TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 06:06:01

تاشپولات: يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپ ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 05:50  

يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلدى!

تاشپولات روزى



4-ئاينىڭ 18-كۈنى NASA نىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئامېرىكا ئىلىم-پەن ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، يار شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ پلانېتا ئىسمى Kepler-186f بولۇپ يەر شارىدىن تەخمىنەن 500 نۇر يىل يىراقلىقتا ئىكەن، ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇ پلانېتا Kepler ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق بايقىغان زور بايقاش بولىدىكەن.

بۇ پلانېتا، تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەن قۇياشنىڭ يېرىمى بولغان Kepler-186 يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىنى ھەر 130 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدىكەن. بۇ يېڭى تېپىلغان پلانېتا يۇلتۇزنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن سانىغاندا 5 ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ پلانېتا ئانا قۇياشىدىن ئالغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى كۈچلۈك بولمىغاچقا، ئۇنۇڭدا دېڭىزغا ئوخشاش سۇنىڭ بۆلىشى يۇقىرى ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىرىنچى قېتىم تېپىلغان يەر شارىغا ئوخشاش پلانېتا بولۇپ، ئۇنۇڭدا ھاياتلىقنىڭ بۆلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ پلانېتىدا بىزگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ بۆلىشى مۇمكىن! يېڭى تېپىلغان پلانېتا بىزنىڭ يەر شارىدىن سەل چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەملىرىمۇ بىزدىن چوڭراقمۇ قانداق؟

تېغىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.

http://www.latimes.com/science/sciencenow/la-sci-sn-kepler-186f-earth-sized-like-habitable-zone-planet-20140417,0,7889576.story

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 07:37:27

ئاۋاتار كەنغۇ:lol

apsana123 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 07:57:24

ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن اﷲ رەھىم قىلغان ئادەمدىن باشقا ھېچ ئادەم ئۇنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى دولقۇن ئايرىۋەتتى ـ دە، ئۇ غەرق بولۇپ كەتتى . «ئى زېمىن سۈيۈڭنى يۇتقىن، ئى بۇلۇت تارقىغىن» دېيىلدى ، سۇ سوغۇلدى، اﷲ نىڭ (كاپىرلارنى غەرق قىلىشتىن ئىبارەت) ھۆكمى ئىجرا قىلىندى، كېمە جۇدى تېغىنىڭ ئۈستىدە توختىدى، «زالىم قەۋم ھالاك بولسۇن» دېيىلدى ھۇد


مەن بەزىدە ئويلايمەن . ئۆز ۋاقتىدا ئەنە شۇ بارلىق تاغلاردىن ھالقىپ كېتەلىگەن سۇ قېنى ؟ ئۇ ھەرگىزمۇ پەقەت يەرشارىدىكى سۇلا ئەمەس . چوقۇمكى ‹‹ تارقىغىن ›› دېگەنكى بىر ئىرادە بىلەن شۇ سۇنىڭ بىر بۆلۈكى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مەلۇم بىر پىلانىتتا .

لېكىن ئۇ يەردە ئىنسانلار بار دېيىلسە بۇ ئەقىلگە بەكلا يىراق . ئەنە شۇ توپاندا پەقەت نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىگە چىقىۋالغان سەكسەن نەچچە ئادەم ۋە ھايۋان - قۇشلاردىن بولۇپ بىر جۇپتىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى دەل ئەنە شۇ سۇ تارقالغۇچە ھالاك قىلىنىپ كەتكەن .

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:09:39

بۇ پلانېتىدا بىزگە ئوخشاش ئادەملەرنىڭ بۆلىشى مۇمكىن! يېڭى تېپىلغان پلانېتا بىزنىڭ يەر شارىدىن سەل چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ئادەملىرىمۇ بىزدىن چوڭراقمۇ قانداق؟
ماۋۇ گەپ يۇمۇرمۇ يا:lol

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:11:01

تاشپولاتكا، بۇ پىلانىتىغا  نۇر تىزلىكىدە 500 يىل ماڭساق بارىدىكەنمىز، نىمە قىلىمىز شۇنچە يىراق يەردىكى نىمىنى تەتقىق قىلىمەن دەپ پۇل سەرىپ قىلىپ.
ئامرېكىدا تۇرۇۋېرىپ تەكلىماكاننىڭ جاڭگال كاۋىپىنى سېغىنمىدىڭىزمۇ؟:lol

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:25:07

ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.
بۇ پلانېتا قۇياشنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇپ

بۇ گەپلەر تازا توغرا بولماي قالدىمۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 08:58:47

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 08:25 static/image/common/back.gif
ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.
...

1.1 دېگىنى ھەجىمى، يېرىمى دېگەن ماسسىسى بولسا كېرەك.

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:04:18

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 08:11 static/image/common/back.gif
تاشپولاتكا، بۇ پىلانىتىغا  نۇر تىزلىكىدە 500 يىل ماڭساق  ...

ئالەمنىڭ چېكى يوق، شۇنداقلا ئىلىمنىڭمۇ چېكى يوق!
تاشپولات ئەپەندىنىڭمۇ ئىزدىنىشلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:25:59

بىر سىكونىتىغا 300000 ك م تىزلىك بىلەن 500 يىل ماڭساق ئاشۇkepler-186 گە بارىمىز دىگەن گەپمۇ بۇ ؟
ئۇنداقتا ئىنسانلار ھازىرقى تەرەققىياتىدا ئۇ يەرگە بىرىش مومكىن بولمايدىغان ئىشكەنغۇ؟
شۇڭا بۇرۇنقى كىشىلەر مانچە يۇز يىل ياشىغان دىگەن گەپلىرىدىن ھەيران قالمايمەن .
بۇرۇنقى رىۋايەتلەر يەر شارىدىلا بولغان ئىشلار ئەمەستەك .

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:36:46

Kanji يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 08:25 static/image/common/back.gif
ئۇنۇڭ چوڭلۇقى يەر شارىنىڭ 1.1 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن.
...

ئۇ قوياش بىزنىڭ قوياشىمىز ئەمەس، شۇ پىلانتنىڭ قوياشىنىڭ گېپىمىكى. يەنى شۇ تېپىلغان پىلانېتا ئايلىنىۋاتقان تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ.

بىر سىكونىتىغا 300000 ك م تىزلىك بىلەن 500 يىل ماڭساق ئاشۇkepler-186 گە بارىمىز دىگەن گەپمۇ بۇ ؟
ئۇنداقتا ئىنسانلار ھازىرقى تەرەققىياتىدا ئۇ يەرگە بىرىش مومكىن بولمايدىغان ئىشكەنغۇ؟

نىسبىيلىك نەزەرىيىسى بويچە بولغاندا جىسىمنىڭ تېزلىكى نۇر تېزلىكىگە يەتكەندە ۋاقىت توختاپ قالىدۇ، نۇر تېزلىكىدىن ئېشىپ كەتكەندە ۋاقىت كەينىگە يانىدۇ. ھازىرقى فانتازىيىلىك كىنولاردىكى ۋاقىت تونىلىنى شۇ نەزەرىيە بويچە ئىشلەۋاتىدۇ. بەلكىم نۇر تېزلىكى بىلەن ماڭىدىغان ئالەم كېمىسى ياسىيالىسا ئۇ پىلانتقا بېرىشقا ئۇنچە كۆپ ۋاقىت كەتمەسلىك مۇمكىن. ياكى مەن خاتا چۈشىنۋالدىممۇ؟

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 09:51:08

يېڭى بايقاشلار ،كائىنات ھەققىدىكى تەتقىقاتلار قەدەمدە بىر ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

سۈرە مۈلكتىن
(پۈتۈن ئاسمان-زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ﷲ نىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.(1)سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.(2)]ﷲ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ﷲ نىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن.(3)ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ.(4)(بىزگە بارلىق ئاسمانلاردىن) ئەڭ يېقىن ئاسماننى چىراغلار (يەنى يورۇق يۇلتۇزلار) بىلەن بېزىدۇق ۋە ئۇلارنى (پەرىشتىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشقا ئورۇنغان) شەيتانلارنى ئاتىدىغان نەرسە قىلدۇق (يەنى شەيتانلار يۇلتۇزلاردىن چىققان شولا بىلەن ئېتىلىدۇ)، شەيتانلارغا (ئاخىرەتتە) دوزاخ ئازابىنى تەييارلىدۇق.

nurmamat يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 10:02:35

يېڭى خەۋەرلەردىن ئۇچۇر بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 11:57:47

يازمامدىكى "بۇ پلانېتا قۇياشنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇپ تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەن Kepler-186 يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىنى ھەر 130 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدىكەن" دېگەن جۈملىدە خاتالىق بار ئىكەن. باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ جۈملىنى تۆۋەندىكى جۈملىگە ئۆزگەرتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەخمەت!

بۇ پلانېتا، تېمپېراتۇرىسىمۇ تۆۋەن قۇياشنىڭ يېرىمى بولغان Kepler-186 يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىنى ھەر 130 كۈندە بىر قېتىم ئايلىنىدىكەن.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 12:52:47

ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتا سانى 1800 گە بارىدۇ. بۇنۇڭ ئىچىدە ھاياتلىق مۇمكىنچىلىكى بولغان رايون (Habitable zone) نىڭ ئىچىدە 20 پلانېتا بار. چوڭلۇقى يەر شارى بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغىنى 5 دانە بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەر شارىدىن خېلى يوغان.  بىراق بۇ قېتىم تېپىلغان پلانېتا چوڭلۇقى ئاساسەن يەر شارى بىلەن ئوخشاش. ئۇنۇڭ ئۈستىگە بۇ تېپىلغان پلانېتا ئانا يۇلتۇزىدىن يىراقمۇ ئەمەس ۋە يېقىنمۇ ئەمەس ئارىلىقىدا تۇرىدىكەن. پلانېتا يەر شارىدىن يوغانراق بولسا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ھىدروگېن بىلەن گېلىي نىڭ قېلىن قاتلىمى تارتىلىپ سىرتقا كۆرۈنۈشى يۇپىتېر بىلەن ساتۇرنغا ئوخشاش زور گازلىق بولىدىكەن.  شۇڭا بۇ تېپىلغان يېڭى پلانېتىدا سۇ ھەم ھاياتلىقنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ بۇ خەۋەر ئاسترونومىيە ئالىملىرىنى بەكلا خوش قىلىۋەتتى.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 15:27:22

ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىش توغرىسىدىكى تېمىلارغا دىندىن مىسال كەلتۈرۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېچ ھېس قىلالمىدىم.
ناۋادا مۇشۇ ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئىپادىلەيمىز دېمەكچى بولسا، موللىچاقلار ئىلىمپەن ئالىملىرىدىن بۇرۇنراق ئالەمنىڭ سىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشسا،
ئۇنداق بولمىسا، ئىلمپەن ھەققىىكى ئىزدىنىشلارغا ئارىلىشىپ چات كەرمىسە.

meyxor يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 15:51:38

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 15:27 static/image/common/back.gif
ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىش توغرىسىدىكى تېمىلارغا دىندى ...

ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن دەلىللىرى ئىلىم پەننىڭ ئۇتۇقلىرىنى رەت قىلمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىلىم-پەننى ئۈگەنمەسلىك توغرىلىق گەپ قىلماپتۇ.باشقىلارغا ئورۇنسىز تەئەددى قىلماڭ.بۇ پوزىتسىيىڭىزنى ئىلىم پەنچىلەرمۇ قوللىمايدۇ.

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 20:16:13

خوش بولدۇق...  ئەڭ ياخشىسى ئاي شارى بىلەن  مارىسقا بەكرەك كۈچىسەك بولاتتى...
ئىنسانىيەتنىڭ ئەقلىگە ئەقلىم ھەيران .....

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-4-18 22:28:04

newstar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 15:27 static/image/common/back.gif
ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىش توغرىسىدىكى تېمىلارغا دىندى ...

پېقىر ئاڭلىغاننى دەي،
ئالەم ۋە كائىنات ھەققىدە قۇرئانى كەرىمدە دەلىللەر (بايانلار ) باركەن.
بۇ پلانېتا ئىسمى Kepler-186f بولۇپ يەر شارىدىن تەخمىنەن 500 نۇر يىل يىراقلىقتا ئىكەن،
بۇنداق بايقاشلارنى ساۋادىم چىققاندىن بۇيان ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن ( تۇرۇۋاتىمىز)، شۇڭا تۆۋەندىكى فىلىمنى تەرجىمە قىلغاندا erdewil ئەپەندىم فىلىم ئاخىرىغا بىرنەچچە جۈملە سۆزنى قوشقان « ... بۇ پەقەت پەرەز، دەسلەپكى ئىشدىنىش» دېگەندەك
ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق: مارسقا ساياھەت
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44945&fromuid=19977
ھۆججەتلىك فىلىم: مارسقا ساياھەت
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44610&fromuid=19977

agah يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 05:48:03

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-4-18 12:52 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلا ...

ئاسترونوملارنى ئەمەس يەھۇدىيلارنى خوش قىلىۋەتكەندۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 12:43:28

قۇرئاندا تاشقى پىلانىتلاردىكى ھاياتلىق ھەققىدە بىشارەتلەر بارمىدۇ ؟  دىننى ئۆلىمالار   تەبىئى پەندە بايقىلىپ  ئىسپاتلىنىپ بولغان نەرسىلەرنى  ۋاي  1400 يىل بۇرۇن قۇرئاندا دىيىلگەن دىگەندىن باشقا تەتقىقات قىلمامدۇ قانداق ؟ بىزمۇ قۇرئانغا تايىنىپ يىڭى بايقاشلارنى ئوتتىرىغا قويساق بولاتتى
بەت: [1] 2
: تاشپولات: يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپ ...