umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:04:49

تېما يازغۇچى بۇ (ئاگاھلاندۇرۇش)ڭىزنى كۆرۈپ سەل ئاچچىقىممۇ كېپ قالدى...تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ سەل خۇيۇم تۇتتى.....مەن تاكسى شوپۇرى.. يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى شۇ تاكسىنى ھەيدەپ يولدا شۇ تاكسىغا زار بولۇپ قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان سىزدەكلەرنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ ھالال پۇل تېپىۋاتقىلى...مەيلى شەخسى ماشىنىڭىز بولسۇن ياكى شەخسى شوپىرىڭىز بولسۇن  شۇ كوچىدىكى تاكسىغا چىقمايمەن دىيەلمەيسىز...تاكسى ھەيدەش نومۇس ئىشما ؟ سەت ئىشما ؟ گۇنا ئىشما؟.. ھەي دوستلار يازغان ئىنكاسىڭلارنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭلار...توغرا سىز دىگەندەك تاكسى شوپۇرلىرى يوق ئەمەس با .. لېكىن بەك ئاز..سىز ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىگەندەكلا قىلىسىز..ئەجىبا سىز تاكسىغا چىقىپ باقمىغاندەك...كۈندە شۇ نەچچە يۈزمىڭ ماشىنلارنىڭ ئارىسىدا مىڭىپ يۈرۈپ سىلىدەكلەرنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈش ئاسانما؟.. ئالدىراش بوپ قالسىڭىز سەل ئاستىراق ماڭساق غودۇڭشىغان تېزراق ماڭساق سىزدەكلەر تىللايمەن دەپ يۈرسە.... بىزگىمۇ ئاسانما... ئالدىراش يول بويىدا تاكسى توسسىڭىز بۇ يەردە توختىسام بولمايدۇ دەپ توختىمىسام 70 ئەۋلادىمغىچە قارغىشىڭىز ئېنىق..يەنە تېخى ئەرز قىلىشىڭىز مۇمكىن...بۇ يەردە سىز بىزنى ئاگاھلاندۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ..شۇنداق ئىشقا ئۇچرىغان بولسىڭىز مۇنداق ئىش بولدى دىسىڭىزلا كۇپايە... ھەممىمىزنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ...بىزگىمۇ ئاسان ئەمەس...تاكسىنىڭ بىر كۈنلىكى نورمال بولغاندا 240 سوم  (ئۈرۈمچى باھاسى) بىز بىر مىنۇتتا بىر سوم ، بىر كىلومېتىردا ئىككى سوم پۇل تاپمىساق كەچكىچە ماڭغىنىمىز بىكار بولىدۇ..سىز بۇ يەردە ھەممىمىزگە تەربىيە ئۈگىتىمەن دىمىسىڭىزمۇ بىزنى مەكتەپتە راۋۇرۇس ئۈگۈتۈپ يولغا چىقىرىدۇ... تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ياخشى تەرپىگە كۆز يۇمۇۋالماڭ... يامغۇردا ، قىشتىكى سوغۇق كۈنلەردە قاق سەھەردە چىقىپ سىزلەرنى توشىغىلى ماڭىمىز...يامان تەرىپىنى دەستەك قىلىۋالماي ياخشى تەرىپىنى ئويلاپ قويۇپ ئىنكاس يېزىڭلار تورداشلار...

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:08:33

99999 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 18:46 static/image/common/back.gif
ئۆزئارا چۈشۈنۈش بەك ئېغىركەن. تاكشى شوپورلىرى بەش كوين ...

توغرا  ياخشى يېزىپسىز...ئۈچ چاقى ھۆكۈمەتكە بىر چاقىنىڭ يېرىمى بىزگە... نېم ئامال.....شۇ بىزلەر ھەيدىمىسەك تاكسىغا چىقىدىغانلار نىمدە ماڭىدۇ ئالدىرايدىغانلارچۇ......كۆپىنچە تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى....بەزىلەرنىڭ بۇ مۇنبەرگە كىرىۋېلىپ تاكسىچىلارنى مازاق قىلىپ كەتكىننى... تاكسىغا چىقىدىغان چاغدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ كېتىدۇ ئانىسى چاقىرۋاتقاندەك

dawrim يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:08:35

ئۈسسىۋالسا ئۈسسىۋالمامدۇ دىگەن بۇ گەپ مىنىڭ كاللامدىنمۇ  پەقەتلا ئۆتمىدى    بۇنداق تەتۈرلىك قىلسا ھەرقانداق ئادەم قۇبۇل قىلالمايدۇ  ئۇرۇش جىدەلدىن باشقا ئىش يوق شۇ:@

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:10:22

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 16:32 static/image/common/back.gif
ھىلىق يۇمۇر بارغۇ ،

ئايال قىزىنى ئېلىپ تاكسىدا ئۆيىگە ...

ما  يۇمۇي  ياخشىكەن

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:22:16

تاكسىچىلارئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىمۇ ئويلاشقان 6.3 چىقىدىغان يولغا 10 يۈەن دەپ تۇرىۋېلىشى ، يىراقراق يەر بولسا ئاپىرىشنى رەت قىلىشى 6.3 چىقسا 7 يۈەن ئېلىشى ، بۇلۇپمۇ مەن ئىشلەيدىغان يەرگە 6.3 چىقىدىغان تۇرۇپ 10 يۈەن بولمىسا باشقا تاكسى توسۇڭلار دەپ تۇرىۋىلىپ ئاخىرى جىلە بولۇپ موتىسىكىلىت سېتىۋالدىم . ئەرز قىلاي دىسە تۆت بەش كوينى دەپ ئەرز قىلسا بىرمۇنچە جەرىمانە قويۇپ قويىدىكەن ئۇلارغا ............ ئادەم بىرخىل بوپ بولدىلا دەيدىغان گەپكەن

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:45:56

تاكسىچىنىڭ گاچ توختاپ ، گاچ مېڭىشى كەسپىي ئىشلىقى راست ئەمما يولدا كېتىۋاتقان ئادەمنىڭ ئالدىغا گاچچىدە ئۆتۈپ گاچچىدە توختىشى يۈزىگە تۈكۈرگىدەك ئىش.
بىر كۈنى بىرسى كەينى تەرىپىمدىن تېز سۈرئەتتە كېلىپ ئالدىمغا ئۆتۈپلا ( قىزىل چىراقتىن 10-15 مېتىر ئارىلىقتا )   توختاپ بىرسى بىلەن مۇڭدىشىپ  تۇردى، لابا ئۇرسام - نېمە دەيسەن، ئايلىنىپ ماڭمامسەن؟-  دەپ گۆلەيدى.
- ھەي، ئالدىمغا ئۆتۈپلا توختىغىچە، كەينىمدە توختىساڭ بولمامدۇ، ماشىنىغا ئۈسسىگىلى تاس قالدىم.
-گېپىڭ بارمۇ؟ ماشىنامنى تونۇۋال جۇما!
- گەپكە لايىق كەلمەيسەن... - دەپ 122 نى چاقىرىپ قويدۇم. ساقچى كەلگۈچە خېلى ھەيۋە قىلىپ باقتى.
ساقچى كېلىپ ئەھۋالنى سوراپ بولغاندىن كېيىن « باشقا مەسىلە بارمۇ؟» دېۋىدى، « بۇنىڭدەك ماشىنا ھەيدەيدىغان باللا كۆپىيىپ كەتتى، ھادىسىمۇ مۇشۇنداق ماشىنا ھەيدەشتىن چىقىۋاتىدۇ، نەسىھەت قىلساق ئاڭلىمايدۇ، ئادەمگە يانىدۇ، تەڭ تۇرساق جىدەل چىقىشى ئېنىق. شۇڭا سىلەرنى چاقىرىپ قويدۇم . نەسىھەت قىلىپ قويۇڭلار» دېدىم.
ئۇنىڭدىن باشقا ، ئالدى تەرەپتىكى يولدا ئادەم پەيدا بولسا مايغا بەكرەپ دەسسەپ مېڭىشىنىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ ئەلبەتتە.
بۇ مەسىلىنى سادىر قىلىۋاتقانلار ئاساسەن كىچىك ( ئۆي تۇتمىغان ) ، ياللانما باللار.

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:47:30

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 20:22 static/image/common/back.gif
تاكسىچىلارئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىمۇ ئويلاشقان 6.3 چىقىدى ...

ئۇنداقلارنى ئەرىز قىلىش كېرەك....تاكسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ بېكىتىپ بەرگەن مۇقىم باھاسى بار...ئارتۇق ئالسا بولمايدۇ.... ھەم شەرىئەتتىمۇ قەتئى بولمايدۇ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:48:29

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 20:22 static/image/common/back.gif
تاكسىچىلارئۈستىدىن ئەرز قىلىشنىمۇ ئويلاشقان 6.3 چىقىدى ...

ئالدىرىمايدىغان ۋاقت بولسا مۇناسىۋەتلىك تېلېفۇنغا پاش قىلىپ ئەدەپلەش ئەڭ ياخشى چارە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:49:33

قىززىق ئىش: نەقىللىك ئىنكاس تەستىقسىز،  ئالىي ئىنكاس تەستىقلىنىدىغان بولۇپ قاپتۇيا؟

umidvar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 20:49:40

dawrim يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 20:08 static/image/common/back.gif
ئۈسسىۋالسا ئۈسسىۋالمامدۇ دىگەن بۇ گەپ مىنىڭ كاللامدى ...

بەلكىم ئۇ تاكسى شوپىرىنىڭ ئالدىدا بىرە نەرسە بولغىيتى ، ياكى بىرەر كىشى توسقان بولغىيتى.. توختىماي بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ دە.. كەينىدە ماڭغان ئادەم بوينىنى غازدەك سوزۇپ ئۇيان بۇيانغا قارىماي ئالدىغا قاراپ ماڭسا ئۈسۈۋالماي توختىيالايدۇ...

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 21:53:16

Alif يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 16:04 static/image/common/back.gif
ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق شەھەرلەردە موت ...

قەشقەردە ئاساسى كوچىلاردا موتو يولى بىلەن ئاپتوموبىل يولىنى ئايرىپ بولدى، قىسمەن چەت كوچىلار قالدى.

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 08:10:37

يۇقارقى ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چىقتىم، ياخشى ئىنكاسلار بوپتۇ،مەن يازمىدا تىرناق ئىچىگە ئېلىپ(كەسپى)دىگەننىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن، بىلمىدىم مۇشۇ (كەسپى)دىگەن سۆزگە قانداق قارايسىلەن،كۆپىنچە يوللاردا مەخسۇس تاكسى ماشىنا توختايدىغان ئورۇن بار،تاكسىغا چىقىشقا ئالدىرايدىغانلار قول پۇللاڭلىتىپ تاكسى توسقاندا چۇقۇم توختىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ،مىنىڭ بۇ يەردە دىمەكچى بولغۇنۇم بۇ (كەسپى)تاكسى ھەيدەيدىغانلار مەيلى قانداق توختىسۇن نەدە توختىسۇن بىز ئۇلارغا ماشىنا ئېلىشىپ بەرمىگەن،((ئۈسسۈۋالسا ئۈسسىۋالمامدۇ)) دىگىنى مەيلى كىم بولسۇن ھېچكىمنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ.ئۈسسىۋېلىپ يىنىك بولسىغۇ ئىش ئاسانلا تۈگەپ كىتەر(بىر كۈنلۈك كىرىمىنى)ھەم سۇقۇلغان يېرىنى تۆلەپ بەرسە، ناۋادا ئېغىر بولسىچۇ؟ قالغىننى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن، تاكسىنى ئالدىغا ئۆتۈپ جىددى توختاپتۇ دىمەيدۇ كەينىدىن ئۈسسۈپ ئۆلىۋاپتۇ دەيدۇ.

karahaniya يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 08:53:52

تاكسىنى يېڭىدىن ھەيدىگەندە لۆم-لۆم ئىدىم،ماشىنا كۆپرەك يەردە ماڭسام قوللىرىم تىترەيتى،بىرەرسى غۇڭڭىدە يانداپ ئۆتسە رولنى مەھكەم تۇتۇۋالاتتىم.
ئويلاپ باقسام بۇرۇتلىرىم خەت تارتمىغان شۇ چاغلاردا ئوتتۇرا ياشلىق ئادەمدەك ئاجايىپ سالاپەتلىك ،ئېغىر-بېسىق ماشىنا ھەيدەيتىمكەن،بارا-بارا خەقنىڭ جىق تاپقىنىغا كۆزقىزاردىمۇ ئىشقىپ ماي پىدالىنى كۆچەپرەك دەسسەيدىغان،يىلان باغرى ياندايدىغان،500مىتىر يىراقتىن بىرسىنىڭ كۆلەڭگىسىنى كۆرسەم 80گە چىقىرىپ يېڭىياچى لۆم-لۆمنى يانداپ ئالدىغا ئۈتۈپ غاچچىدە توختاپ خېرىدارنى سۇقۇۋالىدىغان بولدۇم.ئىشقىلىپ 5كوي ئۈچۈن بەك كۈچەيتىم.
3يىل تاكسى ھەيدەپ ئىشتان تىزدىن ئاشمىغاندىن كىيىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئىشنىڭ ئاسىنىغا تۇرۇۋالدىم.لىكىن كۆنگەن خۇي يامانكەن ،ھازىرمۇ ماشىنامنى غاچ ھەيدەپ غاچ توختىتىمەن.ماشىنامغا چىققانلارنىڭ ھەممىسى ۋوي نىمانداق ھەيدەيسز دەيدۇ ،خۇتۇنغۇ كۈنۈپلا كەتتى.دادام ھەر ۋاقىت بىخەتەرلىك تاسمىنى چىڭ تاقاپ ئۈستىدىكى تۇتقۇچنى مەھكەم تۇتۇۋالىدۇ ئالدىنقى سەپكە ماڭغاندەك

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 09:25:30

شۇڭا ماشىنا ھەيدىگەندە ئالدىدىكى ماشىنا بىلەن بەلگىلىك ئارلىق قالدۇرۇپ مېڭىشنى بەك تەۋسىيە قىلىدۇ قانۇندا

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 14:23:55

مۇشۇنداق يوق گەپلەرنى تەستىقلىمىساڭلارمۇ بوپتىكەن.
ھەممە كەسپتە ياخشىسى بار ،يامىنى بار.  بۇ يەردە تېما يوللاپ ئۇلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
بېشىمدىكى دوپپامغا قارامدىكىن ، مەن تۇرغان يەردە نۇرغۇن يات مىللەت تاكسىچىللىرى ماڭا قەستەن توختىمايدۇ بەزىدە. نەچچە رەت ھەتتا ماڭا قارىىتپ قويۇپ ،مېنىڭ كەينىمدىكى ئۆز مىللىتىدىكىلەرگە توختىدى. ساپاسىزلىق ، ئەخلاقسىزلىق ، ئاشقۇن مىللەتچىلىكنى ئۆزىمىزدە ئەمەس بەلكى يات مىللەتلەردە كۆردۈم. بىر قانچىسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەرز قىپ قويدۇم. قەستەن توختىماي مەندىن ئۆتۈپ كەينىمدىكى ئۆز مىللىتىگە توختىغان بىرىنى نەق مەيدان تۇتۇپ ، چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان «بەختلىك»نى توختىتىپ ئۆزۈم چىقىپ ، زاكۇنلىشاي دېسەم ،مۈشۈكتەك بولۇپ ، بارىدىغان جايىمغا ئاپىرىپ قويدى. ھەي...داۋاملىق بۇنداق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ ،داۋاملىق ئادالەتكە ئېرىشكىلى ، ئۆزىڭىزنىڭ توغرا بولسىمۇ توغرا قىلغىلى بولمايدۇ.
شۇڭا سەۋر قىلىش كېرەك ،قانۇنىي مەنپەئەتىنى ئەڭ ئامال بار دائىرىدە قوغداش كېرەك.  ئۇيغۇر تاكسىچىلارنىڭ قەدرىگىمۇ يېتىش كېرەك .
ئەڭ مۇھىمى ،قېيدىماسلىق ، باشقىلاردىن ئالالمىغان ئۆچىنى ئۇيغۇردىن ئېلىشقا ، تىللاشقا ئۇرۇنماسلىق كېرەك. بۇ ئادىل بولمايدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 14:58:39

تاكسىچىلار ئالدىراش بولغاچقا تورغا چىقىپ يۈرمەيدۇ، شۇڭا بۇ تېماڭلارنىمۇ كۆرمەيدۇ. يوق ئادەمنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشماڭلار.
تاكسىچى تونۇشلىرىڭىلار بولسا بىرەر سائەت گىپىنى ئاڭلاپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ دەردىمۇ يېتىپ ئاشقۇچە بار. تاينى يوق سەۋەبلەر بىلەن قاتناش ساقچىلىرى بەك بوزەك قىلىدۇ ئۇلارنى. خېرىدار توسقان يەردە توختىمىسا ئەسلى، خالىغان يەردە توختىسا ساقچى جەرىمانە قويغاننى ئاز دەپ بىر نەچچە كۈنلۈك ئوقۇشقا يېزىۋېتىدۇ.
تاكسىچىلىق ھەم كۆپ مەبلەغ سالىدىغان ھەم جاپالىق خىزمەت.  ماشنا ھەيدەپ باققان تورداشلار بىلىدۇ، ئۇبدان ئىككى سائەت ماشنا ھەيدىسە بەل ئاغرىپ، كۆز تېلىپ، مۈگدەك باسىدۇ. شۇڭىمۇ تاكسى تىجارىتى بىلەن شوغۇللىندىغانلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار كۆپ ساننى ئىگىللەيدۇ.
ماشنىنى قالايمىقان توختىدىغان، قالايمىقان ياندايدىغان ئىشلار باشقا شەخسى ماشنا ھەيدەيدىغانلاردىمۇ كۆپ. تېخى قايسى كۈنى قىزىل چىراقتا سولغا قايماقچى بولۇپ يىراقتىن سول تەرەپكە چىقىپ مېڭىۋاتسام ئوتتۇرا يولدا مېڭىۋاتقان بىرسى تۇيۇقسىز ئالدىمغا چىقىپ قالدى، تېزلىكىم ئاستا بولغاچقا جىددىي تۇرمۇزلاپ ئاران ئۈلگۈردۈم، ماشنىدا كىچىك بالام بارتى ئۇرۇندۇقنىڭ كەينىگە يىنىك ئۈسىۋېلىپ يىغلاپ كەتتى. ئاچچىقىم كېلىپ ئالدىمدىكى ماشنىنى ئۈچ كىلومېتىر قوغلاپ يېتىشىپ بىلىدىغان خەنزۇچە ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن تازا تىللىدىم، گۇناھ ئۆزىدە بولغاچقا يېڭى شوپۇرتۇم، بىلمەپتىمەن، خاپا بولما دەپ يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.

kurbansan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 15:43:39

ئاز بىرقىسىم كاللىسىدا پۇللا بار،مەسئۇليەت تۇيغۇسى يوق(كەسپى) تاكسى شوپۇرلىرىغا قىلىنغان (ئاگاھلاندۇرۇش) ئىدى بۇ ئەپسۇس .............{:136:}

izdiniman110 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 14:31:15

قەشقەر نىڭ تاكسى شوپۇرلىرى ماشنىنى قالتىس ھەيدەيدۇ جۇما ، بولۇپمۇ يېڭى بازار تەرەپلەردە .

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 14:53:36

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 14:23 static/image/common/back.gif
مۇشۇنداق يوق گەپلەرنى تەستىقلىمىساڭلارمۇ بوپتىكەن.
ھە ...

پۈتۈن ئىنكاسلار ئىچىدە مۇشۇ ئىنكاسنى بەك ياقتۇردۇم :victory:

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 00:50:58

izdiniman110 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-20 14:31 static/image/common/back.gif
قەشقەر نىڭ تاكسى شوپۇرلىرى ماشنىنى قالتىس ھەيدەيدۇ جۇ ...

شۇنداق. يۇقارقى ئىنكاسىمدىكى ئەھۋال تاختا كۆۋرۈك مېۋا بازىرى يۇقۇرىسىدىكى قىزىل چىراقتا يۈز بەرگەن ئىش.
بەت: 1 [2]
: تاكسى شوپۇرلىرى(( ئاگاھ بۇلۇڭلار)).