Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 08:05:25

ئىپتارلىققا سالات تەييارلاش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 16:21  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئۇلۇغ رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن.
بۇ يىلقى رامىزان يەنە پىژغىرىم ياز پەسلىدە كىرىپ كەلدى، كۈن ئۇزۇن، بىر كۈنلۈك روزا 16-17 سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشماقتا. بۇنچە ئۇزۇن ۋاقت تاماق يېمەي، ئېغىز ئاچقان ۋاقتتا مول داستىخاندىكى قويۇق- ئېغىر تاماقلار دەماللىققا ئىشتىھاغا يېقىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتارلىق داستىخاندا چىرايلىق تىزىلغان يېيىشلىك سالاتلارنىڭ بولمىقى تولىمۇ زۆرۈردۇر. بەزى ئەرلەر «ئادەتتىكى ئوت- چۆپ» دەپ قاراپ، سالاتنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما بىلىشىمىز كېرەككى، كۆكتات ۋە مېۋە- چېۋە تەركىبىدىكى سىلىلوزا بەدەندىكى ئارتۇق ماينى پارچىلايدۇ ۋە باشقا قۇۋۋەتلىك تاماقلارنىڭ ئاسان ھەزىم بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا بەزى روزىدارلاردا كۆرۈلىدىغان قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى يېنىكلىتىدۇ.  
شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن بۇ يەردە داستىخانغا يارىشىملىق، گۆش ۋە يەر قالپىقى قوشۇپ تەييارلانغان يېيىشلىك ۋە ئۆزگىچە سالات رىسالىسىدىن بىر قانچىنى تونۇشتۇرماقچىمەن. قولى گۈل خانىم قىزلارنىڭ پايدىلىنىشنى شۇنداقلا تېمىنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رىسالىرى بىلەن بېيىتىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. @Horma

1. كالا گۆشى ۋە يېسى پۇرچاق سالات


  كېتەرلىك خۇرۇچلار:
كالا گۆشى-- 400 گرام
يېسى پۇرچاق-- 200 گرام
يېشىل ياكى بىنەپشە كاللەك بەسەي-- 400 گرام
زەيتۇن مېيى-- ئىككى قوشۇق
ئازغىنە تۇز، ئاقمۇچ، ئاق سىركە، تايلاندچە لازا قىيامى (ئۆيدە ئۆزىڭىز لازا قىيامىغا ئازراق شېكەر قوشۇپ تەييارلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ)

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. ئاۋال كاللەك بەسەينى ئۈچ سانتا ئەتراپىدا توغراپ، ئازراق تۇز چېچىپ قويۇپ قويىمىز. بەسەي يۇمشاپ، سۈيى چىقىپ تۇرىدۇ. يېشىل ياكى بىنەپشە كاللەك بەسەينىڭ بىرلا خىلىنى، ۋە ياكى ھەر ئىككى رەڭدىكىدىن ئازراقتىن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ، سالاتنىڭ رەڭگى كۆركەم چىقىدۇ.
2. تېگى تۇتماس قازاننى ئازراق قىزىتىپ، زەيتۇن مېيىنى قۇيىمىز ۋە نېپىز ياپىلاق قىلىپ ئۇزۇنسىغا توغرالغان كالا گۆشىنى قورۇيمىز. 80 پىرسەنت ئەتراپىدا قورۇلسىلا مۇۋاپىق.
3. كالا گۆشىنى پىشۇرۇپ ئېلىۋالغاندىن كېيىن، شۇ ماي يۇقى قازانغا يېسى پۇرچاقنى سېلىپ، سەل قارىدىتىپ قورۇيمىز.  يېسى پۇرچاقنى سۈرەتتىكىدەك ئوتتۇرىدىن قىيپاش قىلىپ بىرلا توغرىسىڭىز بولىدۇ.
4. ئاخىرىدا كاللەك بەسەي، كالا گۆشى ۋە يېسى پۇرچاقنى قاچىغا تۆكۈپ تىزىملىكتە بېرىلگەن خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، تەمنى تەڭشىۋالغاندىن كېيىن، تەخسىگە تىزىپ داستىخانغا قويسىڭىز بولىدۇ.

2. راك، سەرەبىل (asparagus، 芦笋) سالات


كېتەرلىك خۇرۇچلار:
سەرەبىل-- 300 گرام
راك (虾)-- 200 گرام
يومۇرماقلىق سالاتلار--100 گرام
كىچىك شوخلا-- بىر نەچچە دانە
ئازغىنە فېتا ئىرىمچىكى (چۈنكى بۇنىڭ تەمى سەل تۇزلۇق)
زەيتۇن مېيى، قارىمۇچ، شېكەر ۋە قىزىلمۇچ ئۇنىدىن ئازراقتىن.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. سەرەبىلنى پىشۇرۇش- تېگى تۇتماس قازانغا ئىككى قوشۇق زەيتۇن مېيى قويۇپ ئازراق قىزىتقاندىن كېيىن ئىككى چىش سامساقنى چاناپ، پۇرىقى چىققان زامان تازىلاپ تەييار قىلغان سەرەبىلنى سالىمىز ۋە بىر چىمدىم تۇز بىلەن سۇس ئوتتا 7-8 مىنۇت قورۇيمىز. سەرەبىل قاتتىق نەرسە، مۇشۇ ئۇسۇلدا ئۇنى يۇمشىتىپ پىشۇرىۋالساق بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا ئۇنى دوخۇپكىدا بىر دەم دۈملىسەكمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا سەرەبىل كاۋاپتەك چۈرۈش ۋە يېيىشلىك چىقىدۇ، ئەمما قاتتىق پوستى يۇمشىمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۇسۇلدا پىشۇرغاندا سەرەبىلنىڭ تۈۋىنى جىقراق كېسىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
2. راكنى پىشۇرۇش- راكنى سېرىقمايدا قورۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن، بەكمۇ يېيىشلىك بولىدۇ. ئىككى قوشۇق سېرىقماينى ئوتتۇرىھال قىزىغان قازانغا سېلىپ ئېرىتكەندىن كېيىنلا راكنى سالىمىز. ئۈستىگە شېكەر، تۇز ۋە قىزىلمۇچ ئۇنى سېپىپ، راك چۈرۈش بولغۇچە قورۇيمىز.
3. پىشۇرىۋالغان سەرەبىل ۋە راكنى سالات يومۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۈستىگە نەچچە تېمىم زەيتۇن مېيى ۋە قارىمۇچ سېپىمىز. كىچىك شوخلا ۋە ئىرىمچىكنى توغراپ تەخسىنى زىننەتلەيمىز ۋە داستىخانغا تىزىمىز.

3. گۆش ۋە پۇرچاق ئۈندۈرمىسىدىن تەييارلانغان ئاسىياچە سالات


كېتەرلىك خۇرۇچلار:
قوي گۆشى-- 200 گرام
پۇرچاق ئۈندۈرمىسى-- 200 گرام
تەرخەمەك-- يېرىم دانە
قىزىلمۇچ، غولپىياز، سامساق، يەر ياڭىقى مېغىزى (خاسىڭ)، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلاردىن ئازراقتىن.
خۇرۇچلاردىن بەش خىل تەملىك دەرمەك ئۇنى (五香粉)، ماي، شېكەر، تۇز، جاڭيۇ، ئاچچىقسۇ، قارامۇچ، يۇمغاقسۈت قاتارلىقلار.

تەييارلاش ئۇسۇلى:
1. قوي گۆشىنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، بىر يېرىم قوشۇق بەش خىل تەملىك دەرمەك ئۇنى، بىر چىمدىم تۇز، قارامۇچ ۋە بىر بال قوشۇقى قارا شېكەرگە ئارىلاشتۇرۇپ، تەم كىرگۈزۈش ئۈچۈن 15- 20 مىنۇت قويۇپ قويىمىز.
2. قازانغا ماي قۇيۇپ، سامساق ۋە جاڭيۇ قۇيۇپ پۇرىقىنى چىقىپ، گۆشنى سېلىپ پىشقۇچە قورۇيمىز ۋە قاچىغا ئالىمىز.  
3. بۇ ۋاقتتا باشقا بىر قازاندا سۇ قاينىتىپ، پۇرچاق ئۈندۈرمىسىنى بىر قاينىتىپلا سۈزۈپ ئالىمىز.
4. پىشۇرىۋالغان  پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ۋە گۆشنى چوڭراق ئاليۇمىن قاچىغا سېلىپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، گۆش قورۇغان قازاندا ئازراق ماي قىزىتىپ غولپىياز ۋە سامساقنى چاناپ قورۇيمىز. ئاندىن شۇ ماينى قاچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز.
5. بۇلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، قىزىلمۇچ، تەرخەمەك قەلەمچىسى، يەر ياڭىقى مېغىزى، كۈنجۈت مېيى، ئاچچىقسۇ ۋە باشقا بارلىق ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن خۇرۇچلارنى ئۈستىگە  سېلىپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.

مانا مۇشۇنداق، ئىنتايىن ئەنئەنىۋى بولغان بەزى تاماقلاردىن باشقا، تاماق ئېتىشتە قېلىپلاشقان ئاساسەن فورمۇلا  يوق. ئىجادى كاللىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ھەر قانداق نەرسىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ سناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بۇ يوسۇندا تىزغىلى تۇرسام جىق رىسالە يېزىلىپ كەتكۈدەك، سالاتلار ئومۇمەن ئاددى ئۇسۇلدا تەييارلىنىدىغان بولغاچقا، بىرلا قارىسىڭىز قانداق پىشۇرۇشنى بىلىپمۇ ئالىسىز.
تۆۋەندە يەر قالپىقىدىن تەييارلىنىدىغان سالاتتىن ئىككىنى تونۇشتۇراي، بۇرۇن بىر تېمامدا ئېيتقىنىمدەك، يەر قالپىقى ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، پات- پات ئىستېمال قىلىپ تۇرۇشىڭىز زۆرۈردۇر.

كاۋاپ قىلىنغان يەر قالپىقى سالات

يەر قالپىقىنى دوخۇپكىدا 10 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن، تەييارلىغان سالات يومۇرمىقىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ، ياقتۇرغان خۇرۇچلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېسىڭىز بولىدۇ. سۈرەتتە شوخلا ۋە زەيتۇن توغرالمىسى قوشۇلغان.

قورۇلغان يەر قالپىقى ۋە پالەك سالات

  بۇنىڭدا ئاساسلىقى يەرقالپىقىنى ئۇزۇنسىغا توغراپ، بوش چۈچۈگەن مايدا سامساق، ئاچچىقسۇ ۋە جاڭيۇ بىلەن قورۇغاندىن كېيىن، سوۋۇتۇپ، قايناقسۇغا باسقان پالەكنى ئارىلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ياقتۇرغان خۇرۇچلىرىڭىزنى قوشۇۋېرىڭ. سۈرەتتە سالاتقا پەمىدۇر چانالمىسى قوشۇلغان.  

يەر قالپىقى، ياڭيۇ ۋە يالپاق گۆش سالات

سالاتتىكى ياڭيۇ ئاۋال سۇدا پىشۇرۇلۇپ، ئاندىن مايدا سەل قىزارغۇچە قورۇلغان.
يەر قالپىقىمۇ يېرىم قىلىپ توغرالغاندىن كېيىن مايدا 3-4 مىنۇت قورۇلغان.
قوي گۆشىنى نېپىز يالپاقلاپ قورۇسىڭىز بولىدۇ.

ۋاقتىم سەل قىس بوپقېلىپ، ئاخىرىغا بارغانچە ئالدىراپ قالدىم. ئەقىللىق خانىم- قىزلار سۈرەتكە ئاساسەن چوقۇم قاملاشتۇرۇپ قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.
ھەممەيلەنگە ساغلام تۇرمۇش يار بولسۇن.  

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 09:12:38

بۈگۈن مۇشۇنداقراق بىر تېمىنى كۆرسەم دەپ خىيال قىلغانتىم،ئويلىغىنىمدەكلا باركەن،رەھمەت يازما ئىگىسىگە،خىلى بۇلىدىغان رېتسىپلاركەن،سىناپ  باقساق بولغىدەك،ئاندىن ئەتىگەنكى زوھۇر ۋاقتىدا قانداق تەملىك  چاي ئىچسەك ئۇسسۇزلۇقنى بەكراق باسىدۇ، بىلىدىغانلىرىڭلارنى ئورتاقلاشساق،

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 09:48:50

:funk::funk::funk::funk::funk::funk::funk::funk:

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:26:20

يارايسىز رەھمەت سىزگە

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:29:28

ئاۋۇ ئاسىياچە سالاتنى سىناپ باقايلى دېيىشكەنتۇق، لىكىن بەش خىل تەملىك دەرمەك دېگەننى خوتۇنغا چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىدىم:(  چۈشەندۈرۈپ قويغان بولسىلا!

ئەمدى ئىپتارلىقتا ئىچىدىغان ئۇسسۇزلۇققا بىرەر تېما ئاچاي دەپ ئويلاشقانتىم، تېلفۇندا تارتىپ ساقلىۋالغان سۈرەتلەرنى كومپۇتېرغا يوللايدىغان ئۈسكۈنە يوق بولۇپ قالدى.
1.گىلاس شەربىتى:
گىلاستا مۇراببا تەييارلىۋېلىپ كەچقۇرۇن ئىپتاردا توڭلاتقۇدىكى مۇزنى ئىلىپ مۇۋاپىق كەلگۈدەك ئىستاكانلار تەمى يېقىشقۇدەك قىلىپ شەربەت تەڭشەپ ئىچىمىز. ئۇسساپ قاغجىراپ تۇرغاندا ئالامەت ياقىدۇ. رەڭگى ئۇندىن چىرايلىق. :)
گىلاس مۇرابباسىنى تەييارلاش ناھايىتى ئاسان، ھازىر تازا گىلاس پىششىقى ۋاقتى. 3 كىلو گىلاسقا 5 كىلو شىكەر، 5 چىنە سۇ، 3 تالدىن 5 تالغىچە لېمون بولسا بولىدۇ.
گىلاسنى يۇيۇپ 5-6 سائەت سالقىندا قويۇپ سولاشتۇرۇپ ئاندىن ساپىقىنى ئاۋايلاپ ئۈزۈپ چىقىرۋېتىپ ئۈستىگە سۇنى قۇيۇپ بوش ئوتتا يېرىم سائەت قاينىتىمىز. ئۇندىن كىيىن گىلاسنى سۈزۈۋېتىپ شىكەرنى سىلىپ قىيامى كەلگەندە گىلاسنى قايتىدىن قازانغا سالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە لېموننى سىقىپ سۈيىنى قۇيىمىز. بۇ ھالدا يەنە يىرىم سائەت بوش ئوتتا قاينىتىپ توختاتساق بولىدۇ. مۇراببا تەييار بولۇپ بولغاندىن كىيىن قازان، ياكى كورىنىڭ ئېغىزىنى ئوچۇق قويۇپ ئۈستىگە داكا يېپىپ قويۇپ سوۋۇتىمىز.
مۇرابباغا يەرلىك چۈچۈمەل گىلاس ئىشلەتسىڭىز شەربەت ئېسىل چىقىدۇ. قوقان گىلاس ئىشلەتسەك تاتلىق چىقىپ قىلىپ تەمى يېقىشلىق بولماي قالىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:37:01

رەھمەت دىلرۇبا، نىمە ئېتىشىمنى بىلمەي ئەتسەممۇ تۈگۈتۈپ يىيىلمەي بىشىم قېتىۋاتقاندا، بۇ يېڭىچە سالاتلارنىڭ يېتىپ كەلگىنى بەك ياخشى بولدى.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:38:00

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:29 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئاسىياچە سالاتنى سىناپ باقايلى دېيىشكەنتۇق، لىكى ...

مەن مۇشۇ گىلاس دىگەننى پەقەت يەپ باقمىدىم قاندان مىۋېدۇر دەپ ئويلاپمۇ قالىمەن

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:38:17

ئالامەت يىيىشلىك كۈرۈندىغۇ، ئۆزەم  قۇلۇم بىلەن بىر سىناپ باقىمەن..  لىكىن شۇ دېڭىز مەھسۇلاتلىرنى بۇلۇپمۇ قوش ماكانلىقلارنى قەتئى يېيەلمەيمەن، ئورنىغا كالا گۆشى ئىشلىتىمەن.

confess يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:38:52

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:38:58

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:29 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئاسىياچە سالاتنى سىناپ باقايلى دېيىشكەنتۇق، لىكى ...

سۆرەتلەرنى  چ چ بوشلۇقىڭىزغا يوللىۋىلىپ ئاندىن ئۇنى كومدا ساقلىۋىلىپ سىناپ بېقىڭە!

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 10:51:02

ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى ئەكەپسىز،ھەممىنى قىلىپ بولالمىساممۇ ،ئاسانراقلىرىنى ئېتىپ باقاي...

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.....


تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قالدىم،باش سۆرىتىمنى ئۆزگەرتەي دېسەم ،پەقەتلا ئۆزگەرتەلمىدىم....

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:32:13

musilina1 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:51 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى ئەكەپسىز،ھەممىنى قىلىپ ب ...

مۇشۇ باش سۇرەت بىلەن سىزنى تونىۋالدىم مەن

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:45:06

ئىچ- باغرىنى ئادالىمايدىغان نەرسىدە ياسىسا دۇرۇس بولامدۇ؟ راكنى دەيمە

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 11:57:15

دۇرۇستىن چۈشۈشتىن بۇرۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھۆكمىنى ئۇقۇپ كېلىڭە...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:05:28

confess يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:38 static/image/common/back.gif
مۇتلەق بىكارچى ئائىلە ئاياللىرىغا ماس كىلەمدۇ  قانداق  ...

جىنسىڭىز ئايالمىتى؟

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:08:27

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 11:57 static/image/common/back.gif
دۇرۇستىن چۈشۈشتىن بۇرۇن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھۆكمىن ...

شۇنى بىلمىگەچكە سورۇدۇم،

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:09:43

يۇقارقى ئىككىڭلار سەپرالىشىپ كتىپسىلەغۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:17:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-30 12:21  

تاڭ زۇڭزا:lol  糖粽子


شىرنىلىك گۈرۈچ سالات دەپ ئىسىم قويدۇمغۇ!!!{:92:}

يىپىشقاق گۈرۈچتىن(糯米) يېرىم كىلوگىرام، ياڭاق مىغىزى، قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان. قارا شىكەر.

يېپىشقاق گۈرۈچنى بۈگۈن كەچ سۇغا چىلاپ قويىمىز، ئاندىن ئۇنى ئەتە كەچتە، تىگى چوڭقۇر لىگەنگە سېلىپ ، چىلاننى گۈرۈچنىڭ ئارىسىغا پاتتۇرۇپ . گۈرۈچ چىلىشىپ ئىككىلىك ئاشقۇدەك سۇ قويۇپ، جىمبىللىق كورىدا 40 مىنوت ھورداپ پىشۇرىمىز.

ياڭاق مىغىزى، قۇرۇق ئۈزۈمنى پاكىز تازلاپ يۇيىمىز، ياڭاق مېغىزىنى ئۇششاق چانايمىز، ئاندىن  ئىككى چوڭ چىنە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇقىراق سۇدا قارا شىكەر قوشۇپ قاينىتىۋالىمىز.

ئۇلارنى بىر كېچە قويساق مۇزلايدۇ، ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇپ، ئىپتىھار ۋاقتىدا بىرەر كىچىك تەخسىدىن يەپ قويساق تاتلىق ھەم مۇزدەك كۆڭۈل ئاچىدۇ.

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:26:34

بال گۈرۈچ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 12:29:28

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 12:17 static/image/common/back.gif
تاڭ زۇڭزا  糖粽子




بىر كۈن سۇغا چىلاپ قويسا ئۈنەپ چىقمامدا:lol
بەت: [1] 2 3 4
: ئىپتارلىققا سالات تەييارلاش