iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:51:03

سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ نىشانى نىمە ؟
قانداق قىلىپ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىسىلەر ؟ ياكى بىرەر مەھسۇلاتنى بازارغا سالماقچىمۇ ؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 19:53:31

بۇ شەخسى شىركەتكەن،بۇ تەتقىقات ئېنىقكى خالىس ئەمەسمىكىن دەيمەن،يا دۆلەت يابىرەر ئورۇن ياكى شەخس تەتقىقات مەبلىغى ياكى فوندى بىلەن تەمىنلىمىگەندىكىن دەيمەنغۇ

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-8-18 23:46:09

يىشىل دېگەن گەپمۇ توغرا ئەمەس.

يېشىل دەپ ئاڭلىغان.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 01:19:52

ئاللا مۇشكىل ئىشلىرڭلارنى ئاسان قىلسۇن !

iltebir107 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 15:16:26

بەك ياخشى ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپسىلەر.بۇ ئىشىڭلاردىن بەكلا سۆيۈندۈم.دىيارىمىزنىڭ قۇم تىزگىنلەش ئىشلىرىداتېگىشلىك ھەسسەقۇشقايسىلەر.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 09:47:47

iltersh يوللىغان ۋاقتى2014-8-18 19:51 static/image/common/back.gif
سىلەرنىڭ شىركەتنىڭ نىشانى نىمە ؟
قانداق قىلىپ ئىقتىسا ...

شىركىتىمىز «ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش»نى كارخانا نىشانى، «پەن-تەتقىقاتتا كۈچلۈك بولۇپ، داڭلىق ماركا يارىتىش»نى ئاساسىي مەۋقە قىلغان، يېڭى يېمەكلىك تۈرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، غەربچە دورىلار، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى، مۇھىت ئاسراش، قۇم تىزگىنلەش، ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارلاشتۇرۇشنى بىرگەۋدە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى مىللى كارخانا.شىركىتىمىز يەنە بەزى ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ مەلۇم چوڭ تىپلىق تۈرلەرنى ئىشلەيدۇ. يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مەھسۇلاتلارنى يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالمايۋاتقان كارخانىلارنى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش، بىئو –تېخنىكىلىك تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
كۆپ يىل ئىزدىنىش ۋە سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىمىز تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن «تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگا جەۋھىرى»، «تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگا تابلېتى» قاتارلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئاللا خالىسا پات ئارىدا بازارغا سېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە بىر يۈرۈش تەبىئىي، زىيانسىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك «يېشىل» ماركىلىق ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، گىرىم بۇيۇملىرى، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتىمىز.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 09:52:21

aral52 يوللىغان ۋاقتى2014-8-18 11:55 static/image/common/back.gif
تەكلىماكاندىنكى قۇملار نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ھەرقايس ...

تەكلىماكاندىكى قۇملار ئوخشىمىغان پەنلەردە تەتقىقات ئوبىكتىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشىمىغان تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بىز ئادەتتە ئۆز تەتقىقات ئوبىكتىمىزغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلدۇق:
ئېغىر قۇم، ئۇچۇچان قۇم، شورلاشقان قۇم، تۇپراقلاشقان قۇم، قۇملاشقان تۇپراق قاتارلىقلار.
بۇنىڭ ئىچىدە ئېغىر قۇم تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن: قىزىل قۇم، سېرىق قۇم، قوڭۇر قۇملارغا بۆلۈنىدۇ؛
ئۇچۇچان قۇم قۇم-بوراننىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھىسابلىنىدۇ. ئۇلار ئاساسەن قۇرۇپ كەتكەن كۆللەر ئەتراپىدا كۆپ ئۇچرايدۇ؛
شورلاشقان قۇم تەركىبىدە كالتسىي،كالىي، ناترىي مىقدارى كۆپ بولغان قۇمنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قۇرۇپ كەتكەن تۇزلۇق كۆللەر ئىزىدا ئۇچرايدۇ، «ئاق قۇم »دەپمۇ قويىمىز؛
تۇپراقلاشقان قۇم قۇملۇق ئىچىدىكى كۆپ قىسمى قۇم، ئاز قىسمى تۇپراق بولغان قۇمنى كۆرسىتىدۇ؛
قۇملاشقان تۇپراق تەكلىماكان ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردىكى تۇپراق تەركىبى كۆپ، قۇم تەركىبى ئاز بولغان تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ.

قۇم دانچىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى ھازىرچە ئاشكارىلىيالمايمىز، توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 11:08:25

ئىشلىرىڭلار ئوڭ بولغاي .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 13:03:03

   مۇنداق گەپكەن ئەسلى ، مەن تېمىغا كىرمەي تۇرۇپ ، دەسلىۋىدە كۆرۈپ بىر خىل مىۋىمىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن « ئالگا » دىسە ... ئالگىرات دىگەندەكلە بىلىنگەن بولسا كېرەك .....

sardar يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 14:51:48

بىزنىڭ ھەسەنجان دوكتۇركەنغۇ بۇ ، مۇبارەك بولسۇن !
ئۈندىدار سالونىڭلارنى ئۇندىدار تورىغا چىقىرىپ قويدۇم. www.undidar.com

EVIR يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 15:03:46

Uquhuchi يوللىغان ۋاقتى2014-8-17 20:42 static/image/common/back.gif
كىچىككىنە تەكلىپ:
               لوگودىكى يىشىل دېگەننى (Yishil) ...

توغرىسى شۇ «يېشىل»،
ئۆزىڭىزنىڭ لوگوسىنى «ئۇقۇغۇچى» قويۇۋېلىپ (توغرىسى ‹ئوقۇغۇچى) تولا باشقىلارنىڭ ئىملاسىدىن پۇتاق تاپماڭ.

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 21:18:09

EVIR يوللىغان ۋاقتى2014-8-26 15:03 static/image/common/back.gif
توغرىسى شۇ «يېشىل»،
ئۆزىڭىزنىڭ لوگوسىنى «ئۇقۇغۇچى» ق ...

مىنىڭكى تور نامىنىڭ خاتالىقى راست، ئۆلچەملىك يىزىشنى بىلمەيدىغان چاغداتىزىملىتىپ قۇيۇپتىمەن. لىكىن باشقىلارنىڭ تۇغرا ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلسام نىمە سىزگە دەز كەتتى ؟

EVIR يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 14:00:52

Uquhuchi يوللىغان ۋاقتى2014-8-26 21:18 static/image/common/back.gif
مىنىڭكى تور نامىنىڭ خاتالىقى راست، ئۆلچەملىك يىزىشنى ...

«كۆتىدە ئىشتان يوق، ئېتى مارجان بۈۋى»لەرنى كۆرسەم شۇنداق پېشانىسىدىن نۇقۇپ قويىمەن.
گىلدىڭلاپ كەتمەڭ.

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 18:58:09

EVIR يوللىغان ۋاقتى2014-8-27 14:00 static/image/common/back.gif
«كۆتىدە ئىشتان يوق، ئېتى مارجان بۈۋى»لەرنى كۆرسەم شۇ ...

ھىم ، قارىغاندا بەك بىلىملىك زات ئۇخشايسىز، ئەدەپسىزلىك قىپتىمەن

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 19:42:21

شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ھەققىدە:

      شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2009-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت تەكلىماكاندىن چىقىدىغان ئالاھىدە ئالگا تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى يېمەكلىك تۈرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، قۇم تىزگىنلەش، ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارلاشتۇرۇشنى بىرگەۋدە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى مىللى كارخانا.

      شىركىتىمىز تەتقىقات مەركىزى ئۈرۈمچى يۇقىرى تېخنىكا سانائەت تەرەققىيات رايونىدىكى بىئو-مېدىتسىنا يېڭىلىق يارىتىش-ئىگىلىك تىكلەش بازىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 1300 كۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى تەجرىبە-تەتقىقات مەركىزىمىز خەلقئارالىق 100 بىرلىك GMP ئۆلچەمدىكى 250 كۋادىرات مېتىرلىق مىكروبسىز ئالگا كۆپەيتىش ئۆيى، گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن نانو تېخنىكىلىق ھۈجەيرە پارچىلاش ماشىنىسى، ياپونىيەدىن كىرگۈزۈلگەن كاربون تۆت ئوكسېدلىق ھۈجەيرە ئۆستۈرۈش ساندۇقى، گېرمانىيەدىن كىرگۈزۈلگەن PCR ماشىنىسى، تولۇق يېپىق مىكرۇبسىز بىئو رېئاكتورى، نۇر ئۆتكۈزۈشچان ئاپتوماتىك بىئو رېئاكتورى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلغار تەجرىبە-تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى بىلەن سەپلەنگەن.

ھازىر شىركىتىمىزدە جەمئىي 17 نەپەر خىزمەتچى خادىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 16 نەپىرى تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. شىركىتىمىز كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق بىر قەدەر يۇقىرى كەسپىي سەۋىيەگە ئىگە، خەلقىمىزنىڭ پەن-تەتقىقات ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان، ئىزدىنىش روھىغا باي ياشلىرىمىزدىن كۆپ قاتلاملىق بىر تەتقىقات ئەترىتى قۇرۇپ چىقتى. بۇ ئەترەتتە 12 نەپەر خادىم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇر تۆت نەپەر، ماگىستىر بەش نەپەر بولۇپ، بىر قەدەر كۈچلۈك تەتقىقات قوشۇنى ھازىرلىغان. تەتقىقات ئەترىتىدىكىلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ژۇرناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرى 20 پارچىدىن ئاشىدۇ.

شىركىتىمىز ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسىي مەۋقە قىلىپ، پەن-تەتقىقات ئۇنۋېرسال كۈچى ۋە ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشماقتا. شىركىتىمىز چەتئەل ۋە دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى ئالى بىلىم يۇرتلىرى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولۇپ، ئامېرىكا كوننەكتىكۇت ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيەسى شىنجاڭ تارمىقى بىئو-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى، لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك، ياخشى بولغان ھەمكارلىقنى ساقلاپ كەلدى.
      شىركىتىمىز يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ماي يۇقىرى بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن ئالاھىدە تەتقىق قىلىپ ئىشلىگەن «قۇملۇق يېشىل ئالگا جەۋھىرى»، «قۇملۇق يېشىل ئالگا تابلېتى» قاتارلىق مەھسۇلاتلار تەبىئىي، زەھەرسىز، داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەتكەن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئېستىمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھىسىغا ۋە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. بۇ مەھسۇلاتلار پات ئارىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بازارغا سېلىنىدۇ.
      شىركىتىمىز، ئىزچىل «ئەلا سۈپەتلىك يېشىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تۆھپە قوشۇش»نى كارخانا نىشانى قىلىپ، «ئۇيۇشۇش، ئىزدىنىش، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت كارخانا روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ساغلاملىق ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش»تىن ئىبارەت يادرولۇق ئىدىيەنى مەركەز قىلىپ، شىركەتنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشتى. شىركىتىمىز، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئالگا تەتقىقاتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلەشتۈرگەن تۇنجى يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، تېخنىكا ۋە مەھسۇلات جەھەتتە ئىزچىل ئەڭ ئالدىدا تۇرۇپ كەلمەكتە.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 19:47:15

sardar يوللىغان ۋاقتى2014-8-26 14:51 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ ھەسەنجان دوكتۇركەنغۇ بۇ ، مۇبارەك بولسۇن !
ئۈند ...

شۇنداق، تونۇيدىكەنسىزدە؟

رەھمەت سىزگە!
مۇمكىن بولسا شىركەت چۈشەندۈرىلىشىگە تۆۋەندىكى ئابزاسنى ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز، تولىمۇ خۇرسەن بولاتتۇق.:handshake
----------
شىنجاڭ يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2009-يىلى 10-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەت تەكلىماكاندىن چىقىدىغان ئالاھىدە ئالگا تۈرىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى يېمەكلىك تۈرى، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، قۇم تىزگىنلەش، ئېنىرگىيە تېجەش تىپىدىكى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازارلاشتۇرۇشنى بىرگەۋدە قىلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا تىپىدىكى مىللى كارخانا.
شىركەت تورى: www.yexil.com.cn

UFO114 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-2 12:54:40

گۆھەر زېىمىن_شىنجاڭ   

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-9-8 17:17:19

http://uyghur.cntv.cn/2014/09/04/VIDE1409829965953554.shtml

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 08:58:31

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzc5Njk2Nzg4/v.swf

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-9-20 08:59:24

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzc5NzE2NzE2/v.swf
بەت: 1 [2] 3
: تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى مۆجىزە _ ئالگا