radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 17:32:04

توك ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 18:31  

توك

توك توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىپ يوللاي دەپ نىيەت قىلغىلى ئۇچ يىل بوپ قالاي دەپتۇ ، ئەمما دوستىمىز تۇماقنىڭ ئېمزايىدىكى «ھورۇنلۇق پەزىلەتتۇر » دېگەن كەلىمىسى تولا يادىمغا يېتىۋىلىپ ، ھورۇنلۇقنى تاشلىيالمىغىلى  (ھورۇنلۇقۇمنى تۇماققا دۆڭگەپ قويغاچ تۇراي ھازىرچە{:88:}  ) ئۇزۇن بولۇپ كەتتى .
ئالدىنقى قىتىم يېزىپ خىلى بىر يەرگە كەلگەندە ،(ھەممىنى توپلاپ بىر كىتاپچە چىقىراي دەپ ئويلىغان ) قاتتىق دىسكىدا خاتالىق كۆرۇلۇپ ، ھەممىسى يوق بولدى ، ئېلخەتكە زاپاسلاپ قويمىغاننىڭ ئىشى{:132:}  .
توك توغۇرلۇق بۇ يازما توك ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە ، ئاندىن توك يولىدا ئىشلىتىلىدىغان دېتاللار (قارشىلىقتىن باشلاپ مەيدان ئۇنۇملۇك لامپىغىچە ) ۋە قوراللار (مەسىلەن داغمال ، مولتېمىتىر ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ .
ئەمدى بۇ يازمىدا خاتالىق كۆرۇلۇپ قالسماسلىقى ئۇچۇن ، ئىزدېنىشتىكى توكچى ، ئېنجىنىرلاردىن ئۆزەم بىلىدىغانلارنى چاقىراي  ، مەن بىلمەيدىغان توكچىلارمۇ ئۆزەڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار ، مۇشۇ باھانىدا تونۇشۇپ قالايلى .
خەلىق توكچىسى   @wapadarim912   
تۇرپانلىق ئېنجىنىر @ablimitt     
ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق @Bilig  
يەنە   @Batush
يەنە ................................   




ئەمدى تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك :
توك (电, electricity ) تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىرخىل ئېنىرگىيە بولۇپ ، يۇرقاقى مەزمۇنلارنى ئوقۇيالىشىڭىزمۇ دەل سىزنىڭ توكىڭىزنىڭ نۇرمال ئېكەنلىكىنى كۆرسېتىپ بېرىلەيدۇ{:90:}  . ئاشۇ توك نۇرمال بولغاچقا ،سىز كومپىيۇتىر ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق بۇ مەزمۇنلارنى كۆرەلىدىڭىز ، ئەلۋەتتە بەدىنىڭىزنىڭ بئولوگىيلىك توكى نۇرمال بولغاچقا ، كۆزىڭىز بۇ مەزمۇننى توك شەكلىدە چوڭ مىڭىڭىزگە يەتكۇزىدۇ ، مىڭىڭىز نۇرمال ئېنكاس قايتۇرىدۇ ، مۇشۇ ئىنكاسمۇ توك شەكلىدە بەدەندىكى ھەر بىر ئەزاغا تارقىلىپ ، بۇيرۇقنى ئورۇندايدۇ .
        ئۇنداقتا توك دېگەن نېمە ؟ . زەرەتلەرنىڭ (电荷، charge  ) يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى توكنى پەيدا قىلىدۇ .
ئەمىسە زەرەت دېگەن نېمە ؟ . زەرەت دېگىنىمىز  ....
ئاۋال ھەرقانداق ماددا(物质,matter ) مولىكولادىن (分子 Molecule)، مولىكولا  ئاتومدىن(原子 atom ) تۈزۈلىدۇ. يەنى ئاتوم بولسا خمىيەلىك رىئاكسىيدە پارچىلانمايدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە(微粒子  particle ). ماددىنىڭ ئاتوم خاراكتىرىنى ئاتوم يادروسى (دىكى پىروتون سانى) بەلگىلەيدۇ. ئاتوم يادروسى دىگەنلىك شۇ ئاتومنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، شۇنداقلا ماددىنىڭ 99.99% ماسسىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بەلگىلىك ساندىكى زەرەتلىك زەررىچە(پىروتون) ۋە ماس ساندىكى زەرەتسىز زەرىچە(نىيترون) دىن تۈزۈلگەن بولىدۇ.
(中子 - نىيترون . 质子 - پىروتون .电子 - ئېلىكتىرون)
ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە بەلگىلىك ساندىكى ئىلىكتىرونلار يادرونىڭ تارتىش كۈچى (فىزىكىدا كۈچلۈك ئۆزئارا تارتىشىش كۈچى دەيمىز) نىڭ تەسىرىدە قالايمىقان ھەركەتلىنىپ تۇرىدۇ(بۇ ئىلىكتىرونلار شۇ ئاتومنىڭ خمىيەلىك رىئاكسىدە قانداق رول ئوينىشىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا بەكلا تۇتامسىز  كىلىدۇ، شۇڭا ھازىر تەھلىل قىلمايمىز ). ئاتوم ئۆزى 10 نىڭ مىنۇس 10- دەرىجىسى(يەنى ئاتومنى بىر تۇخۇم دىسەك، نۆۋەتتىكى تۇخۇم يەرشارىدەك) چوڭلۇقتىكى زەررىچە بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكوپلار ئارقىلىق يەككە ئاتوملارنى كۈزەتكىلى بولىدۇ. يادرو دىگەن ئاشۇ يۇمىلاق تۇخۇمدەك نەرسىنىڭ مەركىزگە جايلاشقان بولۇپ ئۇنىڭ مۇقىم خىمىيەلىك فورمۇلاسى يوق (چۈنكى ھازىرغىچە بايقالغان 120 گە يىقىن ئىلمىنىتنىڭ يادرو رەسىمى چەكسىز كۆپ خىل بولىدۇ) 。 پىروتۇن مۇسبەت زەرەتلىك ، ئېلېكتىرۇن مەنپىي زەرەتلىك بولىدۇ .  دەل ئاشۇ زەرەتلەر سەۋەبىدىن توك ھاسىل بولىدۇ .
1.1 دېمەك .  زەرەتلەرنىڭ يۆلىنىشلىك يۆتكىلىشى توكنى پەيدا قىلىدۇ .
توك شۇنداق پەيدا بولىدۇ .
بىزنى توك بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان قۇرۇلما توك مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ (电源 power source ) . مەسىلەن : گېنىراتۇر (Electric_generator发电机 ) ، باتارىيە (电池 battery)، ئاككومولىياتۇر (蓄电池 accumulator) ، توكلىغۇچ (充电器 charger)قاتارلىقلار .
يەنى ئادەتتە ئېلېكتىر ماتۇرغا سىرىتتىن تۇك بەرسە ئۇ سىرىتقا كۇچ ياكى ھەركەت بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەگەر ئۇنۇڭغا سىرىتتىن ھەركەت ياكى كۇچ بېرىلسە ، ئۇ سىرىتقا توك تەمىنلەيدۇ . ئەمما ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئايلىنىش نىسبىتى 70% ئەتراپىدا بولىدۇ . مەڭگۇلۇك دىۋگاتىلنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ .
2 توكنىڭ ئادەتتە ئېقىم ۋە بىسىمدىن ئېبارەت ئىككى پارامىتىرى بولىدۇ .
2.1  توك ئېقىمى (电流 Current)  : ئۆتكۇزگۇچنىڭ توغرا كەسمە يۇزىدىن بىرلىك ۋاقىت ئېچىدە ئېقىپ ئۆتكەن زەرەت مىقدارى توك ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ . بىرلىكى ئادەتتە ئامپىر دېيىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئىككى ئۇكىسى بولۇپ مىللىي ئامپىر ۋە مىكرو ئامپىر دېيىلىدۇ .مەسىلەن   I =5A
2.2  ئېلېكتىر بىسىمى (电压 voltage): بىرلىك مىقداردىكى زەرەتنى ئىككى نوقتا ئارىسىدا يۆتكەش ئۇچۇن ئىشلەنگەن ئىش  ئېلېكتىر بىسىمى دەپ ئاتىلىدۇ .
مەسىلەن  : U= 220V
        قۇۋەت(功率 power) : بىرلىك ۋاقىتتا ئىشلەنگەن ئىش قۇۋەت دەپ ئاتىلىدۇ .
ئادەتتە توكقا نىسبەتەن ، شۇ دىتال ياكى سايماننىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتىر بىسمىنى شۇ دىتالدىن ئۆتكەن توكقا كۆپەيىتكەنگە تەڭ . مەسىلەن : P=U X I  , P=220V X 10A =2200W  ، يەنى ئۆيدىكى چاچ قۇرۇتقۇچنى 220 ۋولىتلىق توك مەنبەسىگە ئۇلىساق ، ئۇنىڭدىن 10 ئامپىر توك ئۆتكەن بولسا ، ئۇنىڭ قۇۋىتى 2200 ۋات بولىدۇ . بىر سائەت ئۇدا ئىشلەتسەك ، توك سائىتىدىن 2.2 دو توك ئۆتىدۇ ، بىر دو توك 0.6 يۇەن بويىچە بولسا ، 1.32 يۇەنلىك توك ئىشلەتكەن بولىمىز .
        توك يەنە ئۆزگىرىشچانلىقىغا قاراپ ئىككى تۇرگە بولىنىدۇ .يەنى تۇراقلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توك .
3.1  تۇراقلىق توك : 直流电 DC  ، يۆلىنىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توك تۇراقلىق توك ئاتىلىدۇ . مەسىلەن باتارىيە ، توكلىغۇچ ، ئاككومولىياتۇر چىقارغان توكلار .
تۇراقلىق توكنىڭ گىرافىكى


        ئۆزگىرىشچان توك : 交流电 AC چوڭ كىچىكلىكى ، يۆنىلىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان توك .
ئۆزگىرىشچان توكنىڭ گىرافىكى




        توك ئۆتكۇزىدىغان ماتىرياللار : 导电材料  
4.1 ئۆتكۇزگۇچلەر (导体,conductor): توك ئۆتكۇزۇش ئېقتىدارى ياخشى بولغان ماتىرياللار ئۆتكۇزگۇچلەر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن: ئالتۇن ، كۇمۇش ، مىس ، قەلەي ، قوغوشۇن .
4.2 ئېزولىياتۇرلار ( insulator 绝缘体) ئادەتتىكى ئەھۋالدا توك ئۆتكۇزمەيدىغان ماتىرياللار ئېزولىياتۇر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ياغاچ ، بىتون ، سۇلىياۋ ...
4.3 يىرىم ئۆتكۇزگۇچلەر(半导体 semiconductor) توك ئۆتكۇزۇش ئېقتىدارى ئۆتكۇزگۇچ بىلەن ئېزولىياتۇر ئارلىقىدا بولغانلار يىرىم ئۆتكۇزگۇچ دەپ ئاتىلىدۇ .
4.4 ئۇلتىرا ئۆتكۇزگۇچ (超导体 ,super conductor ) ,مەلۇم شارائىتتا ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى تۇيۇقسىز نۆل بولۇپ كېتىدىغان ھادىسە ، ئادەتتە بەك تۆۋەن تىمپىراتۇردا ياكى بەك يۇقرى تىمپىراتۇرا شارائېتىدا كۆرۇلىدۇ . كىيىنكى دەۋىردە بەلكىم ئادەتتىكى شارائىتتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئولتىرا ئۆتكۇزگۇچلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن .

        قارشىلىق ( 电阻,Resistance)  ئۆتكۇزگۇچنىڭ توك ئۆتكۇزمەسلىك ، توكنىڭ ئۆتۇشىگە بولغان قارشىلىق رولى توك يولىنىڭ ياكى لىنىيەنىڭ قارشىلىقى دېيىلىدۇ . ئادەتتە R بىلەن ئېپادىلىنىدۇ . R=ρL/S
بۇ فورمىلادا ρ تۇراقلىق سان بولۇپ ، ئۆتكۇزگۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ماتىريالىغا بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ . L بولسا ئۆتكۇزگۇچنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، S بولسا ئۆتكۇزگۇچنىڭ توغرا كەسمە يۇزى . دېمەك ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى ئۇزۇنلۇقىغا ئوڭ تاناسىپ ، توغرا كەسمە يۇزىگە تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ . ئادەتتە مىس سىم ئاليۇمىن سىمدىن ياخشى ، توم سىم ئېنچىكە سىمدىن ياخشى ...
        ئوم قانۇنى : ئۆتكۇزگۇچتىن ئۆتكەن توك ئېقىمى ئېلېكتىر بىسىمىغا ئوڭ تاناسىپ ، قارشىلىققا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ . I=U/R
ئەمدى بۇنى ئالماشتۇرساق R=U/I  بولىدۇ . ئەمما بۇ يەردىكى قارشلىق ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى بولغاچقا ، توك ئېقىمى ۋە توك بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . مەسىلەن . I=5A , R=10Ω  بولغاندا U  قانچە بولىدۇ ؟

        يۇقرى بېسىمدا توك يوللاش .
توكنىڭ يوللاش جەريانىدا خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئادەتتە يۇقرى بىسىمدا يوللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

بىلمىگىنىم : بۇرۇن ئۆزگرىشچان توكنى يۇقرى بىسمدا يوللايىتتى ، ئەمما يىقىندا قارىسام  تۇراقلىق توكنىمۇ يۇقرى بىسىمدا يوللىغىلى تۇرۇپتۇ . تۇراقلىق توكنى يۇقرى بىسىمدا يوللاشنىڭ نېمە ئەۋزەللكى بولغۇيدى ؟

        قوشۇمچە:   مالىكولا ھەققىدە  بەزى ئۇيغۇچە مەزمۇنلار
http://www.dilnuri.com/wp/?p=51
http://bbs.izdinix.com/thread-22804-1-1.html

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 17:56:36

خەت نۇسخسى سەل بىنورمال تۇرىدا

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:13:13

خەت نۇسخسىنى توك سۇقۇۋەتتىمۇ:lol:lol

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:19:45

ئەمدىچۇ ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 18:45:11

ئەمدىچۇ ؟!{:122:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:54:36

مەن تېخى مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا شۇنداق كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن.{:92:}

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:55:54

توك توغۇرلۇق بىر نەرسە يېزىپ يوللاي دەپ نىيەت قىلغىلى ئۇچ يىل بوپ قالاي دەپتۇ ، ئەمما دوستىمىز تۇماقنىڭ ئېمزايىدىكى «ھورۇنلۇق پەزىلەتتۇر » دېگەن كەلىمىسى تولا يادىمغا يېتىۋىلىپ ، ھورۇنلۇقنى تاشلىيالمىغىلى  (ھورۇنلۇقۇمنى تۇماققا دۆڭگەپ قويغاچ تۇراي ھازىرچە  ) ئۇزۇن بولۇپ كەتتى .
ئالدىنقى قىتىم يېزىپ خىلى بىر يەرگە كەلگەندە ،(ھەممىنى توپلاپ بىر كىتاپچە چىقىراي دەپ ئويلىغان ) قاتتىق دىسكىدا خاتالىق كۆرۇلۇپ ، ھەممىسى يوق بولدى ، ئېلخەتكە زاپاسلاپ قويمىغاننىڭ ئىشى  .
توك توغۇرلۇق بۇ يازما توك ھەققىدە قىسقىچە چۇشەنچە ، ئاندىن توك يولىدا ئىشلىتىلىدىغان دېتاللار (قارشىلىقتىن باشلاپ مەيدان ئۇنۇملۇك لامپىغىچە ) ۋە قوراللار (مەسىلەن داغمال ، مولتېمىتىر ) قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ .
ئەمدى بۇ يازمىدا خاتالىق كۆرۇلۇپ قالسماسلىقى ئۇچۇن ، ئىزدېنىشتىكى توكچى ، ئېنجىنىرلاردىن ئۆزەم بىلىدىغانلارنى چاقىراي  ، مەن بىلمەيدىغان توكچىلارمۇ ئۆزەڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار ، مۇشۇ باھانىدا تونۇشۇپ قالايلى .
خەلىق توكچىسى   @wapadarim912   
تۇرپانلىق ئېنجىنىر @ablimitt     
ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق @Bilig  
يەنە   @Batush
يەنە ................................   

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:56:35

ئەمدى تېمىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك :
توك (电, electricity ) تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان بىرخىل ئېنىرگىيە بولۇپ ، يۇرقاقى مەزمۇنلارنى ئوقۇيالىشىڭىزمۇ دەل سىزنىڭ توكىڭىزنىڭ نۇرمال ئېكەنلىكىنى كۆرسېتىپ بېرىلەيدۇ  . ئاشۇ توك نۇرمال بولغاچقا ،سىز كومپىيۇتىر ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق بۇ مەزمۇنلارنى كۆرەلىدىڭىز ، ئەلۋەتتە بەدىنىڭىزنىڭ بئولوگىيلىك توكى نۇرمال بولغاچقا ، كۆزىڭىز بۇ مەزمۇننى توك شەكلىدە چوڭ مىڭىڭىزگە يەتكۇزىدۇ ، مىڭىڭىز نۇرمال ئېنكاس قايتۇرىدۇ ، مۇشۇ ئىنكاسمۇ توك شەكلىدە بەدەندىكى ھەر بىر ئەزاغا تارقىلىپ ، بۇيرۇقنى ئورۇندايدۇ .
         ئۇنداقتا توك دېگەن نېمە ؟ . زەرەتلەرنىڭ (电荷، charge  ) يۆنىلىشلىك يۆتكىلىشى توكنى پەيدا قىلىدۇ .
ئەمىسە زەرەت دېگەن نېمە ؟ . زەرەت دېگىنىمىز  ....
ئاۋال ھەرقانداق ماددا(物质,matter ) مولىكولادىن (分子 Molecule)، مولىكولا  ئاتومدىن(原子 atom ) تۈزۈلىدۇ. يەنى ئاتوم بولسا خمىيەلىك رىئاكسىيدە پارچىلانمايدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە(微粒子  particle ). ماددىنىڭ ئاتوم خاراكتىرىنى ئاتوم يادروسى (دىكى پىروتون سانى) بەلگىلەيدۇ. ئاتوم يادروسى دىگەنلىك شۇ ئاتومنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، شۇنداقلا ماددىنىڭ 99.99% ماسسىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بەلگىلىك ساندىكى زەرەتلىك زەررىچە(پىروتون) ۋە ماس ساندىكى زەرەتسىز زەرىچە(نىيترون) دىن تۈزۈلگەن بولىدۇ.
(中子 - نىيترون . 质子 - پىروتون .电子 - ئېلىكتىرون)
ئۇنىڭ سىرتىدا يەنە بەلگىلىك ساندىكى ئىلىكتىرونلار يادرونىڭ تارتىش كۈچى (فىزىكىدا كۈچلۈك ئۆزئارا تارتىشىش كۈچى دەيمىز) نىڭ تەسىرىدە قالايمىقان ھەركەتلىنىپ تۇرىدۇ(بۇ ئىلىكتىرونلار شۇ ئاتومنىڭ خمىيەلىك رىئاكسىدە قانداق رول ئوينىشىنى بەلگىلەيدۇ، شۇنداقلا بەكلا تۇتامسىز  كىلىدۇ، شۇڭا ھازىر تەھلىل قىلمايمىز ). ئاتوم ئۆزى 10 نىڭ مىنۇس 10- دەرىجىسى(يەنى ئاتومنى بىر تۇخۇم دىسەك، نۆۋەتتىكى تۇخۇم يەرشارىدەك) چوڭلۇقتىكى زەررىچە بولۇپ نۆۋەتتە ئەڭ ئىلغار ئىلىكتىرونلۇق مىكروسكوپلار ئارقىلىق يەككە ئاتوملارنى كۈزەتكىلى بولىدۇ. يادرو دىگەن ئاشۇ يۇمىلاق تۇخۇمدەك نەرسىنىڭ مەركىزگە جايلاشقان بولۇپ ئۇنىڭ مۇقىم خىمىيەلىك فورمۇلاسى يوق (چۈنكى ھازىرغىچە بايقالغان 120 گە يىقىن ئىلمىنىتنىڭ يادرو رەسىمى چەكسىز كۆپ خىل بولىدۇ) 。 پىروتۇن مۇسبەت زەرەتلىك ، ئېلېكتىرۇن مەنپىي زەرەتلىك بولىدۇ .  دەل ئاشۇ زەرەتلەر سەۋەبىدىن توك ھاسىل بولىدۇ .
1.1 دېمەك .  زەرەتلەرنىڭ يۆلىنىشلىك يۆتكىلىشى توكنى پەيدا قىلىدۇ .
توك شۇنداق پەيدا بولىدۇ .
بىزنى توك بىلەن تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان قۇرۇلما توك مەنبەسى دەپ ئاتىلىدۇ (电源 power source ) . مەسىلەن : گېنىراتۇر (Electric_generator发电机 ) ، باتارىيە (电池 battery)، ئاككومولىياتۇر (蓄电池 accumulator) ، توكلىغۇچ (充电器 charger)قاتارلىقلار .
يەنى ئادەتتە ئېلېكتىر ماتۇرغا سىرىتتىن تۇك بەرسە ئۇ سىرىتقا كۇچ ياكى ھەركەت بىلەن تەمىنلەيدۇ . ئەگەر ئۇنۇڭغا سىرىتتىن ھەركەت ياكى كۇچ بېرىلسە ، ئۇ سىرىتقا توك تەمىنلەيدۇ . ئەمما ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئايلىنىش نىسبىتى 70% ئەتراپىدا بولىدۇ . مەڭگۇلۇك دىۋگاتىلنى ياساپ چىققىلى بولمايدۇ .
2 توكنىڭ ئادەتتە ئېقىم ۋە بىسىمدىن ئېبارەت ئىككى پارامىتىرى بولىدۇ .
2.1  توك ئېقىمى (电流 Current)  : ئۆتكۇزگۇچنىڭ توغرا كەسمە يۇزىدىن بىرلىك ۋاقىت ئېچىدە ئېقىپ ئۆتكەن زەرەت مىقدارى توك ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ . بىرلىكى ئادەتتە ئامپىر دېيىلىدۇ ، بۇنىڭ ئۆزىدىن كىچىك ئىككى ئۇكىسى بولۇپ مىللىي ئامپىر ۋە مىكرو ئامپىر دېيىلىدۇ .مەسىلەن   I =5A
2.2  ئېلېكتىر بىسىمى (电压 voltage): بىرلىك مىقداردىكى زەرەتنى ئىككى نوقتا ئارىسىدا يۆتكەش ئۇچۇن ئىشلەنگەن ئىش  ئېلېكتىر بىسىمى دەپ ئاتىلىدۇ .
مەسىلەن  : U= 220V
         قۇۋەت(功率 power) : بىرلىك ۋاقىتتا ئىشلەنگەن ئىش قۇۋەت دەپ ئاتىلىدۇ .
ئادەتتە توكقا نىسبەتەن ، شۇ دىتال ياكى سايماننىڭ ئىككى ئۇچىدىكى ئېلېكتىر بىسمىنى شۇ دىتالدىن ئۆتكەن توكقا كۆپەيىتكەنگە تەڭ . مەسىلەن : P=U X I  , P=220V X 10A =2200W  ، يەنى ئۆيدىكى چاچ قۇرۇتقۇچنى 220 ۋولىتلىق توك مەنبەسىگە ئۇلىساق ، ئۇنىڭدىن 10 ئامپىر توك ئۆتكەن بولسا ، ئۇنىڭ قۇۋىتى 2200 ۋات بولىدۇ . بىر سائەت ئۇدا ئىشلەتسەك ، توك سائىتىدىن 2.2 دو توك ئۆتىدۇ ، بىر دو توك 0.6 يۇەن بويىچە بولسا ، 1.32 يۇەنلىك توك ئىشلەتكەن بولىمىز .
         توك يەنە ئۆزگىرىشچانلىقىغا قاراپ ئىككى تۇرگە بولىنىدۇ .يەنى تۇراقلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توك .
3.1  تۇراقلىق توك : 直流电 DC  ، يۆلىنىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توك تۇراقلىق توك ئاتىلىدۇ . مەسىلەن باتارىيە ، توكلىغۇچ ، ئاككومولىياتۇر چىقارغان توكلار .
تۇراقلىق توكنىڭ گىرافىكى

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:57:08

        توك ئۆتكۇزىدىغان ماتىرياللار : 导电材料  
4.1 ئۆتكۇزگۇچلەر (导体,conductor): توك ئۆتكۇزۇش ئېقتىدارى ياخشى بولغان ماتىرياللار ئۆتكۇزگۇچلەر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن: ئالتۇن ، كۇمۇش ، مىس ، قەلەي ، قوغوشۇن .
4.2 ئېزولىياتۇرلار ( insulator 绝缘体) ئادەتتىكى ئەھۋالدا توك ئۆتكۇزمەيدىغان ماتىرياللار ئېزولىياتۇر دەپ ئاتىلىدۇ . مەسىلەن ياغاچ ، بىتون ، سۇلىياۋ ...
4.3 يىرىم ئۆتكۇزگۇچلەر(半导体 semiconductor) توك ئۆتكۇزۇش ئېقتىدارى ئۆتكۇزگۇچ بىلەن ئېزولىياتۇر ئارلىقىدا بولغانلار يىرىم ئۆتكۇزگۇچ دەپ ئاتىلىدۇ .
4.4 ئۇلتىرا ئۆتكۇزگۇچ (超导体 ,super conductor ) ,مەلۇم شارائىتتا ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى تۇيۇقسىز نۆل بولۇپ كېتىدىغان ھادىسە ، ئادەتتە بەك تۆۋەن تىمپىراتۇردا ياكى بەك يۇقرى تىمپىراتۇرا شارائېتىدا كۆرۇلىدۇ . كىيىنكى دەۋىردە بەلكىم ئادەتتىكى شارائىتتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئولتىرا ئۆتكۇزگۇچلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن .

         قارشىلىق ( 电阻,Resistance)  ئۆتكۇزگۇچنىڭ توك ئۆتكۇزمەسلىك ، توكنىڭ ئۆتۇشىگە بولغان قارشىلىق رولى توك يولىنىڭ ياكى لىنىيەنىڭ قارشىلىقى دېيىلىدۇ . ئادەتتە R بىلەن ئېپادىلىنىدۇ . R=ρL/S
بۇ فورمىلادا ρ تۇراقلىق سان بولۇپ ، ئۆتكۇزگۇچنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ماتىريالىغا بىۋاستە باغلىنىشلىق بولىدۇ . L بولسا ئۆتكۇزگۇچنىڭ ئۇزۇنلۇقى ، S بولسا ئۆتكۇزگۇچنىڭ توغرا كەسمە يۇزى . دېمەك ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى ئۇزۇنلۇقىغا ئوڭ تاناسىپ ، توغرا كەسمە يۇزىگە تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ . ئادەتتە مىس سىم ئاليۇمىن سىمدىن ياخشى ، توم سىم ئېنچىكە سىمدىن ياخشى ...
         ئوم قانۇنى : ئۆتكۇزگۇچتىن ئۆتكەن توك ئېقىمى ئېلېكتىر بىسىمىغا ئوڭ تاناسىپ ، قارشىلىققا تەتۇر تاناسىپ بولىدۇ . I=U/R
ئەمدى بۇنى ئالماشتۇرساق R=U/I  بولىدۇ . ئەمما بۇ يەردىكى قارشلىق ئۆتكۇزگۇچنىڭ قارشىلىقى بولغاچقا ، توك ئېقىمى ۋە توك بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز . مەسىلەن . I=5A , R=10Ω  بولغاندا U  قانچە بولىدۇ ؟

        يۇقرى بېسىمدا توك يوللاش .
توكنىڭ يوللاش جەريانىدا خوراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن ئادەتتە يۇقرى بىسىمدا يوللاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ .

بىلمىگىنىم : بۇرۇن ئۆزگرىشچان توكنى يۇقرى بىسمدا يوللايىتتى ، ئەمما يىقىندا قارىسام  تۇراقلىق توكنىمۇ يۇقرى بىسىمدا يوللىغىلى تۇرۇپتۇ . تۇراقلىق توكنى يۇقرى بىسىمدا يوللاشنىڭ نېمە ئەۋزەللكى بولغۇيدى ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 19:57:20

ئەمدىچۇ ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 20:26:17

ساقلاپ قويۇپ ئوقاي.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 20:30:26

ھېسامكام كېچىدە غىققىدا مەس كىلىپ ئۆيگە كىردىم دەپ ئېغىلغا كىرىپ قاپتۇ. قاراڭغىدا ۋاقىراپتۇ خوتۇن توكنى ياندۇرە دېسە سادا يوق . ھېسامكام توكنى ياندۇرۇمەن دەپ سىلاشتۇرۇپ ئېشەكنى قۇيرۇغىنى شۇنداقلام تاتىپتىكەن  ۋاققىدە بىرنى تەپسە ، ۋاي ىوتۇن مىنى توك تەپتى دىگۈدەك .:lol

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 20:51:23

يامان ئەھمىيەتلىك تىمىكەن ماۋۇ،مەن توك ھەققىدە خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولاپ قالدىم!!.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:17:18

ئۇتتۇرلۇق يازغىنىڭىزنى مۇنبەرگە يوللاپ قويسىڭىز يۇقاپ كەتمەيدۇ، كەم-كۈستە قالغان يېرىنى كىيىن تۇلۇقلاپ يوللاڭ، بولمىسا خەت ئۇرۇشقىمۇ ئاز ۋاقىت كەتمەيدۇ-دە، يوللىنىپلا قالسا كىيىنلەردە توپلاپ كۈچۈرۈپ پ د ف قىلىپ توپلاپ قويسىڭىز بۇلىدۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:39:12

توك نازنىن قىزغا ئ‍وخشايدۇ، كەلتۈرۈش ئ‍ۈچۈن پۇل كېتىدۇ، ئ‍ۇنى يالىڭاچلاپ تۇتسىڭىز تېپىدۇ،
تېلفۇندا چىرايخانا ئ‍ېچىلمايدىكەن،

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:43:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   matros5 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 21:57  

سىمسىز توك تەجىربىسى (چېكىپ كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ)

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:58:24

بۇ خەنچە تۇنۇشتۇرلىشى  (چىكىپ كىرىپ كۆرۈپ بېقىڭ)

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 21:59:53

توك يەنە ئۆزگىرىشچانلىقىغا قاراپ ئىككى تۇرگە بولىنىدۇ .يەنى تۇراقلىق توك ۋە ئۆزگىرىشچان توك .
3.1  تۇراقلىق توك : 直流电 DC  ، يۆلىنىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرمەيدىغان توك تۇراقلىق توك ئاتىلىدۇ . مەسىلەن باتارىيە ، توكلىغۇچ ، ئاككومولىياتۇر چىقارغان توكلار .
-------------------------------------------------------------------------------
ئۆزگىرىشچان توكنى تېخىمۇ تەپسىلى شەرھىيلەپ بەرگەن بولسىڭىز. ئېنىقلىمىسىدىن يۈلىنىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگەرسە ئۆزگىرىشچان توك بولىدىكەن. بۇ يەردىكى يۈلىنىشى دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ماتىماتكىدا يۈلىنىشى ھەم مىقدارى بار بولسا ۋىكتۇر، پەقەت مىقدارى(چوڭ-كىچىكلىكى) بولسا سىكاليار دەيمىز. بۇ ئېنىقلىمىغا بويىچە تۇراقلىق توك سىكاليار، ئۆزگىرىشچان توك ۋىكتۇر بولامدۇ؟

كۈچ ۋىكتۇر بولىدۇ، يۈلىنىشىنى كوردىنات سېستىمىسىدا باشلىنىش نوقتىسى بىلەن ئاخىرلىشىش نوقتىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان  يۈلىنىشلىك كېسك بىلەن ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. كۈچنىڭ يۈلىنىشى ئۆزگەرسە ئاخىرلىشىش نوقتىسى ئەسلىدىكىدىن باشقا نوقتىغا يۆتكەلگەن بولىدۇ.  ئۇنداقتا ئۆزگىرىشچان توكنىمۇ كوردىنات سېستمىسدا كۈچنى ئىپادىلىگەنگە ئوخشاش ئىپادىلىگىلى بولامدۇ؟  يۈلىنىشى ئۆزگەرسە قانداق ئۆزگىرىدۇ؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 22:07:43

پىلوس، مىنۇس سىمنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار.  ئاندىن يەنە ئىككى ئوت سىم ئۇچراشقاندىكى ھادىسىنىمۇ.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 22:50:38

مەن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى يېپىپ ئاچسام 90%ئەھۋالدا توك تىپىدۇ ،  ئاجايىپ ئىش، سەۋەبى نىمىدۇ؟ باشقىلارغا دېسەم سىناپ باقىدۇ تەپمەيدۇ، ئارقىدىن مەن سىنىسام يەنە تىپىدۇ:sleepy::sleepy:
بەت: [1] 2 3
: توك ھەققىدە قىسقىچە ساۋات