sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 17:17:16

توردىن ‏ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سېتىۋېلىش توغرىسىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-11 17:22  

‏ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنى توردىن سېتىۋالسام توغرا بولامدۇ؟ ..........
‏مەن بىر دوستۇمدىن ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنى چوقۇم نەق مەيداندا (بىر قولدا پۇلنى ،بىر قولدا مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ )سودا قىلسا توغرا بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم، لىكىن توردىن سېتىۋالساق، بىز تاپشۇرغان پۇل ۋاقتىنچە( بىز مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، رازى بولغىچە) ئارلىقتىكى پۇل ساقلاش سۇپىسىدا ساقلىنىدۇ، مالنى تاپشۇرۋېلىپ رازى بولغاندىن كىيىن ،ئاندىن بىز پۇلنى  مال ساتقۇچىغا ئۇرۇپ بېرىمىز، ئەگەر رازى بولمىساق پۇلىمىزنى قايتۇرۇشنى ، سودىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ ،بۇ خىل ئۇسۇلدا مال ( ئالتۇن زىبۇ-زىننەت) سېتىۋېلىشنىڭ توغرا-خاتالىقىنى بىلەلمەي قالدىم،شۇڭا تورداشلارنىڭ ماڭا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن، رەھمەت سىلەرگە .

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:24:13

مەنمۇ 6 يىىلدىن بۇيان توردا سودا قىلىۋاتىمەن  ....
ھازىر دوخمۇش دوخمۇشلىدا  ئالتۇن جابدۇق دۇكانلىرى  بار ....
ئەڭ ياخشىسى  ئۆز كۆزى بىلەن  كۆرەپ بېقىپ  تۇتۇپ بېقىپ  ئالغانغا  يەتمەيدۇ .......    چۈنكى قىممەت پۇللۇق ئەمەسمۇ
كىيىن پۇل قايتۇرىدىغان ۋاقىتتا مۇرەككەپ ئىشلارنىڭ چىقماسلىقىدىن  چىقىشى كۆپرەك  ئىنىقلا ....

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 18:47:12

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 18:24 static/image/common/back.gif
مەنمۇ 6 يىىلدىن بۇيان توردا سودا قىلىۋاتىمەن  ....
ھازىر  ...

‏شۇنداق، ھازىر بازارلاردا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكانلىرى ناھايىتى كۆپ ، لىكىن ماڭا نۇسخىلىرى ئانچە يارىمىدى، تورغا قاراپ باقسام مەن ياقتۇرىدىغان پاسوندىكىلىرى خېلى كۆپ ئىكەن،باش سېتىش ئورنى شىياڭگاڭدا ( 周大福品牌的) ئىكەن، شۇڭا توردىن سېتىۋالايمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 19:47:25

ئەگەر بۇرۇندىن توردىن مال ئىلىپ كىلىۋاتقان بولسىڭىز ، مال ئىلىش ،مال قايتۇرۇش، مال قايتۇرۇشتىكى مەشغۇلاتلار بىلەن تولۇق تونۇشلۇق بولسىڭىز ، شۇ مال ئالماقچى بولغان دۇككاننىڭ ئىشەنچىلىك ئىكەنلىگگە كاپالەتلىك قىلالىسىڭىز ، توردىن مال سىتىۋىلىش نۇرمال ئىش .
ئەمما تېمىڭىزدىن سىزنىڭ تىخى توردا مال سىتىۋىلىشقا پىششىق ئەمەسلىگىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ، مال سىتىۋالغان بولسىڭىزمۇ قايتۇرۇپ باقماپسىز، ئەگەر قايتۇرۇشنى بىلمىسىڭىز، بولمايدىكەن دەپلا پوچتا ئارقىلىق قايتۇرۋەتسىڭىز، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ ئالالمايسىز، پۇلىڭىز 15 كۇندىن كىيىنلا قارشى تەرەپنىڭ كارتىسىغا چۇشۇپ كىتىدۇ .
ئوتكەندە بىر خەۋەردە تىز يەتكۇزۇش شىركىتىدىكىلەرنىڭمۇ ئەۋەتكەن ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىنى ئىلىۋىلىپ تەستە پاش بولغانلىغىنى كۆرسىتىۋاتقان .
مۇشۇ ئىزدىنىشتە بارغۇ دەيمەن «توردىن مال سىتىۋىلىشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار» دىگەن تىما ، ئىزدەپ كۆرۇڭ .

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 19:59:02

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 19:47 static/image/common/back.gif
ئەگەر بۇرۇندىن توردىن مال ئىلىپ كىلىۋاتقان بولسىڭىز ،  ...

رەھمەت سىزگە، مەن كىيىم -كىچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ باققان(2-3 يىلچە ۋاقىت بولدى)، بۇ جەھەتتە خېلى تەجرىبەم بار، ئەمما ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سېتىۋېلىپ باقمىغان، مەن بىر تەرەپتىن توردىن ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سېتىۋېلىشنىڭ شەرئىي جەھەتتىكى توغرا -خاتالىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بىخەتەرلىك جەھەتتىن سورىغان ئىدىم ، قىممەتلىك  تەكلىپ- پىكىر بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-6-11 23:53:27

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 19:59 static/image/common/back.gif
رەھمەت سىزگە، مەن كىيىم -كىچەك، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىر ...

ئەڭ ياخشىسى توردىن ئالماڭ !! كىيىم كېچەك، باشقا نەرسلەر بولسا  ئېلىۋېرىڭ لېكىن ماۋۇ ئالتۇنى ئۇنداق  قىلىماڭ! ئەگەر ئالىمەن دېسىڭىز ئاۋال ئازىراق ئېلىپ سىناپ بېقىڭ!  كۆپ ئالماڭ مۇشۇنداق ئازدىن ئېلىڭ!  ئۇلار كۆپ ئالغان كۈنىڭىزلا سىزنى قارىغا ئىتتىرىپ قويشى مومكىن  چۈنكى ئۇلاردېگەن ھارام بىلەن ھالالنى بىلىمەيدىغانلار..

0903Galaxy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 05:31:22

توغرا بېشتا ئوزىنى بەك ئىشەن چىلىك كورسىتىپ سىزنى كۆپرەك ئالغاندا باپلىشى مۇمكىن

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 08:38:36

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-11 18:47 static/image/common/back.gif
‏شۇنداق، ھازىر بازارلاردا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكانلى ...

ئەڭ ياخشىسى ئويلىنىپ ئىش كۆرۈڭ قېرىندىشىم ..........
پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە ،بىر ئۇچى يۈرەكتە  .    كىيىن پۇشايمان يەيدىغان ئىشلار بۇلۇپ قالمىسۇن

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:11:48

بىز تاپشۇرغان پۇل ۋاقتىنچە( بىز مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، رازى بولغىچە) ئارلىقتىكى پۇل ساقلاش سۇپىسىدا ساقلىنىدۇ، مالنى تاپشۇرۋېلىپ رازى بولغاندىن كىيىن ،ئاندىن بىز پۇلنى  مال ساتقۇچىغا ئۇرۇپ بېرىمىز، ئەگەر رازى بولمىساق پۇلىمىزنى قايتۇرۇشنى ، سودىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ


ئىسىڭىزدە بولسۇنكى تاۋباۋ تورى توردىن مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس،توردا مال ساتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.مالدىن رازى بولماي سودىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مال ساتقۇچى قوشۇلىشى كېرەك،مال ساتقۇچى قوشۇلمىسا تاۋباۋ تورىنى مالنىڭ سۈپىتىدە ماسىلە بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدىغان پاكىت بىلەن تەمىنلىشىڭىز كېرەك. شۇ چاغدىلا ئاندىن سودىنى بىكار قىلىپ پۇلىڭىزنى قايتۇرىۋالالايسىز.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:29:52

مەنمۇ توردىن بىر تېلفۇن سېتىۋالغانتىم 2 كۈندىمۇ مال ئازراق مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ دوكانچى بىلەن ئالاقىلەشسەم تىز يەتكۈزۈش ئورنىمىز سىز تۇرۇشلۇق جايغا بارالمايدۇ بىز تىز يەتكۈزۈش ئورنىنى ئالماشتۇردۇق دەيدۇ  قانچە كۈندە مال كىلە دىسەم 10 كۈن ئەتراپىدا دەيدۇ تاۋباۋ تورىدا مال ساتقۇچى مالنى سېپ بولۇپ 10 كۈندە ئاپتۇماتىك پۇلنى تاۋباۋلىقلارغا ئەپ بىرىدىكەن يەنە 10 كۈن ساقلىسام  ئوبدان بولمىغۇدەك دەپ مالنى ياندۇرۋېتىپ تۇرشۇم   ئەڭ ياخشىسى يۈزتۇرانە سودا قىلىڭ{:87:}

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:46:07

kakkur يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 12:29 static/image/common/back.gif
مەنمۇ توردىن بىر تېلفۇن سېتىۋالغانتىم 2 كۈندىمۇ مال ئا ...

مال تاپشۇرۋېلىپ قارشى تەرەپكە پۇلنى ئۇرۇپ بېرىش ۋاقتىنى (就可以延长确认收货时间)ئۇزارتسىڭىز  بولاتتىغۇ؟
‏شۇنداقتا سىز مالنى تاپشۇرۋالغۇچە پۇلىڭىز قارشى تەرەپ كارتىسىغا يۆتكەلمەي ساقلاپ تۇراتتى، مەنمۇ دائىم شۇنداق قىلىمەن.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:53:09

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 12:46 static/image/common/back.gif
مال تاپشۇرۋېلىپ قارشى تەرەپكە پۇلنى ئۇرۇپ بېرىش ۋاقت ...

ئەسلى شۇنداق قىلاي دىگەن  10 كۈن دىگەن 240 سائەتكەن باشقىلار 5 كۈندىلا يەتكۈزۈپ بولاتتى  شۇڭا ۋاقىتنى تىجەي دەپ :P

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 12:55:16

anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 12:11 static/image/common/back.gif
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى تاۋباۋ تورى توردىن مال سېتىۋالغۇ ...

دېگىنىڭىز توغرا، ئالدىنقى ئايدا بىزنىڭ ئىشخاندىكى بىر ئايال بىر بولكا پۇشرۇقلارنى
‏تەييارلايدىغان (面包机)سېتىۋاپتىكەن,‏مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئۆزى سېتىۋالغان تىپتىكى ئەمەسلىكىنى بايقاپ ، ساتقۇچىغا ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ساتقۇچى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتىشنى، يىتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلەشنى ئېيتىپتۇ، مەن ئۇ ئايال خىزمەتدېشىمغا ياردەملىشىپ ئىسپات تەييارلاپ ، ئاخىرى قايتۇرۇشۇپ بەرگەن ئىدىم.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:01:15

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 12:55 static/image/common/back.gif
دېگىنىڭىز توغرا، ئالدىنقى ئايدا بىزنىڭ ئىشخاندىكى بى ...

بۇ جەھەتلەردىن قىينالمىسىڭىز  .ئازراقلا ئېلىپ  سىناپ باقسىڭىز بولغۇدەك  ئالتۇن جابدۇقتىن    .
  سىزگە ئامەت يار بولسۇن

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:03:06

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 13:01 static/image/common/back.gif
بۇ جەھەتلەردىن قىينالمىسىڭىز  .ئازراقلا ئېلىپ  سىناپ  ...

سىزگە كۆپ رەھمەت, قىممەتلىك تەكلىپ -پىكرىڭىزنى ايىمىدىڭىز。

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:39:14

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 12:46 static/image/common/back.gif
مال تاپشۇرۋېلىپ قارشى تەرەپكە پۇلنى ئۇرۇپ بېرىش ۋاقت ...

سىز ئىسمىڭىزغا لايىق  سەۋېرچانكەنسىز

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:15:35

سودا سانائەت بانكىسىدىن قەغەز ئالتۇن(纸黄金) ئىلىشقا ياردەم قىلساڭلار بولىتى . ئۈچ تۈمەنلىك ئەپ قوياي دىگەن

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:23:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sabira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 21:41  

‏.....

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 21:51:02

قىزىل ئالتۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن ساتسا 60% زىيان چىقىدۇ. ئاق ئالتۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن ساتسا 40% زىيان چىقىدۇ . سېرىق ئالتۇننىڭ زىيىنى ئەڭ ئاز. ئەمدى توردىن تەييار زىننەت بويۇمى سېتىۋېلىشقا كەلسەك : ئادەتتە دىيارمىزدا سېتىلۋاتقان نۇسخىلار يەرلىك زەرگەرلەرنىڭ مەخسۇس بۇيرۇتقان نۇسخىسى بولىدۇ. توردا بولسا تىپىك يولداشلارنىڭ خاس نۇسخىسى سېتىلىدۇ. يۇرتتىكى نۇسخىلار يارىمىدى دېگەن گەپكە كەلسەك: ئالتۇننى تاقاشتىن باشقا ھېچ ئىشقا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ تور سۈرئىتى ، مەركىزى يادروسى، ئېكران ئېنىقلىقى، شاۋقۇن مېقدارى ياكى گاز چىقىرىش مىقدارى دېگەندەكلەر بولمايدۇ:lol پەقەت چىدامچانلىقى ياخشىراقىنى تاللىغان ياخشى. ئارتۇقچىلىقى خالىغان ۋاقىتتا نەخ پۇلغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، ئۆسۈپ پايدا ئېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. باھا جەھەتتە توردا قانداق ئۇنى ئۇقمىدىم. لېكىن نەخ بازاردا يۇرتىمىزدا 260 سوم بىلەن 300 سوم ئارلىقىدا . ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 328 سومدىن يۇقۇرى بولىدۇ. پايدا نىسبىتىگە كەلسەك ھازىر ئىش قوشمىغان  ساپ ئالتۇننىڭ باھاسى 253 سوم ئەتراپىدا . ئۇنىڭدىن يوقۇرى ئالسىڭىز مال ساتقۇچىلارنىڭ پايدىسى بولىدۇ. كۆرىنىش جەھەتتە ھەر قانداق تاۋارنىڭ ئىچىدە ئالتۇن زىننەت بويۇمى رەسىم بىلەن قولدا كۆرگەننىڭ پەرقى ئەڭ چوڭ بولىدىغان تاۋار.ھەم يۇرتتاشلىرىڭىزدىن ئالسىڭىز پايدىسى ‹‹ قوينۇڭدىن تۆكۈلسە قونجۇڭغا ›› بولىدۇ . كۆپ زىيان تارتماي دېسىڭىز كۆپتۈرمە نۇسخدىكىنى ئالماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: [1] 2 3
: توردىن ‏ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سېتىۋېلىش توغرىسىدا