Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-16 20:06:48

تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۆجىزە _ ئالگا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-16 20:54  




يېشىل ئالگا ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە:
        
        يېشىل ئالگا(Green Algae) ھۈجەيرە دىئامېتىرى ئارانلا 2-8 مىكرومېتىر كېلىدىغان بىر خىل مىكرو ئورگانىزم بولۇپ، پەقەت مىكروسكوپ ئارقىلىقلا كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ يۇسۇن تۈرىدىكى جانلىقلار ئىچىدىكى چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىغا تەۋە. يېشىل ئالگا تاق ھۈجەيرىلىك جانلىق بولۇپ، ھازىرغىچە بايقالغان تۈرى 25 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. يېشىل ئالگا ھۈجەيرىسى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا ھۈجەيرە يادروسى، خلوروپلاست، پىگمېنت، زاپاس ئوزۇقلۇقلار ۋە ھۈجەيرە پوستى قاتارلىقلار بار. ھۈجەيرە پوستىدا سېللۇلوزا بولۇپ، ھۈجەيرە يادروسى يىپلىق بۆلۈنۈش ئېلىپ بارىدۇ. يېشىل ئالگانىڭ تەن تۈزۈلۈشى كۆپ خىل بولۇپ، تاق ھۈجەيرىلىك، توپلىشىپ ياشايدىغان، يىپەكسىمان ياكى دانچىسىمان ھالەتتە بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆپىيىش شەكلىمۇ ھەرخىل بولۇپ، جىنسسىز كۆپىيىش ۋە جىنسلىق كۆپىيىشنىڭ ھەر ئىككىلىسى بار.
  
        يېشىل ئالگا بىرخىل يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىئو-ئاكتىپلىق يېشىل ئالگا ئۆستۈرگۈچى فاكتورى- (CGF(Chlorella Growth Factor بار. يېشىل ئالگا ئۆستۈرگۈچى فاكتورى(CGF) پەقەت يېشىل ئالگادىلا بولىدىغان ئاكتىپ تەركىب بولۇپ، CGF تىن ئىبارەت ئۆسۈشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئالاھىدە تەركىب يېشىل ئالگانى ئادەتتىن تاشقىرى بۆلۈنۈش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان.



تەكلىماكان قۇملۇقى يېشىل ئالگاسىنىڭ بايقىلىشى:

        يېشىل ئالگا كىشىلەر تەرىپىدىن تاتلىق سۇ ياكى تۇزلۇق سۇدا ياشايدىغان جانلىق، دەپ قارىلىپ كەلگەنىدى. ئېرلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئورمانلىقتىكى زەيكەش تۇپراقتىن يېشىل ئالگانى ئايرىپ چىقىپ، «يېشىل ئالگا پەقەت سۇدىلا ياشايدۇ» دىگەن قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلىم-پەن خادىملىرى يېشىل ئالگا ھەققىدىكى يېڭى ئىزدىنىشلىرىنى باشلىۋەتتى. 2002-يىلى، ئامېرىكا كوننەكتىكۇت ئۇنۋېرستېتى (Connecticut Uneversity) تەتقىقاتچىلىرى يېرىم قۇرغاق تۇپراقتىن يېشىل ئالگانى ئايرىپ چىقتى.
        ئىلىم-پەن ساھەسىدە تەكىلىماكان قۇملۇقى نەچچە مىليۇن يىلللار ئىلگىرى دېڭىز ئىدى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنداقتا، شۇ دېڭىزدىكى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى نەسلى قۇرۇپ تۈگىگەنمۇ؟ مانا مۇشۇ سۇئالنىڭ تۈرتكىسى بىلەن  يېشىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ھەسەنجان ئەپەندىم بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشىنى باشلىدى. جاپالىق ئىزدىنىش ۋە ئۈن-تىسىز تەر تۆكۈش ئارقىلىق، 2007-يىلى، تەكلىماكان قۇملۇقىدا نەچچە يۈز مىليۇن يىللاردىن بېرى مۆجىزىلەرچە ياشاپ كەلگەن قۇملۇق ئالگاسىنى تېپىپ چىقتى! بۇ بايقاش دۇنيا يېشىل ئالگا تەتقىقاتىدىكى بىر  يېڭى بۆسۈش بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ نەچچە مىليۇن يىللار ئىلگىرى پايانسىز كەتكەن دېڭىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

ئوپتىكىلىق مىكروسكوپتا تارتىلغان تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ رەسىمى:

        2009-يىلى، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ھەسەنجان ئەپەندىم بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە، خەلقىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئىزدىنىش روھىغا باي ياشلىرىمىزنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، «شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى»نى قۇرۇپ چىقتى. شىركەت خادىملىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن نۇسخا ئېلىپ، كۆپ خىل قۇم نۇسخسىنى ئىشلىتىپ نۇرغۇنلىغان تەجرىبىلەرنى ئىشلىدى. كۆپ يىل جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن 700 خىلدىن ئارتۇق ئالگا تۈرىنى تېپىپ چىقتى. يېشىل شىركىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى تۈرلەرگە «تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى» دەپ ئىسىم قويۇپ، بۇ تۈرنى خەلقئارا يېشىل ئالگا ساقلاش مەركىزىدە ساقلىتىپ ئەنگە ئالدۇردى.



تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى بىلەن ئادەتتىكى يېشىل ئالگالارنىڭ پەرقى:

       تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى مىليۇن يىللاردىن بېرى تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ناھايىتى قۇرغاق ۋە ناچار مۇھىتتا ياشىغاچقا، ئۇنىڭدا پەۋقۇلئاددە  كۈچلۈك بولغان ئوكسېدلىنىش ۋە رادىئاتسىيەگە قارشى تۇرۇش، ئىسسىق-غوقۇققا چىدامچان بولۇشتەك ئالاھىدە ئىقىتىدارلار شەكىللەنگەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەر ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
        ئوزۇقلۇق تەركىبى جەھەتتە، تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى ئادەتتىكى يېشىل ئالگالاردىن پەرقلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. ئۇنىڭ تەركىبىدە %65 ئاقسىل، 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى، مول مىقداردىكى ۋىتامىن B12 نى ئۆزئىچىگە ئالغان 16خىل ۋىتامىن، 11خىل مېنىرال ماددا، خلوروفىل، خلوروپلاست، كاربون-سۇ بىرىكمىلىرى، يادرو كىسلاتاسى، ئېنزىملار، كاروتېن، سېللۇلوزا، ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى، قەنت ئاقسىلى، يادرو ئاقسىلى، رىبو يادرو كىسلاتاسى، ئوكسېگىنسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار.
        تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگاسى پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك بولغان مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنى تەكلىماكان قۇملۇقىدەك ناچار مۇھىتتىمۇ ئۆستۈرۈپ كۆپەيتكىلى بولىدۇ. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى قۇم تۇراقلاشتۇرۇش، قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىدا ناھايىتى مۇھىم قوللىنىشچانلىققا ئىگە. يېشىل شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى 2-قانىلى «بايقاش» پىروگراممىسى ئىشلىگەن تۆۋەندىكى فىلىمدىن كۆرۈڭ:

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzU1NjEzMDA4/v.swf

شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
تېلفۇن نومۇرى: 0991-2858400، 4008004441
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى: yexilbiotech
ئۇندىدار مۇلازىمەت سۇپىسى ئىككىلىك كودى:

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 06:13:17

تەكلىماكانىڭ  گىرۋەكلىرىدە ياشاپ تۇرۇپ نېمىشقا بۇنداق ياخشى نەرسىنى كۆرمەي قالغاندىمەن دىسەم ئەسلى مىكروسكوپتا كۆرنىدىغان  مۆجىزە ئىكەندە بىلمىگەننى بىلىۋالدىم . «ئەلا»دىن بىرسى كەتتى

sawr55 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 07:18:09

راستىنلا قالتىس بايقاش بوپتۇ،كۆزگە كۆرۈنىۋاتقان ياش تەتىقاتقچىلىمىزنىڭ بۇ نەتىجىللىرىگە بارىكاللا. يەنىلا ئۆز ئوغلانلىرىمىز ئۆز تۇپىرىقىمىزنى قوغداپتۇ.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 09:23:17

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى  مول بايلىق كانى..  كۆزيۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت     

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 10:31:21

يېشىل ئالگىنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىدىن قانداق پايدىلىنىپ تۇپراققا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىن؟
ئۇ جانلىقلار شۇ يەردە ئەزەلدىن بار تۇرۇپمۇ قۇملۇقنىڭ قۇملۇق پېتى تۇرىۋىرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 14:45:24

ئاپىرىن ئوغلانلار ،يولوڭلاار ئۇچۇق بولغاي .

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 15:00:41

ئاۋۇ قاتقان قۇملۇق قاتلىمغاكىيىنچە تېرىقچىلىق ىلىشقا بۇلۇرمۇ.شۇنداق بولسىچۇ ھەقىقەتەن مۆجىزىلىك ئىش بولاركەن .

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 20:42:10

كىچىككىنە تەكلىپ:
               لوگودىكى يىشىل دېگەننى (Yishil)ئۆلچەملىك يازساڭلار

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 20:43:12

مۇستەقىللىق روھىغا باي مۇشۇنداق زىيالىيلارغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىلمەن. بارىكاللا سىلەرگە، ئارىمىزدىن مۇشۇنداق يېڭىچە تەتقىقات تۈرىنى ھۇجۇدقا كەلتۈرىدىغانلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، ئىشلىرى ئالغا باسقاي!

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 21:27:28

ئاپىرىن، ئۇتۇق سىلەرگە يار بولسۇن!
مۇمكىن بولسا شىركىتىڭلارنىڭ تور بېكىتىنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساڭلار...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-17 23:09:29

ئۇيغۇر تەتقىقاتچىللىرمىزمۇ يېڭى-يېڭى بايقاشلار ئارقىلىق ئىنسانىيەتكە  كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇۋاتىدۇ.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:36:12

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 10:31 static/image/common/back.gif
يېشىل ئالگىنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىدىن قانداق پايد ...

سورىغان سۇئاللىرىڭىزغا رەھمەت. جاۋابلىرىمىز تۆۋەندىكىدەك:

سۇئال: يېشىل ئالگىنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكلىرىدىن قانداق پايدىلىنىپ تۇپراققا تەسىر كۆرسىتىش مۇمكىن؟
جاۋاب: يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇنداق باسقۇچلار بويىچە چۈشىنىشكە بولىدۇ:
زەنجىرسىمان گىرەلىشىپ  ئۆسىدىغان قۇملۇق ئالگا تۈرى ئارقىلىق، قۇملۇقتا بىر ياكى بىر قانچە قەۋەت  يېشىل ئالگا قاسراق قەۋىتى ھاسىل قىلىش. بۇ ئارقىلىق قاسراقلىق قۇمنىڭ سۇسۈمۈرۈشچانلىقى ۋە سۇ تۇتۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇنىڭ پارلىنىش ۋە سىڭىپ كېتىشنى تۆۋەنلىتىش؛
يېشىل  ئالگىنىڭ گىرەلىشىپ ئۆسۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاقما قۇمنى مۇقىملاشتۇرۇش؛
تەدرىجىي ھالدا قۇم قاتلىمىدا مىكرۇ ئېكولوگىيە سېستىمىسى بەرپا قىلىش؛
مىكرو ئېكولوگىيە سېستىمىسىدىكى ئازوت تەركىبىنى ئاشۇرۇپ، قۇم تەركىبىنى تۇپراق تەركىبىگە يېقىنلاشتۇرۇش؛
يۇقارقى باسقۇچلار ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، تۇپراقلاشتۇرۇش، قۇم -تۇپراقنى يېشىللاشتۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ئاساس يارىتىش.


ئۇ جانلىقلار شۇ يەردە ئەزەلدىن بار تۇرۇپمۇ قۇملۇقنىڭ قۇملۇق پېتى تۇرىۋىرىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
جاۋاب: تەكلىماكان قۇملۇقى ئاۋۋال تۇپراق بولۇپ كىيىن قۇملۇققا ئايلانغان بولماستىن، بەلكى ئاۋۋال دېڭىز بولۇپ كىيىن قۇملۇق شەكىللەنگەن، دەپ قارىلىدۇ. شۇ بويىچە ئېيتقاندا، تەكلىماكان ئەتراپىدىكى تۇپراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇپراش،چۆكمىلىشىش، سۈپەت ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان دەپ قارايمىز. تۇپراقنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئىچىدە بىز بىلىپ يىتەلىگەن ۋە بىلىپ يېتەلمىگەن ناھايىتى كۆپ ئامىللار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى مىكرو ئورگانىزىملارنىڭ تەسىرى شۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىل ھىسابلىنىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئامىل ئەمەس.
ئۇنىڭدىن باشقا، بىز تەكشۈرۈپ بىلىشىمىزچە تەكلىماكاننىڭ ھەممە يېرىدىن قۇملۇق ئالگاسى چىقىۋەرمەيدۇ. بىز ئايرىپ چىققان قۇملۇق ئالگاسىنىڭ تۈرى 700 خىلدىن ئاشسىمۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇملۇق تۇراقلاشتۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغىنى پەقەت بىرنەچچە خىل بولۇپ، ئۇ تەكلىماكاننىڭ شىمالى قىسمىىدىكى مىكرۇ ئېكولوگىيە سېستىمىسى رايۇنىدىن ئېلىنغان، بىز ئۇنى تەكلىماكاننىڭ باشقا قىسمىدىكى كۆچمە قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتا پايدىلاندۇق. دىمەك، تەكلىماكاننىڭ بەزەن جايلىرىدا قۇملۇق ئالگاسى بولسىمۇ، ئۇ قۇملۇق تۇراقلاشتۇرىدىغان ئالگا تۈرى ئەمەس. بەزى جايلاردا قۇملۇقنى تۇراقلاشتۇرغۇچى ئالگا بولسىمۇ، بۇ خىل ئالگا تۈرىنىڭ قۇملۇقتا ئۆسۈپ كۆپىيىشى مۇئەييەن شەرت-شارائىتلارنىڭ ھازىرلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ زىيادە كەم بولۇشى، قۇملىشىشنىڭ تېز بولۇشى، قۇمنىڭ كۆچىشى، تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنىىڭ شىددەت بىلەن ئازلاپ، يەر ئاستى سۈيى ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى، قۇم بوران ئاپىتى كۈچىيىپ، ئەزەلدىن سۇ كەمچىل بۇ زىمىندا ھۆل-يېغىننىڭ تېخىمۇ ئازلاپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ئالگا تۈرىنىڭ كۆپىيىشىگە ماس كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك سېستىما تەدرىجىي كىچىكلەپ، ياشاش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز تارىيىپ بارغان. ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنىڭ بۇزۇلۇش سۈرئىتى ئېكولوگىيىلىك سېستىمىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتسە، قۇملۇشۇش تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىمىز.  شۇنىڭ بىلەن قۇملۇق قۇملۇق پېتى تۇرۇپلا قالماي، ئەكسىچە تېخىمۇ كېڭىيىپ كەتكەن.

چۈشىنشلىك بولماي قالسا، يەنە سورىسىڭىز بولىدۇ. :)

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:45:51

dillani يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 15:00 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ قاتقان قۇملۇق قاتلىمغاكىيىنچە تېرىقچىلىق ىلىشقا  ...

مۇمكىن. قۇملۇقنى تەدرىجىي مۇنبەت تۇپراققا ئۆزگەرتىش دەل بىزنىڭ قۇملۇق ئالگاسى ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش تەتقىقاتىمىزنىڭ مەقسىتى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:49:10

قۇملۇق كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولغان رايونىمىزدا قۇملۇق ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ ئاز بولىشى ئادەمنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. سىلەرنىڭ بۇ بايقىشىڭلار ۋە قۇملۇقنى ئۆزگەرتىش نىشانىڭلار ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ماتېماتىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پرافىسسورى، دوكتور ئابدۇرىشىت مۇئەلىم قۇملۇقنى ئۆزگەرتىش، تىزگىنلەش ھەققىدە مەخسۇس بىر تۈر ئىشلەپ، بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئىلمى تەتقىقات ۋە ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارغانلىقىدىن خەۋىرىم بار.
ئەگەر خالىساڭلار شۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئورتاقلىق ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ.
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 10:50:13

Uquhuchi يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 20:42 static/image/common/back.gif
كىچىككىنە تەكلىپ:
               لوگودىكى يىشىل دېگەننى (Yishil) ...

تەكلىپىڭىزگە رەھمەت. ئەينى چاغدا بىزمۇ توغرىسىنى يېزىشنى ئويلىغان، ئەپسۇس توغرا يېزىلىشىنى تىزىمغا ئالدۇرغىلى بولمىدى، باشقىلار ئىشلىتىپ بوپتىكەن. ماركا ئىسمى بىلەن لوگونى پەرقلىق قىلىشنى بىز خالىمىدۇق. شۇنداق قىلىپ، ئاخىرى YEXIL بوپقالدى.

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-8-19 07:39):
توغرىسى  «يېشىل، Yeshil» ئىدى.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 11:47:55

قىزىل قۇم دەپ بىر بىرخىل قۇمنى بېيجىڭ تەرەپ تەتتىق قىلىپ ياساپ چىقىپتىمىش...بۇ قۇم ھاۋا ئۆتكۈزۈش ، سۇ ئۆتكۈزمەس خۇسۇسىيتى بارمىش...چۆل رايۇنلاردا كۆچەت تىكىشتە كۆچەتنى تىكىپ سۈغۇرۈپ بولۇپ ئۈستىگە قىزىل قۇمنى سىپىۋەتسە سۇنىڭ پارلىنشىنى توسۇپ ئۇسساپ كىتشنڭ ئالدىنى ئالدىكەن، لكىن يىلىتىزنىڭ ئوكسىگىن بىلەن تەمىللىنىشى نورمال بولدىكەن..شۇ قۇم قانداق قۇم...سىلەر شۇنداق قۇمنىڭ يىشلىنى ئىشلەپ چىقرىش مۇمكىنچىلىكى بارمۇ؟..

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 11:48:13

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 10:49 static/image/common/back.gif
قۇملۇق كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولغان را ...

شۇنداق، بۇ ساھەدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ كەملىكى كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. بىز مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقان، مۇشۇ ساھەگە قىزىقىدىغان ياكى مۇشۇ ساھەلەردە سېستىمىلىق ئوقۇغان ياشلىرىمىزنىڭ سېپىمىزگە قوشۇلىشىنى ھەر ۋاقىت قىزغىن قارشى ئالىمىز!

بەرگەن ئۇچۇرىڭىزغا رەھمەت، مەن بۇ ئۇچۇرنى شىركەت مەسئۇللىرىغا يەتكۈزەي.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 11:54:17

turkzad يوللىغان ۋاقتى  2014-8-17 21:27 static/image/common/back.gif
ئاپىرىن، ئۇتۇق سىلەرگە يار بولسۇن!
مۇمكىن بولسا شىركىت ...

رەھمەت!
شىركەت تورىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئىشلەۋاتىمىز، پات ئارىدا پۈتىدۇ.
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خەنزۇچىسىنى جىددىي چىقىرىش زۆرۈر بوپقالغاچقا، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچىسىنى تەڭلا چىقىرىش ئويىمىز پىلاندىكىدەك بولماي قالدى. بۇ ئىشتا ئۆزرىلىكمىز، توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 11:55:05

تەكلىماكاندىنكى قۇملار نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ چوڭايتىلغان ۋەكىللىك دانىچسىنىڭ رەڭلىك سۈزۈك رەسىمنى بىر كۆرۈپ باقساقمۇ ھە...

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 14:00:41

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-18 11:47 static/image/common/back.gif
قىزىل قۇم دەپ بىر بىرخىل قۇمنى بېيجىڭ تەرەپ تەتتىق قىل ...

ئۈستىگە توپا چېچىپ قويسىمۇ ئوخشاش ئۈنۈم بولار
بەت: [1] 2 3
: تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۆجىزە _ ئالگا