ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 16:18:19

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 09:17 static/image/common/back.gif
قاندالا بولمىسۇن بىر يېڭىلىق

لېكىن سىز بىر كۆرسىڭىز بىلسىز، بولمىسا مەن بىلەن ئالاقىلشىڭ ، مەن سىزگە چۈشۈرۈش ئادىرسنى يوللاپ بېرەي.2363273491

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 17:03:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-2 17:12  

گېپنوز توغرۇلۇق كۆپ ئەسەر يازغان بىر گېرمان يازغۇچى مۇنداق بىر مېغىزلىق گەپ قىلىدۇ:«ئەگەر ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئىشىنىپ قالغىنى توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئىشىنىپ قالغىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ.» بۇ گەپ گېپنوزنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە ناھايىتى مۇھىم يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ گېپنوزنىڭ ئىنساننىڭ ئىشەنچ كۈچى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكدۇر.
مەيلى گېپنوزنىڭ بايقاپ ئوتتۇرىغا قويغان مېسمېر بولسۇن ۋەيا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىنسان ۋە ئۇ ياشاۋاتقان توپنى چۈشەندۈرۈشى ئۈچۈن خاس نەزەرىيەلەر شەكىللەندۈرگەن فروئد، يۇڭ، ئادلېر، ۋە ئېرىكسونلار بولسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى گېپنوزنىڭ ئۇ قەدەر كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەن، يەنى گېپنوز ھەممە كىشىلەردە ئوخشاش ئۈنۈم بەرمەيدۇ، بەزىلەر تېز بولىدۇ، بەزىلەر ئاستا، ھەتتا ئازساندىكى بەزىلەر قەتئىي بولمايدۇ. دېمەكچىمەن، ئۇلار گېپنوز جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان كۈچنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشكە، گېپنوزغا قارىغاندا بەكراق قىززىققان. شۇنداق بولغاچقا مەن يۇقىردا سانىغانلارنىڭ ھېچبىرى گېپنوزدا شۇ پېتى قېلىپ قالغانلار ئەمەس.
ئۇلار ئاشۇ كۈچنى ئىزدەش جەريانىدا مەلۇم بىر نەرسىلەرنى بايقاپ چىققان. ئۇلار بايقاپ چىققان ئىنساننىڭ پەرقلىق ئاڭ ھالىتى يېقىنقى زامان پسىخولوگىيەسىدىكى ئەڭ زور بايقاشتۇر.
مۇنداقچە ئېيتقاندا گېپنوز نېمە دېگەندە، سىزنىڭ ئىشەنچ كۈچىنىڭىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن كونترول قىلىنىشى. ئىنسان ھاياتىدا ئىشەنمەي تۇرۇپ ھېچ قانداق بىر ئىش قىلالمايدۇ. ئەمما نورمال تۇرمۇشتا بۇ ئانچە ئىپادىلىنىپ كەتمەيدۇ. مەسىلەن، سىز يول ماڭغاندا بىر سىزىقنىڭ گىرۋىكىنى بويلاپ ماڭسىڭىز شۇ يولدا تەمتىرىمەي مېڭىشىڭىزدىن ئەنسىرمەيسىز ياكى بۇنى ھېچ ئويلاپ باقمايسىز، ئەمما سىز ئېگىز بىنانىڭ قىرىدا ماڭسىڭىز، ئۇ يەردىن ماڭالىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ قالىسىز. چۈنكى پەسكە چۈشۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە تولۇق ئىشەنگەن بىر كىشى ئۈچۈن بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. ئەمما بىز ياشاش جەريانىدا ئۆزىمىز بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئىشەنچىمىزنى ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزغا تارتتۇرۇپ قويىمىز. ياشاۋاتقان مۇھىتقا قاراپ ياكى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا قاراپ ئاندىن ئىشەنچ قىلىشقا باشلايمىز. يۇقىردىكى مىسالدا ئاشۇ بىنانىڭ قىرىدا كىم ماڭالايدۇ دېسە، ئۆزىنىڭ شۇ يەرگە ماڭالىشىدا ھېچقانداق شەك قىلمىغانلار ماڭالايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ئىشەنگەن بەلكى ھەتتىدىن زىيادە ئىشەنگەن كىشىدە بۇ ئىككى خىل ھالەتنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق.
قورقۇنچ ئىنسان پىسخولوگىيسىنىڭ پارچىلانمايدىغان ئەڭ ئاساسىي تاشلىرىنىڭ بىرى. گېپنوز بولغۇچى گېپنوز قىلىنغۇچى تەرىپىدىن بىر خىل ۋەھىمىگە ئۇچرايدۇ. ۋە گېپنوزلۇق تەربىيىسى ھەققىدىكى ماتىرياللارغا قارىسىڭىز سىزنىڭ چوقۇم كارىزماتىك مەشىقلەرنى كۆپلەپ ئىشلىشىڭىزنىڭ كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشتە گېپنوز بولغۇچى سىزدىن بىر ۋەھىمە ياكى سىزگە يوشۇرۇن ئېڭىدا باش ئېگىپ بولغان بولىدۇ ۋە سىز ئۇنى ناھايىتى تېزلا گېپنوزغا كىرگۈزەلەيسىز. يەنە بۇ يەردە بىر ھەقىقەت ئايدىڭ، ئۇ بولسىمۇ قورقۇنچ بىرەينىڭ گېپنوزغا كىرىشىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك ئامىل.
بىرەينىڭ گېپنوز بولىشى قورقۇنچ ۋە ئىشەنچتىن ئىبارەت ئىنسان پىسخولوگىيسىدىكى ئەڭ ئاساسى ھول ئارىسىدىكى كۈچنىڭ پەرقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
گېپنوز ئىلمىدىن خەۋىرى بار بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدەنگەن ۋە ھەتتا بەش ئالتە يىللىق تەجرىبىسى بار كىشىلەرنىڭ يۇقارقى خۇلاسىگە كېلەلىشى ئانچە تەس ئەمەس.
كېلەيلۇق، ئىنسان مۇشۇ ئىككى كۈچنىڭ ئۆز ئارا تەسىرىدىن ئىجتىمائىي ۋە شەخسىي ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ. يۇقارقىدا دەپ ئۆتكەندەك، سىزنىڭ قورقۇنچىڭىزنى كونترول قىلغان كىشى سىزنىڭ پۈتۈن ھەرىكەتلىرىڭىزنى كونتراول قىلىپ ئوينۇتۇپ تۇرالايدۇ. بۇ يەردە سىز قورققان ئوبكېتىپ بەك مۇھىم. ئۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.قورقۇشنىڭ سىزنىڭ مەنىۋىيتىڭىزدە ئىشەنچ كۈچىڭىزنى چۈشەپ قويىشى سىزنى شۇ سىز قورققان نەرسىگە قۇلچىللىققا ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا پۈتۈن ساماۋىي دىنلارنىڭ سىزگە تەۋسىيەلىرىنىڭ كۈچى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئۇ دىنلار دەيدۇ، ئىنسانلاردىن قورقما، سېنى ياراتقان مۇبارەك زاتتىن قورق. قۇرئان ئايەتلىرىگە قارىساق بۇ ھەقتە ئاجايىپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيمىز.
ئەمدى ئىشەنچ ياكى ئەرەپچە ئىمان كەلىمىسىگە كەلسەك، بۇ بىز بايا مىسالدا دەپ ئۆتكەن ئىشەنچنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئىنسان چوقۇم بىر نەرسىگە ئىشىنىدۇ، چۈنكى ياشاپ مېڭىش ئۈچۈن، بىر تىنىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئاۋال ئىشەنچ كېرەك. تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئىنساندىكى قورقۇنچنى بېسىقتۇرىدىغان، ئۇنى ئەمىنلىككە ئايلاندۇرىدىغان بىردىن بىر كۈچ ئىشەنچتۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئىماندۇر.(بۇ ھەقتە يەنە قۇرئاندا نۇرغۇن ئايەتلەر بار) ئىشەنچ ئاشقانسېرى قورقۇنچنىڭ، ئەندىشىنىڭ ئازىيىشى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ دە،، ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك دەردى بولغان بەخىت تۇيغۇسى پارلاشقا باشلايدۇ. شۇڭا دىن ئەڭ ئاۋال ئىماندۇر. يەنى ئىشەنچتۇر. بۇ ئىمان ۋە بۇ ئىشەنچ بىر ئىنسانغا ئەمەس، سىز ياشاۋاتقان شارائىتلارغا، پاكىتلارغا ھەم ئەمەس، ئۆزىدە پۈتۈن كۈچ قۇۋۋەت ۋە قادىرلىقنى ھازىرلىغان، نوقسانسىز ئەڭ يۈكسەك مەرتىۋىدىكى بىر زاتقا بولىشى تەقەززا قىلىنىدۇ. ھاياتتا ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانىي ھاياتىمىزنى ئەركىن ياشيالىشىمىز ئۈچۈن بىز بىزنىڭ قورقۇنچىمىزنى ئەمىنلىككە ئايلاندۇرۇپ بۇنىڭ بىلەن ئىشەنچىمىزنى ئاشۇرىدىغان بىر يولغا موھتاج.

گېپنوز ئەسلى قىزىقىدىغان نوقتا ئەمەس. ئەسلى قىزىقىدىغان نوقتا ئىنساننىڭ چوڭلاردىن ئاڭلىغان ياكى قولىغا چىقىپ قالغان قۇرئاندىن ئوقۇغان دىن بىلەن كۆزى كۆرەپ ياشاۋاتقان ھايات ئارىسىدىكى ماھىيەتلىك باغلىنىشنى تېپىش ۋە بۇ ھەقدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىزدىنىشتۇر. كوچىلاردا ۋە تۈرلۈك سەھنىلەردە كۆرسۈتۈلگەن شوۋ گېپنوزلارغا قاراپ ئۇنىڭغا قىزىقىش، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن نېئمەتلەرنى لايىقىدا كۆرەلمىگەنلىكتۇر.. ۋە بۇ يەردە شۇنىمۇ ئېيتىش كېرەككى گېپنوزنى قەستەن سىرلىق كۆرسىتىپ، كوچىلاردا ۋە سەھنىلەردە ئويۇن كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ ۋە بۇنىڭ بىلەن جان ساقلاۋاتقانلارنىڭ ئالدامچى، ساختىپەزلەردىن ھېچ پەرقى يوقتۇر.
گېپنوزنىڭ تىببى جەھەتتە بولۇپمۇ پىسخىكىسى ئاجىز، روھىي جەھەتتىن ئاجىز كىشىلەرنىڭ داۋالىنىشىدا بىر مېتود ھالىتىدە قوللىنىلىشى بار.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 20:42:51

toethogul يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 17:03 static/image/common/back.gif
گېپنوز توغرۇلۇق كۆپ ئەسەر يازغان بىر گېرمان يازغۇچى مۇ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گىپنوز توغرۇلۇق خېلى بىلىمىڭىز باردەك قىلىدۇ ، ياخشىراق كىتاب ياكى ھۆججەتلىك فىلىم تەۋسىيە قىلسىڭىز بوپتىكەن .

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:39:50

مانا ئوغرى نەشىرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى، http://pan.baidu.com/s/1pJt2BDD
چۈشۈرۈش ئۇسۇلى:بۇ ئادىرسنى تېلفۇندا ئېچىپ توردىسكىڭىزغا ساقلىۋالسىز ،ئاندىن كومپىيوتىردا  ئېچىپ چۈشۈرۋېلىڭ.چچ دا ئاچسىڭىزمۇ بولىدۇ

boghlan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 08:49:13

ezijan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-3 08:39 static/image/common/back.gif
مانا ئوغرى نەشىرنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى، http://pan.baidu.com/s/1pJt2BDD ...

ئادرېس ئەمەلدىن قالدىمۇ قانداق؟

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 10:59:02

كومپىيوتىردا بىۋاستە ئاچقىلى بولمايدۇ.

JanQorghan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 11:12:53

گېپنوز توغرۇلۇق كۆپ ئەسەر يازغان بىر گېرمان يازغۇچى مۇنداق بىر مېغىزلىق گەپ قىلىدۇ:«ئەگەر ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسى بىلەن ئىشىنىپ قالغىنى توقۇنۇشۇپ قالسا، ئۇنىڭ ئىشىنىپ قالغىنى ئۇتۇپ چىقىدۇ.»
تەپسىلىيرەك توختالغان بولسىڭىز ، بىلىۋالساق ....

ezijan يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 11:26:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-3 11:49  

مانا بۇنى  ئوقۇڭ.گېپنوز 3-باب (سىزمۇ گېپن...pdf
115网盘礼包码:5lbd2acbah9n
http://115.com/lb/5lbd2acbah9n

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 12:25:17

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-9-2 20:42 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم گىپنوز توغرۇلۇق خېلى بىلىمىڭىز با ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ ھەقتە ئېنگىلىزچىڭىز بولسا (ۋە گېرمانچىڭىز ياكى فىرانسۇزچىڭىز بولسا، چۈنكى بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات ماتېرياللىرى ئاساسەن مۇشۇ ئۈچ تىلدا)، تۇرىۋاتقان شارائىتىڭىزدا گوگول ۋە يوتۇبتىن پايدىلىنالىسىڭىز يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيسىز. شۇنداق بولسىمۇ مەن بۇ يەردە بىر قانچە كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى بېرەي.
1. Die Hohe Schule Der Hypnose
2. Hypnose die unheimliche Realität
3.TIME DISTORTION IN HYPNOSIS
4.Hypnotic Realities: The Induction of Clinical Hypnosis and Forms of Indirect Suggestion
5.The Nature of Hypnosis and Suggestion

بۇ كىتابلاردىن گېپنوز توغرۇلۇق ئەڭ كەڭ مەلۇماتلارغا ئېرىشەلەيسىز.

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 14:53:01

دۇنيادىكى %95 ئادەم گىپنوز قىلىش شەرتىگە چۈشدىكەن  ،  بۇ %95 ئادەم ئىچىدە پەقەت يەنە %5 تىنىلا گىپنوز قىلغىلى بولدىكەن ، يەنى ئەقلى _ ئىقتىدارى تۆۋەنرەكلىرنى ،،،،، دەپ كۆرگەن مەن بىر ماتىريالدىن

gepnoz يوللانغان ۋاقتى 2014-9-3 15:08:34

ئەقىللىق ئادەملەر ئەڭ تېز گېپنوز بولىدۇ
بەت: 1 [2]
: گېپنوز 1-باب ( گېپنوز دىگەن نېمە؟)