Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 21:13:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-29 21:30  

گۈلقەنتلەرنىڭ تۈرى خىلى كۆپ بولۇپ كىشىلەر بەكرەك ياقتۇرۇپ يەيدىغان ھەم ھەر خىل مىزاج، ھەر خىل ياشتىكىلەرگە ئۇنۋېرسال ماس كىلىدىغانراقى ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنت بولغاچقا ھەمدە ھەر قانداق ئادەم ئۆزى ئۆيىدە قىلىۋالالايدىغان بولغاچقا بۇ تېمىدا شۇنى ئاساس قىلىپ تونۇشتۇرغان ئىدىم.
بۇ تېمىغا تورداشلارنىڭ گۈلقەنتلەر ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەزمۇننى قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم.
قىزىلگۈلقەنتنىڭمۇ نەچچە خىل تۈرى بار:
ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان - ئوزۇقلۇق قۇۋۋەتلەرنى، ئاشقازان ، بۆرەكنىڭ ئىسسىقلىقىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
زەپە ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان - قاننى جانلاندۇرۇش، زىھنى قۇۋۋەتنى، يۈرەكنى ياخشىلاش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
ئاقلانغان بادام مېغىزى ئارىلاشتۇرۇپ سالىدىغان - ئۆپكە نەپەس يوللىرىدا مەسىلە بار، تېبۇركوليۇز، زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا ماس كىلىدۇ.
بىز بۇلتۇر ھەسەل بىلەن زەپەنىڭكىنى ئازىراقتىن تەييارلىغان ئىدۇق، بەك بازارلىق بولۇپ كىتىپ بالدۇرلا تۈگەپ كەتتى.
ئۇندىن باشقا باشقا چېچەك تۈرلىرىدىن :
جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى - ھېس-تۇيغۇنى كۈچەيتىپ شەھۋەتنى ئاشۇرىدۇ.
زاراڭزا چېچىگى گۈلقەنتى - قاننى جانلاندۇرىدۇ، تېرىگە جۇلا بىرىدۇ. ئاق كېسەل بىمارلىرى قوشۇمچە ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئانار چېچىگى گۈلقەنتى - ھۆللۈكنى قۇرتىدۇ، قان توختىتىدۇ. ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
يانتاق چېچىگى گۈلقەنتى - بوۋاسىر كېسىلى بارلارغا ماس كىلىدۇ.
ئاپتاپپەرەس چېچىگى گۈلقەنتى - بۆرەك، دوۋسۇندا تاش بار كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ.
خەشخاش (كۆكنار چېچىگى) گۈلقەنتى - ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۆتەل پەسەيتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختۇتۇش مەقسىتىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ. كىچىك بالىلارغا بىرىلمەيدۇ.
ئۆسۈملۈك يوپۇرمىقىنى ئېزىپ سالىدىغان گۈلقەنتلەردىن:
پىننە گۈلقەنتى - ئاشقازان، ئۆت كېسەللىكلىرىدە ئىستىمال قىلىنىدۇ.
يالپۇز گۈلقەنتى - ئاشقازان يەللىكى
رەيھان گۈلقەنتى - ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ئاجىزلىقىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.›› دېگەندەكلەرنى تەييارلاش مومكىن.
قىزىلگۈلدا سالغان گۈلقەنتلەردىن باشقىلىرىنى ھەر خىل كېسەللىكلەردە قاراتمىلىق ئىستىمال قىلىپ بىرىشكە بۇيرۇلىدۇ. تەمى، پۇرىقى، رەڭگى ئاپتاۋى قىزىلگۈلقەنتنىڭكىدەك يېيىشلىك ئېسىل چىقمايدۇ. شۇڭا باشقا چېچەك، ئۆسۈملۈك گۈلقەنتلىرى كەمدىن-كەم سىلىنىدۇ.
تېۋىپ-دورىگەرلەردىن ئىتتىك تاپقىلى بولىدىغان گۈلقەنتلەردىن:
قىزىلگۈل گۈلقەنتى
پىننە گۈلقەنتى
ئانار چېچىگى گۈلقەنتى
يالپۇز گۈلقەنتى دېگەندەكلەر.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 21:36:05

رەھمەت بىرزات ئەپەندى ، ئاپتاپپەرەز چېچىگى ، يانتاق چېچىگى ، رەيھان گۈلقەنتى قاتارلىقلرنىڭ قانداق تەسەرى بار ، مالال قىپقويدۇممۇيە ؟ :)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 22:04:26

تېلفۇندا تەپسىلىي ئىنكاس يېزىپ بولغىلى بولمايدىكەن. قالغان سۇئال لارغا ئىنشائاللاھ ئەتە جاۋاپ يازاي.:)

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 22:27:58

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 17:21 static/image/common/back.gif
ئۇسسىغاقنىڭ دورىسى بىزدە با. سىلى قۇرتنى كۆپ يەۋەلماي ...

سىللە دىگەندەك ساز قۇرۇتلار 9-ئايلاردا كەڭرى بولىدۇ.  قېنى ھازىرمۇ ئىزدەپ باقاي.  چىقمىسا بانى ئەكىرەمەن.  
قۇرۇتنىغۇ جىق يىمەيمەن. داداممۇ بەك ئۇسساپلا تۇردىغان ئادەم.  ئېرسىيەت قالغان ئوخشايدۇ.  ئىچىملىك، مىنرال سۇلارنى تاشلىغىلى خېلى بولدى. مەھمۇت چايلىرىنى ئىچىۋەرسە لەززىتى قالمايدىكەن بۇنىڭ.  نوچى چايلاردىن بىر تەۋسىيە قىلغاچ ئۇسسۇزلۇقنىڭ دارىسىدىن پىشكە قىپ بەسىللىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ. قېنى بى  شە تەرەپكە ئۆتكەندە يانلىرىغا بېرىپ گۇڭۇر مۇڭۇر مۇڭداشقاچ  دىيشەمىز قاغىننى ئىنشائاللاھ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 22:31:07

ھېلىقى توك كۆپەڭلار بارمىكىن دىسەم يوقاپ كىىپتىغۇ؟
پايدا چىقماي، زىيان چىقىپ تاشلىۋەتتىڭلارمۇ يا؟:lol

قارىسام ھازىر جەمىيەتتە شو كۆپە دىگەن ۋاشاڭكەن، ئەمما ئەينى ۋاقىتتا سىلىنى راست گەپ قىلىدىغان تىۋىپ دەپ بىلگەچكە كۆرپەڭلارغا ئىشەنگەن، ۋە باشقىلارغا ساتقىنىڭلارنىمۇ كۆرگەن ئىدىم. باھاسىمۇ مۇۋاپىقكەنتۇق، ئەمدى قارىسام بىرزات شىركىتى نامىدىن ياسىدۇق دىگەن كۆرپەڭلار يوقتەك قىلىدۇ.

بۇ گۈلفەتتىنمۇ جىق پايدا چىقمىسا يوق قىلاسىلە ھەقاچان:lol

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 22:51:18

زەپە چاي ئىچىپ قالغان كۈنۈم ئون-ئون بەش كۈنگىچە كېچە سائەت ئىككىگىچە ئۇخلىيالمايمەن، ياكى ئىككىدە ئۇيقۇم ئېچىلىپ كېتىدۇ. بۇ زەپەنىڭ ئىشىمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ؟

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 23:16:01

ئاپام ھەر يىلى باغدىكى گۈللەرنى ئۈزۈپ ئۈزى بىر قوللۇق گۈلقەنت تەييارلايتى . ئىككى يىل بولدى باغدىكى گۈللەر قۇرۇپ قېلىپ تۈزۈك گۈل يىغىلماي بازاردىن گۈل ئېلىپ گۈلقەنت تەييارلاۋاتىمىز .
ئوغلۇم گۈلقەننىڭ پۇرىقىنى پۇراپ قالسا باشقا ھەممە ئىشىنى قۇيۇپ شۇ گۈلقەننى تېپىپ قورساق تويغىدەك يەۋالمىسا ئۇنىمايدۇ . زىيان قىلىپ قالامدىكىن دەپ ئىگىز يەرگە ئېلىپ قۇيىمىز شۇندادىمۇ يەنە يەيتىم دەپ غەلۋە قىلىپ ئۇنىمايدۇ .
ھەكىم مۇشۇ گۈلقەننى كۆپ يىۋالغاننىڭ زىيىنى بارمۇ بۇلۇپمۇ بالىلارغا

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 08:49:43

ما تېمىنى بىر زاتنىڭ تەشۋىقات تېمىسىغا ئايلاندۇرىۋاپسىلە ھە ؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 10:34:43

بىر ئىككى كىلو سەپبېرەملا ھاجىم ..................

elturk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 10:48:13

:handshakeئەستا...مىنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغانغا  زوقۇم يوقتى....بىرونىڭ سايىسىنى پەش قىلىپ. :lol بىر قوشۇق يىگۈزۈپ قويمىسىلىمۇ .كۆزلىرىگە بىر قارىساملا ئىنىق بولىدۇ  قالغېنى.  كەلگۈسى ئىككى كۈن ئىچىدە

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 10:53:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aral52 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 10:54  

تېمىنى ئوقۇپ مۇنداق بىر ئويغا كەلدىم:
يانتاقنىڭ چىچىكىدىن ، جىگدە چىچكىدىن ، زاراڭزا چىچىكىدىن،..دىگەندەك بىر قاراپلا زەھەرسىز لىكىنى بىلگىلى بولدىغان ھەرقانداق چىچەكتىن گۈلىقەنىت ياساشقا بولۇش ئھتىمالللىقى چوڭراقمۇ قانداق ..؟ مەسىلەن ئۈرۈك چېكچى گۈلقەنتى..
مىسال ئەتىيازدا ئۈرۈك چېچەكلەپ ئۆزى تۈزۈپ چۈشۈپ كىتىدۇ.نۇرغۇن چېچەك ئىسراپ بولۇپ كىتىدىكەن.ئۈرۈك ئاستىغا پاكىز پالاس سېلىپ چىچەكلەرنى يىغساق....ئامۇت چېچىكىمۇ ئوخشاش بادام ، شاپتۇل ..چېچەكلىرىدىن ياسۋالساقمۇ بولغىدەك...ئىشقىلىپ زەھەرسىز بولغان ھەرقانداق چېچەكلەردىن گۈلقەنىت ياساشقا بولىدىكەن..دە...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 10:54:20

sherqi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 21:36 static/image/common/back.gif
رەھمەت بىرزات ئەپەندى ، ئاپتاپپەرەز چېچىگى ، يانتاق چې ...

مەزمۇننى تولۇقلاپ قويدۇم، تېمغا تەكرار كۆز يۈگۈرتۈپ چىققايلا!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 10:58:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 11:04  

tilmix يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 22:31 static/image/common/back.gif
ھېلىقى توك كۆپەڭلار بارمىكىن دىسەم يوقاپ كىىپتىغۇ؟
پا ...

كۆرپىنىڭ ئۇششاق ئىشلىرى تولا ئىكەن، يېتىشىپ بولالماي قىلمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە نېمىسى بىزنىڭ قولىمىزدىن چىقمىغاندىكىن سۈپەت مەسىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىپ بولالماي قالىدىكەنمىز.
لىكىن گۈلقەنت ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن چىققاندىكىن ، - ئىنشائاللاھ،  توختاپ قالماس. گۈلقەنتنىڭ كونىسى ياخشى دەپ 2-3 يىللىق كونا گۈلقەنت بارمۇ دەپ ئىزدەپ كىلىدىغانلار بار. شۇڭا زىيانمۇ چىقمايدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 11:38:51

كىشىلەر ئاپتاپقا قاقلانغاندا ۋىتامىن D نىڭ تولۇقلىنىشىدىكى سەۋەپ ئىنسان تېرىسىنىڭ ئاپتاپتىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى قوبۇل قىلىپ ۋىتامىن D3 كە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى بار،   ۋىتامىن D3 ھاسىل بولغاندىن كىيىن ئىنسان بەدىنى ئاندىن ئۇنى ۋىتامىن D غا ئايلاندۇرالايدۇ.
ھاجىمنىڭ 'گۈلقەننى ئاپتاپقا سېلىشتىكى بىر مەقسەت ئۇنىڭغا ۋىتامىن D نى كۆپلەپ قوبۇل قىلغۇزۇش ' دىگەن گېپى  پەقەت گۈلقەنت 'بەدىنى' دە ئادەم بەدىنىدىكىدەك شۇنداق ئىقتىدار بولسا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.ھاجىم باشقا بىرەرخىل ئىشەنچىلىك مەنبەلەردە شۇنداق تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇچراتتىمىكىن، بولمىسا يۇقارقى سۆز پەقەتلا ئىلان سۆزى ھىساپلىنىدۇ:lol  
'ئاپتاۋى گۈلقەنت' دىگەن سۆز ئۆزلەنىڭ ئىجادىيتىمۇ ياكى باشقا يەرلەردىمۇ شۇنداق ئاتىلامدۇ. بۇ سۆز 'سەۋزىدە ئېتىلگەن پولو' دىگەندەك بىلىنىپ كەتتى، دەيمىنا، تاۋار ماركىسى بولسا ئۇ باشقا گەپ بولاتتى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 13:49:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 17:22  

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 11:38 static/image/common/back.gif
كىشىلەر ئاپتاپقا قاقلانغاندا ۋىتامىن D نىڭ تولۇقلىنىش ...

گۈلقەنتنىڭ ئاپتاپنىڭ تەپتىدە پۇشۇرۇلۇپ تەييارلانغاندىن كىيىن ئىستىمال قىلغاندا بىز يەۋاتقان قۇۋۋەتلەرنىڭ ئوبدان سۈمۈرلۈپ بەدەندە كۈچ-ماغدۇرنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى خەلقىمىز نەچچە يۈز يىللىق ئەمەلىيتىدە ئىسپاتلىغان قاراش. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ۋېتامىن د نى بىلمەيدىغان ۋاقىتلاردىمۇ قۇياش نۇرىنىڭ ئادەم بەدىنى ئۈچۈن بەك زۆرۈرلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا گۈلقەنتىنى ئوچاققا ئىسىپ پۇشۇرماي ئاپتاپقا سىلىپ پۇشۇرغان ئىكەن. مەنمۇ ئادەم قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ۋېتامىن د نى ئاپتاپقا قاقلىنىش ئارقىلىق 90 نەچچە پىرسەنت قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى تېخى نەچچە يىللا بولدى. مەن شۇ ئاپتاپ يەپ ئوبدان پىشقان گۈلقەنتنىڭ ۋېتامىن د نىڭ رولىنى ئۆتىيەلەيدىغان ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ گۈلقەنت تومۇزغا سىلىنىش ئارقىلىق ۋېتامىن د نى قوبۇل قىلىشى مومكىن دەپ تەخمىن قىلدىم. لىكىن ئەپسۇسلىنارلىقى ئاپتاپ يەپ پىشقان گۈلقەنتنى تەجىربىخانىغا ئەكىرىپ ۋېتامىن د نىڭ قانچىلىك مىقداردا قوبۇل قىلغانلىقىنى ئايرىپ باقمىدۇق. قىزىققۇچىلار بولسا تەجىربە ئىشلەپ باقسا بولىدۇ.
ئاۋۇ ئاپتاۋى گۈلقەنت دەپ ئاتاشقا كەلسەك ھازىر ئىتتىك بازاردا ئاپتاپتا پۇشۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا سىتىلىدىغان گۈلقەنت بىلەن سىلىشتۇرما بولسۇن ئۈچۈن ئېيتىلغان. تېما باشلىنىشىدا ھېچقانداق ئىلان-تەشۋېقات خاراكتىرىنى ئالمىغان ئىدى. ئىنكاسلار جەرياندا شۇنۇڭغا مۇناسىپ گەپلەر چىقىپ قىلىپ سىلىگە مالاللىق يەتكەن بولسا ئۆزرىلەر{:92:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 13:53:42

aral52 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 10:53 static/image/common/back.gif
تېمىنى ئوقۇپ مۇنداق بىر ئويغا كەلدىم:
يانتاقنىڭ چىچىكى ...

گۈلقەنتلەر دەيدىغان بىر كىتابچە بار ئىدى، يۈسۈپجان ئىسىملىك بىر كىشى تەييارلىغان. كىتابخانىلاردا بار. كۆرۈپ پايدىلانسىلا بولىدۇ. 30-40 تەك گۈلقەنت تۈرلىرى، ياساش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرغاندەك ئىسىمدە.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 13:54:47

Erktekin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 10:34 static/image/common/back.gif
بىر ئىككى كىلو سەپبېرەملا ھاجىم ..................

قاچان ئەۋەتىپ بىرەي؟، تېلفۇن قىلسىلا ئەمىسە!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 13:57:31

QUYASH يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 22:51 static/image/common/back.gif
زەپە چاي ئىچىپ قالغان كۈنۈم ئون-ئون بەش كۈنگىچە كېچە سا ...

ئەمەلىيەتتە زەپە نېرۋىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئۇيقۇ كەلتۈرەتتى. سىلىنىڭ يۈرەكنىڭ بەكرەك ئىسسىقى بولسا شۇنداق بولغان بولسا كېرەك. زەپەنىڭ خۇسۇسىيىتى قان تومۇر ، نېرىپلارنى جانلاندۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 15:26:42

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 10:54 static/image/common/back.gif
مەزمۇننى تولۇقلاپ قويدۇم، تېمغا تەكرار كۆز يۈگۈرتۈپ  ...

كۆپ رەھمەت

karluk يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 16:12:29

تېلفۇن قىلسا قەتتى ئالمايدۇ بۇ تىۋىپ:)
بەت: 1 2 [3] 4 5
: موھىم مەخپىيەتلىكنى دەپ سالىدىغان بولدۇم. گۈلقەنت ياساش ۋە ئىستىم...