ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:01:03

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 22:47 static/image/common/back.gif
قارىغاندا پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساشتىكى موھىم ھالقا، گ ...

ھەججەپ ئەرزانكىنا، قەيەردە شۇنداق ئەرزان؟...3000يۈەن بولسا قانداق باك ئۇ؟...20-40 كۇپمىتىرلىقلېرىمۇ؟...

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:07:36

ئۇزۇنلىقى 4 مېتىر، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلەرمىكىن. ھېساپلاپ باقسام 28 كۇپمېتىر چىقتىغۇ.
ئۆتكەن ئايدا شىركەتنىڭ كاردىن چىققان سۇ چېچىش ماشىنىسىنى سورىسام شۇنداق دىيشتىغۇ. ماشىنا ۋە باك قوشۇلۇپ 5مىڭ سوم دەپ. شۇنىڭغا قاراپ قىممەت بولسا 3000 سوم دەپ ئۆزەم پەرەز قىلدىم ئۇ باكنىڭ باھاسىنى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:16:21

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 23:07 static/image/common/back.gif
ئۇزۇنلىقى 4 مېتىر، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلەرمىكىن. ھېسا ...

1.5*3.14*4=18.84

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:21:26

ئاۋۇ سېلىندىرنىڭ ھەجىمى4*3.14*1.5*1.5=28 بولار؟
ماتىماتىكىنى ئۇنتۇلۇپ قالمىغاندىمەن ھە. تازا سەت تۇرىدىغان بولدىدە.:o

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:23:00

20 توننىلىقتەك تۇرىدۇ، چوڭ ماشنىكەن-ھە...

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-28 23:46:06

پارنىكلىق قوتان ياساپ پاتقاق گازى كۆلچىكىنى قوتان ئاستىغا ئۇرۇنلاشتۇرسا ئۈنىمى ياخشى بولارمىكىن، ئاندىن سۈزۈك سۇيۇقلىقىنى مىۋىلىك دەرەخ، زىرائەت… قاتارلىقلارغا پۈركۈپ چاشسا يۇپۇرماق ئۇغۇتى ۋە زىيانداشلارنى يوقۇتۇش رولىغا ئىگەدەپ كۆرگىنىم ئىسىمدە…

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 00:22:22

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 22:47 static/image/common/back.gif
قارىغاندا پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساشتىكى موھىم ھالقا، گ ...

@ablimitt ئەپەندى، ماۋۇ چارە بوپ قالامدۇ نىمە؟ چوڭ سۇ باكىدىن بىرنى ئۆزگەرتىپ پاتقاق گاز كۆلچىگى قىلىۋالساق، ئاستىدا چاقى تۇرۇۋەرسە گازنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن باكنى تېراكتور ياكى ماشىنىغا چېتىپلا ئوغۇت لازىم قىلىدىغان باغ ياكى ئېتىزغىلا ئاپىرىپ قويىۋەتسەك بولغىدەكقۇ، سۇ ۋە ئوغۇتىنى تارتىش ئاۋارىچىلىقى ئازراق بولغىدەك. سىزنىڭچىچۇ؟

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 00:29:13

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 22:05 static/image/common/back.gif
خەقنىڭ گىپىنى ئاڭلىسىڭىز ھىچنىمە قىلالمايسىز، تىگىگ ...

مۇشۇ پاتقاق گاز كۆلچىگىنىڭ لايىھەسىنى بىكىتىشتە سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە موھتاجمەن جومۇ! بۇنداق ئىش يە داۋاملىق قىلىپ ئولتۇرىدىغان ئىش ئەمەسكەن، لايىھەسى ياخشى ۋە مۇكەممەل بولمىسا، ئىشلىتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا بىكاردىن بىرمۇنچە چىقىم ۋە كۈچ سەرپ قىلىپ ئاخىرىدا تاشلاپ قويىدىغان ئىشكەن.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 05:15:27

0996 يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 23:46 static/image/common/back.gif
پارنىكلىق قوتان ياساپ پاتقاق گازى كۆلچىكىنى قوتان ئاس ...

بۇرۇن تەجىربە قىلغانلاردا شۇنداق قىپتىكەن، كۆممە قۇناق مەدىكىدىن ئۈستۈرۈش ھۇرمۇنى چىمىسو ياسايدىغان چاغلاردا...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 05:17:16

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 00:22 static/image/common/back.gif
@ablimitt ئەپەندى، ماۋۇ چارە بوپ قالامدۇ نىمە؟ چوڭ سۇ باكى ...

ئۇنىڭدىمۇ بەك ياخشى بولغۇدەك. قۇياش نۇرىدا قىزىسا تىخىمۇ تىز گاز چىقىدۇ، ئاخشىمى يۇپۇق بىلەن يىپىپ قويسا تىز سۇۋۇپ كەتمەيدۇ...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 14:14:14

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 05:17 static/image/common/back.gif
ئۇنىڭدىمۇ بەك ياخشى بولغۇدەك. قۇياش نۇرىدا قىزىسا تىخ ...

200كۇۋادىراتلىق تۇرالغۇنىڭ توك ئېھتىياجىنى دائىملىق تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ پاتقاق گاز باكىنىڭ چوڭلۇغى قانچىلىك بولسا بولار؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 14:22:52

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 14:14 static/image/common/back.gif
200كۇۋادىراتلىق تۇرالغۇنىڭ توك ئېھتىياجىنى دائىملىق ت ...

ئىككىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ...

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-4-29 18:39:29

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 14:22 static/image/common/back.gif
ئىككىدىن ئاز بولسا بولمايدۇ...

ئەمدى باك ئىزدەشكە توغرا كەلدى-دە! قېنى ھېلىقى @ArislanMemet دىگەن بۇرادەر؟ ئۇ شېركىتىدە ساتىدىغان باك بارنىڭ گېپىنى قىلىۋاتقان........

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 21:07:59

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 22:47 static/image/common/back.gif
قارىغاندا پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساشتىكى موھىم ھالقا، گ ...

تۆمۈر باكنىڭ ھىملىقى ئىنتايىن ياخشى، ئەمما-زە، ئون يىل، ئەللىك يىل سۇ ئاستىدا چىدىماسمىكىن.
ئىككى كۈن ئىلگىرى قۇدۇققا سالغان پومپامنى چىقىرىۋالدىم. ناھايىتى بەش يىل تۇردى، كېرەكتىن چىقىپتۇ، داتلىشىپ تۇنۇغىلى بولماس بولۇپ كېتىپتۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 21:19:52

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى2014-4-28 23:07 static/image/common/back.gif
ئۇزۇنلىقى 4 مېتىر، دىئامېتىرى 1.5 مېتىر كېلەرمىكىن. ھېسا ...

ئارىسلان مەمەت بۇرادەر، خاپا بولماڭ سىزنى چالا چىقىرىپ قويىدىغان بولدۇم. دىئامېىتىرى 1.5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 4 مېتىر كېلىدىغان تۆمۈر باكنىڭ (ساپ يومۇلاق بولسا) ھەجىمى ئاران 7.065 كۇپ مېتىر كېلىدۇ، يەتتە كۇپ مېتىر بولسا، بىر ئائىلىنى قامدايدىغان پاتقاق گاز كۆلچىكىنىڭ ھەجىمى ئاز بولغاندا 8 كۇپ مېتىر بولۇش تەلىپىدىن تۈۋەن!
تەلەپ ئىگىسىگە تەكلىپىم، تۆمۈر باكنى سېتىۋالدىڭىزمۇ دەيلى، ئىككى بېقىنىدىن ئىككى تۈشۈك ئېچىپ، بىرىنى ماتىرىيال كىرگۈزۈش تۈشۈكى، يەنە بىرىنى چىقىرىندا تۈشۈكى قىلىسىز، تەننەرخ باك بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. ئاپتاپتا سىرتتا قويۇشقا كەلسەك، سىز تۆت پەسىل ئېنىق بىر جايدا ياشايسىز ھەقىچان، شۇڭا، ئاپتاپنىڭ رولى پەقەت يازدىلا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، قىشتا ئۆيدە گاز بىلەن چاي قايناتقىدەكمۇ گاز چىقماي قالارمىكىن..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:10:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-2 22:37

Elqvn ئەپەندىم. لايىھە خاراكتىېرلىق ئەمەس، پەقەت تەكلىپ خاراكتېرلىق تەكلىپ بېرەي:
پاتقاق گاز كۆلچىكىنى چوقۇم بىر بوش يەرنى تېپىپ، ئۈچ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا، ئۈچ مېتىر كەڭلىكتە، ئالتە مېتىر ئۇزۇنلۇقتا كولايسىز.كولىغاندا چوقۇم تىك تۆت بولۇڭلۇق كولىمايسىز، بۇلۇڭلىرى يومۇلاق، مەركىزى سىزىقى ئەڭ چوڭقۇر، يانتۇ بولسۇن. ئاندىن، خىش- تاش ماتېرىياللار بىلەن، ئاياق يەشىكىنىڭ شەكلى بىلەن تۇخۇم شەكلىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قاچا قۇرۇپ چىقىسىز، بۇ قاچىنىڭ ئۈچ تۈشۈكى بولىدۇ!
بىر تۆشۈك نەق تورۇستا، ئەڭ ئېگىز نۇقتىدا بولىدۇ، قالغان ئىككىسى سوزۇنچاق ئىككى تەرەپتە بولىدۇ! بۇ ئىككى تۈشۈكنىڭ شەكىل تەلىپى مۇنداق: گاز كۆلچىكىنى بىر قاچا دېسەك، ئىككى تۈشۈكنىڭ ئۈستى تەرىپى قاچىنىڭ ئېگىزلىكىنىڭ يېرىمىدىن ئېگىز بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ھەم، قاچىغا تۇتاش ھالدا، ئىككى تۈشۈكنىڭمۇ ئايرىم كۆلچىكى بولىدۇ، بىرى كىچىك، بىرى چوڭ بولىدۇ،
قاچىنىڭ تېگىنى ياسىغاندا، مۇنداق ئىشقا دېققەت قىلىڭ: قاچا تىگى سېلىندىردەك بىر شەكىلدە، بىر تەرىپى يەنە بىر تەرىپىدىن تۈۋەنرەك بولسۇن.
توروستىكى تۈشۈكتىن گاز چىقىرىپ ئىشلىتىسىز، ئىككى يان تەرەپتىكى تۈشۈكنىڭ بىرىدىن قاچا ئىچىگە لاۋا-چاۋا، شاخ- شۇمبا سېلىپ تولۇقلاپ تۇرىسىز، بۇ ئېگىز تەرەپتە بولىدۇ. يەنە بىر يان تۈشۈكتىن، چىرىشتىن قالغان نەرسىلەرنى چەپچە بىلەن تارتىپ چىقىرىۋېلىپ، ئۇغوت قىلىپ ئىشلىتىۋەتسىڭىز بولىدۇ. يانتۇ بولغاچقا، سېلىش ئېغىزى تەرەپتىن ئاسانراق سۈرۈلۈپ كېلىدۇ.
بۇنىڭ قولاي تەرىپى: ماتىرىيال سېلىش ۋە چىقىرىش جەريانىدا، گاز چىقىرىش چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، توختاپ قالمايدۇ.
ماتېرىيال سىلىش ئېغىزى تەرەپتە، گاز كۆلچىكىدىن سىرت، ئۈستى ئۇچۇق بىر سۇ كۆلچىكىنى تەڭ ئۇلاپ ياسايسىز، ھەجىمى چوڭ بولسۇن، تىگى 45 گىرادۇس يانتۇ بولۇپ، سالغان نەرسە كۆلچەككە چۈشۈپلا كەتسۇن، يانتۇلۇق چوقۇم قاچىنىڭ ئىچىگە يېرىم مېتىردىن ئارتۇق ئىچكىرلەپ كىرسۇن، كۆلچەكنىڭ رولى، گاز كۆلچىكى (قاچا) ئىچىدىكى سۇ بىلەن تۇتاش قاچا بولۇپ، گاز بېسىمى ئاشقان چاغدا، سىقىپ چىقىرىلغان سۇنى سىغدۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك.
چىقىرىندا چىقىرىۋېلىش تۈشۈكى سەل چوڭقۇرراق بولىدۇ، ھەجىمى كىچىك بولسۇن، قاچا تەرەپى كەڭ، يىراق تەرىپى تار بولسۇن، بىر ئۈچبۇلۇڭ شەكىللىك يانتۇ ئېرىق بولىدۇ، ئۇزۇن تۈمۈر چەپچە بىلەن چىقىرىندىلارنى تارتىپ چىقىرىۋېلىش مەسىلىسى، ۋە قاچىنىڭ يان تەرەپلىرىدىن چىقىرىندىنى تارتىپ چىقىرىۋېلىش مەسىلىسى ئويلىشىلىشى كېرەك.
پاتقاق گاز كۆلچىكىنى خىش- سىمونت بىلەن ياساپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىچكى تېمىنى قايتا قايتا سۇۋاپ، گاز قاچمايدىغان قىلىش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم، تەۋسىيە: بىنالارنىڭ ئۈستىگە سۇ ئۆتمەس قىلىدىغان ماي قەغەزنى چاپلاپ، ئوتلاپ ھىملىۋەتسە بەلەن ئىشەنچىلىك بولۇپ كېتىدۇ.
يېڭى گاز چىقىشقا باشلىغاندا، بىۋاستە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ، چوقۇم خىمىيىدىكى ھېدىروگىن ئېلىش تەجرىبىسىدىكى ساپلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، بىر يوغان نەيچىگە سۇ ئىچىدە گاز يىغىۋېلىپ، ئاندىن ئاغزىغا ئوت يېقىپ ساپلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. چۈنكى، ھاۋا بىلەن ئارىلاشقان ھالەتتە كۆيۈشچان گاز چوقۇم پارتىلايدۇ، ئۆيگە ئورناتقان گاز تۇرۇببىسى ۋە پاتقاق گاز كۆلچىكىنىڭ زەخمەتكە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىش كېرەك!
بەلگىلىك ۋاقىت ئارىلاش گازنى چىقىرىۋېتىپ بولۇپ، ساپ ھالەتكە يەتكەندە، خاتىرجەم ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، گاز كۆلچەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ھىم قاپقاقنى قايتا ئاچماسلىق كېرەك. ھىم قاپقاق قاتتىق جىسىمدىن ياسىلىدۇ، بېسىمنى ماتىرىيال كىرگۈزۈش ئېغىزىدىكى سۇ كۆلچىكى تەڭشەيدۇ، سۇ يۈزى ئۆرلەپ- چۈشۈش ئارقىلىق.

ئۈچ مېتىر كولاشنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرى، ھەجىم يېتەرلىك چوڭ بولۇش كېرەك، ئىككىنچىسى، پۈتكۈل كۆلچەكنىڭ ئۈستى يېرىم مېتىر قېلىنلىقتا كۆمۈلسە، قىشتىمۇ گاز چىقىرىپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولىدۇ، ھەم توڭلاپ يېرىپ كەتمەيدۇ.. ئۇستاتلىق قىلسىڭىز، ئۈستۈنكى قاپقاقنى سەل يانغا، سۈرۈپ ياسىيالىسىڭىز، نەق ئۈستىگە قوتان قىلىۋەتسىڭىز، قوتاندىكى ماللارنىڭ ئىسسىقىدىمۇ يەر ئاستىدىكى پاتقاق گازى كۆلچىكىدىكى سۇ توڭلاپ، كۆلچەكنى بۇزۇۋېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، گەپ سىزنىڭ پىلانلىشىڭىزدا. قىشتا ئىككى ياندىكى ماتىرىيال سېلىش سۇ كۆلچىكى ۋە چىقىرىندا تارتىپ چىقىرىۋېلىش تۈشۈكىنىڭ ئۈستىنى توڭلىمىغۇدەك يېپىپ قويسا بولىدۇ، لېكىن ھىم، گاز قاچمايدىغان ھالەتتە قىلىش كېرەك دەيدىغان تەلەپ يوق! توڭلاپ قالمىسىلا بولىدۇ.
ئىككى تۈشۈكنىڭ ئەتىراپى رىشاتكا بىلەن قورشالسا، ۋە ياكى ئۈستىگە دىئامېتىرى ئىككى سانتىمېتىرلىق لوم تۈمۈردە تاغاق يۇپۇق ياسىلىپ دەل كەلتۈرۈپ يېپىلىشى كېرەك، بۇنىڭ سەۋەبى، كىچىك بالا ياكى قوي موزايلار چۈشۈپ كەتسە ئۆزى چىقالماي گاز چىقىرىش ماتېرىيالى بولۇپ كەتمىسۇن! مەن ياسىغان قۇدۇق ۋە ئورىنىڭ ئىچىدىن دائىم پاقا تېرىپ ئېلىۋىتەتتىم، بەزىسى ئۈلۈك، بەزىسى تىرىك. چۆرىدەپ تىك قىر ياساپ قويۇشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن، پاقىلار سۇ ئىزدەپ چۈشۈپ كېتىدىكەن.

مەن پاتقاق گاز كۆلچىكى ياساپ باقمىدىم، لېكىن ھويلامغا بىرنى ياسىغىلى تاس قالغان، شۇ چاغدا ئىزدىنىپ باققان، يوقىرىدىكى تەلەپلەرنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايمەن، كونكىرىت لايىھە لازىم بولسا، ياساپ باققانلارنى ئىزدەپ، يوقىرىىدكى تەلەپلەرنى قانائەتلەندۈرگەن ئاساستا لايىھىلەتسىڭىز بولىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 22:57:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-2 23:03

Elqvn يوللىغان ۋاقتى2014-4-29 14:14 static/image/common/back.gif
200كۇۋادىراتلىق تۇرالغۇنىڭ توك ئېھتىياجىنى دائىملىق ت ...

سىزگە تۇرالغۇدا تاماق ئېتىش ئۈچۈن بولسا 12 كۇپ مېتىر بولسا بولار. تۈۋەن ئۆلچەم سەككىز كۇپ مېتىر، بۇغۇ ئۈچ ۋاقت تاماق ۋە گاز چىراقتا يورۇتۇشقا ئاران چىقارمىكىن.
سىز، ئۈزۈلدۈرمەي توك چىقىرىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، بۇ تەلەپ بەك چوڭ تەلەپكەن! توك ئۈچۈن بېسىم تۇراقلىق بولۇشى، يېتەرلىك بولۇشى كېرەك، بۇنىڭغا قانچلىك ھەجىمدىكى پاتقاق گازى كۆلچىكى كېتىدىغانلىقىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، مەسىلەن، 50 كۇپ مېتىر يەتمەسلىكى مۇمكىن، 100 كۇپ مېتىرنى بېقىپ ھېرىپ قالارسىزمىكىن.
توك چىقىرىش ئۈچۈن باشقا لايىھىلەرنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. 5~8 كىلوۋاتلىق بېنزىن گېنىراتورنى 24 سائەت توختىماي ماڭدۇرسىڭىز قانچىلىك بېنزىن كېتەر؟ لېكىن توكى تۇراقلىق، تېخنىكىسى پىشىپ يېتىلگەن.
سۇ مەنبە ئەھۋالىڭىزنى ئېيتىپ بەرمىدىڭىز، ئۈزۈلمەي كېلىدىغان يېتەرلىك سۈيىڭىز بولسا، بىر لايىھە بار، بىر ياساپ قويسىڭىز ھاۋا ئوچۇق كۈنى توكتىن غەم قىلمايدىغان، نۇر يىغقۇچ ئىشلىتىسز، ياساش، چۈشىنىش، رېمونت ئاسان، يېتەرلىك ئورۇن كېتىدۇ. سەل ئۆزگەرتسە ئاستىغا ئوت قالاپمۇ توك چىقارسىڭىز بولىدۇ، پاراۋۇزدەك،

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 23:18:48

Baqka يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 22:10 static/image/common/back.gif
Elqvn ئەپەندىم. لايىھە خاراكتىېرلىق ئەمەس، پەقەت تەكلىپ...

لايىھەنى بەك ئەتراپلىق ئويلىشىپسىز، تولىمۇ ئەمەلىيەتچانلىغى باركەن. بولسا ئاددى سىزما رەسىمى بولسىمۇ بولغان بولسا!

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-5-2 23:23:46

Baqka يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 22:57 static/image/common/back.gif
سىزگە تۇرالغۇدا تاماق ئېتىش ئۈچۈن بولسا 12 كۇپ مېتىر ب ...

سۇ مەنبەسى ياخشى ئەمەس، ياز، كۈزلەردە ئايدا بىرەر قېتىم ئاران سۇ باشلىغىلى بولىدۇ. مانا ئەتىيازدىن بېرى سۇ يوق، بىر قېتىملىق سۈيىنى قۇدۇقتىن سېتىۋالدۇق.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-5-3 17:35:32

Baqka يوللىغان ۋاقتى2014-5-2 21:19 static/image/common/back.gif
ئارىسلان مەمەت بۇرادەر، خاپا بولماڭ سىزنى چالا چىقىر ...

:'(
دىئامىتىرنى رادىئۇس قىلىپ ئىشلىتىپ قۇيۇپتىمىنا.:loveliness:
ئەسلىدىن يوق يۈزۈم شالاققىدە چۈشۈپ كەتتىدە.
پولاتتەك پاكىت ئالدىدا، گەپ ئوينىتىپ رەڭۋازلىق قىلغىلى بولمايدۇدە.
بۈندىن كىيىن بۇنداق تېمىلارغا قەدەم باسماي، باشقا تېمىلاردا گەپ ئوينىتىپ يۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ.:lol
خاتا گەپ قىلسىمۇ، سۆز ئويۇنى قىلىپ ئاقنى قارا قىلۋەتكىلى بولىدۇ.:lol
بەت: 1 [2] 3
: توك ئەرزانمۇ يىقىلغۇمۇ