azharbag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:12:27

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 23:22 static/image/common/back.gif
بىرەر ئايدىن ئارتۇقراق بولدى ،  مەندىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋا ...

ئاۋۇ  يەل خالتىسىنى قەيەردە  ساتىدىكەن  ئالاي  ..دىگەنتىم..

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:27:27

مەنمۇ بىر رېتىسىپ تەۋسىيە قىلاي،ئېسىل ئۇيۇنچى كەپتەرلەردىن بىر قانچىنى بېقىڭ شۇنداقلا قۇشۇمچە كەپتەر بېقىش ھەۋىسى يېتىلدۈرۈڭ.پۇل خەجلىمەيلا ئۆزلىكىدىن ساقىيىدۇ.ئەمما بۇ كېسەلنى ساقايتىمەن دەپ ئۆگىزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىربىر يېرىڭىزنى يارلاندۇرىۋالسىڭىز مەن مەسئۇل ئەمەس.باشتىكى گېپىم چاقچاق ئەمەس.بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۆسۈپ قالغان كەپتەرۋازدىن بىرنى تېپىپ بېرەلىگەنلەرگە 1000سوم بېرىمەن.

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 13:27:33

تەكرار كېتىپتۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 08:36:55

تادۇبەگنىڭ قالدۇرغان ئىڭەككە ئىككى ياستۇق قويۇش چارىسى بولىدۇ. مەن بۇرۇن،  رېنتىگىندا كۆرۈنگەندىن كېيىن، ئايرىم دورا يىمىگەن، كەچلىكى ئاز دېگەندە ئۈچ سائەت كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ، ئىڭەككە ياستۇق قويۇۋېلىپ، كەينىگە تەبئىي قايرىپ، تەبئىي ساقىيىپ قالغان، ھازىر بويۇندا ئاغرىش يوق.

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 11:26:52

بەل ئومۇرىتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش ۋە سۆڭەك ئۆسۈش كىسىلىنىڭ داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىمۇ بويۇن ئومۇرىتقا كىسىلىگە ئوخشامدۇ؟

Pidakarmen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:33:52

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىزنىڭ قۇلىڭىز ئۇيۇشقان مۆرىڭىز تالغان بېشىڭىز قايغان ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇنىڭ مۇتلەق بۇيۇن ئۇمۇرىتقىسى ئۆسكەنلىدىن بۇلىشى ناتايىن ،بۇلانىڭ كىسەللىك مەنبەسى يەنە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى يۇقىرى قاندىكى ماينىڭ يۇقۇرلاپ كىتىىدىنمۇ مۇشۇنداق ئالامەتلەر كىلىپ چىقىدۇ ،سىزنىڭ دىگەن ئالامەتلەردىن قارىغاندا ئۇمۇرىتقا ئارلىق تەخسىسى چىقىۋالغان بۇلۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرىدەك تۇرىدۇ شۇڭا سىز ئاۋال تۇلۇق تەكشۈرتىڭ MRIدا بوينىڭىزنى ،ئۇنىڭدىن كىيىن قاندىكى ماينى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى تەكشۈرتىڭ بۇنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بىرنەسە دەيدىغان گەپ بەلىم دۇرا يەسىز بەلكىم كەپتەر باقارسىز بەلكىم ئوپراتسىيە قىلدۇراسىز
بۇيەردە بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قۇيغىم كىلۋاتىدۇ ئادەتتە دىيلىۋاتقان سۈڭەك ئۈسۈش سۈڭەك شالاڭلىشىشتىن بۇلىدۇ بۇنىڭغا ئادەتتە زىيان قىلىدىغانلار بىرسى ھورمۇنلۇق دورىلار ،ھورمۇنلۇق دورىلارنى تۈۋەندىكى دوختۇرخانىلاردا قالايمىقان ئىشلىتىش بىرقەدەر ئېغىر يەنەبىرسى گازلىق ئىچىملىكلەر بۇنداق ئىچىملىكلەر كالتىسىينى پارچىلايدۇ يەنە بىرسى ،بۇنداق ئىچىملىكلەر دىيابىت كىسىلى ھەرخىل راك كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىش تەسىرى ئىغىر

Pidakarmen يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 14:42:47

بىرىنچىدىن دىياگىنۇز ئىنىق بولسۇن ئۇنىدىڭدىن كىيىن كىسەلنىڭ ئىغىر يىكلىكىگە قاراپ داۋالاش لاھىيسى تۈزىلىدۇ

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 12:49:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tadubeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-1 12:50  

kitabhumar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 11:43 static/image/common/back.gif
1-قەدەمدە خىزىدا تەكشۈرتۈش قىلىپ بىقىڭ( تەكلىپ )،بۇنىڭد ...

قايسى كۈنى ئىنكاس يازاي دېسەم قولۇمدا نەق ئىسپات يوق،تۇرۇپ تۇرغان ئىدىم.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 1989-يىللىق 3-سان،22 -بەتتىكى سۆڭەك ئۆسمىسىنى داۋالاش تەجرىبەم دېگەن ماقالىدا ئاپتور ئەبەيدۇللا ھەزەيدۇللا مەجۈنى رىئايە ئەپرەسەنى ئاساس قىلىپ نۇرغۇن سۆڭەك ئۆسمىسى بىمارلىرىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى،داۋالاش مۇددىتىنىڭ ئۈچ  ئاي بولغانلىقىنى،داۋالاش ئۈنۈمى 89% كە بارغانلىقىنى قالدۇرغان.
ئەمدى سىز بۇ ئىنكاسىڭىزدا ‹‹2-سىزگە بىرىلگەن رىئايى ئەپرەس،بۇزۇرى جەۋھىرى قاتارلىق دورىلارنىڭ بۇ كىسەللىككە مەنپەئەت قىلىش نىسبىتى كىسىپ ئىيتساق يوق دىيەرلىك ›› دەپتىكەنسىز ، مۇشۇنىڭغا بىر ئىسپات كەلتۈرۈۋەتسىڭىز،بولمىسا بىلمىگەن ساھەگە قازىلىق قىلمىسىڭىز.

izlen يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 14:32:18

تۈنۈگۈن بۇيۇن بىلەن بەلنى قايتىدىن خېزىغا سالدۇردۇم..بەل ئۇمۇرتقا تەخسىسى ئۈسۈش يەنە پولتىيىپ چىقىشمۇ
باركەن ..بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئۈسۈشمۇ باركەن دەپ چىقتى..
مەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتىگەن بۇكىسىلىمنى ، دوختۇردەيدۇ ياتاققا ئېلىپ ئۇۋىلاپ يىڭنە سانجىپ
داۋالايمىز   ياتمىسىڭىز  دارا يېزىپ بېرىمەن دىۋىدى   ھازىرچە دارا   يەپ تۇراي   بولمىسا دىسەم.
2خىل دارا بەردى 132كويغا  بىر ھەپتە يەيسىز دەيدۇ..بىرسى بۇيۇننىڭ  يەنە بىرسى بەلنىڭ دىدى.. تۇمۇرلارنى
كەڭەيتىش  قاننى راۋانلاشتۇرۇش   خۇسۇسىيىتى باركەن دەيدۇ  بالام چۈشەندۈرىشىنى  ئوقۇپ بېقىپ.
ئەتراپىمدىكى ماڭا ئوخشاش كىسەل بۇلۇپ باققانلاردىن  مەسلەھەت سورىسام بەزىلەر ئۇۋىلىتىپ ساقىيىپتۇ
يەنە بەزىلەر دەيدۇ ئۇۋىلاتقانننىڭ پايدىسى يوق   ئوكۇل بىلەن  ساقايدىم  دىيىشىۋاتىدۇ. مەن قانداققىلىشىمنى
تازا بىلەممەگلىك ھازىر..تۇرۇپلا بېشىمنىڭ قېيىشى يوق بوپكەتتى ھازىر،،  لېكىن مۈرەم تالىدىغان
سول پۈتۈم تۇرۇپ تۇرۇپ سىقىراپ ئازراق شىرىن ئاغرىدىغان ئىش بار..

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 10:34:21

azharbag يوللىغان ۋاقتى  2014-5-28 13:12 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ  يەل خالتىسىنى قەيەردە  ساتىدىكەن  ئالاي  ..دىگەنت ...

بويۇنغا سالىدىغان يەل خالتىنى چوڭراق دورىخانىلاردا ساتىدۇ .  يۇرتىڭىزدىكى چوڭ دورىخانىلارغا كىرىپ سوراپ بېقىڭ ...

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 10:52:29

arislan يوللىغان ۋاقتى  2014-5-27 18:31 static/image/common/back.gif
كىچىككىنە ئىشنى چوڭايتىپ، شاڭخەي، بېيجىڭنىڭ گىپىنى قى ...

بۇ پىكىرگە قوشۇلىمەن . بۇنداق كىسەلگە يەنى (زىڭسىڭ) غا دورا -ئوكۇل ئىشلىتىشنىڭ قەتئىي پايدىسى يوقكەن .مىنىڭ بىر تۇققۇنۇممۇ بويۇن ئومۇرۇتقىسىغا سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىپ، نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا دورا -ئاسما بىلەن داۋالىنىپ ،ساقىيالماي ،ناھىيىلىك مىللىي شىپاخانىدا مىللىيچە يىڭنە سانجىپ ،لوڭقا قويۇپ داۋالىنىپ ساقايدى .

شۇڭا سىزمۇ دورىنى يىمەي ،ياخشىراق يىڭنە سانجىپ ،فىزىكىلىق داۋالىيالايدىغان دوختۇردا داۋالىنىڭ .ئاسما- ئوكۇل ۋە دورىغا پۇل ئىسراپ قىلماڭ قېرىندىشىم .
بەت: 1 [2]
: بۇيۇن ئۇمۇرتقا كىسىلىمگە مەسلەھەت بېرىدىغانلار بارمىدۇ..؟