radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 16:48:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 16:50  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 13:49 static/image/common/back.gif
گۈلقەنتنىڭ ئاپتاپنىڭ تەپتىدە پۇشۇرۇلۇپ تەييارلانغان ...

ھەكىم ما گەپكە ئىسپات كېتىدۇ جۇما ...
«مەنمۇ ۋېتامىن د نىڭ قۇياش نۇرىدا 90 نەچچە پىرسەنت بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى تېخى نەچچە يىللا بولدى.»

دېمەك قوياش نۇرىنىڭ 90 پىرسەنتى ۋىتامىن ئا د  بولسا ......

قوياش نۇرى دېگەن يەتتە خىل رەڭدىن تەركىپ تاپقان ئارلاشما نۇرلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەركىپ تاپقان ئېلېكتىرو ماگىنىت رادىئاتسىيەسى خالاس . قوياش نۇرىمۇ رادئو دولقۇنلىرىنىڭ بىر بۆلىكىگە تەۋە .  مەن فىزىكا كىتاپتا قوياش نۇرىنىڭ تەركىبىدە ۋىيتناملق ئا د بار دەپ ئۆگەنمىگەن ...

پەقەت ئادەم تىرىسى قوياش نۇرى بىلەن ئۇچراشسا ، بەدەننىڭ ۋىيتناملىق ئا د ئىشلەپچىقىرىشى (ئاجىرىتىپ چىقىرىشى ياكى سىنتىزلىشى ۋاھاكازالار )  كۇچىيىپ ، ۋىيتناملىق ئا د نىڭ كاتالىزاتورلىقىدا  كالتىسىنىڭ بەدەنگە سۇمۇرلۇشى تىخىمۇ ياخشى بولارمىش ...

ۋىيتناملىق ئا د نىڭ ھىكايىسى .
2002 -يىلىنىڭ ئاخىرى ش ج ئۇ غا قوبۇل قىلىنپ ، ئېنگىلىز تىلىنى نۆلدىن باشلىغان چاغلار ئېدى . بىرىنچى مەۋسۇملۇق ئىمتاھانغا ئوقۇپ چۇشىنىدىغان بىر پارچە ماقالە بېرىلىپتۇ .  ماۋزۇسى vitamins . ماقالىنى ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن ، بىې يەرگە كەلسەم ۋىيتناملىقلار  تۆت خىل بولۇپ دەيدۇ ، يەنە بىر يەردە ئادەم بەدىنىگە ناھايتى زۆرۇر دەيدۇ ... ئاھ خۇدا ، بۇ ۋىيتناملىقلارغا نېمە بولغاندۇ:L :'(  ...  سائەت توشقىچە خىلى قايتا ئوقۇدۇم ، ئاخىرى تەپسىلىي قارىسام ئەسلى ۋىيتناملىقلار ئەمەس بەلكى ۋىتامىنلار دېگەن گەپكەن:loveliness:  ...
(2002 - يىلى ئىنگىلىز تىلى ئۆگەتكەن ش ج ئۇ نىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئاينۇر سادىق مۇئەللىم ئامان بولسۇن ، سالامەت بولسۇن ...)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 17:17:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-30 17:26  

radiofan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 16:48 static/image/common/back.gif
ھەكىم ما گەپكە ئىسپات كېتىدۇ جۇما ...
«مەنمۇ ۋېتامىن د  ...
ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر ۋېتامىن د نىڭ 90 نەچچە پىرسەنتىنى قۇياش نۇرىغا قاقلىنىش ئارقىلىق قوبۇل قىلالايدۇ دېمەكچى ئىدىم. قۇياش نۇرىنىڭ 90پىرسەنتى دېگەن ئاۋۇ جۈملىنى تۈزۈشتە راسلا مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ. ئۆزۈرلەر ھەم تەشەككۈرلەر.
ماتېرياللاردا قۇياش نۇرى ۋە ۋېتامىن د توغرىسىدا مۇنداق بايانلار بار ئىكەن:  يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى مۇۋاپىق ھالدا (كۆپىسىنى ئاپتاپقا سىلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ) ئاپتاپقا قاقلاپ بەرگەندە، نۆۋەتتە داۋالاپ ساقايتىش تەس بولىۋاتقان نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئاپتاپقا قاقلىنىش ئىنسانلارنىڭ ۋېتامىن د غا ئېرىشىشتىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى، ھالبۇكى نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر، شىمالدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەردە ۋېتامىن د يېتىشمەسلىكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن قىسقا بولۇشىدىن ئىبارەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 17:20:26

karluk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 16:12 static/image/common/back.gif
تېلفۇن قىلسا قەتتى ئالمايدۇ بۇ تىۋىپ

چەتئەلدىن كەلگەن تېلفۇنلارنىڭ سىگىنالى ياخشى ئەمەس، قوبۇل قىلالمايدىكەنمەن. ۋەتەن ئىچىدە بولۇپ قالسىلا تېلفۇننى ئالماي قالسام 15 مىنۇتتىن كىيىن قايتا ئۇرۇپ باقسىلا، كېچە سائەت 10 دىن كىيىن تېلفۇنۇم ئوچۇق قالغان بولسىمۇ ناتۇنۇش نۇمۇرلارنى ئاساسەن ئالمايمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 17:30:15

ئوزۇقشۇناسلىقتا ئوقۇۋاتقان بالىلار مۇشۇ ھەقتە بىر ئىزدىنىپ باقساڭلار بولغۇدەكمۇ نېمە؟!!! ئاپتاپقا تويغۇزۇپ پۇشۇرۇلغان قىزىلگۈلقەنتتە زادى ۋېتامىن د بارمۇ-يوق، بولسا قانچىلىك ... دېگەندەك. ئەگەر مەن پەرەز قىلغاندەك ئاپتاۋې گۈلقەنتتە ۋېتامىن د يېتەرلىك بولسا قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى تولىمۇ قىسقا بولغان شىمالدىكى دۆلەتلەردە بازار ئىچىپ باقساق {:92:}{:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 19:41:18

شۇڭا نىگىرلار ....

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 07:57:08

يوغىسۇ تەقسىر،مېنى مالال قىلىپ قويمىدىلا، سىلى بىلەن كەسىپداشلاردىن ئەمەسمەن، تىجارەتلىرى داۋاملىق روناق تېپىپ كەتكەي. ھازىرمۇ شەھەردە موتۇسكىلىت مىنىپ تۇرىۋاتاملا {:92:}
ئۇيغۇر تىبابەت دورا، قۇۋۋەت مەھسۇلاتلىرىنى ۋىتامىن، كالىتسىي،ئاقسىل دىگەندەك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ چۈشەندۈرۈشكە ھاجەت بولۇپ قالغىنىمىزنىڭ ئۆزى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش،ئۇيغۇر تىبابەت ئۇقۇملىرى ئاشۇ ئەجنەبىچە گەپلەردەك ئومۇملىىشپ كەتكەن بولسا -ھە.

يەنە بىر گەپ، 'ئاپتاۋى' دىگەن سۆز 'ئاپتاپقا تويۇنغان، ئاپتاپقا سېلىنغان ' دىگەنلىك بولامدۇ ؟ بۇ سۆز ئوماق سۆز ئىكەن، شۇغىنىسى ئىزاھلىق لۇغەتتە كۆرۈنمىگەندەك( توردىنلا ئىزلەپ)، سۆزنىڭ مەنبەسى ئۆزلەمۇ ياكى ؟ بىلىۋالساق ئومۇملاشتۇرساق بولىدىغاندەك بىلىندى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 08:31:30

ئاپتاۋې گۈلقەنت
بۇ گەپنى تۇنجى ئاڭلىشىم، گۈلقەنتنى ئەسلى ئاپتاپقا سېلىپ ياسايدۇ دەپ بىلىمەن.

yanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 10:31:20

karluk يوللىغان ۋاقتى  2014-5-30 16:12 static/image/common/back.gif
تېلفۇن قىلسا قەتتى ئالمايدۇ بۇ تىۋىپ

مەن ھەر قېتىم تېلېفون ئۇرسام ئالىدۇ!

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 17:56:37

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-5-29 20:40 static/image/common/back.gif
پۇرىۋالغۇچىمۇ يېپيېڭى پۇلنىڭ ئاۋازىنى بېرزات ھەكىمگ ...

;P

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-31 19:40:40

بەدەنگە پايدىلىق گەپلەر بولىۋېتىپتۇغۇ مايەردە {:117:}

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:47:13

داۋاملىق تېلىفون ئالىدۇ بۇ ئەدەم، مەنمۇ گۇۋا...
لېكىن تېل قىلمىغىلى ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتتى، ئۆزرىلەر:lol

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 21:49:30

بەك يېگىم كېپ كەتتى، ماۋۇ گۈلقەنتنى، بولسا ئۆزەم بارالىغان بولسام، جىقراق ئالغاچ كەلسەم-ھە!

موھسىنكام بىلەن ئەفيفي ھەم قاسساپ بۇرادەرلەر جەنۇبقا تەكلىپ ئېتىۋاتقان، ھەجەب بىر ۋاقىت چىقىرالماي كەتتىم، خەپ!

Myuluqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 06:29:53

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم.
بۇ تىمىلىرىنى ئوقۇپ بىر گۈھەر تېپۋالغاندەك خۇش بوپ كەتتىم. ئەمدى سىلىدىن شۇنى بىر سورۋالاي.
مىنىڭ 7ئايلىق بولغان قىزىم دائىم سۇغۇق تەرلەيتۇ يىغىسى سەل كۆپ. 7ئايلىق بوغىنىغا 3-4ئايلىق بۇۋاقچىلىك تۇرتۇ. دۇختۇرلارغا كۆرسەتسەك كالتىسى دەمتۇ گېي دەمتۇ ئىشقىپ بىرمىسى كەمكەن دەيتۇ. ئالدىنقى بالام 6ئايدىن ئازراق ئۈتۈپلا ئولتۇغان. ئەمما ماۋۇ قىزىم 7ئاي بولسىمۇ ھېچ ئولتۇراي دىمەيتۇ. ھە راس بۇ بالا تۇلا قۇسسۇتۇ. چۈشنىڭ ئالدىدا قىززىق بولسا چۈشتىن كىيىن مۇزدەك تەرلەيتۇ بەكلا ئۆزگىرىشچان . بېشىنى تۇتسا نورمال قۇرسىقى خېلىلا قىززىق. دۇختۇرلا ئاشقازان ياللۇغىكەن دەپ دورا بەرگەن ئەمما پايدىسىنى كۈرەلمىدۇق. شۇڭا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىلا.
ئانىسىنىڭمۇ ئىشتاھاسى يوق سۈت بۇۋاققا يىتىشمەي قالىدۇ بەزىدە. ئۇشبۇ گۈلقەنتلەردىن بۇۋاققا ھەم ئانىسىغا مۇۋاپىق كىلدىغىنىدىن بىر قوللۇق قىلىپ تەييارلاپ بەرسىلە. قەشقە تەرەپكە بارالمايتمە رامزان ئېيى چىكەتكۈچە. ئەۋەتىپ بەرسىلە مالال كۆرمىسىلە.
مەن ئۈزۈم تىۋىپلەر ماكانىدىن. ئەمما ھازىرقى تىۋىپلەر پۇل ئۈچۈنلا تەر ئاققۇزىۋاتقاندەك بىلنىتۇ. بىر تىۋىپنىڭ قېشىغا باسا يەنە بىرسىنى كەمسىتىۋاتقان ئۈزىنىڭ دورىلىرىنى تەڭداشسىز قىلىپ كۆرسىتۋاتقان... شۇنداق بولغاچ نۇرغۇن كىشىلەر تىۋىپلارغا ئىشەنمەس بۇپ قالدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:10:29

Myuluqi يوللىغان ۋاقتى  2014-6-2 06:29 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندىم.
بۇ تىمىلىرىنى ئوق ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئانىسىنىڭ سۈت تەركىۋىدە بالىغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلار يېتەرلىك ئەمەستەك تۇردۇ. ئانىسىغا بەكەرەك كۈچەپ ئاسىراپ بەرسىلە: سۈتنى كۆپەيتىش ھەم سۈت ئارقىلىق بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن:
مەن گېپىنى قىلغان گۈلقەنتنى يېسە بولىدۇ، يېڭى سېغىلغان كالا سۈتى، سۆڭەك شورپىسى، تۇخۇم شورپىسى دېگەندەكلەرنى ئىچىپ بەرسۇن، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىپ بەرسۇن
. بالىغا ئوبدان ياسالغان نارپىننە شەربىتى ئىچكۈزۈپ بىرىلسە ئاشقازاننىڭ ھەزىم خىزمىتى ياخشىلىنىپ تولا قۇسىدىغان ئەھۋاللارمۇ ياخشىلىنىشى مومكىن. بالىنىڭ كۆرپىسىنى ئاپتاپقا سىلىپ تۇرىلى.
گۈلقەنت ئالماقچى بولسىلا تېلفۇن قىلىپ ئالاقىلاشقايلا!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 22:39:46

joshua يوللىغان ۋاقتى  2014-06-01 21:49:30 static/image/common/back.gif
بەك يېگىم كېپ كەتتى، ماۋۇ گۈلقەنتنى، بولسا ئۆزەم بارال
خوتۇن - بالىلارنى ئىلىپ ئەنجۈر پىششىقىدا بىر كەلسىلە زادى. قەشقەردىن مەن تەكلىپ قىلغان بولاي:D

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 09:14:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېرزاتكا !
ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاشقازىنىمدا ئېغىر بۇزۇلۇش بولدى. بىرە ۋاق تاماقنى كەم يىسەم ، قۇرسۇقۇم ئاچسا ياكى سەللا جىقراق يىسەم ئاشقازىنىم ئاغرىيدۇ. كىچىككىنە يەللىك ياكى ئاچچىق نەرسە يىسەممۇ ئاشقازىنىم كۆپۈپ ئاغرىيدۇ. بۇلۇپمۇ كۈدىدە ئەتكەن تاماقلارنى يەپ قالسام ئاشقازىنىم نەچچە كۈنگىچە كۈپۈپ ئاغرىپ بىئارام بوپ كېتىمەن. ھەم بەك ئاسان ئىچىم ئېلىشىدۇ. كىچىككىنە غەيرى پۇراقنى پۇراپ ياكى غەيرى نەرسىنى كۆرۈپ ئاڭلاپ قالساممۇ كۆڭلۈم ئېلىشىپ  بەزىد تېخى سۇ ياندۇرۇپ كېتىمەن.
ئاشقازىنىم بەكلا ئاجىزلاپ كەتتىمۇ قانداق ؟ بۇنىڭغا قىزىلگۈلقەنت ياكى پىننە گۈلقەنتتىن قايسىسىنى يىسەم مۇۋاپىقتۇ ؟ قىزىل گۈلقەنت سەل تاتلىق بولغاچ يىيەلمەيدىكەنمەن. پىننە گۈلقەنت يىسەم ئاشقازىنىمنىڭ ئاغرىقى ھەر ھالدا ياخشىلانغاندەك ھېس قىلىمەن. تىگىدىن داۋالاش ئۈچۈن قانداق دارا ئىشلەتسەم مۇۋاپىق ؟  مۇشۇ بەك ئاسان كۆڭلۈم ئاينىيدىغان ئىشنىمۇ يۇقاتسام بۇلاتتى ...

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 10:38:04

قىزىل گۈلدىن بىر كىلو كەلگۈدەك قۇرتۇپ شىشىگە قاچىلاپ قويدۇم ، ئەمما گۈل قەنت ياساشنى بىلمەيمەن ، بىرسى گۈلقەنىتنى قىزىل گۈلنى ئۈزۈپلا ياسايدۇ ، قۇرتساڭ بومايدۇ دەيدۇ ، بۇ راستمۇ بىرزات ئەپەندى ؟

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-14 13:34:01

گۈلنىڭ ھەممە خىل رەڭلىرىدىن ياسىسا بولامۇ؟ ئاق بولامدۇ، سېرىق بولامدۇ، يېشىل بولامدۇ، ئەيتاۋۇر، قايسى گۈلنى تاپسا شۇنىڭدا دېگەندەك......

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 15:51:12

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى ، سېرىقماي ۋە ئۇنىڭ تەسىرى توغۇرسىدا ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ؟ مەن ئادەتتە سېرىقماينى كۆپ ئىستىمال قىلىمەن ، لېكىن ئۇ توغۇرسىدا چۈشەنچەم يوق دىيەرلىك ، رەھمەت .

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-23 20:12:04

بەت: 1 2 3 [4] 5
: موھىم مەخپىيەتلىكنى دەپ سالىدىغان بولدۇم. گۈلقەنت ياساش ۋە ئىستىم...