ئالتە بالا نان دىسە،
ئەزرائىل جان دەيمىش…
ئالتە كۈنلۈك ھاششارنى كەتمەن ساپلاپ تۈگەتتىم!
مىلتىقتىن جەز(مىشەك)قالۇر،
ئاقىلدىن سۆز قالۇر.
پاقا مايماقلىقىنى بىلمەي يىلاننى ئەگرى دەرمىش!
قاغا ماختىنىپ شۇڭقار بولماس،
ئىشەك ماختىنىپ تۇلپار بولماس.
ياماننىڭ ئەقلى كۆپ،
جانغا پايدىسى يوق.
نادان ئەلنى ھارامزادە موللا تاپار…
ئاكىنى كۆرۈپ ئىنى ئۆسەر،
ھەدىنى كۆرۈپ سىڭىل…
ئۆز ئۆلتۈرمەس،يات يورۇتماس…
ئويلىغان ئوينى قىستىغان تۇرمۇش يېڭەر…
ئارقاننىڭ ئۇزۇنى ياخشى،
گەپنىڭ قىسقىسى…
ئادەم دىگەن تاش ،
تاشنى يۇمشاتقان ئاش!
ئەمگەك بىلەن يەر كۆكىرۇر،
دۇئا بىلەن ئەر…
كۈلۈپ چىققان كۈندىن قورق،
يۈگۈرۈپ چىققان قىزدىن…
ئەر بېشىغا كۈن چۈشسە ئۆتۈك بىلەن سۇ كىچەر،
ئات بېشىغا كۈن چۈشسە يۈگەن بىلەن سۇ ئىچەر!
ئىشچاننىڭ نېنى تاتلىق.
يالقوۋنىڭ جېنى تاتلىق!
ئايال ئۈنلىك ئەركەكنىڭ قۇۋۋەتى يوق،
ئەركەك ئۈنلىك ئايالنىڭ ئۇياتى يوق…
:lol:lol:lol:lol
تۇققىنىغا پاتمىغان دۈشمىنىگە يېلىنۇر!
ياخشى دىگەن بىر ئات بار قوغلاپ يەتمەس،
يامان دىگەن بىر ئات بار يۇيسا كەتمەس…
ئەرخوتۇنلار ئۇرۇشار،
ئەقلى يوقلار بولۇشار…