86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 14:34:37

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 01:03 static/image/common/back.gif
بىرسوم پىلانىغا بەرسەكمۇ زاكات ھېسابلىنامدۇ ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟ دىگەنگە دىققەت قىلىش لازىم.
زاكات 8 تۈرلۈك ئادەمگە بېرىلىدۇ.  زاكات ئىسلام ئۈچۈن بولىدۇ.
ئەڭ ئالدى بىلەن زاكات قۇبۇل قىلغۇچى مۇسۇلمان بولىشى كېرەك .  دىلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلار دىگەننىڭ تەركىۋىدە غەيرى مۇسۇلمانمۇ بار(ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكلىرىدىن ساقلىنىش مەقسىتىدە زاكات بېرىلىدۇ).  
زاكاتمۇ خۇددى ناماز، روزىغا ئوخشاش پەرىز ئىبادەت.  شۇڭا، بۇنى ئادا قىلىشتىمۇ پەرىزنى ئادا قىلىش نىيتى بىلەن بولىدۇ.  
«بىر سوم پىلانى» نىڭ قىلغىنى زاكات يەتكۈزگۈچى ئەمەس، باشقۇرغۇچىسى  زاكات خادىمىمۇ ئەمەس. ھەم زاكات قۇبۇل قىلىش ئوبىكتىلىرى بويىچە تەقسىملەشنى پىرىنسىپ قىلمىغانكەن.  ئۇنىڭ قىلىۋاتقىنى ئىئانەلەرنى تېگىشلىك دەپ قارىغان يەرلەرگە يەتكۈزۈش رولىنى ئۆتەيدۇ. . ئوقۇغۇچىلارغا ۋە كىسەل داۋالاشقا قيىنچىلىق بولۇپ قالغانلارغا ياردەم قىلىش دىگەندەك ئىشلار.  مېھرىبان ئانىلار، ۋە دادىلار دىگەن ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارمۇ شۇ. ئۇلارمۇ زاكات باشقۇرمايدۇ.  
ئەگەر بۇلار شۇ ئىشلارنى ئاللاھنىڭ ساۋابىنى كۆزلەپ قىلغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن نەفلە ئىبادەت ھىساپلىنىدۇ.  

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 14:39:40

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 11:38 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز

كەمىنە پېقىر 50مىڭ يۈئەن پۇ ...

زاكاتنى پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان سىز بېرىسىز.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 14:46:54

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 12:34 static/image/common/back.gif
شىركەتنىڭ مال مۇلىكىگە زاكات كىلەمدۇ ؟

شېركەتكە پاي قۇشقان كىشىلەر ھەر بىرى ئۆزىگە تېگىشلىك بولغان پۇلىنىڭ زاكىتىنى بېرىدۇ.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 14:49:39

ئاددى مىسال ئالاي:
كۆز ئالدىمدا 20 كويلۇق چىقىم با.
6 كوي قەرزىم (برىشىم) بار.
10 كوي نەق پۇلۇم بار.
تۇرمۇش خىراجىتىم بۇنىڭ سىرتىدا
زاكات كلەمدۇ، كەلسە قايسى پۇلغا كىلدۇ؟

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 14:53:16

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 14:39 static/image/common/back.gif
زاكاتنى پۇلنىڭ ئىگىسى بولغان سىز بېرىسىز.

جاۋابىڭىز بۇنىڭغا زىتمۇ قاندا؟
32- قەۋەت
1. خەققە بېرىپ تۇرغان پۇلىڭىز قولىڭىزغا قايتىپ كېلىپ قەمەرىيە ھېسابىدا بىر يىل توشمىغۇچە زاكات ۋاجىپ ئەمەس. يەنى خەققە بېرىپ تۇرغان پۇل ئۈچۈن سىز زاكات تۆلىمەيسىز. چۈنكى، زاكات قولدىكى نىسابىغا يەتكەن نەق ئىقتىسادقا خاس.

2. تۇغقىنىڭىزغا سىزنىڭ قەرزىڭىزنى قايتۇرۇشقا ئالدىرىشى ۋاجىپ. ئۇنىڭ يېنىدا سىزگە قايتۇرىدىغان 50 مىڭ يۈەندىن باشقا نىسابىغا يەتكۈندەك زاپاس ئىقتىساد بولسا شۇ ئىقتىسادى ئۈچۈن زاكات تاپشۇرىدۇ. ئەگەر تۇغقىڭىزنىڭ يېنىدا (مەسىلەن) 30 مىڭ يۈەن پۇل بولسا، ئۇ بۇ پۇل ئۈچۈن زاكات تۆلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قەرزدار. قەرزدار پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن زاكات تاپشۇرمايدۇ. قەرزدىن خالاس بولۇپ، يېنىدىكى زاپاس ئىقتىسادى [ياكى مېلى] نىسابىغا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات تاپشۇرىدۇ.

3. ئەگەر سىز باي كىشى بولۇپ، تۇغقىنىڭىزغا بېرىپ تۇرغان ئۇ پۇلغا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدىغان بولسا، تۇغقىڭىز سىزدىن ئۇ پۇلنى قەرز ئالغاندىن كېيىن تىجارەتتە زىيان تارتىپ سورۇلۇپ كەتكەن بولسا، ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىقتىسادتىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسا، قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەلۇم قىسىمىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ئۇنىڭ گەردىنىدىن كۆتۈرۈۋەتسىڭىز بۇ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 17:38:11

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 18:06  

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 14:53 static/image/common/back.gif
جاۋابىڭىز بۇنىڭغا زىتمۇ قاندا؟
32- قەۋەت

1. خەققە بېرىپ تۇرغان پۇلىڭىز قولىڭىزغا قايتىپ كېلىپ قەمەرىيە ھېسابىدا بىر يىل توشمىغۇچە زاكات ۋاجىپ ئەمەس. يەنى خەققە بېرىپ تۇرغان پۇل ئۈچۈن سىز زاكات تۆلىمەيسىز. چۈنكى، زاكات قولدىكى نىسابىغا يەتكەن نەق ئىقتىسادقا خاس(xxxxxx نىڭ يازمىسى)
------

جاۋاپ:
يۇقۇرىدىكى بۇ گەپ بىر تەرپلىمە بولۇپ قالغان.
خەققە بېرىپ تۇرغان پۇلنى  ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ئالالايدىغان ئەھۋالدا، يەنى قەرىز ئالغۇچى قەرىزنى قايتۇرۇشقا قادىر ھالىتىدە بولسا، قەرىز بەرگەن  ئۇ پۇل  خۇددى ساندۇقتا ساقلاپ قۇيۇلغان پۇلنىڭ ئورنىدا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. يەنى، ھەر يىلى ئۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى پۇلنىڭ ئىگىسى يەنى پۇل بېرىپ تۇرغۇچى بېرىدۇ.  ئەگەر قەرىز ئالغۇچى پۇلنى قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا  بولۇپ، پۇل بەرگۈچى ئۇ پۇلىنى ۋاقتىدا ئالالماي ۋاقىت سۈرۈلۈپ كېتىدىغان  بولسا ،  قولىغا ئالغان يىلى زاكات بېرىدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 18:57:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-14 19:06  

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 14:49 static/image/common/back.gif
ئاددى مىسال ئالاي:
كۆز ئالدىمدا 20 كويلۇق چىقىم با.
6 كو ...

سىزنىڭ 10 تۈمەن يۈەن نەق پۇلىڭىز بار، باشقىلارغا 6 تۈمەن قەرزىڭىز بار بولسا، دىمەك سىزنىڭ 4 تۈمەن پۇلىڭىز بار ھىساپ بولىدۇ. (6 تۈمەننىڭ زاكىتىنى ئەشۇ پۇلنىڭ ئىگىسى ئايرىدۇ )  ، بۇ 4 تۈمەن زاكات بېرىش نىسابىغا يەتكەن پۇل بولۇپ،  بىر يىل توشقاندا (قەرزلىرىڭىزنى چىقىرۋېتىپ)  يەنىلا 85 گىرامدىن كۆپ  ئالتۇن كەلگۈدەك پۇلىڭىز بار بولسا، ئەشۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى بېرىسىز(2.5%).  ناۋادا پۇلىڭىز سەرىپ بولۇپ 85 گىرام ئالتۇندىن تۆۋەن بولۇپ قالسا  زاكات بەرمەيسىز.
بىر يىل توشقاندا قولىڭىزدا بار بولغان پۇل 85 گىرام ئالتۇننىڭ قىمىتىدىن يۇقۇرى بولسا  زكات بېرىسىز، كۆز ئالدىڭىزدا چىقىم قىماقچى بولسىڭىز بىر يىل توشۇشتىن بۇرۇن چىقىم قىلىپ(زاكات ئايرىشقا قۇشۇلمايدىغان، ئۆي جابدۇقى دىگەناەك نەرىسلەرنى سېتىۋېلىپ)، پۇلىڭىز 85 گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا زاكات بەرمەيسىز. ئەگەر زاكىتى بېرىلىدىغىان تاۋار مال(ئېلىپ ساتىدىغان نەرسىلەر)نى ئالغان بولسىڭىز، بۇلار يەنىلا قولىڭىزدىكى نەق پۇل بىلەن قوشۇپ ھىساپلاپ 85 گىرام ئالتۇننىڭ قىممىتىدىن يۇقۇرى بولسا زاكات بېرىسىز. كۆز ئالدىڭىزدا پۇل خەجلىمەكچى، ئەمما بىر يىل توشۇپ بولغان بولسا، زاكاتنى بېرىۋېتىپ ئاندىن  قالغىنىنى خەجلەيسىز.  
چارۋا ماللارمۇ شۇنداق. يىلنىڭ بېىشىدا 40 قويىڭىز بار بولسا، بىر يىل توشقاندا يەنىلا 40تىن كۆپ بولسا، زاكات بېرىسىز. يىلنىڭ ئاخىردا 40 تىن ئاز بولۇپ قالسا زاكات بەرمەيسىز.
10 تۈمەن پۇلىڭىز بار قولىڭىزدا، لېكىن  خەققە 9 تۈمەن قەرزىڭىز بار بولسا، يەنە باشقىلارغا بېرىپ تۇرغان 5 مىڭ يۈەن (ئالالايدىغان)ئېلشىڭىز بار بولسا، بۇ چاغدا 15 مىڭ يۈەن  پۇلۇم دەپ بىلسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ پۇلدىن باشقا نە ئالتۇن ياكى كۈمۈش ياكى زاكات بېرىلىدىغان بايلىق تۈرىدىن بولمىسا، بار بولغان پۇلىڭىزغا    85 گىرام ئالتۇن كەلمىسە، سىز باي ھىساپلانمايسىز، زاكات بەرمەيسىز.  

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 19:25:30

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 22:33 static/image/common/back.gif
پاي شىركەت بولسىمۇ قائىدە بويىچە پايدا- زىياننى ئاي ئ ...

پاينىڭ پايدىسىنى ئاي ئاخىرىدا ھىسابلاپ شەخىسكە بىرىۋەتسە  ئۇ شەخىسنىڭ مۇلكى سۈپىتىدە  زاكات ئايرىش مەس ئۇلىيتى ئۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە كىلە؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 21:03:13

چارۋا ماللارمۇ شۇنداق. يىلنىڭ بېىشىدا 40 قويىڭىز بار بولسا، بىر يىل توشقاندا يەنىلا 40تىن كۆپ بولسا، زاكات بېرىسىز. يىلنىڭ ئاخىردا 40 تىن ئاز بولۇپ قالسا زاكات بەرمەيسىز.

تۆت ئىمامدىن ئىمام ئەبۇ ھەنىفە، ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئۆلىمالار ئۆيدە بېقىلىدىغان قويغا زاكات كەلمەيدۇ، يايلاقتا ئوتلايدىغان بولسا كېلىدۇ، دېگەن.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-7-17 16:13:46

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 18:57 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ 10 تۈمەن يۈەن نەق پۇلىڭىز بار، باشقىلارغا 6 تۈمە ...

كۆز ئالدىمدا 20 كويلۇق چىقىم با.
6 كوي قەرزىم (برىشىم) بار.
10 كوي نەق پۇلۇم بار.
تۇرمۇش خىراجىتىم بۇنىڭ سىرتىدا
زاكات كلەمدۇ، كەلسە قايسى پۇلغا كى
جاۋابىڭىزغا رەھمەت.
مۇنداق خۇلاسە قىلىندى دەپ چۈشەندىم، توغرىمۇ؟
ئاۋۇ 20 كويلىق چىقىم تېخى قىلىنمىغاچقا 10-6= 4  بولۇپ 4 كوي پۇلۇمغا زاكات كېلدۇ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-22 18:41:44

قولۇمدا بىراز پۇل بار، بۇ پۇل مۇشۇ 2-3 ئايدا قىلىدىغان بىر ئىشقا سەرىپ قىلنىدىغان پۇل.
بۇ پۇلغا زاكات كىلەمدۇ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 23:10:10

يۇقارقى ئىككەيلەنگە:
مەن ئاشۇنداق ئىش ھەققىدە ئىككى كىشىدىن سوراپ كۆردۈم، پوسكاللىدى مۇنداق بولدى: زاكات كەلمەيدۇ، ھازىرچە ئىشلەتمەيدىغان پۇلغا زاكات ئايرىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-25 23:11:54

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-14 14:34 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
زاكات كىملەرگە بېرىلىدۇ؟ دىگەنگە ...

بۇ ھەقتە تەپسىلى ئويلىنىپ باقماپتىكەنمەن.   كۆپ رەھمەت.
بەت: 1 2 3 [4]
: زاكات توغرىلىق تەلىم بەرسەڭلار