428 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-10 23:59:44

نان تىگىدىغان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، لىكىن داۋامىنى يازمايدىغان ئىشىڭىز بولسا بالدۇرراق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ قۇيارسىز . بولمىسا مىنىڭ ۋاقتىم بىلەن كۈزۈمنىڭ ئىسىراپچىلىقىنى تۆلەيدىغان ئىش چىقىدۇ
:P:P:P:P

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:04:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-11 00:45

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 22:50 static/image/common/back.gif
مەن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى يېپىپ ئاچسام 90%ئەھۋالدا توك تىپى ...

تىببىي نوقتىدىن قارىغانداقۇرۇق ئىسسىقىڭلار ئىشىپ كەتسە ، بەدەندە ھۆللۇك ئازلىغاندا خېلىتلار بۇزۇلۇپ .............
ئاساسلىق بەدەن بەك قورغاقلىشىپ كەتسە ، كىيگەن ساپ پاختا بولمىسا ، زەرەتلەر بەدەنگە يىغىلىپ قېلىپ ،ئاخىرىدائىككى خىلقارمۇ قارشى زەرەتلەر ئارىسىدا كۇچلۇك توك قويۇپ بېرىش ھادىسسى يۇر بېرىدۇ ، سىللىنى سوققان توك مۇشۇ شۇ ، پات - پات توك قويۇپ بېرىپ تۇرۇڭلا . مەسىلەن تامغا ئىككى ئالقان بىلەن شاپاللاپ قويۇش . لىمۇندا چاي دەملەپ ئېچىشدېگەندەك

بۇلۇتلار ئارىسىدا مۇشۇ خىل ھادىسە يۇزبەرگەندە ، چاقماق چاقىدۇ .

بىنزىن توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ ئارقىدا يەرگە تېگىپ تۇرغان ئىككى تال تاسما زەنجىر بولىدۇ ، بۇنىڭ رولى بىنزىن توشۇلۇش جەريانىدا باك دىۋارىغا ئۆزلۇكسىز چايقىلىپ ، زەرەتلەر توپلىشىپ قالىغان زەرەتلەرنى يەرگە ئۆتكۇزىۋىتىش ...

رەسىم ماشىننىڭ يەرگە زەرەت قويۇۋىتىش تاسمىسى





radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:06:27

428 يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 23:59 static/image/common/back.gif
نان تىگىدىغان تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، لىكىن داۋامىن ...

بۇگۇنكى تېما تۇگىدى . بۇندىن كىيىن تەخمىنەن 15 كۇندە بىر مەزمۇن يېڭىلىنىدۇ ....

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:19:54

Parwana يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 21:59 static/image/common/back.gif
توك يەنە ئۆزگىرىشچانلىقىغا قاراپ ئىككى تۇرگە بولىنىد ...

ئۆزگرىشچان توك : چوڭ كىچىكلىكى ۋە يۆلىنىشى دەۋرىيلىك ئۆزگىرىپ تۇرىغان توك .مەسىلەن باتارىيە چىقارغان توك تۇراقلىق توك بولۇپ   يۆلىنىشىنىسپىي مۇقىم بولىدۇ . چىراق ئۇلىسىڭىز داۋاملىق يېنىپ تۇرىدۇ . چاستۇتىسى نۆل بولىدۇ .
ئەمما ئۆزگىرىشچان توك بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ، ئۇڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە يۆنىلىشى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
مەسىلەن ئادەتتە ئۆيدە ئىشلىتىدىغان لامپا سىكۇنىتىغا 50 قىتىم يېنىپ ئۆچىدۇ . AC 220 , 50Hz,
تۆۋەندىكى رەسىمدە ئېنىق چىقىدۇ . تۇراقلىق توك ئىكىس ئوقنىڭ ئاستىغا چۇشمەيدۇ ، ئادەتتە ئىكىس ئوققا پاراللىل بولىدۇ ، ئېگىرىك ئوققا نىسبەتەن مۇقىم تۇرىدۇ .
ئەمما ئۆزگىرىشچان توك ئىكىس ئوقنىڭ ئاستى ۋە ئۇستىدە بولىدۇ . ئىكىس ۋە ئېگىرىك ئوققا نىسبەتەن دەۋرىيلىك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ .
رەسىم

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 00:41:53

QUYASH يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 22:07 static/image/common/back.gif
پىلوس، مىنۇس سىمنىڭ قانۇنىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇڭلار. ...

تۇراقلىق توكقا نىسبەتەن توك مەنبەسىنىڭ قۇتۇپلىرىپىلوس مىنۇس دەپ ئايرىلىدۇ .ئادەتتە ئوخشاش ئىككى قۇتۇپ بىرگە ئۇلانسا ، 1- خىل ئەھۋالدا توك بىسىمى يۇقرىسى توك بىسىمى تۆۋەنگە توك قاچىلايدۇ .مەسىلەن تېلىفۇننىڭ توك قاچىلىغۇچىسى تېلىفۇن باتارىيىسىگە مۇشۇ ئۇسۇلدا توك قاچىلايدۇ . 2- خىل ئەھۋال يانداش ئۇلانغان توك مەنبەسىگە ئايلىنىپ ، سىرىتقا نىسبەتەن تىخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتىن توك بىلەن تەمىنلەيدۇ .
پىلۇس قۇتۇپ بىلەن مىنۇس قۇتۇپ بىۋاستە ئۇلانسا قىسقا يول بولۇپ قالىدۇ ، بۇنى ماسلا بولۇپ قېلىش دەيمىز . بۇنداق بولغاندا قارشلىق تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن توك ئېقىمى يۇقىرلاپ كېتىپ ، مەنبە كۆيۇپ كېتىش ، توك سىمى كۆيۇپ كېتىش قاتارلىق ئىشلار كېلىپ چېقىدۇ .
ئەمما ئۇخشاش توك مەنبەسىنىڭ پىلۇس قۇتۇبىغا يەنە بىر مەنبەنىڭ مىنوس قۇتۇبىنى ئۇلاش ئارقىلىق توك بىسىمنى يۇقرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ ، مەسىلەن قولچىراققا ئىككى تال باتارىيەنى ئارقىمۇ ئارقا سالساق توك بىسىمى يۇقرى كۆتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ .

ئۆزگىرىشچان توكقا نىسبەتەن : ئۆزگىرىشچان توك پىلوس مىنۇس قۇتۇپ دەپ ئايرىلمايدۇ . ئادەتتە فازا سىمى相线 ۋە يەر سىمى 地线 دەپ ئىككى تۇرگە ئايرىيمىز . ئوت سىم ۋە نۆل سىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
ئادەتتە تۇرمۇشتا   AC220v دېگىنىمىز ، دەل ئوت سىم بىلەن نۆل سىم ئوتتۇرسىدىكى توك بېسىمىنى كۆرسېتىدۇ . AC380v دېگىنىمىزفازا پەرقى 120 گىرادۇس بولغان ئىككى فازا سىم يەنى ئىككى ئوت سىم ئارىسىدىكى توك بېسىمىنى كۆرسېتىدۇ .
بۇنىڭدىمۇ ئوت سىم بىلەن نۆل سىم بىۋاستە تۇتىشىپ قالسا مەنبە ياكى توك سىمى كۆيۇپ كېتىدۇ .
ئېلېكتىر ئېنىرگىيە شىركەتلىرىنىڭ توك تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا فازىسى ئوخشاش ئۇچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توكنى ئۆز ئارا ماس ھالدا ئۇلاپ ، تورلاشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ ...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 11:35:07

مەن توك سىمى ئۇلاپ قالسام، ئوت سىم بىلەن نۆل سىم ئۇلىنىپ قالمىغانلا بولسا خالىغان بىرسىنى تۇتىۋىرىمەن، ۋىكلىئۇچاتىلنى چۈشۈرۋەتمەيمەن. توك تۇتمىغىنى توغرىمۇ ياكى مىنىڭ تۇتقىنىم خاتامۇ؟ :o

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 11:40:55

بەزى ئېنىقسىز ئۇقۇملار بار ئىدى، ھەجەپ ئوبدان يېزىپسىلە.

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 11:41:45

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى2014-5-11 11:35 static/image/common/back.gif
مەن توك سىمى ئۇلاپ قالسام، ئوت سىم بىلەن نۆل سىم ئۇلىنى ...

توك تۇتمىغنى توغرا.... بۇنى توك سىمىغا قونغان كەپتەرنى توك سوقمىغانلىقىغا ئوخشاتساق بۇلدۇ

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 11:50:13

رەخمەت تېما ئىگىسى توك توغۇرلۇق خېلى بىلىملىك بوپقالدىم ( بەزى چۈشىنەلمىگەن يەرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا )。

alepteken يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 12:08:33

توكچى ئۇستاملا مۇشۇ دۇككىنىمنىڭ توك سائىتى بەك چاپىدۇ ئۇنىڭ ئۇستىگە توك باھاسى 1.3 سوم
يىقىننىڭزى ئورتىپ بەرگەن سائەتتە مەسلە باردەپ قارايمەنمەسلە بارلىقىن ئىتسام سۆزۇمنى ئاڭلىمىدى
يارىدەم قىلىپ مۇشۇ توكئوغۇلاش ئۇسىلىنى ئۇگۇتۇپ قويساڭلا ياكى سائەتنى ئاستىراق ماڭغۇزدىغان ئامال بارمۇ
شۇنۇڭغا دايىر بىرە ئۇسكىنە بولسا سىتىۋالسام بىر ئامال كۆرسەتسەڭلا

EzQi0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 13:06:49

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 22:50 static/image/common/back.gif
مەن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى يېپىپ ئاچسام 90%ئەھۋالدا توك تىپى ...

مېنىمۇ ئانچۇ مۇنچە تىپىپ قويىدۇ.باشقىلار بىلەن كۆرۇشسەم جىقىراق تىپىدۇ،بەزىدە ئاغىنىلە كۆرەشكىىمۇ ئۇنىمايدۇ.توك تىپىدۇ دەپ:lol

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 14:20:51

توك ھەققىدىكى بىلىملەرنى يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرغان، ماۋۇ تىما بەك ئەسقاتتى.
چۈشەنمىگەن بىرنەچچە نوقتا:
1. تىمىدىكى 'دۇ' دەپ ئالغىنىڭىزنى 'كىلوۋات' دەپ ئالساق بولامدۇ، يەنى توك سائىتىنىڭ ماڭىدىغان بىرلىكىنى ؟
2. ئۆزگۈرۈشچان توكنىڭ گىرافىكىنى كۆردۇق، مۇشۇ ئەگرى سىزىقنىڭ قايسى خىل ئەگرى سىزىق بولىشى بىلەن توكنىڭ مەلۇم بىر خاراكتىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟ مەسىلەن سىنوس شەكىلدىكى توك بىلەن كوسىنوس شەكىلدىكى ياكى باشقا شەكىلدى توكنىڭ پەرقى بولامدۇ ؟ قايسى خىل ئەگرى سىزىققا تەۋە بولىشىنى توك ھاسىل قىلغاندا كونترول قىلغىلى بولامدۇ ؟
4. لامپۇچكىنى سكونتىغا 50 قېتىم يېنىپ-ئۆچىدۇ دىدىڭىز ...نىمىشقا ؟ توكنى مۇقىم توكقا ئايلاندۇرۇپ ياندۇرساق بولمامدۇ ؟
3. يەنە گۇڭگا بولغان بىر چۈشەنچە 打铁، يەرگە ئۇلاش دەپ چۈشىنەمدۇق. مۇشۇنى بىر چۈشەندۈرۋەتسىڭىز بولسا.

Control يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 15:41:53

توك ئادەتتە تۇتىۋالىدۇ ياكى تېپىدۇ...

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 19:12:12

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى2014-5-11 11:35 static/image/common/back.gif
مەن توك سىمى ئۇلاپ قالسام، ئوت سىم بىلەن نۆل سىم ئۇلىنى ...

بىخەتەرلىك قائىدىسى : ئالاھىدە بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا توكلۇق مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ !.
سىللىنىڭ قىلغىنىڭلار بىخەتەر توك ئىشلىتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائدىسىگە خىلاپ مەشغۇلات .!

توك يولىنى رېمىنۇت قىلغاندا ياكى تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغاندا چوقۇم توك مەنبەسىنى ئۇزىۋىتىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىش لازىم .
سىللىنى سوقماسلىقىدىكى سەۋەپ توك سىللىدىن ئۆتۇپ باشقا يەرگە كەتمىگەن ، يەنى سىللە تۇيۇق توك يولىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالمىغان . يەنى سىللىننىڭ يەر بىلەن ئىزولىياتسىيەرىڭلار ياخشى بولغان ،ئەگەر ئادەتتە بىۋاستا يالاڭئاياغ نەم يەرگە دەسسەپ ئوت سىمنى تۇتۇپ قالسا ، بىۋاستە توك سوقۇش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ ، ئادەم زىيانلىنىدىغان ئەھۋال بولۇپ قالىدۇ .



توك سوقۇش : لوگىكا جەھەتتىن توك ئادەمنى سوقمايدۇ ياكى تۇتىۋالمايدۇ . ئامما ئاۋۇ ماقالىدە دېگەندەك بەدىنىمىزدىكى ئۇچۇرلارئېلېكتىر سىگنالى شەكلىدە چوڭ مىڭىگە بېرىپ كېلىدىغانلىقى ئۇچۇن ، بەزىدە چوڭ توك ئېقىمى بەدىنىمىزدىن ئۆتكەندە ، يىنىك بولغاندا بەدەننىڭ ئۆزىنى ئېلىپ قېچىىش، ئۆزىنى قوغداش رولى يوشۇرۇن ئېنىرگىيمىزنى قوزغاپ ، زور كۇچ بىلەن ئۆزىمىنى تارتىۋالىمىز ، مانا بۇ توك سوقۇش دېيىلىدۇ .
توك تۇتىۋىلىش ؛بەدەندىن ئېقىپ ئۆتكەنتوك ئېقىمى سەل چوڭراق بولسا ، پەي مۇسكۇللار قىسقىراپ توك سىمىنى تىخىمۇ چىڭ تۇتىۋالىمىز ، چوڭ مىڭىنىڭ قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى سىگنالىمۇ بەك ئاجىز توك بولغاچقا بۇ چوڭراقتوكقا كۇچى يەتمەي چوڭ مىڭىنىڭ توك سىمىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى بۇيرۇقى قولىمىزغا يېتىپ كىلەلمەيدۇ . بىرەرسى ئاجرىتىپ قويمىسا ، {:130:} {:130:} {:130:}
شۇڭا نامەلۇمتوك بار يوقلۇقىنى بىلمەيدىغان جىسىمنى تۇتۇشقا توغرا كەلگەندە، قولنىڭ دۇمبىسى بىلەن تەككۇزۇپ بېقىش، ھەرگىزمۇقولنىڭ ئالقىنى بىلەن تۇتماسلىق لازىم ....


قوشۇمچە ؛
ئەسكەرتىش : ئادەتتە 10 كىلوۋولىتلىق توكنى 220/380 ۋولىتقا ئايلاندۇرىدىغان تىرانىسفور ماتۇرلاردايەر سىمى تىرانىسفور ماتۇرنىڭتۇۋىدىكى يەردىن ئېلىنىدۇ .نەزىريە جەھەتتە نۆل سىم ياكى يەر سىمىدا توك بىسمى ناھايتى تۆۋەن بولىدۇ . ئادەمنى سوقمايدۇ .تىرانىسفور ماتۇرلار ئۆلچەم بويىچە يەرگە ئۇلاش قارشىلىقى 2 ئومدىن يۇقرى بولماسلىقى لازىم . ئەمما ۋاقتىدا توغرا ئاسرالماسلىق ، ۋە ئۆلچەم بويىچە تەكشۇرۇپ خاتىرە قالدۇرماسلىق سەۋەبىدىن ۋە باشقا سەۋەبلەردىنيەرسىمىنىڭ يەرگە ئۇلىنىڭ قارشىلىقى يۇقىرلاپ كېتىدۇ . بۇنداق بولغاندا يەرسىمىدا بىر قەدەر يۇقرى توك بىسىمى پەيدا بولىدۇ . ئادەم يەرسىمىنى تۇتۇپ سالسا ئۆلۇم يىتىم ياكى زىيانلىنىش ئەھۋالى كۆرۇلۇپ قالىدۇ .
تەكلىپ : 1. كىچىك بالىللىرىڭىز تىرانىسفور ماتۇر ئەتراپىدا   ئوينىمىسۇن ، ئۆيىڭىزنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ قالسا ، نۆل سىمنىڭ ئەتراپىنىياغاچ شال تاختاي بىلەن قاشالاپ قويۇڭ .   بىخەتەرلىك بىرىنچى !


2. ئائىلەرگە تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ئۇزچان / ۋىكلىيۇچاتىل ئىشلىتىڭ ،بۇنىڭ رولى توك ماسلا ياكى قىسقا يول بولۇپ قالسا ،ئادەم توك تۇۋالغان چاغدا ئاپتۇماتىك توك مانبەسىنى ئۇزۇپ تاشلايدۇ . سىزنى نۇرغۇن زىياندىن ساقلاپ قالىدۇ .
ئىشلەش پىرىنسپى : ئوت ۋە نۆل سىمدىن ئۆتكەن توك ئىقىنى داۋاملىق سىلىشتۇرۇپ تۇرىدۇ ، ئىككى سىمدىكى توك ئېقىمىدا چوڭراق پەرىق كۆرۇلگەندە ياكى توك ئېقىمى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندەئاپتۇماتىك ئۇزۇلۇپ ، قوغداش رولىنى ئۆتەيدۇ .
ئىككى سىملىق (ئوت سىم ۋە نۆل سىم ) نى ئۇستى تەرەپكە ئۇلايمىز . چىقىشىنى ئاستى تەرەپكە ئۇلايمىز . رەسمدىكىC32 دېگىنى ئەڭ چۇڭ ئۆتۇشكە يول قويۇلىدىغان توكى32 ئامپىر دېمەكچى . مەن DELIXIماركىلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ھەم ئۆزەم ئىشلىتىمەن. ئامپىر سانىنى تاللاشنىڭ ئۆلچىمى ؛ ئومومىي قۇۋەتنى 220 ۋولىتقا بۆلۇپ ، چىققان ساننىڭ بىر يىرىم ياكى 1.2 ھەسسىسى بويىچە تاللىساق مۇۋاپىق بولىدۇ ..( ئادەتتە ئۆيۇمدە، تېلېۋۇزۇر100 ۋات ، توك مۇنچا 3000 ۋات ، توك ئوچاق 2000 ۋات ، كىر ئالغۇ 500 ۋات ، باشقا چىراقلار ۋە كومپىيۇتىر 400 ۋات دېسەك ، جەمئىي تەخمىنەن6000 ۋات ئەتراپىدا بولغۇدەك ، بۇنى ئېلېكتىر بىسىمى 220 ۋولىتقا بۆلسەك ، تەخمىنەن 28 ئامپىر ئەتراپىدا چىقىدۇ ، ئەمما ھەممىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش ئىھتىماللىقىم تۆۋەن ، شۇڭا 32 ئامپىرلىقىى تاللىغان . )




3. ماۋۇ نەرسە ئادديلا ئۇزچات بولۇپ ، ئادەم توكنى تۇتىۋالغاندا ، قوغداش رولى بولمايدۇ .
مۇشۇ رەسىم .



radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 19:15:52

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى2014-5-11 11:41 static/image/common/back.gif
توك تۇتمىغنى توغرا.... بۇنى توك سىمىغا قونغان كەپتەرن ...

ئاپلا ما بالىنىڭ كەپتەرلىكىنى ئۇنتۇپقوشنام دەپ ئويلاپبىر تاغار ئىنكاس يېزىپ كېتىپتىمەن .

راسىت ئادەتتە كەپتەرلەر بىرلا سىمغا قونىدىغان ، ھەم يەرگە ئۇلىنىڭ قالمايدىغان بولغاچقا، ئۇلارنى توك سوقمايدۇ .

ئەمما بىرلا ۋاقىتتا ئىككى سىمغا تەڭ قونۇپ قالسا ، ئۇنداقتا كەپتەر كاۋىپى پىشىدۇ .....{:92:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 20:09:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-11 20:29

yollugh يوللىغان ۋاقتى2014-5-11 14:20 static/image/common/back.gif
توك ھەققىدىكى بىلىملەرنى يېڭىلاشقا ئېھتىياجلىق بولۇپ...

1. دو دېگىنىمىز، بىركىلوۋات قۇۋەتتىكىتوك بىر سائەت ئىش ئىشلىگەندىكىمقدارى . كىلوۋات ھەر سائەت دېسەكمۇ بولىدۇ ، ئادەتتە توك سائىتىدىن بىر دو توك ئۆتۇپتۇ دېگىنىمىز ،بىركىلوۋات قۇۋەتتىكى توك بىر سائەت ئىش ئىشلىدى دېگەن گەپ .يەنى يۇز ۋاتلىق لامپۇچكا ئون سائەت يانسا ، توك سائىتىدىن ئاران بىردو توك ئۆتىدۇ .
2. ئۆزگىرىشچان توكنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئىگىرىك ئوقىغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ ، يۆنىلىشى ئىكىس ئوققا نىسبەتەن ئۆزگىرىدۇ .
ئادەتتە تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان ئۇچ فازىلىق ئۆزگىرىشچان توكنىڭ ئۇچ ئاملى بولىدۇ ، بۇلار   دەسلەپكى فازا   (初相)، ئامپىلىتۇدا (幅度). چاستۇتا (频率).
تۆۋەندىكى رەسىم : يۇقارقى ئۇچ خىل ئامىل توكنىڭ قانداق توك بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ . دەسلەپكى فاز پەرقىنى گىنىراتۇربېكىتىدۇ .
مەسىلەنئا فازاتوكىنىڭ دەسلەپكى فازىسى نۆل گىرادۇس . ب فازا توكىنىڭ دەسلەپكى فازىسى پىلوس 120 گىرادۇس . س فازا توكىنىڭدەسلەپكى فازىسى پىلوس 240 گىرادۇس ياكى مىنۇس 120 گىرادۇس بولىدۇ .
ئامپىلىتۇداسى يىلتىز ئاستىدا ئىككى . چاستۇتىسى سوتسىيالىستىكجوڭگۇدا 50 ھىرتىس .كاپىتالىسىت ئامرىكىدا 60 ھىرتىس بولىدۇ .
فورمىلاسى    f=w/2pi    .بۇيەردىكى fچاستۇتىنى ئىپادىلەيدۇ . w بولسا بۇلۇڭلۇق چاستۇتا ئومىگانى ئىپادىلەيدۇ .piبولسا چەمبەر تۇراقلىقىپى شۇ ....






4. نۇرغۇنلىغان ئېلېكتىر ئۇسكۇنۇللىرى ئۆزگىرىشچان توكتىن بىۋاستە پايدىلىنالايدىغان بولغاچقا ، تۇرمۇشتا ئۆزگىرشچان توك ئىشلىتىشئومۇملاشقان . يەنە يىراق ئارلىققا ئۇزىتشتا تىرانىسفۇر ماتۇر(变压器)ئارقىلىق بىسىم ئۆرلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش ئاسان . زۆرۇر تېپىلسا تۇراقلاشتۇرۇپ ئىشلەتسەك بولىدۇ ، مەسىلەن زەرەتلىگۇچ ئارقىلىق يانفۇنغا توك قاچىلاش . ...

يەرگە ئۇلاش . 接地 , 打地 ،يەرشارى نىيتىرال نوقتا دەپ قارىلىىدۇ . شۇڭا نىيتىرال سىمنى يەرگە ئۇلاپ قويىمىز ، يەر سىمى دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ . ئاساسلىق يەرشارى ئەڭ ياخشى تەڭ پوتنىسئاللىق نوقتا .   سۇ ئىگىزدىن پەسكە ئاقىدۇ ، ئاشۇ پەس ئورۇننى نىسپىنىيتىرال نوقتا دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ . ئاشۇ ئېگىز ئورۇن بىلەن پەس ئورۇندائېگىزلىك پەرقى بولغىنىغا ئوخشاش ، ئېلېكتىرمۇيۇقرى پوتنىسئاللىق ئورۇن بىلەن تۆۋەن پوتنىسئاللىق ئورۇن ئارىسىدا پەيدا بولغان بىسىم پەرىقىدىن پايدىلىنىپ ئىش ئىشلەيدۇ .يەرگە ئۇلاشمۇ چوڭ بىر ئېلېمكەن . بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تىرانىسفۇرماتۇرۋە رادىيو تارقىتىش ئاپاراتىنىڭ يەرلەشتۇرۇش خىزمىتىنى ئۇرۇمچىدىن بىر شىركەت قىلىپ تىخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قىلغان . ھەرگىزمۇ بار تال تۆمۇرنى يەرگە قىقىپ قويۇپلايەرگە ئۇلاش تامام دەپ كەتمىگەن .
يەر سىمى تىخنىكا ئىھتياجىغا ئاساسەن ، نۆل يەر سىمى (零线接地 ). قوغداش يەرسىمى (保护接地 ). سىگنال يەرگە ئۇلاش سېىمى ( 信号接地) . ۋە يۇقرى چاستۇتا يەرلەشتۇرۇش ( 高频接地) . دېگەندەك تۇرلەرگە بۆلىنىدۇ .يۇقارقىلارنى ئۆز ئارا بىر بىرگە ئۇلاپ قويۇشقا بولمايدۇ .    (بىزنىڭ رادىيو ئىستانسىمىزنىڭ يۇقرى چاستۇتا يەرگە ياخشى ئۇلانمىغنالىقى ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ قوغداش يەرگە ئۇلاش سىمى ئىشلەتمىگەنلىك سەۋەبىدىن ، مۇقىم تىلىفۇنلىرىدىن ، ياڭراتقۇللىرىدىنسۇس ئاۋازدا راديو چىقىپ تۇرىدۇ .{:88:} )

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 21:53:25

uyghurjan0997 يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 20:30 static/image/common/back.gif
ھېسامكام كېچىدە غىققىدا مەس كىلىپ ئۆيگە كىردىم دەپ ئېغ ...

{:181:}

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 22:13:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   radiofan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-11 22:20

alepteken يوللىغان ۋاقتى2014-5-11 12:08 static/image/common/back.gif
توكچى ئۇستاملا مۇشۇ دۇككىنىمنىڭ توك سائىتى بەك چاپىدۇ...

توك سائەتتە مەسىلەر بار دەپ قارىسىڭىز ،سائەتنى توك ئېدارىسىغا 电力公司 ,供电公司ئۇقتۇرۇپ قويۇپسۇپەت تەكشۇرۇش 质量监督局 ئىدارىسىغا ئاپىرىپ تەكشۇرۇتۇپ كۆرۇپ باقسىڭىز بولىدۇ . ئەگەر دۇكانداسىم ئوراملىق نەرسىلەرنى(ئېلېكتىر ماتۇر ، مادا ، يەنى دىيەندوڭجى ) كۆپ ئىشلەتىسىڭىز ،
كونسىاتۇرلۇق تولۇقلىغۇچ (无功功率就地电容补偿器)قويسىڭىز ، ئۇنۇمسىز قۇۋەت ئازىيىپ توك ئىشلىتىش ئۇنۇمىڭىزيۇقرى كۆتۇرلىدۇ .

گەرچە توك ھۆكىمەتنىڭ (دۆلەت ئېلېكتىر ئېىنىرگىيە شىركىتىنىڭ )بولسىمۇ ئۇنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىش مۇسۇلمانغا دۇرۇس ئەمەس ، توك ئوغۇرلاشمۇ ئوغۇرلۇق . ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسىڭىز ،توك تەمىنلەش شىركىتىدىن دوسىت بۇرادەر بولسا ، شۇلار ئامال قىلايدۇ . ..

توك تىجەڭ ، زورۇر بولمىغان توك سايمانلىرىنى چىتىپ قويماڭ ، ئىشلەتمىسىڭىزسىمىنى چىقىرۋىتىڭ . تىجەشلىك بولغان ياخشى ... مەسىلەن لامپۇچكىلارنى توك تىجەيدىغان LED لامپىلارغا ئالماشتۇرۇڭ ............

قوشۇمچە : بىز ئىشلىتىۋاتقان توك قۇۋىتىئادەتتەئۇنۇملۇك قۇۋەت ۋە ئۇنۇمسىز قۇۋەتنىڭ يىغىندىسىدىن تەركىپ تاپىدۇ .ئادەتتە ئائىلەردەئۇنۇمسىزقۇۋەت 3-5 پىرسەنىتنى ئېگەللەيدۇ ، شۇڭا توك سەرپىياتى ئانچە يۇقرى بولمىغان ئائىلەرگە نىسبەتەن كوندىساتۇرلۇق تولۇقلاش ئېلىپ بېرىشنىڭ زورۇرىيتى يوق ، چۇنكى توك تىرانسفورماتۇردىن چىقىپ توك سائىتىگە كېلىپ بولغۇچىمۇ شۇنچىلىك خورايدۇ ، شۇڭا ھىچكىمىنىڭ ھىچكىمدە ھەققى قالمايدۇ . شۇڭا تۆلىگەن پۇلىمىزغا رازى بولۇپ تۆلىسەك بولىدۇ .
ئەمما كۆپ توك ئىشلىتىدىغانلار ، بولۇپمۇسىم ئوراملىق نەرسىلەرنى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كوندىساتۇرلۇق تولۇقلاش ئېلىپ بارسا ، ئۇنۇمسىز قۇۋەتنى ئازايتىپ ، ئۇنۇملۇك قۇۋەتنى كۆپەيتىپ ، توكتىنپايدىلىنىش ئۇنۇمىنى يۇقرى كۆتۇرگىلى بولىدۇ .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-11 22:36:40

ئىدارىدە بەزىدە تىلكامىرا يوللىرىنى ئاسراش سەۋەبىدىن توكنى ئۈزمەي مەشخۇلات قىلىشقا توغرا كىلىپ قالىدۇ. ھەتتا ئىدارە چوڭ قوروسىنىڭ ئاساسى توك مەنبەسىنى ئۈزۈش ئۈچۈنمۇ توك ئىدارىسىغا خەۋەر قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، چۈنكى ئىدارىنىڭ قوروسىدا ئايرىم ئۈز-چات يوق ئىكەن. شۇڭا ئامالسىز توكنى ئۈزمەي ھەپىلىشىپ سالىدىغان گەپ. :( لىكىن ئىمكان بار قولۇمدا بىۋاستە تۇتمايمەن، ئامبۇر بىلەن تۇتىمەن، ھەم يالىڭاچلاپ ئۇلاشقا تەييار بولغان قىسمىنى ئاۋۋال ئوت سىمنى قىلىن يالتىراقتا يۆگەپ قويۇپ، ئاندىن نۆل سىمنى چىتىۋىلىپ، ئاندىن يەنە ئوت سىمنى ئۇلايمەن. ياكى بىردىن بىردىن يالىڭاچلاپ ئولايمەن.
ھەم يەرگە دەسسەپ قىلغاندا بىرەر تاغار ئوغۇت ياكى ئوغۇت خالىتىسىنى پۇتۇم ياكى شوتا ئاستىغا قويۇپ ئاندىن قىلىمەن.
ئۇنىڭدىن باشقا چىراق ۋە باشقا نەرسىلەرگە بىرلا سىمغا ئۇلىنىدىغان ئۈز-چات بىكىتكەندىمۇ ئوت سىمغا ئۇلايمەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-5-12 19:07:45

UyghurBaligh يوللىغان ۋاقتى2014-5-10 22:50 static/image/common/back.gif
مەن ماشىنىنىڭ ئىشكىنى يېپىپ ئاچسام 90%ئەھۋالدا توك تىپى ...

تۇزلۇق تاماققا ئامراقمۇ؟
بەت: 1 [2] 3
: توك ھەققىدە قىسقىچە ساۋات