tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 14:29:05

تۇرمۇشتىن مەسلىھەت!

مەن توي قىلغىلى تېخى نەچچە ئاي بولغانىدى،بۇ مېنىڭ ئايالىم ئانىسنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ئامراق چىقىپ قالدى.ھەپتىدە كەمىدە ئىككى -ئۈچ قېتىم بېرىۋالىدۇ.تېخى ئىككى ئاي بولماستا‹‹ئاناملار بىر يەرگە كەتكەن، دادمنىڭ يېنىدا ئادەم يوق ،قىزىتىپ قاپتىكەن مىجەزى يوق ››دەپ يىغلاپ خاپا قىلىپ قونۇپمۇ كەلدى،يىغلاپ تۇرىۋاپتى مەنمۇ گەپ قىلالمىدىم!ئانىسنىڭ ئۆيىمۇ بىر ناھيىنىڭ ئىچىدە،ماندا قاراپ باقسام تۇلاراق شۇ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ‹‹ۋاي كەلمەمسە،نېمدا يۇقاپ كېتىسە...››دەپ ئۇنىڭغا بېسىم چۈشىرىپ ،ئۇنىمۇ تەڭقىسلىقتا قويغان ئوخشايدۇ،ئۆزىمۇ ئانامنىڭكىگە بارمامدۇق دەپلا يۈرىيدۇ،مەنمۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا چاپان يېپىپ بۇلالماي ئۆزەممۇ خىجىل بوپ يۈرىيمەن،گەپكە كىرگۈزەلمەيمەن ئەمەس،سەل چىڭراق گەپ قىلسام يىغلاپ‹‹ باشقا يەرگە كەتمىسەم ،شۇ ئاتا -ئانامنى كۆرگىلى بارغان تۇرسام...›› دەپ ماڭا پۇتماق داۋلى قۇيۇپ يۈرىيدۇ...
گاڭگىراپ قېلىۋاتىمەن ......ئەجىبا ئۇنىڭ قىلغىنى توغرىمىدۇ؟مەن ئۆزۈم جىق ئويلىۋالغاندىمەنمۇ؟دوستلاردىن ، تونۇش چوڭلاردىن  سورىساممۇ:‹‹ ۋاي ئۇنداق جىق بېرىۋالسا بولمايتتى ھەپتىدە بىرەر قېتىم بارسا بولتتى ، مىھماندارچىلىق بوپ قالسا ئۇ باشقا گەپ››‹‹قىز بالىنىڭ ئاتا ئانىسىمۇ ئۇنداق جىق چاقىرۋالسا قانداق بولىدۇ،قىز بالا كۈدە ئانىسنىڭ ئۆيىدە چۆرگىلەپ يۈرسە قانداق بولىدۇ...›› دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمەن،توي قىلغىلى ئۇزاق بومايلا ماندا مەسىلگە ئۇچراپ قالدىم دېسە ،بۇنىڭلىق بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق چۈشىشىنى خالىمايمەن !ھېلىمۇ ئانچە مۇنچە جىدەللىشىپمۇ قالدۇق ...............
زادى قانداق بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغاندۇ؟!چوڭلار ،ئاقىللارنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ باقسام!
تەنە ۋە سېسىق گەپ قىلدىغانلار يىراق تۇرۇڭ!

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:15:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nanqipi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 17:20  

ھازىر جىگدە چىچەكلەپتۇ. ئايالىڭىزغا كۈندە جىگدە چىچىكى پۇرىتىپ بىرىڭ. شۇنداق قىسىڭىز قىشىڭىزدىن كەتمەيدىغان  بولىدۇ، ھىچ بومىغاندىمۇ كەچتە قىشىڭىزغا بالدۇر قايتىدىغان بولىدۇ.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:20:03

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 17:15 static/image/common/back.gif
ھازىر جىگدە چىچەكلەپتۇ. ئايالىڭىزغا كۈندە جىگدە چىچىك ...

سىز نەلەرگە ئەكىتىپ بارىدىغانسىز ئەمدى؟؟ئۇ جەھەتلەردە خۇداغا شۈكرى نۇرمال!!:curse:

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:29:24

ئازنا كۈنى دەيدىغان كۈنلەر باغۇ!

دۈشەنبە ئەتىگەن بىرىپ چۈشتىن كىيىن سائەت 3 تىن كىيىن قالماي ئۆيىڭىزگە كەپ بولسا بولىدۇ.

پەيشەنبىمۇ ياكى جۈمەمۇ يەنە ئوخشاش بولىدۇ.

ئەسكەرتىش:  خوتوننى ئانىسىنىڭكىگە ئاپىرىپ -ئەكىلىش سىزدىن بولىدۇ. ئۆزى يالغۇ كىتىپ قالمىسۇن)

ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتتا جىم ئولتاسۇن

Pirkat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:30:29

تاياق سىغىنىپ قاپتۇ

Nashtar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:33:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nashtar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-6 17:40  

مىنىڭچە قاراڭ سىز ئايالىڭىز بىلەن بىللە قىينئاتىڭىزنىڭ ئۆيىگە بىراقلا كۆچۈپ بىرىۋىلىڭ . ئاتا ئانىسى باقسۇن سىلەنى.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:35:37

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 17:29 static/image/common/back.gif
ئازنا كۈنى دەيدىغان كۈنلەر باغۇ!

دۈشەنبە ئەتىگەن بىرى ...

رەھمەت!
دۈشەنبە ئىككىلىمىز ئىشلەيمىز،ھەپتە ئاخىرىدا بېرىپ بىر ئىككى سائەت ئولتۇرىۋىتىپ قايتىپ كەلسەك بولىدىكەنغۇ؟!شۇنداق دېسەممۇ نەدە ئۇنداق قائىدە باركەن،يا ئارلىق يىراق بولمىسا،نېمىشقا ئىككى ئۈچ كۈدە بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلمەيمىز دەپ غەۋغا قىلىدۇ!ئاپارمىسام كەچكىچە چىرايى ئېچىلمايدۇ!ھەي توۋا!

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:51:50

بۇنداق ئىشلارنى بۇ يەردە سۆرەپ يۈرمەي ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز قارى ئۇكەم ، دېموكراتىيە بىلەن دېكتاتۇرىنى تەڭ ئىشقا سىلىپ .

kirindax يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 17:54:01

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 17:15 static/image/common/back.gif
ھازىر جىگدە چىچەكلەپتۇ. ئايالىڭىزغا كۈندە جىگدە چىچىك ...

بولمىسا مۇشۇنداق ئىنكاس ئاڭلايدىغان گەپ:lol :lol :lol

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 18:11:06

1. خوتۇنىڭىزغا كۈچىڭىز يەتسە ئۇرۇڭ.
ئۇرۇشنى خالىمىسىڭىز ياكى كۈچىڭىز يېتىشىگە كۆزىڭىز يەتمىسە
2. خوتۇنىڭىز ئانىسنىڭ ئۆيىگە كەتكەندە سىزمۇ ئۆيدە تۇرماڭ. ئاندىن ئۆيىڭىزدىكىلەر ياكى تونۇشلىرىڭىزغا خوتۇنىڭىزغا تېلېفون قىلغۇزۇپ، سىزنى ئىزدەيدىغانلىقىنى، ئۆيگە بارسا يوقلۇقىنى دېگۈزۈڭ. خوتۇنىڭىز نەدىن بولسا ئۆيگە ئۈنۈپ بولىدۇ.
بۇ ئىككىلا ئامال ئەسقاتمىسا
3. بالا توغۇلۇشتىن بۇرۇن خېتىنى بېرىۋېتىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇردىغان باشقا خوتۇن ئېلىڭ. كېيىن بالىنى يىتىم قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 18:20:21

ياخشى ئامال ئۆزىڭىز ئۆيدە كۆپ تۇرماڭ، ھەپتىدە بىر ئىككى قىتىم ئەل ئاغىنە بالىلار بىلەن ھال مۇڭ بولۇپ يىرىم كىچىدە ئۆينى تىپىڭ،ياكى تورخانىلاردا ئىزدىنىشقا تېما تەييارلاڭ، تاكى  ئايالىڭىز ئىزدىنىشقا سىز توغۇرلۇق تىما يازغىچە .

tumurjan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:13:45

توي قىلغىلى تېخى نەچچە ئايلا بوپتىغۇ، ئاتا-ئانىسىنىڭكىگە تۇلا بارىدىغان ئىشىدىن باشقا ئىشلاردا مەسىلە بولمىسا، بارا-بارا كۆندۈرۋالسىڭىز بولىدۇ. تېخى يېقىندىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈيىدىن ئايرىلىپ كەلگەندىكىدىن مەلۇم مەزگىلگىچە سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى «يات» كۆرۈپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن، بۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز ياخشى مەسلىھەت چىقىشى ناتايىن، بولۇپمۇ مۇشۇنداق مەۋھۇم مۇھىتتا. ھاـىرقى ۋاقىتلاردا توي قىلماقمۇ تەسلىشىپ كەتتى. ئەر-خۇتۇنلارنىڭ ئىشىدا «باشقىلاردىن مەسلىھەت ئال، ئۆزەڭنىڭ ئويى بۇيىچە ئىش قىل» غا بەكراق ئەھمىيەت بىرىڭ.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:15:12

تىلفۇنىڭىزغا مەخپى نومۇر سىلىپ  قويۇڭ . ئاغىنىلىرىڭىزدىن تىلفۇن كەلسە( پىلانلىق ) قەستەن بىسىۋىتىڭ ، بەك كەچ ئۆيگە قايتىڭ ،  سىرتتىن تاماق يەپ كىرىڭ تاماق ئەتسە قورسىقىم توق دەڭ ، كىيىم - كىچەكنى بەك پاكىز كىيىڭ ، ئەتىر ئىشلىتىپ قويۇڭ .

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:19:01

ھەي مۇشۇ گەپنىمۇ مۇنبەردە سۆرەپ يۈرگۈلۈكما ئەمدى:funk:

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:42:10

بۇ كىچىك ئىش بولغىنى بىلەن تازا نورمال ئەمەس
تەكلىپىم :
مۇقىم بارىدىغان كۈن ۋە ۋاقىت توختىتىڭ،ئالاھىدە ۋاقىت بۇنىڭ سىرتىدا بولسۇن
كۆنمىسە بىللە بېرىڭ ۋە بىرەر كېچىسى مەجبۇرى قونۇڭ ۋە ئاخشىمى تازا تاراقلىتىڭ
كۈندۈزى ئاپىرىپ قويۇپ بىرەر ئىككى سائەتتىن كېيىنلا بېرىپ ئولتۇرغۇزمايلا خوتۇن قوپۇڭلا كېتەيلى دەپ ھەر خىل ئىشلارغا باھانە قىلىپ قوڭى كارىۋاتقا تەگكۈچە يەنە قوپۇرۇپ ياندۇرۇپ ئەكىلىۋېلىڭ،بۇنى رېفلىكىسقا ئايلانغىچە ئىككى ئاي ئۆزىڭىز چىداپ داۋاملاشتۇرۇڭ،ئۆيىگە بارسىلا يۈرەكئالدى بولۇپ ئولتۇرالمايدىغانھېس قىلغىچە داۋاملاشتۇرۇڭ…
مۇشۇ تائىپىنى زادى ئېشەك كۆندۈرگەندەك رەھىم قىلماي كۆندۈرمىسە زادى بولمايدۇ،مەنمۇ پۇشايمان قىلىمەن باشتىلا بەزى ئىشلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن كۆندۈرمىگىنىمگە،ئەمدى مېنى كۆندۈردى قىلىۋېتىڭ،سىز بارمىسىڭىزمۇ قوپ كېتەيلى دىگەن ئاۋازىڭىز قۇلىقىدا ياڭراپ تۇرىدىغان

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 19:44:45

مەسلىھەت سورىسا ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك گەپ قىلمايلى باللا
ئەلنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 20:36:40

بۇخىل ئەھۋال يېڭى توي قىلغانلاردا ئومۇميزلۈك كۆرۈلىدىغان ئىش، بىر مەزگىل كۆڭۈل -كۆكسىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ، ئۇ يوق ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىز قىززىقىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇڭ، بىر مەزگىلدىن كىيىن بالىلىق بولساڭلار ئۇچاغدا بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلپ كىتىدۇ، بالا بېقىش بىلەن مەشغۇل بوپ، بىريەرگە بېرىشقا ۋاقىت چىقمايدىغان چاغلارمۇ كېلىدۇ.
سىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك چوڭ ئىش بولمىسا بۇ ئىشلارغا بەك ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ كەتمەڭ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە تولا قاتراش يېڭى كىلىنلەردىكى بىر مەزگىللىك ئورتاق كىسەل، كارائىتى چاغلىقلا ئىش خالاس، بۇنداق ئىشلارنى دەپ نىكاھىڭلارغا سۇغۇقچىلىق چۈشۈرمەڭلار. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئوخشاش، بارىدا كۆرىۋالسۇن، يوقلىۋالسۇن،  رەھمەتلىك بولغاندا كۆرەي، باراي دىسىمۇ يوق. ئاياللارغا كەڭ قورساقراق، مىھرىبان بولايلى، ئەرلىك چىدامىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ يوللۇق ،ئورۇنلۇق ئادەتلىرىگە سەۋىر قىلايلى، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەر ئۆزگىرىدۇ، نۇرغۇن مەسىللەر ھەل بوپ كىتىدۇ. نىمىلا بولمىسۇن ئالدىراپ ئائىلىنى بۇزمايلى، تىرىشىپ ئىناق، ئىللىق ئائىلە قۇرايلى، ئاياللىرىمىزنى تەدرىجى ياخشى يولغا يىتەكلەيلى، باشلايلى، تەربىيلەيلى، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىمۇ ھەرجەھەتتىن تاكامۇللاشتۇرايلى. ئەگرى قۇۋۇرغىنى رۇسلايمەن دىسەك سۇنۇپ كىتىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى قازاۋى قەدەر، كىسەللىك، ھادىسە، ئاپەت، قىېرىلىق قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەردىن جۆرىسىدىن ئايرىلىپ تەنھا قالغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئۇلارنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرىغا، دەرت-ئەلەملىرىگە، يالغۇزلۇق، تەنھالىق، مۇھتاجلىق، سېغىنىش، ھىجران ئازاپلىرىغا چۆكەلىسەك، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ پىكىر قىلغان بولساق ئىدۇق ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىمىزنىڭ قەدرىگە تېخىمۇ يەتكەن ۋە قەدىرلەشكەن بولاتتۇق.
بولدىلا كۆپ سۆزلەپ كەتمەي، ئىشقىلىپ نىكاھ مۇناسىۋىتىدە سەۋىرچان، ئەپۇچان بولۇپ، ئىناق ئۆتۈپ ئىللىق ئائىلە ماكان قۇرۇپ، ئائىلە بەختىنىڭ ھوزۇر ھالاۋىتىنى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەيلى. ھەدىسىلا يىرىكلىشىپ، ئائىللەرنى بۇزىدىغان، ئاجرىشىدىغان ئىشلارنىڭ ئومۇمى ئېقىمغا ئايلىنىپ، جەمئىيىتىمىزنىڭ بىرلىك ئۇلى بولغان ئائىلە-نىكاھ مەدەنىيىتىمىزنى زۇۋاللىققا يۈزلەندۈرمەيلى. ئەرلەر نوقتىسىدىن تۇرۇپ شۇئار توۋلىسام « ئەرلىك مىھرىمىزدىن ئاياللىرىمىز نىڭ كۆڭۈللىرى  شادلانسۇن، ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سەبى قەلبلىرى يايرىسۇن، كۈلسۇن، ئىناق، بەختىيار ئائىللەر كۆپەيسۇن، جەمئىيەت دەرىخىمىز تېخىمۇ باراقسان ئاينىسۇن».

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:17:00

مۇشۇ تېمىنى ۋە ئاۋۇ ئىنكاسلارنى ئوقۇپ بېرىڭ!

karakhan07 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:53:07

ئوبدان تىمىكەن ، مەنمۇ توي قىلغۇچە ئانچە مۇنچە تەجىربە توپلاپ قويسام بولغۇدەك

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 21:56:52

ماۋۇ تېمىدىكى ئۇرۇش-تىللاش دېگەندەك «مەسلىھەت»لەرنى كۆرمەسكە سىلىپ ئۆتۈپ كىتىڭ...
بەت: [1] 2
: تۇرمۇشتىن مەسلىھەت!