bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 07:25:57

TEWBE يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 14:13 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان:
ئەيدىز كىسىلىنىڭ تارقىلى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

ئىسلام دىنىدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش چەكلەنگەنلىكى ۋە تازىلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكى ئۈچۈن، نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ئاھالىسى پەقەت مۇسۇلمان بولغان ۋە سىرتتىن كېسەل ئىلىپ كىرگۈچىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە ياكى قان ئالماشتۇرۇش بولمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئەيدىز كۆرۈلمەسلىكى كېرەك. ئەيدىز كېسىلىنىڭ كۆپ جۆرىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىدىغانلاردا ئارىسىدا كۆپرەك بايقالغانلىقى كۆزىتىلگەن بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئەمەس. ئەمما ئەيدىز كېسىلى ئايالدىن ئەرگە ۋە ئەردىن ئايالغا يۇقۇش نىسبىتى تامامەن ئوخشاش بولۇپ، سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز خاتا بولۇپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ھۆكۈمى بىلەن رىئاللىق ئوخشىمىغانلىقى ئۈچۈن سىز دېگەندەك يەكۈن خاتا بولۇپلا قالماي، يەنە ئەرلەرنىڭ كۆپ جۆرىلەر بىلەن بىللە بولۇشتىن ساقلىنىشىنى ۋە ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا چوقۇم بىر زۆرۈرىيەت بولمىغاندا مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭمۇ بىرلا خوتۇنلۇق بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ مېنىڭ شەخسىي قارىشىم، بۇ پەقەت مەن ئۈچۈن توغرا، ھەرگىز قارىشىمنى باشقىلارغا تېڭىش ئويۇم يوق. مۇسۇلمان ئەرلەرنىڭ قانچە خوتۇنلۇق بولۇش مەسىلىسىگە مېنىڭ بىر نېمە دىگۈممۇ يوق، بۇ ھەقتە سورىماقچى بولسىڭىز يەنىلا دىننىي ئۇستازلاردىن سوراپ باقسىڭىز.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 08:01:26

sabira يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 12:06 static/image/common/back.gif
‏بىئولوگىيە( ھاياتلىق ) ئىلمى مەن ئەڭ قىزىقىدىغان ئىلى ...

مىتابولىزىم دېگەننى يەنىلا ئىنسانلارنى ئاساس قىلىپ ئاددىي چۈشەندۈرۈپ باقاي. ئىنسان ھاياتىنى ساقلىشى ئۈچۈن ئوكسىگېن ۋە سۇغا مۇھتاج، بۇلار بولمىسا ھايات تۇرالمايدۇ، دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. شۇغىنىسى، كىشىلەر مۇشۇنداق ئاددىي گەپلەرنى شۇنداقكەن دەپلا ئاڭلاپ قويىدۇ ۋە بۇنى ئەمەلىيەتتىن كۆرىۋىلىشمۇ ناھايىتى ئاسان بولغاچقا ئىشىنىدۇ، ئەمما زادى نېمە ئۈچۈنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر بىلمىسە كېرەك، ھېچبولمىغاندا بۇ گەپنىڭ دەل، ئېنىق بولغان ئىلمىي ئاساسىنى بىلىمىسە كېرەك. ئوكسېگىن ۋە سۇنىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن چوقۇم زۆرۈر بولۇشىنىڭ سەۋەبى بارلىق جانلىقلار ھايات قېلىشى ئۈچۈن ئېنىرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئېنىرگىيە ئىنسانلار بەدەننى تۈزگۈچى ئەڭ كىچىك بىرلىك بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىر قاتار بىئو-خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەر ئارقىلىق تاماملىنىدۇ. مۇشۇ رىئاكسىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن سۇ چوقۇم لازىم بولىدىغان بولۇپ، سۇ بولمىسا ھۈجەيرىلەر ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان گلۇكوزىنى پارچىلاپ ئېنىرگىيە ماددىسى ATP گە ئايلاندۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. ATP ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كىيىن پارچىلىنىپ ئىسسىقلىق ۋە ئېنىرگىيە قويۇپ بېرىشى ئۈچۈن چوقۇم ئوكسىگېن بولۇشى كېرەك، ئوكسىگېن بولمىسا ئۇ ھالدا ئېنىرگىيەمۇ بولمايدۇ. يۇقىرىدىكى ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى نۇرغۇنلىغان خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەرنىڭ بەدىنمىزدە ھەر بىر تېنىقنى ئالغىنىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئاددىي خېمىيىلىك ماددىلارنىڭ بىرىكىپ مۇرەككەپرەك مولىكۇلالارنى ھاسىل قىلىشى ياكى مۇرەككەپ خېمىيىلىك ماددىلار پارچىلىنىپ گلۇكوزىغا ئوخشاش ئاددىي ۋە كىچىك خېمىيىلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىپ ھاياتلىق پائالىيىتىنى قامدايدىغان ھادىسىنى مىتابولىزىم دەيمىز. بۇ جەريانلار ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەن ئەڭ ئاددىي يەتكۈزۈشكە تېرىشىپ باقتىم، ئەمما يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ياكى تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ بىلگۈڭىز بولسا داۋاملىق سوئال سورىسىڭىز بولىدۇ.

sabira يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:06:14

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-5-3 08:01 static/image/common/back.gif
مىتابولىزىم دېگەننى يەنىلا ئىنسانلارنى ئاساس قىلىپ ئ ...

رەھمەت سىزگە.‏‏ۋاقتىڭىز يار بەرسە جانلىقنىڭ كۆپىيىش ئالاھىدىلىكى ئىچىدىكى جىنىسسىز كۆپىيىش توغرىلىق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ بۇ مىكرو جانلىقلارنىڭ ئىچىدە بولامدۇ؟

imam567 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 10:46:20

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   imam567 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-3 10:51

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مېنىڭچە بىز نۆۋەتتە دەۋاتقان جانلىق ئۇقۇمى بولسا ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ بۈگۈنكى بىلىش سەۋىيسىدە تۇرۇپبەرگەن جاۋابى خالاس .ئىلىم-پەن ئۆزلىكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،بەلكىم جانلىقلار ھەققىدەبىرىلگەن تەبىرمۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن يېڭىلىنىدۇ.(朊(prionبولسا بىر خىل جانلىق ئۇ پەقەت ئاقسىلدىنلام تۈزۈلگەن،ئالىملار بۇ جانلىقنى بايقىغاندىن كىيىن ئاندىن ۋىروسنىڭ ئەڭ كىچىك جانلىقلىق ئۇقۇمى ئۆزگەردى،ھەم بۇ بايقاش ئۆزنۆۋىتىدە يادرو كىسلاتالىق تەركىپكە ئىگە بولمىغان جانلىقلارنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىدى.ئۇنداقتا سۇئال،ھاياتلىقىنى تەشكىل قىلغۇچى ئەڭ ئاساسىي بىرلىك نىمە؟ئاقسىلمۇ ياكى يادروكىسلاتاسىمۇ؟جانلىق بۇلۇش ئۈچۈن مىتابولىزىم يىتەرلىكمۇ؟ئەگەر يىتەرلىك دىسەك تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئۆزلىكىدىن يۈز بېرىدىغان خېمىيىلىك رىئاكسىيەلەرنى قانداق چۈشۈنىمىز؟سىزىمچانلىق پەقەت جانلىققىلام خاسمۇ؟بىئوفىزىكىدا سىزىمچانلىققا قانداق تەبىربىرىلگەن؟يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئېلىمىنىتلارنىڭ بىر يۆنۈلۈشتە توك ئۆتكۈزىشنى قانداق چۈشۈنىمىز؟سىزىمچان مىتاللار بىلەن جانلىقلارنىڭ سىزىمچانلىقى ئوتتۇرىسدا قانداق پەرق بار؟
بەت: 1 [2]
: «بىئولوگىيە ساۋاتسىزلىرى» ئۈچۈن ئېسىل سوۋغا