izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 08:34:35

بۇيۇن ئۇمۇرتقا كىسىلىمگە مەسلەھەت بېرىدىغانلار بارمىدۇ..؟


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بۇرادەرلەر.. مەندە  يېقىننىڭ ياقى   بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئۇستىخان ئۈسۈش  كىسىلى
بار بۇلۇپ قالدى..ماڭا مۇشۇ كىسلىمنى قانداق قىلسام بىر ياخشىراق داۋالىتالايدىغانلىقىم توغرىسىدا  بىر مەسلەھەت
بېرىلىپ باققان بولسا..
ھازىرقى رىنتىگىن بىلەن تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىدە دۆختۇرنىڭ دىيىشىچە بۇيۇن ئۇمۇرتقىسى ئۇستىخان
ئۈسۈش كىسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىكەن..ئانچە ئېغىرمۇئەمەس.  دارا يىسىڭىز كونتىرول قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ،
(قۇرسى رىئايى ئەپرەس)(بۇزۇرى جەۋھىرى)قاتارلىق ئىككى خىل دارىنى بەردى .بىر ھەپتە بولدى ياۋاتىمەن..
ئەمما دارىنىڭ تەسىر قىلغىنىنى بىلەلمىدىم..
كىسىلىمنىڭ ئالامىتى..ئىككى قۇلۇمنىڭ ئالقان بارماقلىرى سەل ئۈشىدۇ..يەنە ئىككى مۈرەم تالىدۇ.
ئەڭ چوڭ ئالامىتى تۇلا ھاللاردا ياتىمەن دەپ   ياستۇققا بېشىمنى قويىشىمغا،  بېشىم خېلى ئېغىر دەرىجىدە قايىدۇ.
شۇچاغدا ئىككى كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالسام  ياكى بېشىمنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋالسام توختايدۇ..
بىلىدىغان تورداشلار مۇشۇ كىسەلنى قانداق ئۇسۇلدا قەيەردە داۋالاتسام  ياكى قانداق دارىنى يىسەم ياخشى
بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسا   ئاللاھ    ئەجرىنى بېرەر ئىلاھىم..
مىنىڭ يېشىم 44ياشتا..ھازىر قانداق قىلسام بۇلار...؟ مۇشۇ كىسىلىمگە بىر شىپا بارمىدۇ..؟

ياردەم سوراپ تېما يوللىغۇچى،،،توردىشىڭلار،،،ئىزلەن....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 11:35:07

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ ھەپتىدىلا دورا تەسىر قىلىپ ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەل ئەمەس، شۇڭا دورىنى كېمىدە 100 كۈن ئىستىمال قىلىڭ،بۇيرۇغان پەرھىزىگە قاتتىق دىققەت قىلىڭ.
يەڭگىل ئۇۋۇلاپ،شور تۇزدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈڭ.
مۈكچىيىپ ياكى ئۇزاق ئولتۇرماڭ.
گېلىڭىزغا ئىككى ياستۇق قۇيۇپ دۈم يېتىپ بېرىڭ.
ئوڭدا ياتقاندا ياستۇق قويماڭ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 11:37:23

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 11:43:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 12:04  

1-قەدەمدە خىزىدا تەكشۈرتۈش قىلىپ بىقىڭ( تەكلىپ )،بۇنىڭدىكى مەخسەت سىزنىڭ بويون ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسىدە مەسىلە بارلىقى ئەڭ زور ئىھتىمال.سىزنىڭ ياتقان ۋاقىتتا بىشىڭىزنىڭ قىيىشى،قول بارماقلىرىنىڭ ئۇيىشىشى ۋە گەجگە،مۆرە قىسىملىرىنىڭ ئۇيىشىشى،بەلكىم سىز دىمىگەن بىلەن بەلكىم بىشىڭىز ئاغرىيدىغان ئەھۋالمۇ بولىشى مومكىن ،يۇقارقى ئەھۋاللارغا كۆرە رىنتىگىن ۋە س ت تەكشۈرتۈشىڭىزمۇ بولىدۇ .لىكىن خىزىدا تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز كىسەللىك تىخىمۇ ئىنىق بولىدۇ.
2-سىزگە بىرىلگەن رىئايى ئەپرەس،بۇزۇرى جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنىڭ بۇ كىسەللىككە مەنپەئەت قىلىش نىسبىتى كىسىپ ئىيتساق يوق دىيەرلىك .
3-تەكشۈرتۈش نەتىجىڭىزنى ئىكان بولسا ساۋمىياۋ قىلىپ توردىن ماڭا بىر يوللاپ بىرىڭ كۆرۈپ باقاي ياكى بولمىسا قەشقەر ئەتراپىدا بولسىڭىز بىۋاستە كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ .مەن مەخسۇس بۇ كىسەللەرنى داۋالاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 4 يىلدىن ئاشتى .مىنىڭ داۋالاش ئىمكانىيتىم بولسا تىرىشىپ باقىمەن بولمىسا سىزگە كىرەكلىك دورا ،ئوزوقلوق ۋە سىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا قولومدىن كىلىشچە مەسلىھەت بەرسەم بولىدۇ.
يەنى بىرى مەن دورا ياكى ئوزوقلوق ياكى باشقا نەرسە سىتىپ ياكى باشقا ۋاستىلەر بىلەن سىزدىن نەپ ئۈندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ،ئاق خالات كىيىۋالغان تىجارەتچى ئەمەس( خاتا چۈشۈۈشمەسلىك ئۈچۈن قىسقىچە ئەسكەرتىش) ...
بۇ كىسىللىك قانداقتۇر بىر ئىككى ئاي ياكى بىر ئىككى يىلدا پەيدا بولىدىغان كىسەللىك ئەمەس.بۇنىڭ ئاز كەم نەچچە يىللىق كىسەللىك پەيدا بولوش تارىخى بولىدۇ.يىمەكلىك ئامىلىدىن تارتىپ سىزنىڭ تۇرمۇش ،خىزمەت ھەتتا يۈرۈش -تۇرۇش ئادىتىڭىزغا قەدەر بۇ كىسەلنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللار كۆپ .شۇ نوقتىدىن بۇ كىسەلنىڭ ئۈزۈل كىسىل ساقىيىش ياكى ياخشىلىنىشىمۇ ئۈنچە تىز بولمايدۇ.

ئاخىرىدا كىسىلىڭىزگە ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن .سىزگە ئاسانلىق تىلەيمەن ...

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:04:23

ئاۋۇ ئىككىنجى قەۋەتتىكى بەغىر بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرۈشىڭىزنى تەۋىسيە قىلىمەن ...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:05:05

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پەقىر شۇ كېسەلنىڭ دەردىنى خېلى تارتقان ، ناھيەلىك دوختۇرخانىدىن بېيجىڭ _ شاڭخەيدەك چوڭ دوختۇرخانىلارغا بارمىساڭ سىنىڭ بەك ئېغىركەن دىگەنتى .  ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن توخسۇ ( شىڭخا ) ناھيەسىنىڭ پەيشەمبە بازار يېزىسىزنىڭ مومتوغراق كەنتىدە بىر دوختۇر 13 كۈن ئوكۇل بىلەن داۋالاپ ساقىيىپ كەلگەنچە قايتا قوزغالمىدى .  بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئوسمان ھاشىم ، ئىككى ئوغلى ھەم كېلىنى تىببى ئۇنۋېرستتا ئوقۇغان دوختۇر .  بۇ دوتۇرخانىدا ئاساسەن ئۇستىخان ئۆسۈپ قېلىش ، قانتومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلار كۆپرەك . مەن بۇيەردە داۋالىنىش جەريانىدا تىببىي ئۈنۋېرست دوختۇرخانىسىدا ، ئۈرۈمچى ئىككىنچى دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىپ بېقىپ پايدىسى بولماي شۇ يەردە ساقايغان ئۇستىخان ئۆسمە بىمارلىرىنى كۆردۈم ، ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتىم . ئەگەر يېقىنراق يەردە بوپقالسىڭىز توخسۇدىكى دوختۇرخانىغا بىر كىرىپ بېقىڭ ، ئۇ بىر كەنىتتىكى دوختۇرخانا بولغان بىلەن ناھيەلىك دوختۇرخانىدەك ئادەم كۆپ .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:13:01

سىز توخسۇغا ناھيەسىگە يېقىن بولسىڭىز شۇ يەرگىلام بېرىڭە ، توخسۇ ناھيە ، پەيشەنبە بازار يېزا ، مومتوغراق دادۇي ئوسمان ھاشىم دوختۇرخانىسى .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:24:36

مىنى دوختۇرلار بېيجىڭ _ شاڭخەيدەك جايلاردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارغا بارغىن سىنىڭ ئۆسمەڭ بەك ئېغىركەن دىگەنتى ، ھەقىقەتەن بەك ئېغىرتى . توخسۇلۇق دوسلۇرۇمنىڭ تەۋسىيسى بىلەن شۇ يەردە 13 كۈن داۋالىنىپ ساقايغانچە قايتا قوزغالمىدى . بۇ دوختۇرنىڭ قېشىغا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كىلىپ داۋالىندۇ . قان تومۇر بىلەن ئۇستىخان ئۆسمە كىسەللىرىنى  ئاساسلىق داۋالايدۇ .  قەتتى ماڭالمايدىغان بىر پالەچ قىزنىڭ سەككىزىنچى كۈنى ماڭغىنغا شاھىت بولدۇم . بۇ ئوسمان ھاشىم كىچىگىدىن يالاڭ ئاياق دوختۇر بولۇپ ، بەك تەجرىبىلىك بوپكەتكەن كىشىكەن . بىر ئوغلى شىنجاڭ تىببىي ئۈنۋېرستتا ئوقۇغان دوختۇر ، ئۇنىڭ ئايالى بېيجىڭ تىببىي ئۈنۋېرستتا ئوقۇغان دوختۇر . ئىككىنچى ئوغلى بولسا شاڭخەي تىببىي ئۈنۋېرستتا يىڭنە بىلەن داۋالاش كەسپىدە ئوقۇغان دوختۇر ، ئۇستىخان ئۆسمە كىسەللىكىگە گىرىپتار بولغان يېقىنراق يەردىكى قېرىنداشلارغا بۇ دوختۇرخانىنى تەۋسىيە قىلىمەن .

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 12:32:57

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 11:35 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ ھەپتىدىلا دورا تەسىر قىلىپ سا ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم tadubeg  مۇشۇ ئۇستخان ئۆسمە كىسىلىنى كالىتسىي كاملىقتىن دەيدىكەن ، ئادەتتا مىۋە _ كۆكتاتلاردىمۇ كالىتسىي بولامدۇ ؟ بولسا قايسى خىللىرىدا كۆپرەك . ئادەتتە كالىتسىي كاملىقنى قانداق قىلسا تىز تولۇقلىندۇ . كالىتسىي تولۇقلايدىغا دورىلاردىن بەلەك قانداق يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاش مۈمكىن .

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 13:59:59

ئۇيغۇرجان قىرىندىشىمىزغا  كوپ  رەھمەت!!

izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 14:20:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،، تورداشلارنىڭ تېمامغا  كىرىپ  ماڭا ياخشى مەسلەھەتلەرنى بەرگەنلىكىگە  كۆپتىن كۆپ
رەخمەت ئېيتىمەن..ئ اللاھ رەخمەت قىلسۇن...
مىنىڭ ئورنۇم تۇرپان شەھرىدە،  كىسىلىمنى شەھەرلىك توختۇرخانىدا تەكشۈرتىگەن،  دوختۇرنىڭ دىيىشىچە
كىسىلىڭىز يىنىك دەرىجىدىكەن دەيدۇ...دارا يىسىڭىز كۆنتىرول قىلغىلى بۇلىدۇ دەپ.. شىيى دارىدىن.. يېزىپ
بەرگەنتى، ئۇزۇن مەزگىل يەيسىز دىگەندىن كىيىن ..ئۇ شىيى دارا  بىريەرگە پايدا قىلسا   يەنە بىر يېرىمگە
زىيان قىلىپ قالمىسۇن دەپ  ،تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ۋىلايەتلىك مىللى شىپاخانىدىكى دوختۇرغا كۆرسۈتۈپ
ئاشۇ(قۇرسى رىئايى ئەپرەس)(بۇزۇرى جەۋھىرى)دىگەن دارىلارنى بېرىۋىدى يەۋاتىمەن.
تورداشلارنىڭ مىنىڭ كىسىلىمگە ئۈنۈملۈك  شىپا قىلىدىغان دارىلار بولسا تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن..

كىسىلىمنىڭ ئالامىتى..ئىككى قۇلۇمنىڭ ئالقان بارماقلىرى سەل ئۈشىدۇ..يەنە ئىككى مۈرەم تالىدۇ.
ئەڭ چوڭ ئالامىتى تۇلا ھاللاردا ياتىمەن دەپ   ياستۇققا بېشىمنى قويىشىمغا،  بېشىم خېلى ئېغىر دەرىجىدە قايىدۇ.
شۇچاغدا ئىككى كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالسام  ياكى بېشىمنى باشقا تەرەپكە بۇرىۋالسام توختايدۇ..

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 15:43:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 15:47  

  بىرى ئاپتۇنۇمدىكى پالانى دۇختۇرغا بىر ئوپراتسىيە قىلغۇزسىڭىز سەللىمازا ساقىيىسىز دىسە ئىشىنىپ بېرىپ كەستۈرمىسىڭىزلا سىز كۆرىدىغان كۈننىڭ سېرىقى بالدۇر تۈگەپ قالمايدۇ...

  ئولتۇرغاندا ئامال بار يۈلەنچۈكلۈك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇڭ، تورغا چىقسىڭىزمۇ شۇ، ئورۇندۇقتا قىيپاش يىتىۋىلىپ قۇلىڭىز بىلەن مائوسنى باشقۇرۇپ قويسىڭىز، كۇپايە، مەنمۇ نەچچە ئاي شۇنداق تورغا چىقتىم، كىيىن ئۇ ئاغرىقلار يۇقاپ كەتتى، ھازىر قايتا ئاغىرمىغىلىمۇ نەچچە يىل بۇپ قالدى.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 16:07:40

ئۈرۈمچىگە يېقىنكەنسىز، تېلېفون نومۇرۇمنى قالدۇرغانتىم.
ئۈرۈمچىدە بىر دوختۇر بار، ئوپراتسىيە قىلمايدۇ، جۇڭيى تىبابىتىدە داۋالايدۇ، كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
دوستۇمنىڭ ئاپىسى ۋە بىر قانچەيلەن داۋالىنىپ ساقىيىپ بىر ئوبدان يۈرۈيدۇ.
توغرا كۆرسىڭىز مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ تونۇشتۇرۇپ قوياي.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 16:22:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-27 16:29  

uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 12:32 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم tadubeg  مۇشۇ ئۇستخان ئۆسمە كىسىلىنى  ...

سالام ئۇيغۇرجان بۇرادەر ...ئىيتقىنىڭىز دۇرۇس بۇ كىسەلنىڭ 50%لىك ئاساسلىق سەۋەبى كالىتسىينىڭ كەملىكى ياكى سۆڭەكنىڭ بارا-بارا شالاڭلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا 50%نى ئىغىر -يىنىك ئىش ھەركەت ياكى ئۇزۇن مۇددەتلىك بەدەن ھالىتىنىڭ بىنورماللىقى قاتارلىق سەۋەبلەر دەپ ئويلايمەن .(شەخسىي پىكىر)
بۇنىڭدا كالىتسىينىڭ كەملىكى ياكى سۆڭەكنىڭ شالاڭلىشىشى دىگەندە ئوغوت قۇيغان يەرنىڭ زىرائەت ۋە پارنىك كۆكتاتلىرىدىن باشلاپ ،يەم خىشەك بىلەن بورداپ باققان قوي-كالا،توخو كەپتەرلەرنىڭ گۆشلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ،بۇ تەرەپتىكى مەسىللەر بەك كۆپ .
يەنە بىرى ئۇزۇن مۇددەت تۇپراقسىز ۋە كۈن نورىسىز خخزمەت قىلىشمۇ بىر سەۋەب بۇنىڭ سەۋەبىنى كۆپ تەرەپتىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ.
ئەمدى ئاۋۇ كالىتسىي مەسىلىسىگە كەلسەك ئادەم بەدىندىكى كالىتسىينىڭ 99% سۆڭەك،چىش قاتارلىقلارنىڭ تەركىۋىدە بولوپ ،1% قان سۇيۇقلىقىنىڭ تەركىبىدە ،ھالبۇكى قان سۇيۇقلىقى تەركىبىدىكى بۇ بىر پىرسەنىت كالىتسينىڭ قان تەركىبىدە ئوينايدىغان رولىمۇ ئىنتايىن موھىم .
كالىتسىي قۇلۇلە قىپى ،سۆڭەك ،ھاك تىشى قاتارلىقلارنىڭ تەكىبىدە ئىنتايىن مول بولغاندىن باشقا ، بايا سىز دىگەندەك بىز يەۋاتقان يىمەكلىك ۋە كۆكتاتلاردىن ئاساسلىقى سۈت تەركىبىدە بولغاندىن باشقا يىمەكلىكلىرىمىزدە ئاساسەن يوق دىيەرلىك...
سۆڭەك قاينىتىپ ئىتىچىش بۇ بىر ياخشى كالىتسىي تولوقلاش ئۇسۇلى بولسىمۇ ئەمما سۆڭەك تەركىبىدىكى يىلىكنىڭ نۆۋەتتە مايلىق تاماقلىرىمىز كۆپىيىپ كەتكەن ۋەزىيەتتە قان بىسىمىمىزنى تىزلا ئۆرلىتىپ قويوش ئىھتىمالى چوڭ.قۇلۇلە قىپى ياكى ھاك تىشى قاتارلىقلاردا كالىتسىي مىقدارى ئىنتايىن مول بولغان بىلەن ئۇنى بىۋاستە ئىستىمال قىلىش قولايسىز ،ئۇندىن باشقا بەدەنگە سۈمۈرلۈش نىسبىتىمۇ تۆۋەن .
شۇڭا ئامال بولسا كىچىكىدىن باشلاپ ئۇزۇن مۇددەت سۈت ئىچىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش بۇ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە بىخەتەر كالىتسىي ،ئوزوقلوق تولوقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بىرى .
ئەمدى ئاللا بۇرۇن كىسەللىك شەكىللىنىپ بولغان ۋە ياشتا ئوتتورا ياشتىش ھالقىغانلارغا بۇ ئۇسۇل تەۋىسيە قىلىنمايدۇ .چۈنكى كىسەللىك شەكىللىنىپ بولغان ۋاقىتتا بەدەنگە يەل كىلىش ۋە سوغوق كىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئاغرىقنى قوزغاش ۋە باشقا ئەكىس تەسىر ئالامەتلىرىدىن باشقا ئەرلەرگە نىسبەتەن مەزى بىزى ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىلەر بولوپ ئۆزى بىلىپ ياكى بىلمەي ئىستىمال قىلغاندا بۇ يەنە ئەكىس تەسىرلىك ئالامەت پەيدا قىلىشى مومكىن ،شۇڭا بۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ ياخشىسى ياخشىراق بىر ئوزوقشۇناسنى تىپىپ ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى  بويىچە ئوزوقلوق مەسھۇلاتلىرى ئارقىلىق قەرەرلىك ئۇزۇقلۇق تولوقلاشتىن ئىبارەت ...
ئۇندىن باشقا چوقوم ئىغىر يىنىك ئىش ھەركەت  ۋە نەرسىلەرنى كۆتۈرۈشكە دىققەت قىلغاندىن باشقا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى بەدەن ھالىتىگە دىققەت قىلىش ،سوغوق يەللىك يىمەكلىكلەردىن ئامال بار سەل چەتتىرەك تۇرۇش،ئارام ئىلىش ،ئۇيقۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش،بەدەننى ئاسراشقا دىققەت قىلىش بىلەن بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.
بەدەن چىنىقتۇرۇش ئادىتىنىڭ بولماسلىقى ۋە يىتەرسىزلىكىمۇ بەل -بويون مۇسكۇللىرىنىڭ كۈچىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇمۇرتقىغا بىۋاستە بىسىپ چۈشۈرۈشكە سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، شۇڭا بۇلارغا دىققەت قىلىش كىرەك . بەدەن چىنىقتۇرۇشتىن ئاۋۋال كىسەللىك دىياگىنۇزىنى مۇناسىۋەتلىك دوختورغا كۆرسىتىپ شۇلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسىڭىز ئەڭ ياخشى .بەزى دوختورلىرىمىزنىڭ قاتتىق يەردە يىتىش ۋە كەينىچە مىڭىش قاتارلىق بەزى ھەركەت تۈرلىرىنى قارا قويوق تەۋىسيە قىلىشى مۇۋاپپىق ئەمەس ،يەنى توغرا ئەمەس .شۇڭا موھىمىي مۇناسىۋەتلىك دوختورنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولسا ئەڭ ياخشى.ھەرگىزمۇ دوختورلا بولسا شۇنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەس ...
گەپ سۆزلىرىمنىڭ ئالدىراشلىقتا خاتا كەتكەن ياكى ئىگىز پەس -بولوپ قالغان يەرلىرى بولسا ئۆزرە ...

arislan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 18:31:44

كىچىككىنە ئىشنى چوڭايتىپ، شاڭخەي، بېيجىڭنىڭ گىپىنى قىلماڭلارچۇ ؟ ئۇيغۇر تېبابىتىمۇ بوش ئەمەس.

بۇ ئەھۋالغا دورا كۈچەپ بولالمايدۇ... بۇ ئەھۋالنى فېزىكىلىق داۋالاش ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولىدۇ. ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا كەلسىڭىزمۇ ياكى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئۇۋۇلاش، لوڭقا قويۇش، يىڭنە سانجىش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن داۋالاتسىڭىزمۇ ئوڭشىلىپ كېتىدۇ.  

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 21:20:13

kitabhumar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 16:22 static/image/common/back.gif
سالام ئۇيغۇرجان بۇرادەر ...ئىيتقىنىڭىز دۇرۇس بۇ كىسەل ...

رەخمەت kitabhumar  ۋاقىت چىقىرىپ ناھايىتى تەپسىلى چۈشەنچە بىرىپسىز .

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 22:11:48

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بولغان بولسىڭىز ، يىڭنە سانجىپ ، لوڭقا قويۇپ ، دورا ئىچكۈزۈپ داۋالايدۇ..
خېلى ئۈنۈمى بولىدىكەن مەن مۇشۇ ئۇسۇلدا داۋالانغان ، دورىغا جۇڭيىچە 颈复康 دېگەن دورا خېلى پايدا قىلىدىكەن، داۋالانغان مەزگىلدە ئىچىكەنتىم.
بۇ كېسەل بولغان ئىكەنسىز ئەمدى ئادەتتىكى تۇرمۇش ئادەتلىرىڭىزگە بەكرەك دىققەت قىلىڭ :
1. ئۇخلاش ھالىتىڭىز ، ياستۇقىڭىز بەك ئېگىز ياكى بەك پەس بولمىسۇن !!
بۇنداق بولغاندا بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ شەكىل ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك نېرۋىلارنى بېسىپ ، يۈرەك سېلىش ، قول پۇت سىرقىراپ ئاغرىش دېگەندەك  كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن
2. كومپيوتېر ، تېلىفوننى ئازراق ئويناڭ !!!
مېنىڭ بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىش سەۋەبىممۇ دەل كومپيوتېر بىلەن كۆپ ھەپىلەشكەنلىكتىن بولغان !! ھازىر ھەممەيلەننىڭ قولىدا نوچى سەمسۇڭ ، ئالما چۈشمەيدىغان بوپ كەتتى ، بۇنىڭ كېسىلىڭىزگە بولغان زىيىنى كومپيوتېردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ دەپ ئويلايمەن !!
يېرىم سائەت ئەتراپىدا ھەپىلەشكەندىن كېيىن ، بوينىڭىز تالغاندەك سىزىم بولغاندا ئاستا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ بوينىڭزنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاز تولا يەڭگىل ھەرىكەتلەندۈرۈپ بېرىشڭىز كېرەك
تەۋسىيەرىم شۇ ، قالغىنىنى داۋالىنىش جەريانىدا ئۆگىنىپ ئۇستا دوختۇر بوپ كېتىسىز !!:lol:lol

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 23:22:56

بىرەر ئايدىن ئارتۇقراق بولدى ،  مەندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلگەن ،  كۈندۈزدە ئانچە مەلۇم بولمايتى ، ئەمما ئاخشىمى ئۇخلاپ ئەتىگىنى بامداتقا قوپىدىغان چاغدا ، سول قولۇم جەينەكتىن تارتىپ قولۇمنىڭ ئۇچىغىچە قۇلىشىپ قالىدۇ ،  ئىششىپ ، كۆپىشىپ قالغاندەك سېزىم بار، ئەمىلىيەتتە ئىششىق ئەمەس ،  بۇ قولۇمنى ئوڭ قولۇم بىلەن سىلىسام ، خۇددى ئۆزەمنىڭ قولىنى سىلىمايۋاتقاندەك ، ياكى قولۇمغا پەلەي كىيىۋېلىپ تۇرۇپ سىلاۋاتقاندەك سېزىم بار .   ھەمدە  قولۇم جەينەكتىن تارتىپ قول ئۇچىغىچە سىرقىراپ تېلىپ ئاغرىيدۇ ، بىرەر ھەپتىلەردىن كىيىن ئاغرىقى بەكلا كۈچىيىپ كەتتى ،
قولۇم كۈچ ئېلىپ قالغان بولسا ئوڭشىلار دەپ بىرەر ھەپتە قارىسام تېخىمۇ ئېغىرلاشقىلى تۇردى ، شۇنىڭ بىلەن ناھىيلىك دوختۇرخانىدا CT دا تەكشۈرتسەم ، بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۆسۈۋاپتۇ دىدى ، ئانچە يېنىك ئەمەسكەن دىدى .

ئاندىن ماڭا ئىچىشكە 2 خىل دورا يېزىپ بەردى  芬必得 ,  活血止痛胶囊  دىگەن ئىككى خىل دورا .   
ئاخشىمى ئۇخلىغاندا بېشىمغا ياستۇق قويماي تۈز يېتىپ ئۇخلاشنى بۇيرىدى .
ئاندىن ، 95  كويغا ،  بويۇن ئۇمۇرتقا ئۆسۈشنى داۋالايدىغان ، بويۇنغا سېلىپ تاقاپ ، ئاندىن يەل بەرسەك چىڭىيدىغان بىر يەل خالتىسىنى ئالدىم ،  ھەر كۈنى ئىككى قېتىم يېرىم سائەت ئەتراپىدا بوينۇمغا تاقاپ يەل بېرىپ ، بوينۇمنى سوزىمەن .

شۇنداق قىلىپ ،  ئاۋۇ ئىككى خىل دورىنى ئىچىپ ،  ئاندىن بۇ يەل خالتىدا بوينۇمنى سوزۇپ ، بېشىمغا ياستۇق قويماي ياتتىم ،  تەخمىنەن 6 - 7 كۈن بولغاندا ئەتىگەندە قوپقاندا بەكلا سىرقىراپ ، تېلىپ ئاغرىيدىغان ئاغرىقى قويۇپ بەردى ، قولۇمنىڭ قۇلىشىپ ، جىغىلىدىشىمۇ كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى ،  

داۋالىنىشتىن بۇرۇن جەينەكتىن تارتىپ ئاغرىپ قۇلىشىدىغان ئىشلار ھازىر كۆرىنەرلىك ياخشىلاندى ، قۇلۇمنىڭ ئۇچى تەرەپلەردىلا قالدى ھازىر ، كۆپۈشۈش ، ئۇيۇشۇش ...

دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ئاۋۇ ئىككى خىل دورىنى بىرەر ئاي ئىچىدىكەنمەن ،  يەل خالتىنى بولسا 10 - 15 كۈن ئەتراپىدا ئىشلىتىدىكەنمەن .

ھازىر 10 كۈن توشماستىلا ئاغرىق يوقاپ ، ئۇيۇشۇپ قېلىشىمۇ خېلىلا ياخشىلاندى ،  بولۇپمۇ ئاۋۇ بويۇنغا سېلىپ داۋالايدىغان يەل خالتىسىنىڭ ئۈنۈمى ياخشىكەن .   سىناپ بېقىشىڭىڭزنى تەۋسىيە قىلىمەن .

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-5-27 23:40:22

ئىنكاسىم يوقيا؟
بەت: [1] 2
: بۇيۇن ئۇمۇرتقا كىسىلىمگە مەسلەھەت بېرىدىغانلار بارمىدۇ..؟