akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 19:55:28

مېنىڭ ئېگىلىشىمچە ۋىتامىن، ۋىتامنىن د2 ۋە ۋىتامىن د3 دەپ ئىكى خىل بولىدىكەن، راديوفان دېگەندەك تېرە قوياشتىن ئالغان uv رادىئاسيونى نەتىجىسىندە  سېنتىزلىنىپ ۋىتامىن د3 ئىشلەپچىقىرىدىكەن، ۋىتامىن د2 نورمالدا ئۆسۈملۈكلەردە بولىدىكەن.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 20:09:29


گۈلقەنتنىڭ ئاشقازانغا پايدىلىق بولۇش سەۋەبىنى مەن مۇنداق پەرەز قىلدىم، ھاۋالىق ۋە ھاۋاسىز ئەھۋاللاردا كۆپىيىدىغان باكتىرىيەلەر بار، باكتىرىيەلەر ئىنسان بەدىنىگە پايدىلىق باكتىرىيە ۋە پايدىسىز باكتىرىيە دەپ ئىكى خىل بولىدۇ، گۈلقەنتنىڭ پايدىلىق سەۋەبى: ئىنسان بەدىنىگە پايدىلىق باكتىرىيەلەر ئىنىرگىيەنى قوياشتىن ئېلىش ئارقىلىق (چۈنكى باكتىرىيەلەر كۆپىيىش ئۈچۈن ئىنىرگىيەگە مۇھتاج ) ھاۋاسىز قۇتۇدا كۆپىيىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى باكتىرىيەلەر ئاشقازانغا كىرگەن يېمىكلىكلەرنى پارچىلاش ئارقىلىق ئاشقازاننىڭ خىزمىتىنى يېنىكلىتىدۇ ۋە ئاشقازاننى راھەتلىتىدۇ.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-24 20:11:37

كىچىك بالىلارنىڭ كۆرپىسىنى ئاپتاپقا سېلىش ۋىتامىنى د ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مىكروپلارنى ئۆلتۈرۈش، دېزىنۋىكسىيەلەش ئۈچۈندۇر.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 10:29:57

:o ئۇيغۇر تېبابىتىگە مۇناسىۋەتلىك گەپنى زادى ئۆزىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن چۈشەندۈرمەي زامانىۋى ئاتالمىلار بىلەن چۈشەندۈرىمىز دەپ زورۇقۇپ كەتسەك مۇشۇنداق مەسىلە كىلىپ چىقىدىكەن. بىلمىگەن يەرلىرىمنى بىلىۋالدىم. رەھمەت:)

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:57:26

تۈنۈگۈن ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئالدىراپ تېنەپ يازغان ئىدىم، ئازراق كام يېزىپ قويۇپتىمەن، يەنە قېتىپ قوياي، باكتىرىيەلەر ئوزۇقلۇق ئۈچۈن شېكەر قۇبۇل قىلىدۇ، چۈنكى شېكەر باكتىرىيەلەر ئۈچۈن مول بولغان كاربون مەنبەسى.
بەلكى ئۇ باكتىرىيىلەر ئاشقازان ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاسىت ئىشلەپچىقىرىدۇ.  

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 14:58:08

بىرزات ھەكىم، گۈلنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن گۈلقەنت ياسسا بولامدۇ دەپ سورىسام جاۋاپ بەرمەپسىزغۇ؟

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 15:52:19

سۆگەتگۈل دە ياسىسا بولماسمىكىن

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 20:10:40

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 14:58 static/image/common/back.gif
بىرزات ھەكىم، گۈلنىڭ ھەممە تۈرلىرىدىن گۈلقەنت ياسسا ب ...

زەھەرسىز ئىكەنلىكى ئىنىقسىز بولغان ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن باشقىلىرىدا گۈلقەنت سالسا بولىشى مومكىن. مەن ياساپ باققان گۈلقەنت تۈرلىرى:
پىننە گۈلقەنت
قىزىلگۈلقەنت
رەيھان گۈلقەنت
زاراڭزا چېچىگى گۈلقەنت
ئاپتاپپەرەس چېچىگى گۈلقەنت
يالپۇز گۈلقەنت
جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى
.....................................................................
ئۇنىڭدىن باشقا كىتابلاردا كۆرسىتىلگەن گۈلقەنت تۈرلىرىدىن:
يانتاق چېچىگى گۈلقەنت
خەشخاش گۈلقەنت
چىلاپا گۈلقەنت
يۇلغۇن چېچىگى گۈلقەنت
قوغۇن چېچىگى گۈلقەنت
چامغۇر چېچىگى گۈلقەنت
شۇمبۇيا چېچىگى گۈلقەنت دېگەندەكلەر بار.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-25 20:17:39

akida525 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-25 14:57 static/image/common/back.gif
تۈنۈگۈن ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ئالدىراپ تېنەپ يازغان ئى ...

رەھمەت تولۇقلىمىڭىزغا. تېمىدىكى ۋېتامىن د غا مۇناسىۋەتلىك جۈملىنى تەھرىرلىۋەتتىم. مەن بۇ تەرەپلەردىن چۇڭقۇرراق ئىزدىنىپ باقسام بولغۇدەك.{:103:}

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 12:39:49

سىزگىمۇ رەھمەت.:)

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 13:59:30

ھەكىم رەسىمدىكى گۈلقەنىت ئاپتاپتا پىشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن شىكەرنى قيام قىلىپ سۈيۇلدۇرغىنىمۇ يا ئەسلىسىمۇ ؟
يەنە بىرگەپ گۈلقەنىت پىشىپ بولغاندىن كىين ھەسەل قوشۇپ سۇيۇلدۇرساق بولامدۇ ؟
قايسى ياخشى ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 19:00:31

oyuncu يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 13:59 static/image/common/back.gif
ھەكىم رەسىمدىكى گۈلقەنىت ئاپتاپتا پىشۇرۇپ بولغاندىن ك ...

سۈرەتتىكىىسى پىشىپ بولغاندىن كىيىن ھېچقانداق بىر نەرسە قوشۇلمىغىنى، يەنى ئەسلىسى.  ئادەتتە ياخشى پىشقان گۈلقەنتنى شىكەر قىيامىنى قىزدۇرۇپ گۈلقەنتنى سۈيەلدۈرۈشنىڭ پەقەتلا زۆرۈرۈرىيىتى يوق.
ئەگەر گۈلقەنتگە ھەسەل قوشۇش مەقسىتىمىز بولسا ئەسلىدە قوشۇشقا تېگىشلىك شىكەر مىقدارىنى بىر ئاز ئازلاتساق بولىدۇ.  

oyuncu يوللانغان ۋاقتى 2014-7-18 15:56:55

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-6-26 19:00 static/image/common/back.gif
سۈرەتتىكىىسى پىشىپ بولغاندىن كىيىن ھېچقانداق بىر نەر ...

بىلدىم رەخمەت
بەت: 1 2 3 4 [5]
: موھىم مەخپىيەتلىكنى دەپ سالىدىغان بولدۇم. گۈلقەنت ياساش ۋە ئىستىم...