confess يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 15:29:04

zaga يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:38:36

سامانىلار خانلىقى ئەبۇ ناسىر سامانىنى مەخپى ئىۋەرتىپ دىن تەشۋىق قىلىش باھانىسى بىلەن سۇتۇق بۇغراخانغا ئەينى چاغدىكى خان بولغان تاغىسىنى ئۆلتۈرگۈزۈپ خەخنىڭ قولى بىلەن قاراخانىلاردىن ئۆچ ئېلىپ مۇرادىغا يىتىپتىكەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:05:38

ياقۇپبەگ ئوسمانىلارغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن ، ئۇ تاجىك بولغان بولسا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلماس بولغىيتى

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:40:38

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 23:05 static/image/common/back.gif
ياقۇپبەگ ئوسمانىلارغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن ، ئۇ تاجىك بو ...

ئۇ چاغدا ھازىرقى زاماندىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەرنى بۆلۈش خىزمىتىگە يەنە 50 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت قالغان دەۋر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار تاجىك، تۈرك دەپ بەك ئىنچىكە ئويلاپمۇ كەتمەيدۇ (ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئاپىسىنى پارىس دەيدىكەن، بىراق تارىخى رەشىدىيدە دادىسى ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن دەپلا ئۆتۈپ كەتكەن، ئاپىسى توغرۇلۇق گەپ يوق). جېدەللەرنىڭ بەك چوڭى سارت بىلەن قىپچاقنىڭ جېدىلى. ئۇ چاغدا مىللەت دېسە كاپىر بىلەن مۇسۇلمان دېگەن ئۇقۇمنىلا بىلدۈرىدۇ. مىللەت دېگەن گەپنىڭ بۇرۇنقى مەنىسى ھازىرقىدەك ئەمەس، بىراق يېقىنقى ستالىن ئېتنىك گۇرۇپپىلارنى ئايرىغاندا بۇرۇنقى مىللەت دېگەن گەپنى دەسسىتىپ، كېيىنكىلەردە بەكلا خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىۋەتكەن. (شۇنىڭ بىلەن مىللىتىڭ نېمە دېسە مۇسۇلمان دەيدۇ دېگەننى، كېيىنكى بەزى زىيالىيلار مىللىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ دەپ ئېچىنىپ كەتكەن، ئەمەسلىيەتتە شۇ ئېچىنغانلارنىڭ ئۆزى بەزى ئىشلارنى تازا چۈشىنىپ كەتمىگەن) مۇسۇلماننىڭ ئىچىدە يەنە بەك ئىنچىكە ئايرىسا سۈننى شىئە دەپ ئايرىيدۇ. بىراق ئۇلارمۇ تۈرك، تاجىكنى بەك سۈرۈشتە قىلىپ كەتمىگەن.
ئىراندىكى شىئەلەرنىڭ سەفەۋى سۇلالىسىنى قۇرغانلار ئەمەلىيەتتە ھازىرقى ئەزەربەيجانلار (ئەينى ۋاقىتتا تۈركمەن دەپ ئاتالغان)، پارس تۈرك دەپ ئايرىپ كەتمىگەن. ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۈچ ئۆزبېك خانلىقىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە تاجىك بىلەن تۈرك ئۇنچىلا بەك ئىنچىكە ئايرىلىپ، بىر-بىرىگە ئۆچمەنلىك قىلىپ كەتمىگەن.
ئويغانغان زېمىندا، خوجىنىياز ھاجى ئەركەشتامغا بېرىپ سوۋېت بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئىسھاقبېك خوجىنىيازھاجىنى تۇتۇپ سوۋېتكە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىدۇ. بىراق يەنە بىر قىرغىز قوماندان (ئىسمى چىپاق قازىغۇ دەيمەن، ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قاپتۇ) ئىسھاقبېكنى ئەيىبلەيدۇ. «دىن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئادەمنى تۇتۇپ بېرىش توغرا ئەمەس دەپ». ھەر ئىككىسى قىرغىز بىراق، ئاۋۇ يەردىكى مىللەت ئۈچۈن دېگەندە مۇسۇلمان دېگەن مەنىدە كەلگەن.
ياقۇپبەگنىڭ مىللىتى بەزى يازمىلاردا تۈرك دەپ ئېلىنىدىكەن، بەزى يازمىلاردا تاجىك دەپ ئېلىنىدىكەن. بەزى يازمىلاردا ئېنىق دېيىلمىگەنىكەن.
بەزى يازمىلاردا كىچىك ۋاقتىدا ئۇسسۇلچى چۆھرە بولغان دەيدىكەن. بەزىلىرى ئۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىدىكەن. ياقۇپبەگ توغرىلىق تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۆزبېكىستاندا بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بالىسى شۇ ياققا ئۆتۈپ كەتكەن ئەينى چاغدا، ئائىلە تەزكىرىلىرى يېزىپ قالدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 14:39:35

49-يىلدىن بۇرۇن ھاكىمىيەت تۇتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەسكى بىر نېمىلەركەندە ئەسلى، ئەمدى بىلىۋالدىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:56:49

داغ رومانىدا  دەششەت جاللات قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 21:30:57

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 19:56 static/image/common/back.gif
داغ رومانىدا  دەششەت جاللات قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ

تارىخى ھەمىدىدە قېتىقىمنى ئىچىۋالدى دەپ ئەرز قىلىپ كەلگەن ئايالنىڭ ئەرزىنى قوبۇل قىلىپ بىر ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكى يېزىلغان.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 00:34:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 01:16  

Destur يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 10:13 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ھەقتە توختۇلۇپ ، ماقالە يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.ئۆ ...

مۇشۇ ھەقتە توختۇلۇپ ، ماقالە يوللىغىنىڭىزغا رەھمەت.ئۆزگىلەر ياقۇببەگنى قانخور زالىم ئاچكۆز ئۇ بۇ دەپ ئەۋلاتلارغا سەت كۆرسىتىۋاتىدۇ.ئەمما كىم نىمە دېسۇن ، تارىخ سۇنمايدۇ.بىز  ياساپ تىللاپ قويغانغا ئاـىلىق غازى دوزاخ بولۇپ كەتمەس.ھەر ھەر ئىنسانلارنى تىللاپ ئۆتىۋاتىمىزغۇ؟!
==================
دەنشىنىڭ 2. قانىلىدىكىلەر بىلەمدىكى :lol

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 00:46:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulehed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-12 01:52  

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 23:05 static/image/common/back.gif
ياقۇپبەگ ئوسمانىلارغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن ، ئۇ تاجىك بو ...

تاجىك دېسىلا سۈننىيلەر ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى، دەپ كېسىپ ئېيتىش ئارتۇقچە. مەسىلەن، تاشقورغاندىكى تاجىكلار شىئە مەزھىبىنىڭ ئىسمائىلىيە پىرقىسىغا مەنسۇپ. تاجىكىستاندىكى تاجىكلارنىڭ كۆپى سۈننى مەزھىبىنىڭ ھەنەپىيە پىرقىسىغا مەنسۇپكەن. ياقۇپ بەگنىڭ مىللەت تەۋەلىكىنى ئادىل تارىخچى چىقىپ قالسا ئۆزبىك ياكى تاجىكتىن ۋە ياكى باشقىلاردىن چىقىپ قالار. ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنى تۇغۇلغان يۇرتىغا قاراپلا پالانى مىللەتتىن، دەۋېتىش ئېغىر خاتالىق. ياقۇپ بەگنىڭ ئوسمانىي سۇلتانلىقىغا تەۋەلىك بىلدۈرۈشى بەلكىم مەزھەبتە ئوخشاشلىقىدىن بولسا كېرەك.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oqmasumut يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 12:22:11

ياقۇپ بەگ بولسا بىر قارا نىيەت ھاكىميەت ئوغرىسى ، 1860 - يىللاردىن بۇرۇنقى بىر مەزگىل ۋە شۇ دەۋردىكى قوزغىلاڭ جەريانىدا، كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ خۇنىغا ، ئازاپ چەككەنلەرنىڭ ئازابىغا ئاشۇ ئوغرى مەسئۇل بۇلىشى كېرەك ، ئاخىرەتتە شۇلارنىڭ تۆمۈر تىرنىقى ئاشۇ ئوغرىنىڭ ياقىسىدا بولغۇسى .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: 1 [2] 3
: [تەرجىمە ماقالە] موھەممەد يەئقۇب بىگ (ياقۇب بەگ)