ماقال-تەمسىللەردىن ئۈنچىلەر.
ئادەم تىلىدىن كېتەر،ھايۋان مۈڭگۈزىدىن.
ئاتىلار سۆزى ئەقىلنىڭ كۆزى.
ئاچچىقنىڭ دورىسى سۈكۈت.
ئادەمگە ئەقىل كېرەك،
پاتقاقغا شېغىل.
ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە،
ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە.
ئەيىبسىز دوست ئىزدىگەن،
دوستسىز قالار.
ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق،
ھورۇننىڭ جېنى.
ئەل قوزغالسا، تەخت غۇلار.
ئەقىللىق ئۆزىنى ئەيىبلەر،
نادان دوستىنى.
ئەزمە ئويلانغۇچە،
تەۋەككۈلچى مەقسىدىگە يېتىپتۇ.
ئەر كىشى نامرات بولسا بولسۇن،
قەرىزدار بولمىسۇن.
ئەر قېرىسا كۈچىدىن قالار،
خوتۇن قېرىسا ئېسىدىن.
ئەخمەقنى ئەيىبلىمەي ئىشقا سال.
باتۇر بىر قېتىم ئۆلەر،
قورقۇنچاق مىڭ قېتىم.
بازاردا مىڭ كىشى،
كۆڭۈلدە بىر كىشى.
بالا كۆرگەننى دورايدۇ،
قېرى كۆرگەننى سورايدۇ.
بايدىن ئەمەلدار چىقسا،
كەمبەغەلدىن دانا چىقار.
بۇ دۆلەت سەندە تۇرماس،
بۇ مەينەت مەندە.
بۆلۈنگەننى بۆرە يەر،
ئايرىلغاننى ئېيىق.
بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما.
بېشىڭغا ھەر بالا كەلسە،
خۇي-پەيلىڭدىن كۆر.
بىر پىلەكتە ئون خەمەك،
ھەر بىرىنىڭ تەمى بۆلەك.
بىې خىل تۇرساڭ،
يۈز يىل ئۆمۈر كۆرىسەن.
بىر ياخشىلىق ئۇنتۇلماس،
بىر يامانلىق.
بىرلىك بولماي،
تىرىكلىك بولماس.
بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس،
سورىماسلىق ئەيىب.
بىلىمسىزلىك نامراتلىق يامان.
بىلمىگەنگە ياخشىلىق قىلما،
تىڭشىمىغانغا سۆز.
پىچاقنى ئۆزەڭگە سال،
ئاغرىمىسا كىشىگە .
پىيازنىڭ پوستى تولا،
ئەخمەقنىڭ دوستى.
تاما-تاما كۆل بولار.
تاياق گۆشتىن ئۆتەر،
تىل سۈڭەكتىن.
تەدبىرىڭ قانداق بولسا،
تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.
مەنبە:<ئۇيغۇر خەلق ماقال -تەمسىللىرى>
تەن ساقلىق زور بايلىق پىچاق تاشتا بىلىنىدۇ،
ئادەم ئىشتا سىنىلىدۇ. ئابدالدا ئۇيات يوق،
كېپەكتە قۇۋۋەت يوق. تاماكىسى يوقنىڭ قەغىزى چوڭ،
كەپتىرى يوقنىڭ پەغىزى چوڭ. ئايالىڭ ياخشى بولسا بەخىتلىك بولسەن ، ئەسكى بولسا پەيلاسوپ بۇلسەن ـ
ئىش بۆلگەندە تۇگەيدۇ ـ
ئادەم ئۆلگەندە تۇگەيدۇـ
ئەقىل ياشتا ئەمەس باشتا ،
ئەقىل بىلەن قىلغان ئىش چىقار باشقا
قەھرىمان ئوق يەيدۇ
خوتۇن باللىرى پوق
سامان ئېلىشمىغۇچە لاي بولماس
ھارام ئېلىشمىغۇچە باي بولماس
قوناق پىشسا پاتىقىدىن مەلۇم
قىز چوڭ بولسا دىن مەلۇم بىلىم ئۆگەنسە كىشى،
كۆككەيېتەر بېشى.
ئاتنىڭ نوختىسى ئىشەككە توغرا كەلمەپتۇ.
قانائەت تۈگۈمەس خەزىنە.
يېنىدا بىر پۇل يوق ،
تۆگىنىڭ چىشىنى ساناپتۇ.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى كەينىنىڭ پەرقى يوق.
ئاچچىق يۇتۇش تاغ يۇتۇش. tayker يوللىغاننى يۇيۋەتساڭلار بوپتىكەن ئىش بار دىسە قۇلاق يۇپۇرۇۋالىدىغان ، تاماق پىشتى دىسە داس كۈتۈرۈۋالىدىغان
گەپ بار ماقال - تەمسىللىرىدىن izchilar يوللىغان ۋاقتى 2014-07-19 18:33:39 static/image/common/back.gif
تاماكىسى يوقنىڭ قەغىزى چوڭ،
كەپتىرى يوقنىڭ پەغىزى چوڭ
ئىجادىي ماقال ئوخشىمامدۇ ماۋۇ:lol:P كارامەت كەپ قوياپتۇ ئاممىلىكىن…… بىلىم يېنىپ تۇرغان چىراق،
ھۈنەر ئېقىپ تۇرغان بۇلاق. غاز ئۆردەككە كۆل ياخشى،
بوز ئېچىشقا چۆل ياخشى. ئالدىرغان يولدا قاپتۇ ، ئالدىرمىغان پىيادە . قاشقا سانىساڭ كۆزگە، كىشىگە سانىساڭ ئۆزگە.
ئەسكى تامدا قۇچقاچ تولا، كەمبەغەلگە پۇتلاش تولا.
تاغار باينىڭ،ئىشەك باينىڭ. يىقىلسا يۆلىمەيمەن، ئۆلسە تۆلىمەيمەن.
Dihkanbay يوللىغان ۋاقتى 2014-7-19 21:13 static/image/common/back.gif
ئىجادىي ماقال ئوخشىمامدۇ ماۋۇ كارامەت كەپ قوياپتۇ ...
توختى پوكاندا چىقىدىغۇ {:92:} بۇرۇتقا خاپا بولسا ساقال چىقىپتۇ قىلىچتەك ئۆتكۈر بولما،
تاياقتەك قاتتىق.
قىلغان سۆز ئاتقان ئوق.
خۇپتەندىن قىچىپ تاراۋىيغا تۇتۇلۇپتۇ.:lol ئىت ھۈرەر،
كارۋان يۈرەر…