ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 11:59:19

توك ئەرزانمۇ يىقىلغۇمۇ

نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىمىزدا دېھقانلارنىڭ ئۈزۈملېرىنى ھۆل ئىلىپ يىغىپ ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرغان بىرەيلەننىڭ ئىسكىلاتقا سۇۋۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان توك ھەققىنىڭ ھەر كىلوۋاتى 1.4 يۈەندىن بۇلىدىغانلىقىنى، خېلى مىڭىپمۇ ئېتۋار باھالىق قىلالمىغنلىقىنى ئاڭلاپ يىقىلغۇ ئىشلەتسە ئەرزان بۇلارمۇ دەپ ئويلاپ ھىساپلاپ باققان ئىدىم، ھىساپلىسام تەبئى گاز ئىشلەتسە شۇ باھادىن تۈۋەن تۇختايدىكەن.
  ئادەتتە 20 كىلوۋاتتىن يۇقىرى گىنراتوردا توك چىقارسا ھەر لىتىر بېنزىندا 4 كىلوۋات، ھەرلىتىر دېزىل مىيىدا 5 كىلوۋات توك چىقارغىلى بۇلىدىكەن(بىسىم ئاشۇرغۇچلۇق قىلسا 6-8 كىلوۋاتقا يىتىدۇ) .
  يىقىلغۇلارنىڭ سىلىشتۇرمىسىدا بىر لىتىر بېنزىن بىلەن بىر كۇپ مىتىر تەبئى گاز ماتوردا  ئوخشاش ئىنىرگىيە چىقىرىدۇ.
  مۇشۇ بۇيىچە ھىساپلىغاندا ماتورنىڭ ئاسراشلېرى قۇشۇلسا تەبئى گازنى يىقىلغۇ قىلىپ توك چىقىرىپ ئىشلەتسە توك باھاسىدىن ئىشىپ كەتمەيدىكەن. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 4 كە بۆلسەك 0.9 يۈەن بۇلىدۇ.
تەبئى گازنى ئىشلىتىشتە يەنە باشقا ئۇسول قوللانغاندا بولسا تەننەرىخ چۈشۈپ كىتىدۇ. يەنى سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى بىۋاستە ماتورغا چىتىپ ئايلاندۇرسا، ماشنىلارنىڭ سۇۋۇتۇش كومپىسسورىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بىز چوڭراقىنى تىپىپ بىۋاستە چىتىش ئارقىلىق، گىنراتور ئۈنۈمسىز قۇۋۋىتى ۋە كومپىسسور ئىلىكتىرماتورىدىكى  قۇۋۋەتنى چىقىرۋەتسەك ھەر لىتىر تەبئى گاز ئارقىلىق 7 كىلوۋاتقا يىقىن ئىنىرگىيەگە ئېرىشكەن بۇلىمىز. 3.6 يۈەن ھەر لىتىر تەبئى گاز باھاسىنى 7 كە بۆلسەك 0.52 يۈەن بۇلىدۇ.
  يەنە بۇ يەردە توك تارتىش ھەقلېرى بار، ئەگەر قۇلاي بولسا ئىگىز-پەس بولغان جايلاردا تۈۋەن ئورۇندىكى سۇنى يۇقىرىغا تارتىپ يەر سۇغىرىدىغان ئىشلارغا توك تارتىش رەسمىيەتلېرى ئۈچۈن بىر-مۇنچە تۆلەپ يىلىنىپ يۈرگەندىن تەبئى گاز ياكى پاتقاق گازى ئارقىلىق مەقسەتكە يىتىشنى ئويلىشىپ باقسىمۇ بۇلىدۇ.
  ئەلۋەتتە پاتقاق گازى تىخىمۇ ئەرزان بۇلىدۇ. ھەر كىلو قۇرۇق لاۋا ياكى ھەرە كىپىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىگە سىلىنسا 7-8 ھەسسە كۆپ ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان گاز ھاسىل قىلالايدۇ. ئادەتتە 6 كىلودىن يۇقىرىراق قۇرۇق ئۇتۇن كۆيگەندە بىر كىلو بېنزىننىڭ چىقارغان ئىسسىقلىقىغا يىقىن ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ. ئەمما پاتقاق گازى ماتوردا كۆيگەندە تەبئى گازدىنمۇ يۇقىرى ھەركەت ئىنىرگىيسى ھاسىل قىلىدۇ. دىمەك 750 گىرام ماتىريال ياكى ھەرە كىپىكى بىر لىتىر بېنزىندىن ئارتۇق تۇختايدۇ. پاتقاق گازىنى كۆيدۈرىدىغان ماتورمۇ ئايرىم بۇلۇپ، ئادەتتىكى ماتورغا بىۋاستە ئىشلەتمەيدۇ. دۆلىتىمىزدە بەك قىممەتمۇ ئەمەس...

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 16:36:08

توك تارتىش قولايسىز يەرلەردە گېنراتۇر(فادىيەنجى) ئارقىلىق توك چىقىرىىپ ئىشلىتىدۇ ،بۇنىڭ دېزىل مېيى كۆيگەچكە تەننەرق بەك ئېشىپ كېتىدۇ  ،ماتۇرنى قوش يېقىلغۇلۇق قىلىشنىمۇ ئويلىشىپ باقسا بولغىدەك

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 18:59:17

قانداق يەردە ساتىدىغاندۇ بۇ پاتقاق گازىنى كۆيدۈرىدىغان ماتۇرنى ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:35:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elqvn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 19:36  

@ablimitt ئەپەندى، مېنىڭ بېغىمغا بىر پاتقاق گاز، ئۆي ئىسىنىش ۋە يېقىلغۇ توكنى بىراقلا ھەل قىلىدىغان، ئىقتىدارى ۋە مۇقىملىغى كاپالەتكە ئىگە بولغان بىر ئېكو سېستىما لايىھەلەپ بەرسىڭىز بولاتتى! 70مولۇق باغ ئېدى، ئوتتۇرىسىغا 200كۇۋادىراتلىق تۇرالغۇ ئۆي سالماقچى ئېدۇق. يېقىن ئەتراپتا توك يوق.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:46:57

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 19:35 static/image/common/back.gif
@ablimitt ئەپەندى، مېنىڭ بېغىمغا بىر پاتقاق گاز، ئۆي ئىسىن ...

نەچچە كىلوۋات توك ئىشلىتىسىز؟ چوڭ بولسا سەل ۋاقىت كىتىدۇ، يىقىندا سەل ئالدىراش...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 19:50:30

jaggiwar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 18:59 static/image/common/back.gif
قانداق يەردە ساتىدىغاندۇ بۇ پاتقاق گازىنى كۆيدۈرىدىغا ...

ما يەردىن تاللاپ ئالىسىز...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 20:55:04

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 19:46 static/image/common/back.gif
نەچچە كىلوۋات توك ئىشلىتىسىز؟ چوڭ بولسا سەل ۋاقىت كىت ...

  سىزنى ساقلاي، مەن ئۈچۈنمۇ بىر باش قاتۇرۇپ قويغان بولسىڭىز!

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 20:57:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Birhon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-27 20:58  

بۇرادەر....
سىز ئانچە توغرا ھېسابلىماپسىز...
گېنېراتور، موتور دېگەنلەرنى چۈشىنىسىز ھەقىچان. ئۇنى توكنى باشقۇرغاندەك... كۇنۇپكىنى بېسىپ قويۇپلا، ئۆيگە كىرىپ كېتىپ خاتىرجەم ئۇخلىسىڭىز بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ھېساباتىڭىزغا مۇنۇلارنىمۇ قوشۇڭ:
توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا توك ئەكىرىش ئۈچۈن تەخمىنەن 1000 يۈەن ئەتراپىدا سىم ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرنى ئېلىشىڭىز مۇمكىن... شۇنىڭ بىلەن 1.4 دىن تۆلەپ ئىشلىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ.
توڭلىتىش ئىسكىلاتىنى موتور ئارقىلىق ئۆزىڭىز توك چىقىرىمەن دېسىڭىز ئىسكىلاتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ 100 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا پۇلغا موتور ۋە گېنېراتور دېگەنلەرنى سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك. يەنى تەخمىنەن خېلى كۆپ يىللىق توك پۇلىنى ئالدىن تۆلىۋەتكەنگە باراۋەر.
ئاندىن تەييار توكنى ئىشلەتسىڭىز، ئىشلەتكەندە توك ئۈزچاتىنى ئېچىپ قويسىڭىزلا بولدى... كىرىپ ئۇخلاپ، ئۆز ئىشلىرىڭىز بىلەن بولالايسىز.
گېنېراتور ئارقىلىق توك چىقارسىڭىز ئۇنىڭغا مەخسۇس مېخانىك خادىمدىن بىرنى قويۇشىڭىز كېرەك. ئايدا كەم دېگەندە 3000 يۈەن مائاش بېرىپ، ئۇخلايدىغان، تاماق يەيدىغان يەرلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمىسىڭىز ئىشلىمەيدۇ. مېخانىك خادىمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئۆزىڭىز بىلىسىز، موتورغا قارايدۇ، موتور دېگەن ئەتىدىن كەچكىچە قاراپ تۇرمىسا بولمايدىغان نەرسە، ئۇ قىززىيدۇ، ئۇپرايدۇ، ھەرخىل جەھەتتىن ئاسراشقا مۇھتاج... دېگەندەك، بىرەرسى موتورغا قاراپ تۇرمىسا، تاسادىپپىي يېرىم كېچىدە موتور ئۆچۈپ قالسا، ياكى قىززىپ كېتىپ پارتلاپ كەتسە،... موتورنىڭ پۇلىغۇ چاغلىق، توڭلىتىش ئىسكىلاتىڭىزغا باشقىلار توڭلىتىپ بەر دەپ ئەكىرگەن نەرسىلەرنى كاردىن چىقىرىپ قويۇپ، تۆلەيسىز. موتورنىڭ مېيى ياكى گازى تۈگەپ كەتسە، ئۆچۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ماي، گاز ئەكىلىش كېرەك....  (بىلىشىڭىز كېرەك، ھازىر ھېچقانداق ئورۇندا كۆپ مىقداردا ماي تۈردىكى پارتلاشچان نەرسىلەرنى ساقلاشقا بولمايدۇ.)
----
ئىشقىلىپ، تەييار توكنى قىممەت كۆرۈپ، ئۆزۈم توك چىقىرىمەن دېيىش، ئېشەك بىر تەڭگە، توقۇم بەش تەڭگە بولىدىغان ئىش.
ئاۋۇ 1.4 مولۇق توكنى قىممەت كۆرگەنلەر بۇ يولغا قەتئىي مېڭىپ سالماڭلار...
ئەڭ ئەرزان توختايدىغان ئۇسسۇل... بىر ئائىلە كىشىلىرى نۆۋەتلىشىپ، توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ چاقپېلىكىنى قولدا چۆرۈسەڭلار بولىدۇ...

jasur58 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-27 23:11:32

ئەڭ ئەرزان توختايدىغان ئۇسسۇل... بىر ئائىلە كىشىلىرى نۆۋەتلىشىپ، توڭلىتىش ئىسكىلاتىنىڭ چاقپېلىكىنى قولدا چۆرۈسەڭلار بولىدۇ...
يوۋ مانا ئىنكاسنىڭ قاراملىقىنى تازا جايىدا كەپتۇ جۇما......... بىر ئائىلە كىشلىرى جىنى چىڭ بولىسىمۇ ئۇنداق قىلالماسمىكىن...........

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 00:23:46

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 19:35 static/image/common/back.gif
@ablimitt ئەپەندى، مېنىڭ بېغىمغا بىر پاتقاق گاز، ئۆي ئىسىن ...

بۇ تەلەپ سەل چوڭدەك قىلامدۇ قانداق، تۇرمۇشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، 10 كۇپ مېتىرلىق پاتقاق گاز كۆلچىكى قۇرسىڭىز يېتەرلىك. دائىملىق توك چىقىرىشنىمۇ بۇ تەلەپ ئىچىگە قويىدىغان ئىش بولسا، 40 كۇپ مېتىرلىق پاتقاق گازى كۆلچىكىنى باشقۇرۇشقا، مەخسۇس ئادەم قەرەللىك قارىسا بولىدۇ، ئاندىن، تۇرالغۇ ئۆيدىن يېتەرلىك يىراق ئورۇنغا، پەسللىك شامال يۆنىلىشى بويىچە تۇرالغۇ ئۆيگە سېسىق پۇراق كەلمەيدىغان ئورۇنغا تاللىغىنىڭىز ياخشى.
قىشتا ئۈنۈمى تۈۋەنلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمەن دېسىڭىز، كۆلچەكنىڭ سىرتقى تېمىغا ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى قوشۇپ لايىھىلەڭ. يېقىن ئەتىراپتا توك يوق دەڭ. 70 مو يەر بولسا، مەن بولسام ھاۋا توك مۇنارى ياساپ قوياتتىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 00:25:15

سۇ مەنبەسى يېتەرلىك يەر بولسا، نۇر يىغقۇچ پار كۈچى گېنىراتور قوراشتۇرسىمۇ بولىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 05:31:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 05:33  

Birhon يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 20:57 static/image/common/back.gif
بۇرادەر....
سىز ئانچە توغرا ھېسابلىماپسىز...
گېنېراتور،  ...

مەخسوس ئادەم قارىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئاندىن بىرەيلەن ماڭا ‹‹توك چۈشۈرۈش ھەققى ئۈچۈن 300مىڭ يۈەن رەسمىيەت ھەققى تەلەپ قىلدى›› دىگەچ بۇنى يازغان، دەسلەپكى تەننەرىخ مەسلىسى شۇنىڭدىن ھەل بۇپ كىتىدۇ. بۇ تىمىدىكى ئاساسلىق تېخنىكىلىق ھىساپلاشتا ئازراق مەسلە بار، تورداشلارنى مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق يازغان ئىدىم، شۇ خاتالىقنى تىپىپ بىقىڭ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 05:35:32

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 00:25 static/image/common/back.gif
سۇ مەنبەسى يېتەرلىك يەر بولسا، نۇر يىغقۇچ پار كۈچى گېن ...

مۇشۇنداق يىڭى ئۇقۇملارنىڭ مۇنبەرگە كىرگىنىڭىزدىن خوش بولدۇم، ئەمىلى مەسلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش كۆپ ئادەمگە نەپ بېرىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 05:42:39

jasur58 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-27 23:11 static/image/common/back.gif
يوۋ مانا ئىنكاسنىڭ قاراملىقىنى تازا جايىدا كەپتۇ جۇما ...

ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ، ئادەم كۈچىدىن توك چىقىرىدىغان ئەسلىھەلەر بۇ يەردە بار، بەك قىممەت، خالىغانلار ئۆزى ۋېلسىپىتنى ئۆزگەرتىپ ياسىۋالسا بۇلىدۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 09:25:51

بىزنىڭ شىركەتنىڭ گېنىراتورى بار. ئاسفالىت ۋە شېغىل ماتىريال زاۋۇتى گېنىراتور ئىشلىتىدۇ. تەييار توكنىڭ باھاسى بەك ئۆرە. مۇھىمى توك ئەكىرىش رەسمىيەتلىرى مۇرەككەپ. دەسلەپكى باھاسى يۇقىرى. بولمىسا زاۋۇتنىڭ يېنىدىلا يۇقۇرى بېسىملىق توك لېنىيەسى بار.
ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا يولغا بىر سىمونىت سىتولبا توغرا كەپ قالغان. پولات جاھازا ئەمەس. شۇنى يۆتكەيدىغانغا 250 مىڭ سوم تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان.
ئىلىكتىر شىركىتى دۆلەتلىك تور بىلەن قوشۇلۇپ كەتكەن بولغاچ يەرلىك ھۆكۈمەت باشقۇرالمايدۇ. ( بىلىشىمچە شۇنداق. ئەمەلىيەتتە قانداق ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلمەيمەن)
مۇناسىۋەت دائىرىسى كىچىك ھۆددىگەرلەر ئايرىم توك تارتماقچى بولسا دىگەن پۇلىنى بېرىپ، يەنە ساقلىمىسا بولمايدۇ.
380 ۋولتلىق توك تارتىشنى شەخسىلەر ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى دىگەندەك نۇرغۇن ئورۇندىن ئىسپات ئېلىپ، يەنە نۇرغۇن پۇل خەجلەيدۇ.
ئۆزى توك چىقىرىش ئەمەلىيەتتە بىر قەدەر ئەرزان توختايدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 09:29:28

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 09:25 static/image/common/back.gif
بىزنىڭ شىركەتنىڭ گېنىراتورى بار. ئاسفالىت ۋە شېغىل مات ...

شۇ، قۇشۇمچە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنى قوللاش تەشۋىقاتى ئەمىليەتتە چەت ئەللەرگە قىلىدىغان ئېلانمىكىن دەپ قالىمىز...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 19:21:53

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 00:23 static/image/common/back.gif
بۇ تەلەپ سەل چوڭدەك قىلامدۇ قانداق، تۇرمۇشقا ئىشلىتى ...

   ھاۋا توك مۇنارى دىگەن قانداق ئۈسكۈنە؟ تەننەرقى مۇۋاپىق، ئۈنۈمى ياخشى بولسا شۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى.
   مېنىڭ بۇ باغدا بىر تەبئى ئېكو سېستىما شەكىللەندۈرۈش ئارزۇيۇم بار ئېدى. باغدا چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ، زىرائەت، سەي-كۆكتات، قوغۇن-تاۋۇز تېرىلىدۇ. شۇڭا بىر ئايلانما سېستىما شەكىللەنمەكتە. يەنى، باغدىكى ئوت-چۆپ ۋە زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرى بىلەن چارۋا، ئۆي قۇشلىرى بېقىلىدۇ، بۇلارنىڭ قىغى باغقا ئوغۇت بولىدۇ. بۇ ئايلانمىدا بىر چېرىتىش ھالقىسى كەم. چۈنكى ئېغىل قىغى چېرىتىشتىن ئۆتمىسە ئۈنۈم بېرىش ۋاقتى ئۇزۇن، ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. پاتقاق گازى دەل بۇ چېرىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ، پاتقاق گاز كۆلچىكىدە چېرىتىشتىن ئۆتكەن ئوغۇت زىرائەت ۋە مېۋىلىك دەرەخكە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. ئۇندىن تاشقىرى يەنە پاتقاق گازىدىن يېقىلغۇ گاز ۋە توك چىقىرىشقا بولىدىكەن، بۇ باغدىكى تۇرالغۇنىڭ ئىنىرگىيە مەنبەسىنى ھەل قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ئېدى. ئەمما دىيارىمىزدىكى پاتقاق گاز قۇرۇلۇشلىرى لايىھەلەشتە مەسىلە بارمۇ ياكى قۇرۇلۇشىدا چاتاق بارمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغانلار يوق دىيەرلىك، گاز چىقىرىپ باققانلارمۇ سۇيۇق گازدىنمۇ قىممەت توختايدىكەن دىيىشىدۇ. شۇڭا ئىككى يىلدىن بۇيان باغدا پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساش پىلانىم تېخىچە ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 19:53:13

باغداشتىكى توردىشىمىز ئەليار ناھايتى مۇھىم بولغان بىر ئۇچۇرنى قالدۇرۇپتۇ، مەن بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئەسكەرتىش بەرمەيلا ئالدىراپ يازغىنىمدىن خىجىل بۇپ قالدىم.
ئەليارنىڭ ئىنكاسى؛ بىر ئىككى يىل بۇرۇن بىزنىڭ يېزىدا ئاممىنىڭ ئىسسىنىش مەسلىسىنى ھەل قىلىمىز دەپ ھەر بىر ئائىلىگە پاتقاق گازى كۆلچىكى ياساتقۇزغان ئىدى.ئېسىمدە قېلىشىچە پاتقاق گازىنى ئىشلىتىشكە باشلاپ ئىككى ئاي بولمايلا بەش-ئالتە ئادەم پاتقاق گازىدىن زەھەرلىنىپ جېنىدىن ئايرىلدى.ئاڭلىشىمچە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر نەچچىسى گاز چىقىدىغان تۆشۈك تۇسۇلۇپ قاپتۇ دەپ كۆلچەك ئىچىگە كىرىپتىكەن. كېيىن ئىشلىتىشنى توختىتىۋەتتى.دېھقان قېرىنداشلارغا كەسپى تېخنىك خادىملارنىڭ يىتەكچىلىكى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەننەرخىنىڭ تۆۋەن بۇلىشىدىن باشقا بىخەتەرلىك ئامىلىنىمۇ مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ ئويلىشىش كېرەكمۇ قانداق؟   
كاربون چالا ئوكسىدى ۋە مىتان گازى ئادەمنى تىزلا تۇنجۇقتۇرۇپ قۇيىدۇ، كۈچلۈك ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئىلىپ بارماي تۇرۇپ، ئورەككە چۈشۈپ مەشغۇلات قىلىشقا بولمايدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:05:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-28 22:06  

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-4-28 19:21 static/image/common/back.gif
ھاۋا توك مۇنارى دىگەن قانداق ئۈسكۈنە؟ تەننەرقى مۇۋا ...

خەقنىڭ گىپىنى ئاڭلىسىڭىز ھىچنىمە قىلالمايسىز، تىگىگە سۇلياۋ قىلىپ چۆرسىنى تام قىلىپ تىگىدىكى سۇلياو بىلەن تام يۇچۇقىنى ھىملەپ بۇلۇپ تامنى قىزىتىپ شام سۈركىسىڭىز تامغا سىڭىپ سۇ ئۈتمەس قەۋەت ھاسىل قىلىدۇ. ئاندىن تىگىگە سۇلياۋنى قۇغدايدىغان قۇم يىيتىپ، ئاندىن ماتىريال قاچىلاپ سۇغا چۈكۈپ تۇرىدىغان قىلىپ باستۇرىسىز، ئاندىن ئۈستىنى گاز چىقسا ئىگىزگە كۈپىدىغان قىلىپ سۇلياپ بىلەن يىپىپ ئۈستىگە بىسىم ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق ئېغىرلىقتىكى سىلىق نەرسىنى سېيرىلىپ چۈشۈپ كەتمەيدىغان قىلىپ قۇيۇپ، بىر نەيچە بىلەن گازنى ئۇلاپ ئىشلىتىدىغان يەرگە ئاپىرىپ ئىشلىتىسىز. تاساددىپى پارتىلاش كېپ چىقسىمۇ سۇلياۋ يىرتىلىپ كىتىدۇ چوڭ زىيان يوق. كىچىك بالىلار ۋە ھايۋاناتلارنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ئەتراپىنى تۇسۇپ قۇيۇڭ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 22:47:28

قارىغاندا پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساشتىكى موھىم ھالقا، گاز قېچىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. كۆلچەكنىڭ سۇ ئۆتۈپ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەندە.
ئۈستىنى تۆمۈر قاپقاق بىلەن ئەتسە بولمامدۇ؟
پاتقاق گازى پەيدا قىلىدىغان، ئۈنۈملۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغان بېخەتەر ئۈسكۈنە ياسىسا، ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ.
سۇ چېچىش ماشىنىسى ياكى ماي توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ باكلىرىنى ئازراق ئۆزگەرتسە قاملىشىپ قالىدىغاندەكمۇ قىلىدۇ. بۇ باكلارنى بەك قىممەت ئالسىمۇ 3000 سوم ئەتىراپىدا ئالغىلى بولىدۇ. بېتون كۆلچەك ياسىغان بىلەن تەنەرخى تەڭلىشىپ قالىدىكەن. موھىمى كۆلچەككە قارىغاندا بېخەتەر.
بەت: [1] 2 3
: توك ئەرزانمۇ يىقىلغۇمۇ