865-يىلى قىشتا نەچچە يىل بوشاشماي بېنزولنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان روسيە خېميە ئالىمى كېكىلى بىر كۈن قېتىرقىنىپ بۇ ھەقتە ئويلىشىپ تام مەشنىڭ قېشىدا ئۇخلاپ قالىدۇ.بۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بىرىدۇ .چۈشىدە بىر توپ ئاتوملار ھالقىسمان بولۇپ تولغىشىپ ئايلىندۇ ،يەنە بىر قارىسا بىر يىلان ئۆزنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ چۆگىلەيدۇ .
  كېكىلى چاقماق سوققاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ بېنزول قۇرۇلمىسىنىڭ يېپىق شەكىلدىكى ھالقىسمان تۈزلۈشكە نۇرغۇن ئالىملارنىڭ دىققەت قىلمىغانلىقىنى بايقايدۇ.قىسقىغىنە بىر ئۇخلاشتىن كەلگەن چۈشنىڭ ئېلھامى بىلەن كېكىكلى نۇرغۇن خېميە ئالىملىرى نەچچە يىل كېچە-كۈندۈز تەجىرىبخاندا ئېرىشەلمىگەن نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن خېمىيە تەتقىقاتىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئېگە بىر ئابىدە بارلىققا كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كېكىلى نوبىل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ.
ئوخشاشلا ئېينىشينىمۇ «نىسبىيلىك نەزەرىيسى» ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۇمۇ بىر قېتىملىق ئۇخلاش ئارقىلىق ،چۈشىدە قولىدا بىر دەستە نۇرنى تۇتۇپ نۇر تېزلىكىدە ھەركەت قىلىپ چۈش كۆرىدۇ .ئۇ ئويغىنىپ نەچچە كۈن ئىچىدە «تار مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيىسى »نى يېزىپ فىزىكا دۇنياسىدا غۇلغۇلا قوزغايدۇ .ئارقىدىن «كەڭ مەنىلىك نىسبىيلىك نەزەرىيسى»نى يېزىپ بۇ نەزەرىينى تېخمۇ تولۇقلاپ بېيىتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالىدۇ.
  يۇقىرىدىكى بىرنەچچە مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋىلشقا بولىدۇكى ،يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭ ئېلھام،ئەقىل،سەزگۈ قاتارلىقلارنىڭ دۇنياسى .
ئەگەر گېپنوز قىلىش جەريانىدا ئەگەر يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن تۇتىشىش ۋە باغلىنىش ھاسىل بولسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ-غارايىپ مۆجىزىلەر يۈز بىرىپ تېخمۇ ياخشى بولغان پىسخىكىلىق داۋالاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ. گېپنوز ئارقىلىق يۇقىرى قاتلامدىكى يوشۇرۇن ئاڭغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭ ئەدەبىيات-سەنئەتتىكى ئىجاد قىلىش ،ئىلغار تېخنىكىدىكى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ،خارەكتىرنىڭ ئۆزگىرىشى،ئۆزىنى ئۇنتىش ئارقىلىق كەسپكە ئۆزىنى بېغىشلاش ،قىممەت قارىشنىڭ ئۆزگىرىشى ،ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش .ئالىيجاناب خارەكتىر ،مۇۋاپپىقيتەتكە يېتىشنىڭ بۇلىقى .
4)ئاڭ چېگىرىسى
  بۇ ھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق .بىزنىڭ ھەرۋاقىت بىۋاستە ھېس قىلغان نەرسمىز .بىزنىڭ ھېس قىلىش نۇقتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆز ئىچىگە ئالغان نەرسىلەرمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.ئاڭ چېگىرىسى بەزىدە چوڭىيىپ ،بەزىدە كىچىكلەپ تۇرىدۇ.شۇڭا تۇخۇم شەكىللىك رەسمىدە ئۈزۈك سىزىق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
5)ئاڭنىڭ مەركىزى –ئۆزلۈك
  ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىڭ غولى.ئۆزىمىزنى تونۇشمىزنىڭ مەركىزى.ئاددى قىلىپ ئېيتقان چاغدا «مەن» يەنى «مەن»ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئۆزلۈك.
6) يۇقىرى قاتلامدىكى ئۆزلۈك
ئاڭنىڭ مەركىزى بولغان «مەن»گە سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى قاتلامدىكى «مەن» بولسا ئادەمنىڭ ماھىيتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.خۇددى نۇرغۇن ئادەملەر بىراۋنىڭ پۇلىنى تېپىۋالغان چاغدا ئۇنىڭ ئېڭىدا ئىككى «مەن»پەيدا بولىدۇ ،بىر «مەن» پۇلنى ئېلىۋىلىپ خەجلەشنى ،يەنە بىر «مەن» پۇلنى ئېگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىدۇ.
  ئادەتتىكى «مەن»بولسا ئاڭ دائىرىسنىڭ مەركىزى ،رېئاللىقتكى خارەكتىرنىڭ مەركىزى.ھەقىقى «مەن» بولسا يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭنىڭ مەركىزى.بۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتلام ۋە مەزمۇنى تېخمۇ كەڭ دائىرىدە بولىدۇ.تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىقى نۇرغۇن كىشلەر رېئاللىقتىكى كىچىك «مەن»ئىچىدە ياشايدۇ.يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەقىقى«مەن»نى تونۇپ يەتمەيدۇ.ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ كاللىمىزدا يۈز بېرىدىغان پىسخىك ئۆزگىرىش ۋە ياكى باشقا خارەكتىر ئۆزگىرىشى ھەتتا بىزنى مۇۋاپپىقىيەت يولىغا يېتەكلەيدىغنى بىز ئىزچىل تونۇپ يېتەلمەي كېلۋاتقان يۇقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى ھەققىقى ئۆزلۈك .ئۇ خۇددى كۆرۈنمەس مەشئەلگە ئوخشاش بىزنىڭ ئېدىيە يولىمىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.بىراق بىز كۆپ ھاللاردا بۇ مەشئەلنى قولىمىزغا ئالالمايمىز.
  گېپنوز قىلىشنىڭ مەقسىتى بولسا يوقىرى قاتلام يوشۇرۇن ئاڭدىكى «مەن»نى قوزغىتىش ئارقىلىق سىزنى تۈرلۈك پىسخىك بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سىزنىڭ كىشلىك قىممەت قارىشى ئۆزگەرتىشىڭىزگە ياردەم بېرىش .
7)كوللېكتىپ ئاڭ
  كوللېكتىپ ئاڭ بولسا شەخستىن ھالقىغان مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى بىلىش .ئەگەر خۇدا،جىن-ئالۋاستى،روھنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققدىكى ئاڭ ۋە بۇ ھەقتىكى ھېسى بىلىش.
گېپنوزنىڭ ئالاھىدىلىكى
دىققەتنىڭ مۇتلەق يىغىلىشى
  «ئامىرىكا پىسخولوگىيە ئايلىق ژورنىلى» ئېلان قىلغان تەجىرىبىگە ئاساسلانغاندا،ئادەم گېپنوز ھالىتىدە تۇرغان ۋاقىتتا،دىققەتنىڭ تەقسىملىنىش دائىرىسى بارغانسىرى كىچىكلەپ تاكى ئېنتايىن تار دائىرىگە ئۆتىدۇ .ئادەم سەگەك ھالەتتىكى دىققەتنىڭ تەقسىملىنىش ھالىتى A  سۈرەتتىكىدەك بولىدۇ ،بۇ چاغدا،دىققەتنىڭ يىغىلىش يۆنىلىشى ئەگرى سىزىقنىڭ چوققىسدا بولىدۇ. B سۈرەتنىڭ ئېپادىلگىنى بولسا دەل گېپنوز ھالىتى ،گېپنوز ھالىتىگە كىرىش جەريانى بولسا،دىققەتنىڭ يىغىلىش جەريانى،يىغىلغان نۇقتا بولسا گېپنوز ئۇستىسىنڭ بەرگەن بېشارەت مەزمۇنى .
دىققەتنىڭ يىغىلىش يۆنىلىشدىكى سەزگۈ ئەزالارنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ھالىتى
رەسىم ئا ۋە ب
گېپنوز ھالىتىدە ،دىققەتنىڭ يىغىلىش يۆنىلىشى ئۈستدە ،كۆرۈش،ئاڭلاش،پۇراش،تېگىش سەزگۈسى قاتارلىق سەزگۈ ھالىتى ئادەتتىكىدىن سەزگۈر بولىدۇ،بۇ خىل ھالەت «ئالاھىدە سەزگۈرلۈك ھالىتى»دەپ ئاتىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىق خۇسۇسىيتى تېخمۇ يۇقىرى كۆتۈرلىدۇ.بۇ ھەم گېپنوز ھالىتىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى .
1.2گېپنوزنىڭ شەكللىنىش نەزەرىيىسى ۋە تارىخى
  گېپنوزنىڭ ئۇزۇن تارىخى جەريانىدا گېپنوزنىڭ ماھىتىگە بولغان چۈشەنچە ھەققىدە ۋە ئۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ ،بىر پەن سۈپىتىدە ئېتراپ قىلنىشغا نۇرغۇن كىشلەر ئۆز قان-تەرىنى بۇنىڭغا سىڭدۈردى .تۆۋەندە بىز بۇ كىشلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تونۇش ۋە تەتقىقاتى ھەققىدە سۆزلەيمىز
  نۇرغۇن كىشلەر گېپنوزدىن ئېبارەت بۇ ھادىسە قەدىمكى دەۋىرلەردىلا بارلىققا كەلگەن دەپ بىلىدۇ،بىراق گېپنوز تېخنىكىسى ۋە ئۇسۇلىغا قارىتا 18 –ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى ۋە 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئېنىق بولغان ئۇقۇم شەكىللىنىشكە باشلىدى .
دوختۇر مەسمىر ۋە  مەسمىرسىزىم  ئۇقۇمى
تىببىي ئىلىم ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلمىغان چاغدا،ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋېنادا دوختۇر فرەنز.ئانتون.مەسمىر(Franz Anton Mesmer 1734-1815)مۇۋاپپقىيەتلىك ھالدا ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن كېسەل داۋالىغان.
كېسەل داۋالاش جەريانىدا،مەسمىر پەقەت قولنى كېسەلنىڭ بېشىغا قويغان چېغىدا ،كېسەل بىردىنلا جىمجىت ھالەتكە ئۆتكەن(ھازىرقى گېپنوز ھالىتىگە ئۆتكەن) ،بۇنداق ھالەتكە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن كېسەلنىڭ ئاغرىق ئازابى يېنكلىگەن ھەم بەزىلىرى پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەن.
  بۇ ئىش تارقالغاندىن كېيىن،نۇرغۇن كىشلەر كەينى-كەينىدىن مەسمىرنىڭ داۋالاش ئورنىغا يىغىلغان ۋە مەسمىرنىڭ قولىنى بېشىغا تەگكۈزۈپ ئۆزنى داۋالاپ قويۇشىنى ئۆتۈنگەن ،ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىر كۈندە 3000 ئادەم كەلگەن،ئەگەر كېسلەللەر بۇنداق كۆپلەپ كېلۋەرسە ،مەسمىر ھەممىسىنىڭ بېشىغا قولىنى قويوپ بولغىچە ئۇ چارچاپ ھالىدىن كېتەتتى ،ئاخىردا ئۇ باشقىچە ئۇسۇل قوللىنىش ئارقىلىق بۇنى ھەل قىلغان .
مەسمىرنىڭ ئۆزنىڭ بۇ ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ،بىر يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان ؛
  كائىنات جانلىقلار ماگىنت كۈچى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دولقۇنغا تولغان ،بۇ خىل جانلىقلار ماگىنت كۈچى ئالاھىدە ئىقتىدارنى ھازىرلىغان يەتكۈزگۈچى ئادەملەرنىڭ قولىدا،ئەگەر يەتكۈزگۈچى بۇ جانلىق ماگنىت كۈچىنى كېسەل ئادەمگە يەتكۈزۈپ بەرگەندە كېسەل ساقىيىدۇ دەپ شەرھىلىگەن .بىراق مەيلى جانلىقلار ماگىنت كۈچى كېسەللەرنى ساقايتىدۇ دەپ قارىسۇن ياكى يەتكۈزگۈچى كېسلەللەرگە تەسىر قىلغان دىگەن قاراش بولسۇن بۇنىڭ ئىلمى ئاساسىنى ھېچكىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن .
  ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەللەرنىڭ ئۆزى ھازىرلىغان «ئىشەنچ»تۈپەيلىدىن بولغان،يەنى ئۆزىدىكى كېسەلگەن بولغان ئىچكى ئىشەنچى ئۇلارنىڭ كېسىلىنىڭ ساقىيىشىغا تۈرتكە بولغان.ئەگەر كېسەلدە ئۆزنىڭ كېسلىگە بولغان ساقىيىش ئىشەنچى بولمايدىكەن .بۇ ئۇسۇلنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايدۇ .ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئۇسۇل مەسمىرنىڭ نامى بويىچە «مەسىمىرىزىم »(Mesmerism) دەپ ئاتالغان.
يودۇفنىڭ 1981 –يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ،ئەينى چاغدا فرانسيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن پۇلغا مەسمىرنىڭ مەخپىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغاندا مەسمىر رەت قىلغان ،چۈنكى ئۇ ھېچقانداق مەخپىيەت ئىشلەتمىدىم دەپ قارايتتى .ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ لۇئىس 16 خان جەمەتى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ مەسمىرنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ،بۇ خىزمەت 1784-يىلى پارىژ پەنلەر ئاكادىميىسىدە ئېلىپ بېرىلغان.
  ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئەينى چاغدىكى داڭلىق ئالمىلاردىن ئامىرىكىلىق بىنجامىن.فىرانكىلىن (ئۇ بۇ چاغدا دەل ئامىركىنىڭ فرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان).خېمىيە ئالىمى ھۇيىس،ئۆسۈملۈكشۇناس جۇسىيۇ،ئاسترونوم بېلى قاتارلىقلار بار ئېدى.
  تەكشۈرۈش جەريانىدا ،مەسىمىر بۇ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىغان .
  تەكشۈرۈش ئىككى تەرەپتنى ئېلىپ بېرىلغان ،بىرى مەسمىرنىڭ ئۆتمۈشتىكى خىزمەتلىرى .يەنە بىرى ماگىنىت تاش (بۇنى ماگىنت تاشىنى ئەينى چاغدىكى ۋىنا خىرىستئان دىننى جەميىتنىڭ بىر روھانىيسى بەرگەن ) ۋە مەسمىرنىڭ كېسەل داۋالاش ئۇسۇلى .
ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى خۇلاسە چىقىرىپ مەسمىرنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىيلىكى يوق دەپ ئېيتقان.دوكلاتتا مەسمىرنىڭ مەغلۇپ بولغان بىرنەچچە مىسالى كۆرسىتىلگەن ،ئەمما ۋەكىللەر ئۆمىكنىڭ بىرتەرەپلىمە بولغان چەتكە قېقىش پوزىتسىيدە ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان كۆپ مساللىرىنى دوكلادتا تىلغا ئالمىغان .
  شۇنىڭ بۇ ئەينى چاغدىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ چىقارغان بۇ دوكلاتى ئۇنىڭ دوختۇرلۇق ئىجازەتنامىسنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشغا سەۋەب بولغان .مەسىمىر شىۋتسيىنىڭ Frauenfeld دىگەن يېرىگە قايتىپ كەتكەن .1815-يىلى3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇ مىربۇرگ(Meerburg) دا جان ئۈزگەن .
  ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئاز بىر قىسىم كىشلەر مەسمىرنىڭ خىزمىتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ،باشقىلارنىڭ قانداق قارىشى بىلەن كارى بولماي ئۆز خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا .بىراق ئۇلارنىڭ ھېچقانداق نامى چىقمىدى .
  مەسمىر گېپنوز تەرەققىياتىغا چوڭ بىر تۆھپە قوشتى دەپ قاراشقا بولىدۇ،كېيىن نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچىلار ئۇنىڭ قاراشىلرى ۋە ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلدى.بىراق ئۇنىڭ تېزلا نام چىقىرىشى ۋە تېزلا مەغلۇپ بولۇشى تۈپەيلى گېپنوز خېلى بىر مەزگىل كىشلەر ئارسىدا سوغۇق مۇئامىلگە ئۇچىرىدى .

جەيمىس.برايد –تىكىلىپ قاراشنىڭ ئىجادچىسى
  كېيىن مەسمىرنىڭ جانلىقلار ماگىنىت كۈچى داۋالاش ئۇسۇلىغا ۋارسىلىق قىلغان پىيۇسىگىر(M de Puysgur    ) داۋالاش جەريانىدا ،كېسەلدە يەنە ئۇيقۇغا ئوخشايدىغان ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان .
  بۇ ھادىسگە دىققەت قىلغان پىيۇسىگىرلا بولۇپ قالماي يەنە ئەنگىليە مانچىستىر  تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى جەيمىس.برايد(James Braid)مۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرۋاتاتتى .
  ئۇ ئۇخلاش بىلەن گېپنوزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن دەپ قارىغان ،بىراق پەرقى بار دەپ تونۇغان.ئۇ نېرۋا گېپنوز ئىلمى (Neurophnology)  دىگەن ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈردى ،كېيىن بۇ ئۇقۇم گېپنوز (Hypnosis) دەپ قىسقارتىلدى.ئۇ برايدىزىم (Braidism) ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈردى ،بۇ ئۇسۇلدا كېسەل ئۇزۇن ۋاقىت لوڭقىغا تىكىلىپ قارايدۇ ،ئاندىن ئۇنىڭغا تۆۋەن ئاۋاز بىلەن «سىز چارچاپ كەتتىڭىز ،شۇنداق ئۇخلىۋالغۇڭىز بار»دەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ گېپنوز ھالىتىگە ئۆتىدۇ.
  ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىدا كۆزىنى چارچىتىش ئەمەس ،بەلكى نېرۋىلارنى چارچىتىش ۋە مۇۋاپىق بولغان بېشارەت بىلەن مەقسەتكە يەتكەن .
  برايد بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسمىرنىڭ ئۇسۇلىدىكى جانلىقلار ماگىنت كۈچى بىلەن مۇناسۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
  شۇنىڭدىن كۆرۋىلشقا بولىدۇكى برايىد گېپنوز تارىخىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى ،گەرچە ئۇ قوللانغان ئۇسۇل تېببىي داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىكى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچىرىغان بولسمۇ ،بىراق ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخمۇ كونكىرىت بولغاچقا ،كېينكلەرنىڭ ھۆرمەت قىلشغا ئېرىشتى ،شۇنداقلا تىببى ساھەنىڭ گېپنوزنى قوبۇل قىلىشنى تېزلەشتۈردى .
نەنسى تەرەپدارلىرى – تىل بىشارىتى قارىشى
  بىرايدنىڭ نېرۋا چارچاش قارىشىغا قارىتا نەنسى تەرەپدارلىرى(Nancy School) دىن لېبيۇلت(Ambrose August Liebeault)  ۋە بىرنيىم (Hippolyte Bernherim) بېمارنى تىل بىلەن يېتەكلەشكە بولغان ئېنكاسنىڭ ناھايىتى چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقاپ «تىل بېشارەت قارىشى »ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى ،بۇ ھازىرقى بېشارەتنىڭ باشلىنىشى ئېدى .
  كېيىن ساپليتېر (Salpetriere) تەرەپدارلىردىن چاركوت (Jean Martin Charcot ) بەزى بېمارلارنىڭ گېپنوز جەريانىدا «گەپ قىلالمايۋاتىسىز» ياكى «قولىڭىز قېتىپ قالدى ،يۆتكىيەلمەيسىز دېگەن بېشارەت بىلەن پەيدا بولغان ئېنكاسقا نىسبەتەن نەنسى تەرەپدارلىرنىڭ قارىشىغا بولغان خاتا چۈشىنش پەيدا بولۇپ قالدى.
  1889-يىلى پارىژدا ئېچلىغان خەلىقئارالىق يىغندا نەنسى تەرەپدارلىرى غەلبە قىلدى .
  ھەقىقەتەن گېپنوزدا بېشارەت تىلغا تايىنپلا غەلبىلىك بولمايدۇ،بىراق كۆپ ھاللاردا تىل ئارقىلىق ئېپادىلەنگەن بېشارەت گېپنوزنىڭ ئاساسىلق ئامىلى .18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پورتۇگاليىلىىك روھانىي فارىيا    (Jose Custodio di Faria) تىل بېشارىتى بىلەن گېپنوز ھالىتىگە يېتەكلەپ مۇۋاپپىقيەت قازانغان،بۇ تىل بېشارىتنىڭ گېپنوزغا بولغان مۇھىملىقىنى تونۇتقان .
  ئېمىل كوۋ –ئۆزلۈك بېشارىتى قارىشى
  يېڭى نەنسى تەرەپدارلىرىدى ،ھېچقانداق گېپنوز يوق
،بار بولغىنى  ئۆزلۈك بېشارەتتىن ئېبارەت دەپ قارىغان .يېڭى نەنسى تەرەپدارى دەپ قارالغان ئېمىل .كوۋ (Emile Coue) ؛ھېچقانداق بېشارەت يوق ،بار بولغنىنى ئۆزلۈك بېشارىتى دەپ ئېيتقان .داڭلىق بولغان «كۈنلەر قانداق ئۆتسۇن ،مەن دائىم ئەڭ ياخشى ھالەتكە ئۆتىمەن »بېشارەتنى ئېمل ئوتتۇرىغا چىقارغان .
  ئېمىل كۆرسىتىپ ،مەسىلە شۇكى ،بېشارەتنى بەرگەن ئادەم نېمىنى بېشارەت بەردى ئەمەس بەلكى،بېشارەتنى قوبۇل قىلغۇچى قانداق ئۇسۇل بىلەن بېشارەتنى قوبۇل قىلدى. دەپ كۆرسەتكەن ،يەنى ئۇ بېشارەتنى قوبۇل قىلغۇزۇشتا گېپنوز قىلغۇچى ئالدى بىلەن گېپنوز قىلنغۇچىنى بىرنچى ئامىل دەپ قاراشنىڭ مۇھىملىقىنى ،مەسلەن ،بىر گېپنوز قوللانمىسدا ،گەرچە ئۇ قوللانما دۇنياغا داڭلىق گېپنوز ئۇستىسىنىڭ گېپنوز قىلىش قوللانمىسى بولسمۇ ،ئەگەر ئۇنى ئۆلۈك ھالدا ئىشلەتسە ،بۇنىڭ ئۈنۈمى بولمايدۇ .قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ،گېپنوز قىلنغۇچى بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلدىغان بېشارەت بىلەن ئۇنى بىرنچى ئامىل دەپ قارىغاندا بېشارەت ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىندۇ دەپ قارىغان .
گەرچە بۇ ئۇسۇل ئاددى ھالدا قولىنى كېسەلنىڭ بېشىغا قويۇش بولسىمۇ ،كېسەلنىڭ ساقىيىشىدا ئۇنىڭ ئۆزى ھازىرلىغان كېسەلنىڭ ساقىيىشىغا بولغان ئىشەنچ ،ئەگەر بۇ ئىشەنچ بولمايدىكەن بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ .
  لېبىنفىرىت –مېڭىگە قان كەمچىل بولۇش قارىشى
  گېپنوز ھالىتنىڭ چوڭقۇرلىشغا ئەگىشىپ،تەپەككۇر چەكلىمىگە ئۇچىرايدۇ،بۇنىڭ بىلەن قالايمىقان خىياللارمۇ ئازلايدۇ .چوڭ مېڭىنىڭ گېپنوزغا كېرەكلىك بولغان قىسىمى خىزمەت قىلىپ ،قالغان قىسمى ئارام ئالىدۇ.چوڭ مېڭە ئارام ئالغان چاغدا ،سەرپ قىلىدىغان ئېنرگيە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشىدۇ.
  چوڭ مېڭىگە كېرەكلىك بولغان ئېنرگىينى قان  ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا توشۇلىدىغان قاننىڭ مىقىدارىمۇ ئازلايدۇ.ھەم بەدەندىكى قاننىڭ مىقىدارى ئۆزگەرمەيدۇ ،بۇنىڭى بىلەن قان تۆۋەنگە قاراپ ئاقىدۇ،بۇنىڭ بىلەن باش سوغۇق پۇت ئىللىق ساغلام ھالەتكە كېلىدۇ.
  بۇ قائىدىنى تونۇپ يەتكەن لېبىنفىرىت گېپنوزغا نىسبەتەن «مېڭىدە قان كەمچىل »بولۇش ھادىسىسى دەپ قارىدى.
  كۇلىز –ئۆزىنى گېپنوز قىلشنىڭ باشلامچىسى  
  بېرلىن ئۇنىۋرىستىدىكى كۇلىز (J.H.Schulz) ئۆز-ئۆزىگە بېشارەت بېرىپ ،ئۆزىنى مۇۋاپپىقيەتلىك گېپنوز قىلغان.ھەم گېپنوز دۇنياسىدا ئۆزنىڭ ئىسمىنى قالدۇرغان .
  ئۇنىڭ قوللانغان «ئۆزىنى گېپنوز قىلىش ساغلاملىق ئۇسۇلى» پۈتۈن دۇنيادا كەڭ دائىرىدە ئىشلتىلمەكتە .
  ئۇ گېپنوز ئۇستىسىنىڭ ياردىمىگە تايانماي تۇرۇپمۇ گېپنوز بولغىلى بولامدۇ ؟دىگەن قاراش بىلەن ،گېپنوز سىناق قىلنغۇچىلاردىن ماتىرىيال توپلاپ بىر پروگىراممىنى شەكللەندۈردى .
  بۇ پروگىرامما ئالتە ھالقىدىن  تەركىب تاپىدۇ : پۇت-قولنىڭ ئېغىرلىشىشى ،پۇت-قولنىڭ ئىللىشى،يۈرەكنىڭ رېتىملىق سوقۇشى،نەپەسنىڭ راۋانلىشىشى ،قورساق قىسمنىڭ ئىللىشى،پېشانىنىڭ سالقىن بولۇشى .
  ئېرىكسون
دوكتور مېلتون ئېرىكسون(Milton H.Erickson) 1901-يىلى12ئاينىڭ 5-كۈنى ئامىرىكىنىڭ نېۋادا ئىشتاتنىڭ ئائۇرۇم (Aurum) دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان ،ۋسىكانسىن ئۇنىۋىرستىدا تىببى ئىلىم بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان . گېپنوز تارىخدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئادەم ،بولۇپمۇ كېلىنكىلق گېپنوزدا نەتىجىسى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولغان ،ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى بىر ئومومىي ئۇسۇلغا يىغنچاقلاشقا بولمايدۇ ،چۈنكى ئۇنىڭ ھەربىر ئادەمگە قىلغان گېپنوزى ئاشۇ ئادەمگە قارىتا بولغان .ئۇ يەنە ۋاستىلىك ھالدا بېشارەت بېرىپ ،ئۆزگىچە ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنى گېپنوز قىلغان .
  مەسلەن ،گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرگەن چاغدا ،ھازىرمۇ نۇرغۇنلىغان گېپنوز قىلغۇچىلار «گېپنوز ئورتاق ئېلىپ بېرىلىدىغان جەريان ،سىزنىڭ ماسلىشىڭىزمۇ مۇھىم »دەپ ئېيتىدۇ ،بۇ ئاڭلىق ھالەتتىكى ماسلىشىش .بۇ چاغدا ئېرىكسون تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن يېتەكلەش ئېلىپ بارغان :
-گېپنوز قىلغاننى كۆرۈپ باققانمۇ ؟
-ياق.
-سىز گېپنوز بولغاندىن كېيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
-بىلمەيمەن.
-گېپنوزنى سىز مۇستەقىل تاماملايسىز ،مەن پەقەت ياندا تۇرۇپ سىزنىڭ تاماملىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ تۇرىمەن خالاس..
ئېرىكسوننىڭ سوئالىغا گېپنوز قىلىنغۇچى ئېنكار قىلىش جاۋابىنى بېرىدۇ.بىر نەچچە ئېنكار قىلىش جاۋابى بېرىلىدىغان سوئاللار ئارقىلىق ،گېپنوز قىلنغۇچدا شەرتلىك رىفىلىكس يۈز بېرىدۇ.ئاخىردىكى سوئالغىمۇ ئېنكار قىلىش بولىدۇ،يەنى ؛«سىزنىڭ يېتەكلىشىڭىز بولمىسا ،گېپنوز ھالىتىگە ئۆتمەيمەن ».
بۇ خۇددى كىشلەرگە «قىزىل پىل»نى ئويلىماڭ دېسە ،ھەممە ئادەم قىزىل پىلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ ،گېپنوزنىڭ ماھىيىتى ئاڭلىق ئېنكاس ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن ئاڭ ئېنكاسنىڭ ھاسىل قىلغان مەھسۇلاتى .ئېرىكسوننىڭ بۇ خىل ۋاستىلىك ھالدا بېشارەت بېرىشى بىلەن قارشى تەرەپ گېپنوز ھالىتگە ئۆتىدۇ.



ئېرىكسون گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ ئاڭ توسقۇنلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئادەم .گەرچە گېپنوز قىلىش ناھايىتى تەس بولغان ئادەمنىمۇ ئۇ گېپنوز قىلۋەتكەن،ھەتتا بۇ جەھەتتە ئاخىرقى چەككە يەتكەن .دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە؛مەيلى قانداق ئادەم بولسۇن ،مېلتون.ئېرىكسون تەرىپىدىن گېپنوز بولۇپ كېتىدۇ دىگەن يۈكسەك ئېتراپ قىلىش باھاسىنى بەرگەن .ھەم نۇرغۇن كىشلەر تەرىپىدىن «ھازىرقى زامان گېپنوز»ى دەپ ئېتراپ قىلنغان.
  ھازىر نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچىلارنىڭ تەشۋىقاتىدا مۇنداق گەپلەر كۆپ ئۇچىرايدۇ؛ «چارچاپ قالدىڭىز ياكى كۆز قاپىقىڭىز ئېغىرلاپ كەتتى دەيدىغان گېپنوز يېتەكلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتتى .ھازىرقى زامان گېپنوزدا ،قارشى تەرەپ بىلەن ئاددى بولغان سۆھبەت ئارقىلقمۇ قارشى تەرەپنى گېپنوز قىلۋەتكىلى بولىدۇ».بۇ خىل گېپنوزدا يۇقىرىقىدەك يوشۇرۇن سەھنە سۆزلىرى بار .بۇ سۆزلەر ئارقىلىق گەرچە ئادەتتىكى سۆھبەت بولسمۇ ،قارشى تەرەپكە نىسبەتەن  ھېچقانداق تەييارلىقسىز ھالەتتە گېپنوز يېتەكلىشى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
  نۇرغۇن كىشلەر بۇنداق تەشۋىقات ئالدىدا قايمۇقۇپ قالىدۇ،بۇنداق ئاتالمىش ئاددى سۆھبەت ئارقىلىق گېپنوز قىلىشنىڭ ماھىيتى يەنە گېپنوز قىلىش ياكى گېپنوز مەسلھەت بېرىش ۋە ياكى باشقا گېپنوزغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ .قارشى تەرەپ بۇ سۆھبەتنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ گېپنوز ئۇستىسى ئېكەنلىكىنى بىلىدۇ .

داۋامى بار ........................


مەنبە : توغراق تورى

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 10:51:58

{:87:} گېپنوز
مەنچە ئىنسانلارنىڭ بۇ كەسىپكە ھەددىدىن زىيادە قىزىقىشى بۇ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇۋەتتى

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:17:40

   مەن بۇ گەپنى ھەر بىر ئاڭلىغاندا ئىشقىلىپ بىر خىل ۋەھىمە ھېس قىلىمەن .

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:33:21

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 11:17 static/image/common/back.gif
مەن بۇ گەپنى ھەر بىر ئاڭلىغاندا ئىشقىلىپ بىر خىل ۋەھى ...

ۋەھىمە ئەمەس ئويۇن دەپ بىلىڭ …:)

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 11:38:03

ئۆتكەندە بىرسى ھىپنوز توغرىلىق بىر تېما يوللاپ داۋامى بار داۋامى بار دەپ قويۇپ بېلىق تۇتقىلى كەتتى ، ئۇچۇر يوللاپ داۋامىنى يوللاڭ دىسەممۇ سادا كەلمىدى…
بۇ تېمىنىڭمۇ ئاخىرىغا بارماي تۇرۇپلا رەھمەتلىك بولۇپ كەتمەسلىكىنى ، تېما يوللىغۇچىنىڭمۇ قىلغان ئىشىغا ئاخىرىغىچە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن…

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:09:50

بۇ ئۆتكەندە يوللانغان تىمىنىڭ دەل ئۈزى شۇكەنغۇ؟؟
مەزمۇنى ئوخشاشكەن،، لېكىن ئاخىرى بولسىلا بۇلاتتى ئۆتكەنكىدەك توختاپ قالماي..

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 12:13:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mahir512 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 12:16  

بۇ تىما بۇرۇنمۇ يوللانغان، ئىلتەرىشجان دىگەن ھېلىقى تىما شۇ ئىكەن.
ئادرىسى مانا.
http://bbs.izdinix.com/thread-59378-1-1.html

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:22:30

ئىزدىنىشتا بۇرۇن ئېلان قىلىنىپ بولغان تېما .

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 13:33:03

ئەلى قۇربان مۇئەللىم پىسخىكا توغرىسىدا كىتاب يازسا بولاتتى

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 15:48:47

ياخشراق تەپسىلي ئوقۇڭلار. ياكى بەلكىم ئوقۇمۇغانلار ئوقۇپ قالار، ئەلى مۇئەللىمنىڭ پىلاستىنكىسىنى كۆردۈم ،لېكىن  سەل قىممەت بولۇپ قاپتۇ،  ئۇنچىلىك پۇلغا ئەرزىمەيدىكەن

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-9-3 08:36):
مانا ئوغرى نەشىرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى، http://pan.baidu.com/s/1pJt2BDD

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 17:35:54

مەن چۇقۇم گىپنوز بولمايمەن دىسەم ئىشىنەمسىلەر ؟
مەندە شۇنداق بىر سىزىم بار .

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-1 17:40:24

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-09-01 13:33:03 static/image/common/back.gif
ئەلى قۇربان مۇئەللىم پىسخىكا توغرىسىدا كىتاب يازسا بو
يېزىۋاتىمىش، كېلەر يىللىرى چىقىشى مۇمكىنكەن…

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 05:27:43

دۆلىتىمىزمۇ شۇنىڭغا دائىربىر فىلىم ئىشلەپتۇ گىپىنوز پىرى

催眠大师

2014.4ئايدا بازارغا چىقىپتۇ دۆلەتنىڭ فىلىمىنى ياقتۇرمىغاچقا كۆرمىدىم ،بەلكىم كۆرگەندە ئازدور كۆپتۇر ساۋاتقا ئىگە بولىدىغاندەك تۇرىدۇ.

mihin يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 08:12:01

buyukturn يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 17:35 static/image/common/back.gif
مەن چۇقۇم گىپنوز بولمايمەن دىسەم ئىشىنەمسىلەر ؟
مەندە  ...

دەل مۇشۇنداق سىزىم بولغانلىقى ئۈچۈن گىپنوز بولسىز ،سىز ئەڭ ئوڭاي گىپنوز بولشىڭز مۇمكىن تىخى    يازمىنى تەپسىلىي ئوقۇپ بىقىڭ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 08:29:33

گېپنوز نىڭ يامان تەرەپلىرىمۇ بارمۇ نېمە؟ مەسىلەن باشقىلارنى گېپنوز قىلىپ قويۇپ ئىچكى سىرلىرىنى بىلىۋېلىش، زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 08:58:43

ezijan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 15:48 static/image/common/back.gif
ياخشراق تەپسىلي ئوقۇڭلار. ياكى بەلكىم ئوقۇمۇغانلار ئو ...

ھەقىقى نەشىردىكى 10 تال ناخشا چىقىدىغان پىلاستىنكىنىمۇ ساتىدۇ 40-50 كويدىن ، ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەرزان . 8 پىلاستىنكىكەنغۇ ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:13:10

8 پىلاستىنكا بولغان بىلەن ۋاقىتى بەك قىسقا

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 09:17:40

قاندالا بولمىسۇن بىر يېڭىلىق
بەت: [1] 2
: گېپنوز 1-باب ( گېپنوز دىگەن نېمە؟)