كارتا نۇمۇرىنى قايتا بىر قالدۇرۇپ قويايلى ... ئىزدىنىش ئەزالىرى ئۆز ئاتىغىنىمىزنى سېلىپ بەرسەك بولىدۇ. بەزىلەرگە مەجبۇرى جۇمۇ... ئاۋال پۇل سالىدىغانغا ۋاقىت بىرىمەن . يەنە ئىنكاس بولمىسا ئىسمىنى ئاتايمەن بۇ يەردە:lol
ئىنىم ئەيساجانغا سالامەتلىك يار بولغاي.
:funk::funk::funk::lol
ھازىر ئەستايىدىل ھىساپلاپ كۆرسەم بىر سوم پىلانىنىڭ باشلىنىشى دەل مېنىڭ قاتتىق غۇربەتچىلىك ۋاقتىمغا توغرا كەپتىكەن ،ئەزا بۇلۇشقا كۆڭلۈم با لىكىن قۇدرىتىم يوق بوپ قالغانتى ھەقىقەتەن. بۈگۈنمۇ كىچىكمەسمەن،ھازىر ھال كۈنۈم ھەر ھالدا ياخشى.
بۈگۈن شۇنى جاكالايمەنكى مەن بۈگۈندىن باشلاپ بىر سوپ پىلانىنىڭ ئەزاسى بۇلۇشقا ئىلتىماس قىلمەن ۋە 2006-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ نىسى قالغان 101 سوم پۇلنى تۇلۇقلاپ تۆلەيمەن ۋە يۇرتلاردا بۇندىن كىيىنكى تەشۋىقاتنى ئىمكان بولسىلا قىلىمەن.
دەپ ھۆرمەت بىلەن كەنجى ئەپەندى.
ئالىپاي ئىشلىتىش قولاي بولغانلارغا، بىر سوم پىلانى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بۇ ھېسابنى قالدۇراي.
kainam12@163.com
安外尔艾麦尔 دەپ چىقىدۇ ئىسمى.
سالامەت بولسۇن !
مۇبارەك بولسۇن ئەيساجان .
ئىزاھات؛ يىللىق بەدەل پۇلى 12 يۈەن بولغان بىلەن ، كۆڭلۈڭلار بولسا جىقراق سېلىۋەتسەڭلارمۇ قائىدىگە خىلاپ ئەمەس جۇمۇ ...
ئەيساجانغا كۆز تەگمىسۇن ... قايىلمەن ... ئاسان ئەمەس ...ھەممىڭلارغا ياخشىلىق يار بولسۇن ...
مۇشۇ بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ھەر بىر قىتىم تىما يىزىلغاندا ماڭا ئازراق زىيان بولىدۇ.{:90:}{:90:}
تۇغۇلغان كۇنىگە مۇبارەك بولسۇن ، مۇشۇ كۇنلەردە قىرىندىشىمىز ئەيساجاندەك خەيرى -ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ كوپلەپ چىقىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەيساجان ئاكا،ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭىز توختاپ قالمىغاي.
مەن ئۈلۈشكۈن سىزگە ئۈندىداردا گەپ قىلغان قېرىندىشىڭىز.
مەن دېگەن بالا بۇ يىل شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىنغان،ئەمما ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى سەۋەبىدىن
ئوقۇش ئىشى باش ئاغرىقىغا ئايلانغان.ئەمما ئۆزىنىڭ شۇنداق ئوقۇغۇسى ،ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ ئوقۇتقۇسى بارئىكەن.
بولسا قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلشىنى ئارزۇ قىلىمەن.تېخىمۇ كۆپ ئەھۋاللارنى بىلمەكچى بولساڭلار ئۇچۇر قالدۇرساڭلار
بۇلىدۇ.
بىرسوم پىلانىغا ئەزا بالىلارنىڭ ئەمەل مەنسىپىنىڭ ئاستىغىلام 《بىرسوم پىلانى ئەزاسى》دەپ كۈرنۈپ تۇردىغان قىلساق بەلكىم تەشۋىقاتقىمۇ , ئەزالارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغۇ, يەنە يىڭى ئەزالارنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ پايدىسى بولار بولغىيدى .
ئەسسالام ئەزىزلەر بىر سوم پىلانى نامىدا تۇرمۇش تاردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىۋاتقان 8بالىغا يانداش يېقىندا بورتالادا 100ئەزا ھەر ئايدا 50سومدىن چىقىرىپ ئون ئوقۇغۇچەغا ئايدا بەشيۈز سومدىن ياردەم بېرىدىغان تۈرنى يولغا قويدۇق .مۇشۇ تاپتا باشقا شەھەرلەردە بولۇپ ياردەمگە ئېھتىياجلىق بىر ماگېستىر , ئالتە يېڭى سىتۇدىنىت بار ,مەن تەپسىلاتىنى بىر يازاي ,مۇشۇ ئىنى سىڭىللارنى بىر يولغا سېلىۋالساق بولاتتى .
بۈگۈن ئەتىگەن 11.27دە ئالىپاي ھېسابىغا ئەزالىق پۇلى كەتتى!
ئالىپايغا ئۇرۇلغان پۇلنى تاپشۇرىۋالدىم، پۇل ئۇرۇش توختىغاندا يىغىپ بىرسومغا تاپشۇرغايمەن
كۆڭۈللەر بولسا كېلەۋەرگەي ماۋۇ ئالتە بالىنى بىر يولغا سېلىۋالىلى
گ د كا دۇكان تەرەپكە قاچان ئۆتىلا، بايا ئۇنتۇپ قاپتىمەن :(
چۈشتىن كېيىن يەنە شۇ تەرەپكە ئۆتىمەن.
كارتا نومۇرى؟
ئالىپاي ئىشلىتىپ توردىم مال سېتىۋېلىۋاتىمەن، لېكىن ئالىپايدىن قالدۇرغان خەت ساندۇقىغا ھىساپ يۆتكەشنى بىلمەيدىكەنمەن.بولسا موشۇ توغرىسىدا يازما قالدۇرغان بولساڭلار.بىزمۇ كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىۋالساق.