UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 02:51:43

قالتىس قىزىقارلىق بىر ئېسىل ماقالەكەن ماۋۇ. ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق ئىلمى ماقالىلەرنى بىر قېتىملا ئوقۇساق چۈشىنىدىكەنمىز مانا. ھەي ئانا تىلنىڭ قەدرى!! مەن يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت رەھبەرلىرىگىمۇ قان سالىدۇ بولمىسا 90 ياشقا كىرىپمۇ گۈسۈلدەپ دۆلەت باشقۇرالامدۇ دېگەن بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك قىلغان، پەقەتلا ئاڭلاپلا قالغان. {:136:}بىلىپ قالساق بولدى.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 06:15:47

ئىش چاتاق...
بەزى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىك دۆلەتلەردە دۆلەت باشلىقى قېرىپ، ئەقلىدىن ئاداشقاندا، ئامالسىزلىقتىن ھوقۇق تاپشۇراتتى، ئەگەر ماۋۇ تەتقىقات ئىنسانلاردا مۇۋاپپىقىيەت قازانسا، بۇ مۇستەبىتلەرگە بولۇپ بەرگۈدەك.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 10:32:47

ئىسلام كەرىمۇف ، نەزەربايۇفلار ھاكىمىيەتنى تۇتىۋىردىكەندە

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 10:45:10

ilter يوللىغان ۋاقتى2014-5-16 10:32 static/image/common/back.gif
ئىسلام كەرىمۇف ، نەزەربايۇفلار ھاكىمىيەتنى تۇتىۋىردى ...

نېمانچە ئالدىراپ كېتىدىغانسىلە تۈزۈك ئوقۇمايلا خۇلاسە چىقىرىشقا؟ چاشقاندا بولغان بىلەن ئادەمدە بولامدۇ كىم بىلىپتۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاقسىلغا ئاساسەن دورا ياسايدىكەن، دورىسى بولسا قاننىڭ نېمە ھاجىتى؟ جۇڭگو تىبابىتىدەك قارا-قويۇق پۈتۈن جانلىق، پۈتۈن ئورگان پىتى ئىشلىتىدىغان ئىش يوق غەرب تىبابىتىدە.... ئاقسىلنى قاندىن ئەمەس، سۈنئىي سېنتىزلەش مۇمكىن ياكى باشقا ھايۋانلار قېنىدىن ئايرىپ ئىلىشمۇ مۇمكىن خۇددى ئىنسۇلىن ۋە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى كالىدىن ئايرىپ ئالغاندەك. بۇ يەردە قاننىڭ ھەممىسى، پەقەت قان تەركىبىدىكى GDF11 دېگەن ئاقسىلنىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق چېچىلاڭغۇ، قاراڭغۇ پىكىرلەرنى بېرىشتىن بۇرۇن تېمىدا نېمە دېيلدى، تېما ئىگىسى قانداق چۈشەندۈرۋاتىدۇ قاراپ بېقىپ ئاندىن ئىنكاس يازساڭلار ياخشى ئىدى.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-16 14:13:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-16 14:15

مېنىڭ قىستۇرۇپ قويغان ئىنكاسىم سەۋەبلىك تېما خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قالمىسۇن، بىلگەجان ئېيتقاندەك بۇ تېخى چاشقان ئۈستىدە بولىۋاتقان تەتقىقات ئىكەن. بۇ يەردە قان ھەققىدە گەپ بولىۋاتقان بولغاچقىلا يۇقۇردىكى ئىنكاسنى قىستۇرۇپ قويغان ئىدىم.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-19 09:23:24

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-15 20:02 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز، بۇ تېمىدا دەل شۇ خىل ئېھتىماللىق كۆزدە...

   كەچۈرۈڭ بىلگەجان ئىنىم. قان كۆچۈرۈپ ياشارتىش توغرسىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئازتولا ۋەھىمە ھېس قىلغىنىم راست. تېمىڭىزنىڭ بىرىنچى ئابزاسىدىكى ياش جانلىقلارنىڭ قېنىنى قېرىلىرىغا سېلىش ئارقىلىق قېرىشنى توختىتىش، ھەتتا قېرىلارنى ياشارتىش ئاڭلىماققا رىۋايەتلەردەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن. بىراق، بىر قانچە ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ياش ھايۋانلارنىڭ قېنىنى شۇ تۈردىكى قېرى ھايۋانلارغا سالغاندا، يېڭى قان قېرى جانلىق بەدىنىدىكى غول ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلدى.دىگەن مەزمۇنلار ھەقىقەتەن بىر قاراشقىلا ئادەمنى شۇ تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. ئاندىن بىرزات نەقىل ئالغان ئاۋۇ ھىكايىمۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىقكەن. ناۋادا بۇ تەتقىقات سىز ئېيىتقاندەك قان تەركىۋىدىكى پايدىلىق تەركىپلەرنى تېپىپ چىقىپ سېنتىزلاپ دورا ئىشلەش ئارقىلىق مېدىتسىناغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن بولسا ھەقىقەتەن پايدىلىق تەتقىقات بولىدۇ، ئەگەر بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتى بولغان دورىلار مەيدانغا كەلمەي تۇرۇپ ئاشۇ بىرىنچى ئابزاستا ئېيتىلغاندەك «ياش ھايۋانلارنىڭ قېنىنى قېرى ھايۋانلارغا سالغاندا قېرى جانلىق تېنىدىكى غول ھۆجەيرىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ساقىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىغى»نى ئىسپاتلاپ قويسا ئۇھالدا بىز ۋەھىمە ھېس قىلغان پاجىئەلەرنىمۇ يۈز بەرمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ. ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەسلىدە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ۋە قولايلىق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنىڭ ئاخىرىدا ئايرىم غەرەزلىك كىشىلەر ياكى كىشىلەر توپى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلىپ، ئاپەت خاراكتىرلىق نەتىجە ئېلىپ كەلگەنلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ توغرا يۆنۈلۈشتە ئېلىپ بېرىلىپ ھەقىقى يوسۇندا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق نەتىجە ئېلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن!
بەت: 1 [2]
: (bilgejan) قېرى مېڭىنى ياشارتقىلى بولامدۇ؟