atiyan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:02:15

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:57 static/image/common/back.gif
قەغەز ئالتۇن سودىسىغا ئاللىبۇرۇن بولمايدۇ دەپ پەتىۋا ...

بۇنداق پەتىۋا بىرىلگەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمەن . مىنىڭ ئويلىغىنىم پەقەت مۇشۇ پۇلنى تۇتۇپ تۇرۇش خالاس . ھەرگىزمۇ ئارلىقتىن پايداق ئىلىش ياكى بىرنىمە ئەمەس .

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:04:37

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:57 static/image/common/back.gif
قەغەز ئالتۇن سودىسىغا ئاللىبۇرۇن بولمايدۇ دەپ پەتىۋا ...

‏مېنىڭ بۇ تىمىدىكى ئاساسىي مەقسىتىم مۇنداق ئىدى، يەنى ئالتۇن زىبۇ-زىننەتنى توردا پۇل تۆلەش شەكلىدە سېتىۋالسا شەرئىي جەھەتتىن توغرا بولامدۇ يوق؟
‏چۈنكى مەن بىر دوستۇمدىن ئالتۇننى چوقۇم نەق مەيداندا سودا قىلىش شەكلىدە سېتىۋېلىش كېرەك ئىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، مۇشۇ جەھەتتە بىلىدىغىنىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ رەھمەت.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:12:23

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:18:49

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:04 static/image/common/back.gif
‏مېنىڭ بۇ تىمىدىكى ئاساسىي مەقسىتىم مۇنداق ئىدى، يەن ...

ئالتۇن سودىسى قولمۇ قول، نەخمۇنەخ بولىشى كېرەك دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن بولمايدۇ .  ئەمدى بەزى ئىشلارغا مەسىلەن : توپ سودا قىلىدىغانلار باشقا يۇرتتىن مال ئالىدىغان ، ئەمما ئۆزى بارالمايدىغان بولغاچقا ئىشەنچ قىلالىسا، ۋاقىت بىكىتىپ سودا قىلسا بولىدۇ دەپ پەتۋا بېرىلگەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:43:18

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:51 static/image/common/back.gif
قىزىل ئالتۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن ساتسا 60% زىيان چىقىدۇ ...

بىر زەگەچىنىڭ مۇنداقلا دەپ بىرىشىچە بانكا (ياكى زاۋۇت) زىننەت ئالتۇننىڭ باھسىنى بېكىتىشتە شاڭخەي كۆرسەتكۈچىنىڭ شۇ كۈنلىك تاختاي باھاسىغا گىرىمىغا 6 يۈئەن ئىش ھەققى قۇشۇپ ھېساپلاپ مال كىرگۈزىدىكەن.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:45:34

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:43 static/image/common/back.gif
بىر زەگەچىنىڭ مۇنداقلا دەپ بىرىشىچە بانكا (ياكى زاۋۇ ...

نۇسخنىڭ مۇرەككەپ ئاددىلىقىغا قاراپ ئىش ھەققىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:46:29

atiyan@
بىيمۇنچە خەت يازسام يوق .  قايتا يازدىم.  پۇلنى ئىشنچىلىك جايغا تىقىپ ساقلاڭ. بولمىسا 100 گىراملىق تولا ئالتۇن ئېلىپ ساقلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى : تور بولمىسىمۇ، توك بولمىسىمۇ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەتتا زۆرۈر بولسا يېرىم كىچىدىمۇ نەخ پۇلغا ئايلاندۇرالايسىز. بولۇپمۇ ھازىرقىدە ھېلى بار تور ھېلى توختىتىلىدىغان دەۋىردە توردا ياكى بانكىدا پۇل ساقلايمەن دېيىش ئەخمەقلىق. چۈنكى نەخپۇلدىنمۇ موقۇملىق مۇھىم.25800.00 سومدىن يوقۇرى توختاش ئېھتىماللىقى بولسا ئۇچۇر قىلسىڭىز خالىس خىزمەتتە بولىمەن( خوتەن ، قەشقەر، ئۈرۈمچى دائىرىسىدە) ئۆسسە تەلەي، چۈشسىمۇ تەلەي. بىر خىل باھادا تۇرسا زىيان چىكى 200 سومدىن 500 سومغىچە بولىدۇ.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:52:24

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:45 static/image/common/back.gif
نۇسخنىڭ مۇرەككەپ ئاددىلىقىغا قاراپ ئىش ھەققىمۇ ئوخشا ...

يۇقىرى باھادا مال كىرگۈزىۋالسەڭلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىسىلەر؟ ياكى سىلەرمۇ كۆرسەتكۈچ يۆلىنىشىنى تەھللىل قىلىپ تۇرامسىلەر؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:56:31

0996 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:52 static/image/common/back.gif
يۇقىرى باھادا مال كىرگۈزىۋالسەڭلەر قانداق بىر تەرەپ  ...

شۇ ۋاقىتتىكى باھادىن قىممەت ئېپسالساڭلا دېمەكچىمۇ ياكى ئېپبولغاندىن كېيىن چۈشۈپ كەتسە دېمەكچىمۇ؟

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:59:39

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 21:51 static/image/common/back.gif
قىزىل ئالتۇن سېتىۋالغاندىن كېيىن ساتسا 60% زىيان چىقىدۇ ...

‏قىزىل ئالتۇن ، ئاق ئالتۇن تەبىئي مەدەنلەرمۇ ؟ ياكى سېرىق ئالتۇنغا بەزى مېتاللارنى قوشۇپ ئاندىن ياسالغانمۇ؟

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 23:01:30

sabira يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:59 static/image/common/back.gif
‏قىزىل ئالتۇن ، ئاق ئالتۇن تەبىئي مەدەنلەرمۇ ؟ ياكى س ...

ئاق ئالتۇن تەبى بولىدۇ. قىزىل ئالتۇن ئارلاشما.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 23:05:50

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 22:56 static/image/common/back.gif
شۇ ۋاقىتتىكى باھادىن قىممەت ئېپسالساڭلا دېمەكچىمۇ يا ...

ئېپ بولغاندىن كىيىن شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتسە دىمەكچى…

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 23:09:04

gulahmalik يوللىغان ۋاقتى  2014-6-12 23:01 static/image/common/back.gif
ئاق ئالتۇن تەبى بولىدۇ. قىزىل ئالتۇن ئارلاشما.

‏تەپسىلىيرەك چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن، مەسىلەن: قىزىل ئالتۇن سېرىق ئالتۇنغا نەچچە پىرسەنت قايسى خىل مىتالنى قوشۇپ ياسىلىدۇ؟ ساپلىق دەرىجىسى ھەممە يۇرتتىن سېتىۋالغاننىڭ ئوخشاش بولامدۇ؟
‏ئاق ئالتۇن قانداق مەدەن؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 01:06:06

سېرىق ئالتۇنغا مىسنى %20 دىن ئوشۇق قېتىۋەتسە قىزىل ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ. ئاساسەن سېرىق ئالتۇن مىقدارى %60 ئەتراپىدىكىسى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئاق ئالتۇن ئىككى خىل بىرسى پىلاتىنا بۇ ساپ مېتال . يەنى بىرسى سېرىق ئالتۇنغا كۈمۈش، نىكېل قوشۇپ تەڭشىگىنى تەركىبىدە سېرىق ئالتۇن %75 بولىدۇ.  

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 01:25:42

ما تېمىدا سورالغان نەخ گەپكە كېلىلى :
توردا ئالتۇن-كۈمۈش سودىسى قىلىشنىڭ ھۆكمى
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. توردىن كۈمۈشنىڭ باھاسى تۆۋەنلىگەندە سېتىۋېلىپ، باھاسى ئۆسكەندە سېتىپ پايدا ئالغاندا قولىمىزدا ھەقىقىي كۈمۈش بولمايدۇ. پەقەت توردىكى كۈمۈشنى سېتىۋېلىپ-سېتىپ ئارىلىقتىن پايدا ئېلىنىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟

يەنە بىر سوظال: جاۋاب بەر سەڭلار؟ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن توردا قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلماقچى ئىدىم ئەمما بەزەن تەرەپلىرىنى تازا توغرا بولماي قالارمۇ دەپ سەل سەل ئىككىلىنىپ قالدىم شۇڭا ماڭا بىر يول كورسەتكەن بولساڭلار. بۇ توردا ئېلىپ توردا ساتىدىغان بىر خىل تىجارەت بۇلۇپ بانكا تەرەپ مەيلى ئالساق مەيلى ساتساق بىزدىن ھەر گرامى ئۈچۈن 0.8 يۈەن پۇل تۇتىدىكەن. شۇڭا بۇ قانداق بولار؟ جاۋاب بەرسەڭلار. تەپسىلاتى: قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىدىن بىر ھېساب نومۇرى بېجىرىمىز ، شۇ كارتا ھېسابى ئارقىلىق بانكىنىڭ تور مۇلازىمىتى ياكى بىۋاستە بانكا مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق سودا قىلىمىز. باھاسى چۈشكەندە تۆۋەن نوختىدىن ئالىمىز، قەغەز ئالتۇن سودىسىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا بولمايدۇ. پەقەت ئۆسۇشكىلا ئالىمىز ھەم بازارنىڭ ئۆزلۈكسىز تەۋرىنىشى بىلەن مەلۇم پايدىغا ئېرىشكەندە مالنى سېتىپ چىقىرىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا سودا قىلغۇچى بىۋاستە ئالتۇن بىلەن ئۇچراشمايدۇ پەقەت كارتا ھېسابىدىكى مەبلەغنىڭ سوممىسى بىلەن پايدا زىيان بولغاننى بىلىمىز. قەغەز ئالتۇن سودىسىدا بانكىلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ھەر گىرامغا رەسمىيەت ھەققى ئۇچۇن ئالتە مودىن بىر سومغىچە مۇلازىمەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ. ھەرقايسى ۋاقىت رايونلىرى ھەم رايونلارنىڭ پەرقى بولغانلىقى ئۇچۇن قەغەز ئالتۇن سودىسىدىمۇ مۇئەييەن پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن .

يەنە بىر سوظال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. دىيارىمىز قەشقەردە كومپىيوتېر تورىدا ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىش بەك ئەۋىج ئەپ كەتتى. بۇ ئېلىم-سېتىمنىڭ شەكلى تۆۋەندىكىچە: مەن ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىش ئۈچۈن ، ئاۋال بانكىغا بىرىپ كارتىدىن بىرنى بىجىرىمەن ، ئاندىن بانكا كارتامغا ئېلىم-سىتىم قىلغۇدەك پۇل قويىمەن، ئاندىن بانكا تورىغا كىرىپ كارتا نۇمۇرىمنى كىرگۈزۈپ ئېلىم-سىتىم مەيدانىغا كىرىپ ئالتۇن-كۈمۈش ئېلىم-سىتىم قىلىمەن، مەسلەن: بازاردا ئالتۇننىڭ گىرامى 300 كوي بولسا بانكا تورىدىن گىرامىنى 302 كوي ئەتراپىدا پايدا بىرىپ سىتىۋالىمەن، ساتىدىغان ۋاقتتا ئالتۇننىڭ بازار باھاسىىنىڭ گىرامى 302 كوي بولسا بانكا 300 كوي ئەتىراپىدا سىتىۋالىدىكەن. بۇ خىل باھالار كۈندە نەچچە يۈز قىتىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. دىمەك ئارلىقتا مەبلەغ سالغانلار زىيان تارتىپ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بانكا پايدا ئالىدىكەن. بۇ خىل سودا ھالالمۇ ياكى ھاراممۇ؟

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.

بۇ خىل سودا شەرئى جەھەتتىن چەكلىنىدۇ، سەۋەبى:

بىرىنچىدىن: بۇ ئەسلى قولىدا يوق نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ساتقۇچىنىڭ قولىدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش يوق. ھېسابىدا قەرز ياكى ئامانەت پۇل بار.

رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەكىم ئىبنى ھىزام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: ”قولۇڭدا بولمىغان نەرسىنى ساتما“ دېگەن.(سۇنەن كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلغان. ئالبانى سەھىھ دېگەن.)

ئىككىنچىدىن: تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدىغان نەرسىنى سېتىشتىن ئىبارەت. چۈنكى ساتقۇچى ئالتۇن ياكى كۈمۈش تاپشۇرۇپ بېرەلمەيدۇ.

ئۈچىنچىدىن: بۇ سودىنىڭ ماھىيىتىنى كۆزدە تۇتساق ئەمەلىيەتتە بۇ قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن ئىبارەت. قەرزنى قەرزگە سېتىشنىڭ كۆپ خىلى چەكلەنگەن.

تۆتىنچىدىن: بۇنى ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسى دەپ تۇرساقمۇ، بۇنىڭدا ئالتۇن ياكى كۈمۈش سودىسىدا شەرت قىلىنغان بويىچە شۇ سورۇندا ئالتۇن ياكى كۈمۈشنى تاپشۇرۇش بولمايدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قەغەز پۇللارنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۇشتا نەخمۇ-نەخ، قولمۇ-قول بولۇشى شەرت.

ئەمرۇ ئىبنى دىينار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ مىنھال مۇنداق دېگەن: مەن سەرراپلىق (تەڭگە بىلەن تىللانى بىرىنى بىرىگە ئالماشتۇرۇش) تىجارىتى قىلاتتىم، زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا سورىسام، ئۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن، دېدى. يەنە ئەمرۇ ئىبنى دىينار بىلەن ئامىر ئىبنى مۇسئەب ئىككەيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇلار ئەبۇ مىنھالنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: مەن بەرائ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن زەيد ئىبنى ئەرقەم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بۇ توغرىدا سورىسام، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دېيىشتى: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زامانىدا تىجارەتچى ئىدۇق، شۇڭا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سەرراپلىق ھەققىدە سورىغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ: «نەق بولسا كېرەك يوق، ئەگەر نېسى بولۇپ قالسا، دۇرۇس بولمايدۇ» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 2060ـ 2061-ھەدىسلەر)

يۇقىرىقى شەكىلدىكى سودىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەنگەن سودىلار، سىز دېگەن ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا ئاشۇ چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى باركەن.

دېمەك بۇ سودا پەقەتلا قەرز پۇلنى قەرز پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، كۆڭلىمىزدە ئۆزىمىزنى كۈمۈش ئېلىپ-سېتىۋاتىمەن دەپ قانائەتلەندۈرۈپ مەۋھۇم دۇنيادا ئۆزىمىزنى گوللاشتىن ئىبارەت.

خۇلاسە: بۇ سودا توغرا بولمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

2011-5-16
http://www.patiwalar.com/?p=622

مۇشۇنداق پەتىۋا بولغانلىقى ئۈچۈن توردا ئالتۇن زىبۇ-زىننەت ساتىدىغان سودا قىلىش ئىشىدىن ۋاز كەچكەن، بولمىسا ئاللىبۇرۇن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىمۇ بۇ ئىش رېئاللىققا ئايلىناتتى، ئەمما لېكىن بىراق خوشېقىپ قالسا توردا نۇسخا تاللاش ئىشىڭىز ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 01:36:10

يەنە بىرسىگە مەن بەزى ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ئۈزۈك سېلىۋالغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئەرلەرنىڭ ئالتۇن ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن ئۈزۈك سېلىشى ھارام بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا ئۈزۈك سېلىش توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلگەن ، بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ
http://www.patiwalar.com/?p=791
بەت: 1 [2] 3
: توردىن ‏ئالتۇن زىبۇ-زىننەت سېتىۋېلىش توغرىسىدا