kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:05:39

تاكسى شوپۇرلىرى(( ئاگاھ بۇلۇڭلار)).

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurbansan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-18 15:16  

جەمىئيتىمىزدە ھازىر ئۆزىمىزنىڭ شەخسى ماشىنىسى بولمىغانلىرىمىز كۆپىنچە تاكسى ماشىنىغا ئولتۇرىمىز،تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان قاتناش قورالى بۇلۇپ قالدى.ھازىر نەچچە  يىللار ئىلگىركىدەك يولغا چىقساقلا تاكسى توسماق خېلە قىيىنلىشىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاكسىلارمۇ ئازلاپ كەتكەندەك  بۇلۇپ قالدى.
مەن بۇيەردە شۇنى دىمەكچىمەن:ھەي تاكسى ھەيدەيدىغان (كەسپى)شوپۇرلار سىلەر ،سىلەر مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەنمۇ؟ياكى ئەدەپ ئەخلاق دىگەننى بىلمەمسىلەر؟سىلەر نىمە ئۈچۈن بەش كوي پۇلنى دەپ يولنىڭ ھەرقانداق يېرىدە توختايسىلەر؟ يا ھۆكۈمىتىمىز سىلەرگە شۇنداق ماشىنا توختاتساڭ بۇلىدۇ دەپ سىلەرگە ئالاھىدە ھوقۇق بەرگەنمۇ؟سىلەر نىمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن كېلىۋاتقان مەيلى ماشىنا بولسۇن،توكلۇق موتوسىكىلىت  بولسۇن، ئىككى،ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت بولسۇن شۇلارغا دىققەت قىلىپ قويمايسىلەر؟ سىلەرنىڭ سۇغۇرتاڭلار سىلەرنىڭ شۇ كىچىككىنە خاتالىق تۈپەيلىدىن ئۈلۈپ كەتكەنلەرنى تىرىلدۈرۈپ بىرەلەمۇ؟ قائىدىگە ئويغۇن بولغان ھالدا ماشىنا توختاتساڭلار سىلەر تاپماقچى بولغان شۇ بەش كوي بىر يەرگە قېچىپ كىتەرمۇ؟
ئەمىلى پاكىت: بىركۈنى مەن چۈشلۈك ئارام ۋاختى تۇشۇپ ئىشقا مېڭىش يۇلىدا ئوڭ تەرەپكە ئايلىنىش چىرىقىنى يورۇتۇپ ئايلىنىپ مېڭىپ پىيادىلەر يولىدىن ئۆتىشىمگە بىر تاكسى شوپۇرى جىددى تورمۇز بىلەن پىيادىلەر يولنىڭ ئېغىزىدىلا توختىدى، مەنمۇ جىددى تورمۇز  بىلەن ئاران دىگەندەك تورمۇزلاپ تاكسى ماشىنىنىڭ كەينى تەرپىگە ئۈسسىۋېلىشتىن قۇتۇلدۇم، يۈرۈكۈم شۇنداق سېلىپ كەتتى،ناۋادا ئۈسىۋالغان بولسام كەينىمدىن سوقتى دەپ ئۇششۇقلۇق قىلاتتى تايىنلىق، مەنمۇ يانغا ئۆتۈپ ئاچچىقىمنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ تاكسى شوپۇرىغا (( پىيادىلەر يولدىن ئۆتۈپلا مۇشۇنداق جىددى توختاتسىڭىز بۇلامدۇ؟يەنە ئازراق ھەيدەپ توختاتسىڭىز بولمامدۇ؟ كەينىدىكىلەر ئۈسسىۋالسا قانداق قىلىسىز))دېسەم تاكسى شوپۇرى ماڭا ھومۇيۇپ تۇرۇپ ((ئۈسسىۋالسا ئۈسسىۋالمامدۇ))دەيدۇ،دەرھال جۇدۇنۇم ئۆرلەپ يەنە ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىپ ئەدىپىنى بەرمەكچى بولدۇم لىكىن تاكسى شوپۇرى ئەلپازىمنى بىلىپ قالدى بولغاي مەن بىلەن تاكاللاشقىنىچە ماشىنىنى ھەيدەپلا قاچتى،مىنىڭ ئىككى چاقلىق موتوسىكىلىت بولغانكىن يىتىشەلمىدىم ئەپسۇس،  بولمىسا  قاتتىق بىر سوقۇشىمەندە ئۇ (شوپۇر)بىلەن.
كۆپچىلىك سىلەرمۇ ئەقىل ئىگىسى ئويلاپ بېقىڭلار((ئۈسسىۋالسا ئۈسسىمەمدۇ)) دىگەن گەپ مەن پۇل تاپساملا بولدى،باشقىلارنىڭ ھاياتى مەن ئۈچۈن بەرىبىر دىمەكچىمۇ؟ تۇرمۇش ئۈچۈن پۇل تامسىساق بولمايدۇ ئەلۋەتتە، ھەممەيلەننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سىزمۇ مەنمۇ ھەم سىلارمۇ ئاڭلىق يول يۈرسەك.

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:33:50

شوپۇرنىڭ ھەممىسى تاكسى ھەيدىسە ئاشۇنداق كالۋالىشىپ كېتەرمىش..........
ئىشەنمىسىڭىز سىزمۇ تاكسى ھەيدەپ بېقىڭ دەيدۇ نەچچە تاكسىكەششششششششششششششش{:92:}{:92:}{:92:}{:92:}

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:37:35

كالۋالىشىپ كەتسىغۇ مەيلى دەڭە، لىكىن باشقىلارنىمۇ مەجبۇر كالۋالاشتۇرامدۇ ئۇلار:lol:lol:lol

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:40:20

ئۆزىنىڭ قانداق توختىغىنىنى ئۆزى بىلمەي ئارقىدىكىلەرنى تىللايدۇ تېخى،ئۇششۇقلۇق قىلىشىچۇ تېخى:@:@:@:@

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 15:45:20

سىزمۇ موتۇ يولىدا ئالدىرماي ماڭسىڭىز بولمامدۇ، تاكسىچىلارنىڭ كەسپى شۇ تۇرسا ھەيدەپ توختۇتۇپ ، سىزمۇ تاكسىغا ئولتۇرسىڭىز قورۇيىڭىزنىڭ ئالدىغا 50 مىتىر قالغاندا ئۇيەردە توختىسام بولمايدۇ دەپ سىزنى چۈشۈرۋەتسى ئۇرشاسىز شۇ تاكسىچى بىلەن

karwan38 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:00:32

موتو يولىدا ماڭدىغانغا ئۈرۈمچىدە موتو يولى بارمىتى، مەنمۇ نەچچە قىتىم تاس قالغان كەينىدىن ئۈسۋالغىلى،بۇ باللار بەك ۋەھشى ھەيدەپ قۇيدۇ ئۈرۈمچىدە تاكسى دىگەننى.

Alif يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:04:14

ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردە موتسېكىت يولى بىلەن ئاپتومبىل يولىنى ئايرىش تەس!!!!!!!!!!!!

Abdulhamid يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:06:54

بىرىنچىدىن  ئىزدىنىشقا تاكسى ھەيدەيدىغانلار چىقمايدۇ ـ ئىككىنچىدىن  بۇ يەردە تاكسى شوپۇرلىرىنى ئاگاھلاندۇردىغان گەپمۇ يوقكەن ، ئۇچۇنچىدىن يۇقۇردا دىيىلگەندەك

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:26:44

بۇ تىمىنى مىسرانىمغىمۇ يىزىڭ ئۇنىڭغا تاكسىچىلار كوپ كىرىدۇ ، تاكسىچىلارغا بىرىدىغان بىردىن -بىر ئۇنۇملۇك جازا گىلىغا كىلىشتۇرۇپ بىرنى ئۇرۇپ ، ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن بىشىنى چىقىرالمايدىغان قىلىپ يولغا  سىلىش ، مەن بىر نەچچە قىتىم سىناپ باققان ئۇنۇمى تىز غەلبىلىك ئاخىرلاشقان چۇنكى ئۇنىڭ قىلغىنى خاتا بولغانلىقى ئۇچۇن ، بولۇپمۇ قەشقەردە باشقا يەردە سىناپ باقماقچى بولغانلار ئويلۇشۇپراق سىنارسىلەر {:101:}

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:32:29

ھىلىق يۇمۇر بارغۇ ،

ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگەمېڭىپتۇايولدا يۈزلىرىنى بوياپ ، بىر يەرلىرىنى ئېچىپ تۇرغان قىزلارنى ئۇچرىتىپتۇ ، بۇ قىزلارنى كۆرگەن قىز ئانىسىدىن: - ئاۋۇ قىزلارنىمە قىلىدۇ؟ قىزىنىڭ قەلبىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ، مۇنداق دەپتۇ: - ئۇلارئېرىنى ساقلاۋاتىدۇ بۇنى ئاڭلىغانشوپۇر : « كۈلگۈمنى كەلتۈرمىڭە ئۇلار پاھىشە..» دەپ قوشۇق ساپتۇ ، بۇنى ئاڭلىغان ئانا شوپۇرغا قاتتىق ھومۇيۇپ قاراپ قويۇپتۇ ، ئۇنىڭ قىزى داۋاملىق سوراپتۇ:- ئانا ئۇلار بالا تۇغامدۇ؟ ئانا چىرايىنى ئۆزگەرتمەي: « تۇغىدۇ قىزىم،بولمىسا تاكسىلارنى كىم ھەيدەيدۇ...»

tureli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:42:30

ھازىرقى تاكسىكەشلەر بەكمۇ ‹‹ قاپيۈرەك›› بولۇپمۇ بىزنىڭ ناھىيىدە.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 16:48:05

تاكسىچىلارنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن، غاچ ماڭىدۇ غاچ توختايدۇ، يا توختاشنى. يا ماڭىشنى بىلمىگەن شوپۇردىن قورقىمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 17:57:55

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 18:32 static/image/common/back.gif
ھىلىق يۇمۇر بارغۇ ،

ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگە ...

تاكسىچىلارنىڭ  دەھشەت ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان يۇمۇركەن بۇ.

99999 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 18:46:10

Huqush يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:09:47

سودىيەقىزمۇ تاكسىچى بولاپ كېتىپتۇدە :lol:lol:lol:lol:lol:lol

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:43:51

Abdulhamid يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 16:06 static/image/common/back.gif
بىرىنچىدىن  ئىزدىنىشقا تاكسى ھەيدەيدىغانلار چىقمايدۇ  ...

دوستۇم مانا مەن تاكسى شوپۇرى.... تېما يازغان دوستىمىز سەل ھاياجانلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:47:26

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 16:32 static/image/common/back.gif
ھىلىق يۇمۇر بارغۇ ،

ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگە ...

بۇغۇ بىر يۇمۇر كەن ئارتۇق گەپ قىلمايلى

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:48:44

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 16:48 static/image/common/back.gif
تاكسىچىلارنى مەن بەك ياخشى كۆرىمەن، غاچ ماڭىدۇ غاچ توخ ...

ناھايىتى ياخشى گەپ قىپسىز... ماشىنا ھەيدەشكە تاكسى شوپۇرلىرىدەك ئۇستا شوپۇر ئاز جۇمۇ... پېتتىپقالغان سوپەكتەك ماڭىدىغانلادىن مىڭ ياخشى...

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:49:47

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 17:57 static/image/common/back.gif
تاكسىچىلارنىڭ  دەھشەت ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان يۇمۇرك ...

تاكسىچىلارنى ئۇنداق بەك مازاق قىلىۋەتمەيلى .. شۇ تاكسىچىلارغا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرىسىز لاغىلداپ توختىمايدىغان بولسا

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:04:49

تېما يازغۇچى بۇ (ئاگاھلاندۇرۇش)ڭىزنى كۆرۈپ سەل ئاچچىقىممۇ كېپ قالدى...تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ سەل خۇيۇم تۇتتى.....مەن تاكسى شوپۇرى.. يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى شۇ تاكسىنى ھەيدەپ يولدا شۇ تاكسىغا زار بولۇپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان سىزدەكلەرنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ ھالال پۇل تېپىۋاتقىلى...مەيلى شەخسى ماشىنىڭىز بولسۇن ياكى شەخسى شوپىرىڭىز بولسۇن  شۇ كوچىدىكى تاكسىغا چىقمايمەن دىيەلمەيسىز...تاكسى ھەيدەش نومۇس ئىشما ؟ سەت ئىشما ؟ گۇنا ئىشما؟.. ھەي دوستلار يازغان ئىنكاسىڭلارنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭلار...توغرا سىز دىگەندەك تاكسى شوپۇرلىرى يوق ئەمەس با .. لېكىن بەك ئاز..سىز ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەندەكلا قىلىسىز..ئەجىبا سىز تاكسىغا چىقىپ باقمىغاندەك...كۈندە شۇ نەچچە يۈزمىڭ ماشىنلارنىڭ ئارىسىدا مىڭىپ يۈرۈپ سىلىدەكلەرنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈش ئاسانما؟.. ئالدىراش بوپ قالسىڭىز سەل ئاستىراق ماڭساق غودۇڭشىغان تېزراق ماڭساق سىزدەكلەر تىللايمەن دەپ يۈرسە.... بىزگىمۇ ئاسانما... ئالدىراش يول بويىدا تاكسى توسسىڭىز بۇ يەردە توختىسام بولمايدۇ دەپ توختىمىسام 70 ئەۋلادىمغىچە قارغىشىڭىز ئېنىق..يەنە تېخى ئەرز قىلىشىڭىز مۇمكىن...بۇ يەردە سىز بىزنى ئاگاھلاندۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغان بولسىڭىز مۇنداق ئىش بولدى دىسىڭىزلا كۇپايە... ھەممىمىزنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ...بىزگىمۇ ئاسان ئەمەس...تاكسىنىڭ بىر كۈنلىكى نورمال بولغاندا 240 سوم  (ئۈرۈمچى باھاسى) بىز بىر مىنۇتتا بىر سوم ، بىر كىلومېتىردا ئىككى سوم پۇل تاپمىساق كەچكىچە ماڭغىنىمىز بىكار بولىدۇ..سىز بۇ يەردە ھەممىمىزگە تەربىيە ئۈگىتىمەن دىمىسىڭىزمۇ بىزنى مەكتەپتە راۋۇرۇس ئۈگۈتۈپ يولغا چىقىرىدۇ... تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ياخشى تەرپىگە كۆز يۇمۇۋالماڭ... يامغۇردا ، قىشتىكى سوغۇق كۈنلەردە قاق سەھەردە چىقىپ سىزلەرنى توشىغىلى ماڭىمىز...يامان تەرىپىنى دەستەك قىلىۋالماي ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ قويۇپ ئىنكاس يېزىڭلار تورداشلار...
بەت: [1] 2
: تاكسى شوپۇرلىرى(( ئاگاھ بۇلۇڭلار)).