xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:05:08




UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:17:19

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 05:38 static/image/common/back.gif
مەن مۇشۇ گىلاس دىگەننى پەقەت يەپ باقمىدىم قاندان مىۋې ...

بىزنىڭ مايەدە تېرەكتەكلا تولا گىلاس دېگەن، يەيدىغان ئادەم يوق تۈۋىگە چۈشۈپ سېسىپ كېتىدىكەن ياۋروپادا.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:21:31

بىز مايەدە كۈندە كەچتە تاماق ئېتىپ قويۇپ شۇنى يېرىم كېچىدە يەپ تۇتىۋاتىمىز، ئاساسەن لەغمەن پولو گاڭپەن دېگەندەك ئۆي تاماقلىرىنى ئېتىۋاتىمىز، بۇنداق ئېسىل سالاتلارنى ئېتىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، ئۆزىمىز ئېتىپ بولالمايدىكەنمىز، مەكتەپنىڭ بىكالىق تاماقلىرىدا روزا تۇتقىلى بولمىغىدەك، شۇڭا كۈندە ئۆزىمىز ئېتىپ يەپ تۇتىۋاتىمىز، ئەمما بىر خىل راھەت ھوزۇر تۇيغۇسى بار جۇما رامزاندا، قىلىپ پاكىز تۇرىدىكەن، ئۆمۇرۋايەت شۇندا تۇرغان بولساق نىمىدېگەن ياخشى بولاتتى ھە!

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-30 21:39):
قەلىب ئىدى قىلىب بوپقاپتۇ

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 18:04:37

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 16:17 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ مايەدە تېرەكتەكلا تولا گىلاس دېگەن، يەيدىغان  ...

شۇ ماۋۇ ئۈرۈمچىدىمۇ بەك جىققۇ گىلاس.:lol

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Abdurehman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 18:30:04

كەسىپ ئەھلىلىرى ھۆنەرنىڭ زاكىتىنى ئايرىڭلار ئۇلۇغ ئاي، ئۇلۇغ كۈنلەردە...

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 21:23:59

قورۇما سالاتكەنغۇ بۇ؟
نەدە سالات بولىدۇ بۇلار،ساپلا بىرىنچى دەرىجىلىك ئوتتا قورۇلىدىغان قۇمىلاركەنغۇ…
قايسىڭلار بار يەردە سالات دەيدۇ بۇلارنى، داپەنجىنى توخۇ سالات دەي بۇندىن كېيىن،ھاھا

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 21:29:16

سەرەبىل  دىگەننى كىم بىلىدۇ زادى؟

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 21:33:04

سەرەبىل ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىنمۇ چىقمىدى،قايسى تىلدىكى نىمە ئۇ ؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 22:16:36

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 21:33 static/image/common/back.gif
سەرەبىل ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىنمۇ چىقمىدى، ...

سەرەبىل (مەرۋايىتگۈل) نىڭ تەركىبىدە مول ئۇزۇقلۇق ئېلىمىنىتى بار بولۇپ، تەركىبىدىكى ئاسپاراگۇس ئېلىمىنىتى بىلەن كالىينىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زەھەر ھەيدەش رولى بار.
  مەنبە: خەلق تورى ( ئادىل ئاقيول تەرجىمىسى )

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 23:15:13

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 10:29 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئاسىياچە سالاتنى سىناپ باقايلى دېيىشكەنتۇق، لىكى ...

گىلاس شەربىتىنى ياسىماق تەسكەن،
ئۇنىڭ ئورنىغا بازادا تەييا ساتىدىغان بىيە شەربىتى قىلساقمۇ بولامدۇ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 04:00:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Dilruba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 10:03  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 03:23 static/image/common/back.gif
قورۇما سالاتكەنغۇ بۇ؟
نەدە سالات بولىدۇ بۇلار،ساپلا ب ...

ماقۇل، سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرەي:
سوئال: سالات دېگەن نېمە؟
جاۋاب: سالات دېگىنىمىز يوپۇرماقلىق كۆكتات، مېۋە- چېۋە ياكى گۆش قاتارلىقلارنى خام ياكى(چالا) پىششىق ھالەتتە تەييارلاپ، ئۈستىگە تەم تەڭشىگۈچ، ئۆسۈملۈك مايلىرى ۋە خۇرۇچلارنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدىغان، جىق ۋاقت ۋە تائام تېخنىكىسى تەلەپ قىلمايدىغان، ئىلمان ھەتتا سوغۇق ھالەتتە ئىستېمال قىلىشقا ماس كېىلىدىغان تائام تۈرىدۇر.
دېمەك، يۇقىرىدا يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى سالات.

سوئال: سەرەبىل دېگەن نېمە؟
جاۋاب: مەزكۇر كۆكتات جەنۇپ تەرەپتە قانداق، بىلمەيمەن، ئۈرۈمچىدە تاللا بازارلاردا بىر باغلام- بىر باغلام ھالەتتە سېتىلىدۇ.  ئوزۇقلۇق قىممىتىنى تورداش يوليار ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويۇپتۇ. نۇرغۇن ئادەملەر بۇ كۆكتاتنى ئېنگىلىزچە ئىسمى بىلەنلا «ئاسپاراگۇس» دەپ ئاتايدىكەن، مەن بۇ ئۇيغۇرچە نامنى ئۇيغۇر سوفتنىڭ لۇغىتىدىن تاپتىم، تېخىمۇ ئېنىق بولسۇن ئۈچۈن يېنىغا خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ناملىرىنىمۇ قوشۇپ يېزىپ قويدۇم. كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرالىغان بولغاندىكىن ئانچە- مۇنچە ئىزدەپ كۆرۈپ قويسىڭىز يامان كەتمەيدۇ. جىق ئۇچۇرلارنى تاپىسىز.
  سۈرىتىنى يەنىمۇ ئېنىق چىقىرىپ قوياي:


0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 04:56:44

ۋاي ۋاي ۋاي قىزىقارلىق پاراڭلار كەنغۇبۇ قانداق ئىسىل سالاتلاركىن دىسەم ھەممىسى قورمىلار كەنغۇ

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 06:08:55

ئەمىسە مىۋە چىۋىلەرنى توغراپ ئۈستىگە شىكەر ئارىلاشتۇرۇلغان چۈچۈمەل قېتىق  ئارىلاشتۇرۇپ يەيدىغاننى نىمە دەيمىز ئەمدى ؟
قورۇما دەمدۇق ؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 08:08:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tashadem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 08:12  

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-6-30 21:33 static/image/common/back.gif
سەرەبىل ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدىنمۇ چىقمىدى، ...

يېڭى ئىزاھلىق لوغەتكە قاراڭ.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 08:11:48

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-7-1 06:08 static/image/common/back.gif
ئەمىسە مىۋە چىۋىلەرنى توغراپ ئۈستىگە شىكەر ئارىلاشتۇر ...

ئۇمۇ بىر تۈرى، ئوتتا قورۇپ، قىززىق پېتى يېيىلىدىغىنى قورۇما، چالا قورۇپ، ياكى خام پېتى خۇرۇچلار بىلەن تەڭشىلىپ يېيىلىدىغىنى سالات دېيىلىدۇ. مېۋە بىلەن قېتىق ئارلاشتۇرغىنى مېۋە سالات، كۆكتات بىلەن قىلغىنى كۆكتات سالات.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 09:13:57

مۇشۇ ئۆزبەك خەق نەگىلا بارسا سالات يەيمەن دەپ رۇرىۋالىدىغان ئۆكتەم خەقكەن .
ئالدىنقى ھەپتە بىر ئاشخانىدا تاماق يەي دەپ ئولتۇرسام نەچچە ئۆزبەك خوتۇن كىرىپلا ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن بۇيرۇتۇپ ئاخىرىدا بىزگە باشتا سالات ئەكىلىپ بېرىڭلا دەپ چىڭ تۇرىۋېلىپ ئاشپۇزۇللارنى پات-پاراق قىلىۋەتتى ، شۇنداق قىلىپ شۇلارنىڭ تەۋلىۋى بويىچە سەي - كۆكتاتنى ئوڭ-تەتۈر چاناپ ئۈستىگە شىكەر سېلىپ ئەكىلىپتىكەن، نىمىشكە شېكەر سالىسىلەر ؟! تۇز سېلىڭلار دىگەنتۇققۇ دەپ ئاشخانىنى بېشىغا كىيدى . ئۇ كىچىك ئاشپۇزۇلدا نەدەا سالات بىلىدىغان ئۇستام بولسۇن ؟

Horma يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 09:40:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Horma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 09:51  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! رامىزان مۇبارەك !
كۆپ رەھمەت ،بەك ئېھتىياجلىقتىم ،ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن !
مەنمۇ بىر ئىنتايىن ئاسان سالات ياساش ئۇسۇلىنى يېزىپ قوياي :
كېرەكلىك ماتېرىياللار :
زەيتۇن مېيى(كۈنجۈت مېيى بولسىمۇ بولىدۇ) ،تۇز ،ئاچچىقسۇ ،قىزىلمۇچ قىيامى ياكى قىزىلمۇچ ئۇنى (ياقتۇرمىسىڭىز سالمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ) ،سامساق ،خالىغان كۆكتاتلار(مەن دائىم ئىشلىتىدىغىنىم پەمىدۇر ،تەرخەمەك ،مۇچ ،خەس ‹生菜›)
ئېتىش ئۇسۇلى :
1.        ئاۋۋال پاكىز يۇيۇلغان سامساقنى توغراپ بىر قاچىغا سېلىپ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ قويىمىز .
2.        كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ ،تۇز سۈيىگە بىردەم چىلاپ قويىمىز .(مەقسەت پاكىز قىلىش ،دورىلارنى چىقىرىۋېتىش)
3.        كۆكتاتلارنى سېۋەتكە سېلىپ سۈيىنى ساقىتىۋېتىمىز .
4.        پەمىدۇرنى توغراپ ،بايىقى سامساق ماي ئېلەشمىسىنىڭ ئۈستىگە تۆكىمىز ،ئاندىن تەرخەمەكنى توغراپ سالىمىز ،ئاندىن مۇچ بىلەن خەسنى توغراپ سالىمىز ،(ئەگەر سامساقنىڭ پۇرىقىدىن قورقمىسىڭىز ،قاچىنىڭ ئاغزىنى يېپىپ بىر سائەت ئەتراپىدا قويۇپ قويۇڭ ،سامساق پۇرىقىنى ياقتۇرمىسىڭىز ،كېيىنكى باسقۇچقا ئۆتۈڭ)
5.        كۆكتاتلارنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ،ئاچچىقسۇ ،قىزىلمۇچ ئۇنى قاتارلىقلارنى قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇڭ ، پۈتتى .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 09:45:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Horma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-1 09:52  

ئاۋۇ 五香粉 تاللا بازارلىرىنىڭ دورا-دەرمان ساتىدىغان يېرىدە بار .
گىلاس مۇرابباسىنى مەن ياساپ باققان .
ماتېرىيال : بىر كىلوگرام گىلاس ،ئىككى قەھۋە ئىستاكانى شېكەر
ئېتىش ئۇسۇلى :
1.        ئاۋۋال گىلاسنىڭ سېپىنى ئېلىۋېتىپ ،پاكىز يۇيۇپ ،بىردەم تۇز سۈيىگە چىلاپ قويۇڭ (مەقسەت پاكىز قىلىش ،دورىلارنى چىقىرىۋېتىش)
2.        گىلاسنى سېۋەتكە سېلىپ سۈيىنى ساقىتىۋېتىڭ .
3.        چوكىنىڭ كەينى تەرىپى بىلەن گىلاسنىڭ ئۇرىقىنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋېتىڭ
4.        ئاندىن گىلاسنى بىر سىرلىق كورىغا ياكى تېگى تۇتماس كىچىك قازانغا سېلىپ ،ئۈستىگە شېكەرنى چېچىپ ،ئازراق ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ ،توڭلاتقۇغا بىر كېچە سېلىپ قويۇڭ .
5.        قازاننى ئوچاققا قويۇپ ،پەس ئوتتا بىر سائەت قاينىتىڭ .

Horma يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 10:05:51

گۈرۈچلۈك سالات
ماتېرىيال :گۈرۈچ ،تۇخۇم ،پىشۇرۇۋالغان توخۇ گۆشى ،پەمىدۇر ،سامساق ،باشپىياز ،ماي ،تۇز ،ئاچچىقسۇ ،كۈنجۈت قىيامى ،قىزىلمۇچ قىيامى
ئېتىش ئۇسۇلى :
1.        گۈرۈچنى بوشراق دۈملىۋالىمىز
2.        تۇخۇمنى سۇدا پىشۇرۇۋالىمىز
3.        توڭلاتقۇغا سېلىپ قويغان پىششىق توخۇ گۆشىنى كاتەكچە توغرىۋالىمىز
4.        پەمىدۇرنى ئۇششاق توغرايمىز
5.        سامساقنى ئۇششاق چانىۋالىمىز
6.        باش پىيازنى ئۇششاق توغرىۋالىمىز
قىيامىنى تەييارلاش :
قازانغا ئازراق ماي قۇيۇپ ،مايغا سامساق ۋە قىزىلمۇچ قىيامى سېلىپ قىززىتىمىز .
يۇقارقى خۇرۇچلارنىڭ ھەممىنى ئارىلاشتۇرۇپ (تۇخۇمدىن باشقا )،قىيامنى تۆكۈپ ،ئاچچىقسۇ ،كۈنجۈت قىيامى ،تۇزلارنى سېلىپ تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز .

بەت: 1 2 [3] 4 5
: ئىپتارلىققا سالات تەييارلاش