بىر سوم پىلانى ۋە ئەيساجان
بۈگۇن ئىزدىنىش سەركەردىلىرىنىڭ يەنە بىرى ۋاپاردارىم 912 (ئەيساجان)نىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. دوستىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىگە مۇبارەك بولسۇن!! ئائىلىسىگە بەخىت ،تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن...
دوستىمىز ئەيساجان ئىزدىنىش تورىنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى ھەم بىر سوم پىلانى ،مىھرىىبانلىق پائالىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى ،تەشكىللىگۇچىسى .
بىر سوم پىلانى مېھرىبانلىق پائالىيىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى جەمىئەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ ھەر ئايلىقى بەرگەن ئىئانىسىنى بىر يەرگە توپلاپ بۇ پۇللار ئارقىلىق رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بولۇپمۇ تور ئارقىلىق بىلگەن ئۆگىنىشتە تىرىشچان ،ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى ،شۇ ئارقىلىق ئىناق جەمىئەت بەرپا قىلىشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ بورتالا توك ئىدارىسى خىزمەتچىسى ئەيساجان نىزامىدىن ،ئىزدىنىش تورى ئەزاسى ۋاپادارىم912 نىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2006-يىلى 4- مارت كۈنى بورتالا دىيارىدا باشلانغان ،بۇ ساخاۋەت پائالىيىتى ئاساسلىقى ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ،يېقىندىن ماسلىشىپ قاتنىشىشى ئارقىسىدا بورتالا دىيارى ۋە ئىزدىنىش تورىدا تەڭ قانات يايغان بولۇپ باشلانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھازىرغىچە يىغىلغان ئۇمۇمىي پۇل 270مىڭ سومدىن ئارتۇق ،بۇ پۇللارنىڭ 98%دىيارىمىزنىڭ بورتالا ،قەشقەر ،خوتەن ،ئاقسۇ ،غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى تىرىشچان سىتۇدىنىتلار ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ 151نەپەر ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىلدى ،بۇ يىل 2-ئايدا كېرىيەدە يەر تەۋرىگەندە بورتالا دىيارىدا 96 تاغار كىيىم كېچەك ۋە 100مىڭ سوم نەق پۇلنى ئېلىپ ئاپەت يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ خەيىر ساخاۋەت پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى .
نىشانىمىز تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ تېخىمۇ كۆپ ساخاۋەتچىلەرنىڭ بۇ پىلانغا قاتناشتۇرۇپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارغا ياردىمىمىزنى بېرىپ ئۇلارنىڭ ئۆز ئارزۇ لىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ جەمىئەتكە ياراملىق بىر ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ياردىمىمىزنى بېرىشتۇر .
بىر سوم پىلانى شوئارى -ساخاۋەت ئادەتكە ئايلانسۇن .
مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن ئاداش ،پۈتۈن ئائىلەڭلەردىكىلەرگە سالامەتلىك يار بولسۇن . خاپا بولماي بىر سوم پىلانىنىڭ كارد نومىرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىۋەتسەڭلەر ،شېركەت بەرگەن ئازراق كۆڭۈل باتتى .ياكى قانداق تەككۈزمىز شۇنى ئېيتىپ بەرسەڭلەر . رەھمەت ئىزدىنىش ئاخۇن ،بەك خوشال قىلىۋەتتىڭلار ،سىلىگە تەشەككۈر
غۇلجىدىكى ھېلىقى ئوقۇغۇچى قىزغا ياردەم قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيىتىپ قويۇشۇمنى تاپشۇرغان ئىدى.
كۆپ رەھمەت.
------------------
تەكشۈرۈشلەردىن كىيىن ئۇ قىزنىڭ ئېيىتقانلىرىنىڭ راسلىقى دەللىلەندى ،شۇڭا كۈنلەر ئاۋال كارتىسىغا 1000 سوم پۇل ئۇردۇم ،بايا 1000 سوم پۇلنى بىر سوم پىلانى ياردىمىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ غۇلجىدا ئوقۇتقۇچى بولغان قىزنىڭ قولىغا يەتكۈزدۈم ،ئۇ قىز 18-چىسىلا بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەپسىلىي ئەھۋاللىشىپ قالغان 1000 سومنى بېرىدۇ ...... خاپا بولماي بىر سوم پىلانىنىڭ كارد نومىرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىۋەتسەڭلەر ،شېركەت بەرگەن ئازراق كۆڭۈل باتتى .ياكى قانداق تەككۈزمىز شۇنى ئېيتىپ بەرسەڭلەر .
------------------------------
بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈن بەك ئەھمىيەتلىك ئۆتىۋاتىدۇ ،«بىر سوم پىلانى سىتۇدىنىتلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى »تۈرىگە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن 10 نى تاللاپ چىققان ئىدۇق ،بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ ئەھۋالنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىنچىكە ئىگىلەپ ئاتا ئانىلىرى بىلەن مەسلەھەتلىشىپ چىقتۇق ،خۇدايىم بۇيرىسا تۇنجى قېتىملىق سىتۇدىنىتلار ياردەم تۈرىگە ئېرىشكەن 10 سىتۇدىنىتنى تاللىۋالدۇق ....
سىزگە مەسلەھەت ،شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرستېتىدا 4-يىللىق ئوقۇشى باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر قىز بار ،ئاجايىپ ئەلاچى ،پۇلنى شۇ قىزنىڭ كارتىسىغا بىۋاستە ئۇرۇپ بېرەلەرسىزمۇ ؟قالدى گەپ بولسا ئۈندىداردا تەپسىلىي دېيىشەرمىز ...رەھمەت سىزگە .
ئۈندىدار نومۇرۇم :
wapadarim912
ۋاپادارىم سۈيۈملۈك ئىنسان .مەن بۇ ياقتىكى تەڭ قوراملىق ئاغىنە بۇرادەرلەرگە ۋاكالىتەن ھۆرمىتىمنى بىلدۇرمەن.
happy birthday مۇبارەك بولسۇن ،
موبارەك بولغاي.مەنمۇ بىر سوم پىلانىغا ئاۋاز قوشۇشنى ئۇزۇندىن بۇيان ئارزۇ قىلىغلىق، لېكىن قانداق قوشۇلۇشنى بىلەلمىدىم.بولسا ھەر ئايدا ئاز ئازدىن ياردەم بىرىشكە نىسپەتەن ياردەم ئۇسۇلىنى، قوشۇلۇش تەرتىپىنى قالدۇرسىڭىز، رەھمەت! مۇبارەك بولسۇن مۇبارەك بولسۇن، بىر سوم پىلانىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە ئۇلىشالىشىدا تۆھپىڭىز زور. ئىشلار روناق تاپقاي، ئائىلىڭىز تېخىمۇ بەرىكەتلىك، ئىناق بولغاي. ھە راس، بۇ تېمىدا پۇلنىڭ گېپىنى جىق جىق قىلىڭلار، بوممىسا ئىسمىڭلارنى ئاتايمەن:lol مۇبارەك بولسۇن
ئەيساكام ئىسىل ئادەم جۇمۇ . قاراشقىمۇ ئىسىل ئاقكۆڭۈل ئادەم
ئەمما لېكىن ماختاشقا لايىق ئەيساجاننىڭ تۈغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن مىنىڭ 24- چىسلا ت ت كا:lol
ئەيساجانغا ھۆرمىتىم بار. {:112:} پارتىيەئەزالىرىمۇ ئايدا بەدەل پۇلى تاپشۇرامىش .
ماۋۇ بىرسوم ئەزالىرىمۇ شۇنداق قىلامدۇ .
ھەرئايدا تاپشۇردىغان ئىش بولسا مەنمۇ ئەزا بولاي Apple يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 22:02 static/image/common/back.gif
پارتىيەئەزالىرىمۇ ئايدا بەدەل پۇلى تاپشۇرامىش .
ماۋۇ ب ...
ئىزدىنىش ئەزالىرىنىڭ يىللىق بەدەل پۇلى 12 يۈەن خەلق پۇلى :lol wapadarim912 يوللىغان ۋاقتى 2014-8-13 15:02 static/image/common/back.gif
خاپا بولماي بىر سوم پىلانىنىڭ كارد نومىرىنى قىسقا ئۇچۇ ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ مۇنبەردە بىر سوم پىلانىنىڭ گېپى چىقسا ھەممەيلەن يىغىلىدىغان گەپكەن، بۇمۇ ياخشى بولدى. ئەيساجانغا ۋە بىر سوم پىلانىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن،تورداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن شىنجاڭ تارىم ئونۋىرسىتىتىدا ئوقۇۋاتقان ئاقتۇلۇق سىڭلىمىز ئالدىنقى بىر يىللىق ئوقۇشىنى تاماملىدى، ئىككىنچى يىللىق ئوقۇش پۇلى 4300 يۈەن ئىكەن، مۇشۇنى غەملىۋالساق ياخشى بولاتتى، مەن ئازراق نەخلەپ قويغان، قالغىنىغا ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن تورداشلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياجلىقمىز. مۇبارەك بولسۇن، ساخاۋەتلىك ئىشلار تېخىمۇ راۋاج تاپقاي.