Bigaan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-6 22:24:31

ئايال ئۇرغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسكەن .ئەمما ئاتا ئانامنىڭ ئۆيىگە دەپ قويۇپ يالغۇز كەتسە بولمايدۇ ،ئەركىشى ئۆزى ئاپىرىپ ئەكىلىشى كىرەك.
ئالدىراپ ئۇرۇشقا بولمايدۇ .
مۇشۇ خەقنىزە ،تېمامنى تەستىقلىغان بولسا ئەر ئاياللار ھەقىلىرى دىگەن مەزمۇندا ئوبدان چۈشەنچىگە ئىگە بولالايتتى

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 02:38:31

مۇشۇنى سەۋەپ قىلىپ ئۇرۇڭ !

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 07:47:12

بارىدىغان ئىش بولسا سىز بىلەن تەڭ بارسۇن، يېتىپ قالغىنى قاملاشماپتۇ.:@
تەڭ بېرىپ تەڭ قايتىدىغان قائىدىنى چىڭ تۇتۇڭ. شۇنداق قىلالىسىڭىز بېرىش قېتىم سانى ۋە ۋاقتنى ئۆزىڭىز بەلگۈلەش ھوقوقىغا ئېرىشىسىز.

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:03:05

ئىشقىلىپ خوتۇننى ئۇرىدىغان ئىش قىلماڭ، ئۆزىڭىزنىڭمۇ كۇرسىنى چۈشۈرىسىز، خوتۇننىمۇ قاشاڭ قىلىپ قويىسىز. خوتۇننى ئۇرىدىغان يەرگە كەلدى دېگەننى قويۇۋېتىدىغان يەرگە كەلدى دەپ ئۆزىڭىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ. ھازىر خۇتۇن ئالماق ئاسان ئەمەس، تۇرمۇشنى قەدىرلەڭ. ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، سىزنىڭمۇ ئاتا ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە شۇنداق بارغۇڭىز كەلگەن، لېكىن ئايالىڭىزنى دەپ بارماي ۋاز كېچىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ، ئىككى كىشىلىك ئائىلە مۇھىتىنى بەكلا ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇششاق بولسىمۇ قۇربانلىق بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ. ئەمەلى ھەرىكەت بىلەن تەسىرلەندۈرۈش تۇرمۇشنى يامان تاتلىق قىلىۋېتىدۇ.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:18:20

ۋاقت ئۆتكەنسېرى بارىلى دېسىمۇ بارغۇسى كەلمەس بولىدۇ.

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 08:18:34

ئايالىڭىز يالغۇز بالىمۇ؟ ياكى يالغۇز قىزما؟ ياكى بالىنىڭ كىچىكىمۇ؟  شۇنداق بۇلۇپ قالسا ئاتا -ئانىسىمۇ چىدىماي سېغىنپ بالام ئۆيگە كەلسەڭ دەپ قالىدىغان ئىشلار بۇلىدۇ،بۇ  ئىشلارمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشپ ئۆزگىرىدۇ،مەنمۇ يېڭى توي قىلغان ۋاقتىمدا ئاپام يالغۇز قالدى دەپ تولاراق چوڭ ئۆيگە  بېرىۋالاتتىم،مانا بالاممۇ بولدى،خالىغان ۋاقتىمدا بارالمايمەن،ھايات ۋاقتىدا كۆرۈۋالسۇن،ئۇلاردىن كېيىن قالغاندا ھىچيەرگە بارالمايدۇ،كۆڭلىڭىزنى كەڭرەك تۇتۇڭ،كەيپىياتى ياخشى ۋاقىتلاردا ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئۇنىڭغا مۇھتاج ئىكەنلىكىڭىزنى بۇ  ئۆيدە ئۇنىڭ بولمىسا بولمايدىغانلىقنى ئەسكەرتىپ تۇرۇڭ،يەنە ئائىلىدىكى ئىشلارنى باشقىلارغا خالىغانچە سۆزلەپ يۈرمەڭ، گەپ دىگەن شاخلايدۇ، بىرسى ئون بۇلۇپ سىزگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ  بېرىشى مۇمكىن.،ئائىلەڭلەرگە خوشاللىق تىلەيمەن.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 10:36:29

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 21:42 static/image/common/back.gif
بۇ كىچىك ئىش بولغىنى بىلەن تازا نورمال ئەمەس
تەكلىپىم : ...

توغرا گەپ  بولدى.  تىما ئىگىسى  چۈشەنگەندىمۇ؟

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:00:53

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-5-6 21:42 static/image/common/back.gif
بۇ كىچىك ئىش بولغىنى بىلەن تازا نورمال ئەمەس
تەكلىپىم : ...

مەسلىھەتنى  مۇشۇنداق بەسەك ئوبدان  تىتىيدۇ.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:04:37

GULUM1027 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 08:18 static/image/common/back.gif
ئايالىڭىز يالغۇز بالىمۇ؟ ياكى يالغۇز قىزما؟ ياكى بالى ...

ئۈچ قىز ،قىزنىڭ كىچىكى ئىدى!ئىشتىن مەندىن بالدۇر چۈشىدۇ،ئەمما ساپلا ئانىسنىڭ ئۆيىدىن قايتىپ مەندىن كېيىن قالىدۇ،بەك جىلە بولاپ كەتتىم،ئەمدى شۇ ئاچچىقىم كەلگەندە ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۇرۇپ سالماي دەپ ،گەپمۇ قىلماي ئولتۇرۋالدىم،ئەمما بۇ قىيداپ باتنىغاندەك قىلىق ئەركىشىگە خاس ئەمەس،چۈشەندۈرسەم مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ چۈشەندۈرىدۇ،تەڭ تۇرما دېسەم  بۇ تەڭ تۇرغىنىم ئەمەس ئويلىغىنىمنى دەۋاتىمەن دەيدۇ......ئىشقىلىپ نېم قىلارىمنى بىلالمايۋاتىمەن!

GULUM1027 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:24:43

tanhatikin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 11:04 static/image/common/back.gif
ئۈچ قىز ،قىزنىڭ كىچىكى ئىدى!ئىشتىن مەندىن بالدۇر چۈشى ...

بۇ قىز ئۆز ئۆيىدە سەل ئەركىن ئۆگىنىپ قالغان بولسا  كېرەك،سىىلەر ھازىر چوڭلار بىلەن بىللە تۇرامسىلەر؟سىز  ئەڭ ياخشىسى ياشقا چوڭ ئايال كىشىنى ئايالىڭىزغا تەربىيە قىلشقا قۇيۇپ باقسىڭىز بولغىدەك .ئىشلار چۇقۇم ئوڭشىلىپ كىتىدۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 11:29:56

ئ‍ايالىڭىزدا ئ‍ەمەس ئ‍اپسىدا ئ‍ىكەن سەۋەپ،

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:06:34

ئاخماق! بۇنچىلىك ئىشقا خوتۇننى ئۇرمايمىز.
تەييار ئۆي تەييار تاماق تۇرسا بىللە بېرىپ تاماقنى يەپ ، سوزۇلۇپ يېتىپ، قونۇپ قالسا بىللە قونۇپ ، ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىپ كەتمەي، كەچلىكى ئاغىينىلىرىڭىز بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ ، تازا كەچ بولغاندا قايتىپ بېرىپ تازا بىر بىسەرەمجان قىلىپ ، زېرىكتۈرۈڭ، ئاندىن ئايالىڭىز سىزگە ئۆز ئۆيىدە تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغىرلىق سۆزلەيدۇ.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:36:58

ziltar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 13:06 static/image/common/back.gif
ئاخماق! بۇنچىلىك ئىشقا خوتۇننى ئۇرمايمىز.
تەييار ئۆي ت ...

:lol

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 13:39:56

ziltar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 15:06 static/image/common/back.gif
ئاخماق! بۇنچىلىك ئىشقا خوتۇننى ئۇرمايمىز.
تەييار ئۆي ت ...

ھا...ھا.....ھا........قىززىق...قىززىق......ئىنكاس،  


قىزلار كۆرۆپ  كۈلۈپ   سالدى- دە!

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 15:50:38

tanhatikin يوللىغان ۋاقتى  2014-5-7 11:04 static/image/common/back.gif
ئۈچ قىز ،قىزنىڭ كىچىكى ئىدى!ئىشتىن مەندىن بالدۇر چۈشى ...

روك بىلەن زىلتارنىڭ تاكتىكىسىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ شۇ بويىچىلا قىلسىڭىز بولغىدەك.

NamsizNur يوللانغان ۋاقتى 2014-5-7 17:08:23

توي قىلمىغان بويتاقلارغا ئوبدان دەرىسلىك بولدى بۇ مەسلىھەت تېمىسى:-D

parlaq يوللانغان ۋاقتى 2014-5-8 14:05:20

مېنىڭچە ئايالىڭىزغا ،  ئۆيىڭىزگە بىرىپ تازا تۇرۇپ قېنىڭ ۋاقتىم چىققاندا ئەكىلۋالاي دىسىڭىز بولغۇدەك ؟ {:92:}
بەت: 1 [2]
: تۇرمۇشتىن مەسلىھەت!