SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 13:56:06

[تەرجىمە ماقالە] موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SYAWUSH تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 13:58  

موھەممەد يەئقۇب بىگ
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش


تەۋەللۇدى  : 1820
                             پېسكەنت
          ۋاپاتى     : 1877
                         كاشغەر
                          لەقەب     : ئەمىرى كاشغەرىيە


     موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) - ئەتالىك غازىي نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، مەۋقەيى كاشغەرىيە پادىشاھلىقىغا يەتكەن تاجىك تەۋەككۇلچىدۇر.


ھاياتنامە
     ئۇ مىلادىيە بىر مىڭ سەككىز يۈز يىگىرمىنچى يىلى خوقەند خانلىغىنىڭ پېسكەنت يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، زادگاھى (تۇغۇلغان جايى) بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيەتىگە جايلاشقان. ئۇ خوقەند خانلىغى لەشكەرىي كۈچلىرى ئارىسىدا تېز سۈرئەتتە ئالغا باستى. بىر مىڭ سەككىز يۈز قېرىق يەتتىچى يىلىدىكى ئاق مەسجىدنىڭ روسلار قولىغا چۈشۈپ كېتىشتىن بىرئاز ئىلگىرى، شۇ جاي قەلئەيىنىڭ قوماندانى بولغان ئىدى. ئاندىن كېيىن بوخاراغا باردى. بىر مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىلى، مەۋقەيى كوكەند (خوقەند قوشۇنىنىڭ قوماندانلىقىغا يەتتى. خۇي (خۇيزۇ) لارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى توستى ۋە كاشغەر ھەم ياركەندنى چىنلىقلار قولىدىن تارتىۋالدى. بىر مىڭ سەككىز يۈز ئاتمىش يەتتىنچى يىلغا كەلگەندە بۆلەك رايونلار، جۈملىدىن ئاكسۇ (ئاقسۇ) ۋە كۇچا شەھەرلىرى ھەم، ئۇنىڭ قارىمىقىغا ئايلاندى. ئۇ ئۆزىنى، پايتەختى كاشغەر بولغان كاشغەرىيە ھۆكۈمرانى قىلدى. ئۇنىڭغا ‹ئەتالىك غازى› لەقەبىنى بېرىشكەن زامانلار مۇشۇ ئىدى. ئاندىن كېيىن، ئۇ (كاشغەر) نىڭ ئىلگىرىكى ئۆز رەئىسى شەيخ بوزورگ خان (جاھانگىر خاجەدىن قەپقالغان تەنھا نەقشبەندىي شەيخ) نى ئىستىسنا قىلدى ۋە ئۆزىنى ئەمىر ئاتىدى. نەچچە يىل خوقەند خانلىغى كوللېكتىۋىدا بولدى. ئەمما ئاخىرىدا ئۆز ئىگىدارلىغىنى ئېلان قىلدى. يەئقۇب بىگنىڭ قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلىغى، ‹كاتتا ئويۇن› (بېرىتانىيە ۋە چار روسىيەدىن ئىبارەت ئىككى كاتتا ئېمپىرىيەنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ۋە لەشكەرىي رىقابەتىگە بېرىلگەن نامدۇر) نامى بىلەن شۆھرەتكە ئىگە، مۇستەملىكىچى چار روسىيە، بېرىتانىيە ۋە، چىننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى كونتىرول قىلىشى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان چاغلىرى بىلەن ھەمزامان (زامانداش) ئىدى. يەئقۇب بىگنىڭ كاشغەرىيەسى بارا-بارا كەڭەيدى. ۋە ھەم، تاكى ئۇرۇمچى(ئۈرۈمچى) ۋە تۇرپانغا قەدەر يەتتى. يەئقۇب بىگ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كۈچلىرىنى جىھاد ئۇنۋانى ئارقىلىق، چىنىي مۇسۇلمانلار بىلەن جەڭلەشتۈردى. يەئقۇب بىگ چىنىي مۇسۇلمانلار بىلەنكى جەڭ ئۈچۈن قوشۇن ياللايتتى. ئۇ روسىيە ئېمپىرىيەسى ۋە بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتىيۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئارقا تېرەك قىلىپ، چىن ئېمپىراتۇرلۇغىنىڭ مۇقابىلىدا تۇرغىلى مۇۋەپپەق بولالمىدى. ئاخىرىدا چىنىي كۈچلەر، گېنېرال سۈي ۋە گېنېرال خۇانىڭ رەھبەرلىگىدە، يەئقۇب بىگ لەشكەرىنى تارمار قىلدى. يۇقۇرى سېلىق ۋە قوپال دىنىي قانۇلار، يەئقۇب بىگنىڭ تۈرك پۇقرالىنى يەئقۇب بىگدىن تولىمۇ نارازى قىلغان ئىدى.


يەئقۇب بىگنىڭ ئۆلۈمى
     ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى نائېنىقتۇر. لوندون تايمىس گېزىتى ۋە روسىيە turk گېزىتى، ‹يەئقۇب بىگ قىسقىغىنە بىر بىيمارلىقتىن كېيىن تۈگەپ كەتتى› دەپ خەۋەر بەرگەن. ئۇنىڭ بىلەن ھەمئەسىر (ئەسىرداش) لىك تارىخ پۈتۈكچى شەرھ بەردى كى، ئۇ بىر مىڭ سەككىز يۈز يەتمىش يەتتىنچى يىلى كورلادا، ياركەندنىڭ سابىق ھاكېمى نىياز ھاكېم بىگنىڭ قولىدا زەھەرلەنگەن ئىدى. ئەلبەتتە ھاكېم بىگ بۇ ئىشنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنى ‹ئۆلۈۋالدى› دېگەن مۇددەئىيدە بولدى. زەھەرلىنىش نەزەرىيەسى كۆپىنچە مۇسۇلمان تارىخ پۈتۈكچىلىرى تەرىپىدىن مۇھاكىمىدە بولغان ۋە ئۆلۈۋېلىش نەزەرىيەسى چىنىي قوماندانلار تەرىپىدىن. ئەمما بۈگۈنكى تارىخ بىلەرلەرنىڭ تولاراقىنىڭ نەزەرى ‹تەبىئىي ئۆلۈم› دەدۇر. يەئقۇب بىگ ۋە فەرزەندى ئىشانە بىگنىڭ جىنازەسىنى، ئۇلارنىڭ كۈلگە ئايلىنىپ كېتىشى ئۈچۈن كۆيدۈرۈۋېتىشكەن ئىدى. ھەم ئۇنىڭ بۆلەك فەرزەندلىرى ۋە خوتۇنلىرى ياكى ئۆلتۈرۈلگەن، ياكى چىنلىقلارغا ئاسارەت بولغان ئىدى.


يەئقۇب بىگ مىراسى
     يەئقۇب بىگنىڭ ئۆلۈمى بىلەن، كاشغەرىيە تېز سۈرئەتتە پارچە-پارچە بولدى. ئۇنىڭ پايتەختى كاشغەرىيە دەسلەپتە چىن ئېمپىبىراتۇرلۇغىنىڭ ، ۋە ئاندىن چىن جۇمھۇرىيەتىنىڭ قولىغا ئۆتتى. بىر قىسىم مەنبەلەر شۇ ئىشەنچتە ئىكەن كى، يەئقۇب بىگ مەقبەرەسى كاشغەر شەھىرىدە قارارلاشقان ۋە چىنلىقلار قولى بىلەن يەر بىلەن يەكسان بولغان ئىكەن.


ۋاسىتەلىق مەنبە:
ۋىكىيپېدىيا ئىشتىراكچىلىرى؛ ‹yaqub beg› ئېنگىلىزچە ۋىكىيپېدىيايى  
بىۋاسىتە مەنبە  :
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D9%85%D8%AD%D9%85%D8%AF_%DB%8C%D8%B9%D9%82%D9%88%D8%A8_%D8%A8%DB%8C%DA%AF

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:12:10

موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ) - ئەتالىك غازىي نامى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، مەۋقەيى كاشغەرىيە پادىشاھلىقىغا يەتكەن تاجىك تەۋەككۇلچىدۇر.


مۇشۇنى ئۇقۇپ ... داۋامنى ئۇقمايلا ناچارنى باستىم ....


ماقالە مەزمۇننى سەل تۇرۇپ ئىنكاسلاردىن بىلەي بولدى ....

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:41:53

يارىمىسا ئوقۇماڭلار ،ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە قىلسا قوللاپ قۇيۇڭلار باللا!
سىياۋۇش نىمە مەنىدە؟بولسا مۇشۇ پارىس ،ئوردۇ تىللىرىنى ئۆگنىدىغان ئۇسۇللارنى ،تەجرىبىلەرنى ،كىيىنكى پايدىسىنى
تورغۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟يەنە گرامماتىكا ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاشلىىق ۋە ]پەرقى...

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:50:29

بۇ ئۈچ ئاتالغۇغا رەھمەت.
زادگاھى (تۇغۇلغان جايى)
ھەمزامان (زامانداش)
ھەمئەسىر (ئەسىرداش)

peleck يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:01:26

ماتىرىياللاردىن كۆرۈشۈمچە،ياقۇببەگ قانداشلىق جەھەتتىن ھەقىقەتەن تاجىكتۇر.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:11:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izchilar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-9 21:16  

پېسكەنت دىگەن يەرنى  بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان ئەمەس تاجىكىستاننىڭ پانجىكەنت دىگەن يىرى دەيدىغۇ؟
http://en.wikipedia.org/wiki/Yakub_Beg
مەنبەدە ياقۇپ بەگىنى تاجىك دەپتۇ، تەرجىماننى تىللىغان بولمىدى.

ماۋۇ قىرىندىشىمىز تەرجىمە قىلغان مەنبەدە ياقۇپبەگنىڭ تۇغۇلغان يىرىنى ئۆزبىكىستان دەپتۇ، .ئەمما ئىنگىلىزچە نۇسقىسىدا تاجىكىستان دەپتۇ.{:122:}


alim012 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:45:52

پىسكەنت دىگەن قانداقلا بولمىسۇن قوقەند خانلىقى تەۋەسىدىكى جاي ئىكەنغۇ،ئۇنىڭ ئۆزبېكستانغا ياكى تاجىكىستانغا تەۋە بولىشى بەرىبىر، چۈنكى ئەينى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھازىرقىدەك……سىتان نامى بىلەن ئاتالغان مەملىكەتلەر يوق ئىدى، 1924-يىلدىن كېيىن ئاندىن  رۇسلار تەرىپىدىن قازاقىستان،ئۆزبېكستان،تاجىكستان دىگەندەك ناملار بىلەن مىللەتلەر چېگرا سىزىقى  ئايرىلغان،

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 22:45:53

ياقۇپبەگ توغرىلىق تارىخى ھەمىدى، ياقۇپبەگنىڭ تەرجىمھالى، قەشقەرىيە دېگەن كىتابلاردا كۆپرەك مەلۇمات بېرىلگەن. ئەينى ۋاقىتلاردىكى مۇسۇلمان تارىخچىلار بۈگۈننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن شەخسلەرنىڭ مىللىتى ھەققىدە بەك تەپسىلىي توختىلىپ كەتمىگەنىكەن. بەك ئىزاھلىغۇسى كېلىپ كەتكەنلەر تاجىك، تۈرك دەپلا ئۆتۈپ كەتكەن ياكى گەپ قىلمىغان. ئۇيغۇردىن باشقا مىللەتتىن بولسا بىئارام بولۇپ كېتىشنىڭ نېمە ھاجىتى.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 22:47:11

يولداش، ئۆزەڭلىگە بەرىبىر بولغان بىلەن بۇرۇنقى يەر ناملىرىنىڭ ھازىر قەيەرگە توغرا كىلىدىغانلىقى بەرىبىر بولمايدىغان ئىشلار بار. مۇشۇنداق  بەرىبىر دەيدىغان بىخەستىلىكىمىزدىن نۇرغۇن نەرسىلىرىمىزگە ئىگە بولالمايۋاتىمىز.  
ياقۇپبەگنى مانا مەن ئۆزبەك دەپ بىلەتتىم، مانا تاجىك چىقتى، شۇڭا تۇغۇلغان يىرىغا قارىسام بىرسىدە ھازىرقى ئۆزبىكىستان يەنە بىرسىدە ھازىرقى تاجىكىستان دەپ بارئىكەن شۇڭا قايمىقۇپ سوراپ قويدۇم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 22:57:19

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 22:47 static/image/common/back.gif
يولداش، ئۆزەڭلىگە بەرىبىر بولغان بىلەن بۇرۇنقى يەر نا ...

ما توردا تۇرۇپ سېسىق گەپنى قىلىشىپ كەتسەك ھەممە نەرسە ئۆزىمىزگە قايتىپ كەلمەيدۇ. مېنىڭ دېگىنىم شۇنىڭغا قارىتىلغان. سەل قارىمىساڭلار ئاشۇ ۋىكېپېدىيا دېگەن تور بەتلەرنى تۈزەپ يازساڭلار بولۇۋېرىدىغۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:06:03

ياقۇپبەگ ھەزرەتلىرى ساپ ئۇيغۇر تۈركلىرىدىن.  قازاقىستانلىق بىر ئۇيغۇر تارىخچى مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ماقالىسى ئېلان قىلغان.  تاپسام يوللاپ قويىمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:06:21

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 22:57 static/image/common/back.gif
ما توردا تۇرۇپ سېسىق گەپنى قىلىشىپ كەتسەك ھەممە نەرسە ...

مەن سىلىگە قارىتىپ يازمىغان، ئاۋۇ ئۈستىدىكى يولداشقا قارىتىپ يازاغان.
ئىككى ماقالىدىكى پەرقنى سوراشنى مىللەتچىلىككە كۆتۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن؟ توردا ساختا ئالىيجاناپ بولىۋالغان بىلەن ۋاقتى كەلگەندە داڭلىقلارنى يەنىلا مىللەت ئارىيدىغان ئىش با.  
پەقەت ئۆزبىك دەپ ئويلىغاچقا يۇرتىغا دىققەت قىلىپ قاپتىمەن، بىلمىگەندىنكىيىن سورىغاننىڭ زىيىنى يوقتۇ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:13:44

ئۆزبىكىستاندا تۇغۇلغان بولسىلا ئۆزبىك ، تاجىكىستاندا بولسىلا تاجىك بولىدىغان ئىش يوق ، ئىسلام كەرىمۇف بۇخارالىق تاجىك  ، تاجىكىستاندا ئۆزبىكلەرمۇ كۆپ

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:27:31

izchilar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 21:11 static/image/common/back.gif
پېسكەنت دىگەن يەرنى  بۈگۈنكى ئۆزبىكىستان ئەمەس تاجىكى ...

«يەئقۇب بىگ» نىڭ ۋىكىيېدىئادىكى خەنسۇچە ماقالىسىدىمۇ ئۇنى تاشكەنتكە يېقىن كەنتتە تۇغۇلغان دەپ يېزىغلىق. ھەمدە ۋىكىيپېدىئانىڭ تۈركچە سەھىپىسىدىكى Özbekistan'daki şehirler listesi ناملىق تېمىدىمۇ، ئۇنى ئوزبېكىستان رويونلىرى قاتارىدا يېزىغلىق. ئېھتيىمال بۇ كەنت نامى ھەققىدە، ئېنگىلىزلار بىلەن باشقىلارنىڭ چۈشەنچىسى ئوخشىمايدىغاندۇ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:43:39

بەلكىم شۇنداقتۇ، بەلكىم ئىنگىلىزچە نۇسقىسىغا خاتا كىرگۈزۈلۈپ قالغان بولىشىمۇ مۇمكىن،
مۇھىمى بىرەيلەن بىلمەي سۇئال سورىغان ئىكەن  بىلگەنلەر چۈشەندۈرۈپ قويغان ياخشى بىلمىگەنلەر ئاتىكاچىلىق قىلمىغان ياخشى.

SYAWUSH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:49:02

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 19:41 static/image/common/back.gif
يارىمىسا ئوقۇماڭلار ،ئاتايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ تەرجىمە  ...

دىيارىمىزدا ئوردۇ تىلىنى ئۇيغۇرچە ئارقىلىق ئۆگۈنۈشنىڭ ئەڭ ئەۋزەل شارائىتى «خوتەن تېبابەت ئالىي تېخنىكومى» مەكتىۋىدە. مەزكۇر  مەكتەپتە ئوردۇ تىلى مەخسۇس دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلۈدىغان بولۇپ،  تا ھازىرغىچە  «اردو زۇبان كى اساس» نامىدا نەچچە رەت دەرسلىك چىقىرىپ بولدى. پارس تىلىنى ئۇيغۇرچە ئۆگۈنۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈش. نۆۋەتتە بۇ تىل ئۆگۈنۈشنىڭ ئۇيغۇچە ماتېرىيالى پەقەت بىر قېتىملا تۈزۈلۈپ، كېيىن داۋاملاشتۇرۇلمىدى ھەم قايتا تۈزۈلمىدى. بۇ تىلغا نىسبەتەن، ئون يىل ئىلگىرى بىر قېتىم ئۇيغۇرچە كۇرۇس ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يېقىندا شۇ تەشكىللىگۈچى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشتۇرۇلماقچى ئىكەن. پارس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاشلىقىنى ھېسابلىغاندىن كۆرە، ئوخشىماسلىغىنى سانىغان ئاسانراق. ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەنكى ئەڭ مۇھىم بىر ئوخشىماسلىغا شۇكى، ئىبارىلەر ۋە كۆپىنچە مۇرەككەب جۈملىلەر تەركىبىنىڭ رەت تەرتىپى ھازىرقى ئۇيغۇرچىدىكى بىلەن قارىمۇ-قارشى بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىللىقلارغا نىسبەتەن ئىگەللەش تەسراق ھەم تىل تەپەككۇرىنى زورراق تەلەب قىلىدىغان قىيىن نۇقتىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

alaibalai يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 09:46:58

خاتالاشمىغان بولسام پارس تىلى ھىندى،ياۋرۇپا تىل سىسىتىمىسىغا مەنسۇپ، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستىمىسىغا تەۋە. ئەينى ۋاقىتتىكى پارىس تىلىدىن قۇبۇل قىلىنىغان سۆزلەرنىڭ كۆپلىكىگە ۋە بىر قىسىم گرامماتىكىلىق مۇرفىمىلارغا قاراپ  بۇ ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە سەل قاراشقا بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن.  

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 10:13:40

مۇشۇ ھەقتە توختۇلۇپ ، ماقالە يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.ئۆزگىلەر ياقۇببەگنى قانخور زالىم ئاچكۆز ئۇ بۇ دەپ ئەۋلاتلارغا سەت كۆرسىتىۋاتىدۇ.ئەمما كىم نىمە دېسۇن ، تارىخ سۇنمايدۇ.بىز  ياساپ تىللاپ قويغانغا ئاـىلىق غازى دوزاخ بولۇپ كەتمەس.ھەر ھەر ئىنسانلارنى تىللاپ ئۆتىۋاتىمىزغۇ؟!

confess يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 15:27:58

confess يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 15:29:04

بەت: [1] 2
: [تەرجىمە ماقالە] موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ)