ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 13:51:03

تىما ئىگىسى ئالمىشىپ قالدىمۇ نىمە... :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 14:01:56

دىمەك بىرنۇر فۇتۇنىنىڭ يەرشارىغاكىلىپ بۇلشى ئۈچۈن 500 يىل كىتىدۇ . ...
مۇنداقچەئېيتقانداشۇ پىلانىتنى كۆرگىلى بۇلدىغان تىلسكوپ بار بولسا، ئۇ چاغدا سىزنىڭ دەل مۇشۇ ۋاقىتتاكۈرۈۋاتقىنىڭىز ئۇ پىلانىتتا 500 يىل بۇرۇن بوپ بولغان ئىشلار...سىز ئۇ پىلانىتتادېڭىز ياقىسدا ئاپتاپقا قاخلىنىپياتىقان سەتەڭگە شۆلگەي ئېقىتىپ قاراپ تۇرۋاتقان شۇ پەيىت بەلكىم ئۇ سەتەڭنىڭ سۈڭەكلىرى توپىغائايلىپ بولغان بۇلشى مۇمكىن ...
يەنەمۇمكىن : 300 دەماڭدىغان قاتناشۋاستىسىدە 1000 سائەت ماڭسىڭىز نۇر 1 سىكونىت ماڭغان ئارلىقنى ماڭىسىز ... شۇنداق بولغاندانۇرنىڭ 500 يىل ماڭغانلىقنى قۇيۇپ تۇرلى بىر مىنۇت ماڭغان ۋاقتىنى يەر شارى ئادەملىرى قانچىلىك ۋاقىتتا ماڭا؟


شۇڭائۇ پىلانىتدا باشقائىنسانلار بولسۇن بولمىسۇن بىز ئۈچۈن بەرىبىرمىكى ... بەلكىم خۇدايىمنىڭ بىزگە قىپ قويغان چاقچىقىدۇ ، ئاشۇ پىلانىتقابېرىپ باقەبەندەم دەپ :lol

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 14:08:18

newstar يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 15:27 static/image/common/back.gif
ئالەم ھەققىدىكى ئىزدىنىش توغرىسىدىكى تېمىلارغا دىندى ...

مەنمۇ شۇنداق قاراشتايا بولمىسادىندىبىلمىدىنپايدىلنىپ ئالەمنىڭ سىرنى ئاچسۇن يا بولمىسا ....

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 21:26:14

agah يوللىغان ۋاقتى2014-4-19 05:48 static/image/common/back.gif
ئاسترونوملارنى ئەمەس يەھۇدىيلارنى خوش قىلىۋەتكەندۇ...

يەھۇدىلار نىمىشقا خوش بولىدۇ؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 21:31:12

بۇ تېمىدا ھېچكىم ئىنسان كۈچلۈك ياكى ئاجىز دېمەپتىغۇ؟ نېمە ئۈچۈن يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خەۋەردار قىلىپ قويغانغا مۇنداق تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتسىز گەپلەر بولۇنىدۇ؟ يەھۇدى دەپ كېتىشلىرىنى ئەمدى قانداق قىلاي بەزىلەرنىڭ؟ ئۆزۈڭلار بۇ تەتقىقاتلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، تېما ئىگىسىنىڭ ئېغىزىنى غېرىچلاشتىن نومۇس قىلىڭلار. تاشپولاتكام ئېيتقىنىنى بىلمەي دەۋىتىپتۇ دەپ قارىسىڭىز، سىز ئۇنىڭ دېگىنىنىڭ خاتالىقىغا پاكىت كۆرسىتىڭ، بولمىسا ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە تۈزىتىش بېرىمەن دەپ تاققا-تۇققا سۆزلەپ يۈرمەڭ.

ھەر قېتىم ئالىملار شۇنچە جاپالاردا تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىلىمىي يېڭىلىقلارنىڭ گېپى بولسىلا، قۇرئان كەرىمدە بۇنىڭ دېيىلىپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدىكەن. ئەگەر ھەممە نەرسە ئالدىنئالا بىلىنىپ بولغان بولسا، سىز قۇرئان-كەرىم بويىچە مۇشۇ يېڭىلىقلارنى ئاۋۋال ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولماسمىدى؟ ئاللاھ نېمە ئۈچۈن ئۇ ياراتقان تەبىئەتنى چۈشىنىشنى، تەپەككۇر قىلىشنى قۇرئاننى ئوقۇشقا ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويدى. ئالىملارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئۇنىڭدىن سۆيۈنۈش تۈگۈل قۇسۇر تېپىشقا، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى چۆكۈرۈشكە ئاران تۇرىدىغان كىشىلەرنى چۈشەنمەيمەن... ھەممىنى مەن بىلىمەن، قۇرئاندا ئوقۇپ بولغان دەپ قارىسىڭىز، سىز ئەڭ ياخشىسى ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى تونۇشتۇرۇلغان تېمىلارغا كىرىپ «كونا گەپلەر» گە داخىل بولماي مۇمكىن بولسا بىزگە مۇشۇنداق يېڭىلىقلارنى، بىز قۇرئاننى ئوقۇپ بىلەلمەي قالغانلارنى سۇنۇڭ. ما ئىزدىنىشتا يېڭىلىقلارنى يەتكۈزگىلى بولسۇن، «ھەممىنى بىلەرمەن» لەر ئۆزۈڭلارنى تۇتىۋىلىپ خاتالىق بولسا ئوتتۇرىغا قويۇڭلار، بولمىسا تېمىغا ماس كەلمىگەن، ئورۇنسىز پىكىرلەرنى قىلىپ قالايمىقان قىلماڭلار. بۇنى بۇ تېمىدا تەكىتلىشىپ پەقەت بۇ تېما ئۈچۈن ئەمەس، ھەر قېتىم مۇشۇنداق ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى تونۇشتۇرۇلسىلا بىر مۇنچە سۈپەتسىز ئىنكاسلارنى يېزىپ تېما ئىگىسىنى تېما يازغانغا پۇشايمان قىلغۇزىۋېتىدىغانلار چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۆزۈڭلار بۇنچىلىك ئىشلاردىن باشقىلارنى خەۋەردار قىلاي دېمەيسىىلەر، شۇنداقكەن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بۇنداق يېڭىلىقلاردىن خەۋەر بەرگەنلەرگە ھۆرمەتنى ساقلىغايسىلەر.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-19 23:48:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-19 23:53

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 12:52 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلا ...

ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پلانېتا سانى 1800 گە بارىدۇ

تاشپولاتكا،بۇ جۈملىدىكى بايقالغان دىگەن سۆزنىڭ قانداق مەنىسى بار؟
ئادەتتە قۇياش سېستىمىسدا نەچچە مىليارت يۇلتۇز،پۈتۈن ئالەمدە سامان يولىدەك نۇرغۇن يۇلتۇز سېستىمىلىرى ۋە يەنە ئالەمدە نەچچە تىرليون يۇلتۇز بار دىيىلىدىكەن،ئاستىرونوملارنىڭ بۇنداق سانلىق مەلۇماتى‹‹ بايقاش››تىن كەلگەنمۇ ياكى ماتىماتكىلق ھىساپلاشتىن كەلگەنمۇ؟نىمىشقا قۇياش سېستىمىسىنىڭ سىرتىدىكى سامان يولىدىكى نەچچە مىليارت يۇلتۇزنى ‹‹بايقالغان››دىمەيسىلەر؟ياكى بۇ بىز ئېغىز تىلدا ئىشلىتىدىغان يۇلتۇز دىگەن سۆز بىلەن سىلەر ئىشلىتىدىغان پىلانىتا دىگەن كەسپى سۆزنىڭ ئوتتۇرىسدىكى پەرقتىن كېلىپ چىققان گەپمۇ؟

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 06:35:53

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-4-19 21:31 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدا ھېچكىم ئىنسان كۈچلۈك ياكى ئاجىز دېمەپتىغۇ؟...

بىلگەجان ئۇكام، ناھايىتى ياخشى تەربىيىگە ئىگە ئىنكاس يېزىپسىز، رەھمەت سىزگە! باغقا مېۋە تېرىپ ئۇلارنى ۋاقتىدا پەرۋىش قىلىپ تۇرمىسا يەنى ئۇنۇڭ غەيرىي پۇتاقلىرىنى ۋاقتىدا كېسىپ تاشلاپ تۇرمىسائۇ دەرەخ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. بۈگۈن بىر كۈن دېگۈدەك بېغىمدىكى مېۋىلەرنىڭ پەرۋىشىنى قىلىپتىم، ئىشىنىمەن كۈزدە ئۇلاردىن ياخشى مېۋىلەرنى ئالىمەن.قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزدىنىش تورىنى بىلىملىكلەر يىغىلغان خەلقىمىز ياخشى كۆرىدىغان باغقا ئايلاندۇرايلى!

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 07:02:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 07:13

windows100 يوللىغان ۋاقتى2014-4-19 23:48 static/image/common/back.gif
ھازىرغىچە بايقالغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى پل ...

Windows100 ئۇكام، جۈملىدىكى "بايقالغان" دېگەن سۆزنى تاپماق دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. سىز قارىغاندا يۇلتۇز بىلەن پلانېتا ئېنىقلىمىسىنى تازا ئېنىق چۈشىنىپ كەتمەيدىغاندەك قىلىسىز.

يۇلتۇز دېگىنىمىز ئاتوم يادرو رېئاكسىيىلىرى ئارقىلىق ئۆزىدىن نۇر چىقىرىدىغان گازلىق جىسىم. مەسىلەن، بىزنىڭ قۇياش.

پلانېتا دېگىنىمىزئانا يۇلتۇز ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان، يېتەرلىك ماسسىغا ئىگە ۋە شەكلى شارغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەم ئوز ئوربىتا ئېتىراپى ناھايىتى پاكىز بولغان جىسىم. مەسىلەن، بىزنىڭ يەر شارىمىز. پلانېتا يۇقىرىدا دېيىلگەن 3 شەرتنى قانائەتلەندۈرمىسە پلانېتا بولمايدۇ. بۇ دېگەنلىك يۇلتۇزنى ئايلىنىپ يۈرگەن جىسىملارنىڭ بەزىلىرى پلانېتا بولالمايدۇ دېگەنلىكتۇر.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 07:10:43

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-4-19 21:31 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىدا ھېچكىم ئىنسان كۈچلۈك ياكى ئاجىز دېمەپتىغۇ؟...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان قېرىندىشىم !
دوكتۇر تاشپۇلات ئەپەندىنىڭ بۇ ئىلمىي ئۇچۇرىدىن بولۇپمۇ يۇقارقى سەييارىلەرگە بېرىش ئۈچۈن ،تېخى يېتەلمىگەن نۇر تېزلكى بىلەن ماڭسىمۇ ،يەنە ئىنساننىڭ ئۆمرى يەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتلەردىن ئىنسانىيەتنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىنى راست يەنە ھېس قىلدىم. بۇ مېنىڭ دائىملىك تەپەككۇرىمدا ئويلىنىپ تۇرىدىغان ئىشلار ئىدى. شۇڭا تاشپولاتكامنىڭ بۇ تېمىسىغىمۇ ئۆزۈم ئالغان ھېس تۇيغۇمنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھېكمەتلەرنى ئالغان قۇرئان ئايەتلىرىنى يېزىپ قويدۇم. ئەمما زىنھار باشقا مەقسىتىم يوق. بۇ مۇنبەردە سىزدەك ،ئەركىن سىددىقتەك ،تاشپولاتكامدەك ئىلىم پەن ئالىملىرىمىز بولغانلىقى بىلەن شاتلىنىمەن.ئاللاھنىڭ ياراتقان بۇ كائىناتىدا ئىنسان بايقىغان ھەربىر يېڭىلىقنىڭ ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى دەلىللەيدىغانلىقىدا شەك شۈبھە يوق. شۇڭىمۇ سىلەردەك ئىلىم پەن ئالىملىرىنى ھۆرمەتلەيمەن ۋە مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىچىدىن تېخىمۇ كۆپ ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىمەن.
يۇقارقىلار مېنىڭ ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى ھەققىدە توككىدە (سىلەرگە سەل باشقىچە ،مۇناسىۋەتسىزدەك تۇيۇلسىمۇ) يازغان ئىنكاسىم ھەققىدە سەمىمى چۈشەندۈرۈشۈم بولغاي.
ئەمدى يۇقارقى ئىنكاسىڭىز ئىچىدىكى : ئىلىم پەن خادىملىرىنىڭ بەزى تەتقىقات نەتىجىلىرى روياپقا چىققاندا ، ئىزدەنگۈچى مۇسۇلمانلارنىڭ - بۇنىڭ قۇرئاندا ئاللا بۇرۇن دىيلىپ بولغانلىقى ھەققىدىكى ئېيتىشلىرى -- مېنىڭچە يول قويۇشقا بولىدىغان، تەنقىد قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق بىر مەسلە بولسا كېرەك. چۈنكى بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇ ئىلىم پەن خادىملىرىنى مازاق قىلغانلىق ئەمەس ،بەلكى شۇلارنىڭ ياردىمىدە ھەقىقەتنى ئىسپاتلىيالىغىنىدىن خۇش بولغانلىق . ھەم شۇ ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى ئېتراپ قىلغانلىق. شۇڭا مەسىلىلەرگە ھامان ياخشى گۇمان ،چۈشۈنۈش بىلەن قارىساق ،ھەرقايسى ساھەلەر ئارىسىدىكىبىھۇدە زىددىيەت ، قارا قويۇق رەت قىلىش قاتارلىقلارنى مۇئەييەن رەۋىشتە تۈگىتەلەيمىز ۋە تېخىمۇ مەزمۇت ئالغا باسالايمىز دەپ ئويلايمەن.
شۈبھىسىزكى ،ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 07:25:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 07:29

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-4-20 07:10 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلگەجان قېرىندىشىم !
دوكتۇر تاشپ ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. مۇقەددەس قۇرئان-كەرىمنىڭ ھەقىقەتەن تېخى بىز ئەقلىمىز بىلەن تېگىگە يېتىپ بولالمايدىغان ھېكىمەتلەر بىلەن تولغانلىقىغا نىسبەتەن ھېچبىر شەك يوق. شۇغىنىسى، قۇرئان كەرىمدىكى بىشارەتلەرنى بىۋاستە ئىلىم-پەن تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئېنىق يەكۈنلەپ چىققان بايقاشلىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۈستىدىكى ئىنكاسىم مۇشۇنداق يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئاڭلىغاندا بۇ كونا گەپتەك تەسىر بېرىپ قويدىغان ئىنكاسچىلارغا نېسبەتەن ئېيتىلغان گەپ ئىدى. دېگىنىڭىزدەك، سانسىزلىغان ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ھەقىقەتەن قۇرئان-كەرىمدە ئېيتىلغان بايانلارنى تېخىمۇ ئېنىق دەلىللەر بىلەن تەمىن ئەتمەكتە. ئەمما، مۇشۇ بىلىملەرنى شۇ ئىنچىكە نۇقتىلىرىغىچە تەتقىق قىلىپ ئىنسانىيەت بىلىم غەزىنىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيتىۋاتقان ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، ھېچبولمىسا بىرەر جۈملە بۇ يېڭى بايقاشقا بولغان قارىشىمىزنى، چۈشىنىشىمىزنى ۋە بۇنى بايقىغانلارغا نىسبەتەن كۆڭلىمىزدە بولسىمۇ بىر قۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرگەندىن كىيىن ئاندىن بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى قايسى سۈرىلەر بىلەن باغلىنىشىلىقى بارلىقى ياكى قايسى سۈرىلەرنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىىنى ئوتتۇرىغا قويساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولامدىكىن، دەپ ئويلايمەن. بولمىسا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىنى ئىپادىلەيدۇ دەپلا چۈشسىڭىز، بۇ دەماللىققا كىشىگە ئەگەر ئالىملار مۇشۇنى تەتقىق قىلمىغان بولسا ئىنساننىڭ ئاجىزلىقى بىلىنمەس بولغىيمىدى دېگەندەك ئويغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. سىزنىڭ يۇقىرىدا بەرگەن چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز نېمە دېمەكچى بولغانلىقىڭىز تېخىمۇ ئېنىق بولدى، رەھمەت.
بىز ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان ۋە تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىپ بېقىشنى، قانۇنىيەتلىرىنى بايقاشقا ئۇرۇنۇشىمىزنى پەرىز قىلغان تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئاچىدىغان ھەر بىر يېڭىلىقلاردىن سۆيۈنۈشىمىز كېرەككى، بۇنى قايسىبىر ئىجتىمائىي ئۆچمەنلىكلىرىمىز بىلەن مەلۇم توپقىلا پايدا ئەكىلىدىغان بىر ھالەتتە چۈشەنمەسلىكىمىز كېرەك.مېنىڭ ئۈستىدىكى ئىنكاسىم پەقەت سىزگىلا قارىتىلمىغان بولغاچقا ئۆزىڭىزگە ئىلىۋالمىغايسىز. پەقەت ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرىغا قارىتا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بىر قىسىم ناچار پوزىتسىيەلەرگە رەددىيە بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم، قەتئىي كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 07:31:55

bilgejan يوللىغان ۋاقتى2014-4-20 07:25 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھم ...

دېگەنلىرىڭىز ئورۇنلۇق . پىكىرلىرىمىزدە ھېچبىر ئوخشىماسلىقنى بايقىمىدىم. ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن، كۆپلەپ مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قلسۇن!
بولۇپمۇ تۆۋەندىكى نۇقتىلار مەن ھەم تەكىتلەيدىغان نۇقتىلاركەن :
بىز ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ياراتقان ۋە تەپەككۇر قىلىپ چۈشىنىپ بېقىشنى، قانۇنىيەتلىرىنى بايقاشقا ئۇرۇنۇشىمىزنى پەرىز قىلغان تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنى ئاچىدىغان ھەر بىر يېڭىلىقلاردىن سۆيۈنۈشىمىز كېرەككى، بۇنى قايسىبىر ئىجتىمائىي ئۆچمەنلىكلىرىمىز بىلەن مەلۇم توپقىلا پايدا ئەكىلىدىغان بىر ھالەتتە چۈشەنمەسلىكىمىز كېرەك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 08:30:19

apsana123 يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 07:57 static/image/common/back.gif
ئۇ: «مېنى سۇدا غەرق بولۇشتىن ساقلاپ قالىدىغان بىر تاغن ...

ئەگەر يەر شارىنىڭ ئوتتۇرچە تىپمراتۇرسى بىر سىلسىيە گرادۇس ئۆرلەپ كەتسە، يەر شارى 60 مىتىر سۇنىڭ تېگىدە قالىدۇ دەپ ئوقىغانمەن بىر ماتېرىيالدا.
زىمىننىڭ 70پىرسەنتىدىن ئارتۇقىنىڭ سۇ ، بۇنى ئاز دەپ ئىككى قۇتۇپتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز مىقداردىكى مۇز ھالەتتىكى سۇ ساقلانغان.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 10:38:37

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 10:44

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى2014-4-20 07:02 static/image/common/back.gif
Windows100 ئۇكام، جۈملىدىكى "بايقالغان" دېگەن سۆزنى تاپماق ...

مېنىڭ چۈشەنمىگەن يېرىم مەنئالەم توغىرىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىملەرنى ئانچە مۇنچە كۆرىمەن،مەن كۆرگەن بىر فىلىمدە قۇياش سېستىمىسدا يەرشارىغا ئوخشاش پىلانتتىن ئىككى مىليارتى بار دىيىلگەن،سىزنىڭ دىگىنىڭىزچە بولغاندا ئاستىرونوملار ئېنىق بايقىغان (مەسىلەن تىلسكوپتا)پىلانت ئەمدىلا 1800،ئۇ فىلىملەردە دىيىلگەن مىليارت،تىرلىيون يولتۇز پىلانتلار پەقەت بىر سىتاستىكىدىكى سانكەندە؟ يەنى ھىساپلاپ چىقىلغان ياكىئاستىرونوملار تىلسكوپتا كۆرۈلگەن يۇلتۇزلار تۈركۈمىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزنىڭ ئۇسۇلىدا پەرەز قىلغان دىگەندەك؟
مەن ئاخشام ناسا سامان يولىنىڭ 2 مىليون پارچدىن ئارتۇق سۈرىتىنى ئىلان قىلدى دىگەن بىر قىسقا فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،يۇلتۇز تۈركۈملىرى ھەقىقەتەن بەھەيۋەت ۋە چىرايلىق،تۇرۇپلا بىر ئىش يادىمغا يەتتى،ئاسىتىرونوملارنىڭ ئالەمنىبىلىش دەرىجىسى ھەر خىل تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بەك كۆپتۈرۋېتىلگەنمۇ قانداق؟ئەڭ ئاددىسى دەرىسلىك ماترىياللار ياكى ھۆججەتلىك فىلىملەردە دىيىلىدىغان ،پۈتۈن ئالەمدە سامان يولىغا ئوخشاش مىليونلىغان يۇلتۇز سېستىمىلىرى بار،سامان يولىدا نەچچە يۈز مىليارت پىلانت بار،پۈتۈن ئالەمدە نەچچە يۈز تىرليون پىلانت ۋە يۇلتۇز بار دىگەندەك سانلىق مەلۇماتلار بىزدەك ئاددى ئادەملارنى دەرھال ئاستىرونوملار مۇشۇلارنى ھەممسىنى تېپىپ بايقاپ بوپتۇدە دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرەپ قويدىكەن،مەسىلەن جۇڭگۇدا 31 ئۆلكە ئاپتونوم رايون بار،شىنجاڭدا 81 ناھىيە شەھەر بار دىگەن گەپلەردەك.
تېخى ئەمدىلا 1800؟بۇ ساننى راسلا قۇبۇل قىلالمىدىم

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 12:09:51

ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ:دوكتۇر تاشپۇلات ئەپەندىنىڭ بۇ ئىلمىي ئۇچۇرىدىن بولۇپمۇ يۇقارقى سەييارىلەرگە بېرىش ئۈچۈن ،تېخى يېتەلمىگەن نۇر تېزلكى بىلەن ماڭسىمۇ ،يەنە ئىنساننىڭ ئۆمرى يەتمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتلەردىن ئىنسانىيەتنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىنى راست يەنە ھېس قىلدىم.
………………………………
ئالەم كېمىسى نۇر تېزلىگىكە يېقىن سۈرەت بىلەن ئۇچسا كېمە ئىچىدىكى ۋاقىت ئاستىلايدۇ، يەنى سىز ئاشۇ كېمە ئىچىدە بولسىڭىز ئاشۇ سەييارىگە بېرىش ئۈچۈن نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت ﻛېتىدۇ، …
شۇڭا سىزنىڭ كائىنات قارىشىڭىز توغرا ئەمەس، ئاخىرسىغا بېرىپ ئالىملارنىڭ ھاياتنىڭ مەنىسى نىمە؟ ئادەم نىمە؟ روھ نىمە؟ ئاللاھ مەۋجۇتمۇ؟ توغىرسىدىكى سوئاللارغا كائىناتنىڭ قانۇتيەتلىرىنى تېپىش ئارقىلىق جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلىغىنى توغرا چۈشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن…

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 12:41:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-4-20 12:47

0996 يوللىغان ۋاقتى2014-4-20 12:09 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر ئەپەندىنىڭ:دوكتۇر تاشپۇلات ئەپەندىنىڭ بۇ ئىلم ...

……………
ئالەم كېمىسى نۇر تېزلىگىكە يېقىن سۈرەت بىلەن ئۇچسا كېمە ئىچىدىكى ۋاقىت ئاستىلايدۇ، يەنى سىز ئاشۇ كېمە ئىچىدە بولسىڭىز ئاشۇ سەييارىگە بېرىش ئۈچۈن نەچچە مىنۇتلا ۋاقىت ﻛېتىدۇ، …
شۇڭا سىزنىڭ كائىنات قارىشىڭىز توغرا ئەمەس، ئاخىرسىغا بېرىپ ئالىملارنىڭ ھاياتنىڭ مەنىسى نىمە؟ ئادەم نىمە؟ روھ نىمە؟ ئاللاھ مەۋجۇتمۇ؟ توغىرسىدىكى سوئاللارغا كائىناتنىڭ قانۇتيەتلىرىنى تېپىش ئارقىلىق جاۋاپ ئىزدەۋاتقانلىغىنى توغرا چۈشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن…
-----
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
نۇر تېزلىكىدە ماڭسا ۋاقت توختايدۇ....دېگەن بىلىشىمچە بىر نىسپى گەپ بولۇپ ،سىز بۇنى خاتا چۈشۈنىۋالغاندەك تۇرىسىز.
چۈشىنىشىمچە : نۇر تېزلىكىدە ماڭغۇچىغا ۋاقت ئوخشاش ئۆتەۋىرىدۇ. ئەمما سىرىت ئۇنىڭغانىسبەتەن ئۆلگەن ،ۋاقت يوقالغاندەك تۇيىلىدۇ. چۈنكى كۆزىمىز پەقەت نۇر ئارقىلىقلا نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ، نۇر تېزلىكى بۇ يەردىكى ھالقىلىق نۇقتا. مەسلەن ،مەن نۇرتېزلىكىدە ئۇچۇپ ،كەينىمگە قارىغىنىمدا ، پەقەتلا نۇر تېزلىكىگە يەتكەن نۇقتىدىكى بىر پارچە «سۈرەت» نىلا ، يەنى شۇ ۋاقتتا ھەركەت قىلىۋاتقان نەرىسلەرنىڭ قاتقان سۈرىتىنىلا كۆرەلىشىم مۈمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرۈشۈنى ئېلىپ ماڭغان داۋاملاشما نۇر -مېنىڭ سۈرىتىممۇ نۇر سۈرىتىدە بولغانلىقتىن - ماڭا قوغلاپ يېتەلمەيدۇ ۋە مەن كۆرەلمەيمەن.
ياكى ئەڭ ئاخىرقى بىر سۈرەتلىك ئۇچقۇننىلا كۆرەلىشىم مۈمكىن، ئەمما ئۇنىڭ كەينىدىكىسى قاراڭغۇلۇق بولىشى ياكى ھېچنىمە ئەمەس بولىشى مۈمكىن ،بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا بۇ پەقەتلا بىر نەزىرىيە بولۇپ ، ھېچبىر ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ!
بۇنىڭغا دوكتۇرلىرىمىزدەك كەسىپ ئەھلىللىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار...

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 13:19:36

bugday يوللىغان ۋاقتى2014-4-18 08:11 static/image/common/back.gif
تاشپولاتكا، بۇ پىلانىتىغانۇر تىزلىكىدە 500 يىل ماڭساق...

ئەلۋەتتە تەكلىماكاننىڭ جاڭگالكاۋىپىنى سېغىنىمىز! تەكلىماكاندا ئولتۇرۇپ تەتقىق قىلىدىغان كۈنلەر كېلىپ قالار.:'(

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 13:43:52

ئنىشتىيىن نۇر تېزلىكىگە ھەرقانداق ماددا يېتەلمەيدۇ دىگەن، لنكىن شۇنىڭغا يېقىنلىشىش ئېھتىماللىقى بۇلىشى مۇمكىن…
چوڭ پارتىلاش نەزىريىسى ئاساسى جەھەتتىن ئىسپاتلىنىپ بولغاندەك قىلىدۇ، شۇنداق بولسا قاراڭغۇ ماددىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى ۋاستىلىك ئىسپاتلاپ بەرگەن بولىدۇ…
ئۇنداقتا قاراڭغۇ ماددا بىر غەيرى نوقتا پارتىلاپ ئالەم شەكىنلىشىدىن بۇرۇنلا بارمىتى؟ يەنى ئاشۇ غەيرى نوقتىنىڭ سىرتىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولسا بۇ ئالەم ئۇچۇق ئالەم بولىدۇ، تەنى ئالەمنىڭ سىرتىدا يەنە ئالەم باكى ئاللاھ بار دەپ قىياس قىلالىشىمىز مۇمكىن…
ئەگەر ئالەم پارتىلىماستىن بۇرۇن ھەممە مەۋجۇدىيات شۇ غەيرى نوختىنىڭ ئىچىدە ئىدى، قاراڭغۇ ماددىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە يەنى يېپىق ئالەم تەسەۋۇرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇردىن تېز ئۇچىدىغان ماددى تېپىش كېرەك بۇلىدۇ…
مىنىڭمۇ كەسىپ ئەھىللىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغۇم بار…

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2014-4-20 21:17:16

ۋاقىتنىڭ ئىگلىشى ۋە قۇرت تۈشۈگى دىگەندەك ۋاستىلەر بىلەن ئەقىل يەتكۈسىز بېرىش تامامان مۇمكىن
بەت: 1 [2]
: تاشپولات: يەر شارى بىلەن ئوخشاش پلانېتا تېپ ...