bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 11:08:33

(bilgejan) قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-16 09:31  

ياش قان بىلەن قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟
دوكتور فىرانسىس كولىن (Dr. Francis Collins)
تەرجىمىدە: تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە

http://directorsblog.nih.gov/2014/05/13/can-something-in-young-blood-give-a-boost-to-old-brains/#more-2987


ياش جانلىقلارنىڭ قېنىنى قېرىلىرىغا سېلىش ئارقىلىق قېرىشنى توختىتىش، ھەتتا قېرىلارنى ياشارتىش ئاڭلىماققا رىۋايەتلەردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ياش ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شۇ تۈردىكى قېرى ھايۋانلارغا سالغاندا، يېڭى قان قېرى جانلىق بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىزگە نامەلۇم بولغىنى، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭىنىڭ ئەقلىي كۈچىنى ياشارتقىلى بولامدۇ-يوق؟

گەپنىڭ راستىنى قىلساق: قېرىش ھەقىقەتەن مېڭىگە نىسبەتەن ئاسان توختىمايدۇ. مېڭە غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازىيىپ كېتىدىغان بولغاچقا ئازراق يېڭى نىۋرونلار ئىشلەپچىقىرىلىدۇ؛ مېڭە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە نېرۋا ئۇلانمىلىرىنى كونتىرول قىلىدىغان گېنلارنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ياش جانلىقنىڭ قېنى ئارقىلىق مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ-يوق دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، NIH (ئامېرىكا دۆلەتلىك ساغلاملىق ئىنىستىتۇتى) مەبلەغ چىقىرىپ قوللىغان ئىككى گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار: بىرى ماسساچۇسېتىستا، يەنە بىرى كالىفورنىيەدە؛ چاشقان مودىلىنى سىناق قىلدى.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرستېتى-سان فىرانسىسكودىكى سائۇل ۋىلىدا (Saul Villeda) ۋە سىتانفورد ئۇنىۋېرستېتىدىكى تونىي ۋىس-كوراي (Tony Wyss-Coray) باشچىلىقىدىكى غەربىي قىرغاقتىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى بۇ ئىشقا بىر قانچە يىل ئىلگىرى تۇتۇش قىلغان ئىدى. ئۇلار ئىلگىرى ياش چاشقاننىڭ قېنىنى قېرى چاشقانغا كۆچۈرگەندە قېرى چاشقان نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئاشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار يەنە بۇنىڭ ئەكسىچە بولسىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى بايقىغان: قېرى چاشقان قېنى ياش چاشقانغا سېلىنسا ئۇنىڭ نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىۋەتكەن ۋە بىر نەچچە تۈرلۈك ئەستە ساقلاش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۋەتكەن.

ئۇلارنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تەتقىقاتچىلار ياش چاشقان (3 ئايلىق) بىلەن قېرى چاشقان (18 ئايلىق) نىڭ قان ئايلىنىش سىستىمىسىنى بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ مەشغۇلات غەيرى بىئو-بېرىكىش (parabiosis) دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى بۇ ئۇسۇلدا ئىككى ئوخشىمىغان ياشتىكى چاشقانلار بىر قان سىستىمىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ ياشىغان.  تەجىرىبىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئىككى قېرى چاشقاننىڭ قان سىستىمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ سېلىشتۇرما قىلغان. 35 كۈندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار چاشقانلارنىڭ مېڭىسىنى تەكشۈرگەن، بولۇپمۇ ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىشنى كونتىرول قىلىدىغان مېڭە سەقەنقۇر رايونىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان.



ياش-قېرى ئارىلاشما گۇرۇپپىسىدا، ياش قاننى ئىشلەتكەن قېرى چاشقان مېڭىسىدە يېڭى نېرۋا ئۇلانمىلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان گېنلارنىڭ ئاكتىپلىقى ئاشقان بولۇپ، بۇ ئەستە ساقلاش ۋە يېڭى نەرسىلەنى ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىزىق نۇقتا بولغىنى Creb دەپ ئاتىلىدىغان گېن ۋە باشقا يېتىلىۋاتقان مېڭىدە ئاكتىپ بولغان گېنلار ئىدى. ئورتاق فوكۇسلۇق مېكروسكوپ ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار نېرۋىلار بىر-بىرى بىلەن «مۇڭدىشىدىغان» ئۇلىنىش نۇقتىسى بولغان نېرۋا شاخچىلىرى ئۇچلىرى سانىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆزەتكەن. مېڭىنىڭ ئېلىكتېر پائالىيىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە مېڭە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى بايقىغان. ئەكسىچە، ئىككى قېرى چاشقان بېرىكمىسىدە، ھېچقايسىسىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بايقالمىغان.

بۇ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، 2013-يىللىق NIH دېرىكتورىنىڭ «دەۋرى بۆلگۈچ تەتقىقات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ۋىس-كوراي ۋە 2012-يىللىق NIH دېرىكتورىنىڭ «بالدۇر مۇستەقىل بولۇش مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ۋىلېدا بىرلىشىپ كۆزىتىلگەن بىئولوگىيلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بۇ ھايۋانلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا قانداق تەسىرى بارلىقىنى تەكشۈرۈشنى پىلانلىغان. ئالدى بىلەن، ئۇلار ياش چاشقاننىڭ قېنىنى قېرى چاشقانغا ھەپتىسىگە ئۇرۇپ ئۇدا 8 ھەپتە داۋاملاشتۇرغان. كونتىرول (سېلىشتۇرما) ئۈچۈن، ئۇلار يەنە بىر گۇرۇپپا قېرى چاشقانلارغا بىر بولسا قېرى چاشقان قېنى ياكى قاينىتىلىپ ئاكتىپلىقى يوقالغان ياش چاشقان قېنى ئۇرغان.  ئاندىن، چاشقانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن. نەتىجىدە ياش چاشقان قېنىنى قوبۇل قىلغان قېرى چاشقانلار كونتىرول چاشقانلارغا قارىغاندا بوشلۇقنى ئەستە تۇتۇش سېنىقى ۋە قورقۇنچلۇق سەرگۈزەشتىلەرنى ئەستە ساقلاش سېنىقىدا ئىپادىسى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بوشلۇق ۋە مۇھىتنى ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇ تەتقىقاتچىلار نېرۋا ئىلاستىكىلىقىنىڭ پېشۋا كونتىرول قىلغۇچىسى بولغان CREB ئاقسىللىرى بۇ بىر قاتار كۆرۈنەرلىك ياشارتىش تەسىرىنى پەيدا قىلىشتا مەلۇم رول ئوينايدۇ ۋە ياش قاندىكى مەلۇم ماددا مۇشۇ ئاقسىلنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. بۇ پىكىرنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ۋىلېدا  CREB ئاقسىلىنى ئىنكاس قايتۇرمايدىغان قىلغىلى بولىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئويلاپ تاپقان. راست دېگەندەك، قېرى چاشقان مېڭىسىدىكى مەزكۇر ئاقسىلدا ئىنكاس بولمىغاندا، ياش قانمۇ ھېچقانداق مېڭىنى ياشارتىش رولىنى كۆرسىتەلمىگەن.

ئوخشاش ۋاقىتتا، ماسساچۇسېتىس شىتاتى كامبىرىج شەھرىگە جايلاشقان خارۋارد غول ھۈجەيرە ئىنىستىتۇتىدىكى لى رۇبىن (Lee Rubin) ۋە ئەيمىي ۋاگېر (Amy Wagers) باشچىلىقىدىكى شەرقىي قىرغاقتىكى گۇرۇپپىمۇ  چاشقان قان سىستىمىسىنى غەيرى بىئو-بېرىكتۈرۈپ ياش قاننىڭ ياشارتىش ئىقتىدارىنى چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ چاشقانلارغا GDF11  (ئۆسۈشنى ئىندۇكسىيەلەش فاكتورى 11) نى ئۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ گۇرۇپپا ئىلگىرى ياش چاشقان قېنىدىن ئايرىۋىلىنغان GDF11 نى ئايرىپ ئالغان ۋە چاشقانغا ئۇرغاندا قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك يۈرەك قېلىنلاش خەۋىپىنى تۆۋەنلەتكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ قېتىم ۋاگېر ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىرلىكتە مېڭىگە مەركەزلەشكەن بىر يېڭى تەتقىقات تېمىسىنى باشلىغان بولۇپ، ياش قاننى قېرى چاشقانغا ئۇرۇش ۋە GDF11 نى قېرى چاشقانغا ئۇرۇش ئوخشاشلا قېرى چاشقان مېڭىسىدىكى نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرى سانىنى ئاشۇرغانلىقىنى بايقىغان. بۇ چاشقانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى جەھەتتىكى كۆزىتىشلەردە پۇراش سېزىمىنىڭ ئاشقانلىقى ئاشكارا بولغان.

يىغىپ كەلسەك، بۇ ئىككى گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرى قېرىلىقتا ئەقلىي ئىقتىدار چېكىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ھەتتا ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدىغان بىر مۇمكىنچىلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتى، كىلىنىكىغا كۆچۈرۈش تەتقىقاتى ۋە كىلىنىكىلىق تەتقىقاتلار ئارقىلىق، ئالىملار ياش قاندىكى پايدىلىق ئاقسىللارنى سېنتىزلەپ چىقىپ ياكى خەۋىپ ئىلىپ كىلىدىغان ئاقسىللارنى توسۇش ئارقىلىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېڭە ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىگە داۋا تىپىپ كىشىلەرنىڭ ساغلام ھالدا قېرىشىنى ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

پايدىلىنىش ماتىرىياللىرى:

The ageing systemic milieu negatively regulates neurogenesis and cognitive function. Villeda SA, Luo J, Mosher KI, Zou B, Britschgi M, Bieri G, Stan TM, Fainberg N, Ding Z, Eggel A, Lucin KM, Czirr E, Park JS, Couillard-Després S, Aigner L, Li G, Peskind ER, Kaye JA, Quinn JF, Galasko DR, Xie XS, Rando TA, Wyss-Coray T. Nature. 2011 Aug 31;477(7362):90-4.

Young blood reverses age-related impairments in cognitive function and synaptic plasticity in mice. Villeda SA, Plambeck KE, Middeldorp J, Castellano JM, Mosher KI, Luo J, Smith LK, Bieri G, Lin K, Berdnik D, Wabl R, Udeochu J, Wheatley EG, Zou B, Simmons DA, Xie XS, Longo FM, Wyss-Coray T. Nat Med. 2014 May 4.

Vascular and neurogenic rejuvenation of the aging mouse brain by young systemic factors.Katsimpardi L, Litterman NK, Schein PA, Miller CM, Loffredo FS, Wojtkiewicz GR, Chen JW, Lee RT, Wagers AJ, Rubin LL. Science. 2014 May 9;344(6184):630-4.

خاتىمە: بۇ ماقالە ئامېرىكىدا 5-ئاينىڭ 13-كۈنى دوكتور فىرانسىس كولىن تەرىپىدىن ئېنگىلىزچە يېزىلغان بولۇپ، مەن شۇ كۈنى بۇ ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئېلان قىلدىم. بۇ ماقالىدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، ھازىرقى يۇقىرى تېخنىكىلىق تەتقىقاتلار كىشىلەر ئويلاپ يېتەلەيدىغان ھەر قانداق بىر يېڭىچە ياكى ساراڭلارچە خىياللارنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا قادىر بولۇپ، بىز مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدىغان نۇرغۇن ئىشلار كەلگۈسى 10-20 يىل ئىچىدە رىئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. بۇ خىل تەتقىقات نەتىجىلىرى كىشىگە زور ئىلھام ئاتا قىلىدۇ ۋە كىشىنى يېڭىچە تەپەككۇرغا، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇرلارغا باشلاپ ئىلىم-پەنگە يەنىمۇ قىزىقىشنى قوزغايدۇ. ئەپسۇسكى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەر بىر يېڭى ئوي-پىكىرنى (ساراڭلارچە بىلىنىدىغان خىياللار بولسىمۇ) سىناق قىلىش ئۈچۈن تەتقىقات گۇرۇپپىلىرى ۋاقىت قوغلىشىپ ئۆز-ئارا رىقابەتكە چۈشكەندە، بىزنىڭ دىيارىمىزدىكى تەتقىقاتلارنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلىسا سەل كىشىنى مەيۈسلەندۈرىدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىقى، ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا بۇ خىل ئىلىم-پەن ئۇچۇرلىرى بىر قەدەر چەكلىك بولغاچقا، باشقا دۆلەتلەردە ھەر قانداق سەۋىيەدىكى قىزىققۇچىلار ئاسانلا ئاڭلاپ تۇرىدىغان ياكى ئىزدەپ تاپالايدىغان ئۇچۇرلار خەلقىمىز ئۈچۈن ئاسان تېپىلمايدۇ. مۇشۇنداق ئىلغار، يۇقىرى سەۋيىلىك ھەم تۇرمۇشىمىزغا يېقىن بولغان ئاممىباپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا تېخىمۇ كەڭ تونۇشتۇرىدىغانلار كۆپرەك چىقسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.

بىلگەجان (سان ئانتونىيو، تېكساس، ئامېرىكا)
2014-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئىزاھات 1: ماقالە ئاپتورى دوكتور فىرانسىس كولىن توغۇرلۇق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-58378-1-1.html

ئىزاھات 2: غول ھۈجەيرە توغرىسىدا بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://bbs.izdinix.com/thread-57275-1-1.html

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى ئاپتور ۋە مەنبەسىنى تولۇق ئەسكەرتىپ كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

================================================================================================
قوشۇمچە:
ئالدى بىلەن بۇ پەقەت قېرىغاندا دەلتە بولۇپ قالماي تۇتقان قويغىنىنى بىلىپ قېرىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تەتقىقات. ياشانغانلاردىكى نۇرغۇنلىغان مېڭە كېسەللىرى مۇشۇ تەتقىقات بىلەن بەلكىم شىپا تېپىپ قېلىشى مۇمكىن. غول ھۈجەيرە سانىنى ئاشۇرىدۇ دېگەنگە ئوبدانراق دىققەت قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك كېسەل تىز ساقىيدۇ ۋە نېرۋا ئاسان قېرىمايدۇ دېگەنلىك، ئىنسانلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ مېدىتسىنادىكى بىر زور ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدۇ. يەنە شۇ ئېسىمىزدە بولسۇنكى، بۇ تېخى ئەمدى چاشقاندا قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىقلىنىۋاتقان بىر ئىلمىي تەتقىقات.

چاشقاندا يۈز بىرىدىغان بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئىنسانلارغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا ھازىرچە ئالدىراپ بىر نېمە دېمەي مۇشۇنداق بىر تەتقىقات بولۇۋىتىپتۇ دەپ بىلىپ قالساق بولدى. كېيىنچە ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىدۇ دېگەندىمۇ، ئېنىقكى كىشىلەرگە بالىلارنىڭ قېنىنى يۆتكەيدىغان سىناق ئىلىپ بېرىلمايدۇ سەۋەبى چاشقاندىكى سىناقلارنى قىلىشتىن مەقسەت پەقەت زادى قانداق مىخانىزىملار بىلەن قايسى ماددا قانداق تەسىر كۆرسىتىپ مېڭىنى ياشارتىشقا ئىلىپ بارالايدۇ دېگەننى بىلىۋىلىش بولۇپ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋاللار تولۇق بىلىنگەندە ئاندىن نەق تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاقسىلنى سېنتىزلەش ياكى شۇ ئاقسىلغا قارشى دورىلارنى ياساپ شۇنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىدىغان گەپ.

ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر 10 كويغا ئىلىپ يىگىلى بولىدىغان كىچىككىنە دورىدىكى پايدىلىق تەركىب بىر-ئىككى كىلو بالا قېنىدىكىدىن يۇقىرى بولسا كىشىلەر يەنە جاپا تارتىپ شۇنداق پەسكەشلىكلەرنى قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەسكەش كىشىلەر بۇنداق تەتقىقات بارلىقىنى بىلمىسىمۇ ھەممە ئىشنى قىلىشى مۇمكىن، ئەمما غەرب تىبابىتىدە پەقەت ئەڭ ئۈنۈملۈك تەركىب ئېنىقلانسا شۇنى دورا قىلىپ ياساپ ئاندىن كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىدا بەك ئارتۇقچە ئويلاپ تېخى نامەلۇم بولغان ئىشلار ئۈچۈن كۆپ غەم يەپ كەتمەي، ئالىملارنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقى ۋە ساراڭلارچە خىياللارنىڭمۇ بەزىدە ئاساسى تېپىلىپ قالىدىغانلىقىغا دېققىتىمىزنى بەرسەك دەيمەن.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 11:38:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 11:41  

ياش جانلىقلارنىڭ قېنىنى قېرىلىرىغا سېلىش ئارقىلىق قېرىشنى توختىتىش، ھەتتا قېرىلارنى ياشارتىش ئاڭلىماققا رىۋايەتلەردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ياش ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شۇ تۈردىكى قېرى ھايۋانلارغا سالغاندا، يېڭى قان قېرى جانلىق بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى. بىزگە نامەلۇم بولغىنى، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭىنىڭ ئەقلىي كۈچىنى ياشارتقىلى بولامدۇ-يوق؟
-----------
ئۇيغۇر چۆچەكلىرىدىكى جادىگەرنىڭ ياش قىزلارنىڭ قېنىنى شوراپ ،ئۆز ياشلىقىنى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلايدىغانلىقىدەك ھېكايەتلەر ئېسىمگە كەلدى، بۇ يالغۇزلا خىيالى تەسەۋۋۇرمىدۇ ياكى بۇرۇنقىلاردا بۇ ھەقتە مۇئەييەن بىلىش بولغانمىدۇ؟

tayker يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 11:41:26

ناھايتىمۇ ياىشى بىر تىيمىنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپسىز - بېلگەجان ئاپرىن سىزگە . ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش يۇقىرى پەن - تېخنىكىغا ئائىت تەتقىقات ماتىرياللىرىنىڭ ئۆز تىلىمىزدا تەرجىمە قىلىنغانلىرى ناھايتىمۇ ئاز ، مەنمۇ ئاڭلاپ باقمىغان بىر ساراڭنىڭ خىيالىدەكلا ئىش ئىكەن . لىكىن جەمئىيتىمىزدە ئاددىي بىر تەتقىقاتلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى يېتەرسىز ، بولۇپمۇ مىللىيلارغا

AVAR يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 11:50:16

بۇ تەتقىقاتلارنىڭ alzheimer كېسەللىكىگە پايدىسى باردەكمۇ قانداق؟

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 12:18:48

قېرى مېڭىنى ياشارتقىىلى بولمايدۇ دەپ قارىسام بۇ قارشىم خاتا بولامدۇ بىلگەجان ئاكا؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 13:03:13

بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىسى بولىدىغاندەك، لىكىن تۆۋەندىكىدەك ۋەھشىيلىكلەرگە سەۋەب بولۇپ قالماس ھە!
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا، تەخمىنەن 64, 63-يىللاردا ئالبانىيە مۇستەبىتى ئەنۋەر خوجا ئېغىر بىر كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ. نەچچە مىڭ ئادەمدىن بىرىدە كۆرۈلىدىغان، تولىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بىر كېسەل. بۇ ئىش خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. قاندىن زەھەرلىنىش دېيىلگەن بۇ كېسەللىك ئۈچۈن پات-پات قان تازىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىدى. ترانادىكى دۆلەت بويىچە ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىنىڭ باش دوختۇرى ئۇنىڭ كېسىلى ئۈچۈن بىرلا داۋا - قەرەللىك يېڭى قان ئارقىلىق قان تازىلاش ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئېيتىدۇ. يەنى، ئەنۋەر خوجىغا قەرەللىك قان بېرىلىپ تۇرۇشى، ۋە بۇ قان چوقۇم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قېنى بولۇشى كېرەك!

ئۇ چاغلاردا دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان ھەر بىر بوۋاق ئۈچ كۈنگىچە ئانىسى بىلەن دوختۇرخانىدا تۇرۇشى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئىدى. مۇشۇ دەسلەپكى ئۈچ كۈندە نۇرغۇن بوۋاقلار مۇشۇ رەزىللىكنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. قانخور بۇ دىكتاتورنىڭ ھاياتى ئۈچۈن نۇرغۇن بوۋاق يەۋىتىلگەن.  ئەلۋەتتە، دوختۇرخانىدىكى بوۋاق ئۆلۈملىرى مېدىيا ۋە خەلقتىن مەخپىي تۇتۇلىدۇ. بوۋاقنى ساغلام تۇغۇپ ئىككى كۈن كېيىن ئۆلۈكىنى تاپشۇرۇۋالغان ئاتا-ئانا نەدىن بىلسۇنكى مىڭلارچە بوۋاقنىڭ ئوخشاش شەكىلدە ئۆلتۈرۈلگىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتىلىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى؟ ئۇلار پەقەت شۇ «ئەلھۆكمۇلىللاھ» دېيشىدۇ، باشقا نېمە قىلىشسۇن بىچارىلەر؟

بۇ ئىش مۇشۇ شەكىلدە نەچچە ئاي داۋام قىلىدۇ. ھەر كۈنى بۇ دىكتاتورغا بىر قېتىم يېڭى قان بېرىلىدۇ، يەنى بۇ دېگەنلىك، ھەر كۈنى بىر بوۋاق ئۆلىدۇ.

ئىشلار شۇنداق «ئوڭۇشلۇق» كېتىۋېتىپ بىر كۈنى قىزىق بىر ئىش چىقىدۇ. بىزنىڭ ھېلىقى باش دوختۇر، يەنى بايا دىكتاتورغا بوۋاق قېنى بۇيرۇغان باش دوختۇرنىڭ ئەڭ يېقىن، جان-جىگەر ئاغىيىنىسى، راۋۇرۇس تونۇلغان ئادۋوكات بىرىنىڭ ھامىلىدار ئايالى تۇغۇتىدا نەق ئاشۇ دوختۇرخانىدا ياتسا بولىدۇ. بىزنىڭ ئاۋۇ دوختۇر نېمە قىلىشنى بىلمەي بېشى قاتىدۇ. تۇرغان پۈتكىنى بىر قاتىل، شۇنداقتىمۇ جان-جىگەر ئاغىينىسىنىڭ بالىسىغا كەلگەندە قولى تىترەيدۇ. بالىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ. ئامال؟ ئۆزى قويغان ئۇ دىئاگنوزنى ئاغدۇرۇۋەتكىلى بولمايتتى. ئويلا ئويلا، ئاخىرى بالا تۇغۇلىشىغىلا ئانا-بالىنى ئۆيىگە شۇ كۈنىلا قايتۇرۇۋەتمەكچى بولىدۇ. شۇنداق قىلىدۇ ئاخىرى. بالىنىڭ بېشى چىقار چىقماس «ئانا بالا ھەر ئىككىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى، دوختۇرخانىدا يېتىشقا تېگىشلىك بىر خەتەر يوق. ھازىرلا چىقىپ كەتسە بولىدۇ» دەپ دوكلات يېزىپ، ئانا بالىنى ئۆيىگە يولغا سالىدۇ. ئاتا بۇنىڭغا ئۇنىماي كېلىپ دوختۇر بىلەن تاكاللىشىدۇ ئۆزى خىيالىچە. نەچچە كۈن دوختۇردا يېتىپ كۆزىتىلىشى كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. دوختۇر قانچە چۈشەندۈرسە ئۇنىمايدۇ. تۇغۇتلۇق بىر ئايالنى تۇغۇشىغىلا بالا بىلەن دوختۇرخانىدىن ئېلىپ قاچقاندەك چىقىرىۋەتكەن بارمۇ؟ يەنە تېخى يېقىن ئاغىينە تۇرساق بىز؟...

ئاتا ئۇنىڭ ھەرقانداق باھانىسىگە ئۇنىمايدۇ. يا ما دوختۇر راست گېپىنى دېيەلمەيدۇ. قانداق دېيەلىسۇن؟ شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن تازا بىر مەيدان قاتتىق تاكاللىشىۋەتكەندىن كېيىن دوختۇر مەجبۇرىي ھالدا ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپ بالا بىلەن ئانىنى ئاران ئۆيىگە يولغا سالىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ بۇۋاق قۇتۇلىدۇ، لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئىككى دوستنىڭ دوستلۇقىمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 91-يىلى ئەنۋە خوجا ھۆكۈمۈتى يېقىلغۇچە بۇ ئىككىسى بىر ئېغىز پاراڭلاشمايدۇ، بىر-بىرىدىن قېچىشىدۇ ...

1991-يىلى بۇ ئاتا، يەنى مەشھۇر ئادۋوكات ترانادا كونا ھۆكۈمەت ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ قالىدۇ. شۇ ئارخىپلارنىڭ بىرسىدە نەق شۇ ئەنۋەر خوجىنىڭ كېسىلى ۋە ئۇنىڭ داۋاسى ھەققىدىكى مەزمۇنلار چىقىپ قالسا بولىدۇ. پېشانىسىگە پاققىدە بىرنى قويىدۇ-دە، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ ئاللىقاچان 27 ياشقا كىرىپ كەتكەن ھېلىقى بوۋاقنى يېنىغا ئېلىپ خەۋەرمۇ بەرمەستىن كونا دوستىنىڭ ئۆيىگە ماڭىدۇ. دوختۇر ئىشىكى ئالدىدا 27 يىلنىڭياقى چىرايىغا قاراپمۇ قويمىغان بۇ بۇرادىرىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، نىمىگە كەلگىنىنى پەرەزمۇ قىلالمايدۇ ۋە ئامالسىز ئۆيگە تەكلىپ قىلىدۇ.

ئىچكىرىدە ئادۋوكات بىزنىڭ دوختۇرغا قانداق قانداق ئارخىپلارنى كۆرگىنىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ نېمىشقا مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ئەمدى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتىپ، دوختۇردىن كەچۈرۈم سورايدۇ ۋە بۇ ئىككى دوست 27 يىلدىن كېيىن قايتا يارىشىدۇ. يەنى، بۇ ئىككى دوست، ياق، خاتا، خاتا، بۇ ئىككى ھايۋان دېيىش كېرەك. بىر جاڭگالنىڭ بۆرىسى بۇ ئىككى ھايۋاننىڭ بىرى، يەنى ئاۋۇ ئادۋوكات بولغان ئادەم، قانۇن ئادىمى بولغان ئادەم دوختۇرغا سەن نېمەڭگە مىڭلارچە بوۋاقنىڭ ئۆلۈم پەرمانىنى يېزىپ چىقتىڭ؟ دەپ سوراق قىلىپ يۈزىگە تۈكۈرۈشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىنىڭ بىر تال ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋالغان پىداكارلىقىغا ئاۋۇ دوختۇرنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، پەشلىرىنى سۆيۈپ رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ...

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46271&extra=&highlight=بالقاننىڭ&page=3

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 13:38:34

ماشىنىڭ سىلىقلاش مېيىنى ئۇزاق ئشلىتىپ كەتسە ماشىنا تىز كونىرىغانغا ئوخشاش قانمۇ كونىراپ كەتسە بولمايدىكەن.
ھەممە ئادەمگە ماس كىلدىغان ھەممىباب سۇنىئىي قاننى قاچان ياسايدىغاندۇ؟.
قان تاپالماي يۇررۈپ كەتكەنلەرنى ئويلىسام بىرقىسىم بولۇپ كىتىمەن..ئازراقلا قان بولسا ھايات قالدىغان بىمارلار جان تالشىپ يۇرۈۋاتقان..يا كەلگەنلىكى ئادەمنىڭ قېنى ماس كەلمىگەن .
.ھايۋانلارنىڭ قېىنىمۇ ئا ب يەنە بىر نىمە دەپ ئايرىلامدۇ ؟ ياكى ئوخشاش بىر تۈردىكى ھايۋانلارنىڭ قېنى بىر بىرسگە ئوپمۇ ئوخشاش بولامدۇ؟

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:05:37

‏يەنە بىر تېخنىكا يېڭىلىقلىرىدىن بەھرىمان قىلغىنىڭىزدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇق، سىزگە كۆپ رەھمەت.
‏ياش قان تەركىبىدە پايدىلىق ئاقسىللارنى ئىنىقلاپ ۋە زىيانلىق ئاقسىللارنى تېپىپ چىقىپ كۆپ كىسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم بەزى كىسەللەرگە داۋا تاپقىلى بولىدىكەندە.
‏مۇمكىن بولسا يەنە مۇشۇنداق تىمىلىرىڭىزدىن دائىم بەھىرلىنىشنى بەكمۇ خالايمىز.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:07:47

ئىچكىرىدە بايلاردا ئانا سۈتى ئىمىش مودا بوپتىمىش{:136:}

بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ ھاياتى بەدىلىگە  ھايات قالىدىغان ئىش بولسا، بۇنى داۋالاش دەپ ئاتىماسلىق كېرەك.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:30:00

بۇنى سودا خاراكتىرلىك يولغا قويسا چاتاق چىققۇدەك جۇمۇ؟

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 17:57:25

بەلەن ئىش قىلىۋاتىسىز !
بولسا باشقا ساھادىكىلەرمۇ سىزگە ئوخشاش، پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ماقاللەرنى تەرجىمە قىلىپ، تەييارلاپ  ئىزدىنىشقا يوللاپ تۇرسا  قالتېس ئىش بولغۇدەك !{:112:}{:112:}
مەنمۇ ئاللاھ خالىسا ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانلىرمىزنى  تونۇشتۇرۇپ بىر ماقالە تەييارلايمەن !{:87:}{:87:}

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:24:45

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 13:03 static/image/common/back.gif
بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىسى بولىدىغاندەك، ل ...

ياش قان ئارقىلىق قېرى مېڭىنى  راستىنلا شۇنداق ياشارىتقىلى بولىدىغان بولسا بۇنى ھەقىقەتەنمۇ بىر خوشخەۋەر دىگەندىن شۇمخەۋەر دىگەن تۈزۈك. زامانىمىزدا ئەزا ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى شۇقەدەر يۇقىرى، يۇقىىرى دەرىجىلىك مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارلا ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان، ئوپراتسىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىش، كىرگۈزۈش تەرتىپلىرى شۇقەدەر ئىنچىكە بولغان ئەھۋالدىمۇ ئالداش، ھۇشسىزلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن كىشىلەرنىڭ ئەزالىرىنى كېسىۋىلىش، نارەسىدىلەرنى ئالداپ ۋە بۇلاپ ئېلىپ قېچىش ھادىسىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز، بۇ ھادىسىلەر ھەتتا پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن بىر ۋەھىمىگە ئايلىنىپ قالدى. توغرا كىشىلىك قاراش، توغرا ئېتىقاد، ئەخلاق، دىيانەت، ئىنساپ ئاساسى ئېقىم بولمىغان دۇنيادا ناۋادا بوۋاقلارنىڭ، نارەسىدىلەرنىڭ قېنى قېرىلارغا دورا بولىدىغان ئىش بولسا بۇندىن كىيىن نارەسىدىلەرنىڭ بىخەتەرلىگىدىن، بوۋاقلارنىڭ بىخەتەرلىگىدىن خاتىرىجەم بولۇش مۆمكىنمۇ؟! دوختۇرخانىلارنىڭ تۇغۇتخانىلىرى ۋە بوۋاقلار بۆلۈملىرىدە خاتىرىجەم داۋالىنىش مۆمكىنمۇ؟!

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:43:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anur77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 18:58  

تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ۋاختىدا خەۋەردار قىلغانلىقىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۈم،رەھمەت سىزگە.دېمىسىمۇ جاھان يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەر تېپىشىمىز سىز ھەم سىزدەكلەر ئارقىلىقلا بولىۋاتىدۇ.ھارمىغايسىز!

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 18:58:56

مىڭە قورولوش كىسىلى داۋالىنىش ئارقىلىق ئۇزىل كىسىل ياخشى بولامدۇ؟بۇ كىسەل ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلاردىمۇ بولامدۇ؟مىڭە قۇرۇش بىلەن مىڭە قورولوش ئىككىسى بىر كىسەلمۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 19:29:39

ئالەم سەپىرى، يەنى نەچچە يورۇقلۇق يىلى مۇساپىلىك سەپەرگە نىسپەتەن ئادەمنىڭ ئۆمىرى تولىمۇ قىسقا. مارس سەپىرى پەقەت نەچچە مىنوت يورۇقلۇق مۇساپىسىگە باراۋەر. بۇ مۇساپىنى تاماملاش ئۈچۈن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۇچۇش كېرەك بولىدىكەن.
كەلگۈسىدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىك سەپەر ئۈچۈن ئۇچقۇلارنىڭ سۈرئېتىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە ئادەمنىڭ ئۆمۈرىمۇ مۇناسىپ ئۇزۇرىشى لازىم بولىدۇ.
شۇ ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئادەتتىكى ئىنسانمۇ بەلكىم نوھ ئەلەيھىسالامدەك 950 يىل ئۆمۈر كۆرىشى مۇمكىن.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:02:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 20:05  

AVAR يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 11:50 static/image/common/back.gif
بۇ تەتقىقاتلارنىڭ alzheimer كېسەللىكىگە پايدىسى باردەكمۇ  ...

توغرا دەيسىز، بۇ تېمىدا دەل شۇ خىل ئېھتىماللىق كۆزدە تۇتۇلغان. بۇ پەقەت قېرىغاندا دەلتە بولۇپ قالماي تۇتقان قويغىنىنى بىلىپ قېرىش ئۈچۈن ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بىر تەتقىقات. ياشانغانلاردىكى نۇرغۇنلىغان مېڭە كېسەللىرى مۇشۇ تەتقىقات بىلەن بەلكىم شىپا تېپىپ قېلىشى مۇمكىن. غول ھۈجەيرە سانىنى ئاشۇرىدۇ دېگەنگە ئوبدانراق دىققەت قىلىپ قويۇشىمىز كېرەك. بۇ دېگەنلىك كېسەل تىز ساقىيدۇ ۋە نېرۋا ئاسان قېرىمايدۇ دېگەنلىك، ئىنسانلاردىمۇ شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ مېدىتسىنادىكى بىر زور ئىلگىرىلەش بولۇپ قالىدۇ.

قارىسام بەزى تورداشلار بەكلا ئارتۇقچە ئويلىۋالغاندەك قىلىدۇ. بۇ تېخى ئەمدى چاشقاندا قانداق بولىدىغانلىقى ئېنىقلىنىۋاتقان بىر ئىلمىي تەتقىقات. چاشقاندا يۈز بىرىدىغان بىر قىسىم فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلەر ئىنسانلارغا قەتئىي ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا ھازىرچە ئالدىراپ بىر نېمە دېمەي مۇشۇنداق بىر تەتقىقات بولۇۋىتىپتۇ دەپ بىلىپ قالساق بولدى. كېيىنچە ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىدۇ دېگەندىمۇ، ئېنىقكى كىشىلەرگە بالىلارنىڭ قېنىنى يۆتكەيدىغان سىناق ئىلىپ بېرىلمايدۇ سەۋەبى چاشقاندىكى سىناقلارنى قىلىشتىن مەقسەت پەقەت زادى قانداق مىخانىزىملار بىلەن قايسى ماددا قانداق تەسىر كۆرسىتىپ مېڭىنى ياشارتىشقا ئىلىپ بارالايدۇ دېگەننى بىلىۋىلىش بولۇپ ئاخىرىدا بۇ ئەھۋاللار تولۇق بىلىنگەندە ئاندىن نەق تەسىر كۆرسەتكۈچى ئاقسىلنى سېنتىزلەش ياكى شۇ ئاقسىلغا قارشى دورىلارنى ياساپ شۇنى ئىنسانلاردا سىناق قىلىدىغان گەپ.

ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر 10 كويغا ئىلىپ يىگىلى بولىدىغان كىچىككىنە دورىدىكى پايدىلىق تەركىب بىر-ئىككى كىلو بالا قېنىدىكىدىن يۇقىرى بولسا كىشىلەر يەنە جاپا تارتىپ شۇنداق پەسكەشلىكلەرنى قىلامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىنسانلار ئارىسىدىكى پەسكەش كىشىلەر بۇنداق تەتقىقات بارلىقىنى بىلمىسىمۇ ھەممە ئىشنى قىلىشى مۇمكىن، ئەمما غەرب تىبابىتى جۇڭگو تىبابىتى ئەمەس بولۇپ ھايۋانلارنى ياكى ئەزالارنى شۇ پىتى يەيدىغان ئىش يوق، بەلكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەركىب ئېنىقلانسا شۇنى دورا قىلىپ ياساپ ئاندىن كېسەل داۋالاشقا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بۇ توغرىدا بەك ئارتۇقچە ئويلاپ تېخى نامەلۇم بولغان ئىشلار ئۈچۈن ئۇنچىۋالا غەم يەپ كەتمىسەڭلارمۇ بولىدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:08:20

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 13:03 static/image/common/back.gif
بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا پايدىسى بولىدىغاندەك، ل ...

ھەكىمنىڭ ما ھىكايىسى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىكەن جۇمۇ

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 20:25:14

Control يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 12:18 static/image/common/back.gif
قېرى مېڭىنى ياشارتقىىلى بولمايدۇ دەپ قارىسام بۇ قارشى ...

بۇنىڭ جاۋابىنى مەن بىلمەيمەن ئۇكام. بۇ يەردىكى گەپ پەقەت فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيسىگە قارىتىلغان، ئىنسانلاردا قانداق بولىدىغانلىقى ئايدىڭ بولغاندا بىلىمىز. ئەمما سىز باشقا پىسخىكىلىق، روھىي ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولسىڭىز، مەن بۇنى قەتئىي بىلمەيمەن.

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 21:52:13

ياخشى تېما!
تېما ئېگىسىگە تەشەككۇرلەر بولسۇن!

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-15 23:06:03

دوختۇرخاندا كىسەللەرگە قان يىتىشمەيۋاتىسا قىرىنى ياشارتىدىغانغا نەدە ئارتۇق قان تۇرۇپتۇ !
بىلگەجان ئاكا    قان يىتىشمەسلىك ئىشى چەتئەللەردىمۇ بارمۇ ؟ ئۇلار داۋالاشتا قان مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ ؟
بەت: [1] 2
: (bilgejan) قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟