Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 01:03:03

بىرسوم پىلانىغا بەرسەكمۇ زاكات ھېسابلىنامدۇ ؟

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 17:36:32

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2014-7-9 23:11 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
زاكات نىسابىغا يەتكەن، ياندىكى  ...

مەنبەسى:http://www.patiwalar.com/?p=377
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەراكاتۇھۇ.رامىزان مۇبارەك بولسۇن ئۇستاز. باشقىلارغا قەرز بىرىپ تۇرغان پۇلنىڭ زاكىتى توغرۇلۇق پەتىۋا سورايتتىم. يەنى: ئاتا-ئانا ئوز پەرزەنتىگە يەنى (قىزىغا ۋە كۈيئوغلىغا) ئوي سىېتۋىلىشى ئۈچۈن ئاز- ئازدىن بىر نەچچە قېتىمغا بولۇپ ئالدىرىماي قايتۇرۇشى ئۈچۈن مەلۇم مىقداردا قەرز بىرىپ تۇرغان، بۇ ئاتا-ئانا بۇ پۇلنىڭ زاكىتىنى قاچان؟ قانداق ئايرىيدۇ؟ ئاللاھ سىلىنىڭ ئۈممەتكە قىلغان، دىنغا قىلغان بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن كوپ ئەجىر ۋە ساۋاب ئاتا قىلغاي. سىلىنى ۋە بىزنى ھەقتە مۇستەھكەم قىلغاي ئامىن!!!
جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

قەرز بەرگەن پۇلنىڭ زاكىتىنى قەرز بەرگۈچى بېرىدۇ. چۈنكى بۇ قەرز بەرگۈچىنىڭ مال-مۈلكىدۇر، قەرز ئالغۇچى بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ مال-مۈلكى ئەمەس.

ئىسلام قۇرۇلتىيىغا تەۋە ئىسلام فىقھى مەجمەئى 1985-يىلىدىكى جىددە شەھرىدە ئاچقان 2-قۇرۇلتىيىدىكى قارارىدا مۇنداق كەلگەن: ”1- ئەگەر قەرز ئالغۇچى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولسا، قەرز پۇلنىڭ زاكىتى ھەر يىلى قەرز بەرگۈچىگە كېلىدۇ. 2-ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ.“

بۇنىڭغا بىنائەن ئاتا-ئانىڭىز ھەر يىلى رامىزاندا زاكات بېرىپ كېلىۋاتقان بولسا، زاكات ئايرىيدىغان چاغدا ئۆز قولىدىكى ئىقتىسادقا سىزگە بېرىپ تۇرغان پۈتۈن قەرزنى قوشۇپ ھەممىگە 2.5% مىقداردا زاكات ئايرىيدۇ. سىزگە بېرىپ تۇرغان قەرز سىزنىڭ قولىڭىزدا قانچە يىل تۇرغان بولىشىدىن قەتئىينەزەر قەرز پۇلغا زاكات بېرىۋېرىدۇ.

بەزى ئالىملار قايتۇرۇپ ئالالمايدىغان قەرزلەرنى قايتۇرۇپ ئالغاندا بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ قولىغا ئالغان شۇ بىر يىلغا زاكات بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزدا سىز قەرزنى بەرمەي تۇرۇۋالمىغاندىن كېيىن قەرز پۇلنى تاكى قايتۇرغانغا قەدەر قانچە يىل ئۆتسە، ئاتا-ئانىڭىز بۇ قەرزنىڭ زاكىتىنى خۇددى قولىدىكى پۇلغا ئوخشاش بېرىپ تۇرىدۇ.

ئاللاھ قوبۇل قىلغاي!

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 20:08:13


1. ئەگەر براۋ باي كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرغان بولسا، قەرز بېرىپ تۇرغۇچى قەرز بەرگەن پۇل ئۈچۈن زاكات تاپشۇرىدۇ. ئەگەر براۋ ئىقتىسادىي تۆۋەن كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرغان بولسا، بۇ قەرز ئۈچۈن زاكات كەلمەيدۇ.[ئەللامە شەيخ ئىبىن باز پەتىۋالىرى مەجمۇئەسى 15-جىلد، 53-بەت]

2. سىز كەلتۈرگەن پەتىۋادىكى «ئەگەر قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغان ياكى قايتۇرۇپ بەرمەي سۆرەپ تۇرۇۋالىدىغان بولسا، قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغان كۈندىن تارتىپ بىر يىل ئۆتكەندە قەرز بەرگۈچى قەرزنىڭ بىر يىللىق زاكىتىنى بېرىدۇ» دېگەن ھۆكۈم دەل ھېلىقى توردىشىمىز تىلغا ئالغاندىكىدەك، بەرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان قەرز بولغاچقا، مەن مۇشۇ ھەقتىكى ھۆكۈمنى كۆزدە تۇتۇپ، شۇنداقلا 1- ھۆكۈمدە كەلگىنىدەك ئۇ قېرىندىشىمىزدىن قەرز ئالغۇچىنىڭ پۇلنى قايتۇرۇپ بولالمايۋاتقىنىغا قاراپ ئۇ كىشىنى ئىقتىسادتا قىيىنچىلىق بار كىشى دەپ قاراپ پۇلنى قولىڭىزغا ئالمىغۇچە زاكات كەلمەيدۇ، دېگەن ئىدىم.

3. قەرز ئالغۇچى قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماي تۇرۇۋېلىشى ۋە مەن ئۇ قېرىندىشىمىزدىن قەرز ئالغۇچىنى ئىقتىسادتا قىيىنچىلق تارتىۋاتقان كىشى بولۇش ئېھتىماللىقى نەزەردە تۇتۇپ يۇقارقى شەرئىي ھۆكۈمنى يەتكۈزگەن ئىدىم. ئەمما مەن زاكات كەلمەيدۇ دېيشتە شۇ قەرز ئالغۇچىنىڭ ئەھۋالىنىلا كۆزدە تۇتۇپ باشقا ئەھۋاللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ خاتالىق سادىر قىلىپتىمەن. مەنتىقە بويىچە ئېيتقاندا ئۇقۇم چوڭايتىۋېتىش خاتالىقى سادىر قىلىپ، قەرز پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ دەپ، قەرز پۇلىغا زاكات كېلىدىغان باشقا ئەھۋاللارنى ئىزاھلاپ قويماپتىمەن.
سىزدىن كۆپ خۇرسەنمەن، ھەم بۇ جەھەتتىكى خاتالىقىمنى بۇينۇمغا ئالىمەن. ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن. رەھمەت سىزگە.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:32:02

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى  2014-7-10 20:08 static/image/common/back.gif
1. ئەگەر براۋ باي كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرغان بولسا، قەرز  ...

زاكاتقا ئايرىغان پۇلنى جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىلىم- مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇكاپاتقا ئىشلەتسە بولامدۇ؟  

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 09:22:16

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم .مېنىڭ ئاكامنىڭ100 مىڭ كوي قەرزى بار ( تۇنجى ئۆينى سىتىۋىلىش ئۈچۈن ئالغان قەرز)، ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى مۇئاشلىق ، ماشىنىسى بار ، يىزىدا دىھقان تۇققانلىرىمىز بار ، نامرات . زاكاتنى قايسىسىغا بەرسەم ياخشىراق .

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 09:23:38

زاكاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بەرسەممۇ زاكات بولامدۇ .

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 12:22:09

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 09:23 static/image/common/back.gif
زاكاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بەرسە ...

ئەھۋالى زاكاتلا ليق بولسا بولدۇ.

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 19:56:25

زاكات توغۇرلۇق جىق ئىلىملەرنى بىلىۋالدىم، تېما ئىگىسىگە ۋە بۇ تېما توغرىسىدا بىزلەرگە ئىلىم يەتكۈزگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن.

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 21:32:17

ەسسالامۇ ەلەيكۇم تىما رگىسىگە ۋە باشقا تۇرداشلارغا مەن بۇ تىما ارقىلىق نۇرغۇن بىلىمگە ىگە بۇلدۇم سىلەرگە كوپ رەخمەت .توردىشىمىز تىركەشنىڭ سورىغان سۇۋالىغا توردىشىمىز يالقۇننىڭ بەرگەن جاۋابى خاتا بۇلۇپ قاپتۇ چۇنكى وز اتا-انىسى بوسۇن ياكى قىيىناتا-انىسى بوسۇن بالىلارنىڭ بىقىش مەجبورىيىتى بار شۇنىڭ ۇچۇن ايالىڭىزنىڭ اتا-انىسىغا زاكات كەلمەيدۇ

rajab يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 23:16:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم    دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىگە زاكات كىلەمدۇ ؟؟؟  
يەنى ؛ بىر دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىگە 25 مىڭ يۈەن بېرىپ ئالدۇق ، دۇكان ئىلكىمىزگە ئۆتتى ، ئەمدىكى مەسىلە شۇ 25 مىڭ يۈەنگە زاكات كېلەمدۇ ؟   زاكات بېرەيلى دىسەك ئۇ پۇل قولدىن چىقىپ كەتكەن پۇل ، بەرمەيلى دىسەك ھېلىقى دۇكان شۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇغلۇق  چۇنكى ئەگەر بىز شۇ دۇكاننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ قالساق شۇ قىممەتكە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدۇ .
دېمەك ئۇ پۇل قولدا يوق مەۋھۇم پۇل بولۇپ كەلگۈسىدە ( شۇ پېـتى ياكى ئارتۇق-كەم شەكىلدە )قايتىپ كېلىدىغان پۇلدۇر ، ياكى پۇل قايتىپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ دۇكان بىزنىڭ  ئىلكىمىزدە سابىت . شۇڭا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قېرىنداشلاردىن سورىدىم   بىلىدىغانلار بولسا ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن جاۋاپ قالدۇرغان بولساڭلار .

بۇ مەسىلىگە بىر جاۋاپ بەرسەڭلارچۇ قېرىنداشلار !!!!

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-12 12:34:39

شىركەتنىڭ مال مۇلىكىگە زاكات كىلەمدۇ ؟

sartikin يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 09:04:21

زاكات پۇلىنى يىغىپ بىرە ساھەگە مەبلەغ سېلىپ تېخىمۇ كۈپەيتىپ ئاندىن بىرە فونىد قۇرۇش ئارقىلىق مىللەت ۋە دىنغا پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلەتسە بۇلارمۇ ؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 16:03:07

mihriban يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 21:32 static/image/common/back.gif
ەسسالامۇ ەلەيكۇم تىما رگىسىگە ۋە باشقا تۇرداشلارغا مە ...

زاكات بىرىش بىلەن بىقىش مەجبۇرىيىتى ئىككى ئىش. ئاتا- ئانامغا زاكات بىرمەن دىگەن گەپ ( زاكات باشقلارغا كەتمىسۇن دەيدىغا) ھارامزادە گەپ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 16:06:05

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 09:23 static/image/common/back.gif
زاكاتنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بەرسە ...

ئايالىمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ؟ ما گەپ بولمدى جۇما. ئۇلارمۇ سىزنىڭ ئاتا ئانڭىزغا ئوخشاش. ئۇلارنىڭ ھال كۈنى زاكاتقا لايىق بوپ قاسا سىلەر يىگەن - ئىچكىنىڭلار ھالال بومماي قالامىكى.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 16:07:42

rajab يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 23:16 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم    دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرى ...

باشقىلارغا ئۆتۈپ كەتكەن پۇلنىڭ زاكاتىنى پۇل ئىگىسى ئارامىكى.
( يۇقاقى ئىنكاسلاردىن بىلىۋاغىنىم)

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 16:09:37

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-12 12:34 static/image/common/back.gif
شىركەتنىڭ مال مۇلىكىگە زاكات كىلەمدۇ ؟

زاكات بىرىشتىن بۇرۇن شۇ مۈلۈكنى ھاىساپلاپ ، پايدا- زىياننى چىقىرىپ كۆرۈپ باقارمىزمىكىن.
ئۇستازلار كەگۈچە مۇنازىرە قىپ باقىلى، يادىمىزدا بەك قالدۇ.

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 16:19:48

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 09:22 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قىرىندىشىم .مېنىڭ ئاكامنىڭ100 مىڭ كو ...

سىزگە مىراسخور بولالايدىغان تۇققانغا زاكات توغرا كەلمەيدۇ.

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 19:30:31

ismail يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 16:09 static/image/common/back.gif
زاكات بىرىشتىن بۇرۇن شۇ مۈلۈكنى ھاىساپلاپ ، پايدا- زى ...

شىركەت  بىرئادەمنىڭ يالغۇز شىركىتى بولسىغۇ  شەخسى مۇلۇك سۈپىتىدە زاكات بەرسە بولا لىكىن پاي خارەكتىردىكى شىركەت بولسا  بۇ تەس ئىش بوپ قالىدۇ............

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-7-13 22:33:10

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-13 19:30 static/image/common/back.gif
شىركەت  بىرئادەمنىڭ يالغۇز شىركىتى بولسىغۇ  شەخسى مۇل ...

پاي شىركەت بولسىمۇ قائىدە بويىچە پايدا- زىياننى ئاي ئاخىرىدا ھېساپلايدۇ (ھېساپلاش كېرەك ).

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-14 12:15:14

rajab يوللىغان ۋاقتى  2014-7-11 23:16 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم    دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرى ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئۆي جابدۇقىغا زاكات كەلمەيدۇ. تاكسى ماشىنىمۇ شۇنىڭ قاتارىدا.  تاكسىنى قانچە پۇلغا سېتىۋالغان بولسىمۇ، قانچىنى سېتىۋالغان بولسىمۇ تاكسىغا ۋە رەسمىيەتكە خەجلىگەن پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كىرا قىلىپ تاپقان پۇل باشقا زاكات كېلىدىغان بايلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، زاكات نىسابىغا يەتكەن بولسا زاكات ئايرىلىدۇ؛ قاچانكى شۇ ماشىنىنى ۋە رەسمىيەتلىرىنى باشقىلارغا ساتماقچى بولسا، شۇنى سېتىش نيىتىگە كەلگەندىن باشلاپ ، ئۇ ماشىنا سودىسى قاتارىغا ئۆتۈپ ،ئۇنىڭ پۇلى زاكات ئايرىدىغان پۇل قاتارىغا ئۆتىدۇ؛

تىجارەت قىلشىقا دۇكان ئالغان بولسىڭىزمۇ خاراكتىرى تاكسى سېتىۋېلىشقا ۋە تىجارەت رەسميىتىگە پۇل خەجلىگەنگە ئوخشاش بولار.
دۇكان ئۆزى پۇلنى بېسىپ ياتقىنى، تاكسى ئۆزى ۋە تىجارەت ئىجازەتنامسى(يۇنيىڭ جېڭ) پۇلنى بېىسىپ ياتقان ھالىتىگە ئوخشاش بولار.  ناۋادا  دۇكاننى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسىڭىز، شۇ  نىيەتكە كەلگەندىن باشلاپ ئۇنىڭدىن كېلىدىغان پۇل دۇكان تىجارىتى قاتارىغا ئۆتۈپ ، زاكات ئايرىدىغان پۇل قاتارىغا ئۆتىدۇ.  
http://www.patiwalar.com/?s=%D8%B2%D8%A7%D9%83%D8%A7%D8%AA&searchsubmit=
بۇ يەردە پايدىلانغىلى بولىدىغان پەتىۋالار باركەن.
بەت: 1 2 [3] 4
: زاكات توغرىلىق تەلىم بەرسەڭلار