xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 09:46:39


زاكات بەرگەندە قۇبۇل قىلغۇچىغا زاكات ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلدۈرۈش نېمىگە زۆرۈر بولىدۇ؟ ھەتتا ئىشىك تۈۋىگە تاشلاپ قويساقمۇ بولىۋېرىدىغۇ. ئاللا يولىدا قىلغان ساۋاب ئىشنى بەندىگە بىلدۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

زاكات ئېلىشقا شەرتى توشىدىغان كىشىگە زاكىتىڭىزنى بېرىپ، ئالغۇچىغا ئۇنىڭ زاكات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمىسىڭىز بۇ دۇرۇس.[پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 11241-نومۇرلۇق پەتىۋاسىغا قارالسۇن]

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 09:52:15


ئۇرۇق تۇققانلارغا ئالدى بىلەن بېرىش ئەۋزەلكەن، بەرگەندىمۇ چوقۇم نامازنى تەرك ئەتمەيدىغان ئادەمگە بېرىش لازىمكەن. ئانامنىڭ بىر ئىنىسى بولىدىغان، ئىش ئوقىتىنىڭ تايىنى يوق، باشقا يامان گەپلىرىنى قىلىش ھاجەتسىزغۇ بۇ يەردە. ئەمدىكى مەسىلە ئۇ تاغامغا زاكات بېرىش بەرمەسلىك توغرىسىدا ئانام بىلەن ئازارلىشىپ قالسام قانداق قىلىمەن؟

› ئۇرۇق تۇغقانلار ئىچىدە زاكاتقا شەرتى چۈشىدىغانلار بولسا شۇلارغا ئالدى بىلەن بېرىلىدۇ. شەرت ئۇلار كامىل مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك. تاغىڭىز كامىل مۇسۇلمان بولۇپ زاكات ئېلىشقا شەرتى چۈشسە زاكاتنى تاغىڭىزغا بەرسىڭىز بولىدۇ.

› ئەگەر تاغىڭىز كامىل مۇسۇلمان بولمىسا، مۇسۇلمانلار ئىچىدە زاكاتقا ئېھتىياجلىق كىشىلەر ھەر جايدا مەۋجۇت، شۇلارغا بېرىشىڭىز كېرەك.

› تاغىڭىزغا بەرمەي باشقىلارغا بەرسىڭىز ئانىڭىز بىلەن ئازارلىشىدىغان ئىش بولسا، ئانىڭىز بىلەن ئازارلىشىشىڭىز ھالال ئەمەس. شۇ ھەقتىكى شەرئىي ھۆكۈمنى ئانىڭىزغا ھېكىمەتلىك ئۇسلۇبتا چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك. ئانىڭىز بۇ چاغدىمۇ قايىل بولمىسا، مەلۇم پۇلنى تاغىڭىزغا سەدىقە ھېسابىدا بەرسىڭىز ياكى ئۆيىگە لازىمەتلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن زاكاتنى ئايرىم ھالدا زاكاتقا ھاجىتى بار مۇسۇلمانلارغا بەرسىڭىز بولىدۇ.[بۇ سىزگە قىلىدىغان تەۋسىيەرىم]

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 09:54:47


دېھقانلارغا 10%، ئىشچى خىزمەتچىلەرگە 2.5% بويىچە ھۆكۈم قىلىش بۇ بىر ئادالەتسىزلىك. مۇناسىۋەتلىك دىننى قانۇنلار مۇشۇ نۇقتىغا سەل قاراپ قالدىمۇ قانداق؟

شەرىئىتىمىز بەندىنى كادىر دېھقان دەپ ئايرىمايدۇ. دېھقانغا 10%، كادىرغا 2.5% دېگەن گەپ باتىل. بۇنداق گەپنى توقۇغۇچى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقسۇن.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 09:59:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 10:01

«سىلەردىن پەتىۋا بېرىشكە جۈرئەت قىلغىنىڭلار دوزاخقا تەۋەككۇل قىلغىنىڭلار» دېگەن مەزمۇندا ھەدىس بار. يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئۆزۈم ئىگەللىگەن ئاز-تولا بىلىم ۋە شۇ ھەقتىكى ئىشەنچىلىك پەتىۋالارغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق يازدىم. جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بەزى باتىل ھۆكۈم پەتىۋالار بولغاچقا، تورداشلىرىمىز بۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە بەك ئېھتىياجلىق بولغاچقىلا مۇشۇلارنى مەجبۇرەن يېزىپ سالدىم. توغرىسىنى تاپقان بولسام ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ئازغان بولسام ئۆزۈمنىڭ شەررىمدىندۇر. ئىزدىنىشلىرىمدە ئېزىش بولسا ئۇنىڭ شەرىئەت بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
ئىشىم سەل سېلىككەندە زاكات ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك پەتىۋالارنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇش نىيىتىم بار.

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 10:48:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   atiyan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 10:52

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 09:36 static/image/common/back.gif
1. توينى قاچان قىلىسىز؟

2. ئەگەر ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرىد ...

توينى ئاللا خالىسا كىلەر يىلى يازدا(كىلەر يىلىرامىزان تۈگەپ ئاز كۈن ئۆتكەندىن كىيىن ) قىلىش ئويۇم بار .ئىجارە ئۆي يوق،يىتىپ قوپۇشۇم ئىدارىنىڭ ياتىقى .بىر ئايدا ئۈچ كۈنئارام ئالغان ۋاقتىمدا ئاتا ئانامنىڭ قىشىدا تۇرۇمەن .

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:31:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 11:34

atiyan يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 10:48 static/image/common/back.gif
توينى ئاللا خالىسا كىلەر يىلى يازدا(كىلەر يىلىرامىز ...


1. ئەھۋال ئېيتقىنىڭىزدەك بولسا، يېنىڭىزدىكى 40 مىڭ يۈەن پۇل ئۈچۈن 1000 يۈەن زاكات كېلىدۇ.

2. يېزىدىكى ئۇرۇغ تۇغقانلىرىڭىز ۋە دوستىڭىزدىن ئىبارەت ئىككىلى تەرەپ كامىل مۇسۇلمان بولغان ئەھۋال ئاستىدا، كىمنىڭ قىيىنچىلىقى ئېغىر، كىم ئىقتىسادقا بەكراق ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا زاكات بەرسىڭىز بولىدۇ. بۇ جەھەتتە قايسى تەرەپنىڭ ئىقتىسادقا ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى سىزگە ئېنىق بولمىسا، ئۆزىڭىز بىۋاسىتە ھالدا ياكى ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئاندىن ئەڭ ئېھتىياجلىق تەرەپكە بەرسىڭىز بولىدۇ.
ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:31:39

‏بۇ يىلقى زاكاتنى چوقۇم مۇشۇ يىلقى رامىزان ئېيى چىقىپ كەتكۈچە بىرىپ بولۇش كېرەكمۇ؟

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:34:55

‏ئەگەر زىبۇ-زىننەتلەر ئىچىدەئالتۇن 60گىرام، بىر دانە بىليارت ئۈزۈك ، كۈمۈش دىگەندەك ئارلاش زىبۇ-زىننەتلەر بولسا بۇ زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ قىممىتىنى 85گىرام ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ ھېساپلاپبېرەمدۇق؟

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:38:59

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز

كەمىنە پېقىر 50مىڭ يۈئەن پۇلنى بىر تىجارەتچى تۇققۇنۇمغا بىرىپ تۇرغان 3 يىل بولدى . مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا مەنپەت ، ياكى ئۆسۈم دىگەندەك نەرسە ئالمايمەن . ئاشۇنداق پۇلغا ماڭا زاكات كىلەمدۇ ياكى ئاشۇ تۇققۇنۇمغا زاكات كىلەمدۇ ؟ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ماڭا بىر كۆرسەتمە برسىڭىز ؟

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:41:22


بۇ يىلقى زاكاتنى چوقۇم مۇشۇ يىلقى رامىزان ئېيى چىقىپ كەتكۈچە بىرىپ بولۇش كېرەكمۇ؟

ياق. رامزان ئېيى ئايلار ئىچىدىكى ئەڭ شەرەپلىك ئاي بولغانلىقتىن، ۋە بۇ ئايدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابى تېخىمۇ چوڭ بولغانلىقتىن مۇسۇلمانلار رامزان ئېيىدا زاكات بېرىشكە ھېسرىمەن بولۇپ كەلگەن. ئەمما زاكاتنى قايسى ئايدا بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن، بۇلتۇر رامزاندا قولىڭىزغا 85گرام ئالتۇننىڭ قىممىتىگە تەڭ پۇل كىرگەن بولسا، بۇ يىل رامزاننىڭ ئىلگىرىكى شەئبان ئېيىدا شۇ پۇلدىن زاكات ئايرىشىڭىز كېرەك بولىدۇ. قولدىكىئىتقتىسادقا بىر يىل توشقاندا زاكات ئايرىيسىز.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:44:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 12:09

‏ئەگەر زىبۇ-زىننەتلەر ئىچىدەئالتۇن 60گىرام، بىر دانە بىليارت ئۈزۈك ، كۈمۈش دىگەندەك ئارلاش زىبۇ-زىننەتلەر بولسا بۇ زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ قىممىتىنى 85گىرام ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ ھېساپلاپبېرەمدۇق؟

1. › زىننەت بويۇملىرى ئارىسىدا ئالتۇن بىلەن كۆمۈشكە زاكات كېلىدۇ.[يەنى شۇ ئىككى خىل ماترېياللاردىن ياسالغانلىرىغا].
› بېرلىيانتقا زاكات كەلمەيدۇ. ناۋادا بىراق بېرلىيانت تىجارىتى قىلىدىغان بولسا، قولىدىكى مال نىسابىغا يەتكەن بولسا ئاندىن شۇ بېرلىيانتتىن زاكات ئايرىيدۇ.

2. 85 گرامدىن تۆۋەن مىقداردىكى ئالتۇنغا زاكات كەلمەيدۇ. كۆمۈش 140 مىسقالدىن تۆۋەن بولسا زاكات كەلمەيدۇ.

3. ئالتۇن ئايرىم، كۆمۈش ئايرىم ھېسابلىنىدۇ. ئىككىلىسىنىڭ مىقدارىنىسابىغا[يەنى زاكاتنى ۋاجىپ قىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن چەككە] يەتمىسە زاكات كەلمەيدۇ. قوشۇپ ھېسابلانمايدۇ.

4. ياندىكى پۇل، ياكى ئالتۇن كۆمۈش نىسابىغا يەتمىگەن تەقدىردە، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن شۇ پۇل-مېلىدىن خالىغان مىقداردا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سەدىقە ھېسابىدا بەرسە، بۇنىڭ ساۋابىمۇ كۆپ.(بۇنداق، قىلىش شەرت ئەمەس، ئەلۋەتتە) قىيامەت كۈنى دۇنيادا بەرگەن زاكىتىمىز كېمىيىپ قالسا، نەپلە سەدىقە بەرگەن بولساق، زاكاتنىڭ كام قالغان قىسىمى شۇ سەدىقىلىرىمىز ئارقىلىق تولدۇرىلىدۇ. شۇڭا، سەدىقىنى كۆپ قىلىش ماھىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك بەختى ئۈچۈن دەسمىي سالغانلىقتۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللە رامزان كىرسە ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە سېخيلىشىپ كېتەتتى. بۇ ئەگىشىشىمىز تېگىشلىك بولغان پەزىلەتتۇر.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 11:53:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 12:07

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز

مېنىڭ ئۇستازلىققا سالاھىيىتىم توشمايدۇ. مەن بىر ئۆگەنگۈچىمەن.

كەمىنە پېقىر 50مىڭ يۈئەن پۇلنى بىر تىجارەتچى تۇققۇنۇمغا بىرىپ تۇرغان 3 يىل بولدى . مەن ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدا مەنپەت ، ياكى ئۆسۈم دىگەندەك نەرسە ئالمايمەن . ئاشۇنداق پۇلغا ماڭا زاكات كىلەمدۇ ياكى ئاشۇ تۇققۇنۇمغا زاكات كىلەمدۇ ؟ ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ماڭا بىر كۆرسەتمە برسىڭىز ؟

1. خەققە بېرىپ تۇرغان پۇلىڭىز قولىڭىزغا قايتىپ كېلىپ قەمەرىيە ھېسابىدا بىر يىل توشمىغۇچە زاكات ۋاجىپ ئەمەس. يەنى خەققە بېرىپ تۇرغان پۇل ئۈچۈن سىز زاكات تۆلىمەيسىز. چۈنكى، زاكات قولدىكى نىسابىغا يەتكەن نەق ئىقتىسادقا خاس.

2. تۇغقىنىڭىزغا سىزنىڭ قەرزىڭىزنى قايتۇرۇشقا ئالدىرىشى ۋاجىپ. ئۇنىڭ يېنىدا سىزگە قايتۇرىدىغان 50 مىڭ يۈەندىن باشقا نىسابىغا يەتكۈندەك زاپاس ئىقتىساد بولسا شۇ ئىقتىسادى ئۈچۈن زاكات تاپشۇرىدۇ. ئەگەر تۇغقىڭىزنىڭ يېنىدا (مەسىلەن) 30 مىڭ يۈەن پۇل بولسا، ئۇ بۇ پۇل ئۈچۈن زاكات تۆلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇ قەرزدار. قەرزدار پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن زاكات تاپشۇرمايدۇ. قەرزدىن خالاس بولۇپ، يېنىدىكى زاپاس ئىقتىسادى [ياكى مېلى] نىسابىغا يەتكەندىن كېيىن ئاندىن زاكات تاپشۇرىدۇ.

3. ئەگەر سىز باي كىشى بولۇپ، تۇغقىنىڭىزغا بېرىپ تۇرغان ئۇ پۇلغا ھاجىتىڭىز چۈشمەيدىغان بولسا، تۇغقىڭىز سىزدىن ئۇ پۇلنى قەرز ئالغاندىن كېيىن تىجارەتتە زىيان تارتىپ سورۇلۇپ كەتكەن بولسا، ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئىقتىسادتىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولسا، قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ياكى مەلۇم قىسىمىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەپ ئۇنىڭ گەردىنىدىن كۆتۈرۈۋەتسىڭىز بۇ ئەڭ پەزىلەتلىك ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىن سانىلىدۇ.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 12:20:52

بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى263.يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 4.20يۈەن         ئىكەن.
مەنبە:http://bbs.izdinix.com/thread-59061-1-1.html

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 12:34:22

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم ،

بالام ئالى مەكتەپتە ئوقۇيتى . زاكاتنى بالامنىڭ ئوقۇش پۇلىغا بەرسەم دۇرۇسمۇ ؟

sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 14:48:21

umun99 يوللىغان ۋاقتى2014-7-8 23:39 static/image/common/back.gif
پۇلغا زاكات كەلسە ئايلىنىپ مىڭىۋاتقان پۇلغا زاكات كىل ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن ھېسابلاپ باقتىم، ئەگەر 30000 (30مىڭ) يۈئەن پۇلى بار ئادەم، ھەريلى شۇ پۇلنىڭ 40دىن بىرىنى زاكاتقا بېرىۋىتىپ، ئاشقان پۇلىنى ھېچقانداق قىلماي شۇ پېتى ساقلاپ قويۇپ، كېلەر يىلى يەنە ئېشىپ قالغان پۇلنىڭ 40دىن بىرىنى زاكاتقا بەرسە... ... مۇشۇ بويىچە 30يىل داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ، يەنە 14036 يۈئەن قولىدا قالىدىكەن. « ئونتىيىن قالمايدۇ » غان ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن.

rajab يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:47:30

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم    دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىگە زاكات كىلەمدۇ ؟؟؟
يەنى ؛ بىر دۇكاننىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىش ھەققىگە 25 مىڭ يۈەن بېرىپ ئالدۇق ، دۇكان ئىلكىمىزگە ئۆتتى ، ئەمدىكى مەسىلە شۇ 25 مىڭ يۈەنگە زاكات كېلەمدۇ ؟   زاكات بېرەيلى دىسەك ئۇ پۇل قولدىن چىقىپ كەتكەن پۇل ، بەرمەيلى دىسەك ھېلىقى دۇكان شۇ پۇلنىڭ قىممىتىنى تۇتۇپ تۇرۇغلۇقچۇنكى ئەگەر بىز شۇ دۇكاننى ئۆتۈنۈپ بېرىپ قالساق شۇ قىممەتكە ئۆتۈنۈپ بەرگىلى بولىدۇ .
دېمەك ئۇ پۇل قولدا يوق مەۋھۇم پۇل بولۇپ كەلگۈسىدە ( شۇ پېـتى ياكى ئارتۇق-كەم شەكىلدە )قايتىپ كېلىدىغان پۇلدۇر ، ياكى پۇل قايتىپ كەلمىگەن تەقدىردىمۇ دۇكان بىزنىڭئىلكىمىزدە سابىت . شۇڭا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قېرىنداشلاردىن سورىدىم   بىلىدىغانلار بولسا ئاللا رىزالىقى ئۈچۈن جاۋاپ قالدۇرغان بولساڭلار .

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 19:50:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xxxxxx تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 19:51

tuz يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 12:34 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىندىشىم ،

بالام ئالى مەكت ...


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!

سىز تىلغا ئالغان مەسىلىدە ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت، ئاۋۋال شۇنى چۈشىنىشڭىز كېرەك!

› ئاللاھ بەندىگە زاكاتنى پەرز قىلدى.
› ئاتىنىڭ خوتۇن-بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە يوللۇق چىقىملىرىنى قامدىمىقى ھەم پەرزدۇر.

1. ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئاسانلىق دىنىدۇر. قۇرئان ھۆكۈملىرى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتى ئاسانلىقى چىقىش قىلغان. شۇڭا «گۇناھ بولمايدىغانلا ئىش بولسا ئىشنىڭ ئاسانراقىنى تاللاش» (ھەدىس) پەيغەمبىرىمىز ئۆز سۈننىتىدە كۆرسىتىپ، بىزگە ئۈگۈت قىلغان يولدۇر.

2. زاكات ئاللاھ بەندىگە پەرز قىلغان بەش پەرزنىڭ ئۈچىنچىسى بولۇپ، ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك دەۋرىدە زاكات تاپشۇرمىغانلارغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. ساھابىلەر ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ سۈننىتىگە قارشى چىقمىغان بەلكى قوللىغان. چۈنكى، زاكات جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇۋازىتىنى تەڭشەيدىغان، پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ قىيىنچىلىقىنى يوق قىلىشقا يۈزلەنگەن ئىلاھىي ئىقتىسادىي ئەندىزىدۇر. مۇسۇلمان ئالىملىرى ئارىسىدا «ئەگەر كىشىلەر زاكىتىنى تولۇق ئايرىسا، جەمئىيەتتە بىرمۇ مىسكىن قالمىغان بولاتتى» دېگەن گەپ بار. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىقى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈگىمەسلىك، يوقسۇللۇق مەسىلىلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى بايلارنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلماسلىقىدا.

3. ئاللاھ تائالا سۈرە تەۋبىدە زاكات ئېلىشقا شەرتى توشىدىغان يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ياكى ئىشنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن:«زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، اﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ اﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، اﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»(9:60)
مېھرىبان ئاللاھ بىزگە زاكاتنى كىملەرگە بەرسە دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
زاكاتنى ئوغلىڭىزغا بېرىشىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس:

› زاكاتنى ئوغلۇڭىزنىڭ ئوقۇش پۇلىغا بەرسىڭىز «بىر چاممىدا ئىككى پاختەك سوققان» بولىسىز. ئەمما بۇ ئاللاھنىڭ ئايىتىگە زىت، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.
› ئوغلىڭىزنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە يوللۇق چىقىملىرىنى قامداش سىزنىڭ بوينىڭىزدىكى پەرزدۇر. بۇ پەرزنى زاكاتتىن ئىبارەت باشقا بىر پەرزگە سوقۇۋېتىشىڭىز ئۆزىڭىزنى ئالداشتىن، ئاللاھنىڭ ئايىتىنى مەسخىرە قىلىشتىن، مۇسۇلمانلار مەنپەئەتىنى ئويلىماي شەخسىيەتچىلىك قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
› سىز مەكتەپتە بالا ئوقۇۋاتقان ئاتا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن (مەيلى بالا ئوقۇتۇڭ ئوقۇتماڭ) سىزدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغان تەقدىردە زاكات بېرىش پەرز ئەمەس. ناۋادا ئىقتىسادىڭىز ياخشى، زاكات بېرىشكە شەرتىڭىز توشىدىغان كىشى بولسىڭىز ئۇ ھالدا زاكاتنى ئۆز يولىدا بېرىسىز، ئوغلىڭىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۆز يولىدا قامدايسىز. يېنىڭىزدا نىسابىغا توشقان، زاكات ئايرىشقا تېگىشلىك بولغان پۇل بار. شۇ پۇلدىن بالىڭىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى چىقىرىۋەتسىڭىز، يېنىڭىزدا قالغان پۇل زاكات بېرىش نىسابىدىن كېمىيىپ كەتسە، ئۇ ھالدا سىزگە زاكات كەلمەيدۇ. بۇ ھالدا سىزنىڭ زاكاتنى ئوغلۇمغا بېرىمەن دېيىشىڭىزگە ھاجەت قالمايدۇ.
› شۇنداق بولغان ئىكەن، مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر ئىشنى ئۆز ئورنىغا قويۇپ، مەسىلىلەرگە شەرىئەت كۆزنىكىدە مۇئامىلە قىلغايمىز.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 21:23:38

sayaq1 يوللىغان ۋاقتى2014-07-09 14:48:21 static/image/common/back.gif


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، مەن ھېسابلاپ باقتىم،
ئاشۇ ھىساۋاتىڭىز بىلەن داۋاملاشتۇرۇپ مىڭىڭ.

hanjar01 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 22:08:26

xxxxxx يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 11:53 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز

مېنىڭ ئۇستازلىققا سالاھىيى ...

ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سىزنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. لېكىن ئاۋۇ باشقىلارغا قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلغا زاكات كېلىش كەلمەسلىك سەل خاتا بوپ قالدىمۇ قانداق ؟ مەن باشقا بىر يەردە ئۇ پۇلغا قەرز بەرگۈچى ئۆزى زاكات ئايرىيدۇ دەپ كۆرگەن. ئەتىگىچە ئۇ ئۇلىنىشنى قالدۇرۇپ قوياي. كۆرۈپ باقارسىز ،ھازىر تېلېفوندا سەل ئەپسىز بوپ قالدى.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-7-9 23:11:41

hanjar01 يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 22:08 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. سىزنىڭ كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
زاكات نىسابىغا يەتكەن، ياندىكى نەق پۇلغا ئايرىلىدۇ. خەققە قەرز بېرىپ تۇرغان پۇلغا زاكات كەلمەيدۇ.
بەت: 1 [2] 3 4
: زاكات توغرىلىق تەلىم بەرسەڭلار