buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 14:03:48

«بىئولوگىيە ساۋاتسىزلىرى» ئۈچۈن ئېسىل سوۋغا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 09:26  

ئىككىنچى قىسىم
   ھاياتلىق ھەققىدە دەسلەپكى تونۇش
بۇغرام
چىڭخۇا ئۈنۋېرسىتى، بېيجىڭ
،(buhram2000@163.com)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن!  
بۇ پارچىمىزدىكى ئاساسى تىما ھاياتلىق ئۈستىدە بولۇپ، ھاياتلىق دىگەن ئۇقۇمنى ئىلمى نوقتىدا تۇرۇپ قىسقىچە شەرھىلەپ ئۆتىمىز. شۇنسى ئېنىق بولسۇنكى بۇ يەردە بىز كۆزدە تۇتىۋاتقان ئىلميىلىك تەبئەت پەنلىرى خاراكتىرىنى ئالغان بىر قاتار ئۇسۇل ۋە ئىدىينى كۆرسىتىدۇ.  خوش، ئۇنداقتا ھاياتلىق دىگەن زادى نېمە؟ بىز بۇ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن ئاۋال تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا قاراپ باقايلى.
بىز ئىنسانلار يەر شارىدا جانلىق سۈپىتدە ياشايمىز.  بىزدىن باشقا يەنە تۈرلۈك-تۈمەن خىل جانلىقلار يەر شارىنىڭ ئوخشىمغان جايلىرىدا ياشايدۇ.  مەسلەن كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيدىغان يشىل ئۆسۈملۈكلەردىن تارتىپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان مىكرو جانلىقلارغىچە، سۇدا ياشايدىغان بېلىقلاردىن تارتىپ كۆكتە ئۇچىدىغان قۇشلارغىچە ھەممىسى جانلىقتۇر(1- رەسىمگە قاراڭ).
بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىر نۇرغۇنلىغان جانلىقلار بىلەن ئۇچىرىشپ تۇرىمىز ۋە ئۇلار بىلەن خىلمۇ-خىل مۇناسىۋەت شەكلى ۋە دائىرىسىدە بولۇپ ياشايمىز. بەزى جانلىقلارنى ئىستىمال قىلىمىز. مەسلەن: تاۋۇزنى يەپ ئۇسسۇزلۇقىمىزنى باسىمىز، تاۋۇزمۇ بىر جانلىق. بەزى جانلىقلارنىڭ مەلۇم خىل خۇسۇسىيتىدىن مەخسەتلىك پايدىلىنىپ مەلۇم خىل ئارزۇيىمىزنى قاندۇرالايمىز. مەسلەن: ئاتنى مىنىپ بىرەر جايغا بارىمىز ياكى شۇنڭىدىن كۆڭلىمىزنى ئاچىمىز. ئاتمۇ بىر جانلىق. بەزىدە باشقا جانلىقلار بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قۇلايسىزلىق ھەتتا ھاياتىمىزغا تەھدىد ئېلىپ كىلىدۇ.  مەسلەن، بىر قىسىم تىرە كسەللىكلىرنىمۇ ئىنسان كۆزى كۆرەلمەيدىغان مىكرو ئورگانىزىملار (جانلىقلار) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بىزنى ئازاپلىىشى مۇمكىن ۋەھاكازالار(2- رەسىمگە قاراڭ).
يۇقاردا بىز جانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ بىز ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاددى مىساللار ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئەمەلىيەت بۇنىڭىدىن نەچچە ھەسسە مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىلللىقا تولغان بولىدۇ. ئەمدى بايىقى ھاياتلىق دىگەن نېمە دىگەن سۇئالغا قايتىپ كىلەيلى. ھازىرقى زامان تەبئەت پەنلىرى ساھەسىدە ھاياتلىق دىگەن ئۇقۇمغا تەبىر بىرىش ناھايىتى قىين بىر مەسلە ھېسابلىنىدۇ. لىكىن بۇ يەردە بىز بىرقەدەر ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشكەن بىر خىل تەبىر بويچە ھاياتلىق ئۇقۇمىنى شەرھىيلەيمىز. يەنى ھاياتلىق دىگەن ماددىنىڭ ئالاھىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش شەكلىدۇر. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا ھاياتلىق بىلەن جانسىز شەيئىلەر ئوتتۇرسىدا مەلۇم جەھەتىتكى ماددى ئاساس ئورتاقلىقى مەۋجۇت. يەنە بىر تەكىتلەشكە تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ تۈپكى ئالاھدىكىلى بولسا ئۇنىڭىدا جانلىق بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ھاياتلىق جانلىقنى مەركەز قىلغان بولىدۇ.
1 .     جانلىق ۋە ئۇنىڭ ئالاھدىلىكلىرى
  ھەمىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك يەر شارىدىن ئبارەت بۇ گۈزەل ۋە سىرلىق ماكان ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ بىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى جانلىقلارنىڭ ياشاشىغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بىردىنبىر پىلانىتتۇر.  ئۇنداقتا  بىز يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا جانلىق دېگەن چۈشەنچە بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى.
يۇقاردا مىساللار ئارقىلىق جانلىق توغرىسدا قىسقىچە ئۇچۇر بىرىپ ئۆتتۇق. بىراق بۇ مىساللار بىزنىڭ جانلىق دىگەن ئۇقۇمنى چۈشەندۈرۈشتە يىتەرلىك ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق نەرسىنى جانلىق دەيمىز؟ ئۇنىڭ جانسىز بىلەن پەرقى نېمە؟ بەلكىم بەزىلەر ئات ھارۋىسنى مىسالغا ئېلىپ ھارۋا جانسىز بىراق ئات  بولسا جانلىق دىيىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، ئات جانلىق بىراق ھارۋا جانسىز.  لىكىن ھەر ئىككىسىنىڭ بىر ئورتاق تەرىپى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەركەت قىلىدۇ. بىراق نىمە ئۈچۈن بىز ئۇلارنىڭ بىرنى جانلىق بىرىنى جانسىز دەپ قارايمىز؟ ماھىيەتلىك پەرىق قەيەردە؟ يەنە بەزىلەر جېنى بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى جانلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. لىكىن بۇ بىر مۈجىمەل چۈشەنچە.  ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى نوقتىسىدىن ئالغاندا، جانلىق –  مىتابولىزىم، كۆپىيىش، ۋە تەدرىجى تەرەققى قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان تەشكىللك ئىرسىي بىرلىكتۇر.  مانا بۇ بىر قەدەر ئىلمى ۋە ئومۇمىيلىققا ئىگە بۇلغان تەبىردۇر. تۆۋەندە بىز جانلىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تەپسىلى تۇنۇشۇپ چىقىمىز.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا بارلىق جانلىقلار مۇنداق بەش خىل ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە. يەنى تەرتىپ، ئىنكاسچانلىق، ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش، تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقتۇر.   
1.1   تەرتىپ
جانلىقلار دۇنياسىدا تەرتىپتىن ئىبارەت بىر خىل ئۆزگىچىلىك بار. بۇ يەردە دىيلىۋاتقان تەرتىپ جانلىقلارنىڭ ئورتاققلىققا ئىگە بولغان مەلۇم خىل تەرتىپنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەرتىپ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشنى ئوخشاش بولمىغان بۆلەك ۋە قاتلامغا بۆلۈپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇيەردە يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىقلاردا ئومۇملاشقان بىر خىل تۈزۈلۈش تەرتىپنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتىمىز. ئادەم بەدىنىنى مىسالغا ئالساق ئۇ مۇرەككەپ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشتىن ئاددى تۆۋەن دەرىجىلىك تۈزۈلۈشكە قاراپ سېستىما(مەسلەن، ھەزىم قىلىش سېستىمىسى)، ئەزا(مەسلەن، ئاشقازان)، توقۇلما(مەسلەن، ئىپتىلىيە توقۇلمىسى)، ھۆجەيرە (مەسلەن، مۇسكۇل ھۆجەيرىسى) ۋە ئىككىلەمچى ھۆجەيرىلىك تۈزۈلۈش (مەسلەن، خوندروسوم قاتارلىق ھۆجەيرە ئاپپاراتلىرى ) قاتارلىق تۈزۈلۈش بىرلىكىلىدىن، يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ مولكۇلا (مەسلەن، ئاقسىل)، ئىلمىنىت (مەسلەن، ناتىرىي) ۋە ئاتوم قاتارلىق تۈزۈلۈشلەردىن تەركىب تاپقان بولىدۇ(3- رەسىمگە قاراڭ).  يۇقارقىدەك قاتلاملىق تۈزۈلۈش ئاددى فونكىسيلىك بىرلىكلەرنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىدىن بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان فونكىسىيلىك بىرلىكنى تەشكىل قىلىدىغان بىر خىل تەرتپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يۇقارقى مىسالدىكى تەرتىپ پەقەت بىر يەككە جانلىق تىنىنىڭ تۈزۈلۈش قاتلىمدا ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. لىكىن جانلىقلار دۇنياسىدا جانلىقلار ئارا ۋە جانلىقلار بىلەن جانسىزلار ئارسىدىكى مۇناسۋەتتىمۇ مۇشۇنداق بىر خىل تەرتىپ ئەكىسنى تاپقان.  مەسلەن، رىئال تۇرمۇشتا بىر قانچە ئادەم بىر ئائىلىنى تەشكىل قىلىدۇ، بىر قانچە ئائىلە بىر ئىجتىمائى توپنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئىنسانلار توپى ۋە باشقا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك  ۋە باشقا جانلىقلار بىرلىشىپ بىر ئىكولوگىيلىك سىستىمىغا ئىگە رايۇننى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ھاكازالار     .
1.2  ئىنكاسچانلىق
جانلىقلاردىكى ئىنكاسچانلىق ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇلاردا سىرىتقى ۋە ئىچكى غىدىقلاشقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. جانلىقلارنىڭ بۇ خىل ئالاھدىكىلىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن غىدىقلاش دىگەن بۇ ئاتالغۇنى چۈشەندۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.
بۇ يەردىكى غىدىقلاش دىگىنىمىز، ئادەتتە جانلىقلار مەنبەلىك ۋە جانسىزلار مەنبەلىك دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. جانلىقلار مەنبەلىك غىدىقلاش ئىككى جانلىق ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا تەسىرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، باكتىرىيە بىرخىل جانلىق. بەزى خىل باكىتىرىيەلەر ئادەم بەدىنىنى غىدىقلىيالايدۇ (تەسىر قىلالايدۇ). جانسىزلار مەنبەلىك غىدىقلاش فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك غىدىقلاشنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن، تىرىڭىزنىڭ ئىسسىق ياكى سوغۇققا ئۇچىرىغاندا سىزدە بولىدىغان ئىنكاس. بۇ يەردىكى غىدىقلىغۇچى ئامىل تىمپىراتۇرا بولۇپ، جانسىزلار مەنبەلىك غىدىقلاشقا تەۋە.
مەيلى قايسى خىل غىدىقلاش بولسۇن جانلىقلار شۇ خىل غىدىقلاشقا قارىتا بەلگلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم (4- رەسىم) قارايدىغان بولسا شال مايسىسى قويۇقلۇقى ئوخشاش بولمىغان تۇز بىلەن سۇغۇرۇلغاندا ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش ھالىتىنى ئىپادىلىگەن. مانا بۇ ئۆسۈملۈكلەردىكى ئوسموتىك (سۇيۇقلۇقنىڭ قويۇقلۇق پەرقى تەرىپىدىن شەككىللەنگەن بېسىم) بېسىمغا بولغان ئىنكاس قايتۇرىشىدۇر. شۇنى قەيىت قىلىپ ئۆتۈش لازىمكى ئوخشاش بىر خىل غىدىقلاشقا ئوخشىمىغان جانلىق ئوخشىمىغان شەكىل ۋە دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.      
1.3 ئۆسۈش ۋە يىتىلىش
تۇغۇلۇش ۋە ئۆلۈش بىزگە ناتونۇش ئۇقۇم ئەمەس. توغۇلۇش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ قانۇنىيەت پەقەت ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بولماستىن بەلكى بارلىق جانلىقلارغا ئورتاق بولغان بىر خىل ئالاھىدىلىكتۇر. مەيلى قايسى خىل جانلىق بولسۇن توغۇلۇش، يىتىلىش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت بۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقانداق ھەربىر جانلىق تىنىنىڭ ھاياتلىق پائالىيتى باشلىنىش، راۋاجلىنىش ۋە ئاخىرلىشىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. تۆۋەندە بىز چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بۇ باسقۇچلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ يىتىلىش دەپ ئالىمىز. ئەمەلىيەتتە ھاياتلىق ئىلمىدىكى بۇ باسقۇچلارنى ئۇيغۇر تىلىدىكى يىتىلىش دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەش ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن.  ئاددى تىل بىلەن ئېيتىقاندا يىتىلىش بولسا جانلىق ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ راۋاجلىنىشى بولۇپ، جانلىقنىڭ ئۆز تىنىنى قۇرۇش، تەرەققى قىلدۇرۇش جەريانىدۇر.  
جانلىقلارنىڭ يىتىلىشى جەريانىدا نۇرغۇنلغان خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ئۆزگۈرۈش جەريانى ئارقىلىق سىرتقى دۇنيا بىلەن ماددا ۋە ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ ئۆز تىنىنى تەرەققى قىلدۇرىدۇ. مانا بۇ بىز دائىم ئۇچۇرتىدىغان مىتابولىزىم جەريانىدۇر. بىر تەشتەك گۈلنى مىسالغا ئالساق، بۇ گۈل بىر تال ئۇرۇقتىن بىخلىنىپ چىقىشتىن  ئېچىلىپ توزۇشقۇچە بولغان جەرياندا ئۈزلۈكسىز تۈردە مىتابولىزىم ئېلىپ بارىدۇ. تېخمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ بىر تەشتەك گۈل پۈتكۈل ھايات مۇساپىسىدە سۇ، تۇز ۋە شۇنىڭىدەك خىلمۇ- خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈپ ئۆزىنىڭ ھاياتى پائالىيتىنى ئېلىپ بارىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بۇ ئۆسۈملۈك مىتابولىزىم ئېىلىپ بارىدۇ     .
1.4 كۆپىيىش
كۆپىيىش جانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانلىقنىڭ ئۆز خىلى (ئوخشاش تۈر) دىكى جانلىقنى پەيدا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ئادەمنى مىسالغا ئالساق، ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنىستىن ئادەمدىن ئىبارەت بۇ جانلىقنىڭ بىيولوگيلىك ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئادەم (بالا ياكى ئەۋلاد) تۇغۇلىدۇ (6- رەسىم A غا قاراڭ). مانا بۇ ئادەمدىن ئىبارەت بۇ جانلىقنىڭ كۆپىيىش ئالاھىدىلىكىنڭ بولغانلىقىدىندۇر .   
جانلىقلارنىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ كۆپىيىش شەكلىمۇ تۈرلۈك بولىدۇ.  ئادەتتە جانلىقلار جىنىسلىق ۋە جىنىسسىز كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكلىدە كۆپيىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارىدۇ. جنىسلىق كۆپىيىش دىگىنىمىز ئىككى جىنستىن (ئەركەك ۋە چىشى) كەلگەن كۆپىيىش ھۆجەيرىسنىڭ مۇئەيينە شەكلىدە بىرىكىشى ئارقىلىق كىيىنكى ئەۋلادلارنى پەيدا قىلىدىغان كۆپىيىش شەكلىدۇر. ئادەملەر مۇشۇنداق شەكىلدە كۆپىيىدۇ.
جنىسىسىز كۆپيىش بولسا ئىككى جىنسى ھۆجەيرىنىڭ بولىىشىنى تەلەپ قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى كۆپىيىش ئۇسۇلىدا جانلىق تىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى تىنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كىينكى ئەۋلاد پەيدا قىلىدىغان كۆپيىش شەكلىدۇر. نۇرغۇنلىغان مىكرو ئورگانىزىملار مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كۆپيىدۇ (6- رەسىم B غا قاراڭ) . جانلىق مەيلى قايسى خىل شەكىلدە كۆپيىش پائالىيتىنى ئېلىپ بارسۇن، كۆپىيىشنىڭ مەخسىدى شۇ تۈردىكى جانلىقلارنىڭ سانىنى ساقلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، خىلمۇ – خىل جانلىقلار كۆپىيىش ئارقىلىق ئۆز تۈرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلىدۇ
.
1.5 تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇق
        تەڭشىلىش ۋە تەڭپۇڭلۇقتىن ئىبارەت بۇ خىل خۇسۇسىيەت ھەر بىر خىل جانلىقتا ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.  ھەر بىر جانلىقنىڭ مەيلى تەن ئىچىدىكى ھۆجەيرىلەرنىڭ ھەركىتى بولسۇن ياكى ئۇنىڭ بىر پۈتۈن جانلىق سۈپتىدىكى ھەركىتى بولسۇن نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق مۇئەييەن شەكىلدە تەڭشلىپ تۇرىدۇ. مەسلەن ئىنسانلارنىڭ تاماق يىيىش ھەركىتى نۇرغۇنلىغان ئامىللارنىڭ ئۆز ئارا تەسىر قىلىشى نەتىجىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. بۇنىڭىدا بىزگە ئەڭ تۇنۇشلۇق مۇسكۇلنى ئالساق، بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىمدىكى شۇ خىل  ھەركەتكە قاتنىشىدىغان مۇسكۇللار چوڭ مىڭىنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدا ئۆز ئارا ماسلىشىش ئارقىلىق شۇ خىل ھەركەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ( 7  -رەسىم) .  يەنە مەسلەن، ئادەم بەدنىدىكى ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىسىدىن ئاجىرىلىپ چىقىدىغان ئىنسۇلىننىڭ ئاجىرىلىپ چىقىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى قاندىكى قەنت (ئاساسلىقى گىلىكوزانى كۆرسىتىدۇ) نىڭ مىقدارى تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنى بىرى (قان قەنتنىڭ مىقدارى) يەنە بىرسىنىڭ (ئىنسۇلىن) بارلىققا كىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جانلىقلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتى ئەمەلىيەتتە يەككە يىگانە ئېلىپ بېرىلماستىن بەلكى ئوخشاش بولمىغان ئامىل ۋە شارائىتلارنىڭ بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئورتاق ھەمكارلىق ئاستىدا بارلىققا كىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان بۇ جەريانلار ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، پەقەت چۈشىنىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇپ مىسالغا ئېلىندى.

يۇقىردا بىز جانلىقلار ھاياتلىق پائالىيتىنىڭ نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىدە ۋۇجۇتقا چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۈق. جانلىقلاردا يەنە شۇخىل ئامىللارنىڭ بەلگىلىك مۇۋازىنەت (تۇرغۇنلۇق) ھالىتىنى ساقلايدىغان بىر ئالاھىدىلىكى بولىدۇ.  مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ھەر بىر ئامىلنىڭ مۇئەييەن بىر كىرىتىك ھالىتى بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇ كىرتىك دائىرىدىن ھالقىپ كەتسە جانلىقلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيتىدە نۇرمالسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ. يۇقاردا بىز ئادەم بەدىنىدىكى ئىنسۇلىننىڭ ئاجىرىلىپ چىقىش سۈرئىتى ۋە مىقدارى قاندىكى قەنت مىقدارى تەرپىدىن بەلگىلىندۇ دەپ ئۆتتۈق. بىراق بۇ قاندىكى قەنت قانچە كۆپ بولسا ئىنسۇلىن شۇنچە جىق ئاجىرلىپ چىقىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئەكسچە بولىدۇ دىگەنلىك ئەمەس. قاندىكى قەنت مىقدارىمۇ مۇئەييەن دائىرە ئىچىدە بولغاندا ئىنسۇلىنمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاجىرىلىپ چىقىش ئارقىلىق ئادەم بەدنىنىڭ  نۇرمال فىزولوگىيلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن” دىئابىت “قاتارلىق كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
1.6 ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىق
جانلىقلاردا يەنە ئىرسىيەت ۋە ئۆزگىرىشچانلىقتىن ئىبارەت ئالاھىدىلىك مەۋجۇت. بىز بۇ يەردە پەقەت ئاددىي چۈشەنچە بىرىش بىلەنلا كۇپايىلنىمىز.  چۈنكى كىينكى مەزمۇنلاردا بۇ خىل ئالاھىدىلىك توغرىسىدا تەپسىلى ۋە سېستىمىلىق توختىلىمىز.
       ئىرسىيەت ئۇقۇمىنى چۈشىنىش ئانچە ئاسەن ئىش ئەمەس، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ھاياتلىق ئىلمى تەرەقىقياتىنىڭ تىزلىكى بىزنىڭ ئىرسىيەت چۈشەنچىمىزنى ھەر ۋاقىت يىڭىلاپ تۇرشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. لىكىن ئاددى قىلىپ ئېيتىقاندا ئىرسيەت دىگىنىمىز جانلىقنىڭ ئۆزىدىكى بىيولوگىيلىك ئالاھىدىلىكنى كىينكى ئەۋلادلارغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا قوينىڭ كىينكى ئەۋلادىدا چاشقاننىڭكىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىك كۆرۈلمەيدۇ، قويدىن پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش تۈردىكى جانلىق يەنى قوينى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ دىگەنلىكتۇر. تېخىمۇ كونكىرىت قىلىپ ئېيتىقاندا ئەجداتتىكى ئالاھىدىلىك ئەۋلادتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ساقلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئاساسلىقى ھەر بىر تۈر ئىگە بولغان گىنلار ۋە شۇ گىنلارنى تەشكىل قىلغۇچى تەركىبنىڭ تەرتىپلىنىش ئەھۋالى شۇ تۈردە خاسلىققا ئىگە بولىدۇ.
   جانلىقلاردىكى ئىرسىيەت تۇراقلىق ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، ئىرسيەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاز – تولا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.  يەنى ئەجدادتىكى ئالاھىدىلىكنىڭ ھەممىسى ئەۋلادتا پۈتۈنلەي كۆرۈلمەستىنن بەلكى ئازدرۇ – كۆپتۇر ئۆزگەرگەن ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن، سىزنىڭ تەقى تۇرقىڭىز ۋە بوي بەستىڭىز ئاتا ئانىڭىزنىڭكىدىن پەرقىلىق بولىدۇ. بۇ دەل ئۆزگىرىشچانلىقىڭ سەۋەبىدىندۇر. جانلىقلاردىكى بۇنداق ئۆزگىرىشنىڭ ماھىيەتىلىك سەۋەبى نۇرغۇن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ، كىينكى قىسىملاردا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا بايان قىلىمىز.  
پايدىلانما مەنبەسى:
  David E. Sadava,David M.Hillis, H.Craig Heller. Life: The Science of Biology .
  Peter H. Raven, George B. Johnson, Mariam A. Ghani, Salbiyasota Abdul Majid, Zuraidah Mohamed, Fariza Zakeriya, Tor Siong Hoon. Biology for matriculation   
  http://www.deviantart.com/morelikethis/217023400/digitalart/3d/characters/groups?view_mode=2

ئاتالغۇلار      

ئىزاھات:
1. مەزكۇر يازمىدىكى بىر قىسىم كەسپى سۆز – ئىبارىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ئوخشىمغان تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ قوللىنىدىغان يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە ۋە خەنچە ئۈچ خىل تىلدا بىرلىدى.
2. پايدىلانما مەنبەسىى دىگەن قىسىمدىكى ھەر بىر مەنبە ئاخىرىدا    بولسا نەشىر قىلىنغان كىتاپنى، بولسا تور بىكەت ئاددرىسىنى،    بولسا ئىلان قىلىنغان ماقالىنى كۆرسىتىدۇ.
بايانات:
بۇ يازما شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلىدى. ئىھتىياجى بارلارنىڭ ئەقلى ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تور بىكەتكە چىقىرشتا ياكى بېىسپ چىقىرىشتا خالىغانچە ئىشىلەتسە بولىدۇ، لىكىن كىلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئاپتۇر ئىگە بولمايدۇ.  ئاپتۇرنى ۋە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 15:39:08

يەرشارىمۇ جانلىققا كىرەمدۇ ؟
داۋامىلق ئۆز ئوقىدا ئايلانغاندىن كىيىن جانلىقمىكى دەپ پەرەز قىلىمەن .

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 15:54:57

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 15:39 static/image/common/back.gif
يەرشارىمۇ جانلىققا كىرەمدۇ ؟
داۋامىلق ئۆز ئوقىدا ئايل ...

بەلكىم ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن شۇنداق بولىدىغاندۇ،پۇكۇرلۇق قىلماڭ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 15:56:54

تېمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! مۇمكىن بولسا يازمىڭىزنى ئىلىم-پەن  تورىمىزغىمۇ بىر نوسخىدىن يوللاپ بەرسىڭىز، مىننەتتدار بولاتتىم.

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 18:08:11

يەر شارى جانلىق ئەمەس. سىز بەلكىم يۇقىرىدىكى رەسىم ئارسىدا بىر دانە يەر شارىنىڭ رەسىمنى كۆرۈپ مۇشۇنداق سۇئال سورىغىڭىز كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇ پەقەت يۇقارقى جانلىقلارنىڭ يەر شارىدا ياشايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن قىستۇرۇلغان.

buhram يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 18:22:45

Bilig يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 15:56 static/image/common/back.gif
تېمىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! مۇمكىن بولسا يازمىڭىزنى ئىلىم-پە ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن ئەسلىدە ئىلىم -پەن تورىغا يوللاي دىگەن لىكىن خېلى ھەپىلىشىپ زادىلا يوللىيالماي مۇشۇ يەرگە يوللاپ قويغان ئىدىم. مەن بىر ئاز ۋاقىتتىن كىين يەنە سىناپ باقاي.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 18:30:27

buhram يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 18:22 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!مەن ئەسلىدە ئىلىم -پەن تورىغا يول ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
نېمىشقا شۇنداق بولغاندۇ؟ تور بەت تازا ياخشى بولۇپ بولالمىدى، مەنمۇ كۆپ مەركەزلىشەلمىدىم...
سىزگە ئالدىنئالا رەھمەت!

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-30 21:22:50

ئېسىل تېما بوپتۇ.
ھەممىدىن ياراپ كەتكەن يېرى ئاخىرىدا سېلشتۇرما ئاتالغۇ جەدىۋېلى بېرىلىپتۇ.{:112:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 12:04:21

پەچەت...ئۇيغۇرچە ئوقۇيالايدىغانلىكى ئادەم بولسا ئوقۇپ چۈشەنچىسىنى ئاشۇرالىغۇدەك يازما ئىكەن. داۋامى بولسا يېزىلسا ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن. {:92:}

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 12:14:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-2 09:11  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇرادەر، ناھايىتى كاتتا بىر ئىش قىلدىڭىز. مېنى بۇ يازمىنى تەھرىرلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغىنىڭىزدا ۋە مۇشۇنداق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىدىكى چۈشىنىشلىك بىئولوگىيە بىلىملىرىنى يېزىپ چىقىپ كىتابچە قىلىپ تارقتىشنى ئوتتۇرىغا قويغىنىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈنگەن ئىدىم. ئەپسۇس، يېقىندىن بىرى، بەكلا ئالدىراش بولۇپ قېلىپ كۆپ ۋاقتىم چىقمايۋاتىدۇ، ئەمما بۇندىن كىيىن ئىمكانىيەت بولسىلا ھەمكارلىشىپ يازساق بولىدۇ.بۇ ئەمگىكىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت! سىزگە قايتۇرغان جاۋابتا دېيىلگەندەك بۇ تېمىدا ھېچقانداق خاتالىق يوق ئىكەن، ھاياتلىقنىڭ ئېنىقلىمىسى بەزى مەنبەلەردىن باشقىچىرەك بېرىلىپتۇ، ئەمما ھەممىسى توغرا دەپ قارىدىم. ئاپىرىن سىزگە!

بۇ تېمىنى ئەلا دەپ باھالىدىم ۋە بۇنداق ئېسىل يازمىنى ئەلا باھالىمىغىلىمۇ بولامدۇ؟ ھەر قانداق ئادەم ئوقۇپ بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئۇيغۇرچە خەتلىك ئاپتور ئۆزى ياسىغان رەسىملەرگە سېڭدۈرۈلگەن ئەجىر ئۈچۈنلا ھەممەيلەن «ئەلا»نى بېسىپ قويۇشقا ئېرىنمىسەك دەپ تەكلىپ بېرىمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 13:16:27

ئاپتورغا بارىكاللا، بەك ياخشى تېما  بوپتۇ،بولۇمۇ بەك چۈشىنىشلىك، مەن  ماقالىرىڭىزنى بىلوگىمغا  يوللاي.
{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}{:112:}

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-5-1 17:55:51

بۇغرام بۇرادەر تىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.
بېيجىڭ ئونىۋېرسىتىدا بولسىڭىز بۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار،ئۆگىنىش،تۇرمۇش،ئونىۋېرسىتىتتىكى ئىلىم ھاۋاسى
پروفىسسورلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى توغرۇلۇق ئۇچۇرلارنىمۇ ئايرىم تىما قىلىپ يولىغايسىز؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 09:09:33

muztag يوللىغان ۋاقتى  2014-4-30 15:39 static/image/common/back.gif
يەرشارىمۇ جانلىققا كىرەمدۇ ؟
داۋامىلق ئۆز ئوقىدا ئايل ...

بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرىپ باقاي. بىرەر مەۋجۇداتنىڭ جانلىق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىۋىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال جانلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىنى توغرا بىلىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ تېما دەل شۇ مەقسەتتە يېزىلغان ئىكەن. تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرساق، جانلىق بولۇشى ئۈچۈن ئەڭ بولمىغاندا كۆپىيىش پائالىيىتى ئىلىپ بارالىشى ۋە مىتابولىزىم يەنى بىئو-خېمىيىلىك ماددىلارنى سېنىتزلەش ۋە پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى ۋە جانلىقنى تۈزگۈچى ماددىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇشى كېرەك. يەر شارى يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەرتلەرنى قانائەتلەندۈرمەيدۇ، ئەمما يەر شارىدا جانلىقلار ياشايدىغان بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئۆزى بولغان ماددىي قىسمى ئەمەس ئۇنىڭدا مەۋجۇت بولغان شەيىئىلەر ئىچىدە نۇرغۇن جانلىقلار بار بولۇپ (سۇ، تاش، تاغ دېگەنلەر جانلىق ئەمەس) يەرشارىدىكى جانلىقلارنى چوڭ جەھەتتىن ۋىرۇسلار، ھۈجەيرىلىك مىكرو ئورگانىزىملار، زەمبۇرۇغلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلار دېگەن تۈرلەرگە بۆلىمىز. بۇ كاتاگورىيىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا يەنە نۇرغۇنلىغان تارماق تۈرلىرى بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ھەر بىر چوڭ تۈر ئورتاق بولغان مەلۇم خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ھازىرغىچە ۋىرۇس تۈرىدىكىلەردىن باشقا بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر تېمىدا ھۈجەيرە چۈشەندۈرۈلگەن، بەلكىم ئاپتورنىڭ گېپىنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا يەنىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرىدىغان ماقالىلار يېزىلسا كېرەك. يەنە چۈشەنمىگەن سوئاللىرىڭىز بولسا ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. قىزىققىنىڭىزغا رەھمەت!
ھاياتلىقتىن ئىبارەت سېھىرلەرگە تولغان ئاجايىپ قىزىقارلىق بىر ھادىسىنى تەتقىق قىلىدىغان بىئولوگىيە ئىلىمى ھەقىقەتنەمۇ كىشىنى ئۆزىگە ئاجايىپ قىزىقتۇرىدۇ، قانچە كۆپ بىلگەنسېرى شۇنچە كۆپ بىلگۈڭىز كىلىدۇ. ئاممىباپ تىلدا سىنلىق دەرس سۆزلەشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم چۈنكى ئاددىي بىلىملەرنى ماقالە قېلىپ يېزىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۇنىڭدىن بىلگەننى ئېغىزدا ديىشكە كېتىدىغان ۋاقىت كۆپ قىسقا بولىدىكەن. داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرۇپ تۇرغايسىز.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 10:09:02

بۇغرام يازغان تۆۋەندىكى تېمىمۇ ئېسىل چىققان. كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن:

ھاياتلىقنى چۈشىنىش

falconer يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 11:28:16

{:112:}{:112:}{:112:}

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 12:06:00

‏بىئولوگىيە( ھاياتلىق ) ئىلمى مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ئىلىملەرنىڭ بىرى، بۇ دەسلەپكى ئاساس دەرسلىك بەك چۈشۈنۈشلۈك ۋە ئاممىباپ ئىپادىلىنىپتۇ، رەھمەت سىزگە.
‏مۇمكىن بولسا بۇ دەسلەپكى ئاساستىن باشلاپ تەدرىجى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ بىئولوگىيە ئىلمىگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ يېتىلىشىگە ياردەم بەرسىڭىز.
‏مىتابولىزىم ،كۆپىيىش، ۋە تەدرىجي تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلى ئېرسىي بىرلىك بولۇش جانلىق شەيئىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن.
‏مىتابولىزىم توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 14:13:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان:
ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلىش سەۋەبلىرىدىن قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت بار. قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋەتنى ئۆز جۆرىسىگە سادىق بولماسلىق دەپ كۆردۈم.
دىنىمىزدا بولسا ئەرلەرنىڭ 4 خوتۇنلۇق بولىشى ماقۇل كۆرۈلگەن. ئىسلام دىنىمىز بىزگە ھەرگىزمۇ زىيان ئىلىپ كىلىىدىغان ئىشنى ھالال قىلمايدىغانلىقىغا ئىمانىمىز كامىل. شۇنداق بولغانىكەن، ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇقىشى ئەرلەرنىڭ بىردىن كۆپ جۆرىسى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. بەلكى ئايال كىشىنىڭ بىردىن كۆپ جۆرە تۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 14:59:01

TEWBE يوللىغان ۋاقتى  2014-5-2 14:13 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان:
ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلى ...

:lol
كېسەل يوق ئەرلەرنى جورا تۇتسا، كۆپ جورىسى بولسىمۇ يەنىلا كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ.
ئەرلەرمۇ ئوخشاش، كېسەل يوق ئاياللارنى جورا تۇتسا كېسەلگە گىرىپتار بولمايدۇ.
تۈنجى ئەيدىزنىڭ پەيدا بولۇشى قانداق ئىشكىن؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 15:59:27

توت خوتۇننىڭ ھەربىرى شۇ ئەرنىڭ جۈپتى ھىسابلىنىدۇ ، قايسىسى بىلەن مۇناسىۋەت قىلشىدىن قەتئىنەزەر بۇ جورىسىگە سادىق بولماسلىق ئەمەس ، بۇ يەردە دىيلىۋاتقان جۈپتىگە سادىق بولماسلىق  ئۆز نىكاھىدا بولمىغان يات جىنىس بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ
جۈپتى ھالال نىكاھىدا بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ ـ
   جۈپتىگە سادىق بولماسلىقنى    زىنا قىلىش دەپ ئالغان بولسا توغرا بولاتتى

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 16:03:42

ئاپتۇر چىڭخۇا ئونۋىرسىتىدا ئىكەنغۇ ، ئۇ يەردە ساناقلىقلا ئۇيغۇر قىرىندىشىمىز ئوقۇش پۈرسىتىگە  ئىرىشتى، سىلەردىن پەخىرلىنىمىز  ، باشقىلارنىمۇ ئىزدىنىشقا تەكلىب قىلىڭ
بەت: [1] 2
: «بىئولوگىيە ساۋاتسىزلىرى» ئۈچۈن ئېسىل سوۋغا